kimlik يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 11:43:13

بىر سەنئەتكارنىڭ دىگەنلىرى

بىر سەنئەتكارنىڭ دىگەنلىرى



ئاپتورى :مەرۋايىت



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.


ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇ قانداق نەرسە؟ سەنئەت بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ سىزنىڭ ۋە مېنىڭ قەلبىمدىكى سەنئەتنىڭ ئورنى قانداق؟ سەنئەت ۋە روھنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ نېمىشقا ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئاشۇ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر بېسىقمايدۇ؟ بىر سەنئەتچىنىڭ قەلب بوشلۇقى زادى قانداق؟ سەنئەت نوقۇل ناخشا-مۇزىكىمۇ؟ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار زادى قانداق كىشىلەر؟ ئېلىم-پەن ۋە سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟


يۇقىرقىلار ھەربىر ئەدەبىيات-سەنئەتكە قىزىقىشى بولغان ھەر - بىر كىشىنىڭ ئۆزى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكىلەردىن كۈتىدىغان سوئالى دېسەك ئارتۇق كەتمەس، خوش، ئۇنداقتا بۈگۈن مۇشۇ سۇئاللارغا ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بىر سەنئەتكار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.


ئۇنداقتا بۇ سەنئەتكار كىم؟


بۇ سەنئەتكارنىڭ قەلبىدىكى سەنئەت زادى قانداق نەرسە؟ بۇ سەنئەتكار نېمىشقا مۇشۇ يولنى تاللىدى؟ بىر مەزگىل تارقالغان پىتنە-پاساتلارغا قانداق قارايدۇ؟ ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى، مەقسىدى نېمە؟ ئۇ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەردىن ۋە بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە دۇنياغا بولغان قانداق ئۆزگىچە قاراشلىرى بار؟ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى نېمىلەردىن تەركىب تاپقان؟ بۇ سەنئەتكار بىزگە نېمىلەرنى دەيدۇ؟


بۇ سەنئەتكار دەل ئاتاقلىق كومپازىتور، ناخشىچى زاھىر بورھان. ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس سەنئەت دۇنياسى، ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش سەنئىتى ۋە ئورۇنلاش سەنئىتى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ، مانا بۈگۈن تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە ئۇستاز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ھەمدە ئۇستازنىڭ قەلبىدىكى سەنئەت ئوبرازى، سەنئەت چۈشەنچىسى ھەمدە كۆز قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشتىم. ئۈشبۇ سۆھبەت خاتىرىسىدىن سەنئەتكە قىزىقىدىغان ھەربىر كىشى پايدىلانسۇن دېگەن مەقسەتتە سۆھبەتنىڭ يازمىسىنى ھەم تەييارلاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، دىققىتىڭلار سۆھبەت مەزمۇنىدا بولغاي.


-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن خۇشالمەن، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق پۇرسەتتە سىز بىلەن دىدارلىشىپ، ھەمسۆھبەت قىلغان ئاللاھقا تەشەككۈرلەر بولسۇن، سىزدىن سورايدىغان بىر نەچچە سوئاللىرىم ۋە ئورتاقلىشىشنى ئويلاۋاتقان كۆز قاراشلىرىم بار ئىدى، خالىسىڭىز ئازراق ۋاقتىڭىزنى بەرسىڭىز.



-بولىدۇ، قېنى سوراڭ.



سوئال : ھازىر جەمئىيتىمىزدە سەنئەتچىلەر توغرىسىدا مۇنازىرىلەر بەك كۆپ، يەنى تور بەتلەردە، خەلق ئارىسىدا، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا دېگەندەك، سىزنىڭچە قانداق قىلغاندا ئەدەبىيات-سەنئەت، جەمئىيەت ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟



جاۋاب : سەنئەتچىلەر توغرىسىدا مۇنازىرىنىڭ كۆپ بولۇشى نورمال ئەھۋال. بۇ ئەھۋال بىزنىڭ دىيارىمىزدىلا ئەمەس، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، ياۋرپادا ھەتتا پۈتكۈل دۇنيادا سەنئەتچىلەر ھەققىدە گەپ-سۆز، مۇلاھىزە ۋە سۆز-چۆچەكلەر كۆپ، بۇ نېمە ئۈچۈن دېگەندە دەل كىشىلەرنىڭ شۇنى ياقتۇرغانلىقىدا، ياقتۇرغاچقا تالاش-تارتىش قىلىدۇ، مۇلاھىزە قىلىدۇ، ئۆز-ئارا پىكىرلىشىدۇ. كىممۇ ياقتۇرمىغان نەرسە ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنى خالايدۇ؟ مۇنازىرە بولغانكەن ئۇنىڭدا ھەرخىل گەپلەر بولىدۇ، بەزىلار ئۇنى ئەسكىكەن دەيدۇ، بەزىلەر ياخشىكەن دەيدۇ، بەزىلەر بۇزۇق دېسە بەزىلەر تۈزۈك دەيدۇ. بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان سەنئەتچىلەر ھەرگىز رەنجىمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئىنسان مۇكەممەل ئەمەس، ھەممە ئادەمدە كەمچىللىك بولىدۇ، كەمچىللىك بولغانكەن ئۇنى قوبۇل قىلىش كېرەك، ئاشۇ گەپ-سۆزى بولۇۋاتقان سەنئەتچىنىڭمۇ چوقۇم %50 ئارتۇقچىلىقى بولسا، %50 كەمچىللىكى بار.  لېكىن بىر ئادەمنىڭ كېچىككىنە كەمچىللىكىنى تۇتۇۋىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقىنى كۆمۈپ قويساق بۇ ئەخمىقانىلىق ۋە نادانلىق! ئۇنىڭ كەمچىللىكى ئۇنىڭ ئىنسانىي كەمچىللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ، ئارتۇقچىلىقى بولسا ئاۋامغا تەۋە بولىدۇ. كەمچىللىكى ئۆزى بىلەن كېتىدۇ، ئارتۇقچىلىقى خەلققە ھەمراھ بولىدۇ. شۇڭلاشقا تور بەتلەردە بولامدۇ، خەلق ئارىسىدا بولامدۇ سەنئەتچىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئازراق كەمچىللىكى تۈپەيلى ئۇنى يوققا چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى ھەقىقىي ياخشى سەنئەتچىلەرنىڭ يېتىشمىكى ئاسان ئەمەس، بۇ بىزنىڭ بايلىقىمىز، بۇنى قوغداش كېرەك. يەنە بىرسىگە سەنئەتچىلىرىمىز ئالدى بىلەن ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ نەقەدەر يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئېگە بەكمۇ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، خەلققە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن سەنئەتچىلەر ئېلانلارغا چىقىدۇ، دىققەت قىلمىساق ساختا مەھسۇلاتلار كۆپ ھازىر، ئەمدى دىنىمىزدىمۇ يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ناھايىتى چوڭ گۇناھ، چوڭ خاتالىق! مەسىلەن، سەنئەتچىلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە كۆپ، ئۇلارنىڭ يامان تەرەپلىرى سۆزلىنىدۇ دېدۇق ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ ئېلانغا چىقىشنى  مىسالغا ئالاي، مەن ھازىرغىچە ئېلانغا چىقمىدىم، نېمىشقا؟ مېنى تەكلىپ قىلمامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، مېنىمۇ ئىنتايىن كۆپ تەكلىپ قىلىدۇ، بىر چاغدا بىر بالا بىر خېنىنىڭ ئېلانىغا چىقىپ بېرىشىمنى تەكلىپ قىلدى، چاچقا قويىدىغان خېنىنى بىلىسىز شۇنىڭ ئىلانىكەن، مەن دېدىم «خېنەڭنى ئەكەل، چېچىمغا قويۇپ باقىمەن، بىر يىلدىن كېيىن كەل، ئۈنۈمى بولسا مەن ئىلانىڭغا چىقىمەن، بولمىسا مەن چىقماي، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش جەمئىيەت ئەخلاقىغا، دىنغا ۋە كىشىلىك ئەخلاققا ئىنتايىن خىلاپ، ئىككىلىمىزگە ياخشى ئەمەس» دېدىم، ئۇ راست بىر يىل ساقلىدى، ئەمما قاراپ باقسم ئۇ خېنە تازا ياخشى ئەمەسكەن، ئاشۇ ئېلانغا چىققان بولسام ماڭا 200مىڭ بېرەتتى، ئەمما مەن بۇ ئېلانغا چىقمىدىم. چۈنكى 200مىڭ يۈەن تۈگەيدۇ، ئەمما يالغان گەپنىڭ تەسىرى تۈگىمەيدۇ، ئىككىلا ئالەمدە بۇنىڭ جازاسى بار، مۇشۇ جەھەتتە سەنئەتكارلار دىققەت قىلىش كېرەك. بىر قىسىم سەنئەتكارلار قارىسىغا خەلقنى ئالدايدۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ساختا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغانلارمۇ بار، بۇلار خەلققە بالايى-ئاپەت كەلتۈرۈۋاتقانلار، ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىدىن، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتىدىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئالداۋاتقانلار بار، بۇلار قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. دېمەكچىمەن، سەنئەتچىلەر ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرسە، خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمىسا، ئېغىزدا دېگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى قىلغىنى بىردەك بولسا مۇنازىرىلەردىمۇ ئۇنچىۋالا تەنقىدلەپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولمايدۇ. مۇشۇ ئىشلاردا بەك دىققەت قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.


گەپنى خۇلاسىلىسام، مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقان ئادەملەرمۇ دەۋاتقان گېپىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دېمەكچى بولغانلىرىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېزىش كېرەك! خەت بېسىۋاتقان قول كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىگە پاتقان بىلەن، ئاشۇ خەتلەر تورغا چىقسا پۈتۈن دۇنياغا پاتمايدۇ. شۇنداقمۇ؟ قارىسىغىلا سۆزلەيدىغان، مۇنداقلا ئەپقاچتى گەپلەرنى داۋراڭ سالىدىغان... مۇشۇنداق ئەھۋال ئەڭ ئېغىر. ئۇيغۇر تىلىنى پەقەت ئۇيغۇرلارلا بىلمەيدۇ، ھازىر خەنزۇلارمۇ بىلىدۇ، ئۆزبىك، قىرغىز، قازاق قىرىنداشلىرىمىزمۇ بىلىدۇ. ھەتتا ياۋۇرپادىمۇ ئۇيغۇر تىلى قىزغىنلىقى بار. ئۇلار كۆرسىمۇ يەنىلا ئۆزىمىزگە ياخشى بولمايدۇ. ئاشۇ مۇنازىرىدە قىززىق نوقتا بولۇۋاتقان سەنئەتچىلەرمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئېگە بولۇپ، ئىلان-تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئالدى-ئارقىسىغا قاراپراق چىقسا، ئېيتىۋاتقان ناخشىسىنىمۇ ئۇيەر-بۇيەردىن ئوغىرلىماي، ئوغىرلىسىمۇ بىر ئەسكەرتىپ «ماۋۇ پوكۇنچىنىڭ مېلى، بۇنى ئاچىقىپ مەن مانداق قىلدىم» دەۋىتىپ ئاندىن قىلسا، سەنئەت ئەخلاقىغا دىققەت قىلسا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىگە دىققەت قىلسا بۇ ئىش ئوبدان بوپكېتىدۇ دەپ ئويلايمەن.



سوئال : باياممۇ ئازراق دەپ ئۆتتۇق، بەزى ناخشىچىلىرىمىز مەزمۇنى چۈشىنىكسىز، غەيرى تېكسىت ۋە ئاھاڭ، مۇزىكىلاردىن پايدىلىنىپ، خەلقىمىزگە يات بولغان سەنئەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ياكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆزگەرتىپلا داڭ قازىنىش يولىدا مېڭىۋاتىدۇ، بۇلارغا قانداق قارايسىز؟



جاۋاب : گەپنىڭ ئوچۇقىنى قاتتىقراق بولسىمۇ دەۋېرەي: بۇ ئۆتۈپ كەتكەن نۇمۇسسىزلىق! بۇ خەقنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىغانلىق بىلەن باراۋەر، بۇ ئېنىقلا ئوغرىلىق!


باشقىلارنىڭكىنى تەرجىمە قىلغاننى تەرجىمان دەيمىز. سىز بىر نەرسىنى ئېلىپ، يەنە بىرسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ «پالانى ما نەرسىنى سىزگە بەردى» دەپ قويمىسىڭىز بۇنىڭ كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمايدۇ. ئېنىق بولمىغانىكەن بۇ چاتاق ئىش. ناخشا مۇزىكىدا چەتنىڭكىنى ئېيتساق بولىدۇ. لېكىن، دىققەت قىلىدىغان نۇقتا بىرسى، چەتنىڭ ئورۇنلاش سەنئىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئاشۇنىڭغا يەتكۈزەلىسەك ئېيتساق بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئاشۇ ياۋرۇپاچە ياكى ئىنگىلىزچە تېكسىت بولسا ئۇنى چوقۇم كەسپىي تەرجىمانغا ئاپىرىپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئەينەن ئېيتساق بولىدۇ. تەرجىمە قىلدىم ياكى مۇزىكىغا ماسلاشتۇردۇم دەپ ئاسماننىڭ ھىكايىسى سۆزلىنىۋاتسا يەرنىڭ گېپىنى ئەكىلىپ قويساق بۇ مۇزىكىغا بولغان ھاقارەت بولىدۇ. تېكسىت بىلەن مۇزىكا قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتكە ئېگە.


يەنە بىرى ئورۇنلاش سەنئىتى. چەتئەللەردە ئاۋاز پاتنىت ھوقۇقى بار، ئاۋازنىمۇ دورايدۇ ئەمەسمۇ خەق؟ ئۇمۇ ئوغۇرلۇققا كېلىدۇ، ئاۋازمۇ ئەقلىي مۈلۈككە كىرىدۇ، شۇڭا ئاۋازنى دوراشمۇ ئوغۇرلۇققا كىرىدۇ چەتئەللەردە. بۇ بەك نۇمۇسسىزلىق ئەمەلىيەتتە، بۇنى توختىشىش كېرەك، خەلقمۇ ھۇشيار بولۇشى كېرەك، ۋاقتىدا بايقاپ ئوتتۇرغا قويۇش كېرەك. بۇنداق كىشىلەرنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەمدى بۇنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئورۇنلاش زۆرۈر بولۇپ قالسا چوقۇم تېكسىتنى كىم يازدى؟ مۇزىكىنى كىم ئىشلىدى؟ قايسى مىللەت تەركىبىگە ئېگە ئادەم يازغان دېگەننى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ چىقىرىش كېرەك. يەنە بىرسىگە ئاۋازنى دورىغان بولسا «مەن پالانچىنىڭ ئاۋازىنى تەقلىد قىلىپ، ئەينەن دوراپ ئېيتتىم» دەپ ئەسكەرتىش كېرەك. بۇنى نۇرغۇن ناخشىچىلار ئېيتىپ قويمايلا دورايدۇ. بىزنىڭ بىر قىسىم كۆزگە كۆرۈنگەن چولپانلىرىمىزمۇ بار ھازىرغىچە ھۇشىنى تاپالمىغان، بۇ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق ئىش. يەنى مىللەتنىڭ ئىددىيسىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرەي، قازاقلار بىلەن قىرغىزلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئەينەن ئوخشىمايدۇ، شۇنداققۇ؟ خەنزۇلار بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدىمۇ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. ئۇيغۇر بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئوخشىمايدىغان ئىددىيە، ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ماۋۇ كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى باشقىلارنىڭ ئىددىيەسىنى ئەكىلىپ (باشقىلارنىڭ مەدەنىيتى سىڭگەن سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى)، ئۇيغۇرغا سىڭدۈرۈۋاتقان قاملاشمىغانلا بىر ئىش. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش! مەدەنىيەت ئالماشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئەسكەرتىش كېرەك. بولمىسا چوقۇم ئۆزىمىزنىڭكىنى ئوقۇشىمىز لازىم. يىرتىق بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ چاپىنى ياخشى، بىزدىمۇ نۇرغۇن خەلق ناخشىلىرى بار، بىزدەك ناخشا-مۇزىكىغا باي مىللەت يوق. مۇشۇ 12 مۇقامنىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ياشلار ياخشى كۆرىدىغان ھالدا ئېيتىشقىمۇ تامامەن بولىدۇ، خەلق ناخشىلىرىمۇ بولىدۇ. نۇرغۇن ياخشى كومپازىتورلىرىمىز ئىجاد قىلىۋاتقان ئېسىل مۇزىكىلىرىمىز بار، شۇنى ئورۇندىسا بولىدۇ، زادى ئۆزى قىلالمىسا جىم ئولتۇرسا بولىدۇ، بىرسى ئۇنى مەجبۇرلىمايدۇ، ناخشا ئېيتمىساڭ ئېتىۋىتىمەن دېمەيدىغۇ؟ ناخشا ئېيتمىسا لەڭپۇڭ بولسىمۇ ساتسۇن، رەخت ساتسۇن، باشقا ھەرقانداق ھالال تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ قىلىمەن دېسە كىشىنىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاسىتە تاقىلىدىغان بۇنداق يۈكسەك پەن ۋە كەسىپكە چاقچاق قىلماسلىقى كېرەك، بۇنىڭ ھامان سورىقى بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە جاۋاب بېرەلمەي قالىدۇ.


سوئال : بەزى كىشىلىرىمىز بار، چولپانلارنى قارىغۇلارچە قوغلىشىش، ھەتتا چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىش دېگەندەك، سىزمۇ شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئوڭايسىزلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغانمۇ؟



جاۋاب : ئەلۋەتتە جىق ئۇچرايمەن، ئەمما ئۇمۇ خەقنىڭ كۆڭلى، بىر يەرلەرگە تەكلىپ قىلىدىغانلار بار، بەزىلىرىگە بارىمەن، بەزىلىرىگە چىرايلىق ئۆزرە ئېيتىمەن.


ئەسلى چوقۇنۇش دېگەن بۇ توغرا ئەمەس! چوقۇنۇش پەقەت ئاللاھقا خاس. ئادەمگە چوقۇنساق قاملاشمايدۇ. بۇنى خەنزۇچىدا 崇拜 دەيدۇ، بىز بۇنى تۈزلا تەرجىمە قىلىپ قوبۇل قىلىۋالغان، ھازىر خەنزۇلار بۇنى ئۆزگەرتىپ 粉丝 دەيدىغان بوپتۇ، بۇنى ياخشى كۆرگۈچىلەر دەپ ئالساق بولىدۇ، چوقۇنۇش توغرا كەلسە شۇ ياراتقۇچىمىزغا چوقۇنۇش كېرەك، توغرىمۇ؟ ياخشى كۆرۈش بۇ بەك ياخشى ئىش، بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشتىنمۇ ياخشى ئىش بارمۇ؟ سەنئەتچىلەرنىلا ئەمەس، ئۆلىمالىرىمىزنى، ئالىملىرىمىزنى، پەيلاسوپلىرىمىزنى، يازغۇچىلىرىمىزنى ئېلىم-پەن خادىملىرى، تەبئىي پەنچىلەرنى ياخشى كۆرسەكمۇ ئوخشاش. شۇلارنىمۇ سۆيىشىمىز، قەدىرلىشىمىز، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرىشىمىز كېرەك، خەيرى-ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نى ئېسىل ئانىلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز بار، شۇنداق ياخشى ئۆلىمالىرىمىز بار، ئاشۇ جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىش قىلىۋاتقان ھەربىر قېرىندىشىمىزنى ياخشى كۆرسەك بولىدۇ، بۇ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. بىر-بىرىمىزنى سۆيۈش بۇ ئاللاھنى سۆيگەن بىلەن ئوخشاش ياخشى ئىش. «بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈڭلار، ھۆرمەتلەڭلار، ھالىڭلارغا يېتىڭلار» دېگەن بىزنى ياراتقۇچى. بۇ بىر دىنىي ئەقىدە! ئەمما بىز بۇنى «ياخشى كۆردۇق» دەپ ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋالساق ئۇ قاملاشمىغان ئىش.


سۇئال : سىز بىر مەزگىل چەتئەللەرگە چىقىپ ئويۇن قويۇپ، زىيارەتتە بولۇپ كىردىڭىز، شۇ جەرياندا شۇ جاي خەلقى ۋە بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ سەنئەتكە بولغان كۆز قارشى، سەنئەتتىن ھۇزۇر ئېلىشى جەھەتتە قانداق پەرقلەر بار؟



جاۋاب : چەتئەللىكلەر ناخشا-مۇزىكىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن ئامېرىكىدەك تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاشلا سەنئەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، ھەممىلا ئادەمنىڭ ماشىنىسىدا، تېلېفۇنلىرىدا... ھەممىلا يەردە مۇزىكا ياڭراپ تۇرىدىكەن، ئاساسەن مۇزىكىسىز يەر يوقكەن. دېمەك شۇ تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى كىشىلەرمۇ مۇزىكا، سەنئەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق روھىي تەلىپى، بۇ جەھەتتە چوڭ پەرق يوق. ئەمما پەرق دېگەندە، ئۇ يەرلەردە كىشىلەر ناھايىتى ئېسىل تىياتىرخانىلاردا كۆرىدىكەن، چىرايلىق كېيىنىپ، ئەتىرلەرنى چېچىپ، شۇنداق چىرايلىق ئولتۇرۇپ كۆرۈشىدىكەن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشى تەرەققىي قىلغان، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى يۇقىرى، بىزنىڭ خەلقىمىز قورسىقىنى ئەمدى بېقىۋاتىدۇ، بۈگۈنى تاپسا ئەتىسىگە يوق كىشىلىرىمىزمۇ بارغۇ؟ بۇ جەھەتلەردە بىزنىڭ شارائىتىمىز سەل تۆۋەنرەك، لېكىن شۇنداقتىمۇ كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ جەمئىيىتىمىز. ئادەملىرىمىزنىڭ سەۋىيەسى ئۆسۈۋاتىدۇ، سەنئەتكە، ئېلىم-پەنگە بولغان كۆز قارشى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ ماددىي جەھەتتە بىز تۆۋەن تۇرىدىكەنمىز، مەسىلەن ئېسىل تىياتىرخانىلىرىمىز ئازكەن، كاستۇم-بۇرۇلكىلارنى كېيىپ ئولتۇرغىدەك شارائىتىمىز ئازكەن، كېيىۋالساقمۇ بىردەمدىلا توپىلاردا قالىدىكەنمىز، ئىش قىلمىساق بولمايدۇ، بالا باقمىساق بولمايدۇ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى... لېكىن خەلقنىڭ سەنئەتنى سۆيۈش، ئۇنى قەدىرلەش جەھەتتە پەرق يوق، چۈنكى ھەممىمىز ھىس-تۇيغۇغا ئىگە، ئوخشاش ئادەم ئەمەسمۇ.


سوئال : ھازىر دەپ ئۆتكەندەك باشقا رايۇنلار بىلەن بىزنىڭ بۇ دىيارغا باققاندا سەنئەت بىلەن ئېلىم-پەننى بىرلەشتۈرۈش، سەنئەتتىن ھوزۇر ئېلىشلا ئەمەس پايدىلىنىش جەھەتتە قانداق پەرقلەر بار دەپ ئويلايسىز؟


جاۋاب : يېقىندىن بىرى كىشىلەر ئارىسىدا «سەنئەت بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالدىيەي، ئۇنداق چەكلەپ قويدى، بۇنداق توسۇپ قويدى» دەيدىغان گەپلەر كۆپىيىپ قالدى. يەنى ئېلىم-پەن، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن سەنئەتنى قارمۇ-قارشى ئورۇنغا قويۇپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە يۈزەكىلىك، نادانلارچە جۆيلۈش. بۇنداق دېگەن ئادەم ھېچنىمە بىلمەيدىكەن دەپ ئويلىساق بولىدۇ. سەنئەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق توغرا كەلسە، سەنئەت تەرەققىياتنى توسسا ياۋروپا ئەللىرى، تەرەققىي تاپقان ئەللەر سەنئەت بىلەن شۇغۇللانمىسا بولاتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ سەنئەت تەرەققىياتى بىزدىنمۇ يۇقىرى. شۇلارنىڭ سەنئەتكە ئىنتىلىشى بىزدىن كۈچلۈك.


مۇشۇ سەنئەت بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆز-ئارا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىغان مىخاينىك قۇرۇلمىغا ئوخشايدۇ. سەنئەتسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئۇ چاغدا تېلېۋىزۇر، رادىئۇلارمۇ بولمايدۇ، چىرايلىق ئىمارەتلەر بولمايدۇ، ماشىنىلارنىمۇ چىرايلىق بېزەشنىڭ، سىرلاشنىڭ ئورنى قالمايدۇ، شۇنداقلا ياساۋەرمەمدۇ؟ سەنئەت دېگەن يالغۇز ناخشا-مۇزىكىغىلا قارىتىلغان نەرسە ئەمەس، بىناكارلىقنىڭ ئۆزىمۇ سەنئەت، يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك مەدەنىيتى، ھەيكەلتاراشلىق... مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەنئەت. بۇ ئىككىسىنى قارمۇ-قارشى قىلىپ قويۇش توغرا ئەمەس. سەنئەت بولمىسا جەمئىيەت بولمايدۇ، جەمئىيەت بولمىسا سەنئەت بولمايدۇ. ئېلىم-پەن بولمىسا سەنئەت بولمايدۇ. سەنئەت بولمىسا ئېلىم-پەن قانداق بولۇپ قالىدۇ؟ تەرەققىياتى ئالغا باسمايدۇ. بۇ سەنئەت دېگەن بىر روھىي ئېنېرگىيە، روھىي ئېنېرگىيە قوزغالغانىكەن، كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بايقاشتىن ئىبارەت بىر ئەقلىي بىلىش قوشۇلىدۇ. بايقاش بولغانكەن ھازىرقىدەك ئىلغار پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بىزگە يېتىپ كېلىدۇ. مۇنداقچە ئوخشاتساق، سەنئەت دېگەن بىر مايغا ئوخشايدۇ، ئېلىم-پەن ماتورغا ئوخشايدۇ، ماي بولمىسا ماتور ئىشلەمدۇ؟ ماتور بولمىسا ماينىڭ نېمە كېرىكى؟ بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان نەرسە. سەنئەت روھنى ئورغۇتىدۇ، روھ يۈكسەكلىككە ئېگە قىلىدۇ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، مۈگدەۋاتقان بىر ۋۇجۇدنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ، لەرزىگە كەلگەن ھۈجەيرىلەر ئويغانغاندىن كېيىن بۇ دۇنياغا باشقىچە قارايدۇ، دۇنيادىكى ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى پەرق قىلالايدۇ، بۇ ئارقىلىق يېڭى ماددىي نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ئىككىسى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. مانا بۇ دەل بىز دەيدىغان ئىككى ئايرىلالماسلىق. (بۇ سۆز ھەم چاقچاق تەرىقىسىدە ھەم راستتىن ئېيتىلدى).


سوئال : ھەر قانداق ئادەمنىڭ سەنئەتكە بولغان كۆز قارشى، چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمايدۇ، سىزنىڭ ئۆز قەلبىڭىزدىكى سەنئەتكە بولغان قارىشىڭىز ۋە چۈشەنچىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام.



جاۋاب : مېنىڭ ئەزەلدىن مۇشۇ سەنئەتكە بولغان چۈشەنچەم سەل ئۆزگىچىرەك. بىر ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. مۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش ھىسياتتىكى ئادەملەرنىڭلا قارشى ئېلىشىغا، ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ. بىر سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم ئاۋۋال چوقۇم بىر ئاۋامنىڭ، ئۆزى تەۋە بولغان توپنىڭ، بىر مىللەت، بىر قەۋمنىڭ، شۇنداقلا بىر جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. ئۆزى تەۋە بولغان توپنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، پىسخىكىسى، دۇنيا قارشى، گۈزەللىككە بولغان ئورتاق قارشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. ئارزۇ-ئارمانلىرى، قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك. شۇلارنى بىلەلىگەندە ئاندىن شۇنىڭدىن چىققان سەنئەت مەھسۇلاتلىرى بىر پۈتۈن ئاۋامغا ئورتاق بولغان، ھەممە ئادەمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدىغان بىر ئونىۋېرساللىققا ئېگە بولىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ ھېس قىلغىنىم. پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي ھىسياتىغا ئاساسلىنىپ، مەسىلەن يا بىرەر يەردىن كۆڭلى رەنجىگەن، ياكى يالغۇز قالغان، زىرىكىپ قالغان چاغلىرىدا غىڭشىپلا بىر مۇزىكا ئىشلەپ، يەنە مۇنداقلا تېكىستتىن بىرنى سېلىپ ئوقۇسا ئۇ شۇ ئۆزىگە ئوخشاش شۇ كۈنگە قالغان ئادەملەرنىڭ ھىسياتىنى ئىپادىلىيەلىسىمۇ، پۈتۈن بىر توپنىڭ ھىسياتىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ. سەنئەت مانا شۇنداق بولۇشى كېرەك. سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئاۋۋال ئۆزىنى ئەمەس، ئاشۇ ئىجادىيتىنى سۇنماقچى بولغان ئاۋامنى، ئاشۇ بىر توپ ئاۋامنىڭ دۇنيا قارشىنى بىلگەندە ئاندىن شۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى ھىسياتنى ئىپادىلىيەلەيدىغان سەنئەت ئىجادىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.


سوئال : بىزگە ئېنىق بىر نوقتا بار، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىز، سىز يېڭى ئىجادىيەتكە كىرىشكەندە ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغىنىڭىز قايسى تەرەپتىن؟



جاۋاب : باياممۇ دەپ ئۆتتۈم، ئەڭ ئاۋۋال ئاۋام-خەلقنى، ناخشامنى ئاڭلىماقچى بولغان ھەربىر ئادەمنى ئويلايمەن، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، قىسمەت-كەچۈرمىش، قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ئويلايمەن. يەنە ياراتقۇچىمىزدىن تىلەيمەن «ئەي ياراتقۇچۇم ئاللاھ، ماڭا بىر گۈزەل مۇزىكا ئاتا قىلغايسەن، مەن مۇشۇ مۇزىكام بىلەن شۇ خەلقىمنىڭ قايغۇ ھەسرەتكە چۈمگەن يۈرەكلەرنى ئازراق خۇشال قىلسام، خۇشال يۈرگەنلەرگە بولسا تېخىمۇ ھوزۇر ئاتا قىلسام» دەپ.


سوئال : سىزنىڭ دىن-ئېتىقاد، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام؟



جاۋاب : بۇ ئۈچ تەرەپ بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ روھى ئاسمىنىنى تېرەپ تۇرىدىغان ئۈچ تال تۈۋرۈككە ئوخشايدۇ، بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلار جەمئىيتى ئاساس بولىدۇ. (ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىن باشقا جەمئىيەتلەرمۇ مەۋجۇت بولسىمۇ، بىز بۇ يەردە ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىنى كۆزدە تۇتىمىز، شۇڭلاشقا ھازىر دېمەكچى بولغىنىمىز دەل ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ روھىي ئاسمىنىنى تېرىيدىغان ئۈچ تال تۈۋرۈك.) ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە جەمئىيەتكە تەۋە بىر روھ بولىدۇ، تەن دېگەن بىر جەسەت، بىر ماددىي نەرسە، ئەمدى مۇشۇ ئىنسانىيەتنىڭ روھى جەمئىيتىنى تېرەپ تۇرىدىغان ئۈچ تال تۈۋرۈكنىڭ بىرىنچىسى دەل دىننىي ئىتىقاد! ئىتىقاد بولمىغان جەمئىيەتنىڭ چوقۇم بىر تۈۋرۈكى يوق، ئويلاپ بېقىڭ، ئىككى تال تۈۋرۈكنىڭ كۈچى قانچىلىك بولماقچى؟ يەنى داڭقان پۇتى شەكلىدە ئۈچ تال تۈۋرۈك تېرەپ تۇرىدىغان ئىنسانىيەت روھىي دۇنياسى شۇنداق مۇستەھكەم بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى دەل ئېتىقاد.


ئىككىنچىسى ئېلىم-پەن. ئېلىم-پەن ئارقىلىق بىز ئېتىقادىمىزنىڭ مەنبىيىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيمىز. يەنى غۇۋا بولغان ئېتىقاد ئېڭىمىز ئېلىم-پەن ئارقىلىق تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. چوڭقۇرلىشىدۇ، تېگى ماھىيىتىدىن چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى بولىدۇ. ھازىر پەيدا بولغان ۋە بولۇۋاتقان تېلېۋىزۇر، كومپيۇتېر، تېلېفون، ئايروپىلان، ئالەم كىمىلىرى... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە تەبىئەتتە بار نەرسىلەر، بولمىغان نەرسىنى ئىنسان ياسىيالمايدۇ، ئۇنى ئادەملەر پەقەت بايقىغان، شۇنى بايقاپ ئىشلەتكۈدەك ھالەتتە قوراشتۇرغان. ئادەملەر ھېچقانداق نەرسىنى ئىجاد قىلغان ئەمەس، بايقاشنىڭ ئۆزىمۇ ئىتىقادنى كۈچلەندۈرىدىغان، ئېنىقلىققا ئېگە قىلىدىغان بىر قورال. ئېلىم-پەن ئارقىلىق بىز ئېتىقادىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەنلىككە ۋە ئېنىقلىققا ئېگە قىلىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسپات تاپىمىز.


يەنە بىرسى سەنئەت. ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتكار پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھتۇر. ئاللاھ بۇ كائىناتنى شۇنچىلىك گۈزەل ياراتتى! ئىنساننى شۇنچىلىك گۈزەل ياراتتى! بارماقلىرىمىزغا تىرناقلارنى ئورناتتى، كۆزلىرىمىزگە روشەنلىك بەردى، قۇلاقلىرىمىزنى ئاڭلايدىغان، ئېغىزلارنى سۆزلەيدىغان قىلدى. بىزگە تىل بەردى، چىرايلىق قاش-كۆز بەردى. بارلىق مەۋجۇداتلارغا ئۆزىگە خاس گۈزەل شەكىللەرنى ئاتا قىلدى. مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر يۈكسەك سەنئەت! قاراپ بېقىڭ، نەچچە تىرىليون، سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار ئاسماندا توختىماي ئايلىنىدۇ-يۇ نېمىشقا بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ؟ بىر-بىرىنى يەكلىمەي ئۆز ئوقى ئەتراپىدا شۇنچە رەتلىك، ئۆز قانۇنىيتى بىلەن ئايلىنىدۇ؟ قۇشلار شۇنداق يەڭگىل ئۇچالايدۇ... مانا بۇ ئەڭ يۈكسەك تەرەپ. يەر شارىغا قاراپ بېقىڭ، نېمە دېگەن گۈزەل؟ كۆپكۆك ئاسمان، دەل-دەرەخلەر، قۇشلار، كۆللەر... ئويلاپ قالىمەن، سۇ يارىتىلمىغان بولسا قانداق قىلار ئىدۇق دەپ... دەرەخلەر-ئورمانلار بولمىسا قانداق قىلاتتۇق؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئۇلۇغ سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيتى. دېمەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ يۈكسەك سەنئەتكار دەل بىزنى ياراتقان ئاللاھ. دېمەك، ئىنسانىيەتنىڭ ئۈچىنچى تۈۋرۈكى سەنئەت (بۇيەردىكى سەنئەت نوقۇل ناخشا-مۇزىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). ئەمەلىيەتتە مۇزىكا دېگەنمۇ ئىنسان ئىجاد قىلىدىغان نەرسە ئەمەس. بۇ بىزگە ئۆز سېزىمىمىز ئارقىلىق كېلىدۇ، ياراتقۇچى ئاشۇنى بىزىگە ھىس قىلدۇرىدۇ، ياراتقۇچىنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشى بىلەن ئاندىن بىز شۇنى ئىجاد قىلالايمىز. بۇ سەنئەت دېگەن ياراتقۇچى بىزگە بەرگەن بىر نېئمەت. بىزگە بېرىلگەن تەسەللىي. «ھەي بەندەم، سەن يالغۇز ئەمەس، بۇ دۇنيادا ساڭا بىر تەرەپتىن ئۆلۈم، بىر تەرەپتىن ئېتىقاد، بىر تەرەپتىن ياشاش دىشۋارچىلىقلىرى بار، مۇشۇ ۋاقىتلىق ئالەمدە شۇنچە قىينىلىپ ياشايسەن، ئازراق بولسىمۇ كۆڭلۈڭ تەسكىن تاپسۇن، كۆڭلۈڭ خۇشال بولسۇن» دەپ بىزگە بەرگەن دەپ ئويلايمەن. بىز سەنئەتكارلار قانداق كىشىلەر دېسىڭىز شۇ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغۇچىلار، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز ياراتقۇچىنىڭ قولىدىكى بىر قەلەم، يەنى بىزگە شۇنى يازغۇزىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ روھىي ئاسمىنىنى تېرەپ تۇرىدىغان ئۈچىنچى تۈۋرۈك دەل سەنئەتتۇر. بۇ ئاسمان بىرەر تۈۋرۈكتىن ئايرىلسا ھەرۋاقىت ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. مەن مۇشۇنداق چۈشىنىمەن.



سوئال : خېلى بولۇپ قالدى، يېڭى ئىجادىيەتلىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشمەيۋاتىمىز، بىرەر تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتامسىز قانداق؟



جاۋاب : راستىنى ئېيتسام مەن ئويلىنىش ئىچىدە، ئون يىللارچە بولدى، ئويلىنىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىمەن. ئويلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. مەن سەنئەتكە بولغان ئوتتەك مېھرى-مۇھەببەت بىلەن بۇ ساھەگە كىرىپ كەلدىم. مېنى ياراتقۇچى مېنى مۇشۇنداق يارىتىپتىكەن، سەنئەتنى يازىدىغان قەلەم سۈپىتىدە يارىتىپتىكەن. ئەمدى مەن بىر مەزگىل سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ئىجادىيەتلەرنى قىلىپ، خەلقىمىز ياخشى كۆرگەن بولدى. شۇ جەرياندا مەن ئۆزۈمدە تېخىمۇ كۆپ بىر مەسئۇلىيەتنىڭ، تېخىمۇ ئېغىر بۇرچنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇڭلاشقا ئويلىنىۋاتىمەن، بۇ ئويلىرىم قاچان تۈگەيدۇ، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.... بىز سەنئەتكارلار ھەر بىر چىقارغان نەرسىمىزگە ئېگە بولۇشىمىز كېرەك. بىزدىن چىققان بىر ئىجادىيەت بىزنىڭ ئېگە بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاشۇنى بىز بايقاپ سىلەرگە سۇنغانكەنمىز، شۇ ئىجادىيەتنىڭ بارلىق تەرىپىگە مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا مەن ئويلىنىش ئىچىدە...


سوئال : دېمەكچى بولغىنىڭىز، بەزى ناخشىچىلار بەزى ناخشىلارنى ئېيتىپ، تارقىتىپ قويۇپ، كېيىن يۇغۇشتۇرالماي قالىدۇ. يەنى ناخشىسىنىڭ مەزمۇنىغا ئېگە بولالمايدۇ ھەم مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن، مۇشۇنداق ناخشىچىلارغا قانداق قارايسىز؟



جاۋاب : مۇنداق گەپ، مەيلى سىز دېگەن ناخشىچى بولسۇن، ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا سەنئەتچىلەر بولسۇن، بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ قوياي-سەنئەتكار ئەمەس، سەنئەتچىلەر، سەنئەتكار دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن چوڭ ئۇقۇم، ھەممە ئادەمنى سەنئەتكار دېسەك بولمايدۇ، ئۇيغۇردىمۇ سەنئەتكارلار ئۆتكەن، مەسىلەن، فارابى، نەۋائى دېگەنلەر ئۇيغۇر سەنئەتكارلار. ھىندىستاندىكى تاگور، ئۇيغۇرلاردىن يەنە خانىش ئاماننىساخان، قىدىرخان، مۇقام ئۇستازى تۇرداخۇن ئاكىمىز سەنئەتكارلارغا كىرىدۇ، سەنئەتكار دېگەن ئۇقۇمنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.



گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، شۇ ناخشىچىلارنىڭ تەربىيلىنىشى ياخشى ئەمەس ياكى بۇ كوچىغا مەسئۇلىيەت بىلەن ئەمەس، ھەۋەس بىلەن كىرگەن، بىز ئۇلارنى ئەيىبلىمەيمىز، چۈنكى ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىكى شۇلارنى تەربىيلىگەن مۇھىت ۋە مەكتەپ. ئۇلارغا مۇھىم نەرسىلەرنى ئۆگەتمىگەن سەنئەت مائارىپىنى ئەيىبلەش كېرەك، چۈنكى ئۆگەنگۈچى ئۇستاز نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى ئۆگىنىدۇ. «ھە... مۇشۇنى چالسام بولىدىكەن، مۇشۇنى ئېيتسام بولىدىكەن، مۇشۇنى يازسام بولىدىكەن، خەلق مۇشۇنى ياخشى كۆرىدىكەن، چولپان بولۇش ئاسانكەن، پۇل تاپىدىكەنمەن، يۈز تاپىدىكەنمەن...» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قىلىۋاتقان ئىش، بۇ ئەيىب ئەمەس، ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، شۇلارمۇ تىرىشىپ، تىرمىشىپ خەلقنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن قىلىپ سالغان، ئۇلاردىمۇ قەستەنلىك يوق، نىيىتى ياخشى، ئەمما شۇلارنى تەربىيلىگەن مائارىپ ئۇلارغا شۇنداق ئىدىيەنى بېرىپ قويغان. ھازىر سىز دېگەن ناخشىغا كەلسەك، ئۇ بالا ئاشۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمەي قاپتۇ، بىلمەي قاپتۇ، بىلگەن بولسا ھەرگىز قىلمىغان بولاتتى. بۇنىڭ ھەممىسى نادانلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقتىن بولغان ئىش، سازلارنى چالالىغانغىلا بىلىملىك بوپكەتمەيدۇ، چىلىش دېگەننى ئۆگەنسىلا ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، بۇ تېخنىكىلىك مەسىلە، ھەرگىزمۇ ئەقلىي مەسىلە ئەمەس. بىر ئادەمدە تېخنىكىدىن سىرت ئەقىل-ئىدراكمۇ بولۇشى كېرەك، شۇندىلا مۇكەممەللىشەلەيدۇ، بىز ئەڭ ئاۋۋال تەلەپنى ئۇلارغا ئەمەس شۇلارنى تەربىيلىگەن مائارىپ ۋە ئۇستازغا قويۇشىمىز كېرەك.



سوئال : كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدا كەسىپ بىلەن ئائىلە، كەسىپ بىلەن ئۆزىڭىز، كەسىپ بىلەن جەمئىيەت، كەسىپ بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ باققانمۇ؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىسىز؟



جاۋاب : مۇنداق ئويلايمەنكى، ئوڭۇشسىزلىق بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى. يەنى بىز ھاياتىمىزدا %50 مۇۋەپپەقىيەت قازانساق، %50 ئوڭۇشسىزلىققا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك. غەلبە بولغانىكەن ئوڭۇشسىزلىق چوقۇم بولىدۇ، بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن كىشىلىرىمىز «نېمە ئۈچۈن؟» دەپ قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇنداقلا دېسە ئىش تېخىمۇ چاتاق، چۈنكى بۇ چاغدا دىققەت «نېمە ئۈچۈن»نى تېپىشقا سەرپ بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئاتلىنىشتىن مەھرۇم بولىدۇ، ئوڭۇشسىزلىق بولمىسا مۇۋاپىقىيەتمۇ بولمايدۇ. ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئارلىشىشقا تېگىشلىك ئادەملەر بىلەن ئارلىشىش كېرەك، ئارلىشىشقا تېگىشلىك بولمىغانلار، پىكىر ئورتاقلىقى بولمىغانلاردىن يېراق تۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاننىڭ پايدىسى بار،شۇنداق قىلغاندا ئۆزىگە خاس روھىي دۇنياسىنى، ئۆز ئىددىيسىنى قوغداپ قالالايدۇ، ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلالايدۇ. ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئادەملەر بىلەن ئارلىشىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى. بىزدە بىر ئىددىيە تىكلەنگەنىكەن، شۇ ئىددىيەگە قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك، ئىددىيە ئورتاقلىقى بولغان كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشىمىز كېرەك.


ئائىلە مەسىلىسىدە مېنىڭ ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيىتىم بەك چوڭ، ئائىلە ئىككىنچى ۋەتەن! ئائىلە بىزنىڭ ئەڭ كۆپ تۇرىدىغان يېرىمىز، مەيلى ھەرقانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئائىلە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك، ئائىلە جەمئىيەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسىگە ئوخشايدۇ. بىر ئادەممۇ نۇرغۇن ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ، ئائىلىنى ياخشى قوغدىيالىسا ئۆز ۋەتىنىنى ياخشى قوغدىغىلى ۋە گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرگە تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. بىز «ۋەتەنگە، جەمئىيەتكە، مىللەتكە تۆھپە قوشىمەن» دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلىماي، ئائىلىمىزگە ھەسسە قوشۇشساق، ئائىلىمىزنى قوغدىساق، ئائىلىمىزنى گۈللەندۈرسەك، ئاشۇ بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە مۇشۇنداق ئائىلىلەرنى كۆپلەپ سۇنساق، مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە ھەسسە قوشقانغا ئوخشاش. ئائىلە مەسىلىسىدە ھەرقانداق شارائىتتا ئايالىڭىز ۋە بالىڭىز بىرىنچى ئورۇندا، قالغان ئىشلار ئىككىنچى ئورۇندا بولۇش كېرەك. بۇلارنى مانا مۇشۇنداق ماسلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.



سوئال : ئوڭۇشسىزلىققا، كېلىشمەسلىككە يولۇققان ۋاقىتلىرىڭىزدا بىرەر قېتىم كەسىپتىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟



جاۋاب : ياق!!! ياق!!! ۋاز كېچىش دېگەن نەرسە جەمئىيەتكە، خەلقكە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرگە ماس كېلىدۇ. ھەممە تەرەپلەرگە پايدىلىق بىر كەسىپتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. ئۆزىمىز تاللىغان، ياقتۇرغان، سۆيگەن بىر ئىشنى قولغا ئالغانكەنمىز چوقۇم مەغلۇبىيەت ۋە مۇۋاپىقىيەتنىڭ چوقۇم بارلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىشىمىز كېرەك. قۇرۇلۇش سېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر مۇكەممەل چىرتىيوژ بولۇش كېرەك، شۇنداقمۇ؟ چىرتيوژ ياخشى چىقسا قۇرۇلۇشىمىزمۇ ياخشى چىقىدۇ. ئەگەر چىرتيوژ، پىلانسىز قۇرۇلۇش قىلىمەن دېسەكچۇ؟ يا تام يېرىم بولغاندا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ياكى مايماق بوپ قالىدۇ، يا كۆڭۈلدىكىدەك چىقمايدۇ، بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم مۇكەممەل پىلان تۈزۈشىمىز كېرەك. پىلان تۈزگەندە چوقۇم %50 ئوڭۇشسىزلىققا يول قويۇشىمىز، ئۇنى پىلانغا كىرگۈزۈشىمىز، ئاشۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندا مەغلۇبىيەتنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقساق «مېنىڭ پىلانىمدا ئوڭۇشسىزلىق بار ئىدى» دەپ يەنە تىرىشالايمىز ھەمدە قوبۇل قىلالايمىز.



سوئال : ھازىرقى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئارىسىدا ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان، چوقۇم تۈزىتىشكە تېگىشلىك مەسىلە قايسى؟



جاۋاب : پوچىلىق، ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك! بۇنى ھەتتا دىنىمىزدىمۇ قاتتىق چەكلەيدۇ، شۇنداققۇ؟ بۇ كىبىرلىك دېگەن بەكلا نادانلىق بۇ. قانچە نادان بولسا شۇنچە ھاكاۋۇر، شۇنچە كىبىرلىك بولىدۇ، ئۇنداق ئادەملەر بىر نەرسە بىلمەيدۇ، بىلمىگەنسىرى ھاكاۋۇرلىشىدۇ، ئۆزىنى بىلگەندەك كۆرسىتىۋالىدۇ. ئادەم تۇرۇپ ئادەمگە كىبىر كۆرسىتىش ئىنتايىن بىمەنە بىر ئىش. بىز ئالدى بىلەن ئالدىمىزدا تۇرۇۋاتقان ئادەمنى ئۇنىڭ ئادىمىيلىك ئورنىدىن ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك. چۈنكى قارشى تەرەپمۇ بىزگە ئوخشاشلا بىر ئادەم. ئۇنىڭ ئادىمىيلىك ئورنىنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇنىڭغا لايىق جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ھازىرقى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىمىزدە مۇشۇ ئەھۋال سەل ئېغىر، بىر-بىرىنى ياراتمايدىغان، بىر-بىرىدىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلايدىغان، بىر-بىرىنى چۈشۈرىدىغان دېگەندەك.


بىزدە قاچاندىن پەيدا بولدى بىلمەيمەن، مۇشۇ بىرىنچىلىكنى تالىشىشتىن ئىبارەت ئەخمىقانە بىر مۇسابىقىلەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە بىرىنچىلىك دېگەن پەقەت ياراتقۇچىغا خاس نەرسە. ئۇنى تالىشىپ يۈرمىسەكمۇ ئىنسانلاردا بىرىنچى بولىدىغان ئىش يوق، دۇنيادا تېخى ھېچقانداق ئىنسان بىرىنچى بولۇپ باقمىغان ھەم بولالمايدۇ! مەن سىزدىن بىرىنچى ئەمەس، مەن بىلمەيدىغاننى سىز بىلىسىز، شۇنداقتىمۇ مەن بىرىنچىما؟ ئۇنداق ئەمەس. سىز بىلمەيدىغاننى مەن بىلىمەن، سىزمۇ بىرىنچى ئەمەس. ھېسابلاپ كەلسەك ئىككىمىز تەڭ، شۇنداقمۇ؟ مۇشۇنچىلىك ئاددىي ھەقىقەتنى چۈشەنمەي «سەندىن مەن يامان» دەپ 4-5ياشلىق كېچىك بالىلارنىڭ تالىشىپ ئوينايدىغان بىر ئەخمىقانە ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرىدۇ. بۇلار بۇنداق قىلمىشنى قىلماسلىق كېرەك. دۇنيادا ئىنسانلار ئارىسىدا بىرىنچى بولغان ئادەم يوق. يا بىرىنچى بولۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن، قانات چىققان ئادەم يوق، بىرەر ئادەمنىڭ قانىتى چىقىپ ئاسمانغا چىقىپ باققانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ياق! ئۇنداق ئىش بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بىر ھەممىدىن ئالاھىدە، بىزگە ئوخشىمايدىغان ئادەم چىقىپ قالسا ئۇنى بىرىنچى دېسەك بولاتتى. ئۇنداق ئادەم بولمىغانىكەن، ئاللاھ ھەممە ئادەمنى ئوخشاش ياراتقانىكەن تېخى ھېچكىم بىرىنچى ئەمەس.


بىر تازىلىق ئىشچىسىنى مىسالغا ئالىلى، مەسىلەن مەن بىر چولپان، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار مېنى تونۇيدۇ، ئەمما تازىلىق ئىشچىسىنى ھىچكىم تونۇمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ «ھە تازىلىق ئىشچىسى! مەن دېگەن بىر چولپان تۇرسام، مەن كەلسەم ئەجەب ماڭا سالام قىلماي تۇرىسىنا؟» ۋەياكى «سەن جېنىڭدا مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىۋاتامسەن؟ سەن بىلەن تاماق يەمدىم؟ سەن كىم؟ مەن كىم؟» دېسەم، توغرا بولامدۇ؟ ئالدى بىلەن ئاۋۇ تازىلىق ئىشچىسى قىلىۋاتقان ئىش ئۆزىنىڭ كەسپى، لېكىن ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن ئېيتقاندا مەن بىلەن ئوخشاش. ھېچقانداق پەرق يوق. ئۇ بىلگەننى مەن چوقۇمكى بىلمەيمەن، ئۇنىڭ مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار. ئۇ بىلگەننى مەن بىلمەيمەن، مەن بىلگەننى ئۇ بىلمەيدۇ، دېمەك تەڭ بولدۇق، شۇنداقمۇ؟ كىبىرلىك بۇ ناھايىتى يامان ئىللەت، جەمئىيەت ئەخلاقىمۇ رەت قىلىدۇ، دىنىي ئەقىدىمىزمۇ رەت قىلىدۇ، ۋىجدانىمىزمۇ رەت قىلىدۇ. مۇشۇ ئۈچ خىل نۇقتىنىڭ ھەممىسى رەت قىلىۋاتقان بىر پۈچەك ئىدىيەنى مىللەتنىڭ سەنئىتىگە ئاتالغان زىيالىلار قاتلىمىدا ئېغىر بولۇشى بۇ بىر ئاپەت! شۇڭلاشقا مەن مۇشۇ زىيارەتنى ئاڭلىغان (كۆرگەن) كاللىسى بار ھەربىر ئادەمنىڭ مۇشۇ خەتەرلىك تۇيۇق يولدىن، مۇشۇ ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرىدىغان ئاجىزلىقتىن قول ئۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



سوئال : بەزى كىشىلەر دەپ قويىدىكەن، «ئەدەبىيات-سەنئەت پەقەت بىر دەۋر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، يەنى دەۋر ئالماشسا، ھۆكۈمران ئالماشسا ئۇلارنىڭ قاراشلىرى، نۇقتىنەزىرى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئالمىشىدۇ، تەبئىي پەندەك ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتنى بەرپا قىلالمايدۇ» دەپ، بۇ ئەھۋال بەزى تەبئىي پەنلەردە سەل ئېغىركەن، بۇنى توغرا دەپ قارامسىز؟



جاۋاب : باشتىن-ئاياق ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتنى بەرپا قىلالايدىغىنى تەبئىي پەن ئەمەس، بىزنى ياراتقان ئاللاھ! ھەتتا ياراتقۇچىمۇ يەنە تەبىئەتتە ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنىيەتنى ياراتماپتىكەن، ئۆزگىرىدۇ دەپتىكەن. ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا ھالاك بولىدۇ، ئۆزگىرەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ بۇلارنىڭ بىر دەۋر دېگىنى زادى قانداق گەپ؟ بۇ قەتئىيلا توغرا گەپ ئەمەس. تەبئىي پەنمۇ، ئەدەبىيات-سەنئەتمۇ ئوخشاش. مەسىلەن، ھارۋىنى بىر ئادەم ئىجاد قىلغاي شۇنداقمۇ؟ ئۇ ئۆزگەردى، ماشىنىغا تەرەققىي قىلدى، ئاشۇ ھارۋا بۇرۇن بىر دەۋر كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىدىن چىققان، بايا سىز سورىغان گەپنى دېگەن ئادەمنىڭ ئۆزى سەۋىيىسى تۆۋەن، نەزەر دائىرىسى بەكلا تار ئادەمكەن. نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىغا قانچىلىك بولدى؟ كىشىلەر ئۇنى تاشلىۋەتتىمۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىكى بىزگە يېتىپ كەلدىغۇ؟ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۈركى تىللار دىۋانى ھازىرمۇ ئەتىۋارلىنىۋاتىدىغۇ؟ يۇنان پەيلاسوپلىرى، ياۋروپادىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرى، بىتخوۋىن، موزارتنىڭ ئىجادىيەتلىرى مانا نەچچە دەۋردىن كېيىنمۇ كىشىلەر ياقتۇرۇۋاتمامدۇ؟ بۇندا سېلىشتۇرىدىغانلاردىن سوراپ باقساق، ھارۋا ھازىر ماشىنىغا ئورۇن بەردى، ئاشۇ بىر دەۋر ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ھارۋىسى ئەمەلدىن قالدىغۇ، ئۇنىڭ پايدىسى بولمىدىغۇ؟ دېسەك بولامدۇ؟ بۇ گەپ مەقسەتلىك ئېيتىلغان گەپ. بۇ گەپنى دېگەن ئادەم شۇنچىلىك بىلىدىكەن دېسەك بولىدۇ، بۇ شۇ بىلىش دائىرىسىدىكى گەپ. ئۇنى كۆپ ئويلاشنىڭ، مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ئۇنچىۋالا دىققەتنى تارتقۇدەك، مۇلاھىزە قىلغۇدەك ئىش ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ قانۇنىيتىگە خىلاپ گەپلەر، باياممۇ دەپبولدۇمغۇ، ئىككى ئايرىلالماسلىق دەپ، سەنئەت بىر ماي، ئېلىم-پەن بىر ماتور، بىرسى بولمىسا يەنە بىرىنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ بۇ بىر دوگمىچىلىق. بۇنى نېمە دېسىڭىز بايا مەن دەپ ئۆتكەن «بىرىنچىلىك تالىشىش» كېسىلىنىڭ ئىپادىلىنىشى، بىرىنچىلىك تالىشىش ناھايىتى چوڭ، يوقاتقىلى بولمايدىغان، دورىمۇ كار قىلمايدىغان بىر كېسەل. ئەنە شۇ «بىرىنچىلىك»نى تالىشىش جەريانىدا ئىپادىلەنگەن بىر خاتا كۆز قاراش.



سوئال : سىزنىڭ نامىڭىزدىكى «زاھىر بورھان سەنئەت مەكتىپى» بار ئىكەن، ئەمما بۇ مەكتەپنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىكەن، شۇڭا بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز.



جاۋاب : 2007-يىلى بىڭتۈەن مائارىپ ئىدارىسى بىلەن سىفەن مەكتەپ بىرلىشىپ، مېنى سىفەن مەكتەپكە پىراففىسورلۇققا تەكلىپ قىلدى، ھەمدە بىڭتۈەن مائارىپ تارماقلىرى «سىزنىڭ نامىڭىزدا بىر سىنىپ ئاچساق، ئوقۇغۇچى تەربىيلەپ قويسىڭىز» دېگەن تەكلىپنى بەردى، بىڭتۈەن دائىرىسىدىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن، شۇڭلاشقا 2007-يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدۇق، 2008-يىلى دەرس باشلىدۇق. ئەللىكتىن ئوشۇق بالىنى مېنىڭ نامىمدا تەربىيىلىدۇق. بۇ بالىلارنى تەربىيلەشتىن بۇرۇن مېنىڭ ناھايىتى كۆپ غايىلىرىم بار ئىدى. يەنى شۇ بالىلارنى سەنئەتنىڭ ھەقىقىي ئۆلچەملىرى بىلەن تەربىيلەپ چىقىشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئىددىيسىنىمۇ ھەقىقىي سەنئەتكاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي پەزىلەت، بۇرچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆز خەلقىگە، ۋەتىنىگە ۋە سەنئىتىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تەربىيلەپ چىقىشنى خىيال قىلغان. بۇ خىياللارنى بىر نەچچە دوستلىرىمغا، يەنى ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئەختەم ئۆمەر، ئابلىكىم كەلكۈن، مۇختار بۇغرا قاتارلىقلارغا مەسلىھەت سالدىم، ئۇلارمۇ مېنى قوللىغان، مەنمۇ بۇ مەكتەپنى ئاچقان ئىدىم. بالىلار كەلگەندىن كېيىن قارىسام بالىلارنىڭكى يېتىلىش مەزگىلىدىكى (ئوتتۇرا-باشلانغۇچتىكى) تەربىيە مۇكەممەل ئەمەس، يەنى ئاشۇ چاغدىكى بالىلارنىڭ ئىددىيە يىلتىزى، شۇ چاغدىكى سەنئەتكە بولغان چۈشەنچىسى بىر خىل خاتا، بۇلارنى كەسىپكە بولغان ئۆزىنى بېغىشلىشى، كەسىپكە بولغان كۆز قارشى بىر خىل بۇرمىلانغان ھالەتتە بولۇپ، مېنىڭ ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىمغا توغرا كەلدى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا بۇ بالىلار ئاق قەغەزگە ئوخشايدىغان چېغىدا ئۈستىگە جېجىۋىتىلگەن،سىزىلغان قەغەزنىڭ ئۈستىگە يەنە خەت يازسا ئوقۇش مۇمكىنمۇ؟ ئەمدى بۇلار بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئاساسلىق كەسىپكە قارىتىشى ناھايىتى قېيىنغا توختىدى، زىھنىنى ئويناش، مۇھەببەت باغلاش، باشقا مەكتەپتىكى بالىلار بىلەن دوستلىشىش قاتارلىقلارغا سەرپ قىلىپ، مېنىڭ ئۇلارغا بولغان ئەجرىم، قىلغان تەربىيەلىرىم مەن ئويلىغاندەك ئۈنۈم بەرمىدى. بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك ھەمراھ بولۇپ، يېتىپ-قوپۇشتىمۇ بىرگە بولۇپ تەربىيە قىلدىم، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېسىم بالىلار ئادەم ئۈمىد كۈتكۈدەك ھالدا تەربىيلىنىپ چىقتى، ئەمما كۆپ قىسىملىرى يەنىلا ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەردە ساقلىنىۋاتقان ناچار روھىي ھالەت ئېقىمىغا قوشۇلۇپ كەتتى، مېنىڭ بارلىق ئەجرىم بىكارغا كەتتى. مەن ئاخىرى بۇ ئىشتىن ئۈمىد ئۈزدۈم ھەمدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىر توپنى تەربىيىلەش ھەرگىزمۇ 2-3 يىللىق ئىش ئەمەسكەن، بۇ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن بىر مەزگىلنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيلەشنى يەسلى مائارىپىدىن باشلاش كېرەككەن، كېچىكىدىن باشلاپ ئىددىيە ۋە كۆز قاراشنى ياخشى سىڭدۈرگەندە ئاندىن ئالىي مەكتەپ مۇھىتىدا تېخىمۇ ياخشى مېۋە بېرەلەيدىكەن دېگەن تونۇشقا كەلدىم.



يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا مەن مائارىپچى ئەمەس، مەن بىر سەنئەتچى، مائارىپ جەھەتتىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىممۇ ياخشى ئەمەس، بەكلا چولتىلىقى تۈپەيلىدىنمۇ مەن بۇ ئىشتىن قول ئۈزدۈم، بىر قارارنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى توختىتىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەتلىرىم بىلەن شۇغۇللىنىش قارارىغا كەلدىم. بالىلار بىر قارار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى، ئەمدى قايتا ئوقۇغۇچى تەربىيىلەيمەن.



سوئال : بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟



جاۋاب : ئەمدى خۇدايىم پېشانەمگە نېمە يازدى، ماڭا نېمە ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ؟ مەن شۇ ئاللاھ بۇيرۇغانغا تەييار. مەن ئۆزۈمگە تەئەللۇق ئەمەس، مېنى ياراتقۇچى مېنى نېمە ئىشلارغا سالىدۇ... بەزى پىلانلارنىمۇ تۈزىمەن، ئەمما خۇدايىم قايسى يولنى بەرسە، شۇ يولدا ماڭىمەن...



سوئال : ئاخىرىدا ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا دەيدىغانلىرىڭىز، كۈتىدىغانلىرىڭىز بولسا، ئاڭلاپ باقساق.



جاۋاب : دەيدىغانلىرىم ناھايىتى جىق، بۇ يەردە دەپ بولالمايمەن.



مۇھىمى مەسئۇلىيەت بولسۇن، مەسئۇلىيەت دېگەن گەپنى ياخشى ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. سەنئەت ئۇلۇغ بىر پەن، ئىنتايىن بۈيۈك بىر پەن، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغانكەن تەييارلىقنى پۇختا قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەت بىلەن كىرىش كېرەك. جان-دىلى بىلەن كىرىشى، ئۆز قەلبىگە سادىق بولۇشى كېرەك.



-رەھمەت سىزگە، بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە ئالاھىدە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى دەرس ئۆتۈپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت. بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.


مەنبەسى ۋە ئاپتورى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا ھەرقانداق تور بېكەتلەرگە يوللانسا بولىدۇ.


مەنبەسى:


http://www.kroran.net/bbs/thread-5506-1-1.html



arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 20:57:07

بۇ ھېكايىدىكى پىرسوناژلارنىڭ ئىسمى يوقكەن . \"\"

turalp يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 21:25:35

زاھىر بۇرھان ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىڭىزمۇ قېرىندىشىم؟

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 21:30:51

2- قەۋەتتىكى turalpنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زاھىر بۇرھان ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىڭىزمۇ قېرىندىشىم؟



مۇشۇ ئىنكاسنى يازمىسام ، بەلكىم سىزمۇ دىققەت قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن ئىدى ، قېرىندىشىم .\"\"


كۆردۈم ئەڭ ئاخىرىدىكى \"زاھىر بورھان نامىدىكى مەكتەپ \" دىگەن قۇردىن بىلگەن .

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-4 14:04:52

شۇنداق قىلىپ بۇيەردە باشقا گەپ بولمىدىمۇ؟

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 02:10:21







    زاھىر بۇرھاننىڭ ناخشا تىكىستلىرىنىڭ مەزمۇنى،مۇزىكىلىرىنىڭ ئۆز مۇزىكىلىرىمىزغا يېقىنلىقى،سەھنىدىكى ئورۇنداش ماھارىتىنىڭ تەبىئىي ۋە جۇشقۇنلىقى مېنى قايىل قىلىدۇ.مېنىڭچە،سەھنىدىكى زاھىر بۇرھاندا ئاجايىپ بىر كۈچلۈك ھېسسىياتنى ئىپادىلەش قىزغىنلىقى بار سەنئەتكار بولۇپ،ئۇ بەزىدە ناخشا ئارقىلىق دەپ بولالمىغانلىرىنى ناخشا ئارىلىقىغا قىستۇرۇلغان سۆزلىرى ئارقىلىق دېگەچ تۇرىدۇ.

    بۇ سۆھبەتتىمۇ قىلىپلىشىپ قالغان گەپلەرنى ئەمەس،بەلكى،ئۆز كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىلغاندەك تۇرىدۇ.

Nopano يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 15:09:40

بوب دىلان

Nopano يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 15:09:58

بوب دىلان

kimlik يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 17:10:40

توۋەندە بىر تەتقىقاتچىنىڭ \"سەنئەتچى \"\"سەنئەتكار \"داڭدار \"\"مەشھۇر\"\"چولپان \"سوزى تەھلىل قىلىنغان ماقالىسىنى يوللاپ قويدۇم .تورداشلار كورۇپ باققاي .



«ئاتاقلىق ناخشىچى» بىلەن «ناخشا چولپىنى»



ئابدىلىم ئابدۇراخمان



ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىپ كەلگەن، ئەمما ئايدىڭ بولمايۋاتقان بىر مەسىلە مانا بۈگۈن كاللامدا ئايدىڭلاشتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى، ناخشا چولپىنى دەپ قانداقلارغا ئېيتىلىدىغاندۇ،؟ ناخشىچى ياش بولسا، ناخشىلىرىنى ئوقۇغۇچى قورامىدىكىلەرلا ياقتۇرۇدىغان، ئۇلاردىن چوڭ ياشتىكىلەر ياقتۇرمايدىغان ناخشىچىلار “چولپان” دېيىلەمدىغاندۇ؟ ياكى ئۆزلەشتۈرمە ناخشىلارنى ئېيتىشنى ئاساس قىلىدىغان ناخشىچىنى كۆرسىتەمدىغاندۇ؟ زادى “ناخشا چولپىنى”نىڭ توغرا تەبىرى نېمىدۇر… دەپ ئويلايتىم .



مانا ئەمدى كاللامدىكى بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشقاندەك بولدى. ھېچبولمىغاندا بىزدىكى “ناخشا چولپانلىرى”نىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرىنى ئاساس قىلغان تەبىرى بولسىمۇ شەكىللەندى. ئادەتتە مەن ناخشىلارنى كۆپ ئاڭلايمەن دېسەم بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى، “12 مۇقام”نى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن، بۇ چارچىغاندا ھاردۇق چىقىرىش ئۇسۇلۇم بولۇپ كەلدى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 80-يىللاردا «مەجنۇنتال» دېگەن خەلق ناخشىسىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئورۇنداپ ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى تالانتىنى نامايان قىلغان ئىدى، ئەمما ئۇ چاغدا “چولپان” دېيىلمەيتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئابدۇللا چولپان ئاتالدى، شۇ ناخشىنى قايتا ئورۇندىدى، ئاڭلىسىڭىز بۇ ناخشىنى ئامېرىكا قارا تەنلىكلىرىنىڭ ناخشىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقان ناخشىكەن، دەپ ئويلاپ قالىسىز. بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ۋە مۆمىنجان ئېيتقان بىرمۇنچە ناخشىلارنى ئاڭلىسىڭىز ئۇنىڭ ماھارەت بىلەن ئورۇندالغانلىقىدىن ھەقىقەتەن زوقىڭىز كېلىدۇ، “ياش سەنئەتچىلىرىمىز يارايدۇ جۇمۇ، مانا بۈگۈنكى ناخشىلىرىمىزمۇ خەقنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن” دەپ پەخرلىنىپمۇ ئۈلگۈرىسىز، بەلكىم چەت ئەلدىكى دوستلىرىڭىز ۋەتەندىكى ناخشىلاردىن ئاڭلاپ باقايلى ئەۋەتىپ بېرىڭ، دەپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاشۇ ناخشىلارنى ئەۋەتىپ بېرىسىز. ئەمما سىز ناخشىنى توردىن چەت ئەلدىكى دوستىڭىزغا ئەۋەتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، “ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئەۋەتىپ بېرەرمىكىن دېسەم، ساپلا ئۆزبەكچە ناخشىلار ئىكەنغۇ، بۇ ناخشىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى مەندە بار ئىدى ئەمەسمۇ” دېگەن جاۋاب كېلىدۇ.



ئەمدى ئاتاقلىق ناخشىچى دېگەننىڭ تەبىرىگە كەلسەك، بىزگە نىسبەتەن خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش بىلەن خەلققە كەڭ تونۇلغان ناخشىچىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاتاقلىق ناخشىچىلار باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتقاندا، كۆپىنچە ئۆزلەشتۈرمەي، ئەسلى تىلىدا ئېيتىدۇ، قايسى ئەلنىڭ، قايسى مىللەتنىڭ ناخشىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتىدۇ.



دېمەك، ناخشا چولپىنى بىزچە خەقنىڭ ناخشىلىرىنى بىزنىڭكىگە، ئۆزىمىزنىڭ ناخشىسىنى خەقنىڭكىگە ئوخشىتىپ ئېيتىدىغان، ناخشىنىڭ ئىگىسىنى ئەسكەرتمەيدىغان، پەقەت ئوقۇغۇچىلار قورامىدىكى ياشلارنى مۇتلەق ئاساس قىلغان توپ چوقۇنىدىغان “ئۆزلەشتۈرمىچى ناخشىچى” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. چۈنكى ئوقۇغۇچى قورامىدىكىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن تۇرمۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولۇپ، مەلۇم شەيئىگە يولۇققاندا، ئۇنىڭ زادى قانداق بارلىققا كەلگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلىرىگە گۇمانىي قاراشتا بولۇشنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، مەلۇم ياشقا كەلگەندىن كېيىن بولسا، “ھە… ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن-دە، چولپان دېگىنىمىز سەنئەت ساھەسىدىكى «بوز يەر» ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر ئىكەنغۇ” دېگەن تونۇشقا كېلىدۇ.




2008-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يېزىلدى

مەنبە : http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4364#lastpost





بەت: [1]
: بىر سەنئەتكارنىڭ دىگەنلىرى