eltikin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 20:49:48

ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېملىرى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرېسىلىرى[ئىجادىيەت]

ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېملىرى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرېسىلىرى



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار يېقىدىن بىرى ئانا تىل يېزىقىمىزغا بولغان ئىشتىياق بەك ئىشىپ كەتكەچكە مەن بىر قانچە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سىستېمىسنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىنى لايىق تاپتىم.



بۇ يەردە مەن تۇنۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستمىلىرى قانداقتۇر ھەقلىق پۇلغا سىتىۋالدىغان سىستېمىلار ئەمەس بەلكى سىز پەقەت سىستمىلارنىڭ ئورگان بىتىگە كىرىپ شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئازراق مەشغۇلات قىلسىڭزلا كۈرۈنمە يۈزى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا تۇغۇرلىندىغان ئانا تىل يېزىقىمىزدىكى مەشغۇلات سىستېملىردىن ئىبارەت.ئەمسە قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۇنۇشتۇرۇشنى باشلاپ كىتەي.........



1-ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستمىسى



ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ GNU/Linux ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺯﯗﻟﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﯞﺳﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‹ubuntu› ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‹ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ›، ‹ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯘﻡ›. ﺋﯘ  ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ“ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.  Ubuntuﺑﻮﻟﺴﺎ Debian ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯞﻩ GNOME ﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، Debian ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﮬﻪﺭ 6 ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ.  ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ 18 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. LST بەش يىللىق تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: Ubuntu 12.04 LTS  بەش ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯧﺘﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. Ubuntu ﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ، ﮬﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ. Ubuntu ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. KUbuntu ﯞﻩ XUbuntu ﺑﻮﻟﺴﺎ Ubuntu ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ KDE ﯞﻩ Xfce ﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ KDE ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰKUbuntu ﻧﻰ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ Xfce ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ XUbuntuﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ GNOME ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. EdUbuntuﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ Unicode ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ئەگەر سىز ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭز سىستېمىسنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش جەرىياندا قاچىلاش تىل تۈزىنى ئۇيغۇرچە دەپ تاللاپ ئاندىن قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن سىستمسىنى بىر قېتىم يېڭلاپ سىستېمسىنى قايتا قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭز سىستېما پۈتۈنلەي ئۇيغۇرتىل -يېزىقىدا بۇلىدۇ.



سىستېمىدىن كۈرۈنمە رەسىملەر:







2-XUbuntu,KUbuntu,EdUbuntu  قاتارلىق سىستېمىلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە.بۇلارنىمۇ يۇقارقى ئۇسۇللار بۇيىچە ئۇيغۇرچە قاچىلاپ سىستېمىنى بىر قېتىم يېڭلاپ قايتا قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭز كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە ھالەتكە كىلىدۇ.



ئۇبۇنتۇ  سىستېمىنى چۈشۈرۈش ئادىرېسلىرى:

http://mirror01.th.ifl.net/relea ... 10-desktop-i386.iso

http://releases.ubuntu.com/12.10/ubuntu-12.10-desktop-i386.iso

http://mirror01.th.ifl.net/relea ... 10-desktop-i386.iso



چۈشۈرۈش ئادىرېسى:http://www.ubuntu.com/download

http://releases.ubuntu.com/12.10/ubuntu-12.10-desktop-i386.iso

http://releases.ubuntu.com/12.10/ubuntu-12.10-desktop-amd64.iso



بۇ يەردىن تور كۆرگۈدە ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ:

http://www.ubuntu.com/tour/zh-CN

http://www.ubuntu.com/tour/en



EdUbuntu نى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:



http://www.edubuntu.org



http://cdimage.ubuntu.com/edubuntu/releases/12.10/release/edubuntu-12.10-dvd-i386.iso



http://cdimage.ubuntu.com/edubuntu/releases/12.10/release/edubuntu-12.10-dvd-amd64.iso



KUbuntu نى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:



http://www.kubuntu.org



http://cdimage.ubuntu.com/kubuntu/releases/quantal/release/kubuntu-12.10-desktop-i386.iso



http://cdimage.ubuntu.com/kubuntu/releases/quantal/release/kubuntu-12.10-desktop-amd64.iso



XUbuntu نى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:



http://xubuntu.org



http://cdimage.ubuntu.com/xubuntu/releases/quantal/release/xubuntu-12.10-desktop-i386.iso



http://cdimage.ubuntu.com/xubuntu/releases/quantal/release/xubuntu-12.10-desktop-amd64.iso



ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاش ئۇسۇلى :



باشقا سىستېمىلارنى قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ مۇشۇ ئۇسۇللار بۇيىچە ئىلىپ بىرىلسا بەك چوڭ خاتالىق كىلىپ چىقمايدۇ.لىكىن مىنىڭ تەۋسىيەرىم ئاۋۋال بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ ئاندىن شۇنىڭدىن قوزغىتىپ ئىشلىتىپ كۈرۈپ بېقىپ ئاندىن رەسىمى قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلىڭ.كومپىيۇتىر بىلىمىلىرگە پىششىق بولمىسڭز قاچىلاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارماڭ.بۇ جەھەتتە بىلىمى بار كىشلەردىن قاچىلاشقا ياردەم تەلەپ  قىلىڭ.ئاللاھ سىزگە ئاسانلىق بەرسۇن.

ئوبۇنتۇنى سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى ئادەتتە ئۈچ خىل ئۇلار تۈۋەندىكىچە:

ئۇبۇنتۇنى Wubi قاچىلاش:

http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-wubi-qachilash.html

ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلاش:

http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-usb-qachilash.html

ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش:

http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-qattiqdeskigha-qachilash.html

قاچىلاش جەريانىدا قىيىنچىلققا ئۇچۇرسىڭز بىۋاستە بىلوگدا ئىنكاس قىلىڭ.











3-ئۇيغۇر ئىكس سىستمېىسى (Uyghurix)



ئۇيغۇر ئىكس سىستېمىسى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمسى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتشىگە ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان سىستېما بۇلۇپ بۇ سىستمېنى سىز پەقەت قاچىلاپلا ئىشلتەلەيسىز كۈرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە .سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم يېڭلىۋەتسىڭزلا ئىش تامام.بۇ سىستېمىغا ئانا تىلىم لوغىتى (تور يۈزىدە سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بار)،ھەر خىل قۇيغۇرلار،چ چ تور يۈزى دېتالى ،ئۇيغۇر ئىدىت كورىككتۇرلۇق دېتدل قاتارلىق دېتاللار سىستېما بىلەن بىللە قاچىلىۋىتىلگەن.



كۈرۈنمە يۈزى رەسىمى :





ئۇيغۇر ئىكسنى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:http://115.com/file/annesd5v



يېزىقلىق  قاچىلاش ئۇسۇلى:http://www.qutbeg.com/?p=1216



سۈرەتلىك فىلىم دەرىسلىكى :



http://www.qutbeg.com/?video=1493











4-   Slax 7.0   ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمسى



بۇ سىستېمىنى چەتئەلدىكى مەلۇم بىر شىركەت ياساپ چىققان بۇلۇپ ئۇبۇنتۇ سىستېمسىدىكى ئۇيغۇر تىل بۇلىقىنى سىستېمىغا ئىشلىتىش ئارقىلىق سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ياساپ چىققان.



سىستېما كۈرۈنمە يۈزدىن رەسىملەر:





چۈشۈرۈش ئادرېىسى:

ئورگان تەرەپ تور بىكىتى:http://www.slax.org

چۈشۈرۈش ئادىرېىسى:http://www.slax.org/download.php

بىۋاستە ئۇيغۇر يېزىقتىكى سىستېمىنى چۈشۈرۈش ئادىرېىسى

بارماق دىسكا ياكى نۇر دىسكىغا ئۇيۇپ قاچىلايدىغان نۇسخىسى:

http://ftp.slax.org/Slax-7.x/slax-Uyghur-7.0-i486.iso

http://ftp.slax.org/Slax-7.x/slax-Uyghur-7.0-x86_64.iso

بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ ئىشلتىدغان نۇسخسى:

http://ftp.slax.org/Slax-7.x/slax-Uyghur-7.0-i486.zip

http://ftp.slax.org/Slax-7.x/slax-Uyghur-7.0-x86_64.zip

باشقا تىللاردىكىنى چۈشۈرۈش ئورنى :

http://www.slax.org/download.php



بۇ سىستېمىنى قاچىلاش ئۇسۇلى ئۇيغۇر ئىكس سىستېمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش .



5- لىنىۇكىس دىىپىن سىستېمىسى (Linux Deepin)



بۇ سىستېمىنى خەنلەر ئۆزگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەپ چىققان بۇلۇپ بۇ  سىستېمىمۇ لىنۇكىس مەشغۇلات سىستېمسى ئىچىدىكى ئۇبۇنتۇنى ئاساس قىلىپ ياسالغان بولغاچقا سىستېمىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى ئۇرنۇتۇپ سىستېمىنى ئۇيغۇچە قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.بۇ سىستېمىدا ۋىندوس سىستېمىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان دېتاللىرى ئىشلەيدۇ.ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان چ چ ،شۈنلى،سىكايىپ ھەرخىل ئۇيۇنلار .........................قاتارلىقلارنى بىمالال ئىشلىتەلەيسىز.بۇ لىنۇكىس سىستېمىلار ئىچىدىكى ۋىندوس مۇھىتىدىكى دېتاللار ئەڭ ياخشى ئىشلەيدىغان ئۇيغۇچە سىستېما بۇلۇشى مومكىن.





چۈشۈرۈش ئادىرېسى:www.linuxdeepin.com



http://www.linuxdeepin.com/download



قاچىلاش ئۇسۇلى:



بۇ سىستېمىنى قاچىلاش يۇقىردىكى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىنى قاچىلاش  ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش.



ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نەشىرلىردىن يەنە mythbuntu ،gobuntu ،Ubuntu-Core،ubuntu-cloud-live،ubuntustudio  قاتارلقلارمۇ بار.



يۇقارقى مەن تۇنۇشتۇرغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى مۇلازىمىتىر نۇسخىسنى ئايرىم تېمىدا توختىلىمەن.



ئۇنىڭدىن باشقا لىنۇكىس سىستېمىلرىنىڭ ئىچىدىكى ئۇبۇنتۇنى ئاساس قىلىپ ياسالغان يەنە باشقا نەشىرىلىرىگىمۇ سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلاپ كۆرۈنمە يۈزنى ئۇيغۇچە قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.



6-ۋىندوس سەككىز كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمسى



ۋىندوس 8 مەشغۇلات سىستېمسىمۇ يېقىدا ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا تارقىلىشقا باشلىدى .بۇ سىستېما ھەقلىق بولغاچ بۇ يەردە بەك كۆپ توختالمايمىز.



چۈنكى بۇ سىستېما ھەقلىق سىستېما بۇلۇپ سېتىۋىلىشقا قۇربىتى يىتىدىغان كىشلەرنىڭ سىستۋىلىپ ئۇيغۇر تىل يېزىقمىزنىڭ ھۇزۇرنى سۈرسە بۇلىدۇ.



يازمىغا قارىتا خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا تۈۋەنچىلىك بىلەن ئالدىن ئەپۇ سۇرايمەن .ئاللا بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ئاسان قىلىسۇن .ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا ئىنكاس قالدۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.





يازما ئەسلى مەنبەسى:قۇتبەگ بىلوگى



http://www.qutbeg.com/?p=1913



رەسىم كۆرۈنمىگەچ قايتا تەھىرىرلەپ يوللاپ قويدۇم كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سۇرايمەن

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 22:01:41

رەھمەت!

xboy يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 08:33:59

خەتكۈچ سېلىپ قوياي....رەھمەت!!!

function يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 09:03:36

ساقلاپ قوياي.

baghyulduz يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 09:20:08

ساقلىۋالاي

_oylan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 11:22:32

Windows8 قالدىمۇ نىمە؟


\"\"





http://www.alimahat.com/?p=2236

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 11:33:55

@_oylan ھەقلىق يۇقارقىلىرى ھەقسىز.


@ eltikin مەن سىز ۋە ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچە قىلغان ، تەشۋىق قىلىۋاتقان مىننەتسىز ئەجىركارلارغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن


ھەمدە ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش، تەڭشەش ھەققىدىكى بىلىملەرنى


تېخىمۇ كۆپەيتىپ كەڭ تەشۋىق قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 15:18:58

رەھمەت بۇرادەر !

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 12:22:12

تېما ئەلا !

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 23:03:25



تېما ئەلا !

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 00:08:37

ئېسىل!



ئۇھھھ، بىر كۈن ئىلىشىپ ئاران كىردىم ما ئىزدىنىشقا، مۆجىزە يۈز بەرگەندەكلام. قارىغاندا خەقلەر ئۇخلاپ قالغاندا كىرەلەيدىغان ئوخشايمىز

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 17:04:50

...

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 18:19:55

مانا مۇشۇنى ئۇيغۇرچە قىلغانلارغا كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 20:22:52

\"\" مۇشۇنداق تېما بوپتۇ...

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 03:02:57

ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرىغا خوشخەۋەر:

بىرىتانىيە تارقىتىش شېركىتىنىڭ (BBC) خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگىل ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەقلىفونلىرىغا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئاندرويىد لىنۇكسنىڭ ئورنىغا ئۇبۇنتۇ لىنۇكس قاچىلايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى پەرق، رەسمى كومپيۇتېر سىستېمىسىنى ئەقلىفونغا قاچىلاش كۆزدە تۇتۇلۇپتۇ. ئەقلىفون ئىشلىتىپ باقمىغانتىم تىخىچە، مۇشۇنى ئالايمىكىن چىقسا دەپ پىلان سوقىۋاتىمەن.



تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېلېفونلار راستىنلا كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئىلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئۆيگە پەقەت يوغان ئېكراندىن بىرنى چاپلاپ قويۇپ، ئۆيدىكى ۋاقىتتا تېلېفوننى كومپيۇتېر ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىپ كەتسەك... كۆپ قولايلىق بولغۇدەك راست.



بەزىلەر يەنە گۇمانى قاراشتا ئوخشايدۇ بۇ خىل يۈزلىنىشكە، لىكىن ئىككى-ئۈچ يىلدا يۆنىلىش ئىنىق بولۇشى مۇمكىن، بۇ ساھەدە رىقابەت يەنىلا كەسكىن بولىدۇ. ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇچىلار تەييارلىق قىلغاچ تۇرساق بولغۇدەك.



خەۋەر مەنبەسى:

http://www.bbc.co.uk/news/technology-20891868

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 03:29:28

ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىنكار قىلۋەتمەيمەن

ئەمما تېلفۇن نىمىلا دىگەن بىلەن تېلفۇن ئاداش

كۆرۈش بىئەپ

يېزىش بىئەپ


oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 03:40:52

15- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىنكار قىلۋەتمەيمەن

ئەمما تېلفۇن نىمىلا دىگەن بىلەن تېلفۇن ئاداش

كۆرۈش بىئەپ

يېزىش بىئەپ




ئەمەلىيتتە مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن، ئۇنداق كىچىك ئىكرانغا قاراش مىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويغاندەك بىلىنىدۇ. لىكىن يۆنىلىش شۇ تەرەپكە كىتىۋاتىدۇ. مىنىڭ ئويلىغىنىم خۇددى شۇ خەۋەردىكىدەك چوڭ ئىكران بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسە بولغۇدەك. يەنى ئۆيگە كەلگەندە خۇددى توك قاچىلايدىغان قۇرۇلمىدەك بىر نەرسىگە سانجىپ قويساق، ئاندىن چوڭ نىپىز ئىكرانغا شاپپىدە ئۇلانسا. ئورگانىك OLED نىپىز ئىكران بازارغا چىقتى، بۇنداق ئىكرانلار نىپىز ھەم ئېلاستىكىلىق، توكنى ئ‍از يەيدىغان بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇدۇل كەلگەن تامغا، ھەتتا ئوبىرنىلارغىمۇ چاپلاپ قويسا شۇنداق ئىكرانلارنى، كىنو كۆرگەچ ئولتۇرۇپ كەتسەك \"\"

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 04:00:52



ھەر خىل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردىكى سېستېمىنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدە ئىكەن، بۇنى ھازىر ۋىندوۋسمۇ قىلىۋاتىدۇ، يەنى ئۈسكۈنە مۇھىتى ئۆزگەرگەندە دېتال ماس كەلمەيدىغان ئىشقا خاتىمە بىرىش.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 09:20:12

14- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرىغا خوشخەۋەر:

بىرىتانىيە تارقىتىش شېركىتىنىڭ (BBC) خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگىل ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەقلىفونلىرىغا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئاندرويىد لىنۇكسنىڭ ئورنىغا ئۇبۇنتۇ لىنۇكس قاچىلايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى پەرق، رەسمى كومپيۇتېر سىستېمىسىنى ئەقلىفونغا قاچىلاش كۆزدە تۇتۇلۇپتۇ. ئەقلىفون ئىشلىتىپ باقمىغانتىم تىخىچە، مۇشۇنى ئالايمىكىن چىقسا دەپ پىلان سوقىۋاتىمەن.



تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېلېفونلار راستىنلا كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئىلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئۆيگە پەقەت يوغان ئېكراندىن بىرنى چاپلاپ قويۇپ، ئۆيدىكى ۋاقىتتا تېلېفوننى كومپيۇتېر ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىپ كەتسەك... كۆپ قولايلىق بولغۇدەك راست.



بەزىلەر يەنە گۇمانى قاراشتا ئوخشايدۇ بۇ خىل يۈزلىنىشكە، لىكىن ئىككى-ئۈچ يىلدا يۆنىلىش ئىنىق بولۇشى مۇمكىن، بۇ ساھەدە رىقابەت يەنىلا كەسكىن بولىدۇ. ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇچىلار تەييارلىق قىلغاچ تۇرساق بولغۇدەك.



خەۋەر مەنبەسى:

http://www.bbc.co.uk/news/technology-20891868



گۇگىل ئەمەس ، Canonical قىلماقچى . بۇنىڭدىن باشقا نوكىيادىن ئايرىلىپ چىققانلار ياسىغان jolla sailfish, موزىللا ئورگىنى ياسىغان b2g سىستىمىسى، HP كۆدىنى ئېچىۋەتكەن WebOS  لارمۇ بار.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 16:44:21

18- قەۋەتتىكى avarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرىغا خوشخەۋەر:

بىرىتانىيە تارقىتىش شېركىتىنىڭ (BBC) خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگىل ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەقلىفونلىرىغا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئاندرويىد لىنۇكسنىڭ ئورنىغا ئۇبۇنتۇ لىنۇكس قاچىلايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى پەرق، رەسمى كومپيۇتېر سىستېمىسىنى ئەقلىفونغا قاچىلاش كۆزدە تۇتۇلۇپتۇ. ئەقلىفون ئىشلىتىپ باقمىغانتىم تىخىچە، مۇشۇنى ئالايمىكىن چىقسا دەپ پىلان سوقىۋاتىمەن.



تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېلېفونلار راستىنلا كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئىلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئۆيگە پەقەت يوغان ئېكراندىن بىرنى چاپلاپ قويۇپ، ئۆيدىكى ۋاقىتتا تېلېفوننى كومپيۇتېر ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىپ كەتسەك... كۆپ قولايلىق بولغۇدەك راست.



بەزىلەر يەنە گۇمانى قاراشتا ئوخشايدۇ بۇ خىل يۈزلىنىشكە، لىكىن ئىككى-ئۈچ يىلدا يۆنىلىش ئىنىق بولۇشى مۇمكىن، بۇ ساھەدە رىقابەت يەنىلا كەسكىن بولىدۇ. ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇچىلار تەييارلىق قىلغاچ تۇرساق بولغۇدەك.



خەۋەر مەنبەسى:

http://www.bbc.co.uk/news/technology-20891868



گۇگىل ئەمەس ، Canonical قىلماقچى . بۇنىڭدىن باشقا نوكىيادىن ئايرىلىپ چىققانلار ياسىغان jolla sailfish, موزىللا ئورگىنى ياسىغان b2g سىستىمىسى، HP كۆدىنى ئېچىۋەتكەن WebOS  لارمۇ بار.



خاتا يىزىپ قويۇپتىمەن، گۇگىل ئەمەس،
Samsung Galaxy Nexus نى دەپتۇ ئۇ خەۋەردە. ئۇبۇنتۇ ئۆزى مۇستەقىل ئەقلىفون ئىشلەشنى دىمىگەندەك قىلىدۇ، پەقەت ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ سېستېمىسنى بازاردىكى ئەقلىفونلارغا سەپلەش. يەنە قايسى شېركەتلەر قوللايدۇ، بۇ كەلگۈسىدىكى بازارغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن.
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېملىرى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرېسىلىرى[ئىجادىيەت]