ئەيساجان، «بىر سوم پىلانى» غا ئاتالغان 12-ئايلىق پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، ئاق بۈركۈت تورى بۇ يىل 10-ئايدىن بېرى بىكەت مۇلازىمىتىر چىقىمىنى قامداش ۋە ئىزدىنىشتا يولغا قويۇلىۋاتقان <بىر سوم پىلانى> غا ياردەم قىلىپ موقىم كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ھەر بىر فىلىمنى بىر يۈەندىن سېتىپ چىقىرىشنى يولغا قويغان، بۇ جەرياندا كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 10-ئايدا پىلاننى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈپ، ئاي ئاخىرىدا 371.25يۈەن پۇل ئايرىغان، بىراق مۇنبىرىمىزدىكى بىر سوم پىلانىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجراچىسى ئەيساجاننىڭ ئالدىراش بولۇپ قېلىشى سەۋەپلىك پۇلنى يەتكۈزۈپ بېرىپ بولالمىغان، ئەمما بىز بۇ پۇلنى 400 يۈەن قىلىپ كۆيۈك ئازابىدا پۇچۇلىنىۋاتقان بىر ئانىغا ياردەم قىلدۇق، ئشىنىمىزكى تورداشلارمۇ بىزنىڭ بۇ ھەركىتىمىزنى قوللىغۇسى.
11-ئايدا بىر سوم پىلانىغا 321.5 يۈەن پۇل يىغىلغان، بۇنى گودلاك بۇرادەر ئارقىلىق ئەيساجانغا ئەۋەتىپ بەردۇق.
12-ئايدا 183.5 يۈەن يىغىلىپتىكەن، بۇنى گودلاكقا ئەۋەتىۋەتتۇق، ئەيساجانغا يوللاپ بېرىدۇ.
بىز بۇنىڭدىن كىيىن مەلۇم مەزگىلدە بىر ھىسابات قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن يىغىلغان پۇلنى <بىر سوم پىلانى> غا ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز.
مەن ئاق بۈركۈت تورى نامىدىن مۇنبىرىمىزنى قوللاپ كۈچ چىقىرىۋاتقان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3936&extra=&page=1
سىلەرگە كۆپ رەھمەت بۇرادەرلەر ... ئالىپايغا يوللانغان 183.5 يۈەن ھېسابقا كىرىپتۇ. ھەرقايسى توربەتلەردە كەڭرەك تەشۋىق قىلغان بولسىڭىز بۇ سان تېخىمۇ كۆپىيەر ئىدى. ئىلگىرىكى تېمىلىرىڭىزدا ساپلا باشقا يەردە تەۋسىيە قىلماڭ ! دەپ بولغاچقا تەۋسىيە قىلمىغانتىم.ئەمدى تەۋسىيە قىلىپ قوياي.