kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 10:14:02

خىلىل نېسى تۇگەپ كەتتى . (كۆۋرۈك)










بۇ يىل بىزنىڭ يۇرتتا قار تولىمۇ كۆپ ياغدى،بىرلىرى قار قانچە كۆپ ياغسا بەرىكەت شۇنچە كۆپ دېسە، بىرلىرى قار بەك كۆپ يېغىپ بۇغدايغا ئىسسىق كېلىپ بۇغداي مايسىسىنى سېسىتىپ قويىدۇ،- دەپ ئەندىشە قىلاتتى، ئىشقىلىپ قارنىڭ بۇنچە كۆپ يېغىشى مەن ئۈچۈن بىر ئاپەت بولدى، چۈنكى سەككىز ئېغىز ئۆي ، ئون مېتىرلىق ئۇزۇن لاپاس ۋە ئېغىل، ھويلا قاتارلىقلارنىڭ قارىنى تازىلاش ۋەزىپىسى مېنىڭ ..بۇ يىل قىش كۈنۈم قار تازىلاش بىلەن ئۆتتى دېسەم بولىدۇ ..

ھۆكۈمەت يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا ياردەم قىلىپ سەھرالاردىمۇ شەھەرلىكلەردەك قاڭالتىرلىق ئۆيلەر سېلىنىپ كەتتى، لېكىن بۇ سىياسەت بىزنىڭ يېزىغا كەلمىدى، كىلەر يىلى كېلەرمىش. شۇ سىياسەت كەلگىچە ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم ياردەم پۇلى، قالغىنى ئۆزىمىزنىڭ پۇلى بىلەن يېڭى قاڭالتىرلىق ئۆي سېلىۋېلىش پىلانىمىز بار لېكىن ھويلا بىلەن قوتاننىڭ ئۈستىنى قاڭالتىرلىق قىلغىنى بولمايدۇ-دە ، شۇنداق خياللار بىلەن پۇشۇلداپ ئۆگزىدە قار تازىلاۋاتسام بىرسى ۋارقىرىدى :ھوي !كۆۋرۈك......

پەسكە قارىسام خوشنىمىز سۇنۇر .كۆۋرۈك خېلىل نېسى تۈگەپ قاپتۇ، پېشىنگە ئاچىقىدىكەن ...دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى .

توۋۋا ھايات دېگەن ھە،،،تۆنۈگۈنلا دوقمۇشتا موخۇركىسىنى پۇقۇرتۇپ چېكىپ تۇرغان خېلىل نىسى ياق رەھمەتلىك خېلىلكام دۇنيادىن كېتىپتۇ ..

ئادەملەر لەقەمسىز ياشالمامدىكەن دەيمەن ،لەقەمسىز ئادەملەرمۇ بارمىدۇ دەيمەن ..كىشىلەرنىڭ مىجەز خارەكتېرى ،كەسپى ،تەقى-تۇرقىغا ئاساسەن ..ئىشقىلىپ چوقۇم بىر لەقەم قويىدىكەنمىز ...قويمىسا بولمايدىغاندەك،،،

خېلىلكام رەھمەتلىكنىڭ لەقىمى نىسى ئىدى. نېمىشقا دەمسىلەر؟ بۇ رەھمەتلىك نېمىشقىكىن ئىلىم-بېرىمدا نىسىنى كۆپ قىلاتتى، مەھەللىدىكى قاسساپتىن گۆش ئالسىمۇ نېسى، مەھەللىدىكى دۇكانغىمۇ نېسى، ئېتىزىغا كومبايىن سالغۇزسىمۇ نېسى، يېزىپ قوي دەپ قويۇپلا ھەر قانداق نەرسىنى نېسىگە ئالىۋېرەتتى،،، نىسى ئىگىسى بىر نەچچە قېتىم سۈيلىگەندىن كېيىن نىسىگە ئالغان نەرسىنىڭ ھەققىنى بىر نەچچىگە بۆلۈپ قايتۇراتتى... پەقەت بىزنىڭ مەھەللە دوقمۇشتىكى خەرسەن تۇڭگان ئاچقان موتسىكىلىت سېتىش دۇكىنىدىن قوناق ساتقاندا بېرىمەن دەپ نىسىگە بىر موتسىكىلىت ئېلىپ پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرماي خەرسەم تۇڭگان بىلەن كاناي سىقىشىپ سوقۇشۇپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بىرەرسى بىلەن سوقۇشۇپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم... خېلىل نىسى دېسە مەھەللىدىكىلەر ھەممەيلەن تونۇيدۇ. خېلىلكامنىڭ كوچىسىنى خېلىل نېسىنىڭ كوچىسى دەپ قويىمىز تېخى، ئۆتكەندە شەھەردىن چىققان بىر ئايال خېلىلكامنىڭ چوڭ ئوغلىدىن خېلىل نېسىنىڭ كوچىسى قايسى دەپتىكەن ،نەچچە كۈن سۆزلەپ يۈردى .

شۇنداق قىلىپ خېلىل نىسى بۇ دۇنيادىن كېتىپتۇ. تۆنۈگۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىئارام بولۇپتىكەن يىرىم كېچىدە تۈگەپ قاپتۇ، جامائەت ئىچىدە بەزىلەر يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى ئىكەن دېسە، بەزىلەر يوشۇرۇن قان بېسىم ئىكەن دەپ يۈرىدۇ خېلىلكامنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنى تەھلىل قىلىپ ..



پېشىندىن كېيىن رەھمەتلىك خېلىلكامنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ مەھەللە تۆۋىنىدىكى تۇپراققا مېڭىپ كەتتۇق، جىنازىنى تالىشىپ كۆتۈرۈپ تۇپراق بېشىغا بىردەمدىلا كەلدۇق ،جىنازىنى قانچە كۆپ كۆتەرسە سەن ئۆلسەڭ سېنىڭ جىنازاڭنى كۆتۈرىدىغانلار شۇنچە كۆپ بولارمىش،، شۇڭا جىنازىنى تالىشىپ تۇرۇپ كۆتىرىمەن، بەزىدە تاس قالىمەن پۇتلىشىپ كەتكىنى،، جىنازا كۆتۈرگەندە بوي ئېگىزلىكى تەڭرەك ئادەملەر كۆتەرمىسە بەزىدە ئادەم قىينىلىپ قالىدۇ، مەيلى دەيمەن ئىچىمدە قانچە قىينالسام ساۋابى شۇنچە بولىدۇ... دەپ ئويلاپ،،، توپا تاشلاشتا گۈرجەك تەگمەي قالىدۇ،، بىردەمدىلا توپا تاشلاپ بولىمىز،، ھەممەيلەن گۈرجەك تۇتۇپ چوڭ بولغان دېھقان بالىلىرى بولغاندىن كېيىن، لېكىن شەھەرلىكلەر ئۇنداق ئەمەسكەن ئۆتكەندە شەھەردىكى بىر تۇققاننىڭ ئۆلۈمىگە بارغاندا شەھەرلىكلەر تۇپراق بېشىغا توپا تاشلايدىغان چاغدا بىر نەچچەيلەنگىلا قالدى،، قالغانلا تويغا كەلگەندەك سايىداپ ئولتاردى،،، توۋۋا دەپ قالدىم،، بۇ خەقلەر ئۆلمەمدىكىنا،، بۇلارنى توپىغا كۆممەمدىكىنا؟؟؟

.تۇراق بېشى مەھەللىنىڭ تۆۋىنىدە ئانچە يىراق ئەمەس، پاكار ئەسكى تام بىلەن قورشالغان، دۈمچەك -دۈمچەك قەبرىلەرگە يېڭى قەبرىلەر قېتىلىپ تۇرىدۇ، شەھەرگە ماڭغاندا مۇشۇ قەبرىستانلىق يېنىدىن ئۆتىمىز، بۇندىن بۇرۇن ئېشەك ھارۋىدا ماڭغاندا تۇپراق بېشىدىن ئۆتكەندە مەرھۇملارغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ ئۆتەتتۇق،، لېكىن ھازىر شالى ۋاڭ ھەيدىگەندىن بېرى دۇئا ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ... ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىمىز قەبرىستانلىق يېنىدىن ...

خېلىلكامنى يەرلىككە قويىۋەتتۇق،،، چوڭ ئوغلى جامائەت ئالدىغا چىقىپ مەرھۇمنىڭ نىسى قالغان، ئىلىم-بېرىم ئىشلىرى بولسا مەن ئىگە دېدى،، چوقۇم باردە مەرھۇمنىڭ نىسى ئىشلىرى ...

مەھەللىنىڭ بالىلىرى خېلىل نىسىنى كۆمىۋېتىپ قايتقاچ چاقچاققا چۈشۈپ كەتتى،، ھوي خېلىل نېسىنىڭ مىيىتىنى يۇغان قاسىمكام يۇيۇش ھەققىنى نىسە قىپتۇ ،،،دېسە، يەنە بىرسى قوپۇپ گۆركار گۆرنىڭ پۇلىنى نىسى قىلارمۇ دەپ كۈلۈشكە باشلىدى،،، ھاي -ھاي،،، باللا بىز چامغۇر كۆممىدۇق،، ھە،، داداڭنى -بوۋاڭنى كۆرگەن مەھەللىنىڭ بىر چوڭىنى كۆمدۇق دەپ خاپىلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ جىممىدە بولۇپ قالدۇق...



alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 20:42:45

بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىملاسى خېلى تۈزۈلۈپ كەتتى كۆرۈك ئاخۇننىڭ \"\"

بىرەر يېرىم يىلغا قالماي ئىملاسى «ئەلا»لار قاتارىغا كىرىپ قالامدۇ تېخى \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 21:19:36

كۆۋرۈكنىڭ ئىملاسى تۈزۈلۈپ كەتسە تېما قىزىماي قالىدۇ. ئىملاسىمۇ بىر يۇمۇر

mandarin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:08:53

شەھەردىن كەلگەن ئايالمۇ نېسىرىنى ۋاقتىدا ئېلىۋاپتىكەن ياخشى. بولمىسا ئۆلۈمىگە كېلەرىكەن. شۇنىمۇ نېسىغا...

جىڭ نېسىكەن.

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 10:59:19

سافادا ئولتۇرۇپ ئىنكاس يازاي

بالىڭىز چوڭ بوپ قالغاندۇ شۇنداق قىلىپ؟

خېلىل ئاخۇننىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!!

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 14:29:43

مۇشۇنداق ئىملاسى خاتا تېما لاۋزا تېمىدۇر.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 14:56:19

مەن كۆۋرۈكنىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، يازمىلىرىدا تۇرمۇشتىكى ئاددىي ۋەقەلەرنى سۆزلەنسىمۇ ئاممىباب تىل ،تەبىئىي تەسۋىرلىرى بىلەن كىشىنى شۇ ۋەقەلىكلەرنى ئوقىۋاتقان ئەمەس كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ھېسياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ ،بايام باغداشتا «روژدېستىۋۇ بايرىمىدىكى ئارمان »،«ئۇيغۇرنى ئۇيغۇچە ۋىجدان بىلەن سۆيەيلى »،مىسرانىمدا «گازخانىدىكى قىزلار» ،«ئۈرۈمچىلىك ئاياللار» دېگەندەك ئادەمنىڭ مېڭىسىنى چىڭقىلدۇرۋىتىدىغان تېمىلارنى كۆرۈپ چىقىپ ئىزدىنشتا كۆۋرۈكنىڭ ماۋۇ يازمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن بايراملىق ئارام ئالغاندەك بوپتىتمەن ئشلسەممۇ............ \"\"

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 15:19:07

بۇ يىل بىزنىڭ يۇرتتا قار تولىمۇ كۆپ ياغدى،بىرلىرى قار قانچە كۆپ ياغسا بەرىكەت شۇنچە كۆپ دېسە، بىرلىرى قار بەك كۆپ يېغىپ بۇغدايغا ئىسسىق كېلىپ بۇغداي مايسىسىنى سېسىتىپ قويىدۇ،- دەپ ئەندىشە قىلاتتى، ئىشقىلىپ قارنىڭ بۇنچە كۆپ يېغىشى مەن ئۈچۈن بىر ئاپەت بولدى، چۈنكى سەككىز ئېغىز ئۆي ، ئون مېتىرلىق ئۇزۇن لاپاس ۋە ئېغىل، ھويلا قاتارلىقلارنىڭ قارىنى تازىلاش ۋەزىپىسى مېنىڭ ..بۇ يىل قىش كۈنۈم قار تازىلاش بىلەن ئۆتتى دېسەم بولىدۇ ..

ھۆكۈمەت يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا ياردەم قىلىپ سەھرالاردىمۇ شەھەرلىكلەردەك قاڭالتىرلىق ئۆيلەر سېلىنىپ كەتتى، لېكىن بۇ سىياسەت بىزنىڭ يېزىغا كەلمىدى، كىلەر يىلى كېلەرمىش. شۇ سىياسەت كەلگىچە ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم ياردەم پۇلى، قالغىنى ئۆزىمىزنىڭ پۇلى بىلەن يېڭى قاڭالتىرلىق ئۆي سېلىۋېلىش پىلانىمىز بار لېكىن ھويلا بىلەن قوتاننىڭ ئۈستىنى قاڭالتىرلىق قىلغىنى بولمايدۇ-دە ، شۇنداق خياللار بىلەن پۇشۇلداپ ئۆگزىدە قار تازىلاۋاتسام بىرسى ۋارقىرىدى :ھوي !كۆۋرۈك......

پەسكە قارىسام خوشنىمىز سۇنۇر .كۆۋرۈك خېلىل نېسى تۈگەپ قاپتۇ، پېشىنگە ئاچىقىدىكەن ...دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى .

توۋۋا ھايات دېگەن ھە،،،تۆنۈگۈنلا دوقمۇشتا موخۇركىسىنى پۇقۇرتۇپ چېكىپ تۇرغان خېلىل نىسى ياق رەھمەتلىك خېلىلكام دۇنيادىن كېتىپتۇ ..

ئادەملەر لەقەمسىز ياشالمامدىكەن دەيمەن ،لەقەمسىز ئادەملەرمۇ بارمىدۇ دەيمەن ..كىشىلەرنىڭ مىجەز خارەكتېرى ،كەسپى ،تەقى-تۇرقىغا ئاساسەن ..ئىشقىلىپ چوقۇم بىر لەقەم قويىدىكەنمىز ...قويمىسا بولمايدىغاندەك،،،

خېلىلكام رەھمەتلىكنىڭ لەقىمى نىسى ئىدى. نېمىشقا دەمسىلەر؟ بۇ رەھمەتلىك نېمىشقىكىن ئىلىم-بېرىمدا نىسىنى كۆپ قىلاتتى، مەھەللىدىكى قاسساپتىن گۆش ئالسىمۇ نېسى، مەھەللىدىكى دۇكانغىمۇ نېسى، ئېتىزىغا كومبايىن سالغۇزسىمۇ نېسى، يېزىپ قوي دەپ قويۇپلا ھەر قانداق نەرسىنى نېسىگە ئالىۋېرەتتى،،، نىسى ئىگىسى بىر نەچچە قېتىم سۈيلىگەندىن كېيىن نىسىگە ئالغان نەرسىنىڭ ھەققىنى بىر نەچچىگە بۆلۈپ قايتۇراتتى... پەقەت بىزنىڭ مەھەللە دوقمۇشتىكى خەرسەن تۇڭگان ئاچقان موتسىكىلىت سېتىش دۇكىنىدىن قوناق ساتقاندا بېرىمەن دەپ نىسىگە بىر موتسىكىلىت ئېلىپ پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرماي خەرسەم تۇڭگان بىلەن كاناي سىقىشىپ سوقۇشۇپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بىرەرسى بىلەن سوقۇشۇپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم... خېلىل نىسى دېسە مەھەللىدىكىلەر ھەممەيلەن تونۇيدۇ. خېلىلكامنىڭ كوچىسىنى خېلىل نېسىنىڭ كوچىسى دەپ قويىمىز تېخى، ئۆتكەندە شەھەردىن چىققان بىر ئايال خېلىلكامنىڭ چوڭ ئوغلىدىن خېلىل نېسىنىڭ كوچىسى قايسى دەپتىكەن ،نەچچە كۈن سۆزلەپ يۈردى .

شۇنداق قىلىپ خېلىل نىسى بۇ دۇنيادىن كېتىپتۇ. تۆنۈگۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىئارام بولۇپتىكەن يىرىم كېچىدە تۈگەپ قاپتۇ، جامائەت ئىچىدە بەزىلەر يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى ئىكەن دېسە، بەزىلەر يوشۇرۇن قان بېسىم ئىكەن دەپ يۈرىدۇ خېلىلكامنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنى تەھلىل قىلىپ ..



پېشىندىن كېيىن رەھمەتلىك خېلىلكامنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ مەھەللە تۆۋىنىدىكى تۇپراققا مېڭىپ كەتتۇق، جىنازىنى تالىشىپ كۆتۈرۈپ تۇپراق بېشىغا بىردەمدىلا كەلدۇق ،جىنازىنى قانچە كۆپ كۆتەرسە سەن ئۆلسەڭ سېنىڭ جىنازاڭنى كۆتۈرىدىغانلار شۇنچە كۆپ بولارمىش،، شۇڭا جىنازىنى تالىشىپ تۇرۇپ كۆتىرىمەن، بەزىدە تاس قالىمەن پۇتلىشىپ كەتكىنى،، جىنازا كۆتۈرگەندە بوي ئېگىزلىكى تەڭرەك ئادەملەر كۆتەرمىسە بەزىدە ئادەم قىينىلىپ قالىدۇ، مەيلى دەيمەن ئىچىمدە قانچە قىينالسام ساۋابى شۇنچە بولىدۇ... دەپ ئويلاپ،،، توپا تاشلاشتا گۈرجەك تەگمەي قالىدۇ،، بىردەمدىلا توپا تاشلاپ بولىمىز،، ھەممەيلەن گۈرجەك تۇتۇپ چوڭ بولغان دېھقان بالىلىرى بولغاندىن كېيىن، لېكىن شەھەرلىكلەر ئۇنداق ئەمەسكەن ئۆتكەندە شەھەردىكى بىر تۇققاننىڭ ئۆلۈمىگە بارغاندا شەھەرلىكلەر تۇپراق بېشىغا توپا تاشلايدىغان چاغدا بىر نەچچەيلەنگىلا قالدى،، قالغانلا تويغا كەلگەندەك سايىداپ ئولتاردى،،، توۋۋا دەپ قالدىم،، بۇ خەقلەر ئۆلمەمدىكىنا،، بۇلارنى توپىغا كۆممەمدىكىنا؟؟؟

.تۇراق بېشى مەھەللىنىڭ تۆۋىنىدە ئانچە يىراق ئەمەس، پاكار ئەسكى تام بىلەن قورشالغان، دۈمچەك -دۈمچەك قەبرىلەرگە يېڭى قەبرىلەر قېتىلىپ تۇرىدۇ، شەھەرگە ماڭغاندا مۇشۇ قەبرىستانلىق يېنىدىن ئۆتىمىز، بۇندىن بۇرۇن ئېشەك ھارۋىدا ماڭغاندا تۇپراق بېشىدىن ئۆتكەندە مەرھۇملارغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ ئۆتەتتۇق،، لېكىن ھازىر شالى ۋاڭ ھەيدىگەندىن بېرى دۇئا ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ... ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىمىز قەبرىستانلىق يېنىدىن ...

خېلىلكامنى يەرلىككە قويىۋەتتۇق،،، چوڭ ئوغلى جامائەت ئالدىغا چىقىپ مەرھۇمنىڭ نىسى قالغان، ئىلىم-بېرىم ئىشلىرى بولسا مەن ئىگە دېدى،، چوقۇم باردە مەرھۇمنىڭ نىسى ئىشلىرى ...

مەھەللىنىڭ بالىلىرى خېلىل نىسىنى كۆمىۋېتىپ قايتقاچ چاقچاققا چۈشۈپ كەتتى،، ھوي خېلىل نېسىنىڭ مىيىتىنى يۇغان قاسىمكام يۇيۇش ھەققىنى نىسە قىپتۇ ،،،دېسە، يەنە بىرسى قوپۇپ گۆركار گۆرنىڭ پۇلىنى نىسى قىلارمۇ دەپ كۈلۈشكە باشلىدى،،، ھاي -ھاي،،، باللا بىز چامغۇر كۆممىدۇق،، ھە،، داداڭنى -بوۋاڭنى كۆرگەن مەھەللىنىڭ بىر چوڭىنى كۆمدۇق دەپ خاپىلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ جىممىدە بولۇپ قالدۇق...

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 15:21:54

بۇندىن بۇرۇن ئېشەك ھارۋىدا ماڭغاندا تۇپراق بىشىدىن ئۆتكەندە مەرھۇملارغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ ئۆتەتتۇق ،،لېكىن ھازىر شالى ۋاڭ ھەيدىگەندىن بىرى دۇئا ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ ،...ئۇچقاندەك ئوتۇپ كىتمىز قەبرىستانلىق يىنىدىن ...

_______________________________

مۇشۇنداق ئەڭ ئاددىي، چۈچۈك تىللار بىلەن خۇددى كىچىك بالىدەك ئۇماق سۆزلەيدۇ.

ئۇماقلىق ئارىسىدا بىر خىل چوڭقۇر مەنە مارىلاپ تۇرىدۇ. \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 15:23:25

\"\" \"\" ،،،،يىقىشلىق تىما !

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 21:37:04

كۆۋرۈكجان بالىسى تۇغۇلغاندىن بويان چاخچاقنى ئاز قىلىدىغان بولۇپ قالدىمۇ نىمە ؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 21:59:05

ساددا تىللار بىلەن چوڭقۇر سۆزلەپتۇ.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 22:41:20

ئەلا بېسىپ قويدۇم، سەبرى قىل ئۇكا!  {:92:}

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 00:03:00

مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن بۇ ئىنىمىنىڭ تېمىسىنى. تىنىش بەلگىلىرىگىمۇ مەنە كىرگۈزۈپ ئىشلىتىدىغاندەك ھېس قىلىمەن.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 17:29:33

نېمىشقىكىن سىزنىڭ يازمىڭىزغا كەلگەندە ئىملاسىغا قارىمايلا ئوقۇۋېتىمەن، ئىملالىق يېزىۋەتسىڭىز قىزىقى قالمايدىغاندەك. \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 08:36:47

نەق تۇرمۇش، قىلچە ياسالمىلىق يوق، شۇڭىمۇ ياقتۇرىمىزدە بۇنىڭ يازمىلىرنى.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 18:17:37


4- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يىل بىزنىڭ يۇرتتا قار تولىمۇ كۆپ ياغدى،بىرلىرى قار قانچە كۆپ ياغسا


----بۇ تىمامنىڭ ئىملاسىنى ئوڭشاپ بەرگەن فائىزەم  نۇل ئوتتۇزتۇت ،،،قىزچاققا چۇڭقۇر تەشەككۇر بىلدۇرىمەن ،،غۇلجىغا كەلسىڭىز ئويلەرگە بارارسىز ،،پەرى ھەدىڭىز ئوخشىتىپ ئەتكەن چاي بىلەن گۇشنان سىلىپ مىھمان قىلىدۇ ...\"\"


jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 18:32:17

15- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


4- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يىل بىزنىڭ يۇرتتا قار تولىمۇ كۆپ ياغدى،بىرلىرى قار قانچە كۆپ ياغسا


----بۇ تىمامنىڭ ئىملاسىنى ئوڭشاپ بەرگەن فائىزەم  نۇل ئوتتۇزتۇت ،،،قىزچاققا چۇڭقۇر تەشەككۇر بىلدۇرىمەن ،،غۇلجىغا كەلسىڭىز ئويلەرگە بارارسىز ،،پەرى ھەدىڭىز ئوخشىتىپ ئەتكەن چاي بىلەن گۇشنان سىلىپ مىھمان قىلىدۇ ...\"\"




----------------------------


ئۆيۈڭگە قوقماي باشلىيالامسەن ،،،،پوچىلىق قىلما\"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 18:36:07

16- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


4- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يىل بىزنىڭ يۇرتتا قار تولىمۇ كۆپ ياغدى،بىرلىرى قار قانچە كۆپ ياغسا


----بۇ تىمامنىڭ ئىملاسىنى ئوڭشاپ بەرگەن فائىزەم  نۇل ئوتتۇزتۇت ،،،قىزچاققا چۇڭقۇر تەشەككۇر بىلدۇرىمەن ،،غۇلجىغا كەلسىڭىز ئويلەرگە بارارسىز ،،پەرى ھەدىڭىز ئوخشىتىپ ئەتكەن چاي بىلەن گۇشنان سىلىپ مىھمان قىلىدۇ ...\"\"




----------------------------


ئۆيۈڭگە قوقماي باشلىيالامسەن ،،،،پوچىلىق قىلما\"\"


---نىمىدىن قۇرقاتتىم،،،فائىزدەمنىڭ ئىملايىمنى ئوڭشاپ بەرگىننى پەرى بىلدىغان تۇرسا،،،\"\"




jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 18:47:47

زۇۋانداراز كۆۋرۈك  {:92:}
بەت: [1] 2 3
: خىلىل نېسى تۇگەپ كەتتى . (كۆۋرۈك)