Oz يوللانغان ۋاقتى 2012-12-31 09:22:39

خەنزۇچە ۋىندوۋس 8 ئۈچۈن يايدىلانما

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، دوستلار!

     ئانا تىل قىزغىنلىقى، تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا ئانا تىلىمىزغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى بىزنى نەچچە كۈنلەردىن بۇيان ۋىندوۋس 8 دىن ئىبارەت بۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېر تارىخىدىكى ھالقىش خاراكتېرلىك مۆجىزاتنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈپ يۈرمەكتە. مەنمۇ مۇشۇنداقلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋىندوۋس 8 نى ئورگان تور بېتىدىن سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، 校园先锋 http://shop.edu.cn تورىدىن 233 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم.

    پۇل تۆلەپ ئاچقۇچ نومۇرغا ئېرىشىش جەريانى شۇنداق تېز ھەم ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىنمۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان چۈشۈرۈش جەريانى ۋە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى دېسكىنىڭ قالدۇق سىغىمىغا بولغان تەلەپ ۋە نۆۋەتتىكى سىستېما بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىق دېگەندەك جەھەتلەردە بىر قاتار مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، مېنى ئازغىنە ۋاقىت بىئارام قىلىپ قويدى. لېكىن كېيىن قارىسام، بەزى مەسىلىلەرنى ئۆزەمنىڭ ئىدىيىۋى ۋە باشقا تەييارلىقلىرىمنىڭ يېتەرسىز بولغانلىقىدىن كۆرۈلۈپتۇ، دەپ ئويلىدىم.

    مانا 2 كۈندىن ئارتۇق كومپيۇتېر بىلەن يېتىپ-قوپۇشتا بىللە بولۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا بۇ كومپيۇتېرىمغىمۇ تونۇش زۇۋان كەلدى. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم ۋە ئىككى كۈندىن بۇيانقى تارتقانلىرىم بىراقلا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.


    ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك، مەن ۋىندوۋس 8 نى قاچىلاش جەريانىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ، ماڭا ئوخشاش مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان، ھەل قىلالمىغان ياكى ۋىندوۋس 8 نى سېتىۋېلىىپ تېخى ئورنىتىشقا ئۈلگۈرمىگەن دوستلىرىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە، كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. (چۈشۈرۈش ياكى نەشرىنى كۆتۈرۈش جەريانى بۇرۇن باشقا تورتۇرالار ياكى مۇنبەر يازمىلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا، مەن قايتا سۆزلىمەي)


    1. چۈشۈرۈش جەريانى تور سۈرئىتى ۋە سىستېمىڭىزنىڭ مۇقىملىقى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولىدىكەن.

ئالدىنقى كۈنى بىر قېتىم چۈشۈرگەن، ئۇ ۋاقىتتا تەخممىنەن 5 سائەت ئۆپچۆرىسىدە ۋاقىت سەرپ بولغان، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتا چۈشۈرۈشكە توغرا كەلدى، تۈنۈگۈن كەچتە چۈشۈرۈشكە كەتكەن ۋاقىت كۆپ بولسا 2 سائەت ئۆپچۆرىسىدە بولدى. شۇڭا دوستلىرىمىزنىڭ تور سۈرئىتىنى نەزەردە تۇتىشىنى، كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ تۇراقلىق، راۋان ئىشلەيدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. زۆرۈر تېپىلسا سىستېمىغا نىسبەتەن ئورۇقلىتىش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارساق ياكى سىستېمىنى يېڭىلاپ قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ. (ۋىندوۋس 8 نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاشتىن بۇرۇن)

    2. قاچىلاشقا قويۇلىدىغان تەلەپ: ۋىندوۋس 8 نىڭ سىستېما قاتتىق دېتالىغا قويۇلغان تەلىپىدىن باشقا، قاچىلاش جەريانىدا قاچىلىنىدىغان رايوندا 20 گىگابايتتىن ئارتۇق بوشلۇق بولۇشى زۆرۈر. (مەن دەل ئاساسىي رايوندا قالغان بوشلۇق 20 گىگابايتقا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن 5-6 سائەت سەرپ قىلىپ چۈشۈرگەن سىستېما ھۆججىتىنى ئورنىتىشقا ئامالسىز قالدىم. بۇ ئۇچۇر بارلىق چۈشۈرۈش ئاخىرىلىشىپ، قاچىلاشنىڭ تەييارلىقلىرى بىر قاتار تۈگەپ، كومپيۇتېرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ، رەسمىي قاچىلاشقا باشلىغاندا كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇرۇن ئويلاشمىسىڭىز ئىش قايتىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ۋاقىتتىن ئۇتتۇرۇپ قويىسىز.)

    3. قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ سىستېما بىلەن ماسلىشىشچانلىقى: ئالدىنقى كۈنى چۈشۈرگەن ھۆججەتنى قاچىلاشقا بوشلۇق يېتىشمەي، تەۋەككۈل قىلىپ باش رايوندىن بەزى مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرگەن بولساممۇ لېكىن 20 گىگاغا يەتمەي قاچىلاشقا ئامالسىز قالدىم. ئاخىرى ئامال بولماي سىستېمىنى يېڭىدىن قاچىلاشقا مەجبۇ بولدۇم ۋە دېسكا قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ 1- ۋە 2- رايوننىڭ بوشلۇقىنى تەڭشىدىم. ئەمدىغۇ قاچىلارمەن دەپ، بۇيرۇق بەرسەم، ئازراق داۋاملاشقاندىن كېيىن «قاچىلاش ھۆججىتى سىزنىڭ سىستېمىڭىز بىلەن ماسلىشىدىغان ھۆججەت ئەمەس»، دەپ ئۇچۇر چىقىرىۋېلىىپ داۋاملاشتۇرالمىدى. قانچە سىنىغان بولساممۇ بولماي ئاخىرى باشقا نۇر دېسكا ئارقىلىق سىستېمىنى يېڭىلىدىم.(دېمەك بۇ 2-قېتىم قايتا قاچىلىشىم بولۇپ، سىستېما نورمال قوزغالغاندىن كېيىن يەنە بىر قاچىلاپ باقاي دەپ ئىجرا قىلسام يەنە ئۆتمىدى. بىز چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتنى iso قىلىپ ساقلىۋالغان، شۇنى پىرىس دېتالىدا ئېچىپلا ئىجرا قىلغان)

   يېڭى سىستېما قاچىلانغاندىن كېيىن بىۋاسىتە يېڭىدىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپ بولۇپ قارىسام، يەنىلا 2-3 سائەت ئولتۇرىمەنمۇ دەپ، ئەسلى چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتنى ئىجرا قىلىپ باققان ئىدىم، يەنە ماس كەلمىدى دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. لېكىن بۇ قېىتم ئالدىنقى قېتىم بېكار قىلغان چۈشۈرۈش جەريانىنى داۋاملاشتۇرۇپ چۈشۈرگەن بولغاچقىمۇ خېلى تېز تاماملاندى.(چۈشۈرۈش جەريانىدا ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇپ، يەنە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىكەن. ئەگەر سىز بېكار قىلىۋېتىپ باشقا مەشغۇلات قىلمىغان ئەھۋالدا يەنە چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بەرسىڭىز داۋاملاشتۇرۇپ چۈشۈرىدىكەن، قايتىلىنىپ كەتمەيدىكەن.)

    4. تىل بولىقى قاچىلاش: پۈتۈن قاچىلاش جەريانى ئوڭۇشلۇق تاماملانغاندىن كېيىن (بۇ جەرياندا نەچچە قېتىم قايتا قوزغىلىدىكەن) تىل بولىقى قاچىلاشقا توغرا كېلىدىكەن. مەن قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تىل تاللايدىغان ئورۇنغا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قويغان ئىدىم. رايوننى«ئۇيغۇر(جۇڭگو)» قىلىپ بېكىتكەن، مەن تېخى شۇنىڭ بىلەن تىلنىڭ ئىشى ھەل بولىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. لېكىن قىسمەن ئۇچۇرلار ئۇيغۇرچە كۆرۈنگەندىن باشقا سىستېما كۆزنەك ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلار يەنىلا خەنزۇچە ھالەتتە ئىدى. مەن شۇنىڭ كونترول تاختىغا كىرىپ «تىل قوشۇش» تىن قارىسام «ئۇيغۇرچە» دەپ تۇرىدۇ. (مەن دەسلەپتىلا تاللاپ قويغان بولغاچقا) لېكىن قوش چەككەندىن كېيىن ياكى ئوڭ تەرەپتىكى «تاللانما» نى چەككەندىن كېيىن كۆرۈنگەن ئېكراندا «ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى. مەن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تور خاتىرىسدە يېزىلغان «خەنزۇچە ۋىندوۋس 8 گە تىل بولىقىنى قاچىلاش» دېگەن يازمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، UPDATE كە كىرىپ 检查更新 دىن تەكشۈرۈپ كۆرۈنگەن زۆرۈ يېڭىلانمىلارنى قاچىلاشقا بۇيرۇق بەردىم. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قايتا قوزغىلىدىكەن. قارىسام يەنە شۇ 语言包无法使用 دېگەن ئۇچۇر. شۇنىڭ بىلەن ئالىم ئەھەتنىڭ يازمىسىنى قايتا تەپسىلىي كۆرۈپ، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭىلانما ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تىلنى ئۆچۈرۈۋەتتىم. ئاندىن قايتا قوزغىتىپ، يېڭىلاشنى قايتىدىن ئېلىپ باردىم. بۇ قېتىمدا تەپسىلىي قارىسام «يېڭىلانما تەكشۈرۈش» نىڭ ئىچىدە «XX دانە يېڭىلانما ھۆججىتى بار» دېگەن يەرنى چەكسەك ئىچىدە يېڭىلانما ھۆججىتىنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنىدىكەن. لېكىن نەق ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇمچىسى بولغان ھېلىقى ھۆججەتنىڭ ئالدىغان توغرا بەلگە سېلىنمىغان، باشقىلارغا سېلىنغان ئىكەن. مەن قولدا توغرا بەلگىسى قويغاندىن كېيىن يېڭىلاش ئېلىپ باردىم. شۇنىڭ بىلەن «كونترول تاختا» دىن تىل قوشۇشقا كىرىپ ئۇيغۇرچىنى قوشتۇم، بۇ ۋاقىتتا ئاندىن 下载安装语言包 دېگەن كۇنۇپكا كۆرۈندى، بۇنى چېكىپ قاچىلاش جەريانى تاماملانغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرىم رەسمىي «ئۇيغۇرنىڭ كومپيۇتېرى» بولدى.


خۇلاسە كالام، ھاياجان ئىلكىدە سەل تولا سۆزلەپ قويدۇم، لېكىن تورداش دوستلىرىمغا ئەمەلىي نەپ تەگسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-31 16:53:02

1- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزىدە cpu مۇ ماسلاشمايدىغان ئىش بولىدىكەن ، مەن بىر بۇرادەرگە قاچىلاپ بېرەي دېسەم ، قاچىلاپ قايتا قۇزغالغان ۋاقىتتا مۇنداق خاتالىق چىقىۋالدى

error cpde : 0x0000005d



ئامال قىلالمىدىم ...




bios نى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە ئەكىلىپ بىقىڭ.


Oz يوللانغان ۋاقتى 2012-12-31 17:19:06

ماركىلىق كومپيۇتېرلارنىڭ تورىدا ۋىندوۋس 8 نى قاچىلاشتىن بۇرۇن BIOS قاتارلىق ئاساسىي تاختا قاتتىق دېتاللىرىنىڭ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىنىپتۇ، ئەگەر ماركىلىق كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا، شۇ كومپيۇتېرنىڭ ئورگان مۇلازىمەت تورىغا چىقىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، ئەگەر قاتتىق دېتاللارنىڭ نەشرىنى يېڭىلاش ھۆججەتلىرى ئۇلانما قىلىنغان بولسا، ئاۋۋال يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ ئاندىن قاچىلىساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-31 15:51:43

بەزىدە cpu مۇ ماسلاشمايدىغان ئىش بولىدىكەن ، مەن بىر بۇرادەرگە قاچىلاپ بېرەي دېسەم ، قاچىلاپ قايتا قۇزغالغان ۋاقىتتا مۇنداق خاتالىق چىقىۋالدى

error cpde : 0x0000005d



ئامال قىلالمىدىم ...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-1 12:32:19

مەنمۇ قاچىلاش باسقۇچىدا بىكار ئولتۇرغىچە دەپ ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىلوگىنى كۆرۈپ بىلىم ئاشۇرغاچ تۇردۇم ، ياماق قاچىلاش باسقۇچىدا ۋاقىت يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى ، چۈشلۈك تاماقنى قۇيۇپ جىدەللىشىپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى توردىكى ياردەملەر ئارقىلىق سېستىمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم ، دەسلەپتە خەت نۇسخىسى كۆزۈمگە سىغمىدى ، بىراق يەنە ئېكران خاسلىقى دقگەن جايلا بىلەن ھەپىلىشىپ كۆزنەكتىكى خەتلەرنى توملىتىشقا تەڭشىۋىدىم خەت توملىشىپ چىرايلىقلىشىپ كەتتى ، فونت ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆركەم قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ بەزىدە خەنزۇچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلاردا تەسىرى بولمىسۇن دەپ مۇشۇنىڭغىمۇ شۈكرى دىدىم. قاچىلاپ بولۇپ ئەنئەنىۋى ئۈستەل يۈزىگە بىر قىسىم سىن بەلگىلەرنى قۇشۇپ بولالماي خېلى جاپا تارتتىم ،مالتىلاپ يۈرۈپ بايقىدىمكى ئەمەلىيەتتە ۋىندوۋس 7 نى ئىشلىتىپ باققان ئادەم بولسىلا بۇ سېستىمىنى بەھۇزۇر باشقۇرۇپ كەتكۈدەك ، بۇ سېستىمىنىڭ تورغا بېقىنىشچانلىقى سەل كۈچلۈككەن ، بۇ سېستىمىنىڭ راھىتىنى ھەقىقى راھىتىنى تورغا ئۇلانغان ھالەتتە ئاندىن ھىس قىلىدىكەنسىز . ئاندىن سېستىمىدىكى دۇكان ئارقىلىق كوت كوت ۋە ناخشا فىلىم قويغۇچلارنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم بىراق ب ۇلارنىڭ ھەممىسى سەزمە ئېكرانغا قولايلىقلاشتۇرۇلغان شەكىلدە مېترو يۈزىگە قاچىلىنىپ بىر قىسىم ئىنچىكە ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىلى بولمىدى . شۇنىڭ بىلەن كونا ئۇسۇل بۇيىچە كومپىيۇتېرىمدا ئەسلى بار بولغان qq 2013 نى ۋە بىر قىسىم دىتاللارنى ئۈستەل يۈزى شەكلىدە قاچىلىسام ئاندىن ئادەتتكىدەك نورمال شەكىلدە ئۈستەل يۈزىگە سىن بەلگىسى چىقتى ۋە كۆرۈنمە يۈزى بىز كۆنگەن شەكىلدە كۆرۈندى .  بىر كۆنەلمەيۋاتقان يىرىم شۇ بولدىكى مىترو يۈزىدىن ئىجرا بولۇۋاتقان پىروگراممىلارنى تاقاش كۇنۇپكىسىنىڭ بولمىغانلىقى ، ھەر قېتىمدا تاقاش توغرا كەلسە ئېكراننىڭ ئوڭ بۇرجىكىگە مائۇسنى ئەكىلىپ كۆرۈنگەن كىچىك كۆزنەك ئۈستىگە ئوڭ كۇنۇپكىنى چىكىپ تاقاش ۋە كومپىيۇتېرنى نورمال تەرتىپتە ئۆچۈرۈش بولدى ، ھېلىمۇ ياخشى بەزى تىزلەتمە كۇنۈپكىلارنى بىلىدىكەنمەن بولمىسا بۇنىمۇ بىلمەي ئولتۇراركەنمەن. ئاندىن قالسا office2003 قاچىلاپ بولالمىدىم ، ئامال يوق جىنشەننىڭ WPS نى قاچىلاپ تۇردۇم .بىزنىڭ ناھىيىدىكى مائارىپ سېستىمىسىدا پۈتۈنلەي ئەلپىدا خەت نۇسخسى ئىشلىتىلىۋاتقان بولغاچقا ئەلپىدانى قاچىلاپ كۆردۈم ، گەرچە قاچىلاش مۇۋەپققىيەتلىك بولۇپ ۋوردتىكى ھۆججەتلەر نورمال كۆرۈنگەن بولسىمۇ تەھرىرلىيەلمىدىم ، جەدۋەلدە ئەلپىدادا يېزىلغان خەتلەر تەتۈر يۆنىلىشتە چىقىۋالدى ،بەلكىم بۇ WPS تىكى مەسىلە ياكى سېستىما ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ كۆزنەكلەر ئوڭغا تەكشەلگەنلىكتىن دەپ چۈشەندىم . ئەلپىدا كىرگۈزگۈچ ئىشلىمەي سېستىمىدىكى يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچنى مەجبۇرى تاللاپ قويۇۋاتىدۇ . بېشىمنى مۇشۇ مەسىلە سەل قاتۇرۋاتىدۇ . بىلىدىغان تورداشلارنىڭ بۇ سېستىمدا قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان office قوراللىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىشىنى ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىكى تەجىربىلىرىنى ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت: [1]
: خەنزۇچە ۋىندوۋس 8 ئۈچۈن يايدىلانما