Windows xp بىلەن windows8 نى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاش
قارغاندا بەزى تورداشلار windows8 نى سېتىۋالغان بولسىمۇ ھازىرقى ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان قورال دېتاللىرىنىڭ windows8 دە نورمال ئىشلىمەسلىكى سەۋەبىدىن windows8 نى قاچىلىمىغان ئوخشايدۇ.
ئەمەلىيەتتە Windows xp بىلەن windows8 نى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلىۋالساق ناھايىتى قولايلىق بولىدىكەن. مەن دەسلەپتە windows xp مۇھىتىدا 8 windows نىڭ قاچىلاش پروگراممىسىنى ئىجرا قىلسام سېستىما قوللىمىدى ، كېيىن nt6 hdd installer v2.8.3 قورالىنىڭ ياردىمىدە ئىككى سېستىمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىۋالدىم.
ئالدى بىلەن قاتتىق دېسكىنىڭ مەلۇم رايونىنى پاك – پاكىزە تازىلاپ
Windows8 نىڭ iso ھۆججىتىنى winrar بىلەن پىرىستىن يىشىپ ئاشۇ رايوننىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويىمىز.
nt6 hdd installer v2.8.3 نى توردىن چۈشۈرۈپ بۇنىمۇ شۇ ئورۇنغا قويۇپ قوزغاتساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.
بىرىنچى تىزىملىكتىكىنى قاچىلايمىز.
كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق قارا ئېكران ھالىتىدە windows نى قوزغۇتۇش nt6 hdd installer نى قوزغۇتۇش دەپ ئىككى تىزىملىك چىقىدۇ nt6 hdd installer نى تاللاپ جەزىملەشتۈرسەك windows8 نى قاچىلاش ھالىتىگە كىرىدۇ.
现在安装 نى تاللاپ داۋاملاشتۇرساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ .
ئەمدى خالىغان دېسكا رايونىغا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ . مەن بايا پاكىزلاپ قويغان رايونغا قاچىلاپ پىرىستىن يەشكەن ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرىۋەتتىم.
قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز windows8 نى قوزغۇتۇش ، بۇرۇنقى نەشىرىنى قوزغۇتۇش دەپ ئىككى تىزىملىك بار . خالىغان سېستىمىغا كىرسىڭىز بولىدۇ.
مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن win8 نى «يۆتكىلىشچان دېسكا » غا قاچىلىغىلى بولامدۇ؟