habibullayaghma يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 21:36:36

چايچىلىق كەسپىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن خۇش خەۋەر!!!

شىنجاڭ يادىكار چايچىلىقى ،شىنجاڭ ئەجرىم بىئو پەن -تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۇيغۇر چايخانىچىلىقىدا چاي تەڭشەش ئۇستىلىرىنىڭ كەم بولۇشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك چاي باھالىغۇچى ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىگىدە چايخانا  كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن كەسپى چايچى تەربىيەلەيدۇ!


تەربىيەلەش شەكلى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ھەر خىل چايلارنى دەملەش ،تەڭشەش،چايلارنى ئايرىش ،پەرقلەندۈرۈش،ۋە چايغا ھەر خىل دورا دە رمەكلەرنى تەڭشەپ چايلىق تەييارلاش ۋە دەملەش.ھەمدە ھەر خىل مېۋە تەملىك چايلارنى تەييارلاش ،چاي ۋە چايخانا مۇھىتىغا ئاساسەن ھەر خىل چايغا ئۆزىگە خاس چەينەك چۆگۈنلەرنى ماسلاستۇرۇش قاتارلىقلار !!!


پۈتۈن دەرس جەريانىدا 30 خىلدىن ئارتۇق چاي دەملەش ۋە تەڭشەش ئۇسۇلى ئۆگىتىلىدۇ!


بۇندىن باشقا ھەر خىل قەھۋەلەرنى دەملەش پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ئۆگىتىلىدۇ!


دەرس ۋاقتى ھەپتىدە ئۈچ سائەت .ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ دەرس ئۆتۈلىدۇ!ھەر قېتىمدا پەقەت 5 نەپەر ئۆگەنگۈچى قوبۇل قىلىندۇ!ھەر بىر ئۆگەنگۈچىگە بىردىن ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى ماتېريالى بېرىلىدۇ!


بۇندىن باشقا ھەر قايسى چايخانا كەسپى شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈنمۇ كەسپى چايچى تەربىيەلەپ بېرىدۇ!


قويۇلىدىغان تەلەپ  پۇراش سەزگۈسى،ۋە كۆرۈش سەزگۈسى  ساغلام بولۇشى كېرەك!!!


سىرتتىن كەلگۈچىلەر بولسا ياتاق تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.


تەربىيەلىنىش ھەققى 2000يۇەن


ئالاقىلىشىش تېل نومېرى:13999981382



function يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 10:26:49

چايچى

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 10:45:20

مىنڭ ئىككى ئۇيغۇر باشلىقىم دېگەن تېما يوقاپ كىتىپتا بىردەمدە.....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 11:10:26

پارىژ باھارى، ئەتىيازدىكى سۆيگۈ شامىلى، ۋېسال دەقىقىلىرى دېگەندەك ئىسمىدىن ئۆتە تەمى xxx مەن ياقتۇرمىغان چايلار يوقتۇ ئاۋۇ 30 خىل چاينىڭ ئىچىدە؟ چايلارنىڭ ئىسىملىرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار، كۆرۈپ بىقىپ مەن دەملەشنى بىلمەيدىغان چايلار بولسا مەن قاتنىشىپ قوياتتىم ھەپتىدە 3 سائەت ۋاقىت چىقىرىپ.

aypaltam يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 11:45:23

بولىدىغان ئىشكەنتۇق،

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 11:57:41

ۋاقتى، ئورنى، تەربىيەلەش مۇددىتى دېگەنلەرنى دەۋەتكەن بولسا.

maQak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 20:38:26

ئىنىق تەپسىلاتىنى دۋەتمەيلىما ؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 22:17:59

كەسپي چايچلىق بلەن شۇغۇللىندىغانلارغا بولدىكەن...بىر چەينەك چاي دەملەپ قويۇپ 40-50 سومنى موككىدەك سوقىدۇ...

ئەمما مەندەك ئائىلدە چاي دەملەپ ئىچىدىغانلارغا بەك جىققكەن...10 خىلنى ئۆگنىۋالسام بولتى...يا ما birzat@ دېگەن ئەدەم كۇرۇس ئاچسا ئۆگندىغان ئىشمىكى....

@birzat ئاكا سىلدىن 170 كويغا چاي ئالسام دەملەشنى دەپ بىرەيمۇ دېمدىلا جۇمۇسلا... \"\"

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 16:57:41

@birzat ھەكىم ماۋۇ يەر بىلەن سىلە خوشنا ۋاقتىلىرى چىقسا قاتنىشىپ قويسىلا ھەرگىز پۇشمان قىلمايلا

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 16:57:45

@birzat ھەكىم ماۋۇ يەر بىلەن سىلە خوشنا ۋاقتىلىرى چىقسا قاتنىشىپ قويسىلا ھەرگىز پۇشمان قىلمايلا

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 18:38:24

9- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@birzat ھەكىم ماۋۇ يەر بىلەن سىلە خوشنا ۋاقتىلىرى چىقسا قاتنىشىپ قويسىلا ھەرگىز پۇشمان قىلمايلا



مەن بىلەن قوشنا قەيەر بۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 19:24:14

10- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@birzat ھەكىم ماۋۇ يەر بىلەن سىلە خوشنا ۋاقتىلىرى چىقسا قاتنىشىپ قويسىلا ھەرگىز پۇشمان قىلمايلا



مەن بىلەن قوشنا قەيەر بۇ؟



ھېتيگاھ جامەسى ئوخشىمامدا\"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-23 20:20:45

10- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@birzat ھەكىم ماۋۇ يەر بىلەن سىلە خوشنا ۋاقتىلىرى چىقسا قاتنىشىپ قويسىلا ھەرگىز پۇشمان قىلمايلا



مەن بىلەن قوشنا قەيەر بۇ؟





              مەدەنىيەت يولى ئەمەستۇ   




OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-24 10:57:09

@birzat ئۈرۈمچىدىكى دۇكانلىرى بىلەن قوشنا دىمەكچى ئىدىم .
بەت: [1]
: چايچىلىق كەسپىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن خۇش خەۋەر!!!