تۆۋەندىكى كونا كىتابلار سېتىلىدۇ ،سېتىۋىلىڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى ،
قارىسام ئىزدىنىشنىڭ كونا كىتاب بازىرى قىزىپ قاپتۇ ،يېقىندا قولۇمغا بىر قىسىم كونا كىتابلاردىن بىرقانچىسى چۈشۈپ قالدى، مۇشۇلارنى ساتىمەن.
1.سۇتۇق بۇغراخان
بۇ كىتاب قاتتىق مۇقاۋىلىق بولۇپ تۈنجى نەشىرى ،1988-يىلى بېيجىڭدا بېسىلغان ،1007بەتلىك بۇ كىتابنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى باھاسى 5.7يۈەن بولۇپ ،ھازىر : 150 يۈەنگە سېتىلىدۇ.
2.بەشنامە(قەدىمكى ھىندى دانىشمەنلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر)
تۈنجى نەشىرى ،تۈنجى بېسىلىشى : 70يۈەن.
3.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىدىن بىر يۈرۈش:
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا
تۈنجى نەشىرى ،تۈنجى بېسىلىشى : جەمئى 180يۈەن.
4. شېئىرى ئەسەرلەردىن:
1)ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن : رۇبائىيات.
تۈنجى بېسىلىشى ،مۇكەممەل ساقلانغان باھاسى : 100يۈەن.
2)شىكىسپىر سونىتلىرى : 40 يۈەن
3) يارىلانغان يۈرەك (چەتئەل داڭلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ):70يۈەن.
4)ئا بەرقى : قىز پەسلى ؛ئۆمەر كىروران : كۆيۈك مەڭگۈ تېشى ؛ئا جالالىدىن : كۆيگەن دېڭىز ؛چىمەنگۈل ئاۋۇت : قىساس غۇنچىسى
ئايىمنىسا سۇلايمان : ئوت پەسلى ....قاتارلىقلار بار، باھاسى بۇرۇنقى باھاسىغا يېقىن سېتىلىدۇ.
ئالاقە:
چ چ : 64339066
تېلفون : 13319094829
«ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى» دېگەن كىتاب بولسا مەن ئالىمەن. بەزى كىتابلارنىڭ باھاسى شۇ كىتابلارنىڭ ئۆز باھاسىمۇ ياكى ئاپتورنىڭ نام- شەرىپىنى دەپ قويۇلغان باھامۇ؟! شەخسەن مەن بۇرۇنقى كىتابلارنى ئەمەس، 2012- يىلىنىڭ پىكىر ئېقىملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىتابلارنى كۆرۈشنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدىكەنمەن. ئانا يۇرىت رومانىنىڭ بىرىنچى نەشىرى بارمىدۇ؟