CBAتوغرىسدا پاراڭلىشامدۇق
بۇ يىلقى CBAباشلانغىلىمۇ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بوپتۇ .شىنجاڭ گۇۋاڭخۇي كوماندىسى جەمئى 16مەيدان مۇسابقە ئويناپ 8 قېتىم ئۇتۇپ 8قېتىم ئۇتتۇرۇپ 17 كوماندا ئىچىدە ھازىرچە 6- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
خېلى كۈتسەممۇ بىرەر ئايدىن بۇيان بۇ مۇنبەردە مۇشۇ CBA توغرىسدا بىرەر تىما يېزىلمىدى.بۇ يەردە تەسىراتلىرىمىزنى ۋە ئۈمەدلىرىمزىنى دىيەلمىەەندىن كېيىن مەكتەپتىكىCBA مەستانىللىرى ئارسىدا ئانچە-مۇنچە كۆز قاراشلىرىمىزنى سۆزلەشكەن بولدۇق. بۇ جەرياندا قېرىپ قالغان توپ چولپىنىمىز باتىر نى زور كۆپچىلىك باللاباتۇر دەپ ئاتىۋالدىكەن ھەم ئىسمىغا قاراپلا ئۇيغۇر ئوخشايدۇ دەۋالدىكەن( مەن مىللەت ئايرىماقچى ئەمەس ). مۇشۇ CBA نى ئۆزۈم يالغۇز كۆرۈپ ، گەپ قىلدىغان ئادەم يوق ئىچىم بەكمۇ سىقىلدى ، شۇڭا بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . مېنىڭچە بۇ مۇنبەردە CBAگە بولغان چۈشەنجىسى مول توپ مەستانىللىرمۇ ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن. بولسا مۇشۇ تىمىدا بىر تىما ئېچىلسا مۇسابىقىنى تەڭ كۆرسەك ، ھاياجانلىرىمزنى دىيشىۋالساق قانداق بولا ؟ئەمدى شۇ باتىرغا كەلسەك:باتىر( مۇڭغۇل) جۇڭگۇدىكى بىردىنبىر NBA چىمپىيۇنلىق ئۈزۈكىنى تاقىغان ئادەم . ئۇنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيپ كېتىشىگە قارىماي توپ ئوينىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب جۇڭگۇدىكىبىردىن بىر NBAۋە CBA چىمپىيۇنى بولماقچى ئىكەن.ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەسلى بۇ پۇرسەت 2010-يىل ۋە 2011-يىللىق مۇسابىقىلەردە كەلگەن ئىدى. لېكىن تەلەي كەلمەي يەنىلا جەنۇب زومگىرىگە ئۇدا ئىككى يىل ئۇتتۇرۇپ قويۇپ 2- بوپ قالدى.
بۇلتۇر يەنى 2012-يىللىق مۇسابىقىدە زور ئۈمۈتلەر بىلەن دۇبى قاتارلىق تەنھەركەتچىلەرنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرنىرى بولغان دىڭ خۇارد نى باش تىرنىرلىققا تەكلىپ قىلغانئىدى .ئەپسۇس شىنجاڭ گۇڭخۇي كوماندىسى ئارقا ئارقا ئۇتتۇرۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭغان ،توپ مەستانىللىرى بۇ دىڭ خۇۋارد دىن قاتتىق ئۈمۈتسىزلەنگەن ۋا قارشى نامايىش خاراكتىرلىك بىر قىسىم ئىشلارمۇ بولغان . بېسىم ئاستىدا مۇسابىقە ئاياغلاشماي تۇرۇپلادىڭ خۇۋارد ئورنىنى جاڭ شىڭچۈۋەنگەبوشاتقان.گەرچە جاڭشڭچۈۋەن( مەنمۇياختۇراتتىم بۇتىرىنىرنى) كېلىپ شىنجاڭنى ئالدىنقى 4 كۈچلۇك قاتارىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ لېكىن ئاخرىدايەنىلاشاللىنىپ كەتتى . ئەمدى بۇيىلقى 2013 - يىللىق مۇسابىقىلەرگە قارايدىغان بولساق ئاجىز كوماندىلار قالمىغاندەك تۇرىدۇ . كوماندا ئەزالىرىمۇ خىللىنىپ كېتىپتۇ. شىنجاڭدىن كەتكەن ئاۋۇ چارسى دىگەن ئاداشمۇ ياخشى ئوينايدىكەندۇق ئەسلى . بۇ يىل شەنشى كوماندىسنى يىتەكلەپ ھازىرچە 3-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.مۇسابقە باشلىنىپلا ھېلقى چەتئەللىك شىڭگۇردۇن بىلەن ۋون فاۋىر يارلىنىپ شىنجاڭ گۇۋاڭخۇي ئارقا - ئارقىدىن ئۇتتۇردى.ئەمما مۇشۇمەزگىلدە 8-قېتىملىق مۇسابىقە مەندە .ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە قالدۇردى. يەنى بۇلتۇرقى چىمپىيۇن بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن بولغانمۇسابىقە. بۇ مۇسابىقىدە پەخىرلىك ئوغلانمىز شىرئېلىجاننىڭ ئىپادىسى ئاجايىپ قالتىس بولدى.گەرچە ئاخىرىدا باتىرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن 112گە قارشى 110 نۇمۇر بىلەنيېڭىلىپ قالغانبولسمۇ ئەمما شىرئېلجان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يەنەبىر قېتىمھەيران قالدۇردى. قىسقارتقاندا مەنچە يەنە بۇلتۇرقىغا ئوخشىاش 4 نىڭ ئىچىگە كىرەلىشى ۋە چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قەدەم باسالماسىقى مومكىن. ( شەخسى قارشىم . مەنمۇ بىر CBA مەستانىسى. مەن 2009-يىلى توپ ئوينىغان ئەيلۇننى بەك ياخشى كۆرەتتىم.بولسا مۇشۇ مۇسابىقە تۇگىگىچە مۇشۇ توغىرىسدا بىرتىما ئېچىلسا .CBA مەستانىللىرى مۇشۇ يەردە پاراڭلاشساق . ھەراس شىنجاڭ كوماندىسى بۇگۈن بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە تۇنجى قېتىم قارشى تەرەپ مەيدانىدا غەلبە قىلدى:)
مۇڭغۇلنى مۇڭغۇل،قازاقنى قازاق دەۋەرگۈلۈك
مىللىتىنى ئايرىسا نىمە بوپتۇ؟
مەن ئۇيغۇر ئىشقىلىپ
خۈدۈكسىرەيدىغان ئىش ئەمەس
شىرئەلىجان ئىشلىگەن بۇ ئېلان خېلى داغدۇغا قوزغىغان ئوخشايدۇ.
كۇنشى دۇبى ئۆتكەن يىلى يارلاندىم دەپ ئوينىمىغان، بۇ يىل جېجىياڭغا بېرىپلا..CBA نىڭ رىكورتىنى بۇزىۋەتتى...تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىدە 75 نۇمۇر ئىلىپ رىكورت بۇزدى...ئەسلى مۇشۇنى تۇتۇپ قالالىغان بولسا..بۇ يىلقى مۇسابىقىلەر ئالامەت قىزىيتتى..ھازىر شىنجاڭ كوماندىسىدىكى چەتئەللىكلەر ئەجەللىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ..شىر ئەلىمۇ ئىككى چەتئەللىكنىڭ بىرسىدىن ئىشىپ نۇمۇر ئىلىۋاتىدۇ...تاڭجىدۇڭ بۇ يىل خېلى يامان ئەمەس..باتۇردا چىكىنىش ئېغىر..شىرئەلىجان ھالقىلىق نۇمۇر ئالىدىغان شەخىس بوپ قاپتۇ.. شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسى بۇيىل قالتىس بولۇپ كەتتى،ئەگەر مۇداپىيە ئىڭىنى بەكرەك كۈچەيتىپ ھەممە مەيداندا كەيىپاتىنى نورمال تەڭشەپ رولىنى جارى قىلدۇرالىسا شىرئەلجانغا جۇڭگودىن رەقىپ چىقمايتتى.
بۇيىل شىنجاڭ كوماندىسنىڭ بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىسنى كۆرۈپتىمەن(ئالدىراشچىلىق)
نەچچە مەيدان مۇسابىقىنى كۆرۈپ ھىس قىلىشىمچە كوماندىنىڭ مۇداپىيە ئىڭى سەل تۆۋەنرەك باشقا چوڭ چاتاقمۇ يوقكەن
تاڭجىدۇڭ بىر پوقكەن مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە
شىرئەلىجان بەكلا جاننى تىكىپ ئوينايدۇ، ئۆزىنى ئايىسا بولاتتتى.(يىللىق مۇئاشى 1مىليۇن 200مىڭ)
كېلەنبىك( قىرانبىك بولىشىك كىرەكمۇ ؟) نىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتىدۇ، تېرىنىر پايدىلىنىشنى بىلسە بۇ بالا بەك ئەسقاتىدۇ.(يىللىق مۇئاشى 900مىڭ)
مۇراتقا پۇرسەت بېرىلمەيۋاتىدۇ، مۇداپىئەسى ياخشى ئىدى.( يىللىق مۇئاشى 800 مىڭ)
جاڭ چىڭپىڭ باشقىلار كۈچىسە كۈچەيدىغان، سولىشىپ كەتسە تەڭلا يوقىلىپ كېتىدىغان شەخىسكەن. خاتالىق سادىر قىلىپلا تۇرىدۇ.( يىللىق مۇئاشى 1 مىليۇن)
ئىككى ئامرىكىلىق كۈچ چىقارمايۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى مۇشۇ چەتئەللىك ئەزالار سەۋەبىدىن يېڭىلدى، بۇ يلىمۇ تارىخ تەكرارلانمىسا بولاتتى.( يىللىق مۇئاشى 15مىليۇن، 12 مىليۇن)
باتۇر راستىنلا قېرىپتۇ.( يىللىق مۇئاشى 4 مىليۇن)
تاڭجىڭدوڭ راستىنلا ئېغىر بىر دۆۋە ( يىللىق مۇئاشى 3مىليۇن 500مىڭ) ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق ئىدى، بۇ يىل تېخىمۇ مۇزلاپ قېتىپ كېتىپتۇ. مەۋلاننىڭ قەدرى ئۆتىلىۋاتىدۇ
ئەسكەرتىش: تىرناق ئىچىدىكى مۇئاش سانىنىڭ مەنبەسى توردىكى ئۆسەك سۆزلەر . بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ھېس قىلغانلىرىم:
1.مۇداپىئە ئۆتكەن يىللارنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، جىق كوماندىلارنىڭ شىنجاڭ گۇاڭخۇي بىلەن ئوينىغاندا ئالغان نومۇرى 100دىن ئارتۇق، ئالدىنقى يىللىرى جىق كوماندىلارنى 80 ، 90 نەچچە نومۇر ئالغۇزاتتى.
2. باتۇردا بۇ يىل قېرىلىق يىتىپ قاپتۇ. چېكىنىش جىق.
3. گاردىن قايتقان توپنى تازا ياخشى ئالالمايۋاتامدۇ، ماڭا شۇنداقراق تەسىر بەردى.
4. شىرئەلىنىڭ ئىلگىرلىشى كۆرۈنەرلىك.
5.مەردان پاتراق ساقايسا بولاتتى، مۇرات مۇداپىئەنى ياخشى قىلاتتى، لېكىن مەيدانغا جىق چىقمايۋاتىدۇ. كېرەمبەگمۇ ماۋۇ يېقىنقى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىدە ياخشى ئوينىدى، مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنى كۆپرەك بەرسە بولاتتى.
6. ئىككى چەتئەللىكنىڭ ئىپادىسى بەزىدە ياخشى، بەزىدە ناچار، دولقۇنسىمان.
ھەقىقەتەن
绝杀偏见 قىلالىساق نىمە دىگەن ياخشى ئىدى -ھە. بەزىدە شەخسىي قەھرىمانلىق قىلدى دەۋاتقان، ئەمدى بېشىغا لىنقتا چىگىۋاپتۇ دىيىشىۋاتىدۇ. 粪青 لارنىڭ ئاغزىغا بىرنەرسىدىن باشقا دورا يوق. كىيىنكى يېرىم پەسىلدە ياڭزىسىنى كۆرىمىز بۇلارنىڭ مۇراتنىڭ مۇداپىئەسى بىلەن شىرئەلىجاننىڭ ھۇجۇمىنى بىرلەشتۈرسە بولامدىكىن دەيمەن.
ئاۋۇ ئىلان خېلى ياخشى چىقىپتۇ.
بۈگۈن LI-NING نىڭ دۇكىنىغا كىرسەم شىرئەلىجاننىڭ رەسىملىرىنى چاپلاپ قوياپتىكەن، يارىشىدىكەنغۇ دەپ خوش بوپ قالدىم. ياراتمايتتىم بۇلارنىڭ كىيىمىنى، بىرەر قۇر كىيىپ قويسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. ھەممىدىن بەك ياقتۇرمايدىغىنىم جاڭ چىنپېڭ دىگەن گۇي...قاچانلا قارىسا پاس بېرىدىغان چىڭ يېرىگە كەلگەندە بۆسۈپ كىرىمەن دەپ توپ ئېلىپ مېڭىشقا ئامراق ، تازا يوغان گۇيلىغا ئۈسۈۋېلىپ ئاندىن پاس بېرىپ ھۇجۇمنى بۇزۇپلا يۈرگەن ، ھۇجۇم تەشكىللەش دىگەن ئاڭ يوق دىيەرلىك ، ئۆزى نومۇر ئېلىش ئىستىكى شەخسى تېخنىكىسى ۋە مەيدان ئېڭى بىلەن ماسلاشمىغان ، ئۇ ئالمىشىپ چۈشكەن چاغدا ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە بىراقلا قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ ، شىرئەلى- باتۇر گۇرۇپپىسى بولغان مەيدان باشقىچە جانلىق ، شۈ گو جوڭ غۇ 3 نۇمۇرلۇق توپنى قورقۇپ ئاتالمايدىغان بوپ قالدى ، تاڭ جېڭدوڭنىڭ ئىپادىسى ۋە تەلەي ئامىلى يېقىندىن بېرى سەل ياخشى ، بۇ قېتىملىق تېرىنىرنىڭ تاكتىكىسى جاڭ شىڭچۈەن دىگەن قېرى تۈلكىگە زادىلا يەتمەيدىكەن . ھە راسىت ، تېرىنىرنىڭ يېنىدا دائىم ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىدىغان سۆرۈن تەلەت گۇي نىمە ئىش قىلىدىغان نىمە ئۇ ؟ شىرئەلىنى دەپلا كورۇپ كىلىۋاتىمەن، مۇشۇ ۋاسكىتبۇل دىگەن بىلەن پەقەت خوشام يۇق ئىدى بۇرۇن ،ئەمما پۇتبۇل دىسە ئۇچ ۋاخ تاماق يىمىسەممۇ سۇغۇق سۇ بىلەن نان يەپ شىرىن ئۇيقامدىن ۋاز كىچىپ كورىۋىرىمەن ،،قايسى بىر يىلى ئاغىنەم يۇنۇس تۇنگاننىڭ ئۇيىدە شىنجاڭ ۋاسكىتبۇل كۇماندىسىنىڭ مۇسابقىسىنى ۋە كوماندا ئىچىدە بىر نەچچە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بارلىغىنى بىلىپ ۋاسكىتبۇلغا قىزىقىپ قالدىم ،،شىنجاڭ ۋاسكىتبۇل كۇماندىسى ئۇينايدىغان كۇنى كوچىغا چىقماي غىت قىسىپ ئولتۇرۇپ كورىمەن ،،ھەر قىتىم نۇمۇر ئالسا سەكرەپ كىتىمەن ،قارشى تەرەپ نۇمۇر ئىلىۋالسا قۇلومدىكى موخۇركامنى بەك كوچلوك تارتىۋىلىپ يۇتىلىپ كىتىمەن .... شىرئەلىجاندا ئىلگىرلەش زور.ئۇنىڭغا ھازىر خېلى يولداشلارمۇ جايىل بوپتۇ.ئۆتكەندە mvpبوپتۇ! ئىككى چەتەللىك ماھىر تىرىشىپلا بەرسە يەنىلا ئۈمىد بار.ھەي... دۇبى دېگەن قارۋاي كەتمىگەن بولسا ،بەكمۇ ياخشى ئىش بولاتتىكەن .شىرئەلى كارامەت ئويناۋاتىدۇ،جۇمۇ!بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى بارلىق ماھىىرلارنىڭ نومۇر ئېلىش،پاس بېرىش،گاردىن قايتقان توپنى ئېلىش ...قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىستاتىكىسىدا شىرئەلى 31-ئورۇندا، دۆلەت ئچىدىكى ماھىرلار تەرتىۋىدە 6-ئورۇندا ئىكەن. ھەرقانچە بولسىمۇ،بۇ يىل دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلار. شىرئەلى ياخشى ئويناۋاتىدۇ.CCAV-5 دە ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى تارقىتىپ قالسا مۇسابىقىدىن بۇرۇن 4،5 مىنۇت مۇشۇ بالىنىڭ گېپىنى قىپ قويىدىكەن تېخى.زىيارەتلەرنى ئاڭلاپ باقتىم،خەنزۇچىسىمۇ ياخشىكەن.بالدۇرراق ئىنگىلىزچىنىمۇ ئۈگىنىپ قويسا ياخشى.ئۇنۋېرسال سەۋيەسىنىمۇ كۆتۈرۈپ دىگەندەك.
باشتا قىزىل كالىنىڭ تەكشىلىك ئىلانىغا چىقىۋىدى،ئەمدى لى نىڭ نىڭكى ۋىدېئو ئېلانىغا چىقىپتۇ ھەم پەيزىكەن ئېلاننىڭ مەزمۇنىمۇ.تېخىمۇ زور ئۈمۈتلەرنى كۈتىمەن ھەم زور ئامەتلەرنى تىلەيمەن. ھەي بۇيىل ئاران بىر مەيدان مۇسابىقىنى كۆرەلىدىم. شىرئەلىنىڭ سەۋىيسى خېلى ئۆسكەندەك تۇرىدۇ.
مۇشۇ بالىنىڭ يەنە 10سانتېمىتىر بويى ئېگىزلەپ كەتكەن بولسا نۇرغۇن نەتىجە قازىنىتتى چوقۇم.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا شىنجاڭ كوماندىسدىن چېمپىيونلۇق ئۈمدىنى كۆرگىلى بولمىدى.
ئەگەر بۇيىل شىنجاڭ كوماندىسى چېمپىيۇن بولۇپ قالسا شىرئەلنىڭ باھاسى راۋۇرۇس ئۆسەتتى.
مېنىڭ ۋە خەلقىمنىڭ مەدىتى بىلەن NBA غا كىرىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
گىتتارچى ئەپەندىم ،سىز ئېنگىلىز تىلېنىڭ گېپىنى قىلپىسىز سىزمۇ ئامېرىكىدا ئوينىشىنى مەندەكلا ئۈمىد قىلۋاتامسىز نېمە ؟{:92:}
لېكىن NBA .................
يېشى كىچككەن ئىستىقباللىق توپچى ........
2- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىرئەلىجان ئىشلىگەن بۇ ئېلان خېلى داغدۇغا قوزغىغان ئوخشايدۇ.
بۇ ئېلان ياخشى ئىشلىنىپتۇ
http://tieba.baidu.com/f?kz=1359566533
شىرئەلىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغانلار چىقمىسا بولاتتى