Mehrigiya يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 11:59:28

ئوڭ مېڭىنى ئېچىشتىكى يېڭى تاللاش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار! يېقىندىن بۇيان مۇشۇ<<ئوڭ مېڭە>> تېمىسىغا قىزىقىپ قالدىم، شۇڭا بۇ ھەقتىكى بەزى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.


ئالدى بىلەن سىلەرگە دوكتور چېن گوڭ شيوڭنىڭ 30 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى ‹‹爱和乐全能全脑教育›› نى قىسقىچە تونۇشتۇراي:




بۇ كىشى تەيۋەنلىك مۇزىكانت ۋە كومپوزىتور بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىدا مۇزىكىنىڭ ئادەمنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئېچىشتىكى رولىنى بايقاپ،  بۇھ ەقتە 30 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئاخىرىدا مۇزىكىدىكى مەلۇم ئاۋاز دولقۇنلىرىنىڭ ئادەمنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئېچىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ۋە دۇنيادىكى كلاسسىك سىمفونىيە مۇزىكىلىرىنىڭ ئەنە ئاشۇ ئوڭ مېڭىنى ئېچىشقا ماس كېلىدىغان دولقۇن چاستوتىسى ئارىلىقىدىكى بۆلەكلىرىنى كېسىپ ئېلىپ رەتلەپ، 12 دېسكىلىق بىر يۈرۈش ئوڭ مېڭىنى ئاچىدىغان مۇزىكا بىلەن تالانت يېتىلدۈرۈش تۈرىدىكى مەھسۇلاتنى بازارغا سالغان. بۇ مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ،زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ھامىلىدار ئاياللار، ھەرخىل ياش قۇرامدىكى بالىلار،ھەتتا چوڭلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا بولسۇن، چوڭلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش، ھارغىنلىقنى يوقىتىش قاتارلىق جەھەتتە ناھايىتى كۆپ رولى بارلىقى بايقالغان.


  بۇ دېسكىدىكى مۇزىكىلارنى cd شەكلىدە ئاڭلىسا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولۇپ، mp3 ۋە باشقا شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ ئاڭلىغاندا، ئەسلى شەكىلدىكى ئىنچىكە چاستوتا ئاۋاز دولقۇنلىرى ئۆزگىرىپ ئەسلىدىكى ئوڭ مېڭىنى غىدىقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئەسلىدىكى رەسمىي نۇسخىسىنى سېتىۋالغان ياخشى.مەن ئۆزەم قاتناشقان ھامىلە تەربىيىسى مەركىزىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بۇ دېسكىنى سېتىۋالغان.ئۈنۈمىنى خېلى كۆردۈم ، بالام ۋە ئائىلەمدىكىلەر يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆتىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ تەكلىپى بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغاندا ئاۋازىنى بوش قىلىپ، مۇزىكا قويغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. ھەتتا كېچىچە ئەڭ ئاستا ئاۋازدا تەكرار قويۇپ ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالغاندا، ئۈنۈمى تېىىمۇ ياخشى بولىدىكەن، چۈنكى كېچىدە ئۇخلىغان چاغدا ئادەمنىڭ .وڭ مېڭە پائالىيىتى جانلىنىدىكەن.


   بۇ دېسكا توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز، بەيدۇ تورىدىن爱和乐·创始人

陈功雄博士   ياكى爱和乐全能全脑教育  قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئارقىلىق ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 17:50:48

بۇ يېڭى ئۇسۇل ئىكەن ، مەنمۇ ئوڭ مىڭىنى ئېچىش مەسىلىسىگە قىزىقىمەن ، يەھۇدىلارنىڭ ئوڭ مىڭىسىنى ئېچىشى توغۇرلۇق ئىزدىنىپ باققان ، ئۇ ئۇنى دەيدىكەن ، بۇ بۇنى دەيدىكەن لېكىن تولىسى مەسىلىنىڭ نېگىزىنى دىمەپتۇ ، لېكىن مېنىڭ ئىزدىنىشىمچە يەھۇدىلار   پەرزەنتلىرىگە 3 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ دىنىي دەستۇرى تەۋراتنى يادلىتىدىكەن ، بۇ قېلىن كىتاپ بالىنىڭ ئوڭ مىڭىسى ئېچىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن ،



كېيىن پاكىستانلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ باققان ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى پاكىستانلىقلارنىڭ ئىچىدىن چىقىدىكەن ، ئۇلار تەجرىبىلىرىنى سۆزلىگەندە كىچىگىدىن باشلاپ قۇرئانى كەرىمنى يادقا ئالغىنىنى تەكىتلەيدىكەن ، مىسىرنىڭ دوكتۇرلىرى تەرەققى تاپقان ئەللەردە خېلى داڭقى بار ئىكەن ، تەربىيىلىنىش ئەھۋالى ھىندىستان- پاكىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن ...



ئوڭ مىڭىنى ئېچىش سىرلىق ۋە ھىكمەت بىلەن توشقان ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان ، يۈكسەك ئىرادە ، ئېگىلمەس ئېتىقات ۋە پاكىز قەلب تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق جەريان ... مۇقەددەس ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت پەقەت كۆپ زىكىر قىلىش ، كۆپ تىلاۋەت ئاڭلاش ۋە كۆپ تەپەككۈر قىلىش بەدىلىدە ئىنسان فىترىتىگە سىڭىدۇ ، بۇنىڭ مۇكاپاتى بەلكىم ئوڭ مىڭىنىڭ ئېچىلىشى ياكى بىزچە بولغاندا قەلب كۆزىنىڭ ئېچىلىشى بولسا كېرەك .



بەكلىم پەرزەنت ھامىلە دەۋرىدە كۆپ تىلاۋەت ئاڭلاش بىلەن مۇزىكا ئاڭلاش بىرلەشتۈرۈلگەندە تېخىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشىش مۈمكىن ...

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:08:20

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:33:57

دوختۇرخانىدا بىر تەكشۈرتۈڭ ئۈزىڭىزنى \"\"

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:48:55

توردىن چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ باقتىم، ھەممىسى شۇنداق كىلاسسىك مۇزىكىكەن ..

ئادەتتە ئۆزى قويۇپ ئاڭلاشقىمۇ بولىدىكەن...

رەخمەت... \"\"

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:56:47

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك تورداشلار ماڭا رېتمى تېز،جۇشقۇن مۇزىكالارنىڭ ئادرسىنى بىلسەڭلار قالدۇرۇپ قويساڭلار مۇشۇنڭىغا ئوخشاش.     http://play.baidu.com/?__m=mboxCtrl.addSong&__a=458521&__o=/artist/1582617_songIcon#loaded






مانىڭغا ئوخشاش، رەھمەت.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 20:00:17

http://play.baidu.com/?__m=mboxCtrl.addSong&__a=458521&__o=/artist/1582617_songIcon#loaded
بەت: [1]
: ئوڭ مېڭىنى ئېچىشتىكى يېڭى تاللاش