jumahun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 22:12:00

[كۆچۈرۈلمە]ئەدەبىياتتىكى مىزان ھەققىدە

ئەدەبىياتتىكى مىزان ھەققىدە

ئاپتۇرى : ساماۋىي

ئەدەبىياتتا توغرا - خاتا مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. توغرا - خاتالىق پەقەت ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تارىخ قاتارلىق ئىلىملەردە بولىدۇ. مەسىلەن: ئىككىگە ئىككىنى قوشساق تۆت بولسا بۇ توغرا بولىدۇ، ئالتە بولىدۇ دېسەك بۇ خاتا بولىدۇ. ئەدەبىياتتا بولسا بۇنداق توغرا بىلەن خاتانىڭ ئېنىق چەك - چىگرىسى يوق. ئەدەبىياتتىكى خىلمۇ - خىل كۆز قاراشلارنى بىز پەقەت ئىلغار كۆزقاراش ۋە قالاق كۆزقاراش دەپلا پەرقلەندۈرەلەيمىز. ئىلغار كۆز قاراشلار جەمئىيەتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ، قالاق كۆزقاراشلار بولسا جاھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاز بىر قىسىم جاھالەتپەرەسلەر تەرىپىدىن بىرمەزگىل كۆككە كۆتىرىلىپ قارشى ئېلىنىشى مۇمكىن ھەتتا بىر پۈتۈن جەمئىيەت تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرىلىدۇ. چېكىدىن ئاشقان ئىدىيىلەر بەكمۇ رادىكال بولغاچقا دائىم بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ ھەيران قالارلىقى بىلەن كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ جەلب قىلالىشى ھەتتا جاھالەتلىك دولقۇنغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

بىراق چېكىدىن ئاشقان ئىدىيىلەر ھامان بىر مەزگىلدىن كېيىن كىشىلەر سوغاققانلىقىغا قايتىپ كەلگەندە چۆرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىزىقىمۇ تۈگەپ ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندا كىشىلەر ئۇنىڭغا سوغاققانلىق بىلەن قايتا نەزەر تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىللىك كاللا قىزىپ كېتىشنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەدەبىيات ھادىسىلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەتلەرىدىن دېرەك بېرىدىغان بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان مىزان ئەسلىگە كېلىدۇ. قەدىمقى دەۋردىكى سوفېكلىس، دانتى، شېكىسپىردەك گىگانىت يازغۇچى-شائىرلار ئەينى دەۋىرلەردىمۇ ئىلغارلىقنىڭ ۋەكىلى ئىدى. ھازىرمۇ شۇنداق. ۋاقىتلىق تەشۋىقاتنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بولغان ئوردا شائىرلىرى، ئەدەبىيات ساھەسىدىن ئۇنتۇلغان جاھالەتپەرەس شائىرلار چاغدىمۇ جاھالەتنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىناتتى ھازىرمۇ جاھالەتنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا ئىنسانىيەتتىكى ئەدەبىياتقا باھا بېرىدىغان ئورتاق بىر مىزان بار. بۇ مىزان مەيلى ئەدەبىياتتا قانداق ئېقىملار بارلىققا كەلسۇن، قانداق كۆز قاراشلار يېڭىلانسۇن قانداق تالاش-تارتىشلار بولسۇن ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنداق مىزان ھەممە دەۋرگە، ھەممە رايونغا، ھەممە مىللەتكە ئورتاق. تالاش-تارتىشلاردا ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا پەقەت كىچىك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى باھالار ئۆزگىرىپ مېڭىشى مۇمكىن، لېكىن تۈپكى مەسىلىلەرگە قوللىنىلىدىغان ئۆلچەم ئۆزگەرمەيدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردىمۇ ئىنساننى سۆيىدىغان، ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە ئازابى ھەققىدە توختالغان، ئەركىنلىكنى ۋە مۇھەببەتنى ياقلايدىغان سەنئەتكارلار ئىلغار سەنئەتكار ھېسابلىناتتى. ئەكسىچە ئىنسانىي ھېس تۇيغۇدىن ئايرىلغان، ئىجتىمائىي شۇئار ۋە ۋەھشىيلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان، ئەركىنلىككە قارشى، مۇستەبىتلىكنى، تەلۋىلىكنى ياقلايدىغان ئىدىيىدىكىلەر قالاق شائىر يازغۇچىلار ھېسابلىناتتى. ھازىرمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغىنى يوق.

بەزى ئالاھىدە دەۋرلەردە جاھالەتپەرەس شائىر-يازغۇچىلار خەلقنىڭ نادانلىقتا قالدۇرۇلغان ئەھۋالىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، يۇيۇلغان مېڭىلەردىكى فورمۇلا ۋە بېكىتىپ بېرىلگەن قاراشلاردىن پايدىلىنىپ، كۆككە كۆتۈرىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئەتىۋارلىنىشى، نامۇناسىپ سالاھىيەتلەر بىلەن توقۇپ چىقىرىلىشى مۇمكىن. ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەتلىرىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان ئىلغار سەنئەتكارلار چەتكە قېقىلىشى، ئۇنتۇلۇشقا مەجبۇرلىنىشى ۋە ئۆزى بىلەن ئالاقىسىز سالاھىيەتلەر تېڭىلىشى مۇمكىن. جاھالەتچىلەر پىر، ئەۋلىيا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىلغار سەنئەتكارلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە تەقدىم قىلغان مەنىۋىي بايلىقلىرى كۆزگە كۆرۈنمىسە، نۇرغۇن كىشىلەردە ئەدەبىياتنىڭ تۈپكى مىزانى ئۆزگىرىپ كەتكەندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا بولىشى تەبىئىي. لېكىن ئۆز ئۆزىنى تەڭشەپ ماڭىدىغان جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي ھىم قۇرۇلما ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي بۇزۇۋېتىلگەن قىسمىنى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەسلىگە كەلتۈرگەندە مەسىلىلەر يەنىلا ئايدىڭلىشىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ئېكىسپىدىيسىيە تارىخى داۋاملىق قەدىمقى گېرىك ئەپسانىلىرىدىكى ئودىسىئۇسنىڭ سەپىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھاياجانلىق تەۋەككۈلچىلىكلەر، ئېسەنكىرەش ۋە ئۈمىدسىزلىكلەردىن كېيىن ئودىسىئۇس ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندەك سەنئەتتىكى ئىزدىنىشلەرمۇ خىلمۇ خىل ئاساسىي ئېقىملار، مۇدىلار ۋە كونبترول قىلىنىشلاردىن كېيىن يەنىلا ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان مىزانلارغا قايتىپ كېلىدۇ.

قەدىمقى دەۋرلەردىمۇ ۋاقتى ئۆتمەس ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغا سەنئەتكارلار بار بولغىنىدەك، ھازىرمۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزدىمۇ زامانىۋىي ئەسۋابلارغا ئىگە، ئىجتىمائىيلىقنىڭ سولچىل ئېقىملىرىدىن پايدىلىنىۋاتقان جاھالەتپەرەسلەر ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى جاھالەت بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىنسانغا قارشى جاھالەت بىرلىشىپ كەتكەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى چېكىدىن ئاشقان سول ئاشۇ سىنپىي كۆرەش ئىدىيىسى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىدىيىلەر بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرىنىدۇ. بىرى چېكىدىن ئاشقان دىنىي بولسا يەنە بىرى چېكىدىن ئاشقان ئاتىزىملىق ئىدىيە بولغاچقا ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى بۇ قارشىلىق بىزنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلارنى قارىمۇ-قارشى دېگەن خىيالغا كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى جاھالەتلىك ئىدىيىلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى نېمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلارنىڭ تۈپكى ماھىيىتى ۋە شەكلى ئوخشايدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە قۇرۇلغان كوممۇنا ئاپپاق غوجا دەۋرىدىمۇ قۇرۇلغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە كوممۇنادا ئورتاق ئىشلەپ، ھەممىنى ئومۇمغا تاپشۇرۇپ، داش قازاندا ئوماچ ئېتىپ تەڭ تەقسىم قىلىش ئاپپاق غۇجا دەۋرىدىمۇ بولغان. ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى دەۋرىدە ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدەك تەلۋىلەرچە شەخسكە چوقۇنۇش ھادىسىسى ھەممە جاھالەتلىك دەۋرلەردە، جاھالەت ئەۋج ئالغان رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش يۈز بەرگەن.

مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگىنىۋالغان ئىنتايىن جاھالەتلىك ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرى بىلەن قوراللانغان كىشىلەر ئۇ نەزەرىيە ئىجاد قىلغان مىللەتلەر تەرىپىدىنمۇ تۈكۈرۈپ تاشلىۋېتىلگەن بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى قاراش، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە خوش ياقماي، ئوتتۇرا باشلانغۇچتىكى ئاشۇ قالاق ساۋاتتىن باشقا ئۆزىگە تېخى ھېچنەرسە يۇقتۇرمىغان، «ئەدەبىيات سىنپىي كۆرەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن شوئاردىكى «سىنپىي كۆرەش» دېگەن سۆزنى «مىللەت» دېگەن سۆزگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپلا كۆز قارىشىم يېڭى دەپ يۈرگەن بىراۋ مەندىن: مۇشۇ قارىشىم خاتامۇ، دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: خاتا ئەمەس، بىراق ناھايىتى قالاق ۋە جاھالەتلىك ئىدىيە. ئەدەبىيات توغرا-خاتا دەيدىغان ھېسابات ئەمەس دېدىم. توغرا-خاتا دەپ ئېنىق چەك يوقلىقى بەزىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىشىغا تازا ئوبداق باھانە. بىراق جاھالەتلىك ئىدىيىلەر ھامان خەلق تەرىپىدىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىپ كېتىدۇ. بەلكىم بىز بەزىدە ئۇ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغىچە كۈتۈپ تۇرالماسلىقىمىز ھەتتا ئۇنى كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. لېكىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىغا قاراپ ئاشۇنداق جاھالەتلىك ئىدىيىلەرنىڭ ئاخىرى چۆرۈپ تاشلانغانلىقىنى كۆرسەك ئۇلارنىڭ ھامان ئەخلەتخانىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار ياخشى ئىدىيە بىلەن جاھالەتلىك قالاق ئىدىيىنى پەرقلەندۈرىدىغان تۈپكى مىزانىنى بەزىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىددىيىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاغدۇرىۋەتكەندەك ھېس قىلىشى پەقەت بىر خىيالەتتىنلا ئىبارەت.

ئاشۇلارنى ئويلىسام مۇنداق بىر ھېكايە ئېسىمگە كېلىدۇ:

ئەپەندىم قوغۇن تېرىپتىكەن، قوغۇنلىرى ئاينىماي ھال چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىراق ئۇ بۇنىڭغا تەن بەرگۈسى كەلمەي كىشىلەرگە مېنىڭ بېغىمدا ئاجايىپ قوغۇنلار پىشىپ كەتتى، بىر قوغۇن شۇنداق چوڭۇيۇپتۇكى جىڭلاپ باقسام يۈز كىلو كەلدى دەپتۇ. كىشىلەر ھەيران قېلىپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بېغىغا كىرسە يىگىلەپ قالغان توخۇمدەك نەچچە تال سويمىدىن باشقا نەرسە قالمىغان. كىشىلەر ئەپەندىنى يالغان سۆزلىدى دەپ كايىپتۇ:

− ئەپەندىم، قېنى ئۇ يۈز كىلو كېلىدىغان قوغۇن؟

ئەپەندى ھېلىقى سويمىلاردىن بىرنى كۆرسىتىپتۇ.

− يېرىم كىلومۇ كەلمەيدىغان سويمىغۇ ئۇ! − دەپتۇ كىشىلەر.

ئەپەندى شۇ چاغدا يېنىدىن دەرھال ئۆزى ياسىۋالغان بىر جىڭنى چىقىرىپ: مېنىڭ قوغۇنۇمنى سىلەرنىڭ جىڭىڭلاردا جىڭلاشقا بولمايدۇ، پەقەت ئۆزەمنىڭلا جىڭىدا جىڭلاشقا بولىدۇ. قاراڭلار مانا ئۆز جىڭىمدا جىڭلىسام يۈز كىلو كېلىدۇ، − دەپتۇ.

ئەپەندىنىڭ جىڭىدىكى ئۆلچەم پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭلا ئۆلچىمى بولۇپ، باشقىلار بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئەمەس. ئۇنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئېتىراپ قىلمىسا ئۇ ھېچنەرسە ھېسابلانمايدۇ.

بىراۋ يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىدا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمىمىز بويىچىلا ئۆلچەشكە بولىدۇ، دۇنياۋى ئۆلچەمدە ئۆلچەشكە بولمايدۇ، دەپتۇ. ئۇ دەل بىز يوقىرىدا مىسالغا ئالغان لەتىپىگە ئوخشايدىكەن. ئۇنىڭ بۇ يەردىكى نادان كىشىلىرىمىزنى كولدىرلىتىۋاتقان ھۆنىرى پەقەت شۇنىڭدىن ئىبارەتكى ئۇ ئۆزىمىزنىڭ دىيىش ئارقىلىق مىللىي تۇيغۇدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان. ئۇنىڭدىن سوراپ باققۇم كېلىدۇ: سېنىڭ ئۆلچىمىڭ دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشىمىسا سەن نەدە؟ سەن ئايرىم بىر مەخلۇقاتمۇ؟ سېنىڭ مۇشۇ سۆزۈڭنىڭ ئۆزىلا سېنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، چېكىدىن ئاشقان جاھالەتپەرەس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

2004 - يىل 16 - يانۋار كەچ، ئۈرۈمچى

http://www.qutad.biz/forum.php

duldul يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 09:34:59

ئۇيغۇر پىروزىچىلىقى قاچان باشلانغان؟ بابۇرنامە بىلەن تارىخىي ھەمىدىنى ھۆججەتلەشكەن تارىخ دېيىشنىڭ سىرتىدا رومان دېگىلى بولسا پروزا شۇلاردىن تارتىپ باشلانغان، لېكىن، بۇ خىلدىكى نەسرىي ئەسەرلەر ئىزچىل بولمىغان، ئالدى- كەينىدە غايەت زور ئۈزۈكچىلىك بار. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزىنى مۆمىن مۇھەممىدى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن باشلاپ ھېساپلاش كېرەكمۇ قانداق؟ ئا.جالالىدىن لېكسىيىسىدە 50- يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ پۈتۈنلەي رۇس سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، 80- 90-يىللاردا لاتىن سېھرىي رىيالىزىم، مودېرنىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاخىرىغا كەلگەندە دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى نۆل قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچىمىدە ئۆلچەنمەسلىكى كېرەك، دەيدۇ. مانا بۇ ئۇلۇق گەپنى قاملاشتۇرۇپ قىلىدىغان، پۈتۈن ماقالىلىرى غەرپ پەيلاسوپلىرىنىڭ نەقلى بىلەن تولدۇرىلىدىغان بۈيۈك ئۇستاز ئاقباشنىڭ گېپى.

بۇنداق «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلاش» ئاقباش پرافېسسورنىڭ شاگېرتلىرى ۋە ئۇلاردىن تەسىرلىنىپ چوڭ بولىۋاتقان بوسىمان تالىپلاردىمۇ ناھىيىتى ئېغىر.

ئەلكۈيى، مىسرانىم دېگەندەك تور بەتلەردە بو شىلەيچە تالىپلار مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدايمىز دەپ شۇئار توۋلاپ، ئىلىم-پەنگە، دېمۇكراتىزمغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچلۈك قىلماقتا. مىللىي مەدەنىيەت دېگەن نېمە دېسە بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، پەقەت شاشۇتىدەك شۇ گەپلەرنىلا تەكرارلىماقتا، ئەمما بىرسىنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ، ئوي پىكرىدىمۇ مىللىي مەدەنىيەت ئەكس ئېتىدىغان بەلگىلەر ناھىيىتى ئاز. باشقىلارنىڭ كىيىنىشىنى تىللايدىغانلار چەتئەل چولپانلىرىنىڭ يېرىم-يالىڭاچ سۈرىتىنى ياكى ئۆزىنىڭ ۋە چىرايلىقراق دوستىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ بەكلا نايناقلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئوغۇللار كىرىست ئېسىۋالغان رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىدۇ. بۇ خىل كوللېكتىپ ھاماقەتلىشىش كېسىلى دەل ئاقباش، ئۆزباش، تازباشلارنىڭ زىددىيەتلىك روھى ھالىتىنى مەنبە قىلغان.

ئاقباش پرافېسسور سۆزىدە پىتنە تەنقىتچىلىكى دېگەن بىر سۆزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىزدىنىشتا ئۇنىڭ سۆزىنى ياقتۇرمايدىغانلارغا قارىتا چېقىپ ئۆتۈپ كېتىش پوزېتسىيەسىنى قوللانغان. دەل ئەكسىچە، زامانىمىزدىكى ئەڭ زور پىتنىچى دەل ئەشۇ 3 باشتۇر. پەقەت ئۇلۇق گەپلىرىنىڭ ئارىسىدا نادانلارنى قايمۇقتۇرىدىغان بىر خىل يوشۇرۇن قۇتراتقۇلۇق مەۋجۇت. سەل ئەقىللىق ئادەملەر ئۇ خىلدىكى ئۇلۇق گەپلەرنىڭ نەقەدەر زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر كالامپاي تەرجىمە كۆچۈرمىكەشلىكىنى ئوڭايلا بىلەلەيدۇ.

تاھىر ئىمىن، دىلمۇراتلار زىيالىيلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش توغرىلىق تولىمۇ ئوبدان بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلەۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا قوشىلىمەن. لېكىن يالقۇن روزى ھە دېگەندىلا ناھىيىتى شۇم ئېغىزلىق قىلىپ بۇ خەيرلىك خىزمەتكە سوغۇق سۇ سېپىپتۇ: پات يېقىندا ئۇيغۇرلار نەچچىگە بۆلىنىدۇ، ھايات-ماماتلىق، ھەتتا قان تۆكىلىشىمۇ مۈمكىن، دەپ ئالدىن جاكارلاپتۇ.

مانا بۇنى پىتنىنىڭ ئۇۋىسى دەيمىز.

يۇقارقى ماقالە پىتنىگە قارشى ھەققانىي ماقالە بوپتۇ، قوللايمەن.

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 18:06:19

1- قەۋەتتىكى duldulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىلى تاز باشنىڭ قەستىگە ئۇچرىغان ھېلىقى ئەپەندىم بولامسىز؟

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 18:41:27

پاينەكباش قانداق بىلىدىكىنا كەلگۈسىنى ؟ مايا پىرخونلىرىدىن تەلىم ئېلىپ كەپتىكەنما؟ لىكىنغۇ مايالىقلارمۇ يالغانچى چىقىپ قالدى .\"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 18:42:02

باشنىڭ گېپى بولسىلا تېما قىززىيدۇ ئىزدىنىشتا ...  {:107:}

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 19:24:00

2- قەۋەتتىكى naprat2009نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى duldulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر پىروزىچىلىقى قاچان باشلانغان؟ بابۇرنامە بىلەن تارىخىي ھەمىدىنى ھۆججەتلەشكەن تارىخ دېيىشنىڭ سىرتىدا رومان دېگىلى بولسا پروزا شۇلاردىن تارتىپ باشلانغان، لېكىن، بۇ خىلدىكى نەسرىي ئەسەرلەر ئىزچىل بولمىغان، ئالدى- كەينىدە غايەت زور ئۈزۈكچىلىك بار. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزىنى مۆمىن مۇھەممىدى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن باشلاپ ھېساپلاش كېرەكمۇ قانداق؟ ئا.جالالىدىن لېكسىيىسىدە 50- يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ پۈتۈنلەي رۇس سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، 80- 90-يىللاردا لاتىن سېھرىي رىيالىزىم، مودېرنىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاخىرىغا كەلگەندە دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى نۆل قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچىمىدە ئۆلچەنمەسلىكى كېرەك، دەيدۇ. مانا بۇ ئۇلۇق گەپنى قاملاشتۇرۇپ قىلىدىغان، پۈتۈن ماقالىلىرى غەرپ پەيلاسوپلىرىنىڭ نەقلى بىلەن تولدۇرىلىدىغان بۈيۈك ئۇستاز ئاقباشنىڭ گېپى.

بۇنداق «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلاش» ئاقباش پرافېسسورنىڭ شاگېرتلىرى ۋە ئۇلاردىن تەسىرلىنىپ چوڭ بولىۋاتقان بوسىمان تالىپلاردىمۇ ناھىيىتى ئېغىر.

ئەلكۈيى، مىسرانىم دېگەندەك تور بەتلەردە بو شىلەيچە تالىپلار مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدايمىز دەپ شۇئار توۋلاپ، ئىلىم-پەنگە، دېمۇكراتىزمغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچلۈك قىلماقتا. مىللىي مەدەنىيەت دېگەن نېمە دېسە بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، پەقەت شاشۇتىدەك شۇ گەپلەرنىلا تەكرارلىماقتا، ئەمما بىرسىنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ، ئوي پىكرىدىمۇ مىللىي مەدەنىيەت ئەكس ئېتىدىغان بەلگىلەر ناھىيىتى ئاز. باشقىلارنىڭ كىيىنىشىنى تىللايدىغانلار چەتئەل چولپانلىرىنىڭ يېرىم-يالىڭاچ سۈرىتىنى ياكى ئۆزىنىڭ ۋە چىرايلىقراق دوستىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ بەكلا نايناقلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئوغۇللار كىرىست ئېسىۋالغان رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىدۇ. بۇ خىل كوللېكتىپ ھاماقەتلىشىش كېسىلى دەل ئاقباش، ئۆزباش، تازباشلارنىڭ زىددىيەتلىك روھى ھالىتىنى مەنبە قىلغان.

ئاقباش پرافېسسور سۆزىدە پىتنە تەنقىتچىلىكى دېگەن بىر سۆزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىزدىنىشتا ئۇنىڭ سۆزىنى ياقتۇرمايدىغانلارغا قارىتا چېقىپ ئۆتۈپ كېتىش پوزېتسىيەسىنى قوللانغان. دەل ئەكسىچە، زامانىمىزدىكى ئەڭ زور پىتنىچى دەل ئەشۇ 3 باشتۇر. پەقەت ئۇلۇق گەپلىرىنىڭ ئارىسىدا نادانلارنى قايمۇقتۇرىدىغان بىر خىل يوشۇرۇن قۇتراتقۇلۇق مەۋجۇت. سەل ئەقىللىق ئادەملەر ئۇ خىلدىكى ئۇلۇق گەپلەرنىڭ نەقەدەر زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر كالامپاي تەرجىمە كۆچۈرمىكەشلىكىنى ئوڭايلا بىلەلەيدۇ.

تاھىر ئىمىن، دىلمۇراتلار زىيالىيلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش توغرىلىق تولىمۇ ئوبدان بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلەۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا قوشىلىمەن. لېكىن يالقۇن روزى ھە دېگەندىلا ناھىيىتى شۇم ئېغىزلىق قىلىپ بۇ خەيرلىك خىزمەتكە سوغۇق سۇ سېپىپتۇ: پات يېقىندا ئۇيغۇرلار نەچچىگە بۆلىنىدۇ، ھايات-ماماتلىق، ھەتتا قان تۆكىلىشىمۇ مۈمكىن، دەپ ئالدىن جاكارلاپتۇ.

مانا بۇنى پىتنىنىڭ ئۇۋىسى دەيمىز.

يۇقارقى ماقالە پىتنىگە قارشى ھەققانىي ماقالە بوپتۇ، قوللايمەن.

سىلى تاز باشنىڭ قەستىگە ئۇچرىغان ھېلىقى ئەپەندىم بولامسىز؟

باش شۇناس ئىچى پۇشۇق دوكتۇر ئەپەندى شۇدەك تۇرىدۇ

bozlan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 20:32:12

ساماۋى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە:

___________________

ئۇيغۇرلاردا كۆرەلمەسلىك بەك ئېغىر. ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۆزىنى يالغۇز دېسە، ئۇنىڭ غېرىبلىقىنىمۇ كۆرەلمەيۋاتامسىلەر؟

ئۇستاز بەكمۇ ئەقىللىق بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ بولمىغان سۈپەتلەر بىلەن چەكسىز كۆككە كۆتۈرىلىشىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تولۇق قوبۇل قىلىنىپ بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان بىرەر ئىككى ئادەمنىڭ بولسىمۇ چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن سېزىپ يېتىپ، ئۆزىنى غېرىب ھېس قىلغان گەپ.

لېكىن ئۇستاز ئىشەنسۇنكى بىز ئاشۇ سىنىپىي دۈشمەنلەرنى ھامان بىر كۈنى تارتىپ چىقىرىپ يوقىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن «تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى بىر تۇتاش قىزىل» ھالەت شەكىللىنىدۇ.

قايسى كۈنى بازاردا بىر ئادەم قاسساپنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قاسساپقا: ئايىقىمنى ياماپ بەر، دەپ تۇرۇۋاپتۇ. بىرەيلەن كېلىپ ئۇ كىشىگە چۈشەندۈردىكى، ھەي بۇرادەر بۇ كىشى موزدوز ئەمەس، قاسساپتۇر. شۇنىڭ بىلەن بۇ چۈشەندۈرگۈچى ئەتراپتا تاماشا كۆرۈپ تۇرغۇچىلارنىڭ ئۇر ئۇرىغا قالدى. ئۇلار غەزەپ بىلەن دىيىشەتتىكى:

- ئەي مۇناپىق، ئۇيغۇردىن بىر موزدوز چىقسا نىمە بوپتۇ. ئۇنى كىشىلەر موزدوز دېسە سەن كۆرەلمەسلەرنىڭ نېرىگە تاقاشتى!

مەن پەلسەپە ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يېزىپ باقمىغان ئۇستازنىڭ پەيلاسوپ دەپ ئاتىلىشىنى ئويلىسام ئاشۇ قاسساپنى موزدوز دەۋالغان كىشى ئېسىمگە يېتىدۇ. لېكىن بۇ خىل باغلاشتۇرۇپ تەسەۋۇر قىلىشنى ھېچكىمگە ئاشكارىلاشقا پېتىنالمايمەن.

ئەسەد سۈرىيىدىن ئە.ئوسماننى قوغلىۋىتىپ ئورنىغا مۇشۇ ئۇستاز ئا.جالالىدىننى ئاپارماقچى دەپ ئاڭلىۋىدىم.

پەقەت كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدىغىنى بۇ ئا.جالالىدىنىڭ قولىدىن بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش كەلمەيۋاتىدۇ. ھەر بىر داھىنىڭ شۆھرىتى بوۋاقلارنى نەزىرە قىلىش بەدىلىگە كېلىدۇ. پىرئەۋىن مۇسانىڭ تۇغۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن بوۋاقلارنى ئۆلتۈرگەن، لېكىن ئاخىرىدا ئۆزى ئۆلتۈرەلمەي قالغان بوۋاق تەرىپىدىن سۇغا غەرق قىلىنغان.

ئا. جالالىدىننىڭ سۆزلىرىنى قىزىل تاشلىق كىچىك كىتاب قىلىپ باسسا، ھەممەيلەن قوللىرىمىزدا كۆتۈرۈپ بىر بىرىمىزگە كۆرسىتىپ سالاملاشساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

قايسى مىللەتتە ۋە قايسى ئائىلىدە تۇغۇلۇشنى ھېچكىم تاللىيالمايدۇ. 60- يىللاردا، بىرەركىمنىڭ ھۆكۈمەتكە ياقمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ قېلىشى شەخسلەرنىڭ سەۋەنلىكى ھېسابلىنىپ، كىشىلەر خۇددى قايسى ئائىلىدە تۇغۇلۇشنى ئۆزى شۇنداق تاللىۋالغاندەك بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولاتتى. بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟ بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟ دېگەندەك شوئارلارنى يېزىۋاتقان بىچارىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئاشۇ دەۋرلەردىكى سىنىپىي تەركىبنى بېكىتىشتىن ئىبارەت پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ مەھسۇلى.

بۇ گەرچە بالىلار كىمنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ دېگەن مەنىلەردىكى يازمىلار بولمىسىمۇ، لېكىن تىل ئىشلىتىشتىكى مەسئۇلىيەتسىز گەپ ئوينىتىشتىن كېلىپ چىققان دەل بولماسلىق، بۇ ماۋزۇدىن ئاشۇنداق ئۇقۇمنى ئەسلىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئاپتورلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئاللىقانداق مىللەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس بەلكى گەپ ئوينىتىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش، كىشلەرنى ئاغزىغا قارىتىش ئۇچۇن ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.

ئۇلۇغ ئۇستاز، ئۇلۇغ رولچىمىز بىر يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى غەربنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەشكە بولمايدۇ دەپ بىر ماقالە يېزىپتىكەن. يۇقىرىقى تەسىراتىمنى شۇ چاغدا يېزىپ قويغانىدىم. ئۆتكەندە ھېلىقى بېيجىڭدىكى نىمە دەيدۇ بىر ئالىي مەكتەپتە شۇ گەپنى تەكرارلاپتىكەن، شۇڭا بۇنى مۇشۇ يەردە ئېلان قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. ئاشۇ گەپنى تەكرارلىمىغان بولسا بۇنى ئېلان قىلماي دېگەن.

__________________________________________________

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 21:09:44

6- قەۋەتتىكى bozlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمەتنىڭ خامىنىدا يۇمشىمىغان مەنگەننى سەمەتنىڭ خامىنىدا يۇمشىتاي دەپسىزدە.

bozlan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 21:27:45

بەزەنلىرىمىزنىڭ بۇغدىيى بولغان بىلەن شۇ بۇغداينى يۇمشىتىدىغانغا خامىنىمىز بولماي قېلىۋاتمامدۇ؟ ساماۋى تورداشمۇ ئۆزى خامانغا كىرەلمەيۋېتىپتۇ، شۇڭا ماڭا بۇغدىيىنى يۈتكۈزۈپ بۇ خامانغا تاشلاپ ئۆتۈپ كېتىشىمنى ئالاھىدە تاپىلىدى... باشقىچە ئويلاپ قالماڭ - ھە! \"\"

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 21:30:31

ماقۇل شۇنداق قىلاي

almali يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 21:41:51

دۇلدۇلنىڭ ئۈچ باش دېگىنى ئالپارابى بۇرادەرنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن گەپ. قارىغاندا ئۇمۇ بىر باشتەك قىلىدۇ، شۇڭا 4 باش دېگەن بولسا بولاركەندۇق.

almali يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 21:42:08

دۇلدۇلنىڭ ئۈچ باش دېگىنى ئالپارابى بۇرادەرنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن گەپ. قارىغاندا ئۇمۇ بىر باشتەك قىلىدۇ، شۇڭا 4 باش دېگەن بولسا بولاركەندۇق.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 21:50:09

مەن سەل چۈشەنمەي قېلىۋاتىمەن بۇ دېھقانچلىق ئىشلىرىنى...

ئا. جالالىدىننىڭ بېيجىڭدىكى لېكسىيەسىگە مەنمۇ قاتناشقان، بۇ ھەقتە بلوگۇمدا مەخسۇس خاتىرە يېزىقلىق. ئۇ شۇ چاغدا تور پىتنىچىلىكى توغرىسىدا توختالغاندا، ئىزدىنىشتىكى ئۇستازلىرىم ئېسىمگە كەلگەنتى.  {:136:}

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 22:08:43

10- قەۋەتتىكى almaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۇلدۇلنىڭ ئۈچ باش دېگىنى ئالپارابى بۇرادەرنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن گەپ. قارىغاندا ئۇمۇ بىر باشتەك قىلىدۇ، شۇڭا 4 باش دېگەن بولسا بولاركەندۇق.

`خاتا ئوتلاپسىزمېنىڭ ئۈچ باش  جەمەتى بىلەن ئالاقەم يوق  ،ھەم تۆتىنچى باش بولۇشقىمۇشەرتىم توشمايدۇ ،دىمەكچى بولغىنىم  باش سۇناس ساماۋى ئەپەندىمۇ تەربىيە كۆرگەن بىلىلىك زات بولغاندىن كىيىن    توردا غەيۋەت قىلغىچە  بۇمەكنى  قىسىپ تەتقىقاتىنى قىلسا، ياكى ئۇيەر بۇيەردە قىتىغۇر ياپتا گەپلەرنى قىلىپ تىتىلداپ يۈرگىچە  ئوبزور يېزىپ  قارشى تەرەپنى دادىل تەنقىت قىلسا بولمامدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-12-24 12:49:04

ئىجتىماىي مەدەنىيەتتىكى كېيىنكى زامانىۋىيلىق ۋە شەرقچىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە بولغان تەسىرى

پەرھات تۇرسۇن

ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىنتايىن كەڭرى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئەل ئىچىدىكى بارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى، جۈملىدىن ئىشتىن سىرتقىي ئەدەبىيات سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش شەكىللىرىدىن تارتىپ ئەل ئىچىگە كەڭ تارقالغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلق ناخشا مۇزىكىلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىگىچە بولغان، ئىستىخىيىلىك ياكى ئاڭ فورماتسىيىسىنى بىۋاستە نىشان قىلمىغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىي قوزغاتقۇچ كۈچى ئىجتىماىيلىقنىڭ ئىچكىي قۇرۇلمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا روشەن تايىنىش ۋە مۇتلەق تاللاش بىر قەدەر ئاز بولىدۇ. مۇشۇ ۋەجىدىن ئاممىۋىي مەدەنىيەتتە مىللىيلىك بىلەن دۇنياۋىيلىق تەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. دۇنياۋىي كەڭ تارقالغان مەدەنىيەت سىڭىپ كىرگەندە ئاڭلىق تاللاش كەم بولىدۇ. دەل مۇشۇ ئاڭلىق تاللاشنىڭ كاملىقىدىن كىشىلەر ۋايىم يېيىشىپ، داۋاملىق سىرتقىي مەدەنىيەتكە بىر خىل ھېستىرىيىلىك دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بىز داۋاملىق كىشىلەرنىڭ ماقالىلارنى ھەتتا شېئىرلارنى يېزىپ، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىق ۋە خىتابلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. لېكىن بۇ خىل چاقىرىق ۋە خىتابلارنىڭ سۆزلەنگەن مەيدان ۋە قەغەزلەر يۈزىدىلا قېلىۋاتقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىزغىمۇ نەچچە ئون يىللار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ قاخشاشلاردىن مۇنداق بىر نەچچە خىل پىسخىك تىندىتسىيىسىنى بايقىۋېلىشىمىز قىيىن ئەمەس. بىرىنچىدىن، ئۆز ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئىستىقبالىدىن ۋايىم يىگۈچىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقىنى ئۆز ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىقى ئۇلاردا بۇنى دەڭسەپ چىققۇدەك ماغدۇر ياكى چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىق قىلىش يوق. چۈنكى يەرشارىلىشىش دولقۇنىدا مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاشنىڭ بىردىن بىر يولى پەقەتلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىدىكى ئېنىرگىيىگە تايىنىش بولۇپ، بۇ ئېنېرگىيىدىن باشقا كۈچ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئىجتىمائىيلىقنىڭ ئاڭسىز قۇرۇلمىسىغا تەۋە بولغان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىز داۋاملىق جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ ۋە غايەت زور قۇرۇلمىنى بىر ئادەم ھەتتا بىر كىچىك بالا ئورنىدا كۆرۈپ، پەقەت نەسىھەتكە تايىنىپ ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولساق، بۇنىڭ ئۆزىلا بىزنى تارىخ ئالدىدا مەسخىرىگە قويىدۇ.

ئاممىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ سوبيېكتى بىر ياكى بىر نەچچە ئادەم بولماستىن بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتتۇر. شۇڭا كوللېكتىپ تۈس ئالغان شەرقچىلىق ئىدىئولوگىيىسى ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئېكسپورت قىلىنىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن نىقابلانغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشۇ خىل ئىدىئولوگىيىنىڭ سوبيېكتى بولغان كىشىلەرنىڭ شەخىس ھالىتىدە تۇرۇپ ھېس قىلىشى ئىنتايىن تەس. ئەمەلىيەتتە دۇنيا بۈگۈنكى دەۋر ئىدىئولوگىيىسىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان كۆرەش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن خوشلىشىشى ئىجتىمائىيلىقنى ئىنسانىيلىقتىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا كىرزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربكە قارشى بولغان بىر خىل رادىكال شەرقچىلىق ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ مىللىي ھېسياتىنى قوزغىتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىدە مىللەت ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوبرازىنى ھازىرلاپ، بۇ كىرزىستىن قۇتۇلماقچى بولدى. ماڭا بۇ خىل يوشۇرۇن ئىستراتىگىيە غەرپ بىلەن شەرق ئارىسىدىكى ئوينالغان بىر قاتار ئويۇنلار ۋە زەنجىرسىمان رېئاكسىيىلەرگە سەۋەب بولدى. بۇ خىل رېئاكسىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت پوزىتسىيىسى ۋە پىسىكىسىدىمۇ ئەكس ئەتتى.

كىشىلەر ئارىسىدىكى ئورتاقلىقنى ئادەتتىن تاشقىرى تەكىتلەشكە بولغان بىزارلىق ۋە شەخسنىڭ خاسلىقىغا بولغان مەپتۇنلۇق كېيىنكى زامانىۋىيلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئادەملەر ئارىسىدىكى پەرق ۋە يىگانە شەخسلەرنىڭ خاسلىقى دائىم ئىجتىماىيلىقنى تەكىتلەيدىغان ئىدىولوگىيىدە چەتكە قېقىلىدۇ. ئىجتىماىيلىقنى ئادەتتىن تاشقىرى تەكىتلەيدىغان دىنىي ئېكىسترىمىزمنىڭ پوستمودېرنىزمدىن قورقۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىنساننىڭ خاسلىقى ۋە پەرقىنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش مەدەنىيەتتىكى زور ئاغمىچىلىقتۇر. مىشىل فۇكالتنىڭ ھوقۇقنىڭ رولىنى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپتۈرىۋېتىشى، ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت بىكىنمىچىلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچراش خام خىيالى كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. ھەرقانداق بىر تېكستنى زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەسۋەسىسىدە ئوقۇش ئۇلارنى دائىم ئىنتايىن كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئېتىقادنىڭ نەقەدەر مۇستەھكەم ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىماي قەسەم قىلىشىدۇيۇ، ئەمەلىيىتىدە ھەرقانداق بىر تېكىستتىن ئۆزىدىكى ئېتىقادنى تەۋرىتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان سۆز جۈملىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، بۇ سۆز جۈملىلەرنى ئۆزى ۋە ئۆزى بىلەن ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى يوق قىلىۋېتىدۇ دەپ قاتتىق ۋەھىمىگە چۈمىدۇ. بۇ يەردە بىز كۆرۈۋاتقان پارادوكس يەنە ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقنى ئادەتتىن تاشقىرى تەكىتلىشى، ئورتاقلىقنى مۇقەددەسلەشتۈرىشى، ئورتاقلىقنىڭ كۈچىگە چەكسىز ئىشىنىشى بىلەن يەنە ئۆزلىرى تۆۋەن كۆرگەن كىچىككىنە بىر خاسلىقتىن قورقۇپ ئالاقزادە بولۇشۇپ، ئاشۇ خاسلىقنىڭ كۈچىنى ئۆز نەزىرىدىكى تەڭداشسىز ئورتاقلىقنى گۆرگە تىقىدۇ دەپ ئەنسىرەشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار مەلۇم پەرقنى نامايان قىلغۇچىغا دائىم ئورتاقلىق نامىدىن تەھدىد سېلىپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئومۇملاشمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىدۇ. بىز ئۇلاردىن ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە خاسلىق شۇ قەدەر ئاجىز نەرسە ئىكەن، كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن قورقۇپ بۇنچىۋالا خۇدىڭىزنى يوقۇتىشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ سوراشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەر زامان ھېس قىلىمىز.

بىز كېيىنكى زامانىۋىيلىق دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلغىنىمىزدا مىللىي مەدەنىيەتكە تۇتىدىغان مۇامىلىدە مۇنداق بىر نەچچە خىل تاللاشلارغا دۇچ كېلىمىز.

بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادىكى مۇستەملىكە ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك نەزىرىيىسىدىن پايدىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن مىللي خەۋپ نەزىرىيىسى يېتىشتۈرگەن مىللەتچىلەرنىڭ غەربكە ۋە زامانىۋىيلىققا قارشى ئىستراگىدىيىسى بىلەن ئىلگىرى ئۆتكەن تەرەققىيپەرۋەر مىللىي قەھرىمانلار باشلاپ بەرگەن ئىنسانىيەتنىڭ ئەداتتىكى قىممەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ستراتېگىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش. شەرقچىلىق ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ غەربنىڭ زىيانكەشلىكى نەزىرىيىسى ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزى ۋەسۋەسىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىز بۇ دۆلەتلەردە شەرقچىلىقنىڭ بىر ئومۇملاشقان قاراش ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئاساسىي ئېقىمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىمى ئاستىدا غەربپەرەسلىكنىڭ مەۋجۇت بولۇش شارائىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايمىز. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەممە ئادەم غەربەرەس بولۇپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا دەككە دۈككىگە چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب نىمە؟ بۇنىڭدىكى بىردىن بىر سەۋەب ھەر بىر ئىنساندا ئەقەللىي مەۋجۇت بولغان ئىنسانىي تەبىئەت ۋە بۇ تەبىەتنىڭ تۈرتكىسىدە يوشۇرۇن ھالەتتە ساقلانغان ئىنسانىيەتنىڭ ئەداتتىكى قىممەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سترتېگىيىسى. بىز نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىمىز؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، بىر ئىنساننىڭ ئىنساندەك ياشاش خاھىشى ئاللىكىملەرنىڭ مەدەنىيەتتە سىڭىپ كىرگەنلىكىنىڭ ياكى ئاللىكىملەرنىڭ زىيانكەشلىكىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى ئىنسان دۇنياغا ئىنسان بولۇپ تۆرەلگەندىلا ئۇنىڭدا تەبىىي مەۋجۇت بولغان بىر خىل تەلەپتۇر. شەرقچىلىقنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بارلىققا كەلتۈرگەن ئومۇمىي خوردا ئىنساندىكى بۇ ئادەتتىكى تەلەپ غايىپ بولغاندەك تۇيۇلغان بىلەن ئاشۇ خورغا قاتناشقان ھەر بىر ئادەم بىر شەخس سۈپىتىدە يەنىلا ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنساندىكى بۇ خىل تۈپكى تەبىىي تەلەپنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەرقچىلىق شوارى تازا يېتەرلىك بولمايۋاتقاندەك ھېس قىلىپ تىلغا ئالغىلى بولمايدىغان بىر خېيىم خەتەرنى غەربكە ئارتىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ خۇددى ئاچ قالغان ئادەمگە تاماق يىيىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ داۋاملىق ئاچ قېلىۋېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئاچ قالغان كىشىنىڭ بەدىنى ئاچلىق سېزىمىنى يوقاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ قوسىقى ئاچلىقىنى ئېسىگە ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا بىر نەرسە يىيىشى كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدىغان ھەممە نەرسىنى يوقۇتۇۋېتىش ھەم ئۇنىڭ بىر نەرسە يىيىشنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ قېلىشىنى ئاللىكىملەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن دەپ ۋايساش بىلەن ئوخشاشتۇر.

دۇنيا سىياسىتىدە، ھەممىدىن قىزىق يېرى شۇكى، مەدەنىيەت كىملىكى زادىلا دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىمايدىغانلار شەرقچىلىق ئىددىيىسىنى مەدەنىيەت كىملىكى كىرزىسى مەۋجۇتلارغا زورلاپ تېڭىپ، بۇ ئەمەلىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ زىيىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز دۈشمىنىگە دۈشمەن قىلىپ، ئۇلارنى دۇنيادىن ئايرىش، قالاق ۋە بېكىنمە ھالەتتە قالدۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلەتتى.

ئۇيغۇرلاردىكى شەرقچىلىك ئىددىيىسى يېڭى نەرسىمۇ ئەمەس. بۇندىن ئوتتۇز نەچچە يىللار ئىلگىرى «شەرق شامىلى، غەرب شامىلىنى بېسىپ كەتتى» دېگەن سۆز مۇدا بولغان. ماۋ زېدوڭنىڭ مۇشۇ گېپىنىڭ تەسىرىدە «شەرق» دېگەن ئۇقۇم بىر خىل رادىكال قىزىل ئۇقۇم بولۇپ قالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىلگىرى نۇرغۇن داڭلىق مەھسۇلاتلار «شەرق شامىلى» دېگەن نام بىلەن ئاڭلانغان. مەسىلەن «شەرق شامىلى» ناملىق تراكتور، «شەرق شامىلى» ماركىلىق ئاپتوموبىل قاتارلىقلار. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئەدەبىيات بېتىنىڭ ئىسمىمۇ «شەرق شامىلى» ئىدى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەر بۇ ئىسىمدىن نومۇس قىلىدىغان بولۇپ كەتكەچكە، ئۇنى «گۈلشەن» دەپ ئۆزگەرتىۋەتتى. دۇنيا يۇمۇلاق بولغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپ بېىجىڭدىن يېتىپ كېلىپ بىزنىڭ ئىدىولوگىيىمىزنى بىر قېتىم سۈپۈرۈپ يەر يۈزىدىن كۆككە سورۇپ ئۆتۈپ كەتكەن تەلۋىلەرچە شەرقچىلىق ئىددىيىسى 90- يىللاردىن كېيىن مىسىر، سۈرىيە قاتارلىق ئەرەب ئەللىرى تەرەپتىن قايتىپ كېلىپ چەللىلەرنى تىترىتىپ ئۆتتى.

ھەرقانداق بىر توپتا ئۆزىنى كۈزىتىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ. خۇددى بىر ئادەمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرغان خىزمەتداشلىرى بايقىۋالالماي قالغاندەك. بىر ئادەمنىڭ ئورۇقلىغانلىقىنى ياكى سەمىرىپ قالغانلىقىنى، قېرىغانلىقىنى ياكى ياشلىقىنى ئۇزاق ساقلىيالىغانلىقىنى پەقەت ئۇنى بىر مەزگىل كۆرمىگەن ئادەم روشەن بايقىيالايدۇ. ئۇنى دائىم كۆرۈپ تۇرغان ئادەملەرگە ئۇ كۈندىلا ئوخشاشتەك بىلىنىدۇ. دەل مۇشۇنىڭدەك، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى سىرتقىي مەدەنىيەتتىكىلەر بىر قەدەر ئېنىق ھېس قىلالايدۇ. ئۆز مەدەنىيىتىدىكى ھەممە نەرسە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز مەدەنىيىتىدىكى ھېچقانداق نەرسىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەردە ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە بولغان سەزگۈرلۈك بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. ياندىن كۈزەتكۈچىلەرنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسى ھامان ياتلارنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى ھەيرانلىق ھەتتا تەھسىنلەرنىمۇ بىرتەرەپلىمىلىكتەك ھېس قىلىش ئىنتايىن تەبىىي ئەھۋال. ئۆز مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ مىللىي ھېسياتتىن پايدىلىنىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلىشى بىلەن يات مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىلەرنىڭ سىرتتىن كۈزىتىپ تەسۋىرلىشىنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئوبيېكتىپلىق مەۋجۇت بولمايدۇ. لېكىن مەلۇم مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا ئۆز مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە تۇرۇپ كۈزىتىش بىلەن يات مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە تۇرۇپ كۈزىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىلدىن باشقا ئۈچىنچى خىل كۈزىتىش نۇقتىسى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا كېيىنكى زامانىۋىيلىق دەۋرىدە شەرق مەدەنىيىتى ۋە غەرب مەدەنىيىتى دېگەن ئۇقۇملار مەيلى ئويدۇرما ئۇقۇم بولسۇن مەيلى تەبىىي ئۇقۇم بولسۇن، ئادەمنىڭ سوبيېكىتلىقىغا بوي سۇنمىغان ئوبيېكتىپ كۈزىتىش نۇقتىسى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى ھەربىر كۆزنىڭ كەينىدە كۆز يەتكۈزگەن ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مېڭە بار. مەيلى بۇ مېڭە كۈزەتكۈچىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولسۇن ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كەتكەن يۇيۇلغان مېڭە بولسۇن، كۆز يەتكۈزگەن ئۇچۇر ھامان ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىدىن ئۆتىدۇ.

ئىنساننىڭ ھېس تۇيغۇسىنىڭ مۇرەككەپلىكى جەھەتتىكى ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ھەرخىل ئىجتىماىي تۈزۈم، سىياسىي كۆز قاراشلار، ئەخلاق قاراشلىرى ۋە ئىرقىي مۇناسىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن شەكىللەنگەن ئاشۇ ئابىستىراكىت ئۇقۇملار ئايلىنىپ كېلىپ يەنە ئادەملەرنىڭ ھېس تۇيغۇسىنى ۋە ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرگەن. ئادەملەرنىڭ خاراكتىرىدىكى ۋە مۇناسىۋىتىدىكى مۇرەككەپلىك پسىخىلوگىيە ۋە سوتسىولوگىيە پەنلىرىنىڭ ئالدىغا دائىم يېڭى - يېڭى تەتقىقات مەسىللىرىنى تاشلىماقتا.

ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا زادى قانداق ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنىڭ نورمال، قانداق ئادەمنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشنىڭ خۇددى قايچا بىلەن قەغەزنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئىككىگە ئايرىپ بەرگەندەك ئايرىپ بېرەلەيدىغان كېسىپ باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمى مەۋجۇت ئەمەس. بىر مىللەت ياكى بىر جەمئىيەتنىڭ تەشكىللۈگۈچى كىچىكىنە ھۈجەيرىسى بولغان بىر شەخسنىڭ پىسخىكىسىنىڭ قانداقلىقىغا باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمى مەۋجۇت بولمىغاندا، بىر مىللەتتىن ئىبارەت ئىنتايىن زور بىر ئىجتىماىي سىستېمىغا كېسىپ باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمىنىڭ مەۋجۇت بولىشىنى قانداقمۇ تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن؟

ئۆزى تەۋە مەدەنىيەت توپىدىكى ئىنسانلارنى غەيرى ئىنسان دەپ قارىۋېلىپ، ئىنسان مەركەزچىلىكىنى داۋاملىق غەرپ مەركەزچىلىكى دەپ ئاتىۋېلىش شەرقچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئېدۋارد سەئىدنىڭ بىر خىل زۇلۇمغا قارشى نەزىرىيىسىنى يەنە بىر خىل زۇلۇمغا ۋاستە قىلىشتەك يىرگىنىچلىك ئويۇن دۇنيادا يەنىلا داۋام قىلماقتا.

ستېفېن تايلور: مىللەتشۇناسلىق رېئال خام خىياللار ھەققىدىكى خىيالي رېاللىقتىن ئىبارەت، دېگەنىدى. شەخس جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ماشىنىنىڭ كىچىككىنە بىر ۋىنتىسىغا ئايلانغان جايلاردا، شەخسنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ئاشۇ ماشىنىنى بۇزۇپ تاشلاش دەپ قارىلىپ ئومۇمىيۈزلۈك دۈشمەنلىككە مەھكۇم قىلىنىدۇ. ھازىرقى شەرق ئەندىزىسىدىكى شەخىسنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىلگەن جەمئىيەتتە بولسا كوللېكتىپ زىيانكەشلىكنىڭ شەخىسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يوققا چىقىرىلغاچقا، خام خىيال ئارقىلىق توقۇپ چىقىرىلغان تەقلىدىي كوللېكتىپ ئىچىدە رېئال شەخس غايىپ بولۇپ، كوللېكتىپنىڭ سايىسىغا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئىنتايىن نورمالسىز ھالدا بىرلا ۋاقىتتا ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر بىر مىللەت توقۇپ چىقىرىلىپ قالماستىن يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناخشا-ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى چەكلىمەكچى بولغان ئادەملەر كوللېكتىپىمۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل سالاھىيەتكە ئىگە بولغان بۇ مىللەتتە ئۇنىڭ سايىسىغا ئايلانغان بىر شەخىسمۇ ئىككى خىل سالاھىيەتتە پارچىلىنىدۇ. بىر ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇملاشقان ناخشا-ئۇسۇلغا دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش پىكىر ئېقىمىدىن چەتتە قالمىغۇچى بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل رولنى ئۆز ۋۇجۇدىدا بىرلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

سىياسى دېگىنىمىز بىر توپ ئاتالغۇلار دۆۋىسى. سىياسىئونلار ئۇنى ئۆزى خالىغىنىچە ئېلىپ بىر بىرى بىلەن قۇراشتۇرۇپ ئوينايدۇ. ئۇلار سۆزلەر ئارقىلىق ئاشۇ يالغۇزلۇقتىن قورقىدىغان، يالغۇز قالماسلىق ئۈچۈن باشقا كىشىلەر بىلەن ئوخشاش قىياپەتكە كىرمۈگىچە خاتىرىجەم بولالمايدىغان، ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى ئوينايدۇ.

سەمىئۇل خانتېڭتوننىڭ چىرايلىق زامانىۋىي ئاتالغۇلار بىلەن تولغان، ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىرىنى يوققا چىقىرىپ، مەدەنىيەتتىكى يۈزەكى پەرقلەرنى مۇبالىغا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەتنى قارمۇ قارشى ئىككى لاگىرغا ئايرىپ جىدەلگە سېلىش، ئۇزاق مەزگىل پىلانلانغان ئىستراتىگىدىيىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىكتىن پايدا ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتتىن ھوزۇرلىنىشنى، باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان قاراشقا ئىگە بولىشىنى كەچۈرىۋېتەلمەسلىكنى، مېڭىنىڭ ئىچىدىكى ئوي خىياللار سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئەگەر بىر خىل خاس مەدەنىيەت دەپ قاراشقا توغرا كەلسە، روھىي كېسەللىكنىمۇ بىر خىل خاس مەدەنىيەت دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىۋېرسال قىممەتلەرنى مەلۇم توپقا تەۋە دەپ تۇرىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزى تەۋە بولغان توپنى ئۇنىۋېرسال قىممەتتىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كېسەللىك ھالىتىدىكى غەلىتە مەخلۇقلارغا ئايلاندۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۈپكى ئىنسانىي تەلەپلەردىن ۋاز كېچىشكە قىستاش. مەسىلەن، ئادەملەرنىڭ بىر جۈپ ئاياق كېيىشىنى ئۇلار قايسى بىر توپقا تەۋەلىكى ياكى ئۇنىڭ كىملىكى بەلگۈلىگەن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىدە ئىككى پۇت بولغانلىقىدىن ئىبارەت بەلگۈلىگەن. باشقىلارنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقىشقا ھېرىسمەن كىشىلەر بولسا، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر ئادەمنىڭ ئۆتۈكنى جۇپى بىلەن كېيىشىنى ئامال قىلىپ باشقىلارغا يات بىر توپنىڭ قىممەت سېستىمىسىغا تەۋە دەپ كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ئۇ توپتىن پەرقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلەرنى بىر پاي ئۆتۈككە ئىككى پۇتنى سېپىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تۇتۇپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇنى بىر خىل غورۇر ۋە ئەخلاق دەپ پەخىرلىنىدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەتلىرىدىن ئۆزى تەۋە توپنى چەتلىتىش بەدىلىگە بەرپا قىلغان ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرى بەزىدە باشقا بىر توپتا ئەخلاقسىزلىق ياكى ئاخماقلىق دەپ قارىلىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق جەريان ئارقىلىق ئۇلار ئاخىرىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۆزى تەۋە توپنى دۇنيادا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئاتالمىش كىملىككە ئىگە قىلىدۇ.

tupraqmen يوللانغان ۋاقتى 2012-12-24 18:55:39

ۋاھ...ۋاھ...ۋاھ...ۋاھ... ما ئىنكاسلىنىڭ مىزلىكلىكىنى  {:92:}

xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-12-24 19:56:42

ئىزدىنىشتىكى بەزى ئەزالارنى راستىنلا چۈشەنگىلى بولمايدىكەن. بولۇپمۇ ماۋۇ سۇجۇپ ئەپەندى ھەممىنى چىشلەپ تارتىدىكەن، بۇنى كىمگىدۇر ئوخشىتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ بۇ پىكىرلىرىنى قوللايدىغانلارمۇ چقىدىغىنى ئېنىق، ھەتتا ئۆزەممۇ ئۇنىڭ بەزى گەپلىرىنى قوللايمەن، لېكىن بەزى شىەخسىيەتكە ياتىدىغان گەپلەرنى قوساق كۈپىگىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
بەت: [1]
: [كۆچۈرۈلمە]ئەدەبىياتتىكى مىزان ھەققىدە