ساخاۋەت تور بېتى ياساش توغرسىدىكى ئويلۇنۇش
ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىمەتلىك نەرسە ھاياتلىق بولۇشى مۇمكىن . لىكىن ئىقتساد سەۋەبىدىن ھەر كۈنى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تىگىشلىك ياردەمگە ئېرىشەلمەي ھاياتىدىن ئايرىلۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزنى ئەشۇلارنىڭ يېقىن تۇققانلىرى ئورنىغا قۇيۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسىڭىزلا بۇنىڭ ئېغىر ئازابىنى تولۇق تەسەۋۋۇر قىلالىشىڭىز مۇمكىن .
سەھىيە تۈزۈلمىسىدىن ، جەمئىيەتتىن ھەر قانچە ئاغرنىپ بۇتنىساقمۇ يەنىلا بىرەر ھەركەت قوللىنىشىمىز زۆرۈرغۇ ئاخىر . چۇنكى ئەجەل ساقلاپ تۇرمايدۇ .
ئەشۇ سۆرۇنلاردا بىھۇدە خەجلىنىۋاتقان پۇللارنىڭ سورىقى بولماسمۇ ؟ بۇ ئۇقۇمنى ئەشۇ تۇتاملاپ پۇلنى بۇزۇپ -چېچىۋاتقانلارغا كىم بىلدۈرىدۇ ؟
ئۈندىداردا ھەر كۈنى دىگۈدەك خالىس تارقىتىلىۋاتقان مۇراجەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن ، سۆرەتتىكى بىمارلار ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ ، لىكىن بۇ ئۇچۇرلار تىگىشلىك يەرگە يېتىپ بارالىدىمۇ -يوق ؟
چوڭ تىپتىكى خالىس ئىئانە تور بېتى قۇرۇش پىلانىنى ئويلاۋاتقىلى خېلى بولدى ،تور بەت قېلىپىنى ياساپ بولدۇم ، ئايرىم مۇلازىمتىر بوشلۇقىمۇ بار ، ھاجەتمەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى سۈرەت شەكلىدە يوللىنىپ ، ياردەم پۇلىنى بىۋاستە تور ئارقىلىق شۇلارنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرغىلى بولىدۇ .
لىكىن مۇۋاپىق ئىسىم تاپالمايۋاتىمەن ، قانداق ئىسىم مۇۋاپىق كىلىدۇ، ئېملاسى ئوڭاي ، بىر ئاڭلاپلا ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ ؟ يەنە قانداق قىلغاندا تەشۋىقات كۈچىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ ؟ مۇۋاپىق تور ئىسمى بارلار بېرىپ تۇرۇڭلار ، سېتۋالساممۇ بولىدۇ . مۇۋاپىق مەسلىھەتى بارلار پىكىرىڭلارنى ئايىماڭلار . كۆپنىڭ كۈچى كۆپ ، ئەقلىمۇ كۆپ بولىدۇ .
ساخاۋەت بولسۇن halis.com بولسا قانداق؟تېما ئىگىسىنىڭ ئويلىغانلىرى ھەقىقەتەن توغرا بولسىمۇ لىكىن مەن بۇنداق بىر تور بەتنىڭ قۇرۇلىشىنىي قوللاپ كەتمەيمەن.
چۈنكى مەن تور كىزىپ يۈرگەن ئون يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى ئېنتىرنىتقا يوللىنىۋاتقان مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە مىنىڭ توردا كۆرگەنلىرىم ئاڭلىغانلىرىم ۋە ئۆزۈم قوشۇلۇپ ساختىپەز قويمىچى ھارامتاماقلارنىڭ قىلتىغا چۈشكەندىن كېيىن توردىكى ياردەم ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئىشەنمەس بولدۇم.
سابىق تور بەتلەردە مەن بىلىدىغان نۇرغۇن ئىئانە يىغىش پائالىيەتلىرى بولغان شۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىرسىنىڭ توردىن شۇ ئارقىلىق تاپقان پۇلى 500مىڭ يۇەندىن ئىشىپ كەتكەن،كېيىنچە ساقىيىپ كەتكەن بالىسىنى داۋاملىق قالقان قىلىپ تور تىلەمچىلىكىنى داۋاملىق ئىلىپ بارغان،كېيىنچە ئاشكارلانغاندىن كېيىن بولسا يۈزىنى داپتەك قىلىپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمىغان. تور دىكى ئىئانە ئىشلىرى بەزى بىر ئىنسانلارنىڭ پۇل تىپىشتىكى ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالدىمىكىن دەيمەن.
بۇنداق مىساللارنى سۆزلەپ كەلسەم ساماندەك.تور ساخاۋەتچىلىكى دىسە قۇلاق ئاڭلىماس بوپ قالدى مىنىڭ!!!!
بىلىشىمچە ئەلقىسسە سەلكىن تور بېكىتى سەلكىن فوندى دەپ ساخاۋەت پائالىيتىنى يولغا قويغان ، بۇ پائالىيەت كىيىنچە توردىكى بىر قىسىم قىتىغۇرلارنىڭ بىزنىڭ پۇلىمىزغا يەپ ئىچتى،رەسىمگە چۈشتى،تاكسىغا چىقتى دىگەندەك گەپلەر بىلەن تۇنجۇقتۇرۋىتىلگەن.ئۇيغۇرچىلىقتا بەك تەسمىكىن دەيمەن بۇ ئىشلارنى.
تىللاپ كەتمەڭلار ئەمدى.بىلگىنىمنى يىزىپ قويدۇم.
قوش قوللاپ قۇۋەتلەيمەن . شۇنداق تور بىكەت ياكى تور بەت ناھايىتى مۇھىم . بولسا ئۇنىڭغا چوقۇم ۋاپادىم 912 غا ئوخشاش بىرەيلەن باش بولۇپ باشقۇرسا ياكى بولمىسا مىھرىبان ئانىلار دىگەنگە ئوخشاش جەمىيەتتەتەسىرى باركىشىلەر قانۇنى ۋەكىل بولسىمۇ بولىدۇ . شۇنداقلا تور بەت مەزمونى چوقۇم ناھايىتى تەسىرلىك كۆرۈنۈش ۋە سىنلار بىلەن تولغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى . ياخشى ئويلاپسىز .
شۇنداق بولغان چاغدىلا سىتىرخىلىك ھالدىكى ئىنانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى مەلۇم بىر دولقۇنغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
مۇشۇنداق تور بېكەتتىن بىرسى بولىدىغان ...http://sahawatqi.com/forum.php?mod=viewthread&tid=739
كىيىن قاپلا ئەينا
ماۋۇسى بولماسما : http://sahawatqi.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=498
3- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېما ئىگىسىنىڭ ئويلىغانلىرى ھەقىقەتەن توغرا بولسىمۇ لىكىن مەن بۇنداق بىر تور بەتنىڭ قۇرۇلىشىنىي قوللاپ كەتمەيمەن.
چۈنكى مەن تور كىزىپ يۈرگەن ئون يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى ئېنتىرنىتقا يوللىنىۋاتقان مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە مىنىڭ توردا كۆرگەنلىرىم ئاڭلىغانلىرىم ۋە ئۆزۈم قوشۇلۇپ ساختىپەز قويمىچى ھارامتاماقلارنىڭ قىلتىغا چۈشكەندىن كېيىن توردىكى ياردەم ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئىشەنمەس بولدۇم.
سابىق تور بەتلەردە مەن بىلىدىغان نۇرغۇن ئىئانە يىغىش پائالىيەتلىرى بولغان شۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىرسىنىڭ توردىن شۇ ئارقىلىق تاپقان پۇلى 500مىڭ يۇەندىن ئىشىپ كەتكەن،كېيىنچە ساقىيىپ كەتكەن بالىسىنى داۋاملىق قالقان قىلىپ تور تىلەمچىلىكىنى داۋاملىق ئىلىپ بارغان،كېيىنچە ئاشكارلانغاندىن كېيىن بولسا يۈزىنى داپتەك قىلىپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمىغان. تور دىكى ئىئانە ئىشلىرى بەزى بىر ئىنسانلارنىڭ پۇل تىپىشتىكى ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالدىمىكىن دەيمەن.
بۇنداق مىساللارنى سۆزلەپ كەلسەم ساماندەك.تور ساخاۋەتچىلىكى دىسە قۇلاق ئاڭلىماس بوپ قالدى مىنىڭ!!!!
بىلىشىمچە ئەلقىسسە سەلكىن تور بېكىتى سەلكىن فوندى دەپ ساخاۋەت پائالىيتىنى يولغا قويغان ، بۇ پائالىيەت كىيىنچە توردىكى بىر قىسىم قىتىغۇرلارنىڭ بىزنىڭ پۇلىمىزغا يەپ ئىچتى،رەسىمگە چۈشتى،تاكسىغا چىقتى دىگەندەك گەپلەر بىلەن تۇنجۇقتۇرۋىتىلگەن.ئۇيغۇرچىلىقتا بەك تەسمىكىن دەيمەن بۇ ئىشلارنى.
سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىز بۇيىنچە بولسا ھىچ ئىش باشقا چىقمايدۇ . شەخسەن مەن بولساممۇ ئۇچۇرنىڭ يالغان -راستلىقىنى نەق مەيداندا ئەملىيلەشتۇۈرۈپ بولۇپ تەستىقلايمەن . ساخاۋەتكە ئىرىشكۈچىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى داۋاملىق ئېنقلىنىپ تۇرىلىدۇ ،كىرەكلىك ياردەمگە ئىرشپ بولغاندا دەرھال ئۆچۈرىلىدۇ . پۇلنى بىزنى ئىشلىتىۋالدى دەپ قارالماسلىقى ئۈچۈن ساخاۋەتچىنىڭ كارتا نۇمىرى ئاشكارا چىقىرىلىدۇ . بۇ خىل بىرلىككە كەلگەن توردا ئالدامچىلىق قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاسانىراق بولىدۇ .
بىر ئادەمنىڭ 500 مىڭنى ئېلىۋىلىشى بىلەن 10ئادەمنىڭ 5000كوي ياردەمگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كىتشى بەك ئادالەتسىزلىك . بىز قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز ، قالغىنىنى ئاللا تەڭشەيدۇ .
6- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كىيىن قاپلا ئەينا
ماۋۇسى بولماسما : http://sahawatqi.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=498
كىيىن قالمىدىم . بىر نەچچە تور بەت ئېچلماس بولۇپ قالغاندىن كىيىن مۇقۇمىراق تور بەت قۇرايمىكىن دەپ قىلىۋاتقان ئىش . ئايرىم مۇلازىمىترلىق بوشلۇق دىگەن گەپلەرنى ئۆزلىرىمۇ ئوبدانىراق ئوقالا .
يەنە كىلىپ بۇ بەت تەشۋىقاتنى ياخشى قىلمىغان چېغى . باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىشىنى كۆرمىدىم .تور بەتنى قۇرۇپ قويسىلا ھىساپ ئەمەس ، تەشۋىق قىلىپ ئۆزلىكسىز مۇكەممەللشەشتۈرسە بولىدۇ .
قوشۇمچە بىر گىپىم : ياپتا گەپلىرىنى ئاز قىلىلى . مەن باشقا تۇر بەتلەرنى بولىدۇ ، بولمايدۇ دىگەن گەپنى تىمىدا قىلمىغان ، ھەم مەن بىرىنچى دەپمۇ تۇرۋالمىغان .مەسلىھەتلىرى بولسا ، ئېچىلىدىغان تور بەت ئۆرنەكلىرى بولسا چىقاسىلا ، بولمىسا جىم ماقما يا !
مەنمۇ ئىككى يىل بۇرۇن مۇشۇنداق تور بەت قۇرۇشنى ئويلىغان، ئەمما قولۇمدا تېخنىكا، ئىقتىساد ... دېگەندەك نەرسىلەر بولمىغاچ بۇ نەرسە پەقەت كاللامدىلا قالغان.پەقەت شۇ بىلوگباستا تۇنجى قەدەمنى باساي دەپمۇ، تولۇق باسماپتىكەنمەن. ئەمما ئادېرسى باركەن. http://hayat1umid.blogbus.com/
ئەگەر تور نامى دېسىڭىز، مېنىڭ شۇ ئالتە شەھەرنىڭ ھايات بىر ئۈمىد دېگەن ناخشىسىنىڭ ئىسمىنى تور بەت نامى قىلىپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن. مەنىسى ئېنىق، ئۆزىمۇ بىر خىل زامانىۋى، ئۆزگىچە. مەسىلەن: http://hayat1umid.com/ تور بەت ئىسمى قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ئاسان ئەستە قالىدۇ . بولسا ulyغا تولۇق چۈشسە تېخىمۇ ياخشى . ھايات بىر ئۈمىد دىگەن ئىسىم مەنىلىك بولسىمۇ سان بىلەن ھەرىپ ئارلىشىپ كەتكەن ئىسمكەن ،بەك ئەستە ساقلىمىسا تور بەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ تاپماق قىيىنغا توختاپ قالىدۇ .
باچكا دىگەن خالىس كوم نى ئون يىل بۇرۇن كۈرىيەدىن تىزىملىتىپ بوپتىكەن ، مىنىڭچە قويۋەتمەيدۇ .
ساخاۋەتچى بىز دىگەن تور بەت تۈنۈگۈن كەچ بوشلۇق ئالماشتۇرۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ، ئېچىلمىغانتى ، ئەتىگەندىن بىرى كۆرۈپ چىقتىم ، ئىسمىنى ھىساپقا ئالمىغاندا باشقا مۇنبەرلەردىن ئانچە چوڭ پەرقى يوقكەن . مەن پۈتۈنلەي 3-تەرەپتە تۇردىغان بەت يۈزى پاكىز ، ئارتۇق نەرسىلەر يوق بولغان ، خۇددى 4-قەۋەتتىكى مۇھەممەتجان ئېيتقاندەك ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى تولۇق ، مەخسۇس ساخاۋەت ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان تور بەت ياسماقچى . تېخىنكا ، بوشلۇق ، ۋاقىت بار ، لىكىن مۇۋاپىق ئىسملا كام . مەنمۇ شۇنداق توربەتتىن بىرنى ئىشلەشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگىلى خېلىى بولغان ھەم murajat.org (مۇراجەت) تورنامىنى ئېلىپ قويغىلىمۇ بىر يىلدەك بولدى .ئۆزەممۇ تور بەت بىلەن ھەپىلىشپ قويىمەن ،تېخنىكىدا مەسىلە يوق ,لېكىن شۇ باشلاپ بولالمىدىم. قوبۇل كۆرسىڭىز بۇ تورنامىنى مۇشۇ ئىشقا ئاتىدىم ھەم سىز بىلەن قولمۇقول ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى خالايمەن .سەل ئالدىراش بولغاچقا ئويلىغانلىرىمنى تۇلۇق يېزىپ بولالمىدىم . QQ:4267015 مەنمۇ ئويلاپ كېلىۋاتقان خەنزۇلارنىڭ بىرسى بار بىر يۈەن ئىككى يۈەندىن ئىئانە قىلىدىغان، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىر شەھەردە پىدائىلىرى بار شۇ يەردىكى ھەققى ياردەمگە مۇھتاج ئىگە چاقسىز قالغان ئادەملەرگە ھەر ئايدا پۇل ئىئانە قىلىدىغان، مەنمۇمۇشۇنىڭىغا ئوخشاشراق بىر توربېكەت قۇرۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى سىلەر ئىش باشلاپسىلەر،
بولسا شۇنداق قىلىڭلار zhifubao ئارقىلىق پۇل قاچىلىغلى بولسۇن، ھەققى قىينىچىلىققا ئۇچۇرغان كىشىلەرگە ياردەم قىلايلى. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن. بىكىتىلگەن ئادرىسىتىن خەۋەر بېرىۋېتەرسىز.
مۇھتاج، راۋا، مىھرىنۇر دېگەن ئىسىملارچۇ؟ زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ساۋاپ (ساۋاب) موشۇلارچۇ؟ ياردەم كوم، ياردەم س ن، ياردەم بىز دېگەنچۇ كوم كىلىدىغان ئىسملار ئاللىقاچان كوم قىلىنىپ بولغان ، سىن كىلىدىغىننى شەخسى ئالماق تەسىرەك ، ئالغان تەقدىردىمۇ ئارخىپ نۇمىرى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كىيىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن ، ھازىر بۇنى ئىلتىماس قىلماق بىر ئىش بولدى ، ئاران چۈشسىمۇ ئىككى كۈندە يۇيۇلۇپ كىتىپ تاقىلىپ قىلىۋاتىدۇ .
ئىككى كۈندىن بۇيان مۇۋاپىق ئىسىم ئىزدەپ ھېرىپ كەتتىم .
ئىسىم تەۋسىيە قىلغىچە ئېلىنىپ بولغان بولىنمىغانلىقىغا بىر قارۋەتسەڭلار بولىتى . ئەڭ ئاسان ئىش ، بېسىۋالغان مۇۋاپىق ئىسىمڭلار بولسا ئارىيەت بىرىش ياكى سېتىپ بېرىش . mehriban.biz, مۇشۇنى /اغىلى بولسا /ويلىشىپ بېقىڭ. باشقىلار /ەپبولغان بولسا biz نى باشقىسىغا /ۆزگەرتىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. org باركەن.
mehribanlar.biz , mehir دىگەنلەرمۇ بوپقالىدۇ. ئۈستىدە سەردار قالدۇرغان مۇراجەت ئو ئېر جى تور بېتىمۇ بولغۇدەكقۇ ؟ ئۇنى ئويلاشمىدىڭىزما؟ مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئېدىم،ۋە yardam.biz دېگەن نامنىمۇ ئېلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى،ئەگەر خالىساڭلار مەنمۇ مۇشۇ تور بېكەت نامىنى شۇ ئىشقا ئاتىدىم.ھەم بۇ ئىشنىڭ تىزراق روياپقا چىقىشنى شۇنداقلا ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمەن.