yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 00:48:28

قۇشلار قونمايدىغان مەسچىت[كۆچۈرۈلمە]

ئوسمان ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە بولغان ئىشلاردىن خاتىرە

قۇش قونماس مەسچىدى

   

   مىمار سىنان (يەنى قۇرلۇش ئۇستىسى سىنان)

   



سوكۇللۇ مەھمەت پاشا، 1565-6-28 دىن 1579-10-12.       شەمسى پاشا، 1579- 10- 11- كۈنىدىن

دېڭىز ئارمىيە باش قۇماندانى، باش ۋەزىر...بولغان ۋاقتى.   1580-4-28- كۈنىگىچە باش ۋەزىر بولغان.

        

    ئادەتتىن
تاشقىرى كەسكىن مىجەزلىك بولغان شەمسى پاشا زامانىسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر ۋە
تۇنۇلغان كىشىلەردىن بىرسى بولۇپ، ئۆزى بىلەن ئۆخشاش دەرىجىدە تەسىرى ۋە
كۈچكە ئىگە سوكۇللۇ مەھمەت پاشا بىلەن داۋاملىق رىقابەت ئىچىدە ئۆتىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قارشى تەرەپكە ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئارا ئۇچرۇشۇپ
قالغانلىرىدا ھەر ۋاقىت چاخچاققا بولسىمۇ باھانە قىلىپ گەپتە چېقىۋېلىشىدۇ.

    سوكۇللۇ
مەھمەت پاشا ئازاپ كاپى دېگەن مەھەللىگە دۇنياۋى قۇرلۇش ئۇستىسى مىمار
سىنانغا 1578- يىلى بىر مەسچىت سالدۇرىدۇ. مەسچىت پۈتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە
سوكۇللۇ مەھمەت پاشا بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالغان شەمسى پاشا مەھمەت پاشاغا:-
«پاشام، سېنىڭ سالدۇرغان مەسچىتىڭنىڭ ئۈستىگە قۇشلار چىچىپ قويۇپتۇ» دەيدۇ.
مەھمەت پاشا شەمسى پاشاغا:- « پاشام، كۆك يۈزىگە ئۈچۇق بولغان ھەممە يەرنى
قۇشلار  مەينەت قىلىپ قويىدۇ» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.

    كۈنلەر ئۆتۈپ،
ئايلار، ئۆتۈپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى شەمسى پاشامۇ بىر مەسچىت
سېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. نىيىتىگە كېلىدۇ- يۇ، ئۆز ۋاقتىدا مەھمەت پاشانى
چېقىۋېلىش ئۈچۈن زەھەرخەندىلىك بىلەن دېگەن سۆزى ئىسىگە كىلىش بىلەن، ۋاي
ئىسىت، ھەجەپمۇ دەپتىكەنمەن، نېمىشقىمۇ دىگەن بولغىيتىم، ئەمدى قانداقمۇ
قىلارمەن دەپ تىپىرلاپ كېتىدۇ. شەمسى پاشا ئۇنداق ئويلۇنۇپ، بۇنداق
ئويلۇنۇپ دېگەن گىپىنى قايتۇرۇۋېلىشقا پەقەت چارە تاپالماي، ئاخىرى مىمار
سىناننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ.

    شەمسى
پاشا مىمار سىنانغا:- «ئەپەندىم ئاقىۋىتىمنى ئويلىمايلا مەھمەت پاشاغا
سېنىڭ سالدۇرغان مەسچىتىڭنى قۇشلار پاسكىنا قىلىپ قويدى.... دەپ، چاخچاققا
باھانە قىلىپ چېقىۋالغان ئىدىم. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەنمۇ سىلىگە بىر
مەسچىت سالدۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم، ئەجەبا، ئۈستىدە قۇشلار ئۇچمايدىغان
ئاشۇنداق بىر مەھەللە ياكى بىر يەر بارمىدۇر؟» دەپ دەردىنى ئېيتىدۇ.

    بۇ
سۆزلەرنى ئاڭلىغان مىمار سىنان شەمسى پاشاغا ئاز ۋاقىت سەۋرە قىلىپ
تۇرۇشىنى ئېيتىدۇ. شۈنىڭدىن كېيىن مىمار سىنان ئىستانبۇلنى ئايلىنىپ يۈرۈپ
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلايدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مىمار
سىنان ئىستانبۇل بوغىزىنىڭ ئاسىيا قىتئەسى قىرغىقىغا جايلاشقان ئۈسكۈدارنىڭ
مەرمەرە دېڭىزى بويىدىكى جەنۇپ بىلەن شىمالدىن كەلگەن شاماللارنىڭ
ئۇچرۇشىدىغان، بۇ ئۇچرۇشىشتىن ھاسىپ بولغان بوراننىڭ تەسىرىدىن  دېڭىز
دۇلقۇنلىرىنىڭ مەۋج ئۇرۇپ شىددەت بىلەن دېڭىز قىرغىقىغا ئۇرىلىدىغان، بۇ
زەربىدىن دېڭىز قىرغىقى زېمىنىنىڭ تىترىشىدىن قۇشلار قورقۇپ ئۇچمايدىغان
بىر بۇرجەكنى تېپىپ چىقىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ 1580- يىلى مىمار سىناننىڭ
يەنە بىر يېڭى ئەسىرى بولغان شەمسى پاشا مەسچىدى بارلىققا كېلىدۇ. بۇ
مەسچىت بىرلا ۋاقىتتا خەلق تەرىپىدىن قۇش قونماز  جامى يەنى قۇش
قونمايدىغان مەسچىت دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

    ئەسكەرتىش:-
يۇقارقى سۈرەتتە، « تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسچىت سېلىنغان
ئەسىرلەردىن بۇيان قۇشلار پاسكىنا قىلىپ قويۇش تۈگۈل ئۈستىدىن بىرەر قۇشمۇ
ئۇچۇپ ئۆتۈپ باقمىغان» دەپ يېزىلىپتۇ.



http://sugraphic.com/fotograf_goster.php?2658-semsi-pasa-ve-kuskonmaz-camiinin-hikayesi


مەنبە: كەڭساي مۇنبىرى

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 09:46:54

گۇگلدىن كۇشلارىن كونمادىيى جامى دەپ ئىزدەتكۈزۈپ سۈرەتلەردىن ھوزۇرلىناي دېسەم تۈركچە كىرگۈزگۈچ بولمىغاچقا كىرگۈزەلمىدىم، ۋىندوۋسنىڭ تۈركچە كىرگۈچلىرىگە تەڭشەپ كونۇپكا تاختىسىدىن تۈرۈكچە ھەرىپلەرنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدىغاندۇ ھە؟!!!

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 10:18:53

1- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۇگلدىن كۇشلارىن كونمادىيى جامى دەپ ئىزدەتكۈزۈپ سۈرەتلەردىن ھوزۇرلىناي دېسەم تۈركچە كىرگۈزگۈچ بولمىغاچقا كىرگۈزەلمىدىم، ۋىندوۋسنىڭ تۈركچە كىرگۈچلىرىگە تەڭشەپ كونۇپكا تاختىسىدىن تۈرۈكچە ھەرىپلەرنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدىغاندۇ ھە؟!!!

Kuşkonmaz Cami

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 10:55:50

win8 دە تەڭشەپلا يازغىلى بولىدىكەن \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 14:06:43

قەشقەردىكى ماۋزىدىڭ نىڭ ھەيكىلىنى ئاشۇنداق قۇشلار قونمايدىغان يەرگە يۆتكەپ ئاسرىساقمۇ بوپتىكەن ،بولمىسا قاغا-قۇزغۇن،كەپتەرلەر ماۋزىدوڭنىڭ بويۇن باشلىرىغا چىچىپ قويۇپ بەكلا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ
بەت: [1]
: قۇشلار قونمايدىغان مەسچىت[كۆچۈرۈلمە]