berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 12:22:01

جىددى ئادەم ئىزدەش ئېلانى

بىرسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ئۇچۇرنى يوللىدىم، بولسا تېخىمۇ كۆپرىك تورغا يوللاپ قويساق، مەيلى نېمە ئشى يۈز بەرگەن بولسۇن ساق سالامەت قايتىپ كەلگىلى نىسىپ قىلسۇن. ھەپتىدىن ئېشىپتۇ، ئېلاننى بۈگۈن چىقارغان گەپ.


مۇشۇ كۈنلەردە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان ئشىلار بەك كۆپىيىپ كېتىپ باردىدۇ، بىرسى كۆيىۈپ كۋتىۋاتقان، يەنە بىرسى كېسەل ئازابىنى تارتىۋاتقان، يەنە بىرى يۈتۈپ كېتىۋاتقان، قەيەرگىلا قارىسا  نالە-زارە، چىداپ بولماق تەس ئىكەن، شۇلار ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلساق، نەتىجىسى ئاللاھتىن.


مارالبېشى چارىباغ يېزا 8-كەنىت 3-مەھەللىدىن ئەنۋەر نۇرنىڭ قىزى شەھىدە ئەنۋەر 7ياش، بۇقىز 2012- يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00دە مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقىدا يوقاپ كەتكەن. بالىنىڭ ئۇچىسىدا جىگەر رەڭ چاپان، بېشىدا يۇلغۇن چېچىكى  پوسما ،نۇزەي يوپكا كېيگەن، بالىنىڭ تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىدى. ئۇچراتقۇچىلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بالىنى تېپىپ بەرگۈچىلەر بولسا ياكى تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر قىلغۇچىلار بولسا  سۆيۈنچە بىرىپ  رازى قىلىمى .


بالىنىڭ دادىسىنىڭ تېلېفون نۇمۇرى 15276100071---13579331925


bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 15:48:47

《نۇزەي يوپكا كېيگەن، 》دەپ قويۇڭ ،



مۇشۇنداق يۈتۈپ تىپىلغان بالىلار قانداق ،قەيەردىن تىپىلغانلىقىغا بەك قىزىقمەن؟



بالدۇراراق تىپىلىشغا تىلەكداشمەن.

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 16:00:40

10 كۇن بوپتۇ، ئاتا - ئانىسى قان يىغلاپ تۇرغاندۇ، تىپىلىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن. موشۇنداق باللارنىڭ سۈرىتىنى يوغان قىلىپ پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق مۇھىم قاتناش بىكەتلىرىگە ئايرىم دوسكا قىلىپ چىقىرىپ قويسا، ھۆكىمەت موشۇنداق كىچىك باللارنى ئىلىپ شەھەر،ئۆلكە ئاتلاپ يۈرگەنلەرنى چىڭراق تۇتسا ئۈنۈمى بەكرەك بولامتىكىن دەيمەن.

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 16:01:41

ئەفىفىيكا ئا بېشىدىكى خەتنى ئۆچۈرۋېتىپ چىقىرىڭ دېسەم قارىغاندا مەزمۇننى ئوقۇمايلا چىقىرىپسىز-ھە!

@bughra-oghli مەن دېگەن گەپ ئەمەس ئىدى، شۇلار شۇنداق يېزىپتىكەن، پادىچىلار كۆينىكى دەپ ئۆزگەرتەيمىكىن دەپ ئۇنداق قىلمىدىم.

  توغىرسىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز تېخىمۇ خوش بولاتتىم.

خەت نورمال كۆرىنمىگەچكە بەزى جايلاردا ئىملا خاتالىقى بولۇپ قاپتۇ، قاتتىق ئۆزۈر. \"\"

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 17:07:07

رەسىمىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز ، مۇراجەت تورىغا چىقىرىپ قويسام .

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 17:45:31

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 18:34:30

تىپىلىپ قالسا خەۋەر قىلىۋتەرسىز ھە،،،خاتىرجەم بۇلوپ قالايلى،،، \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 18:42:10

ھۆكىمەت مۇقۇملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتقاندەك ، مۇشۇ ئادەم يۈتۈپ كىتىش مەسىلسىنى چىڭراق تۇتۇپ قويسا

بەك ياخشى بولاتتى يۈتۋاتقانلارنىڭ ،،ئىچكى ئەزاسى ئوغۇرلۇنۇپ جەستى تاشلىۋتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزدىن ،،

بارغانسىرى ئادەمنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كىتىپ باردىغۇتاڭ ،، \"\"

306398168 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 22:53:21

ئاتا ئانىسىنىڭ يۇرەكلىرى سۇ بوپ كەتكەندۇ مۇشۇ تاپتا،

ھەي ئىسىت.

بىز تەرەپتىكىگە ئوخشاش قەدەمدە بىر كۈزۇتۇش ئۇسكىنىلرى يوق ئوخشايدۇ .. مارالبېشىدا

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 08:49:59

كەرەملىك اللاھ ئاسانلىقنى بىرەر! مارالبىشى دىن ئىزدىنىشكە كىرىۋاتقانلار ئاۋۇ تىلفۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ ،چوقۇم رەسىمى بار بولىشى مۇمكىن ،رەسىمىنى يوللىۋەتكەن بولساڭلار ،ئاشۇ قىزنى تىپىشىپ بەرگەن ساۋاپقا ۋە مىللىتىڭىز ئالدىدا قېرىندىشىڭىزدىن بىرنى تىپىشىپ بەرگەندەك خىزمەت قىلغان بولاتتىڭىز.

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 12:04:17

@terjime

@koqahawiri1 ماڭا ئەۋەتكىنى بەك كىچىك ئىدى، شۇڭا ئەتىگەن تېلېفون قىلسام بۇ يەردە توك توختاپ قالدى، توك كەلسىلا يوللاپ بېرەي، دەيدۇ، ئۇلار ئەۋەتكەن ھامان سىزگە يوللاپ بېرەي، خۇدايىم بۇيرىسا. رەھمەت كۆپچىلىك، ئاللاھ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىپ قىزنىڭ ساق-سالامەت قايتىشىغا نىسىپ قىلسۇن.

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 13:08:08

‹‹ئەلا››نى بېسىپ قويۇم

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 13:11:15

ئۈچ خەتنىمۇ توغرا يازالماپتىمەن يا . راسلا بەك خىجىل بوپ كەتتىم ئالدىراپ يېزىپ قالغانتىم ئەسلى . يۈزۈم بەكلا قىزرىپ كەتتى . شەپقەتلىك ئاللا ھەممىنى ئاسان قىلار !

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 13:26:26

11- قەۋەتتىكى ALFA07نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹‹ئەلا››نى بېسىپ قويۇم

رەھمەت! باشقىلارمۇ بېسىپ قويسا بوپتىكەن، جىقراق ئادەملەر كۆرسە،


ئەتىگەن تېلېفون قىلسام خەۋىرى يوق دەيدۇ.\"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 14:27:53

ۋېيبوغا چىقىرىپ قويدۇم ، ئاللاھ تىزراق تېپىلىشقا نىسىپ قىلسۇن ! رەسىمى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.  مومكىن بولسا تىزراق تەمىنلىسىڭىز!

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 17:09:00

‹ئەلا›نى بېسىۋەتتىم، سىڭلىمىزنىڭ بالدۇرراق تېپىلىشىغا تىلەكداشمەن!

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 17:30:46

@UyghurBaligh

@ terjime دادىسىغا تېلېفون قىلغان ئىدىم، ئاۋازى شۇنداق بوش، يىغلىۋېتىدىغاندەكلا، مىنىڭ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى، بالا كەلسە قوشلاپ كەپتۇ دېگەندەك ئايالىنىڭ دادىسى يەنى قېيىئاتىسى تۈگەپ كېتىتۇ، بالىنىڭ دەردى بىر، يۇقاپ كەتكەن چاغلاردا شۇ ناھىيدىكى تېلۋىزوردا ئېلان بەرگەن ئىكەن. ئۇمۇ بولماي بىرسىنىڭ دېيىشى بىلەن تورغا چىقارماقچى بوپتۇ. بالىنىڭ رەسىمىمۇ يوق ئىكەن، تېلېفوندا تارتقان شۇ بىر پارچە رەسىمىدىن باشقا. بەكلا كىچىك، شۇنى بولسىمۇ چىقىرىپ تۇرىلى. رەسىم چىقىرىشقا ئۇستاراق بىرەسىڭلار غاچچىدە چىقىرىپ بەرسەڭلار.

uqkun500 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:27:24

بىزنىڭ بۇ چىرا ناھيىسىدە بالام يۇتۇپ كەتتى دىسىمۇ داۋزىدىن كىرگۇزمەيدۇ ، بۇ بالنى كۆرگۇچىلەر بولسىمۇ خەۋىرىنى قىلىۋەتسەڭلا ،

http://bbs.misranim.com/thread-93818-1-1.html


http://bbs.misranim.com/thread-93818-1-1.html

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 21:06:52

\"\"


ئۈستىدىكى بۇ قىزنىڭ تېلېفۇندا تارتىلغان رەسىمىكەن . ئانچە ئېنىق بولمىسۇ ھەر ھالدا چىراي -تۇرقىنى پەرىق قىلغىلى بولىدىكەن . ساخاۋات ئىزدەيدىغان ۋە ئادەم ئىزدەش ئۇچۇرلىرىنى ئىزدىگۈچىلەر ياكى ئۇچۇر يوللىغۇچىلا www.murajat.org  ۋە  www.yardam.biz  غىمۇ كىرىپ تۇرغايسىلەر .

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 21:34:24

@terjime ئاللاھ كۆپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن،

كۆپچىلىك سىلەرمۇ بار كۈچىڭلار بىلەن ياردەم قىلساڭلار، ھەر قانداق تور بېكەتلەرگە چاپلىساڭلار بولىدۇ، ئۈندىداردا بولامۇ چ چ دا بولامدۇ... \"\"
بەت: [1] 2
: جىددى ئادەم ئىزدەش ئېلانى