lastsmile يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 14:55:54

ئارخىپنى قانداق چىقىرۋىلىش كېرەك؟

ئەسسىلاممۇ دوستلار، ئۆتكەندە ماۋۇ تېمامدا


http://bbs.izdinix.com/(F(1bkWnFfck-GaCRdUQQPRon7--HY0CM54qybxh5xppMhS0eMmUJ1apI_dzvWoyVDbzWh25UiazbC8FjdLTVwzXUAzA9QQVMp87IIOBnfe2NU1))/forum.php?mod=viewthread&tid=49428


ھازىرقى خىزمىتىمدىن رازى ئەمەسلىكىمنى ھەمدە باشقا خىزمەت تېپش توغىرسىدا ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم، ئارلىقتا ئۆيدىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يۇرتۇمدىكى ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى يىغىن ئېچىپ، ماڭا مەلۇم بىر ئىدارىدىن بىر شىتات بېرىشنى تەستىقلىدى، ئەمدى ھازىر شۇ يۇرتۇمدىكى كادىرلار ئىدارىسى ئارخىپنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر قەغەز چىقىرىپ چىقىرىپ بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ.  ئاللا خالىسا يۇرتۇم تەرەپتىكى ئىشلاردىن چوڭ چاتاق چىقمايدۇ. لېكىن ھازىرقى مەسلە شۇكى، ھازىر مەن ئىشلەۋاتقان ناھيىلىك كادىرلار ئىدارىسى مېنىڭ ئارخىپىمنى چىقىرىپ بېرەمدۇ يوق مۇشۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. مېنىڭ بۇ تەرەپتە خىزمەتكە چىقىقىنىمغىمۇ ساق بىر يىلدىن ئېشىپتۇ، مۇناسىۋەتلىك ۋەسمىيلىشىش رەسمىيەتلىرىنىمۇ بىجىرىپ بولدۇم. بۇ يەردە تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىق بىر ئىش بار يەنى منىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشىش ئۇقتۇرۇشۇمدا مانچە يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى دەپ ئەسكەرتىلمىگەن. پەقەت بىر يىللىق سىناق مەزىگىلى بارلىقىلا ئەسكەرتىلگەن. ئەتىراپىمدىكى يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان باللاردىن سۈرۈشتۈرسەم، مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرگەندە "جەنۇبى شىنجاڭدىىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاست" تۈرىگە تىزىملىتىپ ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ 6 يىللىق ۋە 3 يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى ئېنىق ئەسكەتىلگەن ئىكەن.


مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، مېنىمۇ شۇنداق مۇلازىمەت ۋاقتىڭ توشمىدى دەپ قويۇپ بەرمەي تۇرۇۋالارمۇ؟ ئەگەر راستىنلا قويۇپ بەرمەي تۇرۇۋالسا، دوستلارنىڭ قانداق چارە-تەدبىرلىرى بار؟ قىممەتلىك پىىكىرىڭلارنى بەرسەڭلار بولىتى. ئىلخەت ئادىرىسىم: u524@qq.com

lastsmile يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 21:34:44

تۇققانلار ماۋۇ تېمىغىمۇ نەزەر سېلىپ قويۇڭلار

crows_zero يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 22:16:25

مەن ئىشلەۋاتقان يېزىدىن بىرشىماللق خىزمەتدىشىم يۆتكىلىپ كەتتى،ئۆتكەن يىلى ئەكەلگەنغۇ دەيمەن ئۆزىنىڭ يۆتكىلىش ئالاقىسىنى،ما يېزىدىكى باشلقلار قول قويۇپ بەرمەي ،يىزىدىكىلەر قول قويۇپ بەرسە ناھىيدىكلەر قول قويۇپ بەرمەي ،ئشقىلىپ بەك جاپا تارتىپ كەتكەن ،يۆتكىلىش ئالاقىسنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتتى ئارلقىتا تېخى،ئۇ بالىمۇ مەن بۆلۈنۈپ كەلسەم ئىشلىگىنىگە 4يىل بوپتىكەن .بۇيل ئاخىرى يۆتكۈلۈپ كەتتى.

سىزگە تېخى بىر ئككى يىل بولغان بولسا سەل ئالدراپ قاپسىز.يۇرتىڭزىدىن ئالاقە ئىلىپ كەلگەن بولسىڭىز،يۇقىرىدىكى ئىشلارنى بىر قېتىم تەكرارلايدىغان گەپ،ئۈستىدىكى ئاداش تېخى تۆت بەش يىل ئىشلگەن ،ياخشى ئىشلەيدۇ دەپ داڭلىغان باشلىقلار،قول قويۇپ بەرمەي خېلى ئاۋارە قىلدى.

سىز قول قويدۇرغاندىن كېيىن ،كادىرلار ئىدارسىنڭ يىلدا بىر ئىككى(ئىسىمدە يوق)قىتىم ئېچىلدىغان يغىندا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىدىغان گەپ ،سىزنىڭ ئارقاتېرىكىڭىز بولسا ،شارت شۇرت بىر دەملىكلا ئىش.ئەمدە ماڭا ئوخشاش دوپپىڭىز چۈشسە خۇاديىمىنىڭ زىمىنىغا چۈشىدىغان ئادەم بولسىڭىز،6 يىلنى توشقۇزۇپ ماڭسىڭىز بولدۇ،مەن ئۇچ يلىنى توشقۇزالماي ئاۋارەھازىر،ئۈرۈمچىلك بىر تونۇشۇم بار ،ئۇمۇ جەنۇبنىڭ بىرناھىيسدە 3يىرىم يىل ئىشلەپ ،ناھيىنڭ ئمىتىھاندىن ئۆتۈپ ناھىدىكى بىرى ئىدارىگە يۆتكۈلۈپ كەتتى،ئاشۇنداق ئىمتىھانلار بار،پەقەت ئاساسي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان كادىرلارلا تىزىملىتالايدىغان،شۇنداق ئمتھاندىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە كەتكەنلەرمۇ بار،ئەمدى ئىمتىھان بولغاندىكىن شەرتلىرى بار،سىتاج،ۋاھاكازا دېگەندەك.

lastsmile يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 23:28:32

بۇ يەردە ئىشلىگىنىمگە ئەمدى 1 يىل 1 ئايلاردەك بولدى، مېنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۇقتۇرۇشۇمدا مۇلازىمەت ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر مەزمۇنمۇ يوق ھەم مۇلازىمەت ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر كېلىشىمنامىگىمۇ ئىمزا قويغان ئەمەس.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-24 20:25:02

كادىرلار ئىدارىلىرى بىر- بىرىنىڭ چىشىغا تەگمەيدۇ، ئۇدۇل ئارخىپ بۆلۈمىگە كرىپ، سىز شۇ ئارخىپ كۆرىدىغان قەغەزنى بەرسىڭىزلا بولىدۇ، ئارتۇق گەپنى ئېغىزدىن چىقارماڭ. ئارتۇق گەپ سورىسا «مۇشۇ قەغەزنى چىقىرىپ بەردى» دەپلا ساراڭ بولۇۋېلىڭ، «ئاخىرى يۇرتۇمغا بېرىپ چوڭلارغا قارايدىغان بولدۇم» دەپ خوشال چىراي بولۇۋېلىڭ.

قەغەز چىقىرىپ بەرگەن بۆلۈمنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ئېلىۋېلىڭ، گەپ سوراپ قالسا، نومۇرنى بېسىپ «بۇ قەغەزنى راست ئۇلار چىقىرىپ بەرگەنمۇ دەيدۇ» دەپلا تېلېفۇننى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇڭ. ئېغىز تاتلىق بولسىلا بولدى. جىق گەپنىڭ ئورنى يوق.



شەخىس ئارخىپنىڭ پېچىتىنى ئۆزى ئاچسا ئارخىپ ئىناۋەتسىز بولىدۇ، قەتئىي ئاچماڭ. كادىرلار ئىدارىسى ۋە ئىدارىلەر ئۆزى كۆرۈپ ئۆزى پىچەتلەيدۇ.

lastsmile يوللانغان ۋاقتى 2012-12-24 21:48:17

4- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كادىرلار ئىدارىلىرى بىر- بىرىنىڭ چىشىغا تەگمەيدۇ، ئۇدۇل ئارخىپ بۆلۈمىگە كرىپ، سىز شۇ ئارخىپ كۆرىدىغان قەغەزنى بەرسىڭىزلا بولىدۇ، ئارتۇق گەپنى ئېغىزدىن چىقارماڭ. ئارتۇق گەپ سورىسا «مۇشۇ قەغەزنى چىقىرىپ بەردى» دەپلا ساراڭ بولۇۋېلىڭ، «ئاخىرى يۇرتۇمغا بېرىپ چوڭلارغا قارايدىغان بولدۇم» دەپ خوشال چىراي بولۇۋېلىڭ.

قەغەز چىقىرىپ بەرگەن بۆلۈمنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ئېلىۋېلىڭ، گەپ سوراپ قالسا، نومۇرنى بېسىپ «بۇ قەغەزنى راست ئۇلار چىقىرىپ بەرگەنمۇ دەيدۇ» دەپلا تېلېفۇننى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇڭ. ئېغىز تاتلىق بولسىلا بولدى. جىق گەپنىڭ ئورنى يوق.



شەخىس ئارخىپنىڭ پېچىتىنى ئۆزى ئاچسا ئارخىپ ئىناۋەتسىز بولىدۇ، قەتئىي ئاچماڭ. كادىرلار ئىدارىسى ۋە ئىدارىلەر ئۆزى كۆرۈپ ئۆزى پىچەتلەيدۇ.



رەھمەت سىزگە، ماۋۇ ئامال خېلى بوپ قالدىغان چىراي، لېكىن بىر قېتىم بولمايدۇ دەپ سالسا، كېيىن سەل ئاۋارىچىلىككە يولۇقىدىغان گەپمۇ قانداق؟ مەنغۇ ئارخپىمنى قەشقەر ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن كۆرۈپمۇ باقمىدىم، ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش كېنىشكەمنىمۇ ئېلىۋالغان، ناھىيىلىك كادىرلار ئىدارىسىگە ئەۋەتىۋىتىمىز دەۋەتقان، ھەقىچان ئەۋەتىپ بولدى.

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2012-12-24 22:49:28

ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنى بىكىتىلگەن مەكتەپكە ئشىقا چۈشۈپ 3يىلدىن كىيىن ئاندىن شىتاتقا كىرىدۇ. شىتاتقا كىرىشتىن بۇرۇن يۆتكىلىش ئىمكانىيتى بولمايدۇ. چۇنكى سىزنڭ تېخى شىتاتىڭىزمۇ يوق، مۇشۇ ئەھۋالدا يۆتلىكىمەن دىسىڭىز نورمال يۆتلىكىش تەرتىپى بۇيىچە مۇمكىن ئەمەس.



خىزمەت يۆتكىلىشنىڭ نورمال تەرتىپى:(بۇنىڭدەك ئاۋارچىلىق ئىش يوقمىكىن دەيمەن)

بىرىنچى قەدەم: سىز يۆتكۈلۈپ بارىدىغان ئورۇن سىزنى ئالامدۇ ئالمامدۇ بۇنىڭ ئامالىنى قىلىسىز.

1.يۆتكىلىش ئىلتىماسى يازىسىز.

2.يۆتكۈلۈپ بارماقچى بولغان ئۇرۇن(مائارىپ ئدارىسى دىگەندەك) ئۆز ئورنىنىڭ بوش شىتات ئەھۋالى، سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئويلۇشۇپ يۆتكىلىش ئىلتىماسىڭىزغا تەستىق سالىدۇ.

3.تەستىق سالغان ئىلتىماسنى كۆتۈرۈپ سىز يۆتكۈلۈپ بارىدىغان يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل باشلىقىغا(كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئەمەس، ھاكىم، شەھەر باشلىقى، دائىمى مۇئاۋىن ھاكىم، دائىمى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى دىگەندەك) تەستىق سالغۇزىسىز .

3.بۇ ئىلتىماسنى يۆتكۈلۈپ بارماقچى بولغان ئورۇننىڭ كادىرلار ئىدارىسىگە تاپشۇرسىز.

4.شىتات كومتىتىغا بېرىپ (单位空岗通知单) ئالىسىز

4.كادىرلار ئىدارىسى تەستىققا ۋە شىتات تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن (单位空岗通知单)دە بوش شىتات بارلىقى ئىسپاتىغا ئاساسەن سىزگە (干部商调函)چىقىرىپ بىرىدۇ. يەنى سىزنىڭ يۆتىلىپ كىلىدىغان ئورۇندىن ئارخىپىڭىزنى ئېلىپ كىلىشىڭىزنى بۇيرۇيدۇ.

ئىككىنچى قەدەم: سىز يۆتكۈلۈپ كەتمەكچى بولغان ئورۇن سىزنى قويۇپ بىرەمدۇ قويۇپ بەرمەمدۇ بۇنىڭ ئامالىنى قىلىسىز.

1..يۆتكىلىش ئىلتىماسى يازىسىز.

2.(干部商调函)نى ئىلتىماس بىلەن بىرگە قوشۇپ ئىدارىڭىزنىڭ باشلىقىغا تاپشۇرسىز. ئىدارىڭىز ئۆزىنىڭ سىزگە قانچىلىك ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى، كەسپى شىتاتتىكىلەرنىڭ 6يىلغىچە ئىمتاھان بىرىپ ئۆتكەن ئورنىدىن يۆتىلىشكە بولمايدىغانلىقى(بۇ توغۇرلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى بار)،تېخى سىزنىڭ شىتاتىڭىزمۇ يوقلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئويلۇشۇپ يۆتكىلىش ئىلتىماسىڭىزغا تەستىق سالىدۇ.(ئەگەر قوشۇلسا)

3.تەستىق سالغان ئىلتىماس بىلەن 干部商调函نى كۆتۈرۈپ سىز كەتمەكچى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل باشلىقىغا(كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئەمەس، ھاكىم، شەھەر باشلىقى، دائىمى مۇئاۋىن ھاكىم، دائىمى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى دىگەندەك) تەستىق سالغۇزىسىز .

3.بۇ ئىلتىماسنى يۆتكۈلۈپ بارماقچى بولغان ئورۇننىڭ كادىرلار ئىدارىسىگە تاپشۇرسىز.

4.كادىرلار ئىدارىسى تەستىققا ئاساسەن سىزنىڭ ئارخپىڭىزنى چىقىرىپ بىرىدۇ ياكى ئىدارىڭىزغا ئارخپىڭىزنى چىقىرىپ بىرىشنى بۇيرۇيدۇ.(دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئارخىپى بىردەك كادىرلار ئىدارىسىدا ساقلىنىدۇ، كەسىپ شىتاتتكىلەرنىڭ ئارخىپى ئاساسەن كادىرلار ئىدارىسىدا، مائارىپ، سەھىيە دىگەندەك بەزى چوڭ تارماقلار ئارخىپنى ئۆزى ساقلايدۇ)

ئۈچۈنچى قەدەم: ئەمدى يەنە بىرىنچى قەدەمنىڭ ئارقىسىنى داۋاملىق ماڭىمىز.

1.ئارخىپىڭىزنى كۆتۈرۈپ كىلىپ كادىرلار تارماقلىرىغا تاپشۇرسىز كادىرلار تارماقلىرى سىزنىڭ سالاھىيتىڭىزنى بىكىتىدۇ(رەسمى خىزمەتچىمۇ ئەمەسمۇ؟شىتاتى بارمۇ يوقمۇ؟ ئۇنۋانى قانداق دەرىجىە؟ دىگەندەك)

2. ئارخپىڭىزنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىزنىڭ ھەقىقەتەن رەسمى دۆلەت خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىڭىز ئېنىق بولسا كادىرلار خىزمەت يىغىننىڭ ئېچىلىشىىنى كۈتىسىز.

كادىرلار خىزمەت يىغىنى (人事领导小组会议) ئېىچىشنىڭ مۇقىم قەرەلى يوق، ئادەتتە ئىككى ئايدا بىر قېتىم ياكى پەسىلدە بىر قېتىم دىگەندەك ئېچىلىدۇ. بۇ يىغىنغا ھاكىم(شەھەر باشلىقى) دائىمى مۇئاۋىن ھاكىم(دائىمى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى) مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ھاكىملار(مائارىپقا مەسئۇل ھاكىم، سەھىيەگە مەسئۇل ھاكىم، كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل ھاكىم دىگەندەك) كادىرلار، مەمۇرى تەپتىش، مالىيە، شىتات، ھۆكۈمەت ئىشخانا قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ.

كادىرلار خىزمەت يىغىندا مانا مۇشۇنداق يۆتكىلىدىغان ئالمىشىدىغانلارنىڭ مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىندۇ. ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالى يىغىن خاتىرىسى شەكىلىدە ئىچكى قىسىمدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تارقىتىلىدۇ.

3.كادىرلار خىزمەت يىغىندا يۆتكىلىپ كىلىش مەسلىڭىز مۇزاكىرىدىن ئۆتكەن بولسا، كادىرلار ئىدارىسى سىزگە يۆتكىلىش ئۇقتۇرىشى(调令) چىقرىپ بىرىدۇ.

تۆتىنچى قەدەم: ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدنىڭ ئاخىرىنى ماڭىمىز.

1.يۆتكىلىپ بارماقچى بولغان ئورۇن چىقىرىپ بەرگەن يۆتكىلىش ئۇقتۇرىشىنى ئېلىپ يۆتكلىپ كەتمەكچى بولغان ئورۇن كادىرلار ئىدارىسىگە تاپشۇرسىز.

2.يۆتىلىپ كەتمەكچى بولغان ئورۇن كادىرلار ئىدارىسى دەرھال رەسمىيەت بىجىرىپ بەرسە، خوش دەپ كىتىپ قېلىپ يېڭى ئىش ئورنىڭىزغا ئىشقا چۈشسىڭىز بولىدۇ.

3.يۆتىلىپ كەتمەكچى بولغان ئورۇن كادىرلار ئىدارىسى سىزنىڭ كادىرلار خىزمەت يىغىندىن ئۆتۈشىڭىزنى تەلەپ قىلسا يەنە شۇ كادىرلار خىزمەت يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى ۋە يىغىن مۇزاكىرىسىدىن ئۆتۈشىڭىزنى ساقلىماي ئامال يوق.

تۈگىدى



سىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىڭىزدا ئۈچۈنچى قەدەمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن ئۆتەلمەيسىز.


بەت: [1]
: ئارخىپنى قانداق چىقىرۋىلىش كېرەك؟