Win8 نى قاچىلىغانلارنىڭ تەجرىبىسى لازىم.
مۇشۇ ئايدا بىز ئۇيغۇرلارغا Windows ئۈستىدە زور غەلبە قولغا كەلدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بۇنىڭغا ئاساسلىق كۈچ چىقارغاندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئەجىر جەريانىدا ئۇيغۇرسوفتقا ئىلھام ۋە قوللاش يۈزىسىدىن، رھمەت يۈزىسىدىن ئىقتىسادىي قوللاش توپلانغان بىرەر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم. قارىغاندا، ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك.
پېقىر، تور بىلەن ئۆتۈپلا، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئاساسەن كۆرمىگەچكە، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىشلەش جەريانىدىكى بارلىق ئاشكارىلاشقا بولىدىغان ئىشلارنى بىر خاتىرە، تونۇشتۇرۇش شەكلىدە زىيارەت پروگراممىسى قىلىپ ئىشلىگەن ئىشلىمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەگەر 12- ئاينىڭ ئىچىدە يوق بولسا، مۇشۇنداق قىلىش تەكلىۋى بېرىمەن. يەنى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتى مۇشۇنداق زىيارەتكە بىر تەييارلىق كۆرۈپ قويسا، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ۋە XJ تېلېۋىزىيىنىڭ ماس پروگراممىسىدا «Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە يۈزلۈك ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز!» تېمىسدا بىر پروگرامما ئىشلەپ، ئۇيغۇرنىڭ يېزىق تارىخدىكى چوڭ خوشاللىق ئىشنى كەڭ خەلققە تونۇشتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلار بار.
ئالىم ئەھەت ئەپەندىم بىلوگىدا، ھەر قايسى بېكەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۆز بېكىتىدە Windows8 گە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغانلىقى، Windows8 نىڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان ئېتىۋار مەزگىلىدە (يەنە 38 كۈن قالدى)، 248 يۈەنلىك باھا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ سېتىلىشىنى خالىس تەشۋىق قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىپتىكەن، كۆپىنچە بېكەتلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى يېزىپتىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، ھەر قايسى بېكەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ، باش بەت ئۈستىگە Windows8 تىل بولاق، 248 يۈەنلىك ئېتىۋار باھا مەزگىلى ئۈچ مەزمۇن بار رەسىمنى چىقىرىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئىزدىنىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
، كىرىش سۆز ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلار. .
نۇرغۇن دوستلىرىمىز ئىناۋەت كارتا ۋە پايپال ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ ئېتىۋار مەزگىلىدىكى 248 يۈەنلىك نەشىر ئۆستۈرۈش كودىنى سېتىۋالدى ۋە ئوڭۇشلۇق قاچىلىدى، ھەمدە ئېنگىلىزچە نەشىرى ياكى ياماقلاردىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىۋالدى.
ئەمدىكىسى مۇنداق ئىش، نومۇرنى ئېلىپ قويۇپ، ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرى كونا ، كومپيۇتېرنى يېڭىلاپلا قاچىلاشنى ئويلىشىش سەۋەپلىك تېخى قاچىلىمىغانلارمۇ نۇرغۇندەك قىلىدۇ. شۇڭا، تۈۋەندىكى ئىككى نۇقتا بويىچە ئېنىق جاۋاپ لازىم:
1- سۇئال: مەيلى Windows8-UpgradeAssistant پروگراممىسى بولسۇن، ياكى Windows8-Setup پروگراممىسى بولسۇن (بۇ ئىككىلىسى 5MB لىق كىچىك ھۆججەتكەن)، ئىككىلىسىنى ئىجرا قىلغاندا، مەشغۇلات قىلىۋاتقان كومپيۇتېرنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىدىكەن. مەسىلە شۇكى، Windows8-Setup پروگراممىسى تىزىملاش كودىنى سورايدىكەن، بۇ ئاكىتىپلاشقا ئىلتىماس قىلغانغا باراۋەرمۇ؟ بۇنىڭدا iso نى چۈشۈرگەن كومپيۇتېردىن باشقا كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا تامامەن بولامدۇ؟ بۇنىڭغا شۇنداق قاچىلاپ ئاكىتىپلىغانلارنىڭ ئۆزى جاۋاپ بەرسە.
