calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 20:52:53

كومپىيوتۇرنى تىلىۋىزورغا ئۇلاشتىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!


كومپىيوتۇرۇمنى تىلىۋىزورغا ئۇلاپ ئىشلىتەي دىگەن،لىكىن مەن ئىشلىتىۋاتقان تىلىۋىزورنىڭ كومپىيوتۇر چاتىدىغان ئۇلاش ئىغىزى يوقكەن(DVD ۋە ئانتىننا ئۇلاش ئىغىزلىرى بار.)،شۇڭا كۆپچىلىكتىن ياردەم سورىماقچىمەن،قانداق قىلسام كومپىيوتۇرنى تىلىۋىزورغا ئۇلاپ ئىشلىتەلەيمەن؟ تىلىۋىزورنىڭ تىپى  SKYWORTH-25tm9000،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 21:41:36

سىرتتىن ئۇلىنىدىغان سىگنال ئالماشتۇرۇش قۇتىسى بار، باھاسى 150 ئەتىراپىدا، ئۇنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە، RGB كىرىش- چىقىش ئېغىزى قاتارلىقلار ماس كەلسە، RGB دىن ئۈچ سىملىق سىن ئېغىزى بىلەن ئېكرانغا چىقىرالىسىڭىز تەلىيىڭىز، يەنە چېكىت سانى بەك يوقىرى تەڭشەلسىمۇ چىقمايدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ. يەنە بىرگە، كۆرسىتىش كارتىڭىز بولسا ئۇنىڭدا DVI ئېغىزى بولسا، ھەم تېلېۋىزوردىمۇ بار بولسا، پەقەت شۇ سىمنى تاپسىڭىزلا ئېكرانغا چىقىرالايسىز، بۇ ئۇسۇلدا مەن بىر RGB ئېغىزى يوق تېلېۋىزورغا 8 يىل ئىلگىرى چىقىرىپ كۆرگەن، مۇمكىنچىلىك كۆپ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 23:13:30

تېلېۋىزور بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇلاي دېگەن تەلىم بەرسەڭلار

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 00:13:45

1- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىرتتىن ئۇلىنىدىغان سىگنال ئالماشتۇرۇش قۇتىسى بار، باھاسى 150 ئەتىراپىدا، ئۇنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە، RGB كىرىش- چىقىش ئېغىزى قاتارلىقلار ماس كەلسە، RGB دىن ئۈچ سىملىق سىن ئېغىزى بىلەن ئېكرانغا چىقىرالىسىڭىز تەلىيىڭىز، يەنە چېكىت سانى بەك يوقىرى تەڭشەلسىمۇ چىقمايدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ. يەنە بىرگە، كۆرسىتىش كارتىڭىز بولسا ئۇنىڭدا DVI ئېغىزى بولسا، ھەم تېلېۋىزوردىمۇ بار بولسا، پەقەت شۇ سىمنى تاپسىڭىزلا ئېكرانغا چىقىرالايسىز، بۇ ئۇسۇلدا مەن بىر RGB ئېغىزى يوق تېلېۋىزورغا 8 يىل ئىلگىرى چىقىرىپ كۆرگەن، مۇمكىنچىلىك كۆپ.



سىز بىر چاغدا بىر تېمىدا بىر ئاساسىي ساندۇق،ئىككى ئېكراندا ئىككى خىل مەشغۇلاتنى قىلىش توغرىسىدا ئازراق


سۆزلەپ بەرگەن ئېدىڭىز،مەن ھازىرغىچە شۇنىڭ بىلەن ھەپىلشىپ پەقەت قىلالمىدىم.ئىككى ئېكراندا بىر مەشغۇلات تەڭلا چىقىۋالىدۇ،بىرسىدە ئۆچۈرسەم يەنە بىرسىدىمۇ ئۆچىۋالىدۇ.


مەن بۇرۇن بىرسىنىڭ ئىككى ئىكراندا ئىككى مەشغۇلاتنى قىلغىننى كۆرگەن ئىدىم،ھەم بىرسى يەنە بىرسىگە دەخلى


قىلمايدىكەنتۇق.كونۇپكا تاختىسىنىڭ قايسى بىر كونۇپكىسىنى بېسىپ يەنە بىر ئېكراندىكى مەشغۇلاتقا يۆتكەپ


ئىش قىلغىنىنى كۆرگەن ئىدىم.ئۇ چاغلاردا تازا دىققەت قىلماپتىكەنمەن ھەم سورىماپتىكەنمەن.


بولسا بىر تەلىم بەرسىڭىز.رەھمەت.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 14:12:51

HDMI سىم چۈشىدىغان ئېغىز بولسىغۇ ئىش جىق ئاسانلىشاتتى...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 20:40:20

@yarzat سىز ئىشنىڭ %95 تىنى پۈتتۈرۈپ بوپسىزغۇ. ئەگەر سىز، VGA تەقسىملەش قۇتىسى (مۇستەقىل ئىشلەيدىغان) ئىشلىتىۋالمىغانلا بولسىڭىز، چوقۇم يەنە بىرلا قەدەم بىلەن چىقىرالايسىز. سىز سىستېمىڭىزنىڭ نىمىلىكىنى دىمەپسىز، بەلكىم Win7 دۇ، شۇنداق بولسا، Win+p كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۈۋەندىكىلەرنى تاللاپ سىناڭ.


\"\"




يەنە، رەسىمدە، بىر توغرا بەلگىسى چېكلگەن تاللىما رامكا بار،ئېكراننىڭ پەرق نىسبىتى كۆزنىكىنى بىر ئاز تەتقىق قىلىڭ.



\"\"

بەت: [1]
: كومپىيوتۇرنى تىلىۋىزورغا ئۇلاشتىن ياردەم سورايمەن