abduhelil70 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 22:14:01

‹‹ئېسىلبالىق(پەزىلەتلىك شەھەر) ئاھالىسى توغرىسىدىكى قاراشلار››

   <<ئېسىلبالىق ئاھالىسى توغرىسىدىكى قاراشلار>> فارابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئسەرلىرىنىڭ بىرى.ئۇنىڭدىن بىز فارابىنىڭ پىكىر دۇردانىلىرىنى ۋە پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرىنى كۆرەلەيمىز.       كىتاب باشلىنىشىدىلا <<ئىلاھىيەت>>نى تەتقىق قىلىدۇ.    فارابى ئاللانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەپ ئولتۇرمايدۇ،بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەبئيلا ئېتىراپ قىلىدۇ ھەم ئۇنى بۈيۈك <<ۋاجىد(بىرىنچى مەۋجۇتلۇق)>> دەپ ئاتايدۇ.ئۇ دەيدۇكى: بىرىنچى مەۋجۇتلۇق بارلىق شەيئلەرمەۋجۇتلۇقىنىڭ دەسلەپكى سەۋەبى،ئۇنىڭدا ھېچقايسى جەھەتتىن كەمتۈكلۈك يوق،ئۇ ئەڭ مۇكەممەل،ئەڭ ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇق،ئۇنىڭدىن مۇكەممەل،ئۇنىڭدىن بۈيۈك مەۋجۇتلۇقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.مەۋجۇتلۇقنىڭ مۇكەممەللىكى جەھەتتە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق؛ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇلۇغلۇقى جەھەتتە ئۇنىڭ دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن. شۇڭا،ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەرگىز باشقا ھېچقانداق مەۋجۇتلۇقتا بولۇپ قالمايدۇ


      بىرىنچى مەۋجۇتلۇق ماھىيەت ۋە ئەسلى زات جەھەتتە ئىپتىداسىمۇ يوق،ئۇ مەڭگۈلۈك،باشقا ھەرقانداق شەيئىنىڭ شاپائىتىگە مۇھتاج ئەمەس،ئۇ ئۆز ماھىيىتى ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەم ئەبەدىي مەۋجۇت بولىدۇ.باشقا ھەر قانداق مەۋجۇتلۇق ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. ئۇنىڭ يىلتىزى بولمايدۇ،ماددىسىمۇ،شەكلىمۇ بولمايدۇ،چۈنكى،شەكىل پەقەت جىسىم دۇنياسىدىلا مەۋجۇت.


   بىرىنچى مەۋجۇتلۇق باشقا ھەر قانداق مەۋجۇتلۇققا ئوخشىمايدۇ،ھەر قانداق شەيئى ئۇنىڭغا تەڭداش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.بىرىنچى مەۋجۇتلۇقتا قانۇنىيەتچانلىق بولمايدۇ،يەنى ماھىيەتلىك ئېنىقلىمىسىنى ئىپادە قىلمايدۇ. چۈنكى قانۇنىيەتچانلىق،ئېنىقلىما بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان شەيئىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ قىسمىتى. ناۋادا بىز ئاشۇ قىسىملارنى بىلسەك،ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ بىلەلەيمىز.بىرىنچى مەۋجۇتلۇق ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئېيىتقندا،بىر پۈتۈنلۈك بولغانلىقتىن،ئۇنى قىسىمغا بۆلۈشكە بولمايدۇ،شۇڭا ئۇنىڭدا قانۇنىيەتچانلىقنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.


    بىرىنچى مەۋجۇتلۇق ھېچقانداق مەۋجۇتلۇققا ئوخشىمىغاچقا،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە پەقەت ئۇنەڭ زاتىغا مەنسۇپ بولىدۇ. شۇڭا،ئۇنىڭ يەككە تېنى دەل ئۇنىڭ زاتى ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا يا ماددا،يا شەكىل بولمىغاچقا،ئۇ ئەمەلىيەتتە ھېكمەتتۇر.چۈنكى،ھېكمەت ماددا ياكى شەكىلگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغان بىردىنبىر مەۋجۇتلۇق. ئۇ ھەممىدىن بۈيۈك بولغانلىقتىن،باشقا ھەرقابداق شەيئىگە ئوخشىمايدۇ،شۇڭا باشقا مەۋجۇتلۇقلارمۇ ئۇنى بىلەلمەيدۇ.ئەمما ئىنسان بىرىنچى مەۋجۇتلۇقنى چالا-بۇلا ھېس قىلىدۇ.چۈكى،ئىنساننىڭ ئەقىل كۈچىمۇ ئاجىز بولىدۇ.ھەر قېتىم روھ تەن ئىسكەنجىسىدىن بوشىنىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا،بىزنىڭ بىرىنچى مەۋجۇتلۇققا بولغان تونۇشىمىز تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ.


   ئاللانىڭ بۈيۈكلۈكىگە،ھەيۋىتىگە،يۈكسەكلىكىگە ھەر قانداق ئادەم شېرىك بولالمايدۇ.بەلكىم،بۇ بىرىنچى مەۋجۇتلۇق ئۆز-ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇپ،ئۆز-ئۆزىدىن سۆيۈنۈپ تۇرىدىغاندۇ،چۈنكى،ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئەڭ مۇكەممەل تونۇشتۇر.


؛

abduhelil70 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 22:47:42

ئۆزرە، مەنبەنى ئەسكەرتمەپتىمەن.   مۇسا مۇساۋىنىڭ ‹‹ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە›› ناملىق كىتاۋىدىن.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 23:21:25

ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى 99 غا ئايرىلىپ ئىنىق شەرھىيلەنگەن. ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۇ سوپىلارنىڭ ئاللاھ ۋە مەۋجۇدات توغرىسىدىكى بىلجىرلاشلىرى ھېچنىمىنى بىلدۈرمەيدۇ. تارىختىكى خۇراپات دېيىلسە مۇشۇلارنى دىسە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئاخىرى بېرىپ زاماننىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىدىغان كۆز- قاراشلىرى تارىختا نۇرغۇن ئالىم- ئۆلىمالارنىڭ ھاياتىنى زايا قىلغان. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولۇشى ھېچكىم خالىمايدىغۇ دەيمەن.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 00:15:26

2- قەۋەتتىكى arislanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى 99 غا ئايرىلىپ ئىنىق شەرھىيلەنگەن. ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۇ سوپىلارنىڭ ئاللاھ ۋە مەۋجۇدات توغرىسىدىكى بىلجىرلاشلىرى ھېچنىمىنى بىلدۈرمەيدۇ. تارىختىكى خۇراپات دېيىلسە مۇشۇلارنى دىسە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئاخىرى بېرىپ زاماننىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىدىغان كۆز- قاراشلىرى تارىختا نۇرغۇن ئالىم- ئۆلىمالارنىڭ ھاياتىنى زايا قىلغان. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولۇشى ھېچكىم خالىمايدىغۇ دەيمەن.



فارابىخوراپاتلىقنى تەرغىب قىلغاچقا دۇنيادا بىلىدىغان كىشلەر كۆپ ئىكەندە ؟ سوپىلارنىڭ رەزىللىكىنى يەنە بىر قىېتىم ئاشكارلىۋەتمەيلىما . بىلمىگەنلەر بىلىپ قالىلى ،ماۋۇ فارابىدەك \"بىلجىرلىماي\" ،\"تالانتلىق\"يازغۇچىلارنىڭ رومانلىرىنى نەقىل قىلماي تۇرۇپ ، كىشىنى قايىل قىلىدىغان دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويوپ تەپسىلى بىر شەرھىلىۋەتسەك ياخشى بولىتى. قاچانلا قارىسام سوپى بىلەن ئازراقلا مۇناسىۋېتى بار تېما بولسا ، سىلى بار شۇ تېمىدا . راھىلە داۋۇت دىگەن ھەدىمىزنىڭ يازغان ماقالىلىرىنى بىر - بىرلەپ تېما قىلىپ يوللايدىغان ئىشمىكىن يا . مەنغۇ ئىسلامدىن كىيىنكى ئۇيغۇرنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى تەسەۋۋۇپ بىلەن زىچ باغلىنىشلىق دەپ بىلىدىكەنمەن . مىڭ يىللىق تارىخ دىگەن سۆز يىلنامىلا ئەمەستۇ ؟ ئۇيغۇرنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغىچە ، ئۇيغۇر مەدەنىيېتىنىڭ ھەر - بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە بولغان 1000 يىللىق سەزگۈرەشتە ئاندىن مىڭ يىللىق تارىخ بولار . بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ھەممىنى ئىنكار قىلىۋەتسەك ياخشى بولمامدىكىن دەپ ئويلايمەن . تارىختىكى نامى قالغان كىشىلەرمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك سوپى بولۇپ چىقىدۇ . بۇلارنى ئىنكار قىلغانلىق ئۆزىمىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق بولار ؟


بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭخاتالىقىنى بىر مىللى توپقا ئارتىپ قويىدىغان ئاشقۇنلۇق ھازىرمۇ ھەرخىل شەكىلدە مەۋجۇت ، بىر سەنئەتكار قىز يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينىسا ، پۇتۈن ئۇيغۇرنىڭ سەنئەتكارلىرى بۇزۇققا چىقىرىلىپ ئەيىپلەنسە ، بىر يازغۇچىنىڭ يازغان ئەسىرى تۇتقا قىلىپ پۈتۈن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا قارا سۈركەلسە ، نەچچە ئۇيغۇرنىڭ قىلمىشى بىلەن ئۇيغۇر دىگەن مىللەت زادى ناچار مىللەت دەپ ھۆكۈم چىقىرىلسا ئادالەتسىزلىك بوپ قالار . يۇقۇرقى مىساللارنى سىز شۇنداق قىلدىڭىز دىگىنىم يوق ، ئاچچىقلىنىپ يۈرمەڭ ، ئاچچىق ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان بىر سەۋەپ ، ئاشقازان كېسىلى ، يۈرەك كېسىلى دىگەنلەر ھەممىسى مۇشۇ ئاچچىقلىنىشتىن كېلىدۇ . بىر ئاچچىق بىلەن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ قالىدىغان ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس .\"\" دىمەكچى بولغىنىم سوپى ئاتالغان ناچار ئادەملەر بار ، مۇشۇ ئادەملەرنىڭ خاتالىقىنى تۇتۇۋېلىپ پۈتۈن تەسەۋۋۇپقا خاتا دەپ رەددىيە بەرسەك توغرا بولماسمىكىن دەيمەن . پەيغەمبەر دەۋرىدىن تارتىپلا بار ھەمدە بارا- بارا مۈكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئىديە ئېقىمى ، كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ئۆزگىچىلى بولمىسا بۇرۇنلا يوقاپ كەتسە بولاتتى .

namsiz74 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 10:55:31

‹‹ۋاجىد›› دېگەن سۆز ‹‹بىرىنچى مەۋجۇتلۇق›› دېگەن گەپمۇ؟ مېنىڭ ما ئاددىي كاللام ماۋۇ قالتىس ‹‹ئاتالغۇ››نى دېگۈدەك ئاڭقىرالمىدى. نېمە قىلىدۇ ئۇنداق قالتىس ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ؟ كىشى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغان گەپكەن ئۇنداق ئاتالغۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا. چۈنكى، ماڭا ‹‹ئاللاھ›› ‹‹ياراتقۇچى›› دېگەندەك ئىبارىلەر بەكرەك يېقىن ھەم يېقىملىق ۋە چۈشىنىشلىك.
بەت: [1]
: ‹‹ئېسىلبالىق(پەزىلەتلىك شەھەر) ئاھالىسى توغرىسىدىكى قاراشلار››