شەخسى مەسىلەمنى ھەل قىلىشپ بەرسەڭلەر
غەلىتەرەك بولسىمۇ دەي، مەن ھەركۈنى چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولساملا ئۇيقۇم كېلىدۇ، ئازراق بولسىمۇ ئۇخلىمىسام چۈشتىن كىيىن بىئارام بۇلۇم بېشىم ئاغرىيدۇ. كۈندۈزى 10غىچە ئۇخلاپ تاماق يىسەممۇ مۇشۇنداق بىرخىل ئۇيقۇ كېلىدۇ،مۇشۇ ئىشنى قانداق قىلسام ھەل قىلغىلى بولىدۇ ،بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار، بۇنداق بولسا ئۆگىنىشكە تازا قولايلىق بولمايدىكەن.
قاننمۇ ئاددى تەكشۈرتۈپ باققان 10نەچچە خىل ئاساسلىق تەركىبمۇ شۇنداق نورمال ئىكەن.ياكى تېخىمۇ تەپسىلى تەكشۈرتۈپ بېقىشىم لازىممۇ؟
كۆنۈب قالغان ئادىتىڭىز ئەمەستۇ بۇ ،،،تاماقتىن كىيىنلا ئۇخلىسىڭزى سەمىرىب كىتسىز جىمۇ بۇ ئىنتايىن نورمال ئىش. تاماق يىگەندىن كىيىن ئاشقازان تاماقنى ھەزىم قىلىش جەريانىدىكى ھەرىكەتكە كۆپ قان تومۇر ھەرىكىتى سەۋەب بولۇپ، مېڭىگە يەتكۈزىلىدىغان قان مىقدارى ئازلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئاسانلا ئادەمنى ئۇيقۇ باسىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەللىك ئەمەس.ئەمدى سىزنىڭ بىئارام بولىدىغان ھالىتىڭىزگە كەلسەك شۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايسىز، ياپۇنىيىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە چۈشلۈك ئۇيقۇ مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. لېكىن سىز تاماق يەپلا يېتىپ ئۇخلىسىڭىز شۇ ئىش چاتاق. ئاسانلا ئاشقازان كېسلى، ھەزىم ياخشى بولماسلىق، ئاندىن باشقا رەئىس ئەزالارغا زىيانلىق. شۇڭا تاماق يەپ بولۇپ 20 مىنۇتقىچە ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ. جىگەرگە زىيىنى بار. تىنىچ ئولتۇرۇش كېرەك. لېكىن يېتۋالماڭ. ئامال بار توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. شەرتلىك رېفلىكىس بولۇپ قاپتۇ. تاماقنى ئاز يەڭ ،تاماقنى يەپ بولۇپلا چىنىلەرنى يۇيۇپ،ئۆينى بىرەر قۇر تازىلاڭ ،كىر يۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كەتسىڭىزلا ئۇيقۇ باسمايدۇ. ئەگەر تۇرغان پېتى ئۇخلاپ قالغۇچىلىك ئۇيقۇ بېسىپ چىدىمىسىڭىز ئۇخلاڭ. مىنىڭچە بۇ بىر ئادەت، مەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇنداق بۇلۇپ قالغان، چۇشلۇك تاماقنى يەپلا بەدىنىم يە تاتىپ، ئۇيقۇملا كىلىدىغان،
بىر مەزگىل چۇشلۇك تاماقىنى سىرتىكى ئاشخاندىن يەپ تۇرۇڭ،
ئاندىن ئۆيگە پىيادە قايتىڭ، بىر ھەپتە سىناپ باقسىڭىز بۇلا
3- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شەرتلىك رېفلىكىس بولۇپ قاپتۇ. تاماقنى ئاز يەڭ ،تاماقنى يەپ بولۇپلا چىنىلەرنى يۇيۇپ،ئۆينى بىرەر قۇر تازىلاڭ ،كىر يۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كەتسىڭىزلا ئۇيقۇ باسمايدۇ. ئەگەر تۇرغان پېتى ئۇخلاپ قالغۇچىلىك ئۇيقۇ بېسىپ چىدىمىسىڭىز ئۇخلاڭ.
ئۇياق ئەر كىشى ئىكەن!
ياشانغانلاردا كۈرۈلىدىغان تولا ئۇيقۇسى كېلىدىغان ئەھۋاللار دائىم تەكرارلانسا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامىتى دەيدىكەن، سىز يا ياشانغان كىشى بولمىسىڭىز بۇنىڭ سەۋەبىنى دوختۇرلار بىلمىسە بىز بىر نەرسە دىيەلمگۈدەكمىز جۇمۇ {:107:} چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئىشخانىغا كىرىپ شۇنداق بىر ئۇيقۇ باسىدۇ مېنىمۇ، ئۈستەلگە بېشىمنى قويۇپ بىردەم ئۇخلىۋالمىسام پەقەت كار قىلمايدۇ، بەزىدە قەھۋە بىلەن جايلاپ تۇرىمەن.
7- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئىشخانىغا كىرىپ شۇنداق بىر ئۇيقۇ باسىدۇ مېنىمۇ، ئۈستەلگە بېشىمنى قويۇپ بىردەم ئۇخلىۋالمىسام پەقەت كار قىلمايدۇ، بەزىدە قەھۋە بىلەن جايلاپ تۇرىمەن.
ئىككەيلەن قارمۇ - قارىشى يې . قەھۋە ئۇيقۇمنى كەلتۈردۇ دېسە.

------
كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دېگەندەك مېنىڭچىمۇ كۆنۈپ قاپسىز. چۈشتە ئۇخلىماي باشقا ئىشلار بىلەن مەشخۇل بولۇپ بېىقىڭە . ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.
مەن تېخى ھەممە ئادەم مۇشۇنداقمىكىن دەپتىمەن. تاماق يەپ بولۇپ باشقا ئىشىم يوق ئىشخانىغا كىرىپ كېتىدىغان بولغاندىكىن، تاماقتىن كېيىنكى ئېزىلىشمىكىن دەپ يۈرۈپتىمە مەن.
2- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەھمەت سىزگە، تاماق يەپ چىداپ بىر سائەت، يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئاندىن ئازراق ئۇخلىۋالىمەن ئادەتتە
ھەممىڭىلارغا كۆپ رەھمەت10- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىزدە بىر بولسا بەدەندىكى ھۆللۈك ئىشىپ كىتىپتۇ. بىر بولسا قان ئازكەن.
ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، كۈندە سەي كۆكتات مىفەن قاتارلىق مايسىز تاماقلارنى كۆپ يىسىڭىزمۇ سوغۇقىڭىز ئىشىپ مۇشۇنداق ئۇخلايدىغان بولۇپ قالىسىز.مۈمكىن بولسا چاي دورىلارنى ئىشلىتىپ بىقىڭ.
مەسىلەن قانداق چايلارنى دەيسىز؟رەھمەت سىزگە بۇ سىزنىڭ سەمىرىشكە باشلىغانلىقىڭىزنىڭ ئالامىتى .دىققەت قىلىڭ .
5- قەۋەتتىكى tayanqimbarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شەرتلىك رېفلىكىس بولۇپ قاپتۇ. تاماقنى ئاز يەڭ ،تاماقنى يەپ بولۇپلا چىنىلەرنى يۇيۇپ،ئۆينى بىرەر قۇر تازىلاڭ ،كىر يۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كەتسىڭىزلا ئۇيقۇ باسمايدۇ. ئەگەر تۇرغان پېتى ئۇخلاپ قالغۇچىلىك ئۇيقۇ بېسىپ چىدىمىسىڭىز ئۇخلاڭ.
ئۇياق ئەر كىشى ئىكەن!
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
بىر ئىشقا كۈيمۈنۈپ دىققىتىنى چاچسۇن ، شۇنىڭدا رىفلىكىس بولۇپ قالغان ئۇيقۇ ئۇنتۇلۇپ يوقايدۇ دىمەكچى. چىنە يۇمايدىغان، كىر يۇمايدىغان ئەر كىشى بولۇپ قالسا باشقا ئىشلارغا كۈيمەنسىمۇ بولىدۇ. كىرىسلودا كىتاب ئوقۇڭ دەي دىسەم تېخى
بۇنداق شەخشى مەسلىلەرنى پارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى بىردەك ھەل قىلدۇ .ئەنسىرمەڭ! {:90:}