Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 23:45:05

(بىلىك) تەبىئەت پەلسەپىسىدە ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ سىرى










« بىزنى ئاڭ ۋە ئەقىل بىلەن ياراتقان بىرياراتقۇچى بىزگە ئۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بەرگەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىمەن. » دىگەن ئىكەن ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى گالىلىي.مېنىڭچەپەلسەپە ھەقىقەت ھەققىدە پىكىر قىلىش دىمەكتۇر، بارلىق فىزىكا ئالىملىرى ھەم پەيلاسوپلاردۇر، ھېچ بولمىغاندا بۈگۈنكى زامان ئېلىمپەن-تېخنىكىسىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن كىلاسسىك ئالىملارنىڭ ھەممىسى!

بىلىمنىڭ زاكىتى ھېسابىدا بۇ يازمىنى تەييارلاپبۇ يىلنىڭ بەركىتى ئۈچۈن سۇندۇم، بۇ يازمىدابايان قىلىنغان بىلىملەر ناھايىتىئاددىيلاشتۇرۇلۇپئاممىباپ ھالدا چۈشەندۈرۈلدى. كۆپىنچەفىزىكىلىق ئاتالغۇلار، رەسىم ۋە جەدىلەللەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، كۆپىنچە بىلىمتوردىكى ۋە باشقا ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يىغىنچاقلانغاندىن باشقا شەخسى قاراش ۋە ھېس-تۇيغۇلار كىرگۈزۈلدى. ئوقۇرمەنلەرنى بىلىمگە قىزىقتۇرۇش بىلەن بىرگە ھەقىقەتتەپەككۇر يۆنىلىشىگە باشلاش مەخسەت قىلىندى. چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بىلىملەرۋاقىت تەرتىۋى بويىنچە چۈشەندۈرۈلدى ھەمدە كىچىكماۋزۇلارغا ئايرىلدى.يازمىنىڭ كىرىش سۆز قىسمى ۋە ئاخىرىدىكى خاتىمە بايانىدائومۇمى يازمىنىڭ يىغىنچاق مەزمۇنىدىن باشقا ئەڭ مۇھىم تەپەككۇر جەۋھەرلىرى سۈپىتىدە مېتافىزىكىلىق تەپەككۇرئۇسۇلىنىڭيىتەرسىزلىك نوختىللىرى سۇنۇلدى. بۇيازمىنىڭ ئاممىباپ ۋە چۈشىنىشلىك بولغانلىقىنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ۋەتەپەككۇرىنىقوزغىيالايدىغان بولىشىنى ئۈمۈدقىلىمەن! بۇ ساھەدىكى ئۇستاز ۋە دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر ۋە تۈزىتىشبىرىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!


كىرىش

گېپىمىزنى يەريۈزىنى ئۆزئىچىگە ئالغان قوياش سېستىمىسى دىن باشلايلى:



رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قوياش ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدقانۇنىيەتلىك ھالدا دەۋرىي ئايلىنىپ تۇرىدىغان پىلانىتلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمرالىرى بولۇپ، نوخسانسىز بىر يۇلتۇز سېستىمىسى-قوياس سېستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلار ھەممىزگە تونۇش،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۆزەل پىلانىتبىخەتەرئۆگزىلەر بىلەن ئورىلىپ تۇرغان، دېڭىز، تاغ ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، ئىنسانلارخوجايىنلىقىدىكى جانلىقلاربىلەن ھاياتى كۈچكە تولغان ئۆيىمىز يەرشارىدىن ئىبارەت.



يەرشارىمىزدا سۇ، ھاۋا، تاغۇ-تاشلار،مېنىراللار ۋە مىتورىتلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان جانسىزلار؛ئۆسۈملۈكلەر،مىكرو ئورگانىزىملار،ھاشارەتلەر، ھايۋانلارۋە ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىقلار بار.بۇلار ماددا ھالەتلىرىدە توختىماي يېڭلىنىپ تۇرىدۇ،بۇ ماددىلار ئارىلىرىدا يەز يۈزىدە ھەرخىل تەسىرلىشىش،ئارلىشىش ۋە ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، قوياشتىن ئېلىۋاتقان ئېنىرگىيە بىلەن ھاياتلىق داۋام ئېتىدۇ...

.ئۇنداقتا يەر يۈزىدىكى بۇمەۋجۇداتلارنىڭ ماھىيىتى نىمە، ئۇلار نىمىلەردىن تۈزۈلگەن؟ بۆيۈك ئىمارەتلەر پارچە-پارچەكاھىشلاردىن پۈتۈپ چىققاندەك،كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان مەۋجۇداتلار ھەممەلۇمنەرسىلەرنىڭ توپلانمىسىدىن تۈزۈلگەن بولىشى ئەقىلگەمۇۋاپىق دىيىشكە بولىدۇ.ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرقايسىلار؟

قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر كۆزئالدىمىزدىكى مەۋجۇتلۇقنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ ئاساسىي ماددىلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكەباشلىغان بولۇپ، گەپنى قەدىمقى گىرىك پەيلاسوپلىرى ئارستوتىل ۋە دىموكىرىتلاردىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ...

قەدىمقى كىشىلەر بارلىق مەۋجۇتلۇقلارنىتۇپىراق، ھاۋا، سۇ، ئوتۋە روھتىن ئىبارەت بەش تەركىپتىن تۈزۈلگەن دەپقارىغان. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.





لىكىن ھازىرقى زامان ئېلىم-پېنىدەماددى تۆت تەركىپنىڭ تېخىمۇ كىچىك تەركىبلەرگەبۆلىنىدىغانلىقى ئاددي بىلىملەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ تۇرماقتا. مەسىلەن، ھاۋائوكسىگىن ۋە ئازوت مولىكولىلىرى ۋە باشقا تەركىپ مولىكولىلاردىن تۈزۈلىدۇ؛ سۇ سۇمولىكولىللىرىدىنتۈزۈلىدۇ؛ تۇپراق بولسا قۇم دانچىللىرى، ھەرخىل تۇزلار ۋەباشقا مىنىراللاردىن تۈزۈلىدۇ؛ ئوت بولسارىئاكسىيەدىكى كۆيۈشچان ماددىلار ۋە ئوكسىگىن، سۇ پارلىرى ھەمدە يورۇقلۇق مەنبەسى بولغان فوتۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ...



ئەمما سۇ، تۇپىراق، ھاۋا ۋە ئوتلارئۇلارنىڭ تەركىبلىرى بولغان ئوكسىگىن، ھېدىروگىن، ئازوت، سىلىتسىي، كاربون،...قاتارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ ئاتوملىرىدىن تۈزۈلگەن مولىكولىلار توپلىرىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا ئاتوملارچۇ؟



ئاتوم، ئېلىكترون ۋە ئاتوم يادروسى



«ئاتوم» ئاتالغۇسى قەدىمقى گىرىكچىدە قايتا بۆلۈنمەس دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تاكى ئېلىكترون بايقالغانغا قەدەر كىشىلەر ئاتومنى ماددىلارنى تۈزگۈچى ئەڭئاساسىبىرلىك دەپ قاراشقان.








1897– يىلى ئەنگىلىيە فىزىكا ئالىمى تومسون (كاتودتىن چىققان ئۇچقۇنلار ئېقىمىنىڭ ماگنىت مەيدانىدا ئېغىش تەجىربىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇچقۇنلارنىڭ مەنپىي زەرەتلىك ئىكەنلىكىنى، ماسسا-زەرەت نىسبىتىنىڭ ناھايىتى چوڭلىقىدىن ئۇلارنىڭ ماسسىنىڭ ناھايىتى كىچىكلىكىنى بايقىدى ھەمدە ئۇنى ئېلىكترون دەپ ئاتىدى.)ئېلىكتروننى بايقىغاندىن كىيىن ئاتومنى مەنپى زەرەتلىك ئېلىكترونلاربىلەن ئاتومنى نىتىراللىققا ئىگەقىلىدىغان مۇسپەت زەرەتلىك، ماسسى چوڭقىسىمدىن (مۇسپەت زەرەتلىك قىسم ئاتومنىڭ قايسى يېرىگە جايلاشقانلىقى نامەلۇم ئىدى) تۈزۈلگەن دەپ قاراشقان. تومسۇن دەل ئاتومنىڭ «تاۋۇز مودىلى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەرىزىچە مۇسپەت زەرەتلەر «تاۋۇز»نىڭ ئېتىگە ،ئېلىكترونلار بولسا خۇددى تاۋۇزئېتىگە تەكشى تارقالغان ئۇرۇقلىرىدەك ئاتومنىڭ ئىچىگە تارقالغان ئىدى.





ھالبۇكى بۇ مودىل 1911– يىلى تومسوننىڭ ئوقۇغۇچىسى رۇزىرفۇرد ئالفا زەرىچىسى(گىللىي ئېئونى)بىلەن ئالتۇن ياپراقچىسىنى بومباردىمان قىلغانغاقەدەر كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇردى.


رۇزىرفۇرد تەجىربىسى شۇنى كۆرسەتتىكى،ئالفا زەرىچىلىرى ئالتۇن ياپىراقچىسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن يۈكسەك بۇلۇڭدا قېيىشدىن «تاۋۇز» مودىلىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە رۇزىرفۇرد ئاتومنىڭ « قوياش سېستىمىسى مودىلى» نى ئوتتىرىغاقويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە،ئاتوم مەنپي زەرەتلىكئېلىكترونلار بىلەن مۇسپەت زەرەتلىك ئاتوم يادىروسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئېغىرۋە زىچ ئاتوم يادروسى ئەتىراپىدىكى كەڭرى بوشلۇقتا ئېلىكترونلار خۇددى قوياشنىڭ ئەتىراپىدىكى سەييارىلەردەكيادرو ئەتىراپىدا يۈكسەك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، لىكىن بۇ ھەرىكەتلەر سەييارە ھەرىكەتلىرىدەك ئوربىتىلىق، تۇتاشسىزىقلىق ھەرىكەتلەر بولماستىن كۇۋانتلاشقان ھەرىكەتلەردۇر. كۇۋات ئۇقۇمى ھەققىدە كىيىن ئايرىم توختىلىمىز.




دىمەك باشتا «قايتا بۆلۈنمەيدۇ»دەپ قارالغان ھەم شۇنداق مەنىدىكى ئىسىم بىرىلگەن ئاتوم،ئېلىكترون ۋە ئاتوم يادروسىدىن تۈزۈلگەن بولدى. ئۇنداقتا ئۇلارنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ زەررىلەرگە بۆلۈشكە بولامدۇ يوق؟


پروتون ۋەنىتىرون


1869- يىلى روسسىيەلىك خېمىك دېمىترى مېندىېىۋ ئېلىمىنتلاردەۋرىي جەدىۋىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلمىنتلار ئاتوم سانى ۋەماسسىللىرىغا قاراپ ئېلمىنتلار دەۋرىي جەدىۋېلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، ئاتوم سانى ئۇنىڭ يادروسىدىكى زەرەت سانىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. كىشىلەر زەرەت سانى بىربولغان ئەڭ يېنىك ھېدروگىن يادروسىنى پروتون دەپ ئاتىدى. شۇنداق قىلىپ،ئاتوم ئېغىر يادرو(يەنى يادرودىكى پروتون) بىلەن يادرو ئەتىراپىدىكى يېنىك ئېلىكتونلاردىنتۈزۈلگەن بولدى.




ئېلمىنتلار دەۋرىي جەدۋېلىگە كۆرە، ھېدروگىن بىرىنچى نۇمۇرلۇق ئېلمىنىت،دىمەك بىر دانە پروتون ۋە بىر دانە ئېلكتروندىن تۈزۈلىدۇ، گېللى بولسا ئىككىنچى نۇمۇرلۇق ئېلمىنىت بولۇپ،ئىككى دانە پروتون ۋە ئىككى دانە ئېلىكتروندىن تۈزۈلىدۇ. ئەمما گېللى ھىدروگىندىن تۆت ھەسسە ئېغىر. ئېلىكترونلارنىڭ ماسسىنى ھېسابقائالمىغاندا،ئاتوم ماسسىسىئاتوم يادروسىغا مەركەزلەشكەن دەپ قارالغانلىقتىن گېللى ھىدروگىندىن ئىككى ھەسسە ئېغىر بولسا بولاتتى... مۇشۇ پىكىرنى چىقىش قىلىپ رۇزىرفۇرد 1920-يىلى ئاتوم يادروسىدا پروتوندىن باشقا يەنە زەرەتسىزئغىر زەررە بارلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بۇنى (زەرەتسىز، نىيتىرال بولغانلىقى ئۈچۈن)نىتىرون دەپ ئاتىدى.

لېكىن بۇ پەرزەز ئىدى. 1932- يىلىى چادۋىكرىزۇرفۇردنىڭ بۇ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ نىتروننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېلانقىلدى (ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن 1935- يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى). نىتىرون ئېلانقىلىنغاندن كىيىن فېزىكا ئالىمى ھايسىمبېرگ ئاتوم يادروسىنىڭمۇسپەت زەرەتىك پروتون ۋە نىتىروندىن تۈزۈلگەنلىكىنىئوتتۇرىغا قويدى.


مۇشۇ يەرگە قەدەرخۇلاسىلىسەك، بىز كۆرىۋاتقانماددىلارنى تۈزگەن كىچىك بىرلىكئاتوم،ئاتوم يادروسى ۋە ئېلىكترونلاردىن تۈزۈلگەن بولدى، ئاتوم يادروسى بولسا يەنە پروتون ۋە نىترونلاردىن تۈزۈلگەن بولدى.


پروتون ۋە نىتىرونلار ماددىلارنى تۈگۈچىئەڭ كىچىك زەررىلەرمۇ؟ ئاتوم يادروسىنى بومباردىمان قىلغاندەك ئوخشاش ئۇسۇل بىلەنپروتون ۋە نىتىرونلارنى پارچىلاپ تېخىمۇ كىچىك زەررىلەرگە بۆلۈش مۇمكىنمۇ؟



بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن پارچە-پارچەزەررىلەرنى توپلاپ ماددىنى شەكىللەندۈرىۋاتقان، يەنى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئامىلنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.


imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:26:29

بەلگە سېلىۋالاي !!

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 10:32:14

داۋامىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز. ئەتتىگەندە ئۇسسىغان يەرگە باردى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 14:25:04

داۋامىنى كۈتىمىز ،ئەلا كەتتى.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 20:42:39

ما تېمىغا «ئەلا» كېرەك!!!

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بىلىگ!

قوشۇلسىڭىز كىيىنچە پۈتكەندە بلوگىمغا كۆچۈرۋالسام دەيمەن \"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 00:37:27

تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاساسى كۈچلەر



1. نىيوتون بېشىغا چۈشكەن ئالمىدىن ئېلىھاملىنىپ يەرنىڭ تارتىش قانۇنىنى شۇنداقلا ئالەملىك تارتىش قانۇنىنى بايقىدى. ئالەملىك تارتىش قانۇنىنىڭ بايانىچە، ئالەمدىكى
ماسسىغا ئىگە بولغان ھەرقانداق نەرسىلەرئارىسىدا تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت
بولۇپ، كۈچنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ماسسىلىرىنىڭ كۆپەيتمىسىگەئوڭ تاناسىپ،
ئارلىقىنىڭ كۇۋادىراتىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ
. بىز باشتا تىلغائالغان قوياش سېستىمىسى مۇشۇ ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن بىر- بىرىنى تارتىشىپ تۇرغاچقاقوياش ۋە پىلانىتلاردىن تەشكىللەنگەن سېستىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ دىسەك بولىدۇ.

جىسىملار، جۈملىدىن پىلانىتلار، يۇلتۇزلار
بىر- بىرىگە تېگىشىپ تۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇلارئارىللىرىدا مەۋجۇت
بولىۋاتقان بۇ كۈچ زادى نىمىنى ۋاستە قىلىپ ئۇزىتىلىدۇ؟
دولقۇنلارنىڭ
ئېنىرگىيە ئۇزىتىش خۇسۇسىيتى بارلىقىنى بىلىمىز. مەسىلەن، تىنىچ تۇرغان
سۇغا بىرتال تاشنى ئاتسىڭىز سۇ دولقۇنلىرى شەكىللىنىدۇ ۋە ئەتىراپقا
تارقىلىپ سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان يوپۇرماقنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ...
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىراقتىكى ئىككى جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىرگىيە
ئالمىشىشمۇ، يەنى تەسىرلىشىشمۇ مەلۇم دولقۇنلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى
كىرەك. مانا بۇنى بىزGravitational Waveيەنى
ئالەملىك تارتىشىش دولقۇنى دەپ
ئاتايمىز. مەيدان نەزەرىيىسى بويىنچە بۇ ئالەملىك تارتىشىش مەيدانى دەپمۇ
ئاتىلىدۇ. مەيدان مەلۇم كۈچ توشۇغۇچى زەرىچىلەرنىڭ ئاكتىپلانما ئورتاق
تەۋرىنىش ھالىتى بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا كۈچ مۇشۇ مەيدان
زەرىچىللىرى ۋاستىسى بىلەن ئۇزۇتىلىدۇ. ئالەملىك تارتىشىشكۈچىدىكى مەيدان
زەرىچىللىرى بايقالمىغان نامەلۇم
گرەيۋىتونلاردىن ئىبارەت.



2. كىچىك
جىسىملار ئوتتۇرىسىدا ئالەملىكتارتىشىش كۈچى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ، بۇلار
ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر كۈچ1) تېگىشىپ تۇرغان جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى
سۈركىلىشكۈچى؛ 2)زەرەتلەنگەن جىسىملار ئارىسىدىكىتارتىشىش ۋە تېپىشىش
كۈچى ؛ 3) ماگنىت ۋە ماگنىتلانغان جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىشىش ۋە
تېپىشىش كۈچى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.


سۈركىلىش ۋە سوقۇلۇش ھادىسلىرىنى بىۋاستەكۆرگىلى ۋە ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما تېگىشىپ تۇرمىغان ئىككى زەرەتلىك جىسىم ۋەئىككى ماگنىتلىق جىسىم قانداق تەسىرلىشىدۇ؟

زەرەت ۋە ماگنىتلار ئارىلىللىرىدىكى تەسىرلىشىشقانۇنى كولۇن قانۇنى ۋە بىئوسافاردقانۇنىنى
چىقىش قىلىپ راۋاجلىنىدۇ.ماتېماتىكىلىق مودىل جەھەتتىن بۇلار ئالەملىك
تارتىشىش قانۇنىغا ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ،لىكىن زەرەتلەر (ماگنىتلار)مۇسپەت ۋە
مەنپى ئىككىخىل بولغاچقا زەرەتلىك جىسىملار(ماگنىتلار) ئارىسىدا تارتىشىش
ۋە تېپىشىش كۈچى مەۋجۇت.

كولۇن قانۇنىنىڭ
بايانىچە،زەرەتلەر ئارىسىدىكى تەسىر كۈچ زەرەتلەرنىڭ كۆپەيتمىسىگەئوڭ
تاناسىپ، ئارلىقلىرىنىڭ كۇۋادىراتىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. ئوخشاش
زەرەتلەر تېپىشىدۇ،ھەرخىل زەرەتلەر تارتىشىدۇ.

بىئو-سافارد قانۇنى بولسا ماگنىت ھاسىسلقىلغۇچى ئېلمىنتارتوكلارئارىللىرىدىكى تەسىر كۈچ
ماگنىت ئېلىمىنتلىرىنىڭ ۋېكتورلۇق(يەنى يۆنىلىشكە ئىگە) كۆپەيتمىسىگە
ئوڭتاناسىپ، ئارلىقلىرىنىڭ كۇۋادىراتىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. ئوخشاش
ماگنېتلار تېپىشىدۇ،ھەرخىل ماگنىتلار تارتىشىدۇ...

دىمەك,
بۇ يەردە ئېلىكتىر مەيدانى ۋە ماگنىت مايدانى دىگەن ئىككى خىل مەيدان
مەۋجۇت بولۇپ، تېنىچ مەيداندا بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، لىكىن
ئۆزگىرىشچان مەيداندا ئېلىكتىر مەيدانى ۋە ماگىنىت مەيدانى ئۆز- ئارا
گىرەلىشىپ كىتىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ
ئېلىكتىىر-ماگنىت مەيدانى ياكى ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. بىز تىلغا ئالغان ئىككىنچى ئاساسىي كۈچ ئېلىكتىر-ماگنىت كۈچى مۇشۇ ئېلىكتىر- ماگنىت دولقۇنلىرى ياكى ئېلىكتىر- ماگنىت مەيدان زەرىچىللىرىبولغان فوتونلار ئارقىلىق توشۇلىدۇ. بىز بىلىدىغان نۇر مۇشۇ فوتۇنلار ئېقىمىدىن ئىبارەت.

ھەرقانداق
شەكىلگە ئىگە ماددا ئاتوملاردىن تۈزۈلىدۇ، ئاتوملار بولسا مۇسپەت ۋە مەنپى
زەرەتلىك پروتون ۋە ئېلىكترونلاردىن تۈزۈلىدۇ. بۇلارئوتتۇرىسىدىكى
تەسىرلىشىش بولسا دەل ماددىلارنى شەكىلگە ئىگە قىلغان كۈچتىن ئىبارەت.
پروتون ئېلىكترونلارنى تارتىپ تۇرىدۇ ۋە ئاتومنى شەكىللەندۈرىدۇ،
ئاتوملارئارىسىدىلى گىرەلەشمە ئېلىكترونلار مولىكولىلارنى، مولىكولىلارنىڭ
توپلانمىسى ( كۆزگەكۆرۈنىدىغان ۋە ھېس قىلىنىدىغان)ماددىلارنى
شەكىللەندۈرىدۇ...


تۈزۈلۈشكە ئىگە ئاتوملار ئارىللىرىدا تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت بولۇپ،ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدىكەن. ئۇنداقتا ئاتوم
يادروسىمۇ تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغاچقا يادرونى شەكىللەندۈرىدۇ دىيىش ئەقىلگە
مۇۋاپىقمۇ قانداق؟ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسائۇلارقانداق تەسىرلىشىدۇ؟



3. ئاتوم
يادروسىدىكى نىتىرون بولسا زەرەتسىز، پروتون بىلەن نىتىروننى باغلاپ
تۇرىدىغان كولۇن كۈچى مەۋجۇت ئەمەس، يەنە كىلىپ ئېغىرئېلىمىنت ئاتوم
يادرولىرىدا شۇنچە كۆپ پروتونلار كولۇن تېپىشىش كۈچىگە قارشىيادرودا زىچ
ھالدا توپلىنىپ تۇرىدۇ!
يادرونى توپلاپ تۇرغان ئامىل زادى نىمە؟

بىز بۇنى يادرو كۈچى دەيمىز يەنىكۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىردىن
ئىبارەت. دىمەك يادىرو كۈچى تېخىمۇ ئىچكى تۈزۈلۈشكەئىگە بولغان پروتونۋە
نىتىرونلارنى بىر يەرگە توپلاپ تۇرىدۇ. يادروغا توپلىنىپ تۇرغان پروتونلار
ئارىسىدىكى تېپىشىش كۈچىنى يېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك
بولغان تارتىشىش كۈچى لازىم بولىدۇ. پروتون ۋە نىتىرونلارنى تارتىپ تۇرغان
بۇ كۈچ شۇنچە كۈچلۈك بولغانلىقتىنبىز بىلىدىغان
يادرو قۇراللىرى شۇنچە كۈچلۈك ۋە زور دەرىجىدىكى ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ...






كۈچلۈك
ئۆز-ئارا تەسىر يادرو ۋە يادروئىچكى قىسمىدىكى ئاساسىي زەرىچىلەر
ئوتتۇرىسىدا تەسىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ توشۇغۇچى زەرىچىللىرى مەۋجۇت بولۇپ
گولۇنلار ئارقىلىق كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر توشۇلىدۇ. گولۇنلارمۇ فوتونلارغا ئوخشاش كۈچ توشۇغۇچى مەيدان زەرىچىللىرىدىن ئىبارەت.



بىز
ئاتوم يادروسىدىكى پروتونلارنىڭ كۈچلۈك يادرو كۈچى ئارقىلىق باغلىنىپ
تۇردىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. ئاتوم يادروسى ئىچىدە كۈچكۈكيادرو كۈچى
بولغاندىن سىرىت ،ئاساسىي كۈچنىڭ بىرى بولغان
ئاجىز ئۆز-ئاراتەسىرمەۋجۇت بولۇپ،يادىرونىڭ بېتا يېمىرىلىشى ئاجىز
تەسىرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئاتوم يادروسىدىكى نىتىرون
يېمىرىلىپپروتون،ئېلىكترون ۋەماسسىسى ئاساسەن نۆل بولغان نىتىرال
زەرىچە،ئەڭ دەسلەپتە گىرمان فىزىكى پاۋلى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قوۇلغان
«شەيتان زەرىچىسى»
ئېلىكترون نىتىرونۇغا ئايلىنىدۇ.ئاجىزكۈچناھايىتى يېقىن ئارلىقتىكى ئاستاۋە تۆەن ئېھتىمالدىكى ئۆز- ئارا تەسىردىن ئىبارەت.






4. ئاجىز
ئۆز-ئارا تەسىر يادرو ۋەيادرو ئىچكى قىسمىدىكى ئاساسىي زەرىچىلەر ۋە
ئېلىكترون ۋە ئېلىكترون نىتىرونوغا ئوخشاش يەڭگىل زەرەتلەردىن تەشكىللەنگەن
لەپتونلار ئوتتۇرىسىدا تەسىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ توشۇغۇچى زەرىچىللىرى مەۋجۇت بولۇپ، ۋەZ0 بوزونلىرىدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭئىچىدە Z0 فوتونلارغا
ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئېگە بولۇپ، فوتونلاردىن كۆپ ئېغىرمەيدان زەرىچىسىدۇر.
1968- يىلىفىزىكائالىملىرىدىن گىلاشوۋ، ۋېينبېرگ ۋە دوكتۇر ئابدۇسسالام
تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان
ئېلىكتىر- ئاجىز نەزەرىيىسىئېلىكتېر-ماگنىت
كۈچى بىلەن ئاجىز كۈچنىڭ چىگرا سىزىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈچ
ئالىمئايرىم-ئايرىم ھالدا نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى...

ھازىرقى زامان نەزەرىيەفىزىكىسىدا ئەمدىكى گەپ بۇ كۈچلەرنىڭ نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىككىگە ھەتتا بىرگە ئەكەلگىلى بولامدۇ يوق؟ دىقىتىمىز ۋە ئۈمۈدىمىز كەلگۈسىدە بولسۇن!

تۆۋەندىكىسىتەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت ئاساسىي كۈچنىڭ جەدىۋەللىكرەسىمى بېرىلدى.

\"\"

\"\"

يۇقاردا دىيىلگەنلەردىن خۇلاسىلەپ ئېيتساق، بىز كۆرىۋاتقان ماددىي دۇنيا ئەڭ ئۇششاقئاساسى زەرىچىلەر ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەسەرلىشىشتىن شەكىللىنىدۇ.تەبىئەت
دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسى زەرىچىلەر چوڭ جەھەتتىن
ئىككى كاتاگورىيەگە بۆلۈنىدۇ،بىرى توپلىنىپ ماددىلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان
فېرمىيونلار ؛ يەنە بىرى ماددىلار (ۋە ئۇلارنى تۈزگۈچى زەرىچىلەر) ئارىسىدىكى تەسەرلىششى كۈچىنى ھاسىل قىلغان بوزۇنلار. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا

ئېلىكترون
ۋە پروتوندىن ئىبارەت فېرمىيونلارفوتوندىن ئىبارەت بوزۇن ئارقىلىق
تەسىرلىشىپ، ئاتومنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئاتوملاردىنىڭ باغلىنىپ تولىنىشىدىن
بىزكۆرىۋاتقان ماددا جىسىملار شەكىللىنىدۇ...

فېرمىيونلارئارىسىدىكى
ئىككى ئوخشاش زەرىچە، مەسىلەن ئىككى ئېلىكترون كۇۋانتۇم دۇنياسىدا ئوخشاش
ھالەتتە تۇرالمايدۇ، يەنى پۈتۈنلەي ئوخشاش ھالەتتىكى ئىككى ئېلىكتروننى
تاپقىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى بوزۇنلار ئارىسىدا بۇنداق چەكلىمە يوق بولۇپ،
ئوخشاش ھالەتتە چەكسىز بوزۇنلارنى قويغىلى بولىدۇ.( بۇ بوس-ئېنىشتېيىن
ئۇيۇشۇشمىسى دەپ ئاتىلىدۇ). بىز بىلىدىغان لازىر نۇرىناھايىتى كۆپ
ساندىكى
فوتوندىن ئىبارەتبوزونلارنىڭ ئوخشاش ھالەتتىكى تەۋرەنمىسىدىن ئىبارەت...





Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 00:43:49

ماددىلارنى تۈزگۈچى ئەڭ ئاساسىي ئېغىر زەررىچىلەر- كۇۋاركلار




\"\"




مۇشۇ
يەرگىچە بىز ئېلىكترون، پروتون،نىتىرون، فوتون قاتارلىق
زەرىچىلەرنى،ئالەملىكتارتىش كۈچى،ئېلىكتېر-ماگنىت كۈچى ۋەيادرو كۈچىنى
تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن زەرىچىلەرنى
تىلغائالمىدۇق. ئەمدى بىز تاشلاپ كەتكەن سۇئالغا قايتىپ كىلەيلى:

يەنى
پروتون ۋە نىتىرونلارنى پارچىلاپ تېخىمۇ كىچىك زەررىلەرگە بۆلۈشمۇمكىنمۇ؟
ئەلبەتتە مۇمكىن. بىز پروتون ۋە نىتىرونلارنىڭ يادرو كۈچىئارقىلىق توپلىنىپ
تۇرغانلىقىنى ئۆگەندۇق. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى،پروتون ۋە نىتىرونلارمۇ
ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگەبولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئۈچ
دانە كۇۋارك تىن تۈزۈلىدۇ.پروتون ئىككى دانە ئۈستى كۇۋارك بىردانە ئاستى كۇۋاركتىن؛ نىتىرون بولسائىككى دانە ئاستى كۇۋارك، بىر دانە ئۈستى كۇۋاركتىن تۈزۈلىدۇ.پروتون ۋە نىتىرونلار ۋە ئۇلارنى تۈزگۈچى كۇۋاركلاربولسا گولۇن دەپ ئاتىلىدىغان كۈچ توشۇغۇچى بوزۇنلار ئارقىلىق تارتىشىشىپتوپلىنىپ تۇرىدۇ. ئاستى كۇۋارك ۋە ئۈستى كۇۋاركتىن باشقا يەنە يۇقىرى كۇۋارك، ئاياق كۇۋارك،غەلىتە كۇۋارك ۋە كېلىشكەن كۇۋاركتىن
ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك كۇۋارك ۋە ئۇلارنىڭقارشى زەرىچىللىرى بولۇپ، تەبىئەت
دۇنياسىدا جەمئى 12 تۈرلۈككۇۋارك بار. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ جەدىۋېلى بېرىلدى:

\"\"

فوتونلارنىڭ
ئېلىكتىر-ماگنىت كۈچىنىتوشىغۇچى زەرىچىلەر ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن
ئىدۇق، گولۇنلارمۇ فوتونلارغائوخشاش كۈچ توشۇغۇچى زەرىچىلەر بولۇپ، تەبىئەت
دۇنياسىدىكى ئاساسىي تەسىر كۈچنىڭبىرى بولغان كۈچكۈك ئۆز- ئارا تەسىرنى
توشۇغۇچى بوزۇنلاردۇر. ئېلىكتېر-ماگنىتكۈچى ئارقىلىق تەسىرلىشىدىغان
زەرىچىلەرنىڭ ئىككى خىل زەرەت ھالىتى يەنى مۇسپەت ۋەمەنپى ھالىتى مەۋجۇت،
ھالبۇكى كۈچلۈك تەسىر ئارقىلىق تەسىرلىشىدىغان كۇۋاركلارنىڭ ئۈچخىل
زەرەت ھالىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل زەرەت ئۈچ خىل ئاساسى رەڭ بولغان
قىزىل، كۆك ۋە يېشىل دىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭنىڭ نامى بىلەنئىپادىلىنىدۇ.
ئېلىكتېر- ماگنېت كۈچىدە فوتۇنلارنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق زەرەت
ھالەتلىرىدەئۆزگۈرۈش بولغاندەك، كۈچلۈك تەسىر كۈچىدە گولۇنلارنى
ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كۇۋاركلارنىڭرەڭگىدە ئۆزگىرىش بولۇپ بىر- بىرىگە
ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۇۋاركلار ۋەيادرو يۈكسەك بىرقۇۋۋەت بىلەن
باغلىنىپ تۇرىدۇ.





\"\"





كۇۋارك دىگەن بۇ ئىسىمفىزىكا ئالىمى گېلمەن تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ،جەيمىس جويىس نىڭ« Finnegans Wake» دىگەن رومانىدىكى«مۇستېرمارك نىڭ ئۈچ كۇۋاركى»
دىگەن قۇرلىرىدىنئېلىنغان. چۈنكى پروتون ۋە نىتىرونلار ئۈچ دانە ئاساسى
زەرىچىدىن تەركىب تاپقانئىدى ۋە ئۇلار ئۈچ خىل رەڭلىك زەرەت ھالىتىگە ئىگە
ئىدى.


مۇشۇ
ۋاققىچە ماددىلارنىڭمولىكولىلاردىن، مولىكولىلارنىڭ ئاتوملاردىن،
ئاتوملارنىڭ ئېلىكترون، پروتون ۋەنىتىرونلاردىن، پروتون ۋە نىتىرونلارنىڭ
بولسا كۇۋاركلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئۆگەندۇق.ھەمدەفوتۇنلارنى توشۇغۇچى
قىلغان ئېلىكتىېر-ماگنىتكۈچى ئارقىلىق ئاتوملارنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى،
گولۇنلارنى توشۇغۇچى قىلغان كۈچلۈكتەسىر ئارقىلىق ئاتوم يادروسىنىڭ
شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق.   ئەمدى يەنە ئىچكىرلەپ كىرىپ باقساق،
كۇۋاركلارنىيەنىمۇ ئىچكىرلەپ بۆلۈشكە بولامدۇ؟ ئۇلار قانداق ئىچكى
تۈزۈلۈشكە ئىگە؟ كۇۋاركلارھەققىدە تارا نەزەرىيىسى ئوتتۇرىغا
قويۇلغان بولسىمۇ كۇۋاركلارنىڭ تۈزۈلىشىھەققىدە ئىسپاتلانغان مەلۇمات يوق
بولۇپ، ھاىزرقى زامان فىزىكىسىدا كۇۋاركلارخۇددىئېلىكترون ۋە باشقا
لەپتونلارغا ئوخشاش تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسى زەرىچىلەرھىسابلىنىدۇ،
بۇلار ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە ئەمەس ياكى ھېچ بولمىغاندا ئىچكى
تۈزۈلىشىھازىرچە نامەلۇم.

كۇۋاركلار
باغلىنىپ يالغۇز ئاتوميادروسىنىلا ھاسىل قىلماستىن بەلكى باشقا ئۆمرى
قىسقا بولغان زەرىچىلەرنىمۇ ھاسىلقىلىدۇ. مەسىلەن، بىر جۈپ (ئەركەك چىشى)
كۇۋاركلاردىن تۈزۈلگەن ئۆمرى قىسقا زەرىچىلەربولۇپ بۇلارنى بىز مەزونلار دەپ ئاتايمىز،پروتون ۋە نىتىرونلارنى قوشۇپئۈچ دانە كۇۋاركتىن تۈزۈلگەن زەرىچىلەرنى بىز بارىيونلاردەپ ئاتايمىز. كۇۋاركلاردىن تۈزۈلگەن بارىيون ۋە مەزونلارنى بىرلەشتۈرۈپ ھادرونلاردەپ
ئاتايمىز. دىمەك كۇۋاركلار توپلىنىپ ھادىرونلارنى ھاسىل قىلىدۇ،
ھادرونلارئاتوم يادروسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بىز بىلىدىغان پروتون، نىتىرون ۋە
ئېلىكترونلاردىنتۈزۈلگەن ئاتوملاردىن باشقا، باشقا ھادرون ۋە لەپتونلاردىن
تۈزۈلگەن غەيرىئاتوملارنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن. ئۈچ دانە كۇۋارك
بىرلەشكەن بىر دانە بارىيون غەيرىئاتومنىڭيادروسىنى شەكىللەندۈرسە،
بىردانە قارشى زەرەتلىكيەڭگىل لەپتون ئۇنىڭئەتىراپىدا مۇقىم ئايلىنىپ
ھەرىكەت قىلسا خۇددى ھىدروگىن ئاتومىغا ئوخشاش بىردانەئاتومنى ھاسىل قىلىشى
مۇمكىن، لىكىن يەز يۈزىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغانلىقى ئۈچۈنبۇنى پەقەت
تەسسەۋۋۇر قىلىشقىلا بولىدۇ. پروتون ۋە نىتىروندىن باشقا ھادرونلار
ۋەئېلىكتروندىن باشقا لەپتونلار ئاساسلىقى ئالەم نۇرىدىن بايقالغان بولۇپ،
يەر يۈزىدەمەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۆمرى ناھايىتى قىسقا...



\"\"






Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 00:47:56

ماددىلارنىتۈزگۈچى ئەڭ ئاساسىي يەڭگىل زەررىچىلەر- لەپتونلار




ئاتوم يادرو سىرتىدىكى مەنبى زەرەتلىك (ئەركەك)ئېلىكترونلاردىن باشقا، مۇسپەت زەرەتلىك (چىشى) ئېلىكترونلار، مەنپى زەرەتلىك مىيونۋە تاۋلار،ئۇلارنىڭ
جۈپتىللىرىبولغا ن مۇسپەت زەرەتلىك چىشىلىرىھەمدەزەرەتسىز بولغان
ئۇلارنىڭ نىتىرونولىرى بولۇپ جەمئى 12 تۈرلۈك لەپتون بار.



\"\"





يۇقاردائاجىز كۈچنى چۈشەندۈرگەندە ئاتالمىش «شەيتان زەرىچىسى» دەپ تىلغا ئالغان ئېلىكتروننىتىرونو دەل چەكسىز يەڭگىل ۋە زەرەتسىز بولغان لەپتونلارنىڭ بىرىدۇر.


\"\"





مۇسپەت زەرەتلىك (چىشى) ئېلىكترون پوزىتىروندەپ ئاتىلىدۇ. پوزىتىرون 1932- يىلى كالفورنىيە سانائەت-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى(كالتەك) فىزىكىچىسى كارىل ئاندرسون تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭدىندەل تۆت يىل بۇرۇن داڭلىق فېزىكا ئالىمى پاۋۇل دىراك ئۆزىنىڭ نىسپىيلىكنەزەرىيسىنى تەدبىقلىغان داڭلىق دىراك تەڭلىمىسىنى
ئوتتۇرىغا قويغانۋاقىتتا قارشى (يەنى چىشى) زەرىچىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى
نەزەرىيە جەھەتتىن ھۆكۈمقىلغان ئىدى،پوزىتروننىڭ تېپىلىشى ئۇنىڭھۆكىمىنىڭ
توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى ھەمدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كىيىنھەتتا
دىراك قارشى زەرىچىلەردىن تۈزۈلگەن قارشى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە
ئالغانقارشى ئالەمنىڭ بارلىقىنىمۇ پەرەز قىلغان ئىدى. فىزىكىلىق
قانۇنلارئوڭ ئالەمگەسىمىتىرىك بولسا مۇشۇ دۇنياغا ئوخشاش قارشى دۇنيانى
تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى.مەنپى زەرەتلىك ئېلىكترون ۋە مۇسپەت زەرەتلىك
پروتونلارنىڭ باغلىشىدىن تۈزۈلگەن بۇئالەمنى ئەركەك ئالەم دىسەك مۇسپەت
زەرەتلىك ئېلىكترون ۋە مەنپى زەرەتلىكپروتونلاردىن تۈزۈلگەن تەتۈر ئالەمنى
چىشى ئالەم دەپ تەسەۋۋۇر قىلشقا بولىدۇ.بىرئاز بۇرۇن تىلغا ئېلىنغان «غەيرى
ئاتوملار» ھەقىقەتتە مەۋجۇت دىيىشكە بولسىمۇ،چىشى(تەتۈر) ئالەمنىڭ
مەۋجۇتلىقى پەقەت پەرەزدىن ئىبارەتتۇر...



\"\"



\"\"

تەبىئەت
دۇنياسىدا مۇشۇ ئاساسىزەرىچىلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىچكى تۈزۈلىشى
بولمىغان زەرىچىلەر بايقالغانبولۇپ، ھەممىسىنى تەپسىلى تونۇشتۇرمايمىز.
زەرىچىلەر فىزىكىسىدىكى «ئۆلچەملىكمودىل» جەدىۋېلىدە تۆۋەندىكلىدەك تۈرلەرگە ئايرىلغان.


\"\"






Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 00:51:25

كۇۋانت نەزەيىسى ھەققىدە قىسقىچە بايان


\"\"





كۇۋانت ئۇقۇمى دەسلەپتە 1900- يىلىفىزىكا ئاتىسى دەپ ئاتالغانگىرمانىيە فىزىكا ئالىمى ماكىسپىلانىك

\"\"

تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قارا جىسىمچىقارغان
رادىئاتسىيە تەخسىملىنىشىكىلاسسىكسىتاتىستىكا فىزىكىنىڭتەخسىملىنىش
قانۇنىيتىگە بويسۇنمىغان.پىلانىك ئېنىرگىيەنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك
تەخسىملىنىشھالىتىنى تەسۋېرلەيدىغان ئېنىرگىيە بىرلىكى «
كۇۋانتا»
ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغاقويغاندىن كىيىن قاراجىسىم رادىياتسىيە تەخسىملىنىشىنى
نەزەرىيە جەھەتتىن ناھايىتىياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى. كىيىن، يەنى 1905-
يىلىئېنىشتېيىن پىلانىكنىڭ كۇۋانتا ئۇقۇمىدىنپايدىلىنىپ
فوتو- ئېلىكتېر ئېففىكتى نىچۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ماقالىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىقنوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


\"\"\"\"\"\"





كۇۋانت ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىفىزىكا تارىخىدا پۈتۈنلەي يېڭى سەھىپە ئاچتى! ئاتوم تۈزۈلىشىنىڭ بور مودىلىتىكلەندى
ۋە دەسلەپكى قەدەمدە ھىدروگېن ئاتومىنى ناھايىتى گۆزەل شەكىلدە
تەسۋېرلەپبەردى. كىلاسسىك فىزىكىدا ھەل بولماي كەلگەن مەسىللەر ھەل بولدى،
بۇلارنىڭ ئىچىدەمەشھورلىرىدىن قارا جىسىم رادىياتسىيەسى، فوتو-ئېلىكتېر
ئېففىكتى،قاتتىق جىسىم فىزىكىسىدىكى دىبەي مودىلى،...قاتارلىقلار.



\"\"





كىلاسسىك
فىزىكىدا نەرسىلەر تۇتاش،ئۈزلۈكسىز ھەركەت ئوربىتىسىغا ئىگە
بولۇپ،نىيوتۇن قانۇنلىرى ئارقىلىق بىر پۈتۈن سېستىمىنىلوگىكىلىق
پەلسەپىيىۋى نەزەرىيلەر ئارقىلىق تەسۋىرلەپبەرگىلى بولىدۇ. كىلاسسىك
فىزىكىدا نىيوتۇنقانۇنلىرى ئارقىلىققوياش سېستىمىسىدىكىپىلانىتلارنىڭ
ھەرىكەتلىرى،يەز يۈزىدىكىپويىز،ئايرپىلان، ... قاتارلىقنەرسىلەرنىڭ
ھەرىكەتلىرىنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيەتلىرىنى توغرا بىر شەكىلدەئىپادىلەپ
بەرگىلى بولىدۇ،ئەمما ماددىلاركىچىكلەپ زەرىچىلەرھالىتىگە كەلگەندە
كىلاسسىك فىزىكا ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ.بۇ ۋاقىتتا بىز كۇۋانتۇم فىزىكىسىغا
مۇراجەتقىلىمىز. كۇۋانتۇم دۇنياسىدا زەرىچىلەر ھەرىكەتلىرىتۇتاش
سىزىقلىق ،ئۈزلۈكسىز ئوربېتىلىق بولماستىن كۇۋانتلاشقانيەنى ئۈزۈك- ئۈزۈك
ھالەتلەردە بولىدۇ،زەرىچىلەر بەزى جايلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ،بەزى
جايلاردا مەۋجۇت بولالمايدۇ...

كۇۋانت
دۇنياسىدا ئەڭ كىچىك ئېنىرگىيەبىرلىكى زەرىچىلەرنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى
بىلەن پىلانىك تۇراقلىقىنىڭ كۆپەيتمىسىئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ،
ئېنىرگىيەكۇۋانتلاشقان بولىدۇ. كۇۋانت نەزەرىيسى تۆۋەندىكى بەش پىرىنسىپ ئۈستىگەقۇرۇلىدۇ:




1)      ئېھتىمالدولقۇن:زەرىچىلەر بوشلۇقتا مۇقىم ئوربىتىلىق ھەرىكەتقىلماستىن، بوشلۇقتا خالىغان جايدا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ.


\"\"





2)      شرۆدىڭگېردولقۇن تەڭلىمىسى:زەرىچىلەرنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيتى شرۆدىڭگېر دولقۇن تەڭلىمىسى ئارقىلىقتەسۋېرلىنىدۇ.


\"\"



\"\"

3)      ماتېماتىكىلىقئوپىراتۇر:زەرىچىلەرنىڭ
ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقتارلار مۇرەككەپ
ھېلبىرتبوشلۇقىدىكى ماتېماتىكىلىق ئوپىراتۇرلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.



\"\"





4)      قاتلىنىشپىرىنسىپى:كۇۋانتۇم
تېخنىكىسىدىكى ئەڭ قوللىنىشچان پىرىنسىپ، يەنى زەرىچىنىڭ ئىككى
ياكىئۇنىڭدىن ئارتۇق كۇۋانتھالەتلىرىنىڭقاتلانمىسى يەنىلا شۇ زەرىچىنىڭ
كۇۋانت ھالىتىدىن ئىبارەت.



\"\"





5)      پۈتۈنلەيئوخشاشلىق:زەرىچىلەر
فېرمىيون ۋە بوزونلار دەپ ئىككىكاتاگورىيەگە بۆلۈنىدۇ. ئوخشاش تۈردىكى
فېرمىيون ۋە بوزونلار پۈتۈنلەي ئوخشاشزەرىچىلەردۇر. مەسىلەن بارلىق
ئېلىكترونلار پۈتۈنلەي ئوخشاشتۇر، ئورۇلىرىنىئالماشتۇرسا فىزىكىلىق ھالەت
ئۆزگەرمەيدۇ.



\"\"






Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 00:52:52

ھېگگىزبوزونلىرى ۋە ماسسا ئۇقۇمى ھەققىدە يېڭى چۈشەنچە




\"\"






2012- يىلى 6 -ئايدا پەرزەز قىىنغانئاتالمىش «خۇدا زەرىچىللىرى»
دەپ نام بىرىلگەن ھېگگىز بوزونلىرىشىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە دىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ
چىگرىسىنى كېسىپ ئۆتكەن،دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭئايلانما تېزلەتكۈچ «
بۆيۈك ھادرون سوقۇشتۇرغۇچى» تەجىربىخانىسىدا بايقالغانلىقى ئېلان قىلىندى.


\"\"




\"\"





بۇتىزلەتكۈچ فېرمى تەجىربىخانىسىدىكىدىن قالسا دۇنيا بوينچە ئەڭ چوڭ تېزلەتكۈچ ھېساپلىنىدۇ. ئالىملار پەرەز قىلىنغان ئاتالمىش «خۇدا زەرىچىللىرى»
نىتېپىپ چىقىش ئۈچۈن نەچچە يىل پۈتۈن زىھنى ۋە غايەت زور مەبلەغنى سەرىپ
قىلغانئىدى.بەختكە يارىشا بۇ زەرىچىلەرنىڭ،يەنى ئالەم يارىتىلغان ئەڭ
دەسلەپكىۋاقىتتىكىشەكىللەنگەن زەرىچىلەرنى تېپىپچىققان بولدى.ھالبۇكى
بۇ زەرىچىلەرنىڭتېپىلىشى بىلەن زەرىچىلەر فىزىكىسىدىكى «
ئۆلچەملىك مودىل» تۈگەللەنمىدى، بەلكى يەنە بىر قانچە سۇئاللارنى تاشلاپ كەتتى...

\"\"




ھېگگىززەرىچىللىرى– يىلى شوتلاندىيە فىزىكائالىمى پېتىر ھېگگىز تەرىپىدىن
ئوتتۇرۇغا قويۇلغان بولۇپ، زەرىچىلەرنىڭماسسىسىنىڭ ماھىيىتىنى نەزەرىيەلىك
چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. يەنى ھېگگىز بوزونلىرىكۇۋانتلاشقان ھېگگىز
مەيدانىدىكىتاشقىنلانغان ئاساسى زەرىچىلەر بولۇپ
،زەرىچىلەرنىڭ ماسسىسى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھېگگىز بوزۇنلىرى بىلەن تەسىرلىششىنەتىجىسىدىن ئىبارەتتۇر.


\"\"



ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا،ھېگگىز مەيدانىنىسۇغا ئوخشاتساق
زەرىچىلەرنى سۇدىكى بېلىقلاردىسەك،بېلىق بىلەن سۇنىڭ تەسىرلىششىبېلىقنىڭ
ئۈزۈشىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ، بەزى بېلىقلار ناھايىتى ئاسان ۋە تېز
ئۈزىدۇ، بۇ سۇ بىلەن تەسىرلىشىشيۈزىنىڭ كىچىك
ئىكەنلىكىنىچۈشەندۈرىدۇ،بەزى بېلىقلار سۇنى داۋالغۇتىپ ئۈزىدۇ. يەنى كىت
بىلەن تۇمشۇقى ئۇشلۇق كىچىكبېلىقلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولىدۇ...


\"\"





Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 00:55:59

تاماملانمىغانئۆلچەملىك مودېل


\"\"





ھازىرقى زامان فىزىكىسى بۇ ئالەمنىڭمەنبەسىنىئاتالمىش «چوڭ پارتىلاشنەزەرىيەسى»
( بۇ پەقەت بىر پەرەز) بىلەن چۈشەندۈرۈپ، چەكسىز كىچىك ۋە چەكسىززىچ
نوختىدىن تۇيۇقسىز پارتىلاپ شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ. ھەمدە شۇ
قاراشقائىشەنگەچكە شۇ پىكىر يۆنىلىشىدە تەتقىقاتلارنى داۋاملاشتۇرماقتا...
بۇنىڭ ئاخىرقىجاۋابى چىقمىدى، لىكىن پىكىر ۋە تەتقىقات ئۈزۈلۈپ قالمىدى،
نۇرغۇنلىغان مەبلەغسېلىندى ھەم سېلىنىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە قۇرۇلغان نەزەرىيە
سېستىمىسى
ئۆلچەملىك مودىل ئاساسىغا مەركەزلەشتى.ئۆلچەملىك
مودىلدا، ماددىي ئالەمنىڭ ئەڭ ئاساسى بىرلىكلىرىنى ۋە
ئۇلارنىڭخۇسۇسىيەتلىرىنى خۇددى مىدىلىۋئېلمىنتلارجەدىۋېلىنى تۈزگەندەك
تۈزۈپ چىقتى، ھالبۇكى بۇ جەدىۋەل تېخى تاماملانمىدى.تاماملىغانسىرى، تېخىمۇ
غەيرى ۋە مۇرەككەپ سۇئاللار ئوتتۇرىغا چىقماقتا...ئالدىنقى يىلى يازدا
نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىدە ناھايىتى چوڭ خوشاللىق
ھېگگىزبوزونلىرىنىڭ
بايقىلىشى بولدى، ھەمدە (زەرىچىلەر)ماسسىىسىنىڭماھىيىتى چۈشەندۈرۈلدى.
شۇنداق قىلىپ ئۆلچەملىكمودېل جەدىۋېلىگە ھېگگىز بوزونلىرى قېتىلدى. ھېگگىز
بوزۇنلىرى باشقا بوزونلاردەكۋېكتور (ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان، يەنى
ئۆزئايلانما سانى بىر بولغان)بوزۇنلىرىبولماستىن سىكالىيار(ئۆز ئوقىدا
ئايلانمايدىغان) بوزۇنلىرىدۇر، پۈتۈن ئالەمگەتارقالغان دىيىلىدۇ، ماسسا
بولسا باشقا زەرىچىلەرنىڭ ( ياكى ماددىلارنىڭ) ئۇلاربىلەن سوقۇشۇپ،
تەسىرلىشىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ...

ئەمما
بىز ئۆلچەمىلىك مودىل جەدىۋېلىگەھېگگىز بوزونلىرىنى قويغان تەختىردىمۇ
ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان ۋە جەدىۋەلنى تېخىمۇكىڭەيتىۋېتىدىغان نامەلۇم سۇئاللار
مەۋجۇت! لەپتونلاردىن ئەڭ يەڭگىل زەرەتسىززەرىچە نىتىرونۇنىڭ ماسسىسى
تېخىچە بىر سىردۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇۋانتۇمگرەيۋېتى دىگەن تارماق
پەن تەرەققى قىلىۋاتاتقان ۋە بەزىيىپ ئۇچىلىرى (ھىگگىز بوزونلىرىدەك )
تېپىلىۋاتقان بولسىمۇ ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭماھىيىتى تېخى بايقالمىدى.
كۇۋانتۇم نەزەرىيسى بولسا ناھايىتى كىچىك زەرىچىلەرگەقوللىنىلىدۇ، ھالبۇكى
گرەيۋېتى نى تىلغا ئالغاندا ھەمىشە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىكنەزەرىيسى
ئېسىمىزگە كىلىدۇ، زەرىچىلەر بىلەن يۇلتۇزلار سىستىمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك
ئۆلچەم پەرقى ئەقىلگە سىغمىغۇدەك دەرىجىدە چەكسىز چوڭ بولسىمۇ كىشىنىڭئەقلى
ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئوخشاشلىقا ئىگە! بەلكىم بۇ ئوخشاشلىق
كىيىنكىھەقىقەتنى تېپىپ چىقىشقا تۈرۈتكە بولىشى مۇمكىن.





\"\"\"\"





\"\"





\"\"\"\"





ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېقىنقى يىللاردا بايقىلىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش قاراڭغۇ ماددا ۋا قاراڭغۇئېنىرگىيەنەزەرىيە
جەھەتتىن پۈتۈن كائىناتنىڭ مۇتلەق كۆپقىسمىنى ئۆزئىچىگە ئالغان دەپ
قارىلىۋاتىۇ. يەنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىسۇدىن تەشكىل
تاپقاندەك، كائىناتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قارا ماددا دىنتۈزۈلگەن.



\"\"



\"\"





(ئىزاھ: قارا جىسىم ۋەقاراڭغۇ ئۆڭكۈر دىگەن ئاتالغۇلارنى ئاڭلىغان بولىشىمىز مۇمكىن، لىكىن بۇيەردىكى ئۈچ
قاراڭغۇ بىر- بىرىدىن ماھىيەتلىك پەرىقلىنىدىغان ئۈچ خىل ئۇقۇم.)







نىمىلا
بولمىسۇن، مېنىڭچە ھەقىقەتنىڭئېچىلىشىغا ئاز قالدۇق دەپ قارايمەن.
«ئۆلچەملىك مودىل» پۈتۈنلەي مېتافىزىكىلىكتەپەككۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان
بولسىمۇ، (يەنى پۈتۈن ئالەمنى يوقلۇقتىن ئۆزىچەپارتىلاپ بارلىققا كىلىپ
تەرەققىي قىلغان دەپ قارىغان بولسىمۇ) سەۋەپ-نەتىجەقانۇنىيتى بويىنچە شۇنچە
مۇكەممەل ۋە گۆزەل دۇنيا ۋە كائىناتنىڭ ھېچ ياراتقۇچىسىزئۆزلىكىدىن
پارتىلاپلا پەيدا بولۇپ قېلىشى ھېچ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. بىرياراتقۇچىنىڭ
بارلىقىغا ئىشىنىدىغان ئالىملار بارا-بارا كۆپەيمەكتە، ئەمەلىيەتتەبۆيۈك
ئالىملارنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. «خۇدا زەرىچىسى»
دەپئات قويغىنىغا قارىمامسىز؟!


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 00:56:11

ئەلا كەتتى.

يېزىپ بولسىڭىز ئىنكاسلارنى تېمىغا يىغىپ قويايلى.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 00:57:12

خاتىمە سۆز




ئەڭ
ئاخىرىدا يىغىنچاقلىساق، بىزنىڭدۇنياسىمىز ۋە قوياش سېستىمىسىنى ئۆزئىچىگە
ئالغان ماددىي ئالەم ئالتە تۈرلۈككۇۋارك ۋە ئالتە تۈرلۈك لەپتونلاردىن
ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي زەرىچىلەرنىڭ بىرىكىپتوپلىنىپ ئاتوملارنى ھاسىل
قىلىشىدىن تۈزۈلگەن دىيىشكە بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدەئاستى، ئۈستى
كۇۋاركلاردىن تۈزۈلگەن پروتون ۋە نىتىرونلار ھەمدە ئېلىكترونلار
ئەڭتۇراقلىق ۋە بىز كۆرۈپ ۋە تۇتۇپ، ھېس قىلىۋاتقان ھەممە ماددىلارنىڭ،
جىسىملارنىڭ ،ئادەم ، ھايۋان، ھاشارەت، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ھاۋا، سۇ، تۇپراق،
ۋە ئوتنىڭ ئەڭ ئاساسىۋە ئەڭ كىچىك تۈزگۈچى زەررىللىرىدۇر. بۇ زەرىچىلەر
ئارىسىدا قۇۋۋەت توشۇغۇچىلىقرولىنى ئوينىغان فوتون، گلون ۋە گرەيۋېتون
قاتارلىق ۋېكتورلۇق (يەنى مەيدان)بوزونلىرى بۇ ئاساسى زەرىچىلەرنى توپلاپ ،
ماددىي ئالەمنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئوبرازلىق قىلىپ چۈشەندۈرسەك، كۇۋارك ۋە
لەپتونلارنىبىر بىنانىڭ يەككە خىش-كاھىشلىرى دىسەك، فوتون،گلون قاتارلىق
بوزونلارنى خشلارنى يېپىشتۇرغۇچى بىتون لايلارغا ئوخشايدۇ، قالغان
زەرىچىلەر بىنانىڭ ئىچىدىكى (تۇراقسىزبولغان) باشقا ئەششىيالارغا ئوخشايدۇ.
دىمەك، خىش- كاھىش ۋە بىتونلاردىن بىر بىناپۈتۈپ چىققاندەك، كۇۋارك-
لەپتون ۋە بوزۇنلاردىن بىر ماددىي ئالەم پۈتۈپ چىقىدۇ...



\"\"







لىكىن تەپەككۇر قىلىپ باقىلى:




بىرىنچىدىن،
بىزنىڭ بۇ ئالەم يالغۇزماددى ئالەم ئەمەس! ماددى ئالەم ھەققىدىكى ئىزدىنىش
بىلەن تەبىئەت قانۇنلىرىنىچۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولسىمۇ، بۇ قانۇندىن
ھالقىغان نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلىبولمايدۇ.





ئىككىنچىدىن،
خىش-كاھىش، بىتونلارنىپارچىلاپ ئۇۋاق ھالەتكە ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ، ئۇلار
ئاخىرقى ھېساپتا ئوخشاش بىردۆۋۋە قۇم-شېخىل، تۇپىراققا ئايلىنىدۇ...





ئۈچىنچىدىن،
قۇم، شېخىل، تۇپىراقئۆزلىكىدىن جۇغلىنىپ، خىش-كاھىش، بىتونلارغا ۋە بىر
پۈتۈن بىناغائايلىنالمىغاندەك، بۇ ئاساسى زەرىچىلەر ئۆزلىكىدىن جۇغلىنىپ
بىر پۈتۈن (مۇكەممەل)ئالەمنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ!





ئۆزىمىزگە
قايتىپ كەلسەك، ئاتىمىزنىڭپۇشتىدىن ئانىمىزنىڭ قارنىغا ئۆتۈپ جانسىزماددا
ھالەتتىكى سۇيۇقلۇق،ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۆجەيرىسى،بۆلۈنۈپ كۆپەيگەن
توقۇلمىلار ۋە ئاخىرىدا(خۇددى چىشلەپ قويغاندەك شەكىلدىكى) بىر پارچە
گۆش،ئۇنىڭدىن كىيىن كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، مېڭەتوقۇلمىللىرى،... ۋە ئاخىرىدا
تۇيۇقسىز ھەرىكەتكە كېلىپ ھاياتلىق ھەرىكىتىنىباشلىغان يۈرەك...



\"\"



\"\"\"\"






ئادەم روھ ۋە ماددىي بىرلىكتىن تەركىپتاپقان مەۋجۇتلۇق .روھ
(ئاڭ ياكى قەلىب ئەمەس) نىڭ ماھىيىتىنى تەپەككۇر قىلىپ بىلىش مۇمكىن
بولمىسىمۇئادەمنىڭ ماددى ئاساسىنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق
بىلەلەيمىز. روھنىھىسابقا ئالمىغاندا ئادەم ھۇجۇدى بىر دۆۋە گۆش، ئۈستىخان
قان ۋە سۇدىن تەشكىلتاپقان دىيىشكە
بولىدۇ.ئاناتومىيلىكشەكلىمىزنىڭگۆزەللىكىنى ھېساپقائالمىغاندا باشقا،
ھايۋان ھۇجۇدى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق بەدىنىمىزئورگانىكۋە ئىنورگانىك
ماددىلاردىنتەركىپ تاپقان بىر گەۋدىدىن ئىبارەت. بۇ كۆز بىلەن
كۆرۈنىدىغان، تۇتۇپ ھېسقىلىنىدىغان جانسىز گەۋدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ماددى
ئېلمىنتلارنى ھەم ئۆز ئىچىگەئالىدۇ.ماددىي جەھەتتىن ئۇنىڭ
ھۇجۇدىدازېمىندا باربولغان بارلىق ماددى ئېلمىنتلار بولغاندىن سىرىت
زېمىندىكى ۋە ئۇنىڭئىچىدىكى بارلىق (ئاشكارە) مەۋجۇداتلاردا بولمىغان بىر
سىرلىق ئامىل روھ ۋەئەقىلنىڭ بولىشى ئادەمنىڭ باشقا بارلىق مەخلۇقاتلاردىن
ئۈستۈن ئىكەنلىكىنىئىسپاتلاپ تۇرىدۇ...



\"\"






Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 01:06:43

تاماملاندى...قېنى ئەمدى بەھوزۇر{:90:}

تورنىڭ ئاستىلىقىدا تەھرىرلىمەك بەك تەسكەن، لىكىن تەھرىرلىشىم كىرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 04:13:55

نەزەرىيە فىزىكىچىلىرى بىر نەرسىگە شۇنچىلىك ئىغىر دەرجىدە سىزىك، يەنى پەقەت بىر تال فورمۇلا بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكى ھەممىنى نەرسىنى ئىپادىلەش. ئېلېكتروننىڭ \"بىلگىلى بولماسلىق\" ھەركىتى ئېينىشتىيىننى بەكلا خاپا قىلغان، شۇڭلاشقىمۇ ئېينىشتىيىنكام كۋانىت مىخانىكىسىغا دەسلەپتە ئىشەنمىگەن، كىيىنچە بەزى تەجىرىبىلەرنىڭ ئىسپاتلىغىنىنى كۆرۈپ، بۇ نەزەرىيە يەنىلا تولۇق ئەمەس دەپ ئۇ دۇنياغا كەتتى. سىز تىلغا ئالغان كۋانىت تارتىش كۈچى (نىمىشقا كۋانىت گرەۋىتى دەپ ئالدىڭىز؟) نەزەريىسى ئاخىرقى بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۋىتىشقا تىرىشىۋىتىپتۇ. بەزىلەر تۆت كۈچتىن سىرىت بەشىنچى تەسىر كۈچ بولۇشىمۇ مۇمكىن دەۋىتىپتۇ، بىلمەيمىز. 11-ئۆلچەم ھەققىدىكى پاراڭلارمۇ بەك قىززىقكەن.



كۈلكىلىك يىرى، تارتىش كۈچى ۋە كىيىن قوشۇلغان نىسبىيلىك نەزەريىسى بىزنى خۇددى دۇنيانى بەك قائىدىلىك يوسۇندا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسا، كۋانت مېخانىكىسى بىر چىقىپلا، بىزنى يەنە بىلگىلى بولماسلىق قاينىمىغا سۆرەپ ئەكىردى. ئېينىشتىيىننىڭ سەكرەپ كەتكىنىمۇ شۇ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك. ئېينىشتىيىن بىلەن بورنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىسى فىزىكى تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق مۇنازىرىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ مۇنازىرىنىڭ بىر خۇلاسىسى: ئېينىشتىن بورغا: \"خۇدا ئالچۇ ئاتمايدۇ\" دەيدۇ، بور قوپۇپ: \"خۇدايىمغا نىمە قىلىشنى ئۈگەتمە\" دەپ جاۋاب بىرىدۇ (Einstein: God does not throw dice; Bohr: Stop telling God what to do). (بۇ يەردىكى خۇدايىمنىڭ ئالچۇ ئېتىشى، كۋانىت مېخانىكىسىدىكى ئىھتېماللىقنى كۆزدە تۇتقان، ئېينىشتىيىننىڭ پىكرىچە، مەن ئاينى ئاسمانغا قاراپ كۆرەي كۆرمەي، ئاي يەنىلا شۇ يەردە مەۋجۇت دەيدۇ، لېكىن كۋانت مىخانىكىسىدا، ئەگەر ئاينىڭ ئورنىغا بىر تال ئېلېكترون قويساق، بىر قارىساق شۇ يەردە بار، يەنە بىر قارىساق يوق، يەنى ھەر يەردە بولۇشى ئېھتىماللىقى بار، ھەم بۇ ئېھتىماللىقنى ھىسابلىغىلى بولىدۇ). ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملارمۇ، كۋانت مىخانىكىسىدىن \"نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ\" دىگەن سۇئاللارغا جاۋاب بىرەلمەيدۇ، پەقەت ھالىتىنى شۇنداقكەن دەپلا جاۋاب بىرىدۇ. (dont ask my why and how, thats the way it is)



مىنى بەكىرەك ئويلاندۇرىدىغىنى، چوڭ پارتىلاش نەزەريىسىدە، پۈتۈن ئالەم ئىنتايىن قىززىق ۋە ئىنتايىن زىچ بىر تال نۇقتىدىن پارتىلاپ پەيدا بولغان دېيىلىدۇ (@bilig: نىمىشقا يوقلۇقتىن دەپ ئالدىڭىز، شۇ يىرىنى چۈشەنمىدىم). ھەم ئالەمنىڭ سوۋۇشى جەريانىدا بىز بىلىدىغان ئاساسى زەررىچىلەر بارغانچە سوۋۇپ ھەر خىل ماددىلارنى شەكىللەندۈرگەن. ماددىلار بارغانچە مۇرەككەپ قۇرۇلمىلارنى شەكىللەندۈرگەن. بىلىشىمچە ئاساسى زەررىچە (نەزىرىمىزدىكى ئەڭ بۆلىنمەيدىغىنى) يوقتىن پەيدا بولمايدۇ، ھەم يوقاپ كەتمەيدۇ. دېمەك بىز كۆرۈۋاتقان دۇنيادىكى بارلىق ماددا (بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم) ئەزەلدىنلا بار، يەنى بەدىنىمىزدىكى 10^27 ساندىكى ئاتوملارنىڭ مەنبەسى يەنىلا يەرشارى، ئەمدى شۇ ئاتوملارنى تۈزگەن ئاساسى زەررىچىلەر يەنىلا شۇ چوڭ پارتىلاشتىن كەلگەن. دىمەك بىزنى تۈزگەن ماددىنىڭ يىشى يەنىلا 13.7 مىليارد يىل بولىدۇ. يەنى پەقەت ماددا نۇقتىسدا تۇرۇپ، چوڭ پارتىلاش نەزەريىسى بىزگە: يارلىش پەقەت بىر قىتىمدىلا بولغان دەيدۇ. ھازىرقى دۇنيا پەقەت شۇ ماددىنىڭ توختىماي سوۋۇشى جەريانى. تىخىمۇ قىززىق يىرى، ماددا سوۋۇغانسىرى قۇرۇلما مۇرەككەپلىكىگە قاراپ كىتىۋاتقان بولىدۇ. يەنى ئىنتايىن ئاددى، ئامما ئىنتايىن يۇقۇرى بىر ئىنىرگىيە ھالىتىدىن ئىنتايىن مۇرەككەپ ئەمما تۆۋەن ئىنىرگىيە ھالىتىگە يۈزلىنىش.

جانلىققا قانداق ئېنىقلىما بىرىش كېرەك؟ ئالەمدىكى ھەر قانداق بىر ئېلېكترون ئۆزىگە خاس ھالەتتە بولىدۇ، ئىككىنچى بىر ئوخشاش ھالەتتىكىسى تېپىلمايدۇ. بىر ئوربىتىدا ئىككى ئېلېكترون ياشىيالايدۇ، لىكىن سىپن ھالىتى چوقۇم قارمۇ-قارشى بولۇشى كېرەك. بۇ دىگەنلىك ئېلېكترونلارنىڭ بىر بىرىنى سىزىش/تەسىرلىشىش ئىقتىدارى شۇ قەدەركى، بۇ يەردىكى ئىنكاس نۇر تېزلىكىدىنمۇ تېز بولىدۇ. بىر تال ئېلېكتروننىڭ ئىنىرگىيە ھالىتىنى ئۆزگەرتكەن شۇ دەقىقىدە، نەزەرىيە جەھەتتىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئېلېكترونلارنىڭ ھالىتى ئۆزگىرىدۇ، چۈنكى ئۈستىدە دىيىلگەن قائىدىگە چۈشۈشى كېرەك، يەنى ئوخشاش ھالەتتىكى ئىككى ئېلېكترون مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، بۇ ئارلىققا مۇناسىۋەتسىز. دىمەك، مەلۇم پىكىردە، ئېلېكترونمۇ ئاڭغا ئىگە بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ چۈنكى بىز بىلىدىغان دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىيتساق، ئېلېكترونلار بىزنىڭ ئۇلارغا قارىغان-قارىمايۋاتقانلىقىمىزنى بىلىدۇ دىگەندەك خۇلاسە چىقىپ قالىدۇ. بۇنى ئەلۋەتتە فىزىكىدا ماكس بورننىڭ قائىدىسى بىلەن چۈشەندۈرىمىز، يەنى ئىھتېماللىق دولقۇنى دىگەندەك. ماددا جانسىز دىگەنلىك ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك ئېنىقلىما بولۇپ قالدىمۇ دەيمەن؟ يەنە بىر نۇقتا: بىزنى تۈزگەن ماددا پۈتۈن ئالەمدىكى ماددا بىلەن پۈتۈنلەي تەسىرلىشىپ تۇرغان بولىدۇ.



بىلىگنىڭ يازمىسىنڭ ئاخىرىدا دىيىلگەدەك، بىز كۈزەتكەن ئالەمدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم نەرسە قاراڭغۇ ئىنىرگىيە ۋە قاراڭغۇ ماددا (قاراڭغۇ= بىز بىلمىگەن نەرسىلەر) دىن ئىبارەت. سىرلار يەنىلا تولۇپ يىتىپتۇ، ئالىملار شۇ چۈشەندۈرۈش يولىدۇ ئىزدىنىپ كىتىۋاتىدۇ، ھەم بۇ ئىزدىنىشلار ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى ئۆزگەرتىپ كىتىۋاتىدۇ. مىسالەن، نىسبىيلىك نەزەريىسى بويىچە ھىسابلاش ئىلىپ بارمىغاندا، سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش سېستېمىسى GPRS ئىشلىمەيدۇ، يەنى ئورۇن بەلگىلەش مۇمكىن بولمايدۇ.



تەبئى پەن ھىچ نەرسىنى 100% توغرا دىيەلمەيدۇ، بەلكى ئۈزلۈكسىز بىر توغىرلىققا يىقىنلىشىپ ماڭىدۇ. شۇنداقتىمۇ بەزى نەرسىلەرنىڭ 100% خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالايمىز.



مۇشۇنداق بىر تېمىنى يىزىشنى پىلانلاپ يۈرگەنتىم، بىلىگنىڭ يازغىنىدىن بەكلا خوش بولدۇم، ئەمدى يىزىشىمنىڭ ئورنى قالماپتۇ، نۇرغۇن ۋاقتىم تىجىلىپ قالدى.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 04:42:42

ھاجىم، پەچەت تىمىدىن بىرنى يىزىپ قوياپلا لىكىن\"\" بولسا پ د ف قىلىپ چىقىرىپ قويسىڭىز قىززىققانلار چۈشۈرۋالسا ياخشى ئوقۇشلۇق بولغۇدەك.

بىر مەيدان ئىلمى يىغىن ئاچىدىغان سورۇن بولاپتىكەن...

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:26:13

ھاجىمنىڭ يازمىسىغا ئەلادىن بىرسى كەتتى \"\"

قېنى ماۋۇ @izdanguqiman@ئىزدەنگۈچىمەن دىگەن پوۋاش، مەۋەگە كىرىپ بىر مۆ دەڭلار سىلىمۇ \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:41:33

كىۋانت مىخانىكىسىنى دۆلەت ئىچىدىكى غەيرى دەرسلىك ماتىرىياللىرىدا فوتوننىڭ 偏振ھالىتى تەجرىبىسى بىلەن چۈشۈندۈرىلىدىكەن، بىلىگ سىزمۇ شۇنى سىناپ باقسىڭىز. يەنە بىر گەپ، ماددا ئارىسىدىكى تېزلىكتىن ھالقىغان تەسىرچانلىقنى تار نەزىرىيىسى ھەل قىلالامدۇ؟ جېكقا مۇشۇ توغرىسىدا نەرسە يازساڭ بولىتى دىسەم بىكار بولالمىدى، ما ئىككىڭلار سېستىمىلىقراق قىلىپ يېزىپ بېقىڭلار ئۈندەش بەلگىسى ئىشلەتمەي \"\"

يۈز يىلدىن بېرىقى فىزىكا بىزگە كائىناتنىڭ ئەقىل يەتكۈسىز دەرىجىدە مۈرەككەپلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بىر كۈنلەردە يېپيىڭى بىر لوگىكا-ماتىماتىكا قورالىنى كەشىپ قىلىۋالسا قان قۇسۇپ ئۆلەپ كېتىمىزغۇ دەيمەن \"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 16:28:11

@oghuzkb قېرىندېشىم،

نىمە دىگىنىڭىز ئۇ، قوشۇلسڭىز دىگەن؟ ئاددى كۆرمەي بلوگىڭىزغا يۆتكىسىڭىز ئەلبەتتە خوش بولىمەن.

‹‹ۋاقتىم تىجىلىپ قالدى›› دەپ يۈرمەي سىزمۇ تولۇقلاپ يازسىڭىز، تەبى پەنچىلەرمۇ پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىلى، تەبى پەنگە قىزىقىش ئېقىمىنى قوزغالسۇن بىزدىمۇ...

-------------------------



ئالدى بىلەن سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب بىرەي:

1. نىمىشقا كۋانىت گرەۋىتى دەپ ئالدىڭىز؟

تارتىش كۈچى دىيىش ئەقلىمگە كەلمەپتۇ. گرەيۋېتون دىگەن مەۋھۇم زەرىچە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن چۈشىنىشلىك بولسۇن دىگەندىمەن بەلكىم...



2. چوڭ پارتىلاش نەزەريىسىدە نىمىشقا يوقلۇقتىن دەپ ئالدىڭىز، شۇ يىرىنى چۈشەنمىدىم

ئاتالمىش ‹‹چوڭ پارتىلاش›› نەزەرىيەسى گەرچە ئالەمنىڭ كېڭىيىشدىن ئىبارەت پاكىتنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، مەن ئاخىرىدا تىلغا ئالغاندەك مەنتىقىسىزلىق مەۋجۇت، يەنى ئاڭ ۋە روھقا ئىگە بولغان ئادەملەرنى (ۋە باشقا مەخلۇقلارنى) ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەم ئاڭسىز بىر غەيرى ماددى نوختىنىڭ سەۋەپسىزلا پارتىلاپ پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش...

يوقلۇقتىن پەيدا بولدى بىلەن باردىن پەيدا بولدى دىيىش ناھايىتى چوڭ پەرقلىق بولىدۇ. ئالدى بىلەن پۈتۈن كائىنات قانداق شەكىللەندى؟ دىگەن سۇئال ھەققىدە قايتا پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى:

ھەممە نەرسىنى سەۋەپ-نەتىجە قانۇنىيتى بويىنچە بىر بىرىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن دىسەك، (يەنى خۇددى چوڭ پارتىلاشتىكى ئەڭ ئاساسي زەرىچىلەردىن تارتىپ يۇلتۇز سېستىمىللىرىنىڭ شەكىللەنگىچە بولغان تەرەققىيات.) ئەڭ دەسلەپتىكى سىز بار دەپ قارىغان ماددي نوختا زادى نىمە؟ ئۇ نىمىنىڭ تەرەقىيات مەسھۇلى؟

بىر نەرسە ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدىن ئۆتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھەممە مەۋجۇداتنىڭ چوقۇم بىر باشلىنىش نوختىسى بار. ئۇنى ياكى ھەممىدىن قۇدرەتلىك، غەيىپ ئېگىسى اللە نىڭ يارىتىشىغا ئاپىرىمىز ياكى ئاڭسىز ماددىي نوختىنىڭ ‹‹ يارىتىشى›› غا ئاپىرىمىز.

ئاڭسىز ماددىي نوختىنىڭ باشلانمىسى نىمە ئىدى؟ يوق، ئەزەلدىنلا بار....... نىمە، نىمە؟! بىر ماددىنىڭ ئەزەلدىن بار بولىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ئەلبەتتە سىغمايدۇ. چۈنكى مىتافىزىكا ئۆزىنىڭ لوگىكىسىدا ماددا ماددىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن... ئەمسە بۇ چەكسىزلىككە ئەقىل يەتمىدى، پارتىلىغان بولسا پارتىلاپ تۇرسۇن...

خوش، ئەمدى ‹‹ئەزەلدىن بار بولغان ۋە ئەزەلىي مەۋجۇت بولىدىغان بىر ياراتقۇچى بۇ كائىناتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈردى›› دىسەكچۇ؟ بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. چۈنكى ھەممىنىڭ چىكى ئاخىرى بىرىپ، بىر سەۋەپكە ئىگە بولمىغان مەۋجۇتلۇققا بېرىپ تاقالغانىكەن، بۇ سەۋەپكە ئېگە بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق ياراتقۇچى اللە بولىشى كىرەك! ھەممە بارلىقنى ياراتقاچقا ئۇنى بىز ‹‹ ياراتقۇچى›› دەيمىز ئەمەسمۇ؟

بەزى كالۋا، جاھىل كىشىلەر(نەئۇزىبىللاھ) ئەمسە ياراتقۇچىنى كىم ياراتقان...؟ دەپ تۇرىۋېلىشقا ئامراق. بۇنداق سۇئال لوگىكىلىق خاتالىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، سورىغۇچىنىڭ تولىمۇ ئەقىلسىز كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ياراتقۇچى دىيىلگەن ئىكەن ئۇ ھەممىنى ياراتتى دىگەن گەپ، ئەمسە ياراتقۇچىنى ياراتقان دىگەن قانداق پىكىر ئۇ؟!...



بار بولغان ماددىي نوختىنىڭ پارتىلاپ بۇ ئالەمنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئىسپاتتىن ئۆتمىگەن بىر پەرەز. توغرا بولغان تەختىردىمۇ ياراتقۇچى ئۇنى پارتىلىتىپ شەكىللەندۈرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياراتقۇچىنىڭ يارىتىشىغا ۋاقىت لازىم بولمايدۇ، ‹‹ ھۇجۇتقا كەل!›› دەپ بۇيرىيدۇ، شۇ ھامان ھۇجۇتقا كىلىدۇ.



پىكىرلىرىم سەل قېيىپ كەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ياراتقۇچى اللە تىن باشقا ھەممە مەۋجۇداتنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىشى ئەقىللەر قوبۇل قىلىدىغان، قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. بۇ ھەقتە ۋاقىت چىقىرىپ ئايرىم تېما يېزىشىم مۇمكىن...

بۇ دىگەنلىرىم سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بەرگەندەك تۇرغان بىلەن سىزگە قارىتىلغان گەپلەر ئەمەس جۇمۇ، مەن سىزنى ئوبدان تونۇيمەن.{:90:}

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 16:47:31

@tepekkurchi ھاجېېېم. بىر مەيدان ئىلمى يىغىن ئاچىلى، سورۇنغا رىياسەتچىلىك قىلىسىلا ئەمسە.
بەت: [1] 2 3
: (بىلىك) تەبىئەت پەلسەپىسىدە ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ سىرى