bozqir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 00:04:51

نەسىردىن ئەپەندى يەكەنلىكمۇ ؟

        نەسىردىن ئەپەندى راستىلا يەكەنلىكمۇ ؟



                                           ئەن لىياڭ



                                        بوزقىر تەرجىمىسى



   بادام دوپپۇلۇق ، ئۆشنىسىگە خورجۇن سېلىۋالىدىغان ، ئشەكلىك نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئوبرازى بالىلىق ۋاقتىمدىلا قەلىب تۆرىمدىن ئورۇن ئالغانىدى.ئەقىللىق ھەم يۇمۇرلۇق نەسىردىن ئەپەندىم بارغانلىكى يېرىدە كىشىلەرگە خوشاللىق ۋە تەپەككۇر ھېسلىرىنى ئاتا قىلىدىغان ھەممىگە تونۇشلۇق شەخىستۇر.شىنجاڭغا نىسبەتەن نەسىردىن ئەپەندىم تېخىمۇ تونۇشلۇق شەخىس بولۇپ ، ئۇنىڭ لەتىپە-ھېكايىلىرى ناھايتى كەڭ تارالغان.



   نېمىشقىدۇر ئۇزۇندىن بۇيان «نەسىردىن ئەپەندى زادى قەيەرلىكتۇر ؟» دېگەن چىگىش مەسىلە كاللامنى چۇلغىۋېلىپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپالماي كەلگەنىدىم.




    شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان زېمىنغا قەدەم باسقاندىن كېيىن كالللامدىكى بۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئىستىكىنىڭ  تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىققانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمەن.چۈنكى، شىنجاڭدا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ لەتىپىلىرى ناھايتى كۆپ تارالغانىكەن. نەسىردىن ئەپەندىمنى شىنجاڭدىكى بىر گۆھەر دېسىمۇ بولىدىكەن.جاۋ بېنشەن تىيېلىڭ دېگەن كىچىككىنە شەھەرنىڭ داڭقىنى  نى-نى داڭلىق چوڭ-شەھەرلەردىنمۇ بەك تونۇتىۋەتتى.تەمى تىلنى يارىدىغان بال كەبى قوغۇنلىرى پەيزىۋاتتىن ئىبارەت تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بۇ كىچىككىنە ناھىيەنىڭ داڭقىنى چىقىرۋەتتى.چۈنكى،جاۋ بېنشەن تيېلىڭلدىن ،تەمى تىلنى يارىدىغان بال كەبى قوغۇن بولسا پەيزىۋاتتىن چىققان-دە.ئۇنداقتا ئەقىل-پاراسەت ۋە شاد-خوراملىقنى ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن نەسىردىن ئەپەندىچۇ؟




    نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى دەلىللەشتە ھازىرغىچە تالاي مۇنازىرىلەر بولدى. يەنە كېلىپ بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزىلگىنى يوق.ھەتتا ، شىنجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىمۇ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەۋەلىكىنى تالىشىش مۇنازىرىسىنىڭ ئايىغى  بېسىققىنى يوق.تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەۋەلىكىنى تالىشىش خەلقئارالىق تۈسنىمۇ ئېلىپ باقتى.بىر تەرەپتىن تۈركىيە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەۋەلىكىنى تۈركىيەگە باغلاپ قوپسا، ئۆزبېكىستانمۇ بوش كەلمەي نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى بۇخاراغا باغلىدى.بەزىدە ، مۇبادا نەسىردىن ئەپەندىم ھايات بولغان بولسا ئۆزى ھەققىدىكى مۇشۇنداق تالاش-تارتىشلارنى ئاڭلىسا قانداقراق ھېسىياتقا كېلىپ قالار بولغىيدى؟ دېگەننىمۇ ئويلاپ كېتىمەن.




  باش كۈزنىڭ ئاخىرى قىشنىڭ بېشىدا ئەينى يىللىرى سەئىدىيە خانلىقى جايلاشقان يەكەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولۇپ قالدىم.ھاكىم ئەھەت سايىت بىر زىياپەت سورۇنىدا شاڭخەيلىك مېھمانلارغا توختىماي ھاراق قۇيۇپ تەكەللۇپ قىلسىمۇ ئەمما، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە قىلچە تەكەللۇپ قىلمايلا ئۇنىڭ يەكەنلىك ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇنىڭغا 10تۈرلۈك سەۋەپ كۆرسەتتى.




    بىرىنچىدىن، نەسىردىن  ئەپەندى ئادەتتە يالاڭ ئاياغ يۈرىدىكەن. بۇ جەھەتتىن يەكەنلىكلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.شۇ چاغلاردىمۇ قۇم كۆپ بولغاچقا يەكەنلىكلەر ئاياغ كىيمەي يالاڭ ئاياغ يۈرەتتىكەن. ئىككىنچىدىن،نەسىردىن  ئەپەندىمنىڭ ئۆشنىسىگە سېلىۋالغان ئالدى-كەينىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان خورجۇنى يەكەنلىكلەرنىڭكىگە بەك ئوخشايدىكەن.ئۈچىنچىدىن ، نەسىردىن  ئەپەندىم ئادەتتە دائىم ئۇزۇن يەكتەك كىيىپ يۈرىدىكەن. يەكتەك ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ خاس يېپىنچىسى بولۇپ ، يەكەن دەل ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ مەركىزى بولغانكەن.تۆتىنچىدىن،نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئېشىكىنىڭ جۇغى  چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس،كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان كېلىشكەن ئېشەك بولۇپ، بۇنداق ئېشەك يەكەندىن باشقا يۇرىتلاردا ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدىكەن.ھەتتا يوپۇرغىدىمۇ بۇنداق ئېشەكلەر يوقكەن.يەنە كېلىپ يوپۇرغىنىڭ ئېشەكلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭ ئېشەكلەركەن.بەشىنچىدىن،نەسىردىن ئەپەندىم بارغانلىكى يېرىدە بادام ۋە ياڭاق يەيدىكەن.يەكەننىڭ بادام ئۆستۈرۈش تارىخى مىڭ يىلدىن ئاشىدىكەن.بۈگۈنگە قەدەر يەكەنلا شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ بادام ئىشلەپچىقىرىش ناھىيىسى ھېساپلىنىدىكەن. ئالتىنچىدىن ، نەسىردىن ئەپەندىم بىر ھەققانىيەتچى ئادەم بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقى بەك چىرىك بولغاچقا نەسىردىن ئەپەندىم ئۆزىگە خاس بولغان لەتىپە ئېيتىش ماھارىتى بىلەن ئاچكۆز باي-غوجاملارنى قامچىلىغانكەن.يەكەن دەل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغانكەن.يەتتىنىچىدىن ، نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ دوپپىسى يەكەنچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، بۇنداق بادام دوپپىلارنى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەر كۆپ كىيەتتىكەن.سەككىزىنچىدىن، نەسىردىن ئەپەندىم دائىم بالىلارغا بادام تارقىتىپ بېرىدىكەن.بۇمۇ يەكەننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە يېقىنكەن.توققۇزىنچىدىن، يەكەنلىكلەر ناھايتى غۇرۇرلۇق خەلقكەن. يەكەنلىكلەر تارىختىن بۇيان شۇنداق بولۇپ،بۇ خارەكتىر نەسىردىن ئەپەندىمدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانكەن.ئونىنچىدىن،شاڭخەي كارتون فىلىم سىتودىيىسى ئىلگىرى ئىشلىگەن « نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدە ھېكايە»دە مۇنداق ۋەقەلىك بار : خان ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بىلەن سىرىتقا ھاراق ئىچكىلى چىقىپ، مەس-ئەلەس ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ.بىر ۋەزىر بەك مەسىت بولۇپ كەتكەچكە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا ئۇخلاپ قالىدۇ. نەسىردىن ئەپەندىم نامراتلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خان بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ئېشەكلىك يېتىپ كېلىدۇ.ئەمما، قاراۋۇللار ئۇنى ئوردا دەرۋازىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن نەسىردىن ئەپەندىم ئۇخلاپ ياتقان ۋەزىرنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمنى سالدۇرىۋېلىپ، ئۆزى كىيىپ، مەسنى دوراپ دەلدەڭشىگىنىچە ئوردىغا كىرىپ كېلىدۇ.مانا شۇ ئوردا دەل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردىسىى ئىكەن.




   ئەشۇ 10 خىل سەۋەپنى كۆرسەتكەن  ئەھەت ھاكىم تولىمۇ خۇش كەيىپ كۆرۈنەتتى.سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ پەخىرلىنىش ھېس قىلاتتى.ئۇنىڭ قويۇق ئۇيغۇرچە تەلەپپوز ئارىلاشقان خەنزۇچە سۆزلىرى تولىمۇ ئۇرغۇلۇق بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بەخىش ئېتەتتى.




    مېنىڭچە، ئەھەت ھاكىم كۆرسەتكەن سەۋەبلەرنىڭ راسىت-يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقتىمۇ نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولغان.نەسىردىن ئىسىملىك بىر تۈركىيەلىك  نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئەسلى پىروتىتىپى قىلىپ بېكىتىلگەندە بۇنىڭغىمۇ كۆپ تەرەپلىمە دەلىللەشلەر ئېلىپ بېرىلغانىدى.بەلكىم ئەشۇ دەلىللەرنى يەكەنگە كۆچۈرۈپ كەلسە تېخىمۇ ئەينەن پاكىتلار يورۇتۇلىشى مۇمكىندۇ . نېمىشقىكىن مەن ئەشۇنداق داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى دەللىللەشكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن.بۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ تار مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ داڭلىق شەخىسلەرنىڭ نام-مەنپەتىنى تالاشقىلى بولمىغىنىدىن بولسا كېرەك.ۋەھالەنكى، ئەھەت ھاكىم بۇ ئىشتا سوغۇققان بولماي ھاياجاندىن شۇنداق دەپ سالغان بولسا كېرەك، يا بولمايدۇ مېنى ئىشەنسۇن، دەپ شۇنداق دېگەندۇ.مەيلى نېمىلا دېمەيلى نەسىردىن ئەپەندىم ھەممە كىشىنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان شەخىس.




    نەسىردىن ئەپەندىمدىن ئىبارەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغان بۇ شەخىسنى ھەقىقەتەنمۇ «ئەركەك» دېمەي بولمايدۇ.بۇ ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىش ھېساپلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن پەخىرلەنگەندەك بىزمۇ ئۇنىڭدىن زوق ئالىمىز، ئىپتىخارلىنىمىز،ئەلبەتتە.



    نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ھېكايىلىرى دەرۋەقە ئىنتايىن ئۆزگىچە رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدۇ.



    ئەمەلىيەتتە، مەن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ رىۋايەتتىكى شەخىس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.ئۇنىڭ ھەق-ناھەقنى ئايرىشقا ماھىرلىقى، لەتىپە-چاخ-چاقلارغا ئۇستىلىقى ، ئۇنىڭ مەرىدۇ-مەردانە ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇقى، پەم-پاراسەت ۋە ئىستىداتقا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئارزۇسىدىنلا ئىبارەت خالاس.مېنىڭچە، نەسىردىن ئەپەندىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىدۇر.نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، تېخىمۇ مول ۋە رەڭدارلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە.




    شۇڭا،نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يۇرتىنى ئىزدەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.بىراۋ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسە ئۇنىڭ ئەزەلدىنلا ھېچكىم نەزەر كۆزىنى سالمايدىغان خىلۋەتتىكى سۈكۈتكە پاتقان يۇرتىنىڭ شۇ ھامانلا داڭقى چىقىپ كېتىدىكەن. مەن بۇنى بۇلغانغان دۇنيادىكى بىر ئەخلەت، دەپلا قارايمەن.



    نەسىردىن ئەپەندىم ئەل ئىچىدە تارقىلىپ كەلگەن رىۋايەتتىكى تىپ،ئۇنى قانداقتۇر مەلۇم بىر قوۋىمگە تەۋە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.ئۇنى خەلق ئاممىسى ئورتاق ياراتقان.



    راستىنى ئېيىتسام، مەن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يۇرتى ئۇنىڭ لەتىپىلىرىنى ئېيتىۋاتقان، ئۇنىڭغا تەلپۈنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، دەپلا قارايمەن، خالاس.



مەنبەسى :

http://blog.sina.com.cn/s/blog_5f5cdf5c01015kez.html?tj=1

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 19:31:13

بىزنىڭ ھاكىملار يارايدۇ ...

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 20:28:14

بۇ ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەنغۇ ؟ ناچار تېما دەپ ماۋزۇ قويۇلغانغا سەل ئەجەپلىنىپ قالدىم . ياكى مەن چۈشەنمەي قالدىممۇ ؟ناچار دىگەنلەر ناچار يېزىلغان يېرىنى چۈشەندۈرۈپ قويماپسىلەر يە . ناچار دەپ ھېلىقى ھاكىمنىڭ 10 تۈرلۈك سەۋەبىنى كۆرسەتسەڭلار ، بۇ گەپلەر ئاپتور ئۆزى دەۋالغان گەپ ئەمەسكەن ، بوزقىرمۇ يالغان تەرجىمە قىلماس .

      گەپتىن - گەپ چىقىپ قالدى ، سەئىدىيە خاندانلىقى چىرىك ، پادىشاھ ۋە ۋەزىرلىرى ھاراق ئىچىدۇ دىگەن گەپلەر يالغان بولىشى ناتايىن ، مۇڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنى ھۆكۈم سۈرگەن ، پادىشاھلىرى مۇڭغۇل ئەۋلادى تۇرسا ، تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان يازغان رومانلاردىمۇ بارغۇ بۇ مەزمۇنلار .

     

      مېنىڭچە بۇ بىر ئېسىل تېما . بىرسىنى تونۇيتۇم ، بىر تارىخچىنى ئالدامچى ، سىياسى لۈكچەك دىگەندە بەك ھەيران قالغان ، سورىسام كاللاڭنى ئىشلىتىپ ئەكسىنى ئويلاپ باقساڭ بولمامدۇ دەپ تويغۇزۇپ قويغان . بوز قىرنىڭ مەخسىدى ، خەلقىگە كۆيۈمچان بىر ھاكىمنىڭ خەلق ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلغانلىقىنى بىزگە يەتكۈزۈش بولسا كېرەك .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 20:53:53

6- قەۋەتتىكى wapadarim912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ ھاكىملار يارايدۇ ...



ماۋۇ باش سۈرىتىڭىز ، پاھ - پاھ . قولدا سىزىلغان رەسىمكەن ، پەيلاسوپلار يىغىلغان ھېلىقى تېمىغا يوللاپ قويسا بولغىدەك .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 08:09:31

جىقراق ئىچىپ سەپ جۆيلۈپ يازغان ئۇششاق چۈششەك تېمىلارنىمۇ ئېرىنمەي تەرجىمە قىلىۋېرىدىكەنسىلەر..........


function يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 09:00:31

نېمە يازسا بولىۋرىدىكەندە بۇلار، يالقۇن روزى ئەپەندى بەزى خەنسۇ يازارمەنلەرنىڭ يازمىسىغا ئوبزور يازىدىغان يەرگە يەتتى، ئوخشاش جۇڭگولۇق بولغاندىكىن.

Bozdala يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 09:34:22

يولداش بوزقىر،

ۋاقتىڭلىنى بەك ئىسراپ قىلىۋاتامسىلە-نىمە؟

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 12:28:49

3- قەۋەتتىكى Bozdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يولداش بوزقىر،

ۋاقتىڭلىنى بەك ئىسراپ قىلىۋاتامسىلە-نىمە؟



قارىسام ، مۇنبەردىكىلەر 2012-يىللىق ناچار تېما تېپىپ بولالماي باش قتىنچىلىقىعا قاپتۇ ، دەپ ئاڭلاپ ۋەزىپىنى توشقۇزىۋېتەي ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 12:31:19

بىزدە خېلى نىسبەتتە  ئوبزورچى-تەقىدچىلەر بار. ئۇلار نېمىشقىدۇر حەنزۇلارنىڭ بىز ھەققىدە يازغانلىرىغا ئالدىراپ بىر نەرسە دېمەيدۇ.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-25 23:04:52

2- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نېمە يازسا بولىۋرىدىكەندە بۇلار، يالقۇن روزى ئەپەندى بەزى خەنسۇ يازارمەنلەرنىڭ يازمىسىغا ئوبزور يازىدىغان يەرگە يەتتى، ئوخشاش جۇڭگولۇق بولغاندىكىن.



ئۇنداق قىلسا بېشىدىكى چاچلىرى پۇتۇنلەي تۇگەپ كىتەمىكى ئۇ بىچارىنىڭ .ھېلىمۇ ئازلا قاپتۇ چاچلىرى ....

function يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 12:14:04

9- قەۋەتتىكى peshpayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نېمە يازسا بولىۋرىدىكەندە بۇلار، يالقۇن روزى ئەپەندى بەزى خەنسۇ يازارمەنلەرنىڭ يازمىسىغا ئوبزور يازىدىغان يەرگە يەتتى، ئوخشاش جۇڭگولۇق بولغاندىكىن.



ئۇنداق قىلسا بېشىدىكى چاچلىرى پۇتۇنلەي تۇگەپ كىتەمىكى ئۇ بىچارىنىڭ .ھېلىمۇ ئازلا قاپتۇ چاچلىرى ....

نېمىشقا شەخسكە ھۇجۇم قىلىدىغان ئىش تۈگىمەيدۇ؟ مەن يالغۇن روزىنى مازاق قىلىپ يازمىغان ئاۋۇ ئىنكاسنى، راست يازغان.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 17:29:50

قايسى شەخىسكە ھۇجۇم قىپتىمەن . يالقۇن رۇزى ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق پەينەكباشكەنغۇ ؟ \"\"

تازنى تاز دىسە ئۆلگىسى كىلەر ،ساقنى تاز دىسە كۇلگىسى كىلەر دىگەن ماقالنى بىلمەمسىلە ؟

بىر قازاق چارىۋىچى بولىدىغان ھەي قازاق نەگە ماڭدىڭلا دەپ قويساق ئاچچىقلاپ چىچاڭشىپ كىتەتتى . خاپا بولماڭلا نىمىشقا مىللىتىڭلارنىڭ نامىنى ئاتىساق نۇمۇس قىلىسىلەر ؟ پەخىرلەنگۇلۇك ! مانا بىزنى ھەي ئۇيغۇر نىمە قىلىۋاتىسەن ؟ دىسەڭ شۇنچە زۇرۇر ئىش قىلىۋاتقان بولساقمۇ توختاپ كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى تەپسىلى دەپ بىرىمىزغۇ ؟ دىسەك گەپ قىلماي كىتىپ قالاتتى .

سىزمۇ ئاشۇ قازاقتەك ئادەمكەنسىزغۇ ؟ توۋا ....

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 17:46:34

يالقۇن روزى پاينەكباش بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئەجەپ گەپ قىلىدىغان ئادەمكەنسىز؟!

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-26 18:01:13



مېنىڭچە بۇ بىر ئېسىل تېما . بىرسىنى تونۇيتۇم ، بىر تارىخچىنى ئالدامچى ، سىياسى لۈكچەك دىگەندە بەك ھەيران قالغان ، سورىسام كاللاڭنى ئىشلىتىپ ئەكسىنى ئويلاپ باقساڭ بولمامدۇ دەپ تويغۇزۇپ قويغان . بوز قىرنىڭ مەخسىدى ، خەلقىگە كۆيۈمچان بىر ھاكىمنىڭ خەلق ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلغانلىقىنى بىزگە يەتكۈزۈش بولسا كېرەك .



بۇ تېمىنى ئېسىل تېما دەپ قارىغان بولساڭلار ئۇنداقتا تېمىسىنى تەھرىرلەپ قوياي.تەھرىرلىگەندىن كېيىن مۇنبەردىن يوقاپ كېتىش ئېھتىمالىمۇ بار.

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-27 08:19:29

ئەرەپلەرنىڭ بىر لەتىپىچى- قىزىقچىسى بار ، ئىسمى جۇخا ، ئەرەپلەردە ئېغىز ئەدىبىياتى تارىخچىلىرى ئارىسىدا جۇخانىڭ ئەسلىسى نەسىردىن ئەپەندى دەيدىغان بىر توپ ، ۋە ئەسلىسى مەلۇم بىر ئەرەپ كىشى دەيدىغان يەنە بىر توپ ئارىسىدا تالاش- تارتىش مەۋجۇت ... ئەگەر ئەرەپ تىلى ئۈگەنگەندە مۇشۇ جۇخانىڭ لەتىپىلىرىنى دەسلەپكى ئوقۇش ماتىرىياللىرىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ ئۆگىنىمىز .

segekboy يوللانغان ۋاقتى 2012-12-27 08:52:06

« نەسىردىن ئەپەندى يەكەنلىكمۇ، پوسكاملىقمۇ ؟» دېگەن بولسا ...

sayramboy يوللانغان ۋاقتى 2012-12-27 09:23:12

9- قەۋەتتىكى peshpayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نېمە يازسا بولىۋرىدىكەندە بۇلار، يالقۇن روزى ئەپەندى بەزى خەنسۇ يازارمەنلەرنىڭ يازمىسىغا ئوبزور يازىدىغان يەرگە يەتتى، ئوخشاش جۇڭگولۇق بولغاندىكىن.



ئۇنداق قىلسا بېشىدىكى چاچلىرى پۇتۇنلەي تۇگەپ كىتەمىكى ئۇ بىچارىنىڭ .ھېلىمۇ ئازلا قاپتۇ چاچلىرى ....

   خەقنى بىچارە دېگۈچە ئاۋال ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلۇشۇپ باقتىڭىزمۇ ،ئەمىليەتتە كاللا دىسە پاچاق دەيدىغان سىزدەك بايقۇشلارنى دەيمىز

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-12-27 15:34:11

مەنغۇ يەكەنلىك لىكىن ئەپەندىمنى ئۇنداق ئەمەسمىكىن دەيمەن .

america يوللانغان ۋاقتى 2012-12-27 15:44:22

ئۇيغۇر بولغاندىكىن ھاراق ئىچمىسىچۇ ئۇ يىتىم. ئاشۇنداقلارنىڭ دەستىدىن مىللىي كىملىكىمىز يۇقۇلڭپ كېتۋاتدۇ.  {:92:}

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-12-27 15:55:12

نەسىردىن ئەپەندى ئاتۇشلۇققۇ. \"\"



تېگى ئاتۇشلۇق بۇ ئادەم 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سالجۇقىلار سۇلتانلىقىنىڭ پايتەختى كونيانىڭ يېنىدىكى ئاكشەھىردە تۇغۇلۇپ، 1275- يىلى تاۋۇز پىششىقىدا ۋاپات بولغان ساتىرىك تەسەۋۋۇپچى.\"\"

بەت: [1] 2
: نەسىردىن ئەپەندى يەكەنلىكمۇ ؟