تور تېلىفونى ئىشلىتىدىغانلار بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنقىلابى يولداشلار! ياخشىمۇ سىلەر...
مەن بىر تور تېلىفونى ئىشلىتەي دىگەنتىم <تېلىفونغا قاچىلاپلا> بىراق قايسىسىنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ئەڭ ياخشى، قايسىسى ئەرزان دېگەنلەردە ئىككىلىنىپ يۈرۈپ بەيدۇدىن ئىزدەپ يۈرۈپ 飞音 بىلەن有信 دەيدىغان ئىككىسىگە كۆزۈم چۈشتى ، بىراق ماز يېرى بۇلار ساپلا ئەڭ ئەرزان بولغاندا مانچە پۇل... دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدىكەن، ئۇنداق بولغاندا ئەڭ قىممەت بولغاندىچۇ؟ دېگەن مەسىلە بار، يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئاۋاز سۈپىتى...... ئۇنىڭ قانداق ئاجىزلىقى ، قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ مەن بىلمەيدىغان ياخشىراق تور تېلىفونلىرى يەنە بارمۇ؟
مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر ، ھازىر بەك ئالدىراش بوپ قالدىم ، باشقا گەپلەر بولسا ئىنكاسلاردا دېيىشەرمىز ...........
ئالتۇن بېشىڭلار ئامان بولغاي..........
ئەلىۋەتتە بار. مەن ئادەتتە voipraider نى ئىشلىتىمەن. ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى. مېنىڭچە مۇشۇ ياخشى. پۇل قاچىلىغاندىن كېيىن سىزگە بىكارلىق ۋاقىتنى بېرىدۇ. 50 دوللار نى بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن. يەنى سىز ‹‹بىكارلىق›› دەپ چىقىرىپ قويغان تىزىملىكتىكى دۆلەتلەرگە ئۇرسىڭىز بىكارلىق ۋاقتى توشقىچە بىكارلىق ماڭىدۇ. ئەگەر جۇڭگونىڭ ئىچىدىلا ئىشلىتىمەن دېسىڭىز 25 دوللار سىزگە كەڭتاشا يېتىدۇ. ئەگەر ‹‹چەتئەلدىن ماڭا تېلىفۇن قىلاتتى›› ياكى ‹‹چەتئەلدىن جۇڭگوغا تېلىفۇن قىلىمەن›› دېسىڭىز بىكارلىق ۋاقتى توشقىچە بىكارلىق. ۋاقتى توشۇپ كەتسىمۇ بەكلا ئەرزان ماڭىدۇ. ئىككى يىل بولدى. بەكلا ئەسقېتىۋاتىدۇ. ئاۋازىمۇ ياخشى. چاتاق يوق. جۇڭگودا بولسىڭىز جۇڭگونىڭ كارتىسى، چەتئەلدە بولسىڭىز چەتئەلنىڭ كارتىسى ئىشلەيدۇ.
تور ئادرىسى:
http://www.voipraider.com/
5- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
Skype دىن باشقىسى بىكار. مەن بەك نۇرغۇنلىرىنى ئىشلىتىپ باققان. Skype نىڭ ئاۋاز سۈپىتى ئەڭ ياخشى. سۆزلىشىش ھەققى ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئوخشاش. ئەگەر دۆلەت ئاتلىمايدىغان ئىش بولسا، يەنىلا ئەنئەنىۋىي تېلېفون ياخشى، چەتئەللەرگە تېلېفون قىلغاندا Wifi ئارقىلىق Skype دا قىلسىڭىز، كۆپ ئەرزانكەن...
voipraider نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ. بەكلا ياخشى.
ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام !
تور تېلفونى ئېھتىياجلىقلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن قولايلىق ھەم بەسىي ئەرزان .
خەلقئارالىق تېلفون قىلماقچى بولسىڭىز گېرمانىيە BETAMAX شىركىتىنىڭ يۈرۈشلۈك تور تېلىفونلىرىنى ( جۇڭگوغا بىر مىنۇتى 0.05 يۇۋەن ) ، چەتتىن جۇڭگوغا ياكى دۆلەت ئىچىدە رومانلىق تېلفون قىلماقچى بولسىڭىز SKYPE نىڭ ئايلىق 10.000 مىنىۇتلىق مۇلازىمىتىنى ( 70 يۇۋەن ) ئىشلىتىڭ . تور تېلفونلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى دۆلەتلەرگە قارىىتا پەرىقلىق بولىدۇ . جۇڭگوغا نىسبەتەن خېلىلار ئەرزا ن .
. ئاۋاز سۈپىتى تور سۈرىتىگە بېقىندى
ئالتۇن بېشىڭلار ئامان بولغاي؟
باش ئالتۇن بولسا قانداق ئىشلەيدۇ؟ بىزنى ئۆزىنىڭ كاللىسى يوق، ئالتۇندىن كاللا ياسىتىپ شۇنى ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟
سكايپى بولارمىكىن،بىراق تور تېلفۇنىنىڭ سۈپىتى ھامان كارتا بىلەن بىۋاستە ئۇرغانغا يەتمەيدۇ.
1- قەۋەتتىكى Mollamushukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالتۇن بېشىڭلار ئامان بولغاي؟
باش ئالتۇن بولسا قانداق ئىشلەيدۇ؟ بىزنى ئۆزىنىڭ كاللىسى يوق، ئالتۇندىن كاللا ياسىتىپ شۇنى ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟
چېچى سېرىقلارنى دېگەنمىكىن.
voipraider ماۋۇ قارىسام بولىدىغاندەك. voipraider ھەقىقەتەن ياخشى بالىلار. Skype قا ئايلىق تۆلەيسىلەر ھەم ئاسان تۈگەيدۇ. Voipraider غا تۆلەپ قويۇپ قاچان ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. Voipraider نى ئايلىق ھېساپلىمايدۇ. تۆلەپ قويۇپ قاچان ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دۆلەتلىك تېلىفۇنلارغىمۇ بەك ماس كېلىدۇ.ئامېرىكىغا ئۇرسىڭىز بىكارلىق. بىكارلىق ۋاقتى تۈگىسىمۇ بەكلا ئەرزان ماڭىدۇ.ياپونىيەنىڭ مۇقىم تېلىفۇنىغا ئۇرسىڭىز بىكارلىق.بىكارلىق ۋاقتى تۈگىسىمۇ بەكلا ئەرزان ماڭىدۇ. ئىشقىلىپ جىق يەرگە بىكارلىق بۇ. بىكارلىق ۋاقتى تۈگىسىمۇ بەكلا ئەرزان ماڭىدۇ. بۇدۇشقاقجان قالدۇرغان تېلىفوندا جۇڭگۇ دولەت ئىچى ۇزۇن يول بىلەن مۇشۇ يەردىن شاڭگاڭغا قانچە پۇلدۇ بۇدۇشقاقجان قالدۇرغان تېلىفوندا جۇڭگۇ دولەت ئىچى ۇزۇن يول بىلەن مۇشۇ يەردىن شاڭگاڭغا قانچە پۇلدۇ تېلىفوندا چىقىۋۋاتاتتىم تورغا، خەەت يازالماي قاباھەتلىك ئىچىم پۇشتى
تور سۈپىتى ياخشى بولسا skype نوچىكەن, لېكىن سەل ئېىغىرراق بىلىنىدى.
MobileVoipمۇ بولىدىكەن، تەمىنلىگەن تۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى جۇڭگو قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرگە بىكارلىقلا ماڭىدىكەن. سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز قايسىغا ماس كېلىدىكەن، قاراپ بېقىڭ.
http://www.mobilevoip.com/
ئىككىلا تەرەپتە بولسا، Lineمۇ يامان ئەمەس بىلىندى. مەن ۋېي ۋېي دېگەننى ئىشلىتىمەن، تېلفۇنۇمنى ئالغاندا ساتقۇچى 0.36 قاچىلاپ بېرىپتىكەن. كۈندە 30 مىنۇت ھەقسىز، سۆزلىشىمەن، لېكىن ۋاي فاي بولمىسا قىممەت توختاپ قالىدىكەن ۋاي فاي بولمىسا قىممەت توختاپ قالىدىكەن دىگەننى چۈشەندۇرۇپ قويامسىز؟
ئېقىمنى جېق يەۋالامدىكە؟ {:92:}
DELLMONT voiprider شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى . DELLMONT ياكى BETAMAX نىڭ بولسۇن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئوخشاشراق . بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر نەچچە خىل تۈرى بار . ياۋرو ياكى دوللارنى بىرلىك قىلىدۇ .
1 . 10 ياۋرولۇق قىممەت تولۇقلىسىڭىز 90 كۈن ياكى 120 كۈن ( كۈندە تەخمىنەن 30 مىنۇت ) ھەقسىز سۆزلىشىش ۋاقتى بېرىلىدۇ ، لېكىن ھەقسىز ۋاقتى تۈگىسە قىممەترەك ھېسابلىنىدۇ
2. ھەقسىز ۋاقتى يوق ، لېكىن ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ئەرزانراق ھېسابلىنىدۇ .
3. سۆزلىشش ھەققى نىسبەتەن ئەرزان ، لېكىن ، ئۇلىنىش ھەققى ( 0.039 دوللار ياكى ياۋرو ) ئېلىنىدۇ .
MobileVoip بولسا تورتېلفونلىرى ئۈچۈن قوللىنىشچان ئەپ . ئايفون ، ئاندروئىد ، سىمبىيان ... سېستمىلىق يانفونلارنى قوللايدۇ .
بۇ تورتېلفونلىرىنىڭ ئورگان تەرەپ ئەپلىرى بار ، ئەگەر باشقا ئەپلەر ۋاستىسىدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز Nimbuzz ، Mobilevoip ، Fring قاتارلىق ئەپلەرنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .
11- قەۋەتتىكى sodigar99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇدۇشقاقجان قالدۇرغان تېلىفوندا جۇڭگۇ دولەت ئىچى ۇزۇن يول بىلەن مۇشۇ يەردىن شاڭگاڭغا قانچە پۇلدۇ
شياڭگاڭغا سۆزلىشش ھەققى نىسبەتەن ئەررزان .
VoipRaider
Hong Kong (Landline) | € 0.011 | |
Hong Kong (Mobile) | € 0.004 |
cheapvoip
Hong Kong (Landline) | € 0.004 | |
Hong Kong (Mobile) | € 0.004 |