niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 19:50:23

يامغۇرلۇق كېچە

يامغۇرلۇق كېچە



ئەسئەت ئابدۇرېشىت




مۇشۇ كۈنلەردە بېيجىڭنىڭ ئاسمىنى ھە دېسىلا يامغۇر تۆكۈمەن دەپ كۆكەمىلىك قىلىۋاتاتتى، بېيجىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئۆگىنىشكە كەلگەن قىسقىغىنە ئون نەچچە كۈن ئىچىدە بىر قانچە قېتىملىق قاتتىق يامغۇرنى ھەتتا بىر قېتىملىق ئاپەتلىك قارا يامغۇرنى كۈتۈۋالغان بولدۇق. مانا بۈگۈنمۇ ئىنىستىتۇت ئۇيۇشتۇرغان ئۈچ كۈنلۈك پائالىيىتىمىزنىڭ بېيدەيخې بېكىتىدىكى ساياھىتىمىزمۇ توختىماي ياغقان يامغۇر بىلەن سۇغا چىلىشىپ تۇراتتى، دېڭىز بويىدىن ئاپتوبۇس بىلەن مېھمانسارايغا قاراپ قاچتۇق. ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ مېھمانساراينىڭ لەمپىسىگە ئۇلاشقىچە بولغان تۆت-بەش مېتىرچە ئارىلىقتا كىيىملىرىمىز چىلىققىدە سۇ بولۇپ كەتتى. ياتاقلارغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، مېھمانساراينىڭ لەمپىسىگە كېلىپ تۇردۇق، كەچلىك تاماققا خېلى ۋاقىت بار ئىدى. باشقا چاغلاردا دالدىدا تۇرۇپ شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرنى تاماشا قىلىش كۆڭۈللۈك ھېسابلانسىمۇ بۈگۈنكى مۇنۇ پەيلى يامان يامغۇر كىشىگە ئۇنداق تۇيغۇ بەرمەيتتى. زۇۋال قاراڭغۇسى ھۆكۈم سۈرگەن ئاسماندىن تەسۋىرلىگۈسىز بىر كۆڭۈلسىزلىك يامغۇرغا قوشۇلۇپ زېمىنغا تۆكۈلىۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇ ئەسنادا تېلېفونۇم سايراپ قالدى، تېلېفون تۇرغۇن ئىسىملىك ئىنىمىزدىن كەلگەن ئىدى. بىز ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، ئۇ تولىمۇ تەستە ئېغىز ئاچتى.


−ئەسئەتكا، ساڭا ياخشى بولمىغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزىدىغان بولدۇم.


يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى. شۇ كۈنلەردە دادامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي، تۇغقانلار داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلگەن ئىدى، شۇ ۋەجىدىن مەنمۇ ئۆگىنىشىمنى توختىتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن قايتماقچى بولۇپ تۇراتتىم.


−زادى نېمە بولدى؟


−ئاغىنەڭ تۇداخۇن ياخشى بولالماپتۇ.


قارشى تەرەپ بىلەن يەنە نېمىلەرنى دېيىشكىنىمنى بىلمەيمەن، ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك بولۇپ، يامغۇر تېخىمۇ كۈچەپ كەتتى. يېنىمدا ساۋاقدىشىم قاھار نىياز («شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى ئېيتتىم.


−ئۇنداق ئەمەستۇ، بەزىدە ئەپقاچتى گەپلەرنىڭمۇ راستتەك تارقىلىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، ئۇ تېخى ياش، ساغلام تۇرسا،−دېدى.


بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزغا باشقىلارمۇ ئارىلاشتى، مەن بىر قانچە يەرگە تېلېفون قىلدىم، ئۇنىڭغىچە باشقىلاردىنمۇ تېلېفون، ئۇچۇر كەلگىلى تۇردى. ساۋاقدىشىم ھەزرەتئەلى («تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر) تېلېفونىغا كەلگەن ئۇچۇرنى كۆرسەتتى. ئۇ راھمانجان ئاۋۇت ئۆزھال يازغان قىسقىغىنە مۇسىبەتنامە ئىدى، ئۇنىڭدا: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر قىزىقچىسى، چاقچاقچى، ئەل سەنئەتكارى تۇداخۇن (پاكا) روزى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئۈچتىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇلۇغ ئايلاردا ئالەمدىن ئۆتكەن قېرىندىشىمىزغا كەرەملىك ئاللاھدىن ئاسانلىق تىلەيمىز» دەپ يېزىلغان ئىدى.


دېمەك ئاغىنەم، ئەل سەنئەتكارى تۇداخۇننىڭ پانىيدىن باقىيغا سەپەر قىلغانلىقى راست ئىدى. بىراق قەدىمى يەتكەنلىكى يەردىن كۈلكە-قىيقاس كۆتۈرۈپ، كۆكۈش كۆزلىرى بىلەن تولىمۇ يېقىملىق كۈلۈمسىرەيدىغان بۇ ئاغىنەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە يەنىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى.


تالادا يامغۇر شارقىرىماقتا. ياتاقدىشىم ئەخمەت ناسىر (قۇمۇل ۋىلايەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى) ئۇيقۇغا كەتتى. «توۋا، تۇداخۇن تۈگەپ كەتتى-ھە…»، ئاۋازى تۆۋەنلىتىۋېتىلگەن تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانىغا قاراپ ئۆز-ئۆزۈمگە شىۋىرلىدىم، ئاندىن كارىۋاتتىن چۈشۈپ، كۆرۈرمەنسىز قالغان تېلېۋىزورنى ئۆچۈردۈم. دېمىسىمۇ ئۇنى كىم كۆرىدۇ؟ ياتاقدىشىم ئۇخلاۋاتىدۇ، كۆرەلمەيدۇ. مەن ئويغاق، ئەمما كۆزۈم كۆرمەيدۇ. مەن تۇداخۇن ھەققىدە بەك كۆپ خىياللارنى قىلدىم، ھەسرەتلىنىپ تۇرساممۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەتلەر ئاپىرىدە قىلغان قىزىقچىلىقلار خىيالىمغا كېچىپ، يىغلاپ تۇرۇپ كۈلگەنمۇ بولدۇم. رەھمەتلىك ئاغىنەم بۇ ئۆمرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە مىسلىسىز شادلىق بېغىشلىغان پەرىشتە سۈپەت ئىنسان ئىدى.


*      *      *


بىز كىچىكىمىزدىنلا بىر بىرىمىزنى بىلىشەتتۇق، ئەمما قويۇق ئارىلاشمىغان ئىدۇق، مەن 1989- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ناھىيەلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، تەبىئىيلا تۇداخۇن بىلەن قويۇق باردى- كېلىش قىلىشىپ كەتتۇق. مەن ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك مىجەزى بىلەن ئاغىينىدارچىلىققا يارايدىغان يۈرىكىنى ياقتۇراتتىم. ئورتاق نىيەتتىكى بىر قانچە بويتاق ئاغىنىلەر بىر يەرگە جەم بولاتتۇقتە، ئاددىي سورۇننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، قىزىق-قىزىق پاراڭلارنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياقاتتۇق. ئۇنىڭ بۇدرۇق قوللىرىنى مەڭزىگە تىرەپ، يانپاشلاپ يېتىپ، «بىر كۈنى مەھەللىمىزدە…» دەپ باشلايدىغان قىزىق پاراڭلىرى تۈگىمەيتتى. بىز كېچىلىرى توي-تۆكۈن، ئولتۇرۇشلاردىن قايتىپ، ئۇدۇل ئۆيىمىزگە كەتمەيتتۇق، تۇداخۇننى ۋېلىسىپىتكە مىنگەشتۈرۈپ، يا ئۇنىڭ ئۆيىگە، يا بىزنىڭ ئۆيگە، ياكى بولمىسا يەنە بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىگە كېتەتتۇق. ئاندىن يوتقانغا كىرىۋېلىپ ئۇنى گەپكە سالاتتۇق. ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك پاراڭلىرى بىلەن بەزىدە تاڭنىڭ سۈزۈلگەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالاتتۇق. بۇنداق چاغلاردا بۇنچە كۆپ گەپ-سۆز ئۇنىڭ قەيەرلىرىدىن چىقىدىغاندۇ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم، ئۇ تۈنۈگۈن قىلغان قىزىق لەتىپە-يۇمۇرلىرىنى بۈگۈن تەكرارلىمايتتى، مەن ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ قىزىق ئىشلار، كۈلكىلىك ۋەقەلىكلەر قىزىقچىلارغا ئەگىشىپلا يۈرسە كېرەك دەپمۇ ئويلايتتىم.


ئۇنىڭ ئۆيى ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن «ئۇچقۇن» دېگەن يېقىن كەنتتە ئىدى. بەزى كۈنلىرى بىز بېرىپ ئۇنى ۋېلىسىپىتكە مىنگەشتۈرۈپ بازارغا ياندۇرۇپ كېلەتتۇق. كۆپ ھاللاردا ئۇنى قوشنىسى ئەلى دېگەن ئىنىمىزنىڭ ۋېلىسىپىتىدىن ئېلىۋالاتتۇق. ئۇ ھەر قېتىم ئەلىدىن بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتكەندە:« ئاپتوبۇس ئالماشتۇق، ئەلى ئۇكا رەھمەت ساڭا»، دەپ ئۇنى چىرايلىقچە يولغا سالاتتى. ئۇ بىزنىڭ ۋېلىسىپىتىمىزنىڭ ئارقىسىدا جىم تۇرماي، ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ماڭاتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئەينى چاغدا روزى تاران (توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئەل سەنئەتكارى) ئاكىنىڭ: «ۋېلىسىپىتنىڭ پوقىقى، نەگە ماڭدىڭ؟» دەپ چاقچاق قىلىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى. تۇداخۇن روزى تاران ئاكىنىڭ ئاشۇ جايىدا كەلتۈرگەن چاقچىقىنى كېيىنكى چاغلاردىمۇ ھوزۇرلىنىپ سۆزلەپ يۈردى.


مەن شۇ چاغلاردا تۇداخۇننى كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە غەمسىز يۈرىدۇ، كۆز ياشلار ئۇنىڭدىن بەكمۇ يىراق دەپمۇ ئويلاپتىكەنمەن، بىر كۈنى ئىككىمىز بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالدۇق، كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىشىغا بىرسىنىڭ مىچىلداپ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي چىراغنى ياندۇردۇم، ئۇ يوتقاندىن يېرىم چىقىپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى.


−نېمە بولدۇڭ ئاداش؟−مەن ئۇنىڭ ساڭگىلاپ كەتكەن بېشىنى كۆتۈردۈم.


−… شۇنداق ئاداش، مەن بىر كارغا كەلمەس ئادەم، ھەممەيلەن ماڭا باشقىچە كۆز بىلەن قارايدۇ، كۆڭلۈم سېزىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مېنى مازاق قىلىدۇ…


−نېمە دەيدىغانسەن، بىز ھەممىمىز ساڭا ھەۋەس قىلىمىز، سەندە ھېچكىمدە يوق تالانت بار، ھەممە ئادەم سېنى ھۆرمەت قىلىدىغۇ. قارىمامسەن، بارغانلىكى سورۇندا سەن تۆردە، بىز بايقۇشلار پەگادا. تېخى قايتقاندا سەن راھەتلىنىپ ۋېلىسىپىتنىڭ كەينىدە ئولتۇرىسەن، بىز چاكارلار سېنى توشۇيمىز، قوي ئۇنداق بىمەنە خىياللارنى،−مەن تاپقان-تەرگەن تەسەللىي گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دېگەن بولدۇم.


شۇ ئىشتىن كېيىن ئاغىينىلەر ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر كەسپ تېپىپ بېرىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. بالىلار ئۇنى ناھىيە بازىرىدا سائەت رېمونت قىلىدىغان ۋاڭ لىيا ئىسىملىك مېيىپ خەنزۇ قىزغا شاگىرت قىلىپ قويدى، تۇداخۇن ئۇ يەردە بىر ئوبدان ئىشلەۋاتاتتى، بىر كۈنى چۈشتە ئۆيگە كەپتۇ:


−ئاداش مەن رېمونتچى بولالمايدىكەنمەن. بۇ كالتە، دىقماق بارماقلىرىم بىلەن كىچىك ئەتىۋېركە، كىچىك ۋېنتىلارنى تۇتالمايدىكەنمەن، ئۇستاممۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈمنىمۇ، خەقنىمۇ ئالدىماي باشقا ئىش قىلاي دەيمەن،−دېدى مەيۈس قىياپەتتە راست گەپنى قىلىپ.


تۇداخۇن ئۇ يەردىنمۇ چىقىپ كەتتى، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارغا ئەمەس ماڭىمۇ ھالىنى ئېيتىپ باقمىدى. ئەكسىچە غەمسىز ھالدا لەتىپە-يۇمۇر سۆزلەپ، چاقچاق قىلىپ يۈرىۋەردى. بىزمۇ ئۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالمىدۇق. بولسا ئۇنىڭغا ئىلھام، مەدەت بولىدىغان گەپ-سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇردۇق. دەرۋەقە ئۇمۇ چاقچاقتا قىر كۆرسىتىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ چاقچاق-لەتىپىلەرنى جايىدا كەلتۈرسە بىز ئۇنىڭدىن بەتتەر شادلىنىپ كۈلدۇق. ئۇمۇ بارا-بارا ئۆزىگە خاس بولغان چاقچاق ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، سورۇنلاردا ئەتىۋارلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ چاقچاق ئىبارىلىرى شۇ قەدەر ئېنىق، ئۇرغۇلىق، چۈشۈنىشلىك، ئىخچام، ئوبرازلىق ئىدى. ئۇ چاقچاقتا ئوقنى زايە قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. بىر سورۇندا 40-50 ئادەم بولسا يىگىت بېشىنىڭ بىرلا قېتىم تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئىسمى، كەسپى، مىجەز-خاراكتىرىنى ئىگەللەپ بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن چاقچاق باشلانغاندا ئۇ بىرلا كىشىگە مەركەزلىشىۋالماي «چاقچاق ئاپتوماتى» نى ئايلاندۈرۈپ سايرىتاتتى. گىزى كەلسە ئۆزىنىمۇ ئاياپ قويماي چاقچاققا تۇتۇپ بېرەتتى. بىز ئەمدىلا دەم-دەم بولغان چاقچاقچىمىزنىڭ چاقناۋاتقان ماھارىتىگە قاراپ،ئۇنىڭ چاقچاق دېڭىزىدىكى پارلاق مەنزىلىنى كۆرگەندەك بولاتتۇق.


ئاغىينىلەرنىڭ ئۆز- ئارا قىلىشىدىغان ئېغىر چاقچاقلىرى بار ئىدى. بۇ قىزىقچىلىقلارنىڭ باش قوماندانى ئەلۋەتتە يەنىلا تۇداخۇن ئىدى.


بىر كۈنى تۇداخۇن ئىككەيلەن خاماش (خالمۇرات قاسىم) نىڭ ئۆيىگە باردۇق.


−تاشتۆپىگە (يېزا ئىسمى) بېرىپ كېلەيلى، بىر ئاغىنىمىزنىڭ توي ئولتۇرۇشى ئىدى،−دېدى تۇداخۇن ۋېلىسىپىتتىن چۈشمەيلا خاماشقا.


−خاپا بولماڭلار، مەنمۇ بىرسىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانغا ۋەدە قىپ قويۇپتىمەن. (ئۇ ئېلېكترونلۇق رويال چالاتتى) ھازىر سەراپقا باراتتىم،−دېدى خاماش ئۆزرە ئېيتىپ.


−ئۇ يەرگە بارمىساڭ بولمامدۇ؟−دېدى تۇداخۇن خاماشقا.


ئادەتتە بىز ھەرقانداق سورۇن، مەرىكە بولسا بىرگە باراتتۇق، شۇڭا تۇداخۇننىڭ ئۇنى بىرگە ئېلىپ بارغۇسى بار ئىدى.


−ياق ئاغىنىلەر، مەن ۋەدە قىلىپ قويۇپتىمەن، خاپا بولماڭلار،−دېدى خاماش بارالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ.


بىز قايتتۇق، تۇداخۇننىڭ قاپىقى تۈرۈلدى، ۋېلىسىپىتنى دوقمۇشقا قايرىپ تۇرۇشۇمغا، ئۇ دۈمبەمگە نوقۇدى. ۋېلىسىپىتنى توختاتتىم، ئۇنىڭ كۆكۈش كۆزلىرىدە بىر قىزىقچىلىقنىڭ نۇرلىرى جىلۋىلىنەتتى.


−قارا ئاداش، بىزمۇ تاشتۆپىگە بارمايلى، خاماشنىمۇ ئولتۇرۇشقا بارغۇزمايلى.


−ئۇ ۋەدە قىلىپ قويۇپتۇ.


−ئۇ ئۇنداق ۋەدىدىن كۈنىگە مىڭنى قىلىدۇ، ساقچىخانىغا ھايدا.


مەن ۋېلىسىپىتنىڭ تۇمشۇقىنى بازارلىق ساقچىخانىغا بۇرۇدۇم، كۆڭلۈم بىر قىزىقچىلىقنى تۇيۇپ تۇرىدۇ. ساقچىخانىنىڭ ئالدىدا بىر خەنزۇ ساقچى تۇرۇپتىكەن، تۇداخۇن ئۇيغۇرچىمۇ ئەمەس، خەنزۇچىمۇ ئەمەس بىر تىلدا دېلو مەلۇم قىلدى. بۇنداق «مەلۇم قىلىش» لارنى كۆپ ئاڭلاپ كەتكەن ساقچى ئۇنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشىنىپ ئاچچىقلاپ كەتتى.


−سەندەك ئادەمنى شۇنچە ئۇرغان بارمۇ، قېنى يارىلانغان يېرىڭنى كۆرۈپ باقاي،−دېدىدە ئۇنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىنى سىلاشتۇرۇپ كۆرۈپ،−ھېچنېمە بولماپسەنغۇ، ھەممە يېرىڭ ساق تۇرىدىغۇ،−دەپ سۆزلەپلا كەتتى.


- ساقچى يولداش، ۋەيميەن (خەنزۇچە سىرتى دېمەكچى) ساق بولغىنى بىلەن، تاياق لىميەن (ئىچى) گە جىڭچۈلې (كىرىپ كەتتى)،−دېدى تۇداخۇن تاياقنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ.


−ئۇنداق بولسا ئۇنى تۇتۇپ كېلەيلى،−دېدى ساقچى يىگىت جىددىي قىياپەتتە.


−ياق، ئۇ ئۆزى ھازىر مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ،−دېدى تۇداخۇن. ئۇنداق بولۇشى مەسچىت بىلەن ساقچىخانا بىر يەردە ئىدى. خاماش مەسچىتنىڭ سەراپىغا چۈشۈش ئۈچۈن چوقۇم ساقچىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى.


−ئەنە كەلدى،−دېدى تۇداخۇن ساقچى يىگىتكە سوپۇن، لۆڭگە سېلىنغان سومكىسىنى كۆتۈرۈپ غەمسىز كېلىۋاتقان خاماشنى كۆرسىتىپ.


ئىككى ساقچى يىگىت يۈگۈرۈپ بېرىپ خاماشنىڭ قولىدىن قايرىپ تۇتۇپ كەلدى. بىز دالدىغا ئۆتۈۋالدۇق. ئۇنى سوراقخانىغا ئەكىرىپ كەتتى. ئازىراق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ كىرسەك، بىر ئۇيغۇر ساقچى ئۇنى سوراق قىلىۋاتقان ئىكەن. ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان خاماش كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ: «ئۇنداق قىلمىدىم» دەپ تۇرۇپتىكەن، بىزنى كۆرۈپ چىرايىغا كۈلكە تەپتى.


−ساقچى، ئۇنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كەچتۇق،−دېدى تۇداخۇن ساقچى يىگىتكە.


−ھەي پاكا، بۇ يەردە بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتۇق دېگەن گەپ يوق، كونا زاماننىڭ گېپىنى قىلماي، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئەمدى دېمەمسەن،−دەپ ۋارقىرىدى ساقچى تەرىنى بۇزۇپ.


−بولدى، مەن ئۇنى كەچۈرىۋەتتىم، دەۋا-دەستۇرۇم يوق، مەندىن ئەپۇ سورىسىلا بولدى،−دېدى تۇداخۇن.


−ئەپۇ سورا ئۇنداق بولسا،−دېدى ساقچى خاماشقا قاراپ.


−بولدى مەن سىلەر بىلەن تاشتۆپىگە باراي،−دېدى خاماش.


−بۇ قانداق ئەپۇ سوراش،−دېدى ساقچى ئەجەبلىنىپ.


−بىز رازى ئۇنى قويۇۋېتىڭلار،−دېدى تۇداخۇن كۈلمەي تۇرۇپ.


ئۇلار خاماشنى قويۇۋەتتى، بىز كۈلۈشكىنىمىزچە ساقچىخانىدىن چىقتۇق. «بۇ خەق ساراڭ بوپتۇ» دېگىنىچە ساقچىلار ئارقىمىزدا قالدى. بىز ۋېلىسىپىتنى تاشتۆپىنىڭ شېغىللىق يولىغا بۇرىدۇق.


تۇداخۇن بىلەن ئارىمىزدا بولغان قىزىقچىلىق، چاقچاقلارنىڭ ئۆزى بىر نەچچە كىتاب بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.


ئۆز ئارا ئولتۇرغان بىر سورۇندا تولا خوتۇن ئېلىپ خوتۇن قويىدىغان بىر ئاغىنىمىز سۆزلەپ قالدى.


−بۇ قېتىم ئۆيلەنسەم، ئالدىرىماي چېكىپ تاللاپ، تىرناقتا توختىغۇدەك بىرسىنى ئالمىسام.


بۇنى ئاڭلىغان تۇداخۇن دەررۇلا تەرىنى تۇرۇپ:


−سەنچۇ ئاغىنەم، ئەمدى تىرناقتا توختىغۇدەك خوتۇن ئەمەس، ئۆيدە توختىغۇدەك خوتۇن ئال،−دېدى


*     *     *


تۇداخۇننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاغىنىسىدىن تېلېفون كەلدى.


بۇرادەر، ماڭا قىزىل قولتۇق پاقا دورىلىققا كېرەك بوپ قالدى، ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭ.


−جېنىم ئاغىنەم، ئۆتكەندىمۇ مۇشۇنداق دەپ تېلېفون ئۇرغانتىڭ، مەن بارمىغان زەيكەش، كۆل قالمىدى. كاساپەت بىراقلا يوقاپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ۋاق-ۋاق پاقا ئىگىلەپ كېتىپتۇ. بولمىسا ئاشۇ ۋاق-ۋاق پاقىدىن ئېۋەتىپ بېرەيمۇ يا.


−تۇداخۇن چاقچاق قىلمىغىن، قىزىل قولتۇق پاقا تاپىدىغان باشقا ئامال يوقمۇ؟


−بار،−دېدى تۇداخۇن ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا،−ۋاق-ۋاق پاقىنىڭ قولتۇقىغا ئۇرۇپ قىزارتىپ ئېۋەتىپ بېرەيمۇ يا.


*     *     *


2004-يىلى ئاشقازىنىم ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم.بىرقانچە ئاغىينىلەر بىلەن يوقلاپ كەلگەن تۇداخۇن سورىدى:


−دوختۇرلار نېمە دەيدۇ؟


−ئاشقازاننىڭ دەردىنى تارتالمايۋاتسام بۆرەك بىلەن يۈرەكنىڭ خىزمىتىمۇ ياخشى ئەمەس، تەكشۈرىمىز دەيدۇ،−دېدىم كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ.


−ئا…،−دەپ ماڭا تەسەللىي بەردى تۇداخۇن،−سەن بىلەن بىزنىڭ ئاتتەك يۈرىكىمىز بولسىمۇ مۇشۇ بەستىمىز بىلەن كىمنى ئۇرالايمىز؟ كاۋاپچىلارنىڭ ئالدىغا بارساڭ بۆرەك ئۈچ كوي، يۈرەك بەش مو، خاتىرجەم ياشاۋەر.


ھەممىمىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.


گەرچە تۇداخۇن ئەنە شۇنداق قىزىق-قىزىق يۇمۇر-لەتىپىلەرنى نەق مەيداندا ھازىر قىلىپ، ئۈچەيلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغۇدەك چاقچاقلىرى بىلەن سورۇن سورۇنلارغا جان بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ توققۇزتارادىن ئىبارەت بۇ كىچىك دائىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيۋاتاتتى. بۇنىڭغا ئۆزىنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ ئىچىمىز پۇشاتتى.


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا شەخسىيلەر تەشكىللىگەن سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى بىر قەدەر جانلانغان ئىدى. ئۇلارمۇ تۇداخۇنغا ئوخشاش ئىقتىدارى بار، ئەمما تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنىگە يېتىشەلمەي كېلىۋاتقان ئەل سەنئەتكارلىرىغا موھتاج ئىدى. مەن تۇداخۇننى ئۇلارغا تونۇشتۇردۇم.شۇنىڭ بىلەن تۇداخۇن ئۈرۈمچىدىكى بىرسىنىڭ شەخسىي ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ، ئويۇن قويۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا كەتتى. ئۇنى يولغا سېلىۋىتىپ ئەندىشىگە چۈشۈپ قىلىشىمنى كىم بىلسۇن؟ تۇداخۇن شۇ كەتكەنچە جىمىپلا كەتتى. ئۇچاغلاردا تېلېفون ئالاقە ئىشلىرى ئانچە راۋان ئەمەس ئىدى. ئىدارىمىزدا باش ئىشتاپ ئارقىلىق ئۇلىنىدىغان بىرلا تېلېفون بار ئىدى. مەن ھەركۇنى تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئەتراپىدىكىلەردىن: «ماڭا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون كەلدىمۇ؟» دەپ سورايتتىم. ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۇز بەردى. تۇداخۇن كېتىپ ئون كۈنچە بولغاندا ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇقادىركام  مېنى ئىزدەپ كەلدى.


−ئۇكا، تۇداخۇندىن خەۋەر بارمۇ؟ دادام بىلەن ئاپام بەك ئەنسىرەپ كېتىۋاتىدۇ؟


چۇنكى بۇ تۇداخۇننىڭ تۇنجى قېتىم بوسۇغا ئاتلاپ يالغۇز ئۇزاق سەپەرگە چېقىشى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئەنسىرىشى ئورۇنلۇق ئىدى.


−ھازىرچە جىم ،ئەتە-ئۆگۇن خەۋەر كېلىپ قالار ،ئەنسىرمەڭلار،−دېدىم تۆۋەنچىلىك بىلەن.


ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتتى.تۇداخۇندىن يەنىلا ئىنجا يوق.ئۇ خۇددى سۇغا چۇشكەن تاشتەك جىمجىتلا بولىۋالغانىدى.


−ئۇكا ،ھازىر ۋەزىيەتنى تەكشى ئەمەس دەيدۇ،ئالىمادىس بىرەر ئىش يۇز بېرىپ قالماس-ھە!؟−دېدى ئابدۇقادىركام كوچىدا مېنى تۇتىۋىلىپ.


−ئاكا،ئۇلار يۇرت ئارىلاپ ئويۇن قويىۋاتىدۇ.بەلكىم تېلېفوننى ئىزدەپ تېپىپ ئۇرىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان بولسا كېرەك. ئەنسىرمەڭلار، −دېدىم ئۇنى خاتىرجەم قىلماقچى بولۇپ.ئەمما كاللامغا كىرىۋالغان ئاللىقانداق يامان خىياللار مېنىمۇ بىئارام قىلىۋاتاتتى.«نېمە دەپ بۇ ئىشقا ئارلىشىپ قالغاندىمەن؟ مۇشۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغاندىكىن ئەمدى كۆرىدىغىنىم بار ئوخشايدۇ؟» خىجالەتچىلىك، ئەنسىزلىك، تەشۋىش بىلەن كۈنلەر بەكمۇ تەستە ئۆتمەكتە ئىدى. «ئىت تۈدەك!» دەپ ئۇنى ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا باشلىدىم. دېمەكچىمۇ ئابدۇقادىركام مېنى بىر قانچە قېتىم ئىزدەپ ئىدارىغا كەپتۇ. تاق بىر ئاي بولغاندا بۇ «جۇۋاينىمەك» تىن تېلېفون كەلدى. ئۇ تېلېفوننى غۇلجا شەھىرىدىن ئۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇتۇق كۆڭلۈم ۋاللىدە يورىدى. ۋېلىسپىتنى ھەيداپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە  ئۇچتۇم. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇلۇغ نەپەس ئېلىشىپ، خاتىرجەم بولۇشتى.


شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى قايتىپ كەلدى. شۇنداق، ئۇ يېپ-يېڭى بىر ئادەم بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى سەپەر ئۇنى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ياشاش ئىستىكى، كىشىلىك قىممەت قاراشلىرىدا روشەن ئىلگىرىلەشلەر بولغان ئىدى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى ئىشەنچ بىلەن رەسمىي بىر چاقچاقچى دەپ تونۇشقا باشلىغان ئىدى.


1991-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى توققۇزتارا ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى روزى تاران ئاكىنىڭ 60 يىللىق ھاياتىنى خاتىرىلەپ پەرزەنتلىرى ياڭاق ساي مەنزىرە رايونىدا چوڭ مەرىكە بەرمەكچى ئىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە روزى تاران ئاكا دادامنى چاقىرىپ بىزنىڭ ئۆيگە كىردى. مەن دەرھال:


−روزىكا، تۇداخۇننىمۇ ئېلىۋالساق بولمامدۇ؟ چاقچاق قىلىپ مەرىكەڭنى قىزىتىپ بېرىدۇ.


−شەھەردىن چاقچاقچىلار چىقىدۇ. «سەھرادا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ» دېگەن گەپ بار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇ نېمەڭ چاقچاق قىلالامدىكىن تاڭ،- دېدى روزى تاران ئاكا ئانچە ئېرەنشىمەي.


−نېمە دەيدىغانسەن، تۇداخۇن كارامەت پاراڭ قىلىدىغان بوپ كەتتى جۇمۇ،−دېدىم تۇداخۇننىڭ يېنىنى ئېلىپ.


−ئۇنداق بولسا ئەچىق، قاتناشنى ئۆزەڭ ھەل قىل.


يولغا چىقىدىغانغا خېلى ۋاقىت بار ئىدى، مەن ۋېلىسىپىت بىلەن شامالدەك ئۇچۇپ بېرىپ تۇداخۇننى ئەكەلدىم ۋە ئۇنى روزى تاران ئاكىنىڭ چوڭ ئوغلى ئەنۋەر تاران ئاكا ئولتۇرغان ماشىنىغا جايلاشتۇرۇپ قويدۇم.


دېگەندەك بۇ مەرىكىگە غۇلجا شەھەردىن ئاتاغلىق چاقچاقچى ساتتار قورۇق ئاكا چققان ئىكەن. سورۇن باشلىنىپ ئاز ئۆتمەيلا ساتتار ئاكىنىڭ ئاغزى ئېچىلدى. ئۇ ئۇياقتىن بۇياقتىن چاقچاق قىلىپ، ئۆزىگە قارشى گەپ قىلىدىغان ئادەم تاپالماي قالدىمۇ قانداق بىردىنلا:


−تۇداخۇن دېگەن ئىنىمىزنى چاقچاق قىلىدۇ دەيدۇ، مۇشۇ يەردە كۆرگەندەك قىلىۋېدىم. قېنى چاقىرمامسىلەر، بىر ئىككى ئاتلىشىپ باقمامدۇق،−دەپ قالدى.


ئۇنىڭغىچە باشقىلار تۇداخۇننى قازان بېشىدا ئولتۇرغان يېرىدىن سۆرەشتۈرۈپ سورۇنغا ئەكىردى. مەن جامائەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ نەقمەيداندىن سىنغا ئېلىۋاتاتتىم. سورۇنغا تارتىشىپ كىرىۋاتقان تۇداخۇنغا قاراپ يۈرىكىمگە كىرگەن بىر ئەنسىزچىلىك بىلەن بىئارام بولۇشقا باشلىدىم. كۆپ سورۇنلارنى كۆرگەن، نامى بار بۇنداق چاقچاقچىلارغا چۈشۈش تۇداخۇنغا تېخى بالدۇرلۇق قىلاتتى. ئويلىغىنىمدەك ساتتار قورۇق دېگەن چاقچاقچى ئاكىمىز تۇداخۇنغا ئارقىمۇ ئارقىدىن ئېغىز بومبىسى تاشلىدى. بىراق بىزنىڭ تۇداخۇنمۇ بوش كەلمىدى، ئۇنىڭغا شۇنداق بىر ئىلھام كەلگەن ئىدى. شۇ ھامان ئۇنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ، ئېغىزى ئېچىلدى. ھاي- ھاي، نېمىسىنى ئېيتىسەن، كاساپەت پىلىموتتەك سايراپلا كەتتى. ئۈزۈلمەي يېغىۋاتقان چاقچاق ئوقلىرنىڭ زەربىسىدە ساتتار قورۇق دېگەن چاقچاقچى ئاكىمىز ئۆرە بولالماي قالدى. تۇداخۇننىڭ چاقچاقلىرى شۇ قەدەر ئىلمىي، تېتىملىق، راۋان چىقىۋاتاتتى. ئوتتەك پەخرلىنىش تۇيغۇسىدا كامېرانىڭ كۆزنىكىنى ئاغىنەمگە توغرىلىدىم. ئاجايىپ بىر خىل ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنى كۈندە ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرسەممۇ ئۇنىڭ بۇنچە كارامىتى بارلىقىنى مانا بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشۈم ئىدى. تاق شۇ يوسۇندا تۇداخۇن ئىككى سائەتتەك يىپ ئاتلىماي ئوق ئۈزگەن بولدى. ئاخىرىدا ئۆزىنى ئوڭشىيالماي قالغان ساتتاركامنىڭ ئاغزىدىن سەت گەپلەر چىقىپ كېتىپ قالدى. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن تۇداخۇن دەرھاللا:


−ھاي، ھاي ساتتاركا قورۇقتىن چىقىپ كەتمەيلى،−دەپ ئۇنىڭ لەقىمىنى تىلغا بېسىپ، سورۇننى قىيقاس چۇقان بىلەن تۈگەللىدى.


ئەتىسىدىن باشلاپ مەزكۇر مەرىكىنىڭ سىن لېنتىسى ئۆيدىن ئۆيگە، قولدىن قولغا ئۆتۈپ، بازارلىق كىنودەك توختىماي قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن تۇداخۇننىڭ نامى يەنە بىر قېتىم يىراق- يېقىنغا تارىدى.


ئەمدى تۇداخۇننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوشنا ناھىيەلەردىن، شەھەردىن چىققان ھەر خىل كىچىك ماشىنىلار كېلىپ توختايدىغان بولدى. تۇداخۇن ئاشۇ ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ، تۇرۇپ-تۇرۇپ «يۈتۈپ» كېتىدىغان بولۇپ قالدى. دېمەك بۇ ئۇنىڭ چاقچاقتا پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنىڭ، تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بىز ئاغىينىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇنداق «يۈتۈپ» كېتىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئارزۇ قىلغان ئەمەسمىدۇق. ۋاقىت ئۇنى تاۋلىغان ئىدى، ھاياتقا بولغان، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئۇنىڭغا سۇنماس قانات تەغدىم قىلغان ئىدى. ئاچچىق كۆز ياشلارنى ئىچىگە يۇتۇپ ھايات ئاسمىنىنىڭ يورۇق ئۇپۇقلىرىغا ئۈمىد بىلەن قارىغان تۇداخۇن ