مۇرادجاننىڭ مۇراجەت نامىسى
تۇرپان شەھەر ئۈزۈمچىلىك يېزا باغرى كەنتى 1_مەھەللەدە ئولتۇرۇشلۇق مەھموت ياسىننىڭ يالغۇز ئوغلى مۇرادجان بۇ يىل 11ياشقا كىرگەن بولۇپ ، تۇرپان شەھەرلىك 5_ ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ باشلانغۇچ 4_ يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىدى ، 2011_يىلى9_ ئايدا تۇيۇقسىز قىزىپ كېتىپ ئاپتونوم رايونلۇق 2_ دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتكەندە بالىنىڭ ‹‹ ئاق قان كېسىلى ›› گە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويغان ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاپتونوم رايونلۇق 1_ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ .
مۇرادىلجان ئائىلىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بۇلىدىغان ئائىلە بولۇپ ئائىلە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى ئېغىر ، بالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيدىكى يەر ، مال_ چارۋا ۋە باشقامال مۈلۈكلىرىنى سېتىپ مۇرادجانىداۋالاتتى ، شۇنداقلا ئاتراپتىكى ساخاۋەت ئىگىلىلىرنىڭ ياردىمى بىلەن ھازىرغىچەڭ داۋالىنىپ كېسىلدە مەلۇم ياخىشىلىنىشلار بولغان بولسىمۇ ئىزچىل داۋالاشقا توغرا كەلدى كىيىنكى باسقۇچتىكى داۋالاشقا كىتەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئامالىنى قىللالمىغان بالىنىڭ ئاتا _ ئانىسى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى .
جەمىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ بۇ سەبى بالىغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ قۇتقۇز ۋېلىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز .
ئالاقىلىشىش تېلېفون نۇمۇرى : 13199952815
يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتا نۇمۇرى
792169513 3690 622848
买合木提.亚生
تور بەت مەخسۇس مۇلازىمىتىرغا قويۇلغان ، بەت يىنىك ، تىز ئېچىلىدۇ . بولسا تور بەت باشلىقلىرى بىكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويساڭلار ، بۇمۇ بىر ساخاۋەت بولاتتى . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ،مۇمكىن بولسا «ئەلا »نى بولسىمۇ بېسىپ قويايلى ،بۇ تېما تۆرگە ئۆتسۇن ،تۆردە جىقىراق تور ئەھلى كۆرسە بەلكىم ياردەم بېرىدىغانلار چىقىپ قالار ،بولسا قولىمىزدىن كېلىشىچە بىزمۇ ياردەم قىلايلى .
بەش ئەزايىمىزنىڭ بىجىرىم بولغانلىقى بىزنىڭ زور بەختىمىز ،
مۇشۇ سوغاق كۈنلەردە ئىسسىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ توردا يۈرۈشلىرىمىزمۇ ھەم زور بەختىمىز ،
مۇشۇ سوغاق كۈنلەردە ئۆيگە ،دوختۇرخانىغا ئەمەس ئۆيگە چاپقىنىمىز ،ئىسسىق ئۆيلەردە ئىسسىق تاماقلارنى خىرامان يېيەلىشىمىزمۇ بىزنىڭ زور بەختىمىز ،
قېرىنداشلار ،بىرىمىزگە 10 سوم دېگەن ھېچقانچە پۇل ئەمەس ،بىر قاپ «يۈشى »ئۈچۈن 20 سومنى خەجلەيمىز يىگىتلەر ،ئاۋۇ يەردە بىر ئۇيغۇر ئانا بىزگە ئىلتىجا قىلماقتا ،قولىمىزدىن كەلسە 1 سومنى ئاز كۆرمەي ،100 سومنى كۆپ كۆرمەي ئاۋۇ كارتىغا ئاغدۇرايلى بۇرادەرلەر ،سۆيۈنسۇن ،ئۇلارنىڭ دىلى بىزدىن ،ئۆز توپىدىن سۆيۈنسۇن ......خۇدا بۇيرىسا ئەتە كۆڭلۈمنى بىلدۈرىمەن .
سودا سانائەت بانكا كارتامنىڭ توربانكىسىدىن بانكا ئاتلاپ پۇل يۆتكىسەملا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ، سودا سانائەت كارتا نومۇرى بولسا بولۇپتىكەن، كىچىككىنە ئاتىغىنىمىزنى بولسىمۇ يۆتكىيەلىسەك بۇ بالا كېچىلىرى قوپۇپ تەھەججۈت نامىزى ئوقۇپ ئاللاھدىن شىپالىق تىلەيدىكەندۇق ، بىركۈنى ئاتا ئانىسىغا ‹‹ ئاتا - ئاپا مەنىڭ دۇئايىم ئىجابەت بولمايۋاتىدۇ سىلەرمۇ كېچىدە قوپۇپ ماڭا دۇئا قىلىشىپ بېرىڭلار ›› دەپتۇكەن .
بىچارە بالا ئاغرىق ئازابىنى بەك ئېغىر تارتىۋاتىدۇ .
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !
مۇشۇ يېزا بانكىسى ئەڭ قاملاشمىغان بانكىغۇ دەيمەن. 2000 كويدىن تۆۋەن پۇلنى باشقا يەرلىك كارتىغا سېلىش ئۈچۈن چوقۇم ATM دا بىجىرىدۇ. باشقا يەردە قانداكىن تاڭ. سۈرەتلەر ئىچىلمىدى. ئاللا خالىسا مەن بېرىپ يوقلاپ كېلىمەن يەنە نەچچە «ئەلا»بېسىلسا جەۋھەر بولىدىكەندۇق ... ۋاپادارىم مۇمكىن بولسا ئامانەت قەرىز ھىسابات نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيسىڭىز ماڭا قولايلىقى مۇشۇ ئامانەت قەرىز ئىكەن قىزلاردىن بېرىپ يوقلايدىغانلار بارمۇ؟بىللە بارساق. دۇختۇرخانىدىن 5 كۈن تۇرۇش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى پۇل دىگەن سۇدەك كىتىدىكەن،
ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇ بالىنىڭ كىسىلىگە شىپالىق بىرىشىنى تىلەيمەن،،،
پۇل تاپىدىكەنمىز شۇ پۇلنى خەجلەشكە ئاللا ئىگەم رىزىق بەرمىسە، شۇ تاپقان تەرگىنىمىز بىرسەۋەب بىلەن يوق بولۇپ كىتىدىكەن.
قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلغان ئازغىنە پۇلىمىزمۇ ئۇلار ئۈچۇن ئالەمچە خۇشاللىق بولۇشى مۇمكىن.
لا حول ولا قوە الا بالله العلي العظيم
..............................................
ئاللا شىپالىق بىرەر .دۇئايىمىزدا ياد ئىتەيلى! توردىن پۇل ئۇرىدىغانلارغا :ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىدىكى چېكىت ئوتتۇرىغا كېلىدىكەن ،توغرىسى :
买合木提·亚生 مەن ياردەم قىلمىسام كۆڭلۇم ئۇنىمايدىغاندەك قىلىدۇ . بۈگۈن سىرتتا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتىدۇ، سوغۇق بەك يامان. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئاق قان راكىغا گېرىپتار بولۇپ داۋالىنىۋاتقان تۇرپانلىق قىرىندىشىمىز مۇراتجاننىڭ دادىسىغا تېلفۇن قىلدىم. بۇ كىشىنىڭ ئاۋازىدىكى ھارغىنلىق مانا مەن دەپ چىقىپ تۇردۇ. بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىدىم، بالا ھازىر خىلى يامان ئەمەس ئىكەن، ئولتۇرۇپ تامىقىنى يېگۈدەك بولدى دەيدۇ. قىيىنچىلىق خىلى ئېغىرمۇ دەپ سورىۋېدىم، ئېغىر بىر جىمجىتلىقتىن كىيىن : تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى، ئۆيىمىزنىمۇ سىتىپ بولدۇق، دىھقان ئادەمنىڭ نېمىسى بار دەيسىز، شۇ خۇدايىمدىن باشقا يەرلىرىمىز، ئۆيىمىز بار ئىكەن. مانا ئەمدى، خۇدادىن باشقا ھېچنىمىمىز قالمىدى. ھازىر ئۆيىمىز مۇشۇ دوختۇرخانا بولۇپ قالدى. بۇ يەردە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلىشىمىزنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
ۋاي ، بۇ گەپنى سورىمىساممۇ بوپتىكەن، يۈرۈكۈم ئېغىپ، ئۆپكەم ئۆرىلىپ كېتەي دەپ قالدى. ئاچچىق بىر نەرسە بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ بۇرۇنۇم ئىچىشىپ كەتتى. دۇنيادا نېمە ئەڭ قاتتىق دېسە يوقسۇزلۇق دەپتىكەن، بۇ كىشىگە :
ئاللاھ ئاسانچىلىق بىرەر، ئوغلىڭىزنىڭمۇ كېسىلى شىپا تېپىپ قالار، دۇئايىمىزدا ياد ئېتىمىز، ئۈرۈمچىگە بارغاندا يوقلاپ بارارمەن دېگەن، لىكىن ئۇنىڭغا خىلى بار ئوخشايدۇ، شۇڭا بانكا كارتىڭىزغا ئاز بولسىمۇ 500 يۈئەن سىلىۋېتەي، ئەتىگىچە ئاللاھ نېسىپ قىلسا تاپشۇرۇپ ئالارسىز دېگەن گەپلەرنى ئاران دېيەلىدىم. ئۈرۈمچىدىكى تورداشلار ئىمكان بولسا مۇراتجاننى يوقلاپ قويۇڭلار.
@any_almas نىڭ ئاتىغىنىغا ئۆزۈمنىڭ ئازغىنە ئاتىغىنىنى قوشۇپ سېلىۋەتتىم، ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.
3- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سودا سانائەت بانكا كارتامنىڭ توربانكىسىدىن بانكا ئاتلاپ پۇل يۆتكىسەملا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ، سودا سانائەت كارتا نومۇرى بولسا بولۇپتىكەن، كىچىككىنە ئاتىغىنىمىزنى بولسىمۇ يۆتكىيەلىسەك
نېمىشقىدۇ؟ مەنمۇ ھازىر سودا-سانائەت بانكىسدىن يۆتكىدىم، بولدى. ئىسمىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، توغرىسى: 买合木提·亚生
يەنە بىرى، 跨行快汇 دىن يۆتكەڭ。
جىددىي تۈزىتىش :
مەزكور بىمار ئائىلىسىدىكىلەر مەن بىلەن بىر مەھەللىدىن بۇلىدۇ ، ئۇلار تورغا مۇراجىئەتنامە چىقارماقچى بۇلۇپ خېلى بۇرۇنلا بۇ يازمىنى تەييارلاپ قويغانكەندۇق ، دەل شۇ چاغدا بۇ بالا ئاپتۇنۇم رايونلۇق 2- دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانكەندۇق ، كىيىن ئاپتۇنۇم رايونلۇق 1- دوختۇرخانىغا يوتكىلىپتۇكەن ، مەن بۇ مۇراجەتنامىنى يوللىغۇچەڭ ئەسلى يازمىسى بۇيىچەڭ يوللاپ بەزى تورداشلارنىڭ كۆڭلىدە گۇمان پەيدا قىلىپ قويۇپتىمەن . توغرىسى‹‹ ئىلگىرى ئاپتۇنۇم رايونلۇق 2- دوختۇرخانىدا داۋالانغان كىيىن ئاپتۇنۇم رايونلۇق 1- دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن يۇقىرىدا ئىسپات ئورنىدا كۆرسىتىلگەن تالونلارمۇ رايونلۇق 1- دوختۇرخانىنىڭ !››
بىرى تىلىفۇن ‹‹ قىلىپ توردا ئاپتۇنۇم رايونلۇق 2- دوختۇرخانىدا دەپسىلەر ئەمدى ئاپتۇنۇم رايونلۇق 1- دوختۇرخانىدا دەيسىلەر ئالدامچى ئەمەس دۇرسىلەر ›› دەپتۇكەن بەكلا كۆڭلىگە كىلىپ كېتىپتۇ .