جۇلا ئاندرويىد ئەپ بازىرى ئېچىلدى !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەسلى مەزكۇ تور بىكەت خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلىنماقچى ئىدى ، لىكىن مەلۇب سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى ، ھازىر جىددى ئەپ چىقىرىلىۋاتىدۇ ، ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەپلەرنىڭ سانى تىز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ .بىكەت ئەپ چۈشۈرۈشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاندرويىد خەۋەرلىرى ۋە يانفون بازىرىنى قوشۇمچە قىلىپ قۇرۇلغان . ئەپلەر 3 چوڭ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ ، ئۈچ چوڭ ئىچىدە يەنە ئون نەچچە كىچىك تۈرلەر بار، كىچىك تۈرلەر ھازىر تەھرىرلىنىپ ، مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا . يەنە باشقا سەھىپىلەر ۋە ئىقتىدارلار پات ئارىدا قوشۇلماقچى .
بىكىتىمىز ئەسلى ساپ ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى چۈشۈرۈشنى تەمىنلەيدىغان قىلغان ئىدۇق ، لىكىن خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى ياخشى دەپ قارىغان ئەپلەرنىمۇ ئورتاقلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئەپلەر ، ئويۇنلار ۋە ئۇيغۇرچە ئەپلەر قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىدۇق ، بىكىتىمىزگە چىقارغان ئەپلەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئەسلى ياسىغۇچى ۋە تەرجىمە قىلغۇچىغا مەنسۇپ ، ئەگەر ئەپ ئىگىسى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلسا ، بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆچۈرۋىتىمىز .
بىكىتىمىز باشقا بېكەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ .
ئادرىسى : http://xjjula.cn/
مەنبە : http://ijadkar.cn/blog/site-news/id_9.html ئەسكەرتىش : بۇ تور بىكەتنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ... «ئەگەر ئەپ ئىگىسى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلسا ، بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆچۈرۋىتىمىز» مانداق پىس-پاس گەپنى قىلماي، باشقىلار ئەجىر قىلغان نەرسىنى ئۆزۈڭلارنىڭ تور بېتىگە چىقىرۋېلىشتىن ئىلگىرى ئىگىسىدىن رۇخسەت ئېلىشىڭلار كېرەك.
ئەقلىي ئەمگەكنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى قاچان ئۆگىنەرمىز؟؟ مۇبارەك كىتابىمىزنىڭ(Quran) ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتالىنى چۈشۈرەي دېگەن، نەدىن تاپقىلى بولىدۇ.
3- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇبارەك كىتابىمىزنىڭ(Quran) ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتالىنى چۈشۈرەي دېگەن، نەدىن تاپقىلى بولىدۇ.
سىز دېگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاندرويىد دېتالى ماۋۇ يەردە بارغۇ.
http://www.alip.biz/thread-2977-1-1.html
4- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇبارەك كىتابىمىزنىڭ(Quran) ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتالىنى چۈشۈرەي دېگەن، نەدىن تاپقىلى بولىدۇ.
سىز دېگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاندرويىد دېتالى ماۋۇ يەردە بارغۇ.
http://www.alip.biz/thread-2977-1-1.html
رەھمەت ئالىپكا، تاپالماي يۈرەتتىم.

بەت:
[1]