arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 19:23:34

ئىزدىنىشنى ياقتۇرۇپ قالدىم

       ئىزدىنىشتە تېما ماراپ يۈرگىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ ، مەنمۇ يېزىپ باقمايمەنمۇ دىگەن ئوي بىلەن خەت بېسىپ ئولتۇرۇپتىمەن . تۈنۈگۈن قىلغىلى ئىش تاپالماي ، كۆرۈپ بولغان كېنولارنى قايتا كۆرەي دەپ ، قاتتىق دېسكىنى ئاختۇرسام نىكولاس كەيىج رول ئالغان ئالۋاستى چەۋەنداز دىگەن كېنونىڭ بىرنچى بۆلىمى ئۇچىراپ قالدى . كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بەزى يەرلىرىنىڭ تازا ياخشى تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . بەلكىم يومشاق دېتال بىلەن تەرجىمە قىلىپ ئاندىن تەھرىرلىگەنمۇ ، ئىشقىلىپ تەرجىمە تازا راۋان ئەمەس . خاتا يېرىنى تۈزەپ قوياي دەپ ، تەرجىمە ھۆججىتىنى ئېچىپ ، تۇيۇقسىزلا بېۋاستە ئۇيغۇرچە يازسام تونىيالارمۇ دىگەن ئوي بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىپ سىناپ باقسام چىقىدىكەن .مۇشۇ تەجىربەمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى . بىلمىگەنلەر بىلىۋالار ، بىلىدىغانلار سىلەرمۇ ئۆزەڭلارنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار ، كۆپچىلىك بىللە بەھرىمەن بولساق .


      1080P يۇقۇرى ئىنىقلىتىكى MKV فىلىم ھۆججىتى , بۇ ھوججەت سىن ئۇچۇرى ، ئاۋاز ئۇچۇرى ، تېكىسىت يېزىق ئۇچۇرى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . يەنى بۇ 3 خىل ئۇچۇرئايرىم -ئايرىم ھالەتتە MKV شەكلىدىكى بىر ھۆججەتنىڭ ئىچىدە ساقلىنىدۇ ، بۇ بىزگە قانداق قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ ؟


   1. فىلىمگە ئاۋاز بېرىش قولايلىق ، كىرشتۈرمە ئاۋاز بىلەن ئارتىسلارنىڭ ئاۋازى ئايرىۋېتىلگەن بولغاچقا ، فىلىمگە ئاۋاز بېرىپ بولغاندىن كىيىن ، ئارتىس گەپ قىلسا ، ئارقا كۆرۈنۈش ، قىستۇرما ئاۋازلار يوقاپ كېتىدىغان ئىشلاردىن خالى بولغىلى بولىدۇ . بۇرۇنلاردا مودا بولغان KaraOK غائوخشاش ، مۇزىكا چىقىۋېرىدۇ ، بىز ناخشىمىزنى ئېيتىۋېرىمىز .


    2. بۇ خىل ھۆججەتكە ئۇيغۇرچە خەت كىرىشتۈرۈش قولايلىق . تېكىست يېزىق ھۆججىتى ئايرىم بولغاچقا تەرجىمىگە ھەم قىستۇرۇشقا قولايلىق.


         كۆپ كاپىلداپ كەتتىم، ئەمەلى ئىشقا كېلەيلى .يېزىق ھۆججىتى فىلىمغا قىستۇرۇلمىغان ھالەت ، يەنى كېنو ئىككى ھۆججەتتىن تەركىب تاپىدۇ ، كېڭەيتىلمە نامى MKV بولغان xxxxx.mkv دىگەن ھۆججەت بىلەن كېڭەيتىلمە نامى srt بولغان xxxxx.srt دىگەن ئىككى ھۆججەت . بىز بېۋاستە مۇشۇ srt ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىسەكلا بولىدۇ . تۆۋەندە srt ھۆججىتىدىن بىر بۆلەك ئۆلگە يوللىدىم .



0

00:00:00,000 --> 00:00:20,000

ئارىسلان مەمەت تەرجىمە قىلدى ، ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز

تۆۋەندىكى ئادرىس بىلەن ئالاقىلىشىڭ

Email:uchqun@sina.com




1

00:00:55,288 --> 00:00:58,587

غەربىي يۇرتتانۇرغۇن رېۋايەتلەر تارقىلىپ يۈرىدۇ


2

00:00:58,791 --> 00:01:02,557

رېۋايەتلەر ، بىزگە غايىباتلارنى چۈشىنىشتە ھەمدەم بولىدۇ


3

00:01:02,762 --> 00:01:05,595

ياكى قۇرقونچىلىق ئىشلارنى بىزگە يەتكۈزىدۇ


4

00:01:06,599 --> 00:01:10,194

بۇ بولسا ئالۋاستى چەۋەندازنىڭ رېۋايىتى



557

00:59:12,841 --> 00:59:13,967

这不列入记录,队长

Off the record, captain.


558

00:59:17,679 --> 00:59:19,340

不列入记录?

Off the record?


559

00:59:19,647 --> 00:59:20,614

退开

Off the record?


560

00:59:26,087 --> 00:59:28,521

战警是恶魔的赏金猎人

The Rider is the devil"s bounty hunter.


561

00:59:30,391 --> 00:59:33,792

派来猎捕逃离地狱的恶鬼

Sent to hunt down anyone

that escapes from hell.


562

00:59:34,629 --> 00:59:36,824

帮我消毒

Sterilize that for me.


563

00:59:37,298 --> 00:59:38,856

消毒?

Sterilize.


564

00:59:44,472 --> 00:59:46,235

放进热水里消毒

In the boiling water.


565

00:59:46,975 --> 00:59:48,442

是啊,好

Right. Okay.


566

00:59:49,811 --> 00:59:51,779

我有点困惑

Little confused.



             ناۋادا يېزىق ھۆججىتى فىلىمگە قىستۇرۋېتىلگەن بولسا قانداق قىلىمىز ؟ بۇ ئەھۋالدا بىز مۇناسىپ ئەپكە مۇھتاج بولىمىز ، MKVToolNix بۇ ئەپ بىزنى قولايلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ . MKVExtractGUI2.exe قورالى MKV ھۆججىتىنى پارچىلاش رولىنى ئۆتەيدۇ ، بۇ قورال ئارقىلىقكېنو ھۆججىتى ئىچىدىكى بىزگە لازىملىق بولغان ئاۋاز ۋە يېزىق ھۆججەتلىرىنى يېشىپ چىقىرۋالىمىز . بىز داۋاملىق ئىشلىتىدىغان ئەپ winrar نىڭ يېشىش ئىقتىدارىغا ئوخشايدۇ . يېزىق ھۆججىتىنى تەرجىمە ، تەھرىر قىلىپ بولغاندىن كىيىن mkvmerge.exe قورالى بىلەن قايتا ھۆججەت ئىچىگە قىستۇرۇپ قويساقلا بولىدۇ .



ئەسكەرتمە : 1.يېزىق ھۆججىتى بىلەن كېنو ھۆججىتىنىڭ ئىسمى چوقۇم ئوخشاش بولىشى كېرەك ، ئوخشىماي قالسا ، يېزقنى كۆرسىتەلمەيدۇ .2 . MKVToolNix بۇ ئەپنىڭ تېلى ئېنگىلىزچە ، خەنچە نۇسخىسىمۇ باردەك قىلغان . گوگىللاپ توردىن چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ . تېما تەستىقلانسا ، مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بىلەن ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللايمەن . 3. ئېزدىنىشنىڭ پېروگىراممىسىنى زادى يېڭىلىمىساڭلار بولمايدىغان يەرگە كەپتۇ . رەسىم يوللاش ئۈچۈن بەك كۆپ جەۋر-جاپالارنى تارتىدىكەنمىز.

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 20:28:28

ئىزدىنىشنى ياقتۇرۇپ قالدىم دەپ يۈرمەي دېسىڭىزمۇ بولىۋىرەتتى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 21:29:58

رەھمەت، مەن سىناپ باقاي..

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 22:25:21

MKV فىلىملىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ناھايىتىمۇ سۈزۈك

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 22:28:16

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ، MKV ھۆججىتىنى پىرسلاش ۋە يېشىش قورالىنىڭ ئىجرا ھالىتى


\"\"\"\"


arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 22:37:44

ناۋادا كومپىيوتىرىڭلاردا mkv شەكلىدىكى كېنو - فىلىم بار بولسا ، بېۋاستىلا srt ھۆججىتىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلساڭلار بولىدۇ . Ghost Riderدىگەن بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ قويىۋىدىم ، خوتۇنۇم بەكلا ماختاپ كەتتى ، خۇددى مەن تاغنى تالقان قىلىۋەتكەندەك . تۈنۈگۈن يېرىم كۈن ، بۈگۈن يېرىم كۈندە 40 نەچچە مىنوتلۇق تەرجىمە قىپتىمەن . بىكار چاغلاردا تەرجىمە قىلىپ قويساق بولغىدەك . باپكار ئۇستامنىڭ كېنو بېكىتىدە مۇشۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان srt ھۆججىتىنى قوبۇل قىلىدىغان ، يۇكلەشكە بولىدىغان يەر بولسا ، بۇمۇ بىر ساۋابلىق ئىش ئىكەن ، گەرچە ئامېرىكا كېنولىرى بىلەن باشقىلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۋەتسەكمۇ{:92:}   {:92:}   {:92:}

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 22:39:46

1- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشنى ياقتۇرۇپ قالدىم دەپ يۈرمەي دېسىڭىزمۇ بولىۋىرەتتى.



جۇڭگۇچىلىق ، خوشامەت قىلسام تىزرەك تەستىقلامدىكىن دەپ\"\" راسىت دىگەندەك بىر سائەتتىلا تەستىقلاندى مانا !

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 23:35:20

بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز گەپلەركەنغۇ. \"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 08:07:58

پارچىلاش بۇ ياخشى گەپكەن، rmvb نىڭ يېزىق ھۆججىتىنىمۇ چىقىرىۋالغىلى بولامدۇ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 08:23:26

توختاڭە، سىز دېمەكچى ئادەتتىكى فىلىملەردىن ئۈننى ئىككىگە پارچىلاپ ئالغىلى بولىدۇ، بىرى ئادەملەرنىڭ دىئالوگى، يەنەبىرى شارائىتنىڭ ئاۋازى دېمەكچىما؟ سىز شۇنداق ھۆججەتنى ئۇچرىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ بولسا ئاشۇنداق ھۆججەتدىن بىرنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.

بۇرۇن ئۆلچەملىك D9 لاردا ئاشۇنداق مەزمۇنلار بار دەپ ئاڭلىغان، لېكىن كۆرۈپ باقمىدىم.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 10:42:23

نورمال 1080P لىق MKV ھۆججەتنىڭ سېغىمى 2G غا يېقىنلىشىدۇ ، بۇنچىلىك چوڭ ھۆججەتنىڭ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك ئارتۇقچىلىقلىرى بولمامتىكى ...



لېكىن سىز دىگەندەك ، ئادەملەرنىڭ دىئالوگى ، تەگلىك ئاۋازنىڭ ئايرىم چىقىدىغىنىنى ئۇخمايدىكەنمەن ، ئۇنداق بوپ قالسا ، خەتلىكىنى تەرجىمە قىلماي ، ئاۋاز بىرىۋەتسەكلە ئىش پۈتمەمدۇ ... \"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 13:55:30

8- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پارچىلاش بۇ ياخشى گەپكەن، rmvb نىڭ يېزىق ھۆججىتىنىمۇ چىقىرىۋالغىلى بولامدۇ؟



تۈنۈگۈن بۇ تېمىنى يوللاپ بۇلۇپ كۆرۈپ باقتىم ، گوگۇللاپ ئىزلىسەم ساماندەك كۆپ ئىكەن .ناۋادا يېزىق فىلىمگە پىرىسلاپ كىرگۈزىۋېتىلگەن بولسا ، ocr تېخنىكىسى قوللۇنىلغان ئەپلەر بىلەن چىقىرۋالغىلى بولىدىكەن ، بۇ تېلفوننىڭ قول بىلەن خەت يېزىش ئىقتىدارىغا ئوخشاپ قالىدۇ . بەزىلىرىدە بېۋاستىلا مۇناسىۋەتلىك ئەپلەر بىلەن ئايرىپ چىقىرۋالساق بولىدىكەن . يېزىق ھۆججىتى srt , sub, aas دىگەندەك بىر قانچە شەكىلدە بولىدىكەن ، بۇلارنى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئەپلەر بىلەن بىر - بىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن .



گوگۇلدىن خەنچە 字幕文件ئېنگىلىزچە subtitleدىگەن ئاچقۇچلۇق سۆزلەر بىلەن ئىزلەپ باقسىڭىز بولىدۇ .


بۇنىڭدىن باشقا يەنە كېنولارنىڭ ئېنگىلىزچە ، گېرمانچە ، ياپۇنچە ، روسچە ، خەنچە دىگەندەك كۆپ خىل تىللاردىكى يېزىق ھۆججەتلىرىنى بېۋاستە چۈشۈرۋالغىلى بولىدىكەن . بۇنداق تور بېكەتلىرىمۇ خېلى كۆپ ئۇچىردى .بىزنىڭ تەرجىمە گورۇپپىسى قۇرغان تورداشلىرىمىز بەلكىم تېخىمۇ ئىنىق بىلەمدىكىن .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 14:03:21

9- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توختاڭە، سىز دېمەكچى ئادەتتىكى فىلىملەردىن ئۈننى ئىككىگە پارچىلاپ ئالغىلى بولىدۇ، بىرى ئادەملەرنىڭ دىئالوگى، يەنەبىرى شارائىتنىڭ ئاۋازى دېمەكچىما؟ سىز شۇنداق ھۆججەتنى ئۇچرىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ بولسا ئاشۇنداق ھۆججەتدىن بىرنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.

بۇرۇن ئۆلچەملىك D9 لاردا ئاشۇنداق مەزمۇنلار بار دەپ ئاڭلىغان، لېكىن كۆرۈپ باقمىدىم.



ھەممە فىلىمدىن ئەمەس ، مەن مۇشۇ تېمىدا مىسال ئالغان ھۆججەتتىن شۇنداق قىلىغىلى بولىدىكەن . مەن ئىنكاس شەكلىدە يوللغان رەسىمگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ .بۇ توغرىلىق مەن كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيمەن . mkv ھۆججەتلىرىنى قويسام ئاۋازى بەك تۆۋەن چىقىۋېلىپ ، توردىن ئىزلەپئۇچراپ قالدى . ھەل قىلىش چارىسى تېمىدا تىلغا ئالغان پارچىلاش قورالى بىلەن ئاۋاز ھۆججىتىنى يېشىپ چىقىرىپ ، ئاندىن ئاۋاز تەھرىرلەش قورالى بىلەن ئاۋازنى چوڭايتقاندىن كىيىن ، يەنە قايتا قىستۇرۇپ قويساق بولىدىكەن. مۇشۇ جەرياندا ئادەملەرنىڭ دىئالوگى بىلەن شارائىت ئاۋازى ( ئارقا كۆرۈنۈش ئاۋازلار ) نىڭ ئايرىم بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم . ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەپ سېناپ باقسىڭىز بولىدۇ .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 14:08:39

10- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نورمال 1080P لىق MKV ھۆججەتنىڭ سېغىمى 2G غا يېقىنلىشىدۇ ، بۇنچىلىك چوڭ ھۆججەتنىڭ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك ئارتۇقچىلىقلىرى بولمامتىكى ...



لېكىن سىز دىگەندەك ، ئادەملەرنىڭ دىئالوگى ، تەگلىك ئاۋازنىڭ ئايرىم چىقىدىغىنىنى ئۇخمايدىكەنمەن ، ئۇنداق بوپ قالسا ، خەتلىكىنى تەرجىمە قىلماي ، ئاۋاز بىرىۋەتسەكلە ئىش پۈتمەمدۇ ... \"\"



مەن ساقلىۋالغان MKV ھۆججەتلىرى ئاساسەن دىگۈدەك 5G دىن يۇقۇرى ، ئەڭ چوڭى 19Gكېلەتتى . تۈنۈگۈن توردا مۇشۇ ھۆججەت توغرىلىق بىلىم ئاشۇردىم \"\" مەن مىسال ئالغان فىلىمدە ئادەملەرنىڭ دىئالوگى ، تەگلىك ئاۋاز ئايرىم - ئايرىم ئىكەن . 6.5G كېلىدۇ . يوللاپ بېرىشكە ئەپسىز ئىكەن ، گوگۇللاپ ئىزلەپ باقسىڭىز تاپالىشىڭىز مۇمكىن .

lastsmile يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 14:27:57

يېزىق ھۈجىجىتىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن، پىرىسلاپ چىقارغان چاغدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى نورمال كۆرۈنمەيدىكەن، بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز ئۇستازلار؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 14:54:05

مەن سىزنى خاتا كۆرۈپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىسام، راست شۇنداقكەن دەيسىز. ئاۋۇ رەسىمدىكى ئۇچۇر ئادەتتە كۆپ ئاۋازلىق دېيىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئىلىمىزگە كىرگەن فىلىملار(كىنوخانىدا قويۇلغان) ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىدۇ. بەزىدە ئوخشاش بىر فىلىمنى 上译 北影 cctv دېگەندەك بىرقانچە ئىدارە ئورگانلارمۇ تەرجىمە قىلىپ dvd لىرىنى تارقىتىدۇ. بۇ تەرجىمە ھۆججەت سىلە بىزلىگە ئوخشاش كىنوخۇمارلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ۋاقىتلىرىنى تەڭشەپ، كام يەرلىرىنى مونتاژلاپ دېگەندەك بىر قاتار جاپالارنى چېكىپ، DB دىن پىرىسلانغان MKV غا قايتىدىن بوغچىلاپ تارقىتىدۇ. مەن خىيالىمدا DTS دېگىنى ئەسلى ئېنگلىزچە ئاۋاز، AC3 دېگىنى خەنزۇچە تەرجىمىسىمىكىن دەپ ئويلىدىم.

خاپا بولماي ئاشۇ ھۆججەتنى چۈشۈرگەن ئوروننى دەپ بەرسىڭىز، ئۆزەم كۆرۈۋالسام بولاتتىم، بۇنىڭغا بەك قىزىقىپ قالدىم.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 17:29:53


14- قەۋەتتىكى lastsmileنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېزىق ھۈجىجىتىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن، پىرىسلاپ چىقارغان چاغدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى نورمال كۆرۈنمەيدىكەن، بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز ئۇستازلار؟



مەشغۇلات سېستىمىڭىز ۋىندوۋس xp بولسا vistacodecs دەپ بىر دېتالنى ،ۋىندوۋس7 بولسا win7codecs دېگەن دېتالنى قاچىلىسىڭىز ،vobsub دېگەن دېگەن قىستۇرمىنى قوشۇپ قاچىلايدۇ،پىرىسلاشنىڭ ئالدىدا قوندۇرما تەخسىگە قارىسىڭىز vobsubنىڭ بەلگىسى كۆرۈنىدۇ،ئۇنى ئېچىپ،خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا تاللپ قويۇپ،پىرىسلاش دېتاللىرى بىلەن پىرىسلاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.


arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 18:47:22

15- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن سىزنى خاتا كۆرۈپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىسام، راست شۇنداقكەن دەيسىز. ئاۋۇ رەسىمدىكى ئۇچۇر ئادەتتە كۆپ ئاۋازلىق دېيىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئىلىمىزگە كىرگەن فىلىملار(كىنوخانىدا قويۇلغان) ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىدۇ. بەزىدە ئوخشاش بىر فىلىمنى 上译 北影 cctv دېگەندەك بىرقانچە ئىدارە ئورگانلارمۇ تەرجىمە قىلىپ dvd لىرىنى تارقىتىدۇ. بۇ تەرجىمە ھۆججەت سىلە بىزلىگە ئوخشاش كىنوخۇمارلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ۋاقىتلىرىنى تەڭشەپ، كام يەرلىرىنى مونتاژلاپ دېگەندەك بىر قاتار جاپالارنى چېكىپ، DB دىن پىرىسلانغان MKV غا قايتىدىن بوغچىلاپ تارقىتىدۇ. مەن خىيالىمدا DTS دېگىنى ئەسلى ئېنگلىزچە ئاۋاز، AC3 دېگىنى خەنزۇچە تەرجىمىسىمىكىن دەپ ئويلىدىم.

خاپا بولماي ئاشۇ ھۆججەتنى چۈشۈرگەن ئوروننى دەپ بەرسىڭىز، ئۆزەم كۆرۈۋالسام بولاتتىم، بۇنىڭغا بەك قىزىقىپ قالدىم.

مەن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇنلىنىپ باقمىغاچقا تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن ، ئۆزۈم ھىس قىلغانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي .


DTS ھۆججىتى سىز دىگەندەك ئەسلى ئېنگىلىزچە ئاۋازى ، AC3 ھۆججىتىنى مەن تۈنۈگۈن سىناپ باققان خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىكەن . ئەسلى ئاۋاز ھۆججىتى DTS 5.1 ئاۋاز يوللۇق ئىكەن .توردا بۇ ھۆججەتتىكى دىئالۇگ ئاۋزى بىلەن تەگلىك ئاۋازنى CoolEdit Pro قاتارلىق ئاۋاز تەھرىرلەش ئەپلىرى بىلەن ئاجىراتقىلى بولىدۇ دەپ يېزىلىپتۇ . ئۆزۈم ئاجرىتىپ سىناپ باقمىدىم . بۇ ئىككى ئاۋاز نىمە ئۈچۈن ئايرىم دەپ جەزىم قىلىسەن دەپ سورىسىڭىز ، MKV ھۆججەتنىڭ ئاۋازى تۆۋەن بولغاچقا ، كومپىيوتىر ئاۋاز كونتىروللىغۇچىنى ئۆزگەرتىپ باققان . شۇنىڭ بىلەن دىئالوگ ئاۋازى يوقاپ كەتتى .

windows7简体中文版


状态栏点击喇叭图像打开


扬声器属性面板


增强选项卡


禁用所有声音效果دىگەننى تاللىمىسام ، شۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلدى . توردا ئىزلەپ يۇقۇردا دىگەن ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم . بۇ كېنو ھۆججەتلىرىنى باشقىلاردىن كۆچىرۋالغان كۆچمە دېسكا بىلەن . يۇقۇرقى ئۇچۇرلارنىڭ سىز ئۈچۈن ياردىمى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .

lastsmile يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 19:07:29

@newstar نېمە ئۇ قوندۇرمد تەخسە دېگەن؟ \"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-12-21 20:32:54

15- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن سىزنى خاتا كۆرۈپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىسام، راست شۇنداقكەن دەيسىز. ئاۋۇ رەسىمدىكى ئۇچۇر ئادەتتە كۆپ ئاۋازلىق دېيىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئىلىمىزگە كىرگەن فىلىملار(كىنوخانىدا قويۇلغان) ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىدۇ. بەزىدە ئوخشاش بىر فىلىمنى 上译 北影 cctv دېگەندەك بىرقانچە ئىدارە ئورگانلارمۇ تەرجىمە قىلىپ dvd لىرىنى تارقىتىدۇ. بۇ تەرجىمە ھۆججەت سىلە بىزلىگە ئوخشاش كىنوخۇمارلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ۋاقىتلىرىنى تەڭشەپ، كام يەرلىرىنى مونتاژلاپ دېگەندەك بىر قاتار جاپالارنى چېكىپ، DB دىن پىرىسلانغان MKV غا قايتىدىن بوغچىلاپ تارقىتىدۇ. مەن خىيالىمدا DTS دېگىنى ئەسلى ئېنگلىزچە ئاۋاز، AC3 دېگىنى خەنزۇچە تەرجىمىسىمىكىن دەپ ئويلىدىم.

خاپا بولماي ئاشۇ ھۆججەتنى چۈشۈرگەن ئوروننى دەپ بەرسىڭىز، ئۆزەم كۆرۈۋالسام بولاتتىم، بۇنىڭغا بەك قىزىقىپ قالدىم.

ئاداش بۇنى مەن بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان، شىنجاڭ 13 -قانىلىدا بۇرۇن بەك چەتئەل كىنولىرىنى كۆپ بېرەتتى، شۇلارنىڭ ئاۋازىنى كىرىشتۈرىدىغان ئاغىنەم ماڭا \"كوچىدىن بىر دەينى ئەكىرىپ، ئاۋازىنى نەچچە قەۋەت قىلىپ سۈزۈۋالىمىز، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى دىئالوگ بولىدۇ، شۇنى ئۇيغۇرچە بىلەن ئالماشتۇرىمىز\" دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان.


لېكىن كوچىدىن ئالغان ئۇيغۇرچە دەيلەرنى قويساڭ، ئادەم گەپ قىلغاندا باشقا ئاۋازلار توختاپ قالىدۇ.

بەت: [1] 2
: ئىزدىنىشنى ياقتۇرۇپ قالدىم