tashadem يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 11:38:06

شىپالىق مېۋە نونى ھەققىدە پاراڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، پىقىر تاش ئادەمدىن ھەممىڭلارغا سالام! ئۇزۇندىن بىرى كۆپ تېمىلارنى يېزىش پىلانلىرىم بولسىمۇ تېخىچە  يېزىپ بولالمىدىم. بۇلتۇر مەن ئىشلەۋاتقان شىركەتتىكى باشلىقلار مۇشۇ «نونى» ئىچىملىكىگە قىزىقىپ قاپتۇ، بازاردىن مەلۇم ماركىدىكىنى ئەكىرىپ ئىچىپ كۆرسەم تەمى جىياڭيوغا ئوخشاش قىرتاق بىر نەرسە ئىكەن. خوجايىنلارنىڭ رايىغا بېقىپ مۇشۇ «نونى» توغۇرىسىدا ئىزدىنىشكە باشلىدىم. تورنىڭ ئالدىدا بىر ھەپتە ئولتۇرۇپ نۇرغۇن راس-يالغان خەۋەر ۋە تەشۋىقات ماتىېياللىرىنى كۆردۈم. بېيجڭغا بىېرىپ دېيارىمىزدا سېتىلىۋاتقان «نۇنى» ئىچىملىكىنى سېتىۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان شىركەتلەر بىلەن سۆھبەتلەشتىم، كۆردۈم، ئىزدەندىم ئەمما ئۇلارنىڭ ھېرچ قايسىسى سۈپەت ۋە ئىشەنىچ مەسىلىسىدە مەن قويغان تەلەپكە يىقىنلىشالمىدى. «نونى»دىن ئىبارەت بۇ مېۋە تېنىچ ئوكياندىكى پۇلىزىيە تاقىم ئاراللىرى ۋە تاھىتى ۋە ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدا ئۆسىدىكەن، يولداشلار بەزىسى ئۆزى ماركا ئېلىپ شۇ يەردە قاچىلىتىپ كىرگۈزىدىكەن ،دىيارىمىزدا سېتىلىۋاتقان خىلمۇخىل ماركىدىكى«نونى»لار كۆپىنچە  خام ئەشيانى ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈپ دۆلىتىمىزدە پىششقلاپ ئىشلىنىدىكەن . نۇرغۇن ئىزدىنىشلاردىن كېيىن ھاۋايدىكى بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتۇق. ۋە بارلىق رەسمىيەتلەرنى تاماملاپ دىيارىمىزغا ئېلىپ كەلدۇق. بازاردىكى «نونى» توغۇرلۇق دېيىلىۋاتقان ئېلانلارنى كۆرسەڭلا «ئامېرىكىدا نونى ئىچىپ، ئامېرىكىلىقلار ئۆلمەيدىغان ئوخشايدۇ » دەپ قالىسىلەر، ئەمەلىي سېتىش تەجىرىبەم ۋە خىرىدارلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ئاسالىق ئۈنۈمى، ئىممونىت كۈچىنى يۇقرى كۆتۈرىدىكەن، (پىچان ناھىيلىك سەھيە ئىدارسىدىكىلەر ئەيدىز بىمارلىرىغا بىرىۋاتىدۇ. ئۈنۈمى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدىكەن) قان بېسىم، دىئابىت ۋە راكقا نىسبتەن ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن. سۆڭەك ۋە بوغۇم كىسەللىكلىرى تېخى تەجرىبىدىن ئۆتمىدى. ھۆجەيرىلەرنى ياشارتىدىكەن. ئاچ قورساققا ئچىدىغان بولغاچقا ئاشقازان ئېغىر ياللاغلانغان ۋە بالياتقۇ ۋە ئاشقازان راكى سەۋەبلىك خىممىيۋىيلىك ئۇسۇلدا داۋالانغانلارغا قەتئىي ماس كەلمەيدىكەن.


قالدى تەپسىلاتلارنى شىركەت تور بېتىدىن كۆرۈڭلار


http://elkut.com/


ئىزدىنىشلىقلار ئارىسىدا نونى ئىچىۋاتقان ياكى ئىچىشنى ئويلىشىۋاتقانلار بولساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، ئىزدىنىش ئەزالىرىغا ئىتبار باھادا بىرىمەن.


ئالاقىلاشقۇچى تاش ئادەم:


18699190014


QQ:836730060

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 14:41:16

بۇرۇن نونى توغرسىدا بۇ مۇنبەردە بىر مۇنازىرە بولغان ، تۆۋەندىكى ماقالىغا سىز قانداق قارايسىزكىن :



«نونى» نىڭ سىرلىق پەردىسىنى ئېچىش

فاڭ جوۋ زى بىيجىڭ پەن –تېخىنىكا گېزىتى 2006-يىلى4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان

يېقىندىن بېرى «نونى» مىۋە شەربىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ساغلاملىق ئىچىملىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئاق ياقىلىقلار ( ھاللىق سەۋىيەدىكىلەر) ئارىسىدا شاخلىتىپ سېتىش ، بىۋاستە سېتىش شەكلى ئارقىلىق تارقالماقتا ، باھاسىمۇ يۇقىرى بولۇپ ، بىر بوتۇلكىسى 500يۇنگە سېتىلىدىكەن .ئېيتىلىشچە ئۇنى تەبىئى ئۆسۈملۈك نونى مىۋىسدىن ئايرىپ چىققان ، «جەننەتتىن كەلگەن سوۋغات » بولۇپ ، جەنۇبى تېنىچ ئوكياندىكى « ئەڭ پاكىز ، بۇلغانمىغان » تاختان تاقىم ئارىلى ۋە گاۋايدىن چىقىدىكەن ، يەرلىكلەرنىڭ داۋلاشقا ئىشلىتىۋاتقىنىغا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بوپتۇ . ئېلاندا ئېيتىلىشچە ، نونى مىۋە شەربىتىنى دائىم ئىچىپ بەرگەندە بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ھەر خىل كېسەللىكنى ھەيدەپ ، ھاسىراش ، راك ، رىماتىزىم ، بوغۇم ياللۇغى ، قەنىت كېسىلى ، بەدەن سىقىراش ، باش ئاغرىقى ، جىگەر كېسىلى ، بۆرەك كېسىلى ، ئېمىنۇت سىستىمىسى كېسەللىكى ، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ، ھەزىم قىلىش سىستىمىسى ناچارلىشىش ، ئىچكى ئاجىراتما قالايمىقانلىشىش ، مەزى بېزى كېسەللىكى ، چىش ئاغرىقى ، چاچ ۋە تىرناق كېسەللىكلىرى ، يۇقىرى قان بېسىم ، ئۆسمە ، ئۆپكە تىبىركلىيۇزى ، قالقانسىمان بەز كېسىلى ، بوۋاسىر ، چىش قاناش ، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ، قەۋزىيەت ، زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلى ، ئۇنۇتقاقلىق ، جىنسىي ئىقتىدارى چىكىنىش ، خامۇشلۇق كېسىلى ، تاماكا تاشلىتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدىكەن . بۇ خىل ئاجايىپ نونى مىۋىسى زادى قانداق نەرسىدۇ ؟ ئۇ بىر خىل ئوردان ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ ، لاتىن تىلىدىكى ئىلمىي ئاتىلىشى مورىندا سىتىرفولىيا ، تەيۋەندە شىشۇ ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا بولسا خەيباجى دەپ ئاتىلىدۇ . چۈنكى ئۇ گۇاڭدۇڭ ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدىغان دورا ئۆسۈملۈكى باجىتىيەن بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ئۆسۈملۈكتۇر . پولىنېسىيەلىكلەر گەرچە قەدىمدىن نونىنى دورا ئورنىدا ئىشلەتكەن بولسىمۇ ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن مىۋسىىنى يەنچىپ ، سىرتتىن چاپلاپ ياللۇغ قايتۇرغان ،ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مىۋسىنى يۈز خىل كېسەلگە شىپا قىلىدىغان ئىچملىك ئورنىدا ئىچمىگەن . جۇڭيى تىبابىتىدىمۇ باجىتىيەننىڭ يىلتىزى ، غولىنى دورا قىلغان ، مىۋسىنى ئىشلەتمىگەن . نونى خاسىيىتىنى پەيدا قىلغۇچى بىر ئامرىكىلىق ، ھازىرقى « تاختان نونى خەلقئارا شىركىتى» نىڭ باياناتچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى رالىف ھىنىسكى دوكتۇر . بۇ كىشى ئامىرىكا مىننېسوتا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ بىئو خىمىيە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن ، 1950-يىلدىن 1986-يىلغىچە گاۋايدا ئامىرىكا دۇل فۇد شىركىتى قاتارلىق ئاپىراتلاردا خىزمەتتە بولۇپ ، ئاناناس پروتېئىنازاسىنىڭ مېدىتسىنادىكى ئىشلىتىلىشىنى تەتقىق قىلىپ ، بىر نەچچە پارچە ئاناناس پروتېئىنازاسىغا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان . بىراق رالىفنىڭ نامىنى بازارغا سېلىپ ، نونى ئېلانىدا « ئاتاقلىق بىئو خىمىيە ئالىمى » دەپ مەدىيلىنىشگە سەۋەپ بولغىنى ئۇنىڭ 1985-يىلى ئىلمىيلىك دەرىجىسى يوق بىر باغۋەنچىلىك قەرەللىك ژورنىلى « تىنىچ ئوكيان ئىسسىق بەلباغ باغچا خەۋەرلىرى» دىكى بىر پارچە ھىچقانداق مەخسۇس پەن ئەسرىلىك قىممىتى بولمىغان « نونىنىڭ فارماكولوگىيىلىك ئاكتىپ تەركىبى » دىگەن ئاممىباپ ماقالىسى . رالىف بۇ ماقالىسىدا ئاناناس پروتېئىنازاسىنىڭ داۋالاش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ، يەنە بىر خىل يېڭى بايقالغان بىئو ئىشقارنىڭ ئارلىشىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان . رالىف بۇ خىل بىئو ئىشقارنى شىروئىن دەپ ئاتىغان ، ئۇ بىر خىل غەلىتە يىلىمسىمان ماددا ئىپتىدائى شىروئىندىن ئۆزگەرگەن بولۇپ ، بۇ ئۆزگىرىش جەريانى شىروئىن تەرپىدىن كونتۇرۇل قىلىنىدىكەن . رالىفنىڭ ئېيتىشىچە ، نونى مىۋە شەربىتىدە مول ئىپتىدائى شروئىن ۋە شىروئىن ساخرازاسى بولغاچقا ، يۇقىرى داۋالاش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، قان بېسىمى ، ئادەت ئاغرتىپ كىلىش ، بوغۇم ياللۇغى ، ئاشقازان يارىسى ، قايرىلىپ كىتىش ، زەخمىلىنىش ، خامۇشلۇق كېسىلى ، قېرىلىق يېتىش ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، ئارتېرىيە قېتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش ۋە باشقا ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىكەن . بۇنداق زور بايقاشنىڭ نىمىشقا بىئو خىمىيە ياكى مېدىتسىنا ساھەسىدىكى كەسپىي ژورنالدا ئىلان قىلىنماي ، ئادەتتىكى بىر باغۋەنچىلىك ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغانلىقىغا ھەيران قېلىشىمىز مۇمكىن . بىراق تۆۋەندىكى ئەمىلىيەت بىزنىڭ بۇنىڭدىكى سىرنى يىشىشمىزگە ياردەم قىلىدۇ : بىئو مېدىتسىنا مەخسۇس پەن ماقاللىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىزدىگىنمىزدە ، ھىچقانداق شىروئىن ، ئىپتىدائى شروئىن ۋە شىروئىن ساخرازاسىغا ئائىت مەخسۇس پەن ماقالىسىنى تاپالمايمىز . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇ خىل ئاجايىپ ماددا رالىفنىڭ ئوڭچە يالغۇز بايقىشى بولۇپ ، ئۇنىڭ نەتىجىسى باشقا ھىچقانداق تەتقىقاتچى تەرپىدىن قايتىلانمىغان ، ھەم ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغىمۇ ئىرىشمىگەن . رالىفمۇ ھىچقاچان بۇ خىل ماددىنىڭ خىمىيىلىك قۇرۇلما فورمۇلىسىنى ئېلان قىلىمىغان . ئېنىقكى ، رالىفنىڭ قىزىقىدىغىنى ئىلىم بولماستىن بەلكى سودا . ئۇنىڭ بۇ «بايقاشلىرى » نىڭ ھەممىسى پاتىنىت ھوقۇقىنى قوغداشنى ئىلتىماس قىلىپ ، بىر مەيدان نونى مىۋە شەربىتىنى سېتىش سودا دولقۇنىنى تىزلىكتە قوزغىغان ، ھەم ئاساسلىقى شاخلىتىپ سېتىش ۋە تور ئارقىلىق بىۋاستە سېتىش شەكلىنى قوللانغان . نۇنى ئەپسانىسىدىكى يەنە بىر دولقۇن قوزغۇغىچى مۇھىم شەخىس ئامىرىكىلىق مېدىتسىنا دوكتۇرى نىل سولومون . ئۇ 1993-يىلى ناتوغرا قىلمىشى تۈپەيلىدىن دوختۇرلۇق گۇۋانامىسى بىكار قىلىنغاندىن كىيىن ،ھەر خىل «ئۆزگىچە مېدىتسىنا» نىڭ تەرغىباتچىسى بولۇپ ، « خەلىقئارا نونى ئالاقە كومىتىتى» نىڭ ۋراچى بولدى . ئۇ يازغان « ئاجايىپ نونى» دىگەن كىتاپ نونى مىۋە شەربىتىنى ساتقۇچىلارنىڭ « ئېنجىل» ى بولۇپ قالدى . بىراق تا بۈگۈنگە قەدەر ھىچقانداق ئىشەنچىلىك ئىسپات نونى مىۋە شەربىتىنىڭ تۈرلۈك ئاجايىپ رولىنى قوللىمىدى . بەزى بەدەن سىرتىدىكى تەجىربىلەر نونى مىۋە شەربىتىنىڭ تەركىبىدە راك ھۆجەيرىللىرىنىڭ ئۆسىشىنى تىزگىنلەيدىغان پولى ساخارىدنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . گاۋاي ئۇنۋىرسىتىتى نونى مىۋە شەربىتىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولىنىڭ بار يوقلىقىنى كىلىنكىلىق تەجىربە قىلىۋاتىدۇ ، بۇ پەقەت ئەڭ دەسلەپكى بىرىنچى باسقۇچى تەجىربە ، تېخى نەتىجىسى چىقمىدى . نونى مىۋە شەربىتىدە باشقا مىۋىلەرگە ئوخشاش مول بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى خۇرۇچ بار بولۇپ ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى خۇرۇچنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولىنىڭ بارلىقى ئېنىقلىنىپ بولغان . شۇنداق بولسىمۇ ، نونى مىۋە شەربىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنىڭ ئاپېلىسىن شەربىتىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلايدىغان ئاساس يوق . نونى مىۋە شەربىتى تەركىبىدە كالىينىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچ ، تۆۋەن كالىيلىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئىھتىياجلىق بولغان بۆرەك كېسەللىكى بىمارلىرى نونى مىۋە شەربىتىنىڭ بۆرەك كېسىلىنى داۋالاش تەشۋىقاتىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەڭ ، ئەگەر قاندىكى كالىي مىقدارى ئېشىپ كەتسە ئېغىر بولغان يۈرەك كوندۇكسىيە ۋە تارىيىش نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەتتا ئۆلۈپ كىتىشىمۇ مۇمكىن . ئامرىكا پۇردو ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىللىرى بىر كېسەللىك مىسالىنى خەۋەر قىلغان : بىر نەپەر بۆرەك كسىلى بىمارى نونىنى داۋالاش مەخپى رىتىسىپى قىلىپ ئىستىمال قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قاندىكى كالىي يۇقۇرلاپ كەتكەن . ئامىرىكا يىمەكلىك –دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرى كۆپ قېتىم نونى مىۋە شەربىتىنى ساتقۇچى شىركەتلەرگە ئالاقە ئەۋەتىپ ئۇلارنى نونى مىۋە شەربىتىنىڭ كېسەل داۋالايدىغانلىق تەشۋىقاتىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان .1998-يىلى ئامىرىكىدىكى 4 شىتاتنىڭ تەپتىش باشلىقى نونى مىۋە شەربىتىنى ساتدىغان مورىنىدا شىركىتىنى ئەرىز قىلغان ، بۇ شىركەت نونى مىۋە شەربىتىنىڭ ساقلىق ساقلاش ، كېسەل داۋالاشقا ئالاقىدار تەشۋىقاتىنى توختۇتۇپ ، خىرىدارلارغا پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىش ، ھەم داۋا ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشقا قوشۇلغان . شۇ يىلى فىنلاندىيە دۆلەتلىك يىمەكلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستىمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە پۇلىنى قوغداش ئۈچۈن ، نونى مىۋە شەربىتىنىڭ چىگىردىن كىرشىنى ۋە سېتىلىشىنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلغان . نونىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى سودا داۋىرىڭىنى مەقسەت قىلغان ناچار ئالىم ۋە قانۇنسىز سودىگەرلەر تەرىپىدىن نىقاپ قىلىپ ئارتىلغان ، ئۇنى يىرتىپ تاشلاش كېرەك ، شۇنداقلا قانۇنسىز شاخلىتىپ سېتىشمۇ ئوخشاشلا قاتتىق چەكلىنىشى كېرەك . ئىزاھات : فاڭ جۇۋ زى ئامرىكا مىچگان شىتاتلىق ئۇنۋىرستنىڭ بىئو خىمىيە دوكتۇرى ، 2000-يىلى خەنزۇ يىزىقىدىكى بىرىنچى ئىلىم ساختىلىقىغا زەربە بىرىش تورىنى قۇرۇپ چىقىپ ، نەچچە ئونلىغان ئىلىم – پەن ساھەسى ، مائارىپ ساھەسى ، ئاخبارات ساھەسى قاتارلىقلاردىكى ئىلىم چىرىكلىكى ھادىسىللىرىنى پاش قىلغان . شىنخۇا ئاگىنتلىقى بۇ توغرىسىدا 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىككى پارچە تېلېگرامما ماقالە ئىلان قىلغان . توردىكى مەنبە : http://blog.sina.com.cn/s/blog_47406879010003n6.html http://tieba.baidu.com/f?kz=203268469 http://gb.cri.cn/9523/2006/05/16/782@1046207_1.htm

يەنە خەنزۇچە بەتلەردىكى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارمۇ بار :

http://news.qq.com/a/20060824/001515_1.htm



http://news.sina.com.cn/s/2006-07-11/12029429983s.shtml



http://news.sina.com.cn/s/2006-07-12/08529438737s.shtml



http://www.foodqs.cn/news/gnspzs01/200671319420.htm



http://www.ce.cn/cysc/sp/info/200607/19/t20060719_7794011.shtml



http://news.sohu.com/20060725/n244437461.shtml


erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 14:49:20

تىما ئىگىسى ؛ سىزنىڭ تىمىدا دىگىنىڭىز لىللا شىركىتى بازارغا سالغان نونى شەربىتىمۇ ؟ ناۋادا سىز تىمىدا دىگەندەكنى سىتىۋالماقچى بولساق ئادەتتىكى نونى ساتىدىغان ئورۇنلادىن سىتىۋالامدۇق ؟



بۇ ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرگە ماس كىلەمدۇ ؟



ئۆتكەندە مىنىڭ بىر تۇققىنىممۇ بىر جايدا مۇشۇ نونى شەربىتى نى ئىچىپ ئاشقازان ئۈچىيى ياخشىنىلىنىپ كەتكىنىنى سۆزلەپ بەرگەن ، بۇرۇن ئاشقازىنى ئاغرىدىكەنمىش ،نونى نى ئىچىپ ياخشىلىنىپ كىتىپتۇمىش ،شۇنداق دىگەنىدى .

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 12:18:26

جىددىيىكنى يوقتۇش، يۈرەك تېز سوقۇش، مەزىبىزى قاتارلىقلارغىمۇ ئۈنۈمى بارمىدۇ.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 16:58:14

0996 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 17:54:42

冰糖雪梨

ناۋات نەشپۈت شەربىتىگە قىزىقىپ باقساڭلار بولمامدۇ،

خام ماتىريالى كورلىدا جىق،

ئۇپكىنى ياشارتىپ يۇتەلنى ساقايتىدۇ. \"\"

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 19:10:10

مىنىڭمۇ مۇشۇ جىگىرىم ياخشى ئەمەس  يۇقۇمسىز بى تىپلىق جىگەر ياللۇغى كەن قانداق پايدا قىلارما ؟ نىمە پايدا قىلار ؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 19:45:40

ئانام ئۇزۇن مۇدددەت تاماقتىن پەرىز تۇتقانلقى سەۋەبمكىن ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلقى پەيدا بولۇپ يول مېڭشتا قىينلدىغان، باش قايدىغان، كۆڭلى ئېلشىدىغان ...دېگەندە ك بىر قاتار كېسەللەر كۆرۈلدى، شۇنىڭ بلەن تولا داۋرىڭنى ئاڭلىغان نونى ئىچملكدىن بىرنى ئېلپ بېرەي دەپ تونۇش بىلشلەردىن سۈرۈشتە قىلسام بەزىللىرى ئۈنمى ياخشى دەيدۇ، بەزىللىرى ساختىپەزكەن دەيدۇ.شۇنىڭ بلەن سەل ئىككىلنىپ قالغان ئىدىم...

ھەم نېملا بولسۇن ئىككى ئۈچيۈز كوينڭ بېشغا سۇ قويۇپ سىناپ باقمايمەنمۇ دەپ ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ناھيدىن ئىزدەپ تاپالمدىم....

ئەگەر بۇ تېما ئارقلىق ئىككلىنش تۈگەپ قالسا تاش ئادەم دىن سېتۋالدىغىنىم ئېنق...

تەرجىمە چاپلىغان ئنكاسلىق ماقالىنمۇ ئويلنىپ بېقشقا تېگشلىكتەك تۇرىدۇ...

قېنى باشقلارنىڭ ئىنكاسغا قاراپ باقاي...

shakira يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 20:39:44

ساتقۇچىلارمۇ.سېتىۋالغۇچىلارمۇ ئالدانماڭلار.ساتقۇچىلاردىن رەنجىمەيمەن.ئۇلارمۇ ئالدانغۇچىلار.

shakira يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 20:47:50

1998-يىلىلا ئامېرىكىدا سوتقا تارتىلىپ،خىرىدارلارغا پۇلنى قايتۇرۇپ،كۆپتۈرمە ئېلان بەرمەس بولغان.جۇڭگۇدا يۇچۇق جېق بولغاندىكىن.ھەي بولدىلا،جېق گەپ قىلماي.

بۇنىڭدىن غۇلجىنىڭ ئالمىسى،تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى،كورلىنىڭ نەشپۈتى،خوتەننىڭ ياڭىقى،يەكەننىڭ بادىمى،ئاقسۇنىڭ كاۋىسى ياخشى. \"\"

shakira يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 21:11:48

ئېنگىلىسىچە تور بەتتە ئىممۇنېت كۈچىنى كۆتۈرۈپ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ دىگەندىن باشقا ئارتۇق گەپ يوق ئىكەن.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 21:21:29

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 21:26:18

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 21:28:24

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 21:34:29

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 21:52:43

10- قەۋەتتىكى shakiraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېنگىلىسىچە تور بەتتە ئىممۇنېت كۈچىنى كۆتۈرۈپ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ دىگەندىن باشقا ئارتۇق گەپ يوق ئىكەن.



شۇنىچلىك بولسا يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟!

shakira يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 22:03:36

15- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى shakiraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېنگىلىسىچە تور بەتتە ئىممۇنېت كۈچىنى كۆتۈرۈپ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ دىگەندىن باشقا ئارتۇق گەپ يوق ئىكەن.



شۇنىچلىك بولسا يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟!

ھەر كۈنى بانان يەپ بەرسىڭىز،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،قەۋىزيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.



ھەر كۈنى ئۇماچ ئىچىپ بەرسىڭىز،قاندىكى ماينى چۈشۈرۈپ،قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ،ساغلاملىقنى ئىلگىىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.



ھەر كۈنى سۈت ئىچىپ بەرسىڭىز،كالتىسىي تولۇقلاپ،ئۇيقۇنى ياخشىلاپ،ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.



ھەر كۈنى مايمۇن شاپتۇلى يەپ بەرسىڭىز،ۋېتامىن س تولۇقلاپ،ئىممونىت كۈچىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.



ھەر كۈنى ئىشقا پىيادە ياكى ۋېلىسپىتتا بارسىڭىز،قان ئايلىنىشىڭىز راۋانلىشىپ،يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىڭىز ياخشىلىنىپ،ساغلاملىقىڭىز تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،ئۆمرىڭىز تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ.


...



بۇ فورمىلا ھەممىگە چۈشىدۇ.

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 22:11:46

ئۆلچىمى بويىچە ئىچىپ بەرسە ھەقىقەتەن ئۈنىمى بولىدىكەن، لېكىن تۈرى كۆپ ئىكەن، چوقۇم ھەقىقىي نونى شەربىتى سېتىۋېلىش كېرەك.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 22:37:16

16- قەۋەتتىكى shakiraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى shakiraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېنگىلىسىچە تور بەتتە ئىممۇنېت كۈچىنى كۆتۈرۈپ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ دىگەندىن باشقا ئارتۇق گەپ يوق ئىكەن.



شۇنىچلىك بولسا يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟!

ھەر كۈنى بانان يەپ بەرسىڭىز،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،قەۋىزيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.



ھەر كۈنى ئۇماچ ئىچىپ بەرسىڭىز،قاندىكى ماينى چۈشۈرۈپ،قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ،ساغلاملىقنى ئىلگىىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.



ھەر كۈنى سۈت ئىچىپ بەرسىڭىز،كالتىسىي تولۇقلاپ،ئۇيقۇنى ياخشىلاپ،ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.



ھەر كۈنى مايمۇن شاپتۇلى يەپ بەرسىڭىز،ۋېتامىن س تولۇقلاپ،ئىممونىت كۈچىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.



ھەر كۈنى ئىشقا پىيادە ياكى ۋېلىسپىتتا بارسىڭىز،قان ئايلىنىشىڭىز راۋانلىشىپ،يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىڭىز ياخشىلىنىپ،ساغلاملىقىڭىز تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،ئۆمرىڭىز تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ.


...



بۇ فورمىلا ھەممىگە چۈشىدۇ.





、ئەمسە سىز كەلگۈسىدىكى ئۆمۈر چولپىنى بولغۇدەكسىز!

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 01:07:23

ھەرقانداق مېۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىسىز ئۆستۈرۈلسە، مۇئەييەن شىپالىق رولى بار. ئاۋۇ نونىمۇ شۇنداق، ئىچسە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىكەن.


ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋۇ فاڭجوۋزى دېگەنمۇ مەخسۇس باشقىلاردىن قۇسۇر چىقىرىدىغانلا گۇي. ئۇنىڭ تەنقىدلىرىدە باشقىلارنىڭ سەلبىي ياكى ئاجىز تەرەپلىرىلا كۆرسىتىلىپ، ئىجابىي ياكى كۈچلۈك تەرەپلىرى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ سۆزى بويىچىلا بىر نەرسىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.

بەت: [1] 2 3
: شىپالىق مېۋە نونى ھەققىدە پاراڭ