yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 11:31:44

ۋىن 8 دىن ياردەم قىلىڭ[تېخنىكا]

ۋىن 8 نى سېتىۋېلىپ، قاچىلىغان ئىدىم، تىل بولىقىنىمۇ  چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولدۇم، بىراق ۋورد تا خەت يېزىپ خەت نۇسخىسىنى تاللاي دەپ قارىسام بىرمۇ خەت نۇسخىسى يوق تۇرىتۇ، بىرەر مەشغۇلاتنى كەم- خاتا قىلدىممۇ يا، بۇرۇنقىدەك ئەلكاتىپنىڭ نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان گەپمۇ، بىلىدىغانلار بىر كۆرسەتمە بەرسەڭلا! رەھمەت!

Saralik يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 21:59:10

مىكروسوفت ياماق يامايمەن دەپ خەت نۇسخىلىرى كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ ياماق ياماپ قويۇپتىكەن، كېيىن يەنە بۇ ياماقنى يامايدىغان ياماق ئېلان قىلغان شۇنى ئورناتمىغان ئوخشايسىز. دۇرۇس ۋىندوۋز بولغاندىكىن مۇمكىن بولسا ھەممە ياماقلىرىنى ئالا قويماي يامىۋەتسىڭىز سىز دېگەن مەسىلە ھەل بولۇشى مۇمكىن.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 17:28:30

ئۇنىڭدا ھازىرچە «مىكروسوفت ئۇيغۇر»دىن ئىبارەت بىرلا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بار. سىز خالىغان ھەقسىز خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 00:38:04

1- قەۋەتتىكى serqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنىڭدا ھازىرچە «مىكروسوفت ئۇيغۇر»دىن ئىبارەت بىرلا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بار. سىز خالىغان ھەقسىز خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ukij tuz tom   خەت نۇسقىسىمۇ باردەك قىلىتتىيا
بەت: [1]
: ۋىن 8 دىن ياردەم قىلىڭ[تېخنىكا]