كۈلكىلىك كەچمىش (ھەقىقىي بولغان ۋەقە)
بۇغۇ كىچىككىنە ئىش ئىدى ، ئەمما بەك كۈلكىلىك بىر ئىش بولغاچقا بىللە كۈلەيلى دېگەن مەقسەتتە ھەم ئوتۇنچى دېگەن قاقباش ئوغرىنىڭ قانچىلىك قۇۋ ئىكەنلىكىنى دوستلار بىلدۈرۈپ قۇيۇش مەقسىتىدە بۇنى يازدىم . بۇ كەچمىش ، كەچمىشى بۇنىڭغا ئوخشاپ قالغۇچىلارچىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ پەقەت ئوتۇنچى دېگەن قۇۋ ئوغرى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كەچمىشتۇر .
ئاۋغۇستنىڭ ئاپتاپ چىققان بىر شەنبە كۈنى ئىدى . شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدىكى <<ئارامجاڭگال مۇزىكىلىق داپەنجىخانىسى>> غا بىر تۈركۈم قېرى قەقەشلەر يىغىلىپ ، ئارىمىزدىكى مەلۇم بىرسىنىڭ يەسلىدە ئوقۇيدىغان ئوغۇل نەۋرىسىنىڭ قىز دوست تاپقانلىقىنى تەبرىكلەپ قۇلاق مىدىرلىغۇچە ئويناپ ، كەچ بولۇپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمىز . كاللا قىززىغاندا ئاۋازىمنى بوم چىقىرىپ ھەممە چوكانلارنى ئۆزۈمگە قارىتىپ ، نوچىلىق بىلەن بىر يەشىك ھاراق بۇيرۇتۇپتىمەن . مانا كۆرۈڭ ، يۇقارقى مەھەللىدىكى <<ئاسى تاۋاقنىڭ قاۋىقى>>دا بوتۇلكىسى نەچچە يۈەنلىك بۇ قېلىن دورىسىغا يانچۇقتىكى تەڭگىلىرىم ، پايپاقتىكى موچەنلىرىم ، پورتىمالغا قاتلاپ تىقىۋالغان سوملىرىمنى قۇشۇپ ئاران ھىساپ قىلىپ تۈگىتىپ كاللام پىقىراپ ئولتۇرۇپ ، مالىيەدىن كۆرۈلگەن قىزىل رەقەمنىڭ ئاچچىقىدا ئۇدۇل كەلگەن رومكىنى قايتۇرماي گالغا ئۇرۇپتىمەن . يەنە تېخى تەلەپ قىلىپ نەچچە رومكا ئارتۇق ئوينىۋېتىپتىمەن . جۈر كېتىمىز دىيىشىپ سىرتقا چىققاندا ، بار دەسمىنىڭ غالتەككە چىققىنى ئىسىمگە كېلىپ تاكىسىدا مېڭىشتىن يالتىيىپ ، پىيادە كىتىش قارارىغا كەلدىم . بىراق ، 10 مېتىر ماڭماستىنلا كوچىنىڭ ھەممە يىرىگە تەڭ دەسسەپ دەلدەڭشىپ كېتىشىمدىن نومۇس قىلىپ تاكسى توستۇمدە تاكسىغا چىقىپلا ئوتۇنچى دىگەن ئوغرىغا تېلفۇن سوقۇپ ، يېنىمدا مىس موچەن قالمىغىنىنى ، تاكسىدا قايتىۋاتقانلىقىمنى مەن بارغۇچە ساقلاپ تۇرۇپ تاكسى پۇلىسىنى بېرىۋېتىشىنى ئېيتىپ<<ئەل - جامائەتنىڭ ئالدىدا شەرمەندە قىلما جۇمۇ ، بىرەر يەرگە كىتىپ قالما دەپ>> تەكرار جىكلىدىم . ئۇ بولىدۇ دەپ تېلفۇننى قۇيۇپ ئالاھەزەل 5 مىنۇتتىن كىيىن تېلفۇن قايتۇرۇپ <<سەن خېلى يىراقتىكەنسەن ، سېنى ساقلاپ كەتكۈدەكمەن ، ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىر خىش بار شۇ خىشنىڭ ئاستىغا 20 سوم باسۇرۇپ قويدۇم ، كەلگەن چېغىڭدا ، شۇ پۇلنى تاكسى شوپۇرىغا بەرگىن >> دېدى . ھە بۇمۇ بوپتۇ دەپ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تاكسى شوپۇرىغا قانچە سوم دىسەم 12 سوم دېدى . دىڭيىشيا(等一下) دەپلا پەسكە چۈشۈپ چاققانلىق بىلەن ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى خشنى شۇنداقلا قولۇمغا ئېلىشىمغا ، چىرايى ئۆزگىرىپ ئۆڭسۆلى قالمىغان تاكسى شوپۇرى پۇلغىمۇ قارىماي ، ئىشىكنىمۇ ياپمايلا ، ماشىنىسىدىن قۇيۇن-تۈتۈن چىقىرىپ ئوقتەك كېتىپ قالدى . قارىسام خىشنىڭ ئاسىتىدا پۇلمۇ يوق ، كىيىن بىلدىمكى بۇ ئوتۇنچى دىگەن قۇۋ ئوغرىنىڭ ئويۇنىكەن ئەمەسمۇ .
ئاخىىرى بارمۇ يا؟
چاپان شال رېستۇرانىغا تولايدىغان يەگە يەتتى ،ئوتۇنجى ئىككىڭلىنى {:92:} ۋاي ۋاي ۋاي يانچۇقىداتاكسىغائولتۇرغىدەك پۇلى لەڭپۇڭچىغاھاراق ئىچىشنى نىمەقويۇپتۇدەيمە.
1- قەۋەتتىكى bahadirlarbizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھاراق ئىچكەنلىكنى قوشماي يازغان بولساقمۇ ، ئوبدان چىقاتتىكەن بۇ كەچمىش.
ھاراق جىمى گۇناھلارنىڭ مەنبەسى. ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى ھاراق ئىچىش.
خاپومىسلا ئۈكەم ، ھاراقنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن . ئەمدى بىلىۋالدىم . ھازىرغا قەدەر ماڭا نەسىھەت قىلىدىغان بىرەرسى يوق نەسىھەتسىراپ يۈرىۋىدىم نەسىھەتلىرىڭىز ئۇسسىغان يەرگە باردى . تاتىنماي يەنە بىردەم نەسىھەتچىلىك قىلىپ بىرەمسىز ۋاقتىڭىز بولسا .
بىچارە تاكسىچى: كىسەك يەيدىغان بولدۇم دەپ قورقۇپتىكەندە. بىر يىرىم جۇملىدىن كىيىن بىر ‹‹ك›› ھەرپىنى ئىشلىتىپسىز،،ھى،،، {:107:} داموللىغا ئارتۇق گەپ قىلىپ ساپتىمەن . كەچۈرۈڭ. ھاراق ئىچكەنلىكنى قوشماي يازغان بولساقمۇ ، ئوبدان چىقاتتىكەن بۇ كەچمىش.
ھاراق جىمى گۇناھلارنىڭ مەنبەسى. ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى ھاراق ئىچىش. ئۇنداق قىلماي بىردەم نەسىھەت قىلىپ بەرسىلە دەيمەن . مۇشۇ كۇنلەردە ئۇيغۇر خەققە نەسىھەت بەك كەمچىل ، شۇڭا بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ . مۇمكىن بولسا بارلىق دىھقانلارنى يىغىپ دىھقانچىلىق قىلىش توغراسىدا ، تىجارەت قىلىۋاتقانلارنى يىغىپ تىجارەت قىلىش توغراسىدا ، ئوقۇۋاتقانلارنى يىغىپ ئوقۇش توغراسىدا بىر نەسىھەت ئۇيۇشتۇرساق بولىتى ئەسلى . {:92:} يۇمۇر باللار مەن تېخى ئوتۇنچىنى ئىككى كېسەكنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ دەپتۇمەن.





2- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاخىىرى بارمۇ يا؟
چاپان شال رېستۇرانىغا تولايدىغان يەگە يەتتى ،ئوتۇنجى ئىككىڭلىنى![]()
ۋاي تېخى بارمۇ ئۇ چاپان شال رېستۇرانى ، مەن ئۆۈرۈمدە كۆرگەن ئەڭ个性سى بار رېستۇران ئۇ

ئاخۇنجان بىلەن ئۆيىمىز بىر قورۇدا ئىدى . ھەر قېتىم لەڭپۇڭ يىگىلى كەلسە ، سۈيىنى جىقراق قۇيغۇزۇپ ، بىلىگە تېڭىپ كەلگەن مومىسىنى چىلاپ يەپ سەت كىكىرۋىتىپ ، «لەڭپۇڭ تازا ئوخشىمايۋاتىدۇ جۇمۇ قۇنىكا» دەپ قورسۇقۇمنى كۆپۈرۈپ قايتىپ قالاتتى . بىر كۇنى بىر قىزنى باشلاپ كەپتۇ لەڭپۇڭ ئىچكىلى . «تازا ئوخشىغان يەردىن يېرىمدىن ئىككىنى سالە ئاكا » دەپ ھېلىقى قىز بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى . گىپىگە قۇلاق سالسام «توۋا دەيمەن ، بەزى قىزلار باركەن ، مۇشۇ يەردىن لەڭپۇڭ ئىچىپ قايتىپ يەنە تاماق يىگىلى باردىكەن دىسە توۋا ، مۇشۇ لەڭپۇڭغا قورسىقى تويمايدىغانغا كىچىكىدە ئاچ قالغان قىزلارمىدۇ دەپ قالىمەن » دىگىلى تۇرۇپتۇ . مىيىقىمدا كۈلگەچ ، ئىچىمدە قىزنى ئاشخانىغا باشلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى تۇرۇپسەندە قاقباش دەپ ئويلاپ لەڭپۇڭنى ئالدىغا قويدۇم . لەڭپۇڭ ئىچكۇچىمۇ ھېلىقى قىزنىڭ بەدەن ھالىتىنى ماختاپ ، «مۇشۇ ھالىتىڭىز بەك ئۆلچەملىكەي ، ئۇندىغەي ، بۇندىغەي ... زادىلا سەمىرمەڭ ، ئامال بار تاماق يىمەي ھاۋا يەڭ ، بولمىسا ساندۇققا ئوخشايدىغان خوتۇنلاردىن پەرقىڭىز قالمايدۇ » دىگىلى تۇردى . لەڭپۇڭنى ئىچىپ بولۇپ « قانچە پۇل بولدى ئاكا »دەيدۇ . ‹‹بىلىسەنغۇ يېرىم لەڭپۇڭ ئىككىسى 5 سوم›› دىسەم يانچۇقىدىن تازا پۇرلاش 5 سوملۇقتىن بىرنى چىقىرىپ قولۇمغا بەرگەچ يېنىمغا يېقىن كىلىپ پىچىرلاپ ‹‹ھېلىمۇ پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم بۇلىمايدىكەنسەن›› دەۋىتىپ ئاندىن قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ يۇقىرى ئاۋازدا ‹‹بولدى ئاكا ، ئاشقىنىنى قايتۇرماڭ›› دەۋاتىدۇ . ئاخۇنجانغا كۆيگەن گۈزەللەر يېرىم تەخسە لەڭپۇڭغا گۆل بولدى دەيلى


17- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھېلىمۇ ئاسىي تاۋاقنىڭ قاۋىقىدىن ساق چىقىپسەن ئوغىرى,خوگو قازىنىغا سېلىپ قاينىتىۋەتمەپتۇ سىنى![]()
![]()
ئاسىي تاۋاقنىڭ خوگو قازىنىدا سەنمۇ قايناپ بېقىپسەنكەندە .... ئانارخانننىڭ قاۋىقىدىكى كەچمىشلەرمۇ بار تېخى .
تىللاشمايلى ھوي خەقلەر.
بىر ئوبدان قىزىقچىلىق قىلپ بىردىغان قۇناخۇنىمىزنى تىللاپ كەتكىننى ما چوكاننىڭ . ئېشەك دەپ....
بەت:
[1]
2