2- سۇئال: Windows 8 قاچىلاش پروگراممىسى، تىزىملاش كودىنى ئىشلىتىپ ئاكىتىپلىغان كومپيۇتېرنىڭ قايسى قاتتىق دېتاللىرىغا قوشۇپ ياكى ئايرىم ھۆكۈم قىلىدۇ؟ ئۈچ نەرسە ئىچىدە، يەنى ئىشلىگۈچ (CPU)، قاتتىق دېسكا، ئانا تاختا ئۈچىدىن ھەممىسىگە تەڭ ھۆكۈم قىلامدۇ؟ بۇلاردىن خالىغان بىرى بولسىلا بولامدۇ؟ مەسىلەن، مەن يېڭى قاتتىق دېسكىنى كونا كومپيۇتېرىمغا چېتىپ، Windows8 نى ئاكىتىپلىسام، بىر مەزگىلدىن كېيىن، يېڭى سېتىۋالغان كومپيۇتېر ساندۇقىغا پەقەت قاتتىق دېسكىنىلا يۆتكەپ قوزغاتسام، ئاكتىپلاش داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولامدۇ ياكى ئىشلىگۈچ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن ئاكتىپلاش ئەمەلدىن قالامدۇ؟ بۇنىڭغا كۆپچىلىكنىڭ تەڭ ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى سورايمەن.
34- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لېكىن سېستىما تىلىنى خەنزۇچە قىلىپ تەڭشىسەم ئېنگىلىزچە بەتكىلا كىرىۋېلىپ ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ.
تىزىملاش يۈزى، خەت ساندۇقى بېتى، بۇ ئىككىسى ئىككى نەرسىگە قارايدىكەن:
تىزىملاش يۈزى سىستېما تىل شەكلىگە ھۆكۈم قىلىدىكەن. لېكىن مېنىڭ بەزىدە ئۇيغۇرچە، بەزىدە خەنچە چىقىۋېرىدۇ، تېخى خەنچە بەتتىن كىرىپ، تىزىملاشتىن چىقىرىۋەتكەندە ئۇيغۇرچە بەتكە قايتىدۇ.كونا خوتمايىلىمغا ئۇيغۇرچە تىزىملاش بېتىدىن كىرسەممۇ شۇ خەنزۇچە چىقاتتى.
خەت ساندۇقى بېتى، ئادەملەر، كالېندار، SkyDrive قاتارلىقلارنىڭ يېزىقىنى مۇستەقىل بەلگىلەشكە بولىدىكەن. بەلكىم تۈۋەندىكى مەشغۇلاتنى قىلغانسىز، ئۇنداق بولمىسا سىناپ بېقىڭ..
ئۇيغۇرچە تىزىملاش بېتىدىن ئاۋۇتلۇكقا يېڭى خەت ساندۇق تىزىملىسام، ئىچى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە، ھەتتا خەنچە XP سىستېمىدىمۇ ئۇيغۇرچە!
بايقىدىمكى، خەت ساندۇق بېتىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قۇرنىڭ ئاخىرقى يېزىق ئۇلانمىسى ئارقىلىق بۇنى مۇستەقىل بەلگىلەشكە بولىدىكەن:
خەنچە بەت ئاستىدىكى «简体中文» نى چېكىپ، يېزىق تاللاش بېتىگە كىرىپ، ئۇيغۇرچىنى تاللىۋالسىڭىز مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
«© 2012 Microsoft 使用条款 隐私声明 开发人员 简体中文»
«© 2012 Microsoft شەرتلەر مەخپىيەتلىك ئىجادىيەتچىلەر ئۇيغۇرچە »
esirگە كۆپ رەھمەت. 98يۈەنلىك ئېتىبار نومۇرىغا ئېرىشىۋالدىم. لېكىن پۇل تۆلەيدىغان يېرىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تاپالمىدىم. باشقا تېمىلارنى ئىزدەپ باقتىم بولمىسا. بىلىدىغانلار مۇناسىۋەتلىك ئادرىسىنى يوللاپ قويساڭلار. 1. شۇنداق. قاچىلاش باسقۇچىدىلا سىزدىن ھېلىقى پۇلغا ئالغان نومۇرنى سورايدۇ. iso نى چۈشۈرۈپ ئېلىپ قويۇپ باشقا كومپيۇتېرغا قاچىلىسىڭىز بولاۋېرىدۇ. لېكىن شۇ سەۋەپتىن iso ھۆججەتنى خالىغانچە ئورتاقلىشىشمۇ ئانچە تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. چۈنكى سېتىۋالغان ئادەم سېتىۋېلىش باسقۇچىدىلا ئۆزى بىر نۇسخا چۈشۈرەلەيدۇ، بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ Win8 نى قاپلىق قىلىپ تارقاتمىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.2. بۇ توغرىسىدا ئالىم مۇئەللىم بلوگىدا بىرسىگە قاتتىق دېتاللىرىڭىزدا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ كەتمىسىلا بولاۋېرىدۇ، ئەگە ۋاقتى كەلسە بولماي قالسا مىكروسوفت شىركىتىگە تېلىفون قىلىپ ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشسىڭىز بولىدۇ دېگەندەك جاۋاپ بېرىپتىكەن. مېنىڭ تەۋسىيەم: ھازىر توردا ئاكتىپلاش ئۇچۇرلىرىنى زاپاسلايدىغان ۋە قاتتىق دېتال ئۆزگەرگەندە ئاشۇ ئاكتىپلاش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرىۋالىدىغان ئۇسۇللار چىقتى. شۇڭا قاچىلاپ بولۇپلا شۇ خىل ئۇسۇلدا بىر نۇسخا زاپاسلىۋېلىڭ، كېيىن قاتتىق دېتالىڭىز تولۇق يېڭىلىنىپ كەتسىمۇ ئاشۇ ئۇسۇل ئەسقاتىدۇ. بۇ مىكروسوفتقا تېلىفون بېرىپ يۈرۈشكە قارىغاندا سەل قولايلىق. ئۇسۇلى: سىز ئامراق Bing دا بار. مەنمۇ مۇشۇ ۋىندوۋس 8 نى قاچىلاي دېگەنتىم، لېكىن ئىناۋەتلىك كارتامنىڭ ۋىزا ئىقتىدارى يوق بولغاچ ھېچ پۇل تۆلىيەلمىدىم، پايپال دېگەن نېمە بەكلا مۇرەككەپ ئىكەن. مۇشۇ پايپالدا ئىسىم فامىلەم ئالمىشىپ قاپتۇ ،ئوتتۇرسىدا چىكىت ،چىكىت پۇتلشىۋاتىدۇ،كارتام قاملاشماۋاتىدۇ،كارتامدىكى چىكىت دىگەندەك ئەھۋاللارغا ئۇچۇرغۇچىلار ئەتراپىڭلاردىكى ئىناۋەت ئارتىسى بار كىشىلەرنىڭ قولىغا 250كوي بېرىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. 2. مەن بۇ مەسىلە توغۇرلۇق microsoft(جوڭگۇ) نىڭ خادىملىرى بىلەن Email ۋە تېلفوندا ئالاقىلاشقاندا ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابى بولسا ، سىز بىر ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى پەقەت ۋە پەقەت بىر كومپىيۇتۇردا ئىشلەتسىڭزلا بولىدىكەن، سىز ئەسلى كومپيۇتۇرىڭزدىكى ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى ئەمەلدىن قالدۇرپ (撤销激活)، يىڭى بىر كومپىيۇتىرىڭىزدا قايتىدىن ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدىكەن.
كۈتۈلمىگەن مەسىللەرگە يۇلۇقسىڭىز microsoft نىڭ مۇلازىمەت نۇمۇرىغا تېلفۇن ئۇرۇپ ياردەم سورىسڭىز بولىدىكەن.
بىر ھەقىقى نەشىردىكى windows 8 سىستىمىنى باشقا كومپىيۇتۇرغا يۆتكەپ ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدىكەن. بۇ توغرىسىدا مەن بىرنىمە دىيەلمىگىدەكمەن . باشقىلارنىڭكىنى ئاڭلايلى .ئەمدى . مۇشۇ win8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىدىن بىرنى سىتىۋىلىپ ساقلاپ قوياي دىگەنتىم، لىكىن توردىن پۇل تۆلەشكە مەسلىسىگە كەلگەندە قىينىلىپ قالدىم، بىرەسىڭلار ياردەم قىلىساڭلار بوپتىكەن. ئازراق پايدا ئالساڭلىمۇ مەيلىتى پۇلىسىنى كارتاڭلىغا ئۇرۇپ بەرسەم . ئاۋۋال رەھمەت ئەمىسە. مۇبارەك بولسۇن ..انا تىلىمىزدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى! سېتۋېلىش نىيتىدە بۇلۇپ سېتۋالالمايۋاتقانلارغا پېقىر قولى كۆكسىدە تۇرۇپ خالس ياردەم قىلىدۇ،خالىساڭلار مىنى .ىزدەڭلار .تېلپۇن18742780823كوت كوت نۇمۇر345872517. كۆچمە .ۈسكۈندە بەزى ھەرپلەر جايدا .ەمەس كەچۈرۈڭلار مەن دەسلەپ نومۇرنى كىرگۈزۈپ چۈشۈرۈشنى ساقلىسام ئۈچ سائەتتە %2 بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى توختىتىۋېتىپ، باشقىلار چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان ISO ھۆججىتىنى ئۆزۈم سېتىۋالغان نومۇر ئارقىلىق قاچىلىدىم. مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. شىنجاڭ تىلىۋىزور ئىستانسىسى شىنجاڭدىكى بۇنداق چوڭ ئىشقا قارتا بىر ئىنكاس قايتۇرسا بولاتتى.
9- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ تىلىۋىزور ئىستانسىسى شىنجاڭدىكى بۇنداق چوڭ ئىشقا قارتا بىر ئىنكاس قايتۇرسا بولاتتى.
قوشتىل ئېلانلىرىغا ئېلان ئورنى ئاران يېتىشىپ ھەر ئون مېنۇتتا بىر قوش تىل ئېلانى بېرىۋاتسا، بۇنى تەشۋىق قىلىشقا چولى تەگمەسمىكىن win7نىڭ ئىتىبار نۇمۇرىغا 98يۇەنگە win8نى قاچىلايدىغان ئىش تۈگىدىمۇ؟
ئىنكاس تەكرار بوپكىتىپقاپتۇ،
بىر ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى بىرلا كومپىيوتورغا قاچىلاشقا بۇلىدۇ، بۇ كومپىيوتورنىڭ سەپلىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
مەيلى سىز ئاساس تاختىنى قاتتىق دىسكىنى ياكى باشقا نەرسىنى ئالماشتۇرۇڭ،بۇرۇنقى ئاكتىپلىغان نۇمۇرنى ئىناۋاتسىز قىلىپ باشقا كومپىيوتورغا قاچىلىسڭىز بۇلىدۇ.ms نىڭ ھەقسىز تىلفۇن نۇمۇرى 8008203800,4008203800 ئاۋۇ كۈنى تىل بولىقىنى بەيدۇ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن كىشى مەن بولىمەن.
ئەسلىدە مەشغۇلات سىستېمىسىنى ھالال پۇلغا سېتىۋالساقلا، تىل بولىقىغا قانداق ئۇسۇلدا ئېرىشسەك (چۈنكى تىل بولىقى ئەسلىدىنلا ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن قوشۇمچە، ئېرىشىش شەكلىلا ئوخشىمايدۇ) دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەنمۇ ھەم بۇ سىستېمىنىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى باشقا ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ ياردىمى بىلەن سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئالىم مۇئەللىمنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان. ھاياجاندىن، باشقىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ ئاۋۇ ئىشنى قىلغان ئىدىم. قانداقتۇ ھەقلىق نەرسىنى ھەقسىز قىلىپ تارقاتقانلىق ئەمەس ئىدى.
لېكىن، ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئۇشبۇ تېمىسىدىن، ئورگان تەرەپنىڭ چۈشۈرۈش سانىنى سىتاتىسىتىكا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، قىلغان ئىشىمدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم ۋە پۇشايمان قىلدىم. تورداشلىرىمدىن بىر نەچچەيلەن ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان خاتا ئىشىمغا چىرايلىق تەنبىھ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھارامدىن ھارامغا چىقىرىپ ئازار بەرگەنلەرگىمۇ يۇمشاق بىر قەلب تىلەيمەن.
دېمەكچى بولغىنىم، مەقسەت- نىشانىمىز بىر، يەنى ئانا تىلىمىز ئۈچۈن خۇش بولۇۋاتىمىز! بۇ يەردە بىر- بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشمىساق دەيمەن.
يەنە بىر تولۇقلىما: قايسى كۈنى ئالدىراشلىقىمدىن ئۆزەم بوشلۇققا يوللىغان تىل بولىقىنى سىناپ كۆرمىگەن ئىدىم، تۈنۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ كومپيۇتېرىدا سىناپ، ئورگان تورىدىن چۈشۈرمىگۈچە ئوڭۇشلۇق ئۇيغۇرچە بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن گۇناھىم يەڭگىللىگەندەك ھېس قىلدىم.
كۆپچىلىكتىن يەنە بىر قېتىم سەمىمىي كەچۈرۈم، كىنايە ئارىلاشمىغان، غەرەز ئارىلاشمىغان ئىللىق تەنبىھ سورايمەن.
يەنە بىر گەپ: Win8 نى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بولسا، esir#live.cn غا ئۇچۇر قىلساڭلار، Win7 نىڭ تەرتىپ نومۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، Win8 نى 98 يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇ (ھالال، ئورگان تەرەپ شۇنداق ئېتىبار قىلغان).
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يېتەرلىك بولمىغاچقا، ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالماسلىقىم مۇمكىن.
يەنە تولۇقلىما: 1) مەن ئەۋەتمەكچى بولغان Win7 تەرتىپ نومۇرى مەكتەپ كومپيۇتېرخانىسىدىكى كومپيۇتېرغا قاچىلانغان ھەقىقىي نەشىر سىستېمىنىڭ تەرتىپ نومۇرى، توردىن تېرىۋالغان بىكارلىق نومۇر ئەمەس. 2) مەن قايسى كۈنى ئىزدىنىشقىلا بەيدۇ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يوللاپ قويغان، باشقا تور بەتلەردىكىسى مەن بىلەن ئالاقىسىز، باشقىلارنى تىللىسا كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدىغان مىللەتسۆيەرلەر قارىقويۇق تىللاپ كەتمەڭلار. نەقىل، تەھرىرلەش ئىقتىدارلىرى ئىشلىمەيۋاتىدۇ، ئاۋۇ ئىنكاسنى ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىلوگىدىن كۆچۈرگەنتىم، توغرا چۈشىنىڭلار. @Tedbirkar مىنى چۈشىنىدىكەنسىز جۇمۇ {:92:} .. رەھمەت، ھەممىڭلارغا رەھمەت كۆپچىلىك.
پايپال ئىشلىتىش ئۇنچە مۇرەككەپمۇ ئەمەسكەن، تۇنجى Win8 سېتىۋېلىش تېمىسىدا Relax1 نىڭ دىگىنى بويىچە قىلىپ بولدۇم. پايپالنى ئۆزۈم ۋە ھەمرايىمنىڭ نامىغا ئىككىنى ئىلتىماس قىلدىم، بىرىنچى پايپالدا تۇرۇپ ئىككىنچى پايپالغا ئۆزۈمنىڭ تور بانكىسىدىن چىقىم قىلدىم، ئىككىنچىسىدە قۇبۇل قىلىپ شۇ ئارقىلىق پۇل تۆلىدىم. تور بانكامنى چاتقان پايپالغا كارتامنى دەلىللىتىپ بولمىغان، بۇ پۇل چىقىم قىلىشقا توسالغۇ بولمايدىكەن.
پايپالدا ئىسىم يازىدىغان يەرگە ماۋۇ چېكىتنى· ئىسمىمنىڭ كەينىگە قوشۇپ يېزىۋەتكەن، كېيىن كىملىك سۈرىتىمنى ئەۋەتسەم، «ئۇچۇرۇڭ كىملىكىڭ بىلەن ئوخشاشكەن، ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز..» دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.
Windows8-UpgradeAssistant پروگراممىسىدا پۇل تۆلەپ بولۇپ، چۈشۈرۈش باسقۇچىغا كەلگەندە ئېنىقسىز سەۋەپ دەپ چۈشۈرۈش ئۈزۈلۈپ قالدى، چۈشۈرۈشنى پەقەت ئۆزىمىزگە كەلگەن ئېخەت ئىچىدىكى چۈشۈرۈش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرالايدىكەنمىز.