irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 11:30:35

شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسى شىرئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!

   


شىنجاڭ كوماندىسىنى بىر يىل بۇرۇنقى بىر قېتىمقى تەسادىپىي پۇرسەتتە مۇسابىقىسىنى
كۆرۈپ قېلىپ تونىغان ئىدىم . شۇ چاغدا ۋاستىكبولغا پەقەتلا قىزىقمايتىم . مۇسابىقە
مەيدانىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى كۆرۈپ باقايچۇ دەپ شۇ كورگەنچە شىنجاڭنىڭ ۋاسكىتبول
مەستانىسى ئايلىنىپ قالدىم .

باتۇر ، شىرئەلى ، مۇرات، مەردان ،مەۋلان ،
شۇيگوچۇڭ قاتارلىق شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ھەر قېتىم ئوينىغان مۇسابىقىسىنى
بىر قالدۇرماي كۆرۈپ چىقتىم . ئەڭ ئاخىرىدا ئاخىرقى يىلى گۇۋاڭدۇڭ كوماندىسىغا
ئۇتتۇرۇپ قويغاندا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ تېرىنىرىنىڭ كۆرەڭ ھالىتىنى كۇرۇپ تولىمۇ
غەزەپلەنگەن.بۇ يىل بىرىنچى مەيدانداگۇۋاڭدۇڭ كوماندىسىنى يڭىۋالغاندا خوشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم .


شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى شىرئەلى نىڭ ئىپادىسى بۇ يىل ئالاھىدە ياخشى بۇلۇۋاتىدۇ . توردىكى شىرئەلى توغۇرلۇق بارلىق ئىنكاسلارنى ،ئۇچۇرلارنى كۇرۇپ ئۇنىڭ ماھارىتى ياخشى تەنھەركەتچى بۇلۇپلا قالماستىن ، باشقا ئۇيغۇر تەنھەركەتچىلەرگە قارىغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ،ئەخلاقلىق ئۇمىتلىك ياش دىگەن قاراشقا كەلدىم .


بۇگۈن قارىسام ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن . بۈگۈن كەچتە شىنجاڭ كوماندىسى گۇۋاڭدۇڭدا گۇۋاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ . بۇ مۇسابىقە شىرئەلى ئۈچۈن چۇقۇم ئىنتايىن مۇھىم ، چۇنكى بۇ كوماندا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كونا رەقىبى ، بۈگۈن شىرئەلىنىڭ ياخشى نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .



   شىرئەلى غەيرەت قىلىڭ !!!تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!!! ئاللا سىزگە سالامەتلىك بېرىشنى تىلەيمەن!!!



شىرئەلىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش:


شىرئەلى مۇختار ، 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان . ھازىر شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كوماندىسى نىڭ ئارقا سەپ ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىسى . 2010-يىلى ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن . ئادىلجان ، دۇفېڭ لاردىن كىيىنكى شىنجاڭدىن دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن يەنە بىر تەنھەركەتچى .بۇ يىل تەق مەيداندا 33نۇمۇر ئېلىپ ، ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەنجۇڭگودىكى ۋاسكىتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . ھەتتا بەزىلەر ئۇنى شىنجاڭنىڭ 3- چەتئەللىك ئەزاسى دەپ تەرىپلىشىۋاتىدۇ . مۇنداق دىگەنلىكئۇنىڭ ماھارىتىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىك .ھەر بىر كوماندىدا ئىككى چەتئەللىك ئەزا بۇلۇشقا يول قۇيۇلىدۇ . ھازىرقى كوماندىلاردىكى چەتئەللىك ئەزالارنىڭ ماھارىتى ئالاھىدە يۇقىرى ،كۆپۇنچىسى بۇرۇن nba دە توپ ئوينىغانلار ..مەركىزى تېلۋېزىيە ئىستانىسى مۇسابقىدىن بۇرۇن ھەر قېتىم ئۇنى ئالاھىدە تۇنۇشتۇرىدۇ . يېقىندا بىرقانچە ئېلانغىمۇ چىقتى .. لىينىڭ شىركىتى ئۇنىڭغا شىرئەلى دەپ ئۇيغۇرچە خەت چۇشۇرۇلگەن ئاياغ تىكىپ بەرگەن . ھازىر شۇ ئۇيغۇرچە خېتى بار ئاياقنى كىيىپ مۇسابىقە ئوينايدۇ..

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 12:08:31

چولپان تەنھەركەتچىمىز نىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!! شىرئەلىجان ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى جەھەتتىن غۇرۇر ئۇرغۇتىۋاتقان ساناقلىقلا ماركىلىرىمىزنىڭ بىرى.

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 12:25:51

بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 12:51:21

موبارەك بولسۇن شرىمىز شېرئېلىجاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ! ئاللا ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى يەنىمۇ زىيادە قىلغاي!

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 13:33:42

يەكپاي ئاياغ \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 13:34:29

شىرئەلىنىڭ ئىسمى يېزىلغان تەنھەركەت ئايىغى بەك چىرايلىقكەن. بۈگۈن شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلېرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 13:44:15

توردىن كۈرۈش ئادېرىسىنى يوللاپ قۇيۇڭلار، كەچتە بىر تەرەپتىن كۈرۈپ بىر تەرەپتىن ئىنكاس يازغىلى!

malchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 13:59:40

6- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توردىن كۈرۈش ئادېرىسىنى يوللاپ قۇيۇڭلار، كەچتە بىر تەرەپتىن كۈرۈپ بىر تەرەپتىن ئىنكاس يازغىلى!



مانا كۆرۈش ئادىرسى


http://www.zhibo8.cc/pindao/cctv5.htm



تېلۋزۇردىن كۆرسەڭلا cctv-5 كە دىققەت قىلىڭلا


مۇسابىقە قۇيۇش ۋاقتى 17:35ئۈرۈمچى ۋاقتى

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 14:52:01

خەپشۈك ...كۆز تەگمىسۇن.

ئايىغى پەچەتكەن. لىنىڭ ماركىسىنى قوللاپ بىر نەرسە ئالمىسام بولمىدى. مامۇق كىيىملىرى بوپ قالىدۇ-ھە.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 14:53:44

ئارسىلانىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنگە مۇبارەك بولسۇن ! ئايغىنىڭ سۈرتى يوقما ،ئۇيغۇرچە يىزىقتا يىزىپتىمۇباللار \"\" ...

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 14:57:36

ئىزدىنىش مۇنبرىنىڭ تۆپىدىكى تەبرىك رەسمى يارىشىپتۇ باللا ھە .{:92:}

قېنى ئاشۇ ئاياغ ؟ رەسىمى بوسا ئەۋەتىڭلا كۆرەپ باقلى .

irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 15:24:53

\"\"


\"\"




\"\"

5tash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 15:33:58

ما كىپىشنى ساتقان بولسا ئەپ كىيەتتىم،

تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن، شىر يۈرەك.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 16:40:27

باش بەتتە شىرئەلىجاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 16:58:40

سەن بىزنىڭ پەخرىمىز، ئۇيغۇر يىگىتلىرى مۇشۇنداق باتۇر،،،، \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 16:58:48

بىر چاغلاردىكى ئەلشىر ئاياغلېرى ئېسىمگە كەلدى. ماۋۇ ئاياغ رەسمى چىرايلىق چىقىپتۇ. لىنىڭ شىرئەلى بىلەن دىيىشىپ مۇشۇنداق ئاياغ ئىشلەپ چىقارسىمۇ خېلى ياخشى بولاتتى. رايونىمىزدا ھۇررا ماركىلىق تەنھەركەت كىيىملېرىدىن باشقا تۈزۈكرەك ماركا يوققۇ دەيمەن.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 17:17:21

ئۇغۇل !!!!!!!مۇبارەك بۇلسۇن تۇغۇلغان كۇنۇڭگە ....!!!!!!!!!

..نامى يۇق ئەردىن نامى بار دوڭ ياخشى دىگەن گەپ بارغۇ،،،

-بۇلسا دۇنياغا داڭلىق ئالىم بۇلسا ئۇنداق بۇلالمىسا دەھشەت پۇلى جىق ساخاۋەتچى تىجارەتچى بۇلسا ،ياكى تەنتەربىيە ساھاسىدە باشقىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغىدەك بىر چۇلپان بۇلسا ،ياكى مۇڭلوق ناخشىسى ياكى مۇزىكىسى بىلەن ئۇز خەلقىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىغا ھەمدەمدە بۇلسا ،،ئىشىقىلىپ بىر بىكار تەلەپ بۇلوپ قالمىسا دەپ ئويلاپ كىتىمەن ئۇغلومغا قاراپ ،بۇشۇكتە ئوخلاپ قالغاندا .............. \"\"

turalp يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 17:41:54

ئەگەر مەندىن مۇسابىقىغىغە ئاشىقلىق قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىساڭلار،بېرىدىغان جاۋابىم،مەن شىرئەلىنىڭ مۇسابىقىسىنى ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر مۇسابىقىسىدىكى ھەقىقى ئارىيەت بىلەن ئويناۋاتقان ،ھەر بىر قىتىملىقتا ،ھەرىكەت ۋە ئويلىنىشلىرىدا كۆرۈنىۋاتقان ئەجدادى گىنىمنى كۆرۈۋاتىمەن،شۇنداقلا شۇڭلاشقا شۇنچىلىك كۆرۈۋاتىمەن دەيمەن.

چوقۇم شىرئەلىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئىنكاسلارنى قويماي كۆرۈپ ياتمىسام ئۇخلىيالمايمەن دەپ جاۋاپ بېرىمەن.

ھەقىقى شىر يۈرەك ۋە چىداملىق ئەركەك،ئاللا كەلگۈسى يولۇڭنى مىللىتىمنىڭ يۈزى ئۈچۈن بولسىمۇ يورۇق قىلغاي!

بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ،

يار بولسۇن يېڭىشلار قوشلاپ ئۇتۇغۇڭ!

شىر يۈرەك ئەزىمەت قىلىدۇ دۇئا،

مىڭ تۈمەن سانالغان چوقۇم ئۇيغۇرۇڭ!

okya0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 17:53:20

ئەل باھادىرلىرىمىزنىڭ شىجائىتىنى كۆرسەم ،ئۇلارنىڭ ئامان-ئىسەن بۇلۇشىنى تىلەيمەن. ئەلنىڭ شىرى   تىنىڭگە دەز،يۇلۇڭغا ئەۋرەز يەتمىگەي!!!!!

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 18:18:12

3 نۇمۇرلۇق توپى كاساپەتنىڭ \"\"
بەت: [1] 2
: شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسى شىرئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!