shaylan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 10:40:08

مىسۋاك توغرىسىداپاراڭلىشىپ باقمامدۇق؟

مىسۋاك توغرىسىداپاراڭلىشىپ باقمامدۇق؟


بۇ يىلقى ئۆكتەبىر بايرىمىدىكى قەشقەر سەپىرىمدە يەكەندە ئىككى كۈن توختاپ ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان يەكەنلىك ساۋاقدىشىمنىڭ ھەمراھلىقىدا مەشھۇر ساياھەت نوقتىلىرىنى زىيارەت قىلش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. شۇ چاغدا ئالتۇن مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى كىچىك دۇككاندىن بىر نەچچە پارچە ئېسىل كىتاپلاردىن ئالدىم. تۇيۇقسىز يالتىراق ئىچىگە ئورالغان ياغاچ قەلەمچىلەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. دۇكان ئىگىسىدىن بۇنىڭ نىمىلىكنى سورىسام، ئۇنىڭ مىسۋاكئىكەنلىكىنى دىدى. ئۆمرۈمدە مىسۋاكنى ئىشلىتىش تۈگۈل كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم، لېكىن مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ساۋابى توغرىلىق كىتابلاردىن ئوقۇغان ئىدىم، شۇڭا مىسۋاك تاپسام چۇقۇم چىشىمنى مىسۋاكلايمەن دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم.


مەن مىسۋاكنى قولۇمغا ئېلىپ يالتىراق قاپچۇق ئۈستىگە يېزىلغان ئەرەپچە «مەككەھ»، «مىسۋاك» دىگەن خەتلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇدۇم. بۇ يەردە توساتتىن مىسۋاكنى ئۇچرىتىپ قېلىپ بەك خۇشال بولدۇم. ئەلۋەتتە، ئايالىممۇ ماڭا ئەگىشىپ ھىجىيىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە تال مىسۋاك سېتىۋالغان ئىدىم. دۇكان ئىگىسى 38 ياشلاردىكى ئوتتۇرا بوي، كوتمەك ساقال، چىرايىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان خۇشچىراي ئادەم ئىكەن. بىز ئۇنىڭ بىلەن بىر دەمدىلا كونا تونۇشلاردەك چىقىشىپ كەتتۇق. دۇكاندارنىڭ خۇش پىچىم مۇئامىلىسىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم، كۆڭلۈمدە ھەممە ئادەم مۇشۇنداق كونا تۇنۇشلاردەك چىقىشىپ ئۆتكەن بولسا قانداق بولاتتى-ھە، دېگەن سېزىم پەيدا بولۇپ بىر خىل ئاچچىق سۇيۇقلۇققا ئايلىنىپ يوقاپ كەتتى. ئۇ ماڭا مىسۋاكنى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە بىر قۇر چۈشەنچە بەردى. (ئەلۋەتتە، مەن مىسۋاك توغرىلىق بەزى تەپسىلاتلارنى بىلسەممۇ لېكىن ئۇنىڭ گېپىنى كۆڭۈل قويۇپئاڭلىدىم) شۇنىڭدىن بېرى مۇسۋاك بىلەن چىشىمنى يۇيۇپ كېلىۋاتىمەن. يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېقىن-يۇرۇقلار مىسۋاكنى كۆرۈپ «بىزمۇ ئىشلىتىپ باقىلى» دەپ تالىشىپ تۇرىۋېلىپ ئۆزەمگىمۇ يەتمىگىلى تاس قالدى، ئاخىرى تەڭلىككە بولالماي ساۋاقدىشىمغا تېلىفۇن قىلىپ قېلىنلارچە يەنە 20 تال مىسۋاك ئەكەلدۈرپ تارقىتىپ بەردىم.بۇرۇن چىشلىرىمنىڭ ھەممىسى مىدىرلاپ، چىش مىلىكى قاناپلا تۇراتتى، ھازىر ئۇنداق ھالەت بىراقلا يوقاپ، چىشلىرىم بىر خىل يالتىراپ ئاقىرىشقا باشلىدى، ئېغىزىمدىن ئۆزەمچە بىر خىل خۇش پۇراق پۇراۋاتقاندەك ھېس قىلدىغان بولۇپ قالدىم. چىش پاستىسى ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا كۆڭلۈمگە ئاللىقانداق گۇمانلار كېلىپ شەكلىنىپ قالاتتىم، مانا ئەمدى شەكسىز ھەم پاكىز مىسۋاك ئىشلتىپ كۆڭلۈممۇ بىر خىل ئازادىلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. شۇڭا تۇرۇپلە ھەرقايسىڭلار بىلەن مىسۋاكنىڭ رولى ۋە تەركىبى ھەققىدە سۆزلىشىپ بېقىش ئويىغا كېلىپ قالدىم، قېنى مىسۋاك توغرىلىق پاراڭلىشىپ باقمامدۇق باللا...


~Qawandaz~ يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:36:03

\"\"



ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزىگە خاس تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ سالامەتلىكىنى ئاسىراشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن مىللەت.جۈملىدىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان چىشنى ھەركۈنى تاماقتىن كېيىن مىسۋاك بىلەن تازىلاپ ئاسىراشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.

مىسۋاك بولسا، ئادەتتە ئۇزۇنلىقى 10-12 سانتىمېتىر، توملىقى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ چوڭلىقىدەك قىلىپ خوما، ياڭاق، ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ياغىچىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۇنىڭغا كىچىك غىلاپ تىكىپ، پىچاقنىڭ غىلىپىغا يانداپ بەلۋاغ (پۇتا) باغلاپ ئېسىۋېلىپ، ئاياللار بولسا، يانچۇقى ياكى بوقچىسىدىن ئايرىماي ساقلاپ ئىشلىتەتتى.ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ھەر كۈنى چىشىنى چوتكىلاپ ئاسىراشقا ئادەتلەنگەچكە، كۆپىنچە ھاللاردا يېشى 70-80دىن ئاشقان، ھەتتا 100 ياشقا كىرگەنلەرنىڭمۇ چىشى چۈشۈپ كەتمىگەن، تاماقلارنى ھەزىم قىلىشى ياخشى بولغاچقا ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن خالىي بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولغان.ئەپسۇسكى، ھازىرقى زامان چىش چوتكىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسى مىسۋاك ھازىر بارا-بارا مودىدىن قالماقتا.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:42:00

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مىسۋاك ئىشلىتىپ كەلگەنما؟

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:46:12

بۇ يەردە دىيىلگەن گەپ 1000 يىلدىن بۇيانقى گەپنى دەۋاتىدۇ.1000 يىلنىڭ ئالدىدىكىنى كىم بىلىدۇ؟

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:46:19

1- قەۋەتتىكى ~Qawandaz~نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"



ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزىگە خاس تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ سالامەتلىكىنى ئاسىراشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن مىللەت.جۈملىدىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان چىشنى ھەركۈنى تاماقتىن كېيىن مىسۋاك بىلەن تازىلاپ ئاسىراشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.

مىسۋاك بولسا، ئادەتتە ئۇزۇنلىقى 10-12 سانتىمېتىر، توملىقى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ چوڭلىقىدەك قىلىپ خوما، ياڭاق، ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ياغىچىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۇنىڭغا كىچىك غىلاپ تىكىپ، پىچاقنىڭ غىلىپىغا يانداپ بەلۋاغ (پۇتا) باغلاپ ئېسىۋېلىپ، ئاياللار بولسا، يانچۇقى ياكى بوقچىسىدىن ئايرىماي ساقلاپ ئىشلىتەتتى.ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ھەر كۈنى چىشىنى چوتكىلاپ ئاسىراشقا ئادەتلەنگەچكە، كۆپىنچە ھاللاردا يېشى 70-80دىن ئاشقان، ھەتتا 100 ياشقا كىرگەنلەرنىڭمۇ چىشى چۈشۈپ كەتمىگەن، تاماقلارنى ھەزىم قىلىشى ياخشى بولغاچقا ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن خالىي بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولغان.ئەپسۇسكى، ھازىرقى زامان چىش چوتكىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسى مىسۋاك ھازىر بارا-بارا مودىدىن قالماقتا.



.. خاتا ئوقۇپ قالدىممۇ يا باللار ؟! مىسۋاكنىخوما، ياڭاق، ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ياغىچىدىن ياسايدۇ دەپتۇ؟!،،،

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:50:43

مىسۋاك ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ئىككى يىلدەك بولۇپ قالدى، باشتا كۆنەلمەي چىش چوتكىسى بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن. ھازىر شۇنداق كۆنۈپ قالدىم. مىسۋاكنىڭ يۇمشاق، راھەتلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق ئەرزان. ھازىر چىش چوتكىسىدا چوتكىلاپ باقسام يىرىكلىكىدىن سىمدا چوتكىلىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. لېكىن مىسۋاكتا چىشنىڭ ئىچ تەرىپىنى چوتكىلاش سەل قولايسىز.

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:51:44

مېنىڭ بىلىشىمچە مىسۋاك ئەرەپ دۆلەتلىرى تەرەپتىن چىقىدىغان بىر دەرەخ، ‹‹تۆگە ئۈستىكى كىتابخانا ›› ناملىق كىتابتا مىسۋاكنى خەنزۇچە 牙刷树دەپ ئاپتۇ. خۇرما، ئالما دەرەخلىرىدىن باشقا بولسا كىرەك.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:52:54

بۇنىڭدىن 15-20 يىللار بۇرۇن چوڭلارنىڭ سېرىق رەڭدە بىر نەرسىنى غىلاقا سېلىپ يېنىدا ئېلىپ يۈردىغانلىقى،چىشغا سۈركەيدىغانلىقى غۇۋا يادىمدا بار . شۇ ۋقىتتا ياغاچقا مىسنى قاپلاپ قويغاندەك ھېس قىلغان . مىسۋاك دېگەن شۇمۇ ؟ھازىر ئۇچراتماق ناھايتى تەس. بىرەرسىنىڭ ئىشلەتكىننى كۆرۈپمۇ باقمىدىم .ناسىۋال دەپ بىر ئوقەت بار ئىدى . شۇنى ئىستىمال قىلدىغانلارمۇ جىق ئىدى ئۇ ۋاقىتتا.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:55:49

3- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يەردە دىيىلگەن گەپ 1000 يىلدىن بۇيانقى گەپنى دەۋاتىدۇ.1000 يىلنىڭ ئالدىدىكىنى كىم بىلىدۇ؟



قېنى شۇ 1000يىلدىن بۇيانقى دىگەن گەپ؟ شۇنداقلا 1000يىلدىن بۇيان قەيەردىكى قانچىلىك كۆلەمدە كىشىلەر مىسۋاك ئارقىلىق چىشىنى ئاسراپ كەلگەنلىكىگە ئائىت قانداق ماتىريال بار؟


hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 13:02:43

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشلەتكەن ۋە تەۋسىيە قىلغان مىسۋاك «ئىراك» دەيدىغان بىر خىل دەرەخنىڭ ياش نوتىسىدىن كېسىپ ئېلىپ ياسىلىدىكەن، بۇ دەرەخ شەرقىي ئافرىقىدىن ھىندىستانغىچە بولغان دۆلەتەردىن تېپىلىدۇ دەپتۇ. ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان مىسۋاكلارمۇ شۇمىكىن دەيمەن.

بىلىشىمچە دىيارىمىزدىكى بۇرۇنقىلار چۈچۈكبۇيىنى مىسۋاك ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ئاۋۇ ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى مىسۋاك ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولماس؟!!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 13:04:56

2- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مىسۋاك ئىشلىتىپ كەلگەنما؟



مېنىڭچە ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئىشلەتكەن بولىشى ئېھتىمال. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋتى ئىسلام دىنىنى مەنبە قىلامدىكى دەپ ھېس قىلىمەن.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 13:32:28

ئۇيغۇرلارنىڭ مىسۋاكنى قاچاندىن بىرى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن,لىكىن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىن ئۇنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى ئېنىق,يەنە كىلىپ دىيارىمىزدىكىلەر ئۇنى چۈچۈكبۇيانىڭ يىلتىزىدىن ياساپ ئىشلىتىپ كەلگەن.شەخسەن مىنىڭ بوۋام ئكزخ چۈچۈكبۇيانىڭ يىلتىزىدىن ياساپ ئۆزى ئىشلىتەتتى.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 13:36:04



مىسۋاكنىڭ پايدىسى

1. چىشنى چڭىتىپ چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

2. چىشنىڭ چىرىپ ئىغىرلاپ چىش ئاغرىش كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

3. ئىغىزدا خۇشپۇراقلىق پەيدا قىلىدۇ

4. مىسۋاك كىسەللىكلەرنى داۋالايدۇ

5. ئىغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چىشنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدۇ

6. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ

7. باش ئاغرىقىنى داۋالايدۇ

8. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەنلەرنىڭ چىرايىغا نۇر بىغىشلايدۇ

9. چىشنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ئاشۇرىدۇ

10. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ

11. ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ

12 ئاۋازنى سۈزىدۇ

13. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىلىدۇ

12مىسۋاك ئىشلىتىلىپ ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابى 70 ھەسسە بولىدۇ



مىسۋاك ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىتلار

1. قۇرئان ئوقۇلۇش ئۈچۈبن

2. ھەدىس ئوقۇش ئۈچۈن

3. ئىغىز پۇراپ قالغاندا

4. ئىسلامى ئىلىملارنى ئۈگەنگەندە

5. زىكىر قىلغاندا

6.باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە

7.ئاچ ياكى ئۇسسۇز قالغاندا

8. ياخشى يىغلىشلارغا كىرىشتىن بۇرۇن

9. ئۆلۈمنىڭ شەپىسى كەلگەندە

10. زورلۇق يىگەندە

11. سەپەردىن بۇرۇن ۋە كىيىن

12.ئۇيقۇدىن بۇرۇن ۋە ئويغانغاندىن كىيىن

13. تاماقتىن بۇرۇن



مىسۋاكنىڭ تارىخى

مىسۋاك بىر خىل سويۇلىدىغان دەرەخ بولۇپ مۇھەممەد سەللەلەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ ھەدىسلىرىگە ئاساسلانغاندە مىسۋاك بىلەن چىش چوتكىلاش بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى ئىكەن





مىسۋاكنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم پەندە ئىسپاتلانغان خاراكتىرى

مىسۋاكتا بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ كۈچلۈك چىرىتىشكە قارشى ئىكەن. ئەگەر بىراۋ باشقا ياغاچنى شۈلگەي بىلەن ھۆلدەپ ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان خالتا ئىچىگە سىلىپ بىر مەزگىل قويۇپ قويغاندا غەيرى پۇرايدىكەن، ئەمما مىسۋاك ئۇنداق بولمايدىكە

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 13:48:49

8- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يەردە دىيىلگەن گەپ 1000 يىلدىن بۇيانقى گەپنى دەۋاتىدۇ.1000 يىلنىڭ ئالدىدىكىنى كىم بىلىدۇ؟



قېنى شۇ 1000يىلدىن بۇيانقى دىگەن گەپ؟ شۇنداقلا 1000يىلدىن بۇيان قەيەردىكى قانچىلىك كۆلەمدە كىشىلەر مىسۋاك ئارقىلىق چىشىنى ئاسراپ كەلگەنلىكىگە ئائىت قانداق ماتىريال بار؟




بۇنى دىيىش كەتمەيدۇ،شىنجاڭغا ئىسلام دىنى كىرگىلى 1000 يىلدىن ئاشتى،ھەدىستىمۇ مىسۋاك ئىشلىتىش توغۇرلۇق ھەدىس بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغاكىرىشى ۋە قىزغىنلىقى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئىچىگە


سىڭىپ كەتكەن .بۇنى يەنەئايرىم سوزلەش ھاجەتسىز.شىنجاڭدا ياشىغانئۇيغۇر بولسا ياكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى بىلەن


ئۇچىراشقان قۇيۇق ئالاقە قىلغان ئادەم بۇنى چۇشىنىپ يىتىدۇ.

anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 16:12:51

جامائەت ئۇنداق قىلماڭلار ، تىمىدا نەدە «ئەزەلدىن مىسۋاك ئىشلەتكەن »دىگەن گەپ بار ؟ «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزىگە خاس تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن،،» دىگەن گەپلەردىكى «ئەزەلدىن» دىگىنى ، تازىلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرگىنىگە قارىتىلغان ، مىسۋاك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق . ئەمدى « نەدە ئەزەلدىن ئۇنداق ئادەتنى يىتىلدۈرگەنگە ئىسپات بار ؟» دەپ تۇرۋالساڭلار ، مۇشۇ ئەتراپىمىزدا ئىسىل مىللەتلەر بار ، شۇلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ بىلسەكلا بولدى ، قۇمۇلدىن تۈركىيەگىچە بولغان بىر مىللەتنىڭ پۈتۈن سۈرۈك بۇ ھالەتكە كىلىشىگە مىڭ يىللار كىرەك بولار ؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 18:12:05

يېقىندا بىر خەۋەردە دىيىلىشىچە تۈركىيە ئالىملىرى مىسۋاكنىڭ جىنسى ئاجىزلىق تەرەپتىكى داۋالاش ئەھمىيىتىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپتۇ ، مۇنبەردىكى جىنسى ئىقتىدارى ئاجىز قېرىنداشلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئۇسۇلى ئادەتتىكىدەك بىر كۈندە 2- 5 قېتىم چىشنى مىسۋاكدايدىكەن، بۇ ئىشەنچلىك خەۋەر .

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 19:50:15

كونىلاردىن ئاڭلىشىمچە مىسۋاك ئەيدىسنىڭ ئالدىنى ئالدىكەن ، ئورگان تەرەپتە ئىشلەيدىغانلارنىڭ خەۋىرگە ئاساسلانغاندا ئەيدىس يۇقۇشتىن بۇرۇن مىسۋاك ئىشلەتسە يۇقماسكەن \"\"

dillani يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 19:55:06

مىسۋاك بەكمۇ خاسىيەتلىك نەرسە ھەممەيلەن ئىشلەتسەتسەك چىشىمىز ساغلام ھەم خاسىيەتلىك بۇلارئىدى

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 20:39:20

راھىپلارنىڭمۇ مىسۋاك ئىشلەتكەنلىكى توغىرسىدا ماتىريال كۆرگەنلەر بارمۇ ،بىر ئاغىنەم شۇنداق گەپنى قىلۋاتاتتى ،

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 09:39:56

研究称不经常刷牙男性更有可能阳痿


来源:新浪科技 发布时间:2012-12-9 21:04:19


。新研究发现经常刷牙不仅能够降低齿龈病风险,同时也能降低男性出现勃起功能障碍的可能性


研究结果显示,存在勃起功能障碍的参与者中有53%的人同时出现牙龈发炎症状,相比之下,这一比例在对照组只有23%。



北京时间12月8日消息,据国外媒体报道,土耳其科学家进行的一项新研究发现,经常刷牙不仅能够降低齿龈病风险,同时也可以降低男性出现勃起功能障碍的可能性。不经常刷牙的男性除了面临更高的牙龈发炎风险外,患勃起功能障碍的风险也是其他男性的3倍。



研究过程中,科学家对两组参与者进行比较分析。其中一组共80人,年龄在30到40岁之间,存在勃起功能障碍,另一组是对照组,共82人,并不存在这个问题。研究结果显示,存在勃起功能障碍的参与者中有53%的人同时出现牙龈发炎症状,相比之下,这一比例在对照组只有23%。在对年龄、体质指数、家庭收入和教育程度等其他因素进行调整之后,研究人员发现存在严重牙周病的男性患勃起功能障碍的风险是牙龈健康男性的3.29倍。



研究论文主执笔人、土耳其伊诺努大学的费斯-奥谷兹博士表示:“勃起功能障碍是一个重大健康问题,影响生活质量,全球共有大约1.5亿男性存在这一问题。三分之二的勃起功能障碍由生理因素所致,主要是血管问题,其他勃起功能障碍则由情绪压力和抑郁等心理因素导致。慢性牙周炎是一种由细菌导致的传染病,最常见的症状是牙龈发炎。很多研究发现慢性牙周炎可导致血管病,例如与勃起问题有关的冠心病。”



参与研究的两组男性平均年龄不到36岁,体质指数、家庭收入和教育程度存在较大差异。研究人员利用国际勃起功能指数评估参与者的性功能,通过菌斑指数、探诊出血、探诊深度和临床附着水平评估他们的牙龈健康状况。



奥谷兹指出:“据我们所知,勃起功能障碍和慢性牙周病由类似因素导致,例如衰老、吸烟、糖尿病和冠状动脉疾病。在这项研究中,我们排除了存在系统性疾病的男性和烟民。我们特意挑选了30到40岁的男性作为参与者,在排除衰老影响的前提下评估慢性牙周病对勃起功能障碍的影响。我们的研究发现支持了一项理论,即慢性牙周病在存在勃起功能障碍的男性身上更为普遍,应该作为医生治疗勃起问题患者的一个参考因素。”研究论文刊登在《性医学杂志》杂志上。



更多阅读



国外媒体相关报道(英文)


بەت: [1] 2 3
: مىسۋاك توغرىسىداپاراڭلىشىپ باقمامدۇق؟