raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 23:20:50

ئۇيغۇرچە Windows8 نى ئىشلەتكۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا تېز بولۇڭ

‏ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك ئەھلى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ! كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى بولغان Windows8 گە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىدىكى تۆھپىكارىمىز ئالىم ئەھەتنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە مىھنەت قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپ ، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى . ئۇزۇندىن بۇيان Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئانا تىلىدا ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا نىسبەتەن ناھايتى زور خۇشاللىق ئىش بولغان بولسىمۇ ، زور كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تورغا چىقىش شارائىتىنىڭ يوقلىقى ياكى بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنىڭ چەكلىكلىكى ، شۇنداقلا پىسخىكىمىزدىكى پەرۋاسىزلىق ، بىخۇتلۇق تۈپەيلىدىن Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل ئىشلاردىن بىخەۋەر يۈرمەكتە . بىلسىمۇ پەرۋاسىز يۈرمەكتە .

‏بۇ ئىشلار مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلىتى . بىراق ، مىكروسوفت شېركىتىنىڭ سىتاتسكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بىزنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىز تازا قىزغىن بولمىسا ، شۇنداقلا ، مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى كىرگۈزۈش ئۈچۈن سالغان مەبلىغى كىرىمى چېقىمىنى قاپلىيالمىسا كىيىنكى قېتىملىق مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلەيدىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىنى قۇشۇشنى ئويلاشمايدۇ - دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تەرەققىياتى تىبەت ، موڭغۇل ... قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ ھىچقايسىمىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئاقىۋەت .

‏يەنە بىر جەھەتتىن ، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان بۇ مەشغۇلات سېستىمىسى تەخمىنەن 1280 يۈەنگە ئۆسۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ . ھالبۇكى ، يېڭى يىلغا بىر نەچچە كۈنلا قالدى . ئەمدى ئالدىرىمىسىڭىز كىيىن قانچىلىك پۇشايمان قىلغىنىڭىز بىلەنمۇ ھەرگىز ئورنىغا كەلمەيدۇ . ھەم ، سىزنىڭ بۇ قەدەر پەرۋاسىزلىقىڭىز ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تەرەققىياتىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . مىللەتنى سۆيۈش ئېغىزىڭىزدىكى قۇرۇق شۇئار ھالەتتە بولۇپ قالمىسۇن ، ئەمەلى ھەرىكەتكە كېلىش قۇرۇق گەپ ساتقاندىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل !

‏بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى www.alimahat.com غا كىرىپ ، ياكى ، www.uyghurbeg.com غا كىرىپ ئۇيغۇربەگ بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ . ئۇيغۇربەگ بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئۈندىدارىڭىزنىڭ باشقىلارنى قوشۇۋېلىش سېستىمىسىنى قوزغىتىپ Uyghurbeg نى ئىزلەپ قۇشۇۋالسىڭىز بولىدۇ .

‏تىزرەك ھەرىكەتكە كېلىڭ ! پۇرسەت تىزلا ئۆتۈپ كەتمەكتە . كىيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن ! ئۇيغۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشۇپ ، ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسىدا ئانا تىلىڭىزنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈڭ !

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 09:25:06

raxit1973نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

‏يەنە بىر جەھەتتىن ، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان بۇ مەشغۇلات سېستىمىسى تەخمىنەن 1280 يۈەنگە ئۆسۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ .



ئالىم ئەھەد ئەپەندىمنىڭ تۇراسىدا \"

مۇشۇ يازما ئارقىلىق يەنە ئەسكەرتىپ قوياي، Microsoft ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ. سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقانلار، يانچۇقىدا 248 يۈەن پۇلى بارلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 40 نەچچە كۈن ئىچىدە سېتىۋالساڭلار بولىدۇ، 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ باھاسى ئېنىقلا 1000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئالىم مۇئەللىم سەمىمىزگە سالمىغان دەپ يامانلاپ قالماڭلار.\" دەپتۇ، ۋاقىت ئالدىغا سۈرۈلدىمۇ نېمە؟

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 10:18:12

مەخسۇس كومپىيۇتېرىم بولمىسىمۇ ئۆزۈم ساقلاپ قويغىلى بىرنى سىتۋالدىم، ئىتبار ۋاقتى توشقىچە يەنە بىرنى سىتۋالغۇم بار.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 10:37:18

ئاڭلىسام پايپال دەيدىغان نەرسە بولمىسا سېتىۋالغىلى بولمايمىش.مەندە alipbayدەيدىغان نەرسە بار ئىدى.مۇشۇنىڭ بىلەن قانداق سېتىۋالىمىز.

fistik يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 10:44:56

پۇلغۇ با ..لىكىنزە مۇشۇ سىستىمىنى ئۆزەم يالغۇز قاچىلاپ بولاشقا ھىچ كۆزەم يەتمەتىدۇ..بوسا بىرىنجى قەدەمدە ماندا قىلىمىز ..ئىككىنجى قەدەمدە ماندا قىلىمىز دەپ بىر تەپسىلىي تىما يىزىلسا بولاپتىكىن ،،يا يىزىلغان بولسا مەن كۆمەي قالدىممۇ ئۇ تىمىنى...سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارىدا پۇل با .ئەمما كىيىنكى قەدەمدە قاندا قىلىپ ،نىمىنى نەدىن باشلايمە..بولسا @baqka باچكا بىر ياردەم قىلغان بولسا بولاپتىكىن..باشقا ئىنىق تەپسىلىي بىلىدىغانلار بولسىمۇ مەيلى..رەخمەت

@baqka

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 10:51:54

ئالىپاي دىن بولمايدىكەن، paypal دا بىر paypal دىن يەنە بىر paypal غا پۇل قاچىلاش ئارقىلىق سىتۋالغىلى بولىدىكەن، مەن paypal دىن ئىككىنى ئىلتىماس قىلىپ، ئاندىن بىرىنجى paypal ئارقىلىق سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىدىن ئىككىنجى paypal غا پۇل قاچىلاپ سىتۋالدىم.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 12:07:38

4- قەۋەتتىكى atella0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاڭلىسام پايپال دەيدىغان نەرسە بولمىسا سېتىۋالغىلى بولمايمىش.مەندە alipbayدەيدىغان نەرسە بار ئىدى.مۇشۇنىڭ بىلەن قانداق سېتىۋالىمىز.

ئىنتىلدىكى بىر تېمىدا تاۋباۋدىن ئالغىلى بولىدۇ دەپتۇ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 12:09:10

5- قەۋەتتىكى fistikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پۇلغۇ با ..لىكىنزە مۇشۇ سىستىمىنى ئۆزەم يالغۇز قاچىلاپ بولاشقا ھىچ كۆزەم يەتمەتىدۇ..بوسا بىرىنجى قەدەمدە ماندا قىلىمىز ..ئىككىنجى قەدەمدە ماندا قىلىمىز دەپ بىر تەپسىلىي تىما يىزىلسا بولاپتىكىن ،،يا يىزىلغان بولسا مەن كۆمەي قالدىممۇ ئۇ تىمىنى...



پايپاينى ئىشلىتىپ سېتىۋېلىش باشقا تېمىلاردىمۇ چۈشەندۈرۈلدى.ئىككى ئېخەت ئادرىس تەييارلاپ، WWW.paypal.com دىن ئىككىنى ئېلىڭ، ئىككىلىسىنى ئېخەت بىلەن دەلىللەيسىز، بانكا كارتىسىنى دەلىللەش بىلەن چاتىقىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىككىنچىسىنى، بىرسىدىكى تور بانكىسى ئوچۇق كارتا بولسىلا بولىدۇ.


ئاۋال Win8 نى سېتىۋالغاچ تۇرۇڭ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىسۇن. قانداق قاچىلاشنى ئۆگىتىش جەريانىنى بالىلاردىن بىرى تەييار قىلىدۇ چوقۇم.


پايپال بىلەن سېتىۋېلىش جەريانىمدا تۇتۇپ قويغان سۈرەتلەرنى ئىزدەپ چىقىرىپ قويسام بولغۇدەك..

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 12:21:16

ئىلتىماس


بۇ تېمىنى كىيۇكىيۇ توپىغا ئەۋەتسەم بەزىلەر كۆرۈپ بەزىلەر كۆرمەيدىكەن. شۇڭا كومپىيۇتېر ئۇستىلېرى كىچىكرەك رەسىم شەكىلدە، بولسا ھېلىقى ھەركەتلىك سۈرەت شەكىلدە ئۇيغۇرچە ۋىندوۋىس سەككىزنىڭ تەشۋىقات رەسىمىدىن بىر قانچىنى ئىشلەپ مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ بەرسە ياكى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ بەرسە ھەر قايسى كىيۇكىيۇ توپلېرىغا ئەۋەتسەك تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خەۋەردار بولاتتى. ھېلىقى مەككىدىن كەلگەن خەت، ئالداپ ئېىلىپ كېتىلگەن بالا دىگەندەك يالغان خەۋەرنىڭ ئورنىغا تېزلا تارقىلاتتى. مەن قىلاي دىسەم قولۇمدىن كەلمەيدىكەن.

karadung يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 12:34:42

شۇنداق ياخشىكەن

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 13:01:00

8- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىلتىماس


بۇ تېمىنى كىيۇكىيۇ توپىغا ئەۋەتسەم بەزىلەر كۆرۈپ بەزىلەر كۆرمەيدىكەن. شۇڭا كومپىيۇتېر ئۇستىلېرى كىچىكرەك رەسىم شەكىلدە، بولسا ھېلىقى ھەركەتلىك سۈرەت شەكىلدە ئۇيغۇرچە ۋىندوۋىس سەككىزنىڭ تەشۋىقات رەسىمىدىن بىر قانچىنى ئىشلەپ مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ بەرسە ياكى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ بەرسە ھەر قايسى كىيۇكىيۇ توپلېرىغا ئەۋەتسەك تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خەۋەردار بولاتتى. ھېلىقى مەككىدىن كەلگەن خەت، ئالداپ ئېىلىپ كېتىلگەن بالا دىگەندەك يالغان خەۋەرنىڭ ئورنىغا تېزلا تارقىلاتتى. مەن قىلاي دىسەم قولۇمدىن كەلمەيدىكەن.





مۇشۇ تېمنىڭ ئۆزىنىلاكىسىپ رەسىم شەكىلدە ئەۋەتكەچ تۇرمامسىز؟


\"\"


\"\"

sayramboy يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 13:16:01

4- قەۋەتتىكى fistikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پۇلغۇ با ..لىكىنزە مۇشۇ سىستىمىنى ئۆزەم يالغۇز قاچىلاپ بولاشقا ھىچ كۆزەم يەتمەتىدۇ..بوسا بىرىنجى قەدەمدە ماندا قىلىمىز ..ئىككىنجى قەدەمدە ماندا قىلىمىز دەپ بىر تەپسىلىي تىما يىزىلسا بولاپتىكىن ،،يا يىزىلغان بولسا مەن كۆمەي قالدىممۇ ئۇ تىمىنى...سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارىدا پۇل با .ئەمما كىيىنكى قەدەمدە قاندا قىلىپ ،نىمىنى نەدىن باشلايمە..بولسا @baqka باچكا بىر ياردەم قىلغان بولسا بولاپتىكىن..باشقا ئىنىق تەپسىلىي بىلىدىغانلار بولسىمۇ مەيلى..رەخمەت

@baqka

     شۇ مەنمۇ  قاچىلاشنى ئۇخمايمەن  ،باشقا سىستىمىنى قاچىلىغانغا ئوخشامدىغاندۇ يا

mahmut32 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 13:36:54

باش مەخسەتكە كەلسەم،سېتىۋېلىش خىيالىدا بۇلۇپ سېتۋالالمايۋاتغان دېگەندەك مەسلىگە يولۇققانلار ئىككىلەنمەي مىنى ئىزدەڭلار ،ئورگان بېكەت نەچچىگە ساتقان بولسا شۇنچە پۇلغا مەن ياردەم قىلىپ ئېلىپ بېرىمەن، خەلقىم ئۈچۈن قولۇم كۆكسۈمدە--------بىر پۇڭمۇ ھەق ئېلىنمايدۇ

كوت-كوت 345872517

تېلپۇن:18742780823

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 13:55:41

baqka@ باچكا مەن ئىككىنى سىتىۋىلىپ كىيىنچە ئىشلەتمەكچى، ياردەم قىلىپ ئېلىشىپ بىرەمسىز؟ ھەم سىز ساقلاپ بىرىسىز، ئېشلىتىدىغان چاغدا سىزدىن ئىلۋالىمەن \"\"

قوشۇلسىڭىز كارتا نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 13:58:28



خىيالى :



ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئاكا، بىز ئۈچۈن تارتقان جاپايىڭىزدىن بەك خوش بۇلىمىز، ئەمدى نەق گەپنى دىسەم: مەن نەچچە كۈن ئىلگىرى 校园先锋 ئارقىلىق كۆزنەك 8 دىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم، 1) بۇ يەردىن سېتىۋالغان نۇسخىسى ئىشەنچىلىك چىقارمۇ؟ 2) مەن سىزنىڭ تارتقان جاپالىرىڭىز ئۈچۈن يەنە 2 نۇسخا سېتىۋالاي دىگەن، ئىناۋەتلىك كارتا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانداق ئۇسۇلدا سېتىۋالسام ئەڭ ياخشى بۇلار؟(مىكروسوفىت شىركىتىدىكىلەر بىر ئۇيغۇرنىڭ سېتىۋالغانلىقىنى بىلسە بۇلاتتى) تۇلا سۇئال سۇراپ بەك چارچىتىپ قويدۇق، ئەپۇ قىلارسىز.





يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:18









ئالىم ئەھەت :   





1) ئۇلار ئەلۋەتتە ئىشەنچلىك، مىكروسوفت ئۇلارغا سېتىش ھوقۇقى بەرگەن

2) مېھنەت قىلغىنىم راست، لېكىن مىننەت قىلمايمەن. مەن ئۆزەم قىلالايدىغان ھەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلدىم، جاپا دەپ قارىمايمەن. سىز يەنىلا 校园先锋 دىن سېتىۋېلىڭ. سېتىۋالغاندا ئىسىم-فامىلىڭىزنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغاندا تولۇق يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزلا، ئۇلار ئىستاتىستىكا قىلالايدۇ.





يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 16:57

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 14:02:56

ھەجەپ ياخشى گېپىنى قىپ كەتتىڭلا، قىزىل بايراق كومپىيوتۇر سۇدا سارىيىدىن سېتىۋالغىلى بولامدۇ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 14:09:06

http://shop.edu.cn/

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 14:28:05

پايپالنىڭ ئىشەنچلىك ئادرىسى نېمە؟بەيدۇدىن ئىزدىسەم كۆپ خىل ئادىرىس چىقتى.ئىشەنىچ قىلالمىدىم.paypal.comدەپ يازسام ئېچىلمىدى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 14:29:23

Win7 شۇنداق ياخشىكەن، Win8 مۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمىسا كىرەك.



تور بانكىسى ئوچۇق بانكا كارتىسى بولسىلا سېتىۋالغىلى بولار؟ 支付宝 مۇ ئوچۇق ئىدى.



سېتىۋالسام چوقۇم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چۈشۈرۋېلىشىم كېرەكمۇ ؟ مەسىلەن پۇلنى ئۆيدىكى كومپيۇتىردا تۆلەپ ئەتىسى ئىشخانىدىن چۈشۈرۋالسام ؟



ھىچقانداق چۈشەندۈرۈشلەرنى ئوقۇماي تازا بىشەم سۇئال بولۇپ قالدى، جاۋاپ بەرسەڭلار.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 14:45:02

ھەي... نىمىشقىمۇ كىملىكتىكى ئىسىمغا چىكىت كىلىدىغان بولۇپ قالغان بولغىيتتى؟؟؟ paypal نى دەلىللەپ باقاي دىسەم، بانكا كارتىدىكى ئىسىم ماس كەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىدىن باشقا بانكىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىدا ئىسىم ئوتتۇرسىغا چىكىت قويۇلمايدۇ.
بەت: [1] 2 3 4
: ئۇيغۇرچە Windows8 نى ئىشلەتكۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا تېز بولۇڭ