enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 15:30:04

مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ھەققىدە پاراڭلاشمايلىمۇ...

بۇ بىر تېما ئېچىپ موللا مۈشۈك، گۈلەن، ئارىغتۇغ، سانسارا، ئۆزھال، قوشماق خېللو، مەتۇ، تۇماق، تەپەككۈرچى...قاتارلىق ئۇستاز ۋە بۇرادەرلەرنى بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان تېما. چۈنكى يېڭى يىلمۇ كىرىپ قالدى، بىلىم ۋە تەپەككۈر پارتلاۋاتقان، دۇنيا ۋەزىيىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان، جۇڭگو ۋە دىيارىمىزدا ئىسلاھات تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇيغۇرلار تېخىچە تەيپۈنەمنىڭ ۋاختىدىكى ئىشلارنى ۋاختى ئۆتكەن بىلىم ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ ئۆتىۋەرسەك ھازىرقى دۇنيادىكى زامانىۋى ئاڭ ۋە زامانىۋى قۇرۇلما ئالدىدا تېخىمۇ ئىپتىدائىيلىققا چۆرۈپ تاشلىنىپ كېتىۋېرىمىز.


گەپنى مەن ئەدەبىياتتىن كۆرە شەھەر قۇرۇلىشى ئىستىتىكىسىدىن باشلاشنى ئويلاپ قالدىم. چۈنكى مودېرنزم (زامانىيۋىلىق) ۋە كېيىنكى مودېرنىزم(كېيىنكى زامانىۋىيلىق ياكى سۈرمودېرنىزم)نىڭ ھازىرقى زامان شەھەر قۇرۇلىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى رولى ئىنتايىن زور. بۇ ئارقىلىق بىز پەلسەپەنىڭ ئەدەبىياتلا ئەمەس پۈتۈن شەيئىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ناھىيىتى ئاممىباپ ئۇسۇلدا بىلىۋالالايمىز.


ھازىرقى زامان شەھەرلىرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خانىۋەيرارنچىلىقى تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن. ئەينى چاغلاردا ئۇرۇش دەستىدىن پۈتۈن ياۋروپادىكى نۇرغۇن بىنالار بومبىدا پارتلاپ خارابىيلىققا ئايلانغان، بەزى دۆلەتلەردىكى چوڭ شەھەرلەر ھەتتا پۈتۈنلەي تۈزلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۇرت-ماكاننى تېزلىكتە قۇرۇش ئېھتىياجى كېلىپ چىققان. ئۇرۇشتا ئىقتىساد ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغاچقا دۆلەت ۋە شەخسلەر ئىلگىرىكىدەك ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتىكى ھەشەمەتلىك بىنالارنى سالالمايتتى. شۇڭا ئازغىنە ئىقتىساد بىلەن قانداق قىلغاندا ھەم تېجەشلىك ھەم كۆركەم بولغان نۇرغۇن بىنالارنى سالغىلى بولىدۇ، دېگەن بۇ تېما تەبىئىيلا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئارخىتىتوكلار نەقىشسىز، تۆت چاسا بىنالارنى لاھىيەلەش ئۇستىلىرىغا ئايلانغان. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئاددىي-ساددا بولۇش، پايدىلىنىش بوشلۇقى ئازادە بولۇش ئەكس ئەتكەن مودېرنىزمدۇر. كېيىن ئىقتىساد بارا-بارا ئەسلىگە كېلىپ ۋە قايتا گۈللەنگەندىن كېيىن يەنە يېڭى تەپەككۈردىكى بىناكارلار مەيدانغا كەلدى.  ئۇلار دېررىدانىڭ كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق پەلسەپىسىنى كۆچمە مەنىدە قوللىنىپ بىنالارنى لاھىيەلەشتە بوشلۇق ئىستىتىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەنئەنىۋى ۋە دەسلەپكى مودېرنىزم  بىناكارلىقىدا سىرتقى مۇھىت بىلەن تاشقى مۇھىت ئايرىۋېتىلگەن، نەقىشلىرى ناھىيىتى ھەشەمەتلىك بولغان بولسا يېڭى تەپەككۈردىكى بىناكارلار ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتۇپ :"ئەنئەنىۋى بىناكارلىقنىڭ بىر خىل قېلىپى بار، ھەر بىر خىل لاھىيە ئەزەلدىن شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك بىر خىللا لاھىيەلىنىدۇ ۋە ئىچ بىلەن تاش ئايرىۋېتىلىدۇ، تەكشىلىككە قويغان تەلىۋى بەك قاتتىق. بىز بۇ خىل ئىستىتىكىنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك، بىنا ئىچىدىكى بوشلۇقتا ئىچ ۋە تاش دەيدىغان ئۇقۇم بۇزۇپ تاشلىنىشى كېرەك، بىنا ئىچىدىكى بوشلۇقتا ئىچ ۋە تاش دەيدىغان ئۇقۇم بولماسلىقى كېرەك، لازىملىق نەرسىلەرنى خالىغان چاغدا ئىشلىتەلەيدىغان بولىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ بىنا سالىدىغان تەكشىلىككە قويىدىغان ھەرقانداق تەلەپنى بۇزۇپ تاشلاپ خالىغان يەرگە خالىغانچە ئۇسلۇپتا لاھىيەلەش كېرەك دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يىلاندەك تولغىماچ بىنالار، قەۋەتلىرى كاۋاك بىنا-داچىلار، يەلكەن شەكىللىك تىياتىرخانىلار (سېدنىيدىكى سۇ ئۈستى تىياتىرخانىسى)...دېگەندەك ئاجايىپ-غارايىپ بىنالار مەيدانغا كېلىپ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇقۇمىنى پۈتۈنلەي بىت-چىت قىلدى. بۇنىڭدا دېررىدانىڭ كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق پەلسەپىسى قانداق رول ئوينىدى؟ دەسلەپكى قۇرۇلمىچىلىق بىر پۈتۈنلۈك بىر نەچچە مۇقىم بولغان شەيئىنىڭ بىرلەشمىسى دەپ قارايتتى ۋە بۇنى ئاجرىتىپ تەھلىل قىلاتتى. دېررىدا بولسا بۇ خىل قاراشنى ئاغدۇرۇپ كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق پەلسەپىسىنى ئاغدۇردى. ئۇ بۇنداق تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ۋاختى ئۆتتى، دەپ جاكارلىدى. قۇرۇلمىچىلار ئۇنىڭدىن ھەيران قالدى: ئاساسىڭ نېمە؟


بىر پۈتۈنلۈك بىر نەچچە ئوخشىمىغان شەيئىنىڭ بىرلىشىشى بولىشى ناتايىن. مەسىلەن "تاماق يەيمەن" دېگەن بۇ سۆزنى مىسالغا ئالايلى، تاماق يەيمەن دېگەندە سىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا چوقۇم قورسىقى ئاچقان، تاماق يىيىش ئالدىدا تۇرغان بىرسى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. لېكىن ئىش ھەققىنى ئالالماي نامايىش قىلغانلار بۇ گەپنى قىلسىچۇ؟ ئۇ چاغدا سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدىغىنى تاماق ئەمەس پۇل كۆرىنىدۇ.بۇ خىل ئۆزگۈرۈشتىن بىر قۇرۇلمىنىڭ مۇقىم بولغان بىر نەچچە شەيئىدىن تۈزۈلمەيدىغانلىقى، بەلكى كونتېكىستتىن تۈزۈلىدىغاننى، بىلىۋالالايمىز، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن قارشى چىققۇچىلارمۇ قايىل بولغان (قۇرۇلمىچىلىق ۋە كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق بۇنداق ئاددىي گەپ ئەمەس، ئاممىباپ بولامدىكىن دەپ شۇنداق دەۋاتىمىز-ھە). دېررىدا يەنە بۇرۇن پەقەت ئاق ۋە قارا دەپلا ئايرىلاتتى، نىمىشقا بىز ئاق بىلەن قارىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈررەڭنى ئويلاپ قويمايمىز،دېدى. بۇنىڭ بىلەن سۈر مودېرنىزم، يەنى سۈر زامانىۋىزم(كېيىنكى مودېرنىزممۇ دېيىلىدۇ) ئاتالغۇسى مەيدانغا كەلدى.


بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كېيىنكى بىناكارلىق كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقنىڭ كونتېكىستتىكى كۆپ خىل ئۆزگۈرۈش ئۇقۇمىدىن ئىلھام ئالغان. خۇددى پىكاسسونىڭ رەسىملىرىدىكى بىر كۆزى قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە، بىر كۆزى دوقىسىدا، ئاغزى مەيدىسىدە دېگەندەك غەلىتە تەسەۋۋۇرلارنى كەڭتاشا قوللانغاندەك ھەر بىر لاھىيىسىدە ھېچكىم قوللىنىپ باقمىغان ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى-يېڭى لاھىيەلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر دۇنيادىكى تەرەققى تاپقان شەھەرلەر مۇشۇنداق سۈررىئالىزىم ئۇسلۇبىدا شەھەر بەرپا قىلماقتا. مەسىلەن لاسۋېگاسنى مىسالغا ئالايلى، ئەسلىدە لاسۋېگاس دەرەخ ئۈنمەيدىغان بىر قاقاسلىق ئىدى. كېيىن كىشىلەر بۇ يەرگە ماكانلىشىپ پەيدىن-پەي شەھەر پەيدا قىلدى. بۇ يەردە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بولغاچقا ھەركىم ئۆزى خالىغىنىچە بىنالارنى لاھىيەلەپ سالغان ۋە مۇشۇ يوسۇندا شەھەر كېڭەيگەن. لاسۋېگاستا بۇنداق قىلىش بىر خىل ئەنئەنىكەن ھازىر. پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق سانىلىدىغان بۇ شەھەردە ئوخشاش سېلىنغان ئىككى بىنانى تاپقىلى بولمايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ خاسلىقى ئاجايىپ ھۆرمەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ ئامېرىكا روھى تولۇق ئەكس ئەتكەن بىر كارتىنا.


ئەمدى بىز بۇ تاققا-تۇققۇ گەپنى قويۇپ جۇڭگو ۋە دىيارىمىز ھەققىدە تېخىمۇ تاققا-تۇققۇ پاراڭ سېپ باقايلى:


تەرققى قىلغان ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەللىرى كېيىنكى مودېرنىزمنى قوللىنىپ ئەدەبىيات-سەنئەتتىن تارتىپ، بىناكارلىق، جىمى ئىشلاردا خاسلىق يارىتىۋاتقان 60-70 يىللاردا جۇڭگو مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قوزغاپ ھەممىدە بىرلىككە كېلىشنى  دىكتاتۇرا بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتاتتى. كىيىم كېچەك جەھەتتە ھەممە ئادەم سېرىق چاپان، سېرىق شەپكە كىيەتتى. ھەممە ئۆيلەرنىڭ رەڭگى، قۇرۇلمىسى بىر خىل بولغان ئىدى. ئىدىيەدە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۈزۈندىسىگە بىرلىككە كېلىش ئۆلۈم جازاسى بىلەن مەجبۇرلىنىدىغان بۇيرۇق ئىدى. بىرگە بىرنى قوشساق چوقۇم دانا داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىككى بولاتتى. كىشىلەرنىڭ تەبىئىي خاسلىقى مەملىكەت بويىچە كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. نېمىدېگەن نېمە چاغلار-ھە ئۇ. ئىدىيەدە يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كېلىشكە ھە دېگەندىلا كۆنۈپ بولالمىغان خاسلىقنىڭ "ئاۋارىچىلىقى" تۈپەيلىدىن مىليونلىغان ئادەملەر شۇ چاغدا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. مانا بۇ ئاتالمىش يېڭى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ھەرىكىتى.


ھالغۇكى، ھازىرقى سۈر مودېرنىزم دەسلەپكى مودېرنىزم ئىنكار قىلغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قايتىدىن تىرىلدۈرمەكتە. ئەنئەنىنىڭ ھەممىسى كارغا كەلمەيدىغان نەرسە ئەمەس، ئەنئەنىدىمۇ نۇرغۇن ئەقىل-پاراسەت بار، ئەنئەنىۋى بايلىقنى كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقنىڭ بىر كونتېكىستى قىلىشىمىز كېرەك. مانا بۇ ھازىرقى زامانىۋىيلىقنىڭ تەشەببۇسى.


ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە دېڭ شياۋپېڭ بوۋاي ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ جۇڭگونى بىر خىللاشتۇرۇشتىن خېلىلا قۇتۇلدۇردى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. بىز ھازىر تەرەققى قىلىۋاتىمىز، تەرەققى قىلىۋاتىمىز، تەرەققى قىلىۋاتىمىز...


لېكىن، بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى غەرپنىڭ پەن-تېخنىكىسى ۋە تۈرلۈك زامانىۋى ئەندىزىلىرىنى ئۆگىنىشتىن، كىرگـۈزۈشتىن ۋە تەقلىد قىلىشتىن كەلگەن. شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى شەھەرلەر ياۋروپانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى شەھەر قۇرۇلىشى ئەندىزىسىدە كېتىۋاتىدۇ. سۈر مودېرنىزمدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس، كىشىلەرنىڭ خاسلىقى تېخىچە يېتەرلىك ھۆرمەت قىلىنمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئىجاتكارلىقتىن قاندامۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟


ھازىر ھەممە شەھەر ۋە ناھىيەلەردە بىنالار ئوپ-ئوخشاش سېلىنىۋاتىدۇ، ئوپ-ئوخشاش سىرلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق ھەممە يەرنىڭ پەرقى بولمىسا تەرەققىياتنىڭ تۈزۈك مەزىسىمۇ بولماي قالىدىكەن.


2010-يىلى يازدا مەن ئەدەبىي تەرجىمانلار كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدا بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدىم. پۈتۈن بۇلاقتاغ رايونىدىكى داچىلارنىڭ ھەممىسى ئوپ-ئوخشاشكەن، بىر قېتىم مەن تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كېتىپ قايتىپ كېلەشىمدە يازغۇچىلار ئىجادىيەت بازىسىنى تاپالمىغىلى تاس قالدىم. ئەگەر ئەشۇ كىگىز ئۆي بولمىغان بولسا مەن ئېزىپ قالدىم دەپ تېلېفۇن ئېلىشقا مەجبۇر بولغان بولاتتىم.


ھازىر بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز بىر خىل ئاڭسىزلاچە دوراش ئارقىلىق كېتىۋاتىدۇ. بىر شەھەر يەنە بىر شەھەرنىڭكىنى ئۆز ئەينى ۆۆچۈرۈپ كېلىدۇ، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭكىنى ئاڭسىزلارچە دوراپ كېلىۋاتىدۇ، ھەقىقىي بىر پەلسەپىۋىيلىك ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىلمىيلىك يوق. شەھەر پىلانلاشتا ئىسراپخورلۇق قىلىپ تېخى چېقىش يېشىغا توشمىغان بىنالار چېقىلىپ ئورنىغا ئۇنىڭدىن بىر نەچچە قەۋەتلا ئېگىز بولغان بىنالار سېلىنىۋاتىدۇ، مېھرى ئىسسىق ئەنئەنىۋى ئۆيلەر چېقىپ كۆچۈرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماكان ۋە زاماننىڭ تەڭكەشلىكى بۇزۇلۇپ ھەر خىل زىددىيەتلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. ھەي، بۇ ئىشلارغا بىر نېمە دەپ بولمىدى، ھۆكۈمەتكە تەكلىپ سۇناي دېسەك قالپاق بەك كىچىك.


ھازىر ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى نەدە؟ ئۇلار ھامان تەپەككۈر ۋە پەن-تېخنىكىدا بىزدىن بەكلا ئۇزاپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ سانساناقسىز پەلسەپىسى بار، سۈر مودېرنىزىمى بار. ئۇلار ھېچكىمنى دورىمايدۇ، پەقەت ھەر بىر ئادەم خاسلىقى كاپالەتكە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ھەقىقىي ئىجاتكارلاردۇر.


بىز مەيلى ئەدەبىيات-سەنئەت بولسۇن ياكى باشقا ئىش بولسۇن ئاللىقاچان كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئەقەللى زامانىۋىي ئاڭنى ھازىرغىچە تىللاپ يۈرىۋاتىمىز. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياۋروپانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەندىزىلىرىنى ئەمدىلاتىن دوراۋاتسا مودېرنىزمنىڭ گېپى چىقىشى ھامان ئىنتايىن سولچىل يازغۇچى-ئوبزورچىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ خەلق گېزىتىدە مودېرنىزمنى تىللايدۇ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بىزنىڭ ئۇيغۇردىكى ئاتالمىش پەيلاسوپلارمۇ ئاللىقاچان مودېرنىزمنى تىللاپ-سېسىتىپ خەلققە بىر قورققۇنچلۇق ۋابادەك قىلىپ كۆرسۈتۈپ بولدى. ئەمىلىيەتتە مودېرنزم شەيئىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى بىر پەن. سىز مۇئەييەن قېلىپتىكى بىر خىل نەرسىنى ئېلىپ كۆرسەتسىڭىز مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ئۇنى ھەر خىل قۇرۇلمىدا ئۆزگەرتىپ باقىدۇ خالاس. بۇ مۇشۇنچىلىك ئىش. ئۇ ئەڭ ئاخىرى ھەر بىر شەيئىنىڭ ئىجاتچانلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نىمىشقا ئۇنى تىللايسىز؟


دېمەكچىمەنكى، بىز ھازىر چوڭ تەرەققىيات ئىچىدە تۇرىۋاتقاچقا ئەتىدىن كەچكىچە سەنئەتچىنىڭ كىيىۋالغان كىيىمى، تار يوپكا دېگەندەك ئىنتايىن تايىنى يوق ئىشلارنى سۆزلەپ يۈرمەي مىللىتىمىز قانداق قىلغاندا ھەقىقىي تەرەققىيات مۇھىتى ئىچىدە پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ؟ زامانىۋىيلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، دېگەندەك مەسىلىلەرنى كۆپرەك ئويلاپ باقساق.


ئەنئەنە توغرىسىدا گەپ قىلساق ھەقىقىي مەنىدىن ئېيتقاندا بىز تەپەككۈر جەھەتتىن 17-ئەسىرنىڭ بۇيىنىسىغا ئۆتۈپ باقمىدۇق، تېخىچە ئەنئەنە ئىچىدە، ئەنئەنىگە تولۇپ كەتكەن مىللەت بىز. ھازىرقى تەرەققىيات پۇرسىتى بىزگە  ياخشى  پۇرسەت بولۇپلا قالماي يەنە ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان بىر خىرىستۇر. بىر مەزگىل قاتتىق تىرىشىپ روھى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك تەرەققى قىلىۋالمىساق كەلگۈسىمىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئىنتايىن قورققۇنچلۇق بولغان بىر خىل ھالاكەتتۇر.


شۇڭا ئۇستاز ۋە دوستلارنىڭ زامانىۋىيلىق ۋە كېيىنكى زامانىۋىيلىق ھەققىدە كەڭتۇشادە زاكات ئايرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 20:54:30

16- قەۋەتتىكى adolifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياقەي. سىتانوكىڭىز  بولسا ، زاۋۇتىڭىز  بولسا  ئاپتوماتىك  باشقۇرۇپ بېرىمەن .


-----------------------------


ئون يىلدىن بېرى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۆلىۋېلىش سەنئىتى سەۋەپ چاپانچىلىق مودا ئېقىمى پەيدا بولدى لىكىن مودىرنىزىم پەيدا بولمىدى .



پەرھات تۇرسۇن ئۆلىۋېلىش سەنئىتى يازغاندىكىن ، باشقا چاپانچىلار - ھوي زۇلپىقار سىز ياشاش سەنئىتى يازسىڭىز بولمامدۇ دىسە ، ئاندىن يەنە باشقا چاپانچىلار ھوي  سىز  ئۆزلۈك سەنئىتى يازسىڭىز بولمامدۇ دىسە، يەنە باشقا چاپانچىلار سىز ئوبزورچىلىق سەنئىتى يازسىڭىز بولمامدۇ دىسە ،

شۇنداق قىلىپ ياۋروپالىق گۇيلارنىڭ ھۆكۈمدارلار دەستۇرى ، ئەمەلدارلار دەستۇرى ، يەنە بىرنىمە دەستۇرى ، ئۆزلۈك پەلسەپىسى دىگەندەك نەرسىلەر چىخوپنىڭ ئاچچىق ھىكايىلىرى ، گوركىينىڭ دانكوسىمان قەھرىمانلىق مۇكەممەلىزىم ھىكايىلىرى ...دىگەندەك ھەرخىل ئېقىملار بارلىققا كەلگەن بولاتتى .

لىكىن چاپانچىلار سەن نىمىشقا  ياشاۋاتقاندىكىن  ياشاش  سەنئىتى  يازمايسەن ،  سەنمۇ ياشاۋاتىسەنغۇ .


  سەن ئۆزلۈكۈڭنى ئىزدەۋاتقاندىكىن  نىمىشقا  ئۆزلۈك سەنئىتى  يازمايسەن .


  سەن ئوبزور  يېزىۋاتقاندىكىن  نىمىشقا  ئوبزور  سەنئىتى يازمايسەن دىيىشنىڭ ئورنىغا .


ھېچكىم ئۆلسمىسە  سەن نىمىشقا  ئۆلىۋېلىش سەنئىتى يازىسەن دەپ مودىرنىزىمنى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن بالا بېشى كۆرۈنىشىگىلا ئۆلتۈرىۋەتتى .


_____________________________


ئەمىلىيەتتە پەرھات تۇسۇننى مافىيە قۇرغۇچى، بىر توپ چاپانچىسى بار دەپ توردا ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن تىللايدىغانلارمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا پەرھات تۇرسۇننىڭ چاپانچىلىقىنى قىلغان. \"ئۆلىۋېلىش سەنئىتى\" رومانى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغاندا ئىقتىساد گېزىتى ئىدارىسىدا ئويۇشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ھازىرقى قارشى مافىيەچىلەر بۇ روماننى ئۇنداق پەلسەپىۋىيلىك رومان، بۇنداق پىسخىكىلىق رومان، رومان يېزىشنىڭ يېڭى ئۇقۇمىنى ياراتقان دەپ تازا ماختىغان. ئەدەبىياتنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان، شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى ئاپتورلارنى نىمىشقا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشمەيدىغاندۇ، دەپ ھەيران قالىدىغان ئەشۇ توڭ ۋاقىتلىرىمىزدا بىز ئۇ خەۋەرنى شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىدىن كۆرگەن.


ئەمىلىيەتتە، پەرھات تۇرسۇننىڭ كۆتۈرگىدەك چاپىنى يوق، بار دېسە ئەشۇلارنىڭ ھىيلىگەر، جاھانسازلىقىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە مىللەتپەرۋەرلىكى بار. ئۇ بىر خىل روھ. ئۇ خىل روھ تارىخنىڭ ھەرقانداق باسقۇچىدا بار ئىدى، ھازىرمۇ بار، كەلگۈسىدىمۇ بار بولىدۇ. شۇڭا ئۇ خىل روھ مەلۇم ياشلارنى ئۆزىگە ئىنتىلدۈرىدۇ. چاپانچى دەپ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان سۈپەت سۆزىنى ئىشلىتىپ نېمىمۇ قىلارسىز؟


مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ تەپەككۈرى ھەمىشە توغرا بولىۋەرمەيدۇ، توغرىراقى ھەمىشە ئاز سانلىقنىڭ قولىدا بولىدۇ.


پەرھات تۇرسۇن راست مافىيە قۇرغانمۇ؟ قانچىلىك مافىيلىرى بار؟ بىز ئەزا بولساقمۇ بولامدۇ؟ مېنىڭچە، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى ياخشى پۇرسەتلەرنى قەدىرلەش كېرەك.


lawrence يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 20:58:49

مەسىلە ئىنسان قىممىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتە ، جەنۇپ ۋە شىمالى دىياردىكى قېرىنداشلارغا ئىنسان قىممىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشتە ، مودېرنىزىم بىلەن ئىسلام قىممەت قارىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېسىشمە توپلام مەۋجۇت ، مانا مۇشۇ كېسىشمە توپلامنى كۈچەپ قازغاندا تونىغاندا تەتبىقلىغاندا قوۋمىمىز مۇئەييەن تەرەققىيات نىشانىغا ئېرىشىشى مۈمكىن ... بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان زىيالىلىرىمىزدا مودېرنىزىمغا نىسبەتەن سوغاققان تەپەككۇر ۋە ئىسلام دىنىمىزغا نىسبەتەن كەمتەرانە تونۇش بولىشى كېرەك ، بۇ تەرەپتىكى مەسئۇلىيەتنى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا موللا afiyfiy زىممىسىگە ئالايدىغاندەك ، بۇ مەسىلە ئالدىدا ھەممىمىز مەنمەنچىلىكنى ۋەزنىيەتچىلىكنى تاشلىشىمىز ، تەمكىن كەمتەر بولىشىمىز ، بىلەرمەنلىكتىن خالىي مىللەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ھىسىياتىدا بولساق بۇ تېمىدا ئوبدان پىكىرلەشكىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ ، لېكىن ئىزدىنىشنىڭ بىرنەچچى ئايلىق ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ تېمىمۇ تەرتىپسىز غەۋغالار ئىچىدە مۇددئاسىز ئاياقلىشىپ كىشىگە ۋاقىت ئىسراپىقىدىن باشقا بىرنەرسە ھىس قىلدۇرماسلىقى مۈمكىن ...

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 22:05:02


19- قەۋەتتىكى lawrenceنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەسىلە ئىنسان قىممىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتە ، جەنۇپ ۋە شىمالى دىياردىكى قېرىنداشلارغا ئىنسان قىممىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشتە ، مودېرنىزىم بىلەن ئىسلام قىممەت قارىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېسىشمە توپلام مەۋجۇت ، مانا مۇشۇ كېسىشمە توپلامنى كۈچەپ قازغاندا تونىغاندا تەتبىقلىغاندا قوۋمىمىز مۇئەييەن تەرەققىيات نىشانىغا ئېرىشىشى مۈمكىن ... بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان زىيالىلىرىمىزدا مودېرنىزىمغا نىسبەتەن سوغاققان تەپەككۇر ۋە ئىسلام دىنىمىزغا نىسبەتەن كەمتەرانە تونۇش بولىشى كېرەك ، بۇ تەرەپتىكى مەسئۇلىيەتنى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا موللا afiyfiy زىممىسىگە ئالايدىغاندەك ، بۇ مەسىلە ئالدىدا ھەممىمىز مەنمەنچىلىكنى ۋەزنىيەتچىلىكنى تاشلىشىمىز ، تەمكىن كەمتەر بولىشىمىز ، بىلەرمەنلىكتىن خالىي مىللەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ھىسىياتىدا بولساق بۇ تېمىدا ئوبدان پىكىرلەشكىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ ، لېكىن ئىزدىنىشنىڭ بىرنەچچى ئايلىق ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ تېمىمۇ تەرتىپسىز غەۋغالار ئىچىدە مۇددئاسىز ئاياقلىشىپ كىشىگە ۋاقىت ئىسراپىقىدىن باشقا بىرنەرسە ھىس قىلدۇرماسلىقى مۈمكىن ...


____________________________________


80-يىللاردا دىڭ لىڭ دېگەن سولچىل يازغۇچى خوتۇن خەنزۇ تۇرۇپ سىزچىلىكمۇ ئويلىيالماي مودېرنىزمغا قارشى جېنىنىڭ بارىچە كاكىراپ بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن ئىدى. ھازىرمۇ مودېرنىزمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇن ئادەملەر بار، خاتىرجەم بولۇڭكى، مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم دۇبەيدەك بىر رىۋايەتسىمان مۇسۇلمان شەھىرىنى بەرپا قىلىپ بەردىكى ئۇنىڭ مۇسۇلماننىڭ قىممەت قارىشىغا تاقىشىدىغان ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق. ئەمىلىيەتتە \"مىڭ بىر كېچە\" قاتارلىق ئەرەپ ئەدەبىياتى غەرپ مودېرنىزىمىغا نۇرغۇن تەجرىبە بىلەن تەمىنلىگەن. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ۋە چۆچەكلىرىدىمۇ مودېرنىزم بار. مودېرنىزم كۆنۈككەن ئەقلىيلىكنىڭ ھەر خىل چۇۋۇلىشىدۇر، خالاس.  




petir manta يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 22:26:40

تارىم \"پىشمىغان قاراشلىرىڭىنى ھۆكۈم ئورنىدا قوللىندىغان بالىكەنسە ! ئاۋال مودرنىزىم توغۇرلۇق ئازىراق بىرنەرسە كۆرۈپ كىلىپ بىلجىرلىساڭمۇ بولىدۇ .

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 11:39:38

دارۋىننىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىيىسىنىڭ كۆپ خاتالىقى يوق، تەبئەت دۇنياسىدىكى تەبئىي تاللىنىش، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى نۇرغۇن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن. ئەمما ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى تەبئىي پەن ساھەسىدىكى بۇ نەزىرىيىنىڭ باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىكى نەزىرىيىلەرنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغانلىقىدا.

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 17:14:53

مۇدىرنىزىمنى ئەنئەنە ، مىللەت، تەرەققىيات دېگەنلەرنى ئويلاشمايدۇ دەپ بىلىمەن ياكى ماڭا شۇنداق تەسىر بەرگەن، بىلىمدارلارنىڭ پارىڭىنى تىڭشاي.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 17:26:25

ئەلا دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىشقىلا قۇربۇم يېتىدىكەن بۇتېما ھەققىدە...

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 17:47:34

1- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇدىرنىزىمنى ئەنئەنە ، مىللەت، تەرەققىيات دېگەنلەرنى ئويلاشمايدۇ دەپ بىلىمەن ياكى ماڭا شۇنداق تەسىر بەرگەن، بىلىمدارلارنىڭ پارىڭىنى تىڭشاي.



مىللەتچىلىكنىڭ ئۆزى مودېرنىزمغا تەۋە پىكىر ئېقىمى.


مودېرنىزم دېگەن زامانىۋىيلىق دېگەن سۆز، يەنى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇقۇمدۇر.


سىزنىڭ يۇقىرىقى ئويلىنىشىڭىز ئويلانماسلىق بولۇپ قاپتۇ.

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 17:54:47

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 18:03:38

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 18:13:47

بۇ تېمىدا  adolif تىن گەپ چىقىدىغاندەك ........................ \"\"

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 18:24:49

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 18:37:49

western يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:02:10



ئەنئەنە توغرىسىدا گەپ قىلساق ھەقىقىي مەنىدىن ئېيتقاندا بىز تەپەككۈر جەھەتتىن 17-ئەسىرنىڭ بۇيىنىسىغا ئۆتۈپ باقمىدۇق، تېخىچە ئەنئەنە ئىچىدە، ئەنئەنىگە تولۇپ كەتكەن مىللەت بىز!



------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

رىئاللىق توغرىسىدا ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كۆز قارىشى بار ، ئەمىليەتتە 300 يىلدىن بۇيان تەپەككۇر ياكى ئەقىل - پاراسەت مىڭىمىزدا بار ، لىكىن ئۇ بىزگە مەنسۇپ ئەمەستەك ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا چەتكە قېقىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرىپ كەلدى ياكى يۈز پىرسەنىت شۇنداق بولدى . گەپ ھازىرقى رىئالىقنى قانداق چۈشەندۈرۈشتە ئۇنداقتا رىئاللىق ھەققىدە غەرپلىكلەر ياكى پەلەسەپە پىكىر نىمە دەيدۇ ، گۈلەنگە ئالاھىدە رەخمەت ! ئۇ غەرپلىكلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا (زامانىۋىي دېسەك بولىدۇ!) ئوخشاپراق كېتىدىغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ رىئاللىقمىزغا قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدا پايدىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى ! بۇنداق ئۇچۇر تور دۇنياسىدا خېلى كۆپ ئۇچىرايدۇ لىكىن بەزىدە تۈز كۆڭۈل ، ئەمىلىيەتچان ، ئەقىللىق غەرىپلىكلەرنىڭ بىر جۈملە سۆزى ئەتىراپىمىزدا كىتاپ يېزىپ چۈشەندۈرمەكچى بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا رىئاللىقىمىزنى  يېنىكلا ،ئاسانلا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ، دىمەك رىئاللىق  بەزى كىشىلەر توپىنىڭ  تەپەككۇرىنى زىيانلىق دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ ، مانا مۇشۇ چوقۇم چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرى ، بىرەر ئېغىز سۆز چەكلىمىگە ئۇچىرامدۇ ؟ جاۋابى ئېنق . رىئالىقمىز توغرىسىدا گەپ -سۆز قىلغان ياكى بىر نەرسە يازغان غەرىپلىكلەرنىڭ كۆز قارىشى بىلەن بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان گەپنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرق بار ، ئۇلار رىئاللىقىمىزدا مەيلى كۆرۈنىشتىكى ياكى ئىدىيەدىكى ئەنئەنە بولسۇن سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇسلاشتۈرۇلدى ھەم ناھايتى كۈلىكلىك ھالدا بۇنداق قىلمىشنى تەرەققىيات بىلەن ئوخشاش نەرسە دەپ چۈشەندۈردى دەپ بۇنداق مۇغەمبەرلىكتىن بىزار بولغانلىقنى يوشۇرماي دىيىشىتى،ھەم بۇنى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ياۋايىلىق دەپ ئۆتتى ! بىرسى تىل ، بۇرۇت ، ياغلىق ، شىنجاڭنىڭ مۇھىتىغا ماس كىلىدىغان كىلىدىغان كىيىم -كىچەك ، ئۆينى باشقىلار نىمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ نەرسە دەپ بىلىدۇ ؟ دەپ سۇئال سورايدۇ ، لىكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ نىمە ئەنسىرەۈچىلىكى بار دەپ قارايدۇ ، ئەمىليەتتە سىزنىڭ تەپپەككۇرىڭىز نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئاسانلا چەكلىمىگە ئۇچۇرايدۇ ، تەپپەككۇرنى دۇنيانىڭكى بىلەن بىردەك قىلىش دىگەن گەپ بىلەن ئەتىراپتىكى ساختىلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش دىگەن گەپنىڭ ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرق بار!  سىز قۇمۇلدىن يولغا چىقىپ پۇتۈن شىمالنى ئايلىنىپ ئاندىن يەنە ئۈرۈمچىدىن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ تەخمىنەم ئاقسۇ تەۋەلىكىدىن ئۆتكەندىن كىيىن مەيلى قانۇن بولامدۇ ياكى تەپەككۇر بولامدۇ ۋە ياكى رىئالىققا قانداق باھا بېرىش بولامدۇ ئىشقىلىپ ھەق دىگەن نەرسىنىڭ چەتكە قېقلىۋاتقانلىقنى سىزەلەيسىز ، بۇنداق سىزىم مۇشۇنىڭغا قىزىقىدىغان خېلى كۆپ نىسبەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشاش ئىكەن ،  ھازىر ئەتىراپتا  ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ ، بۇ ئۆزگىرىش بىزنىڭ تەپپەكۇرىمىزنى ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا پايدىلىق ، بىرسىنىڭ <<سۆزىنى ياكى پەرىزىنى ھەر قانداق قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ!>> دىگەن كۆز قاراشنى رايۇنىمىزنىڭ ئاشۇ چەت رايۇنىلىرىغا كېڭەيتىش بەكمۇ مۇھىم ، تەرەققىيات بەكمۇ جددىي لازىم مەيلى ئەدەبيات بولسۇن ياكى تەپەككۇر ئۇسۇلىدا بولسۇن تەرەققىياتنىڭ مۇھىملىقنى چۈشەندۈرۈش بەك مۇھىم !

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:26:01

5- قەۋەتتىكى adolifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاتۇش ئۇسلۇبىدىكىدەك ئەنئەنىۋىي ئۆي قۇرلۇشى يېڭىلىققا يۈزلەنسە بولاتتى .

ئىلگىرى جەنۇبتا ھەممە يەردە ئۆي سالسا ساراي پىشايۋانلىق قىلىپ ئاتۇشچە سالاتتى .

لىكىن ئۆي چاققاندا ئاتۇشچە ئۇسلۇبىغا پۇل بەرمىگەچ ، ئاتۇشچە ئەنئەنە ئېغىر خىرىسقا ئۇچىراۋاتىدۇ .

بەلكىم غۇلجا ۋە باشقا يەرلەردىمۇ ئۆز ئەنئەنىسىدىكى ئۆي قۇرلۇشچىلىق ئېغىر زەربىگە ئۇچىرىغان بولسا كىرەك يېقىنچىدىن .




ساراي پىشايۋانلىق ئۆينى ئەتۇشچە دېگەن گەپنى بۈگۈن تۇنجى ئاڭلاۋاتىمەن.

كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دېمەي بولمىدى، بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھەم لاۋزا پاراۇنى قىپ قاپتىكەنسىز رەددىيە يۈزىسىدىن مەنمۇ يېزىپ قالدىم.


قەشقەر، يەكەن، خوتەنلەرنىڭ تارىخى ئالدىدا ئانداق تۈكى يوق گەپنى دېمەيدىغان ئىشتى.


ئاتۇش گاچچىدە مېنىڭ دەۋالىدىغان يەر بولۇپ قالمىسۇن.


بۇ قېتىم دەپ قاپسىز يەنە باشقا يەردە دەپ سېلىپ دورا يەپ يۈرمەڭ يەنە.


ماۋۇ تېما ئۆز يولىدا ماڭسۇن ماقما.

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:27:33

@Mollamushuk، رەھمەت، پاراڭنى ئەستايىدىل كۆرۈۋاتىمەىن.

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:32:49

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:51:18

باللا كېسەل قوزغىلىۋاتامدۇ نېمە؟؟

سەن قەيەلىك ،سەن نەلىك،

سەن سەھرالىق مەن شەلىك.

توۋا دېدېم توۋا توۋا ...

دەيدىغان....
بەت: [1] 2 3 4 5
: مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ھەققىدە پاراڭلاشمايلىمۇ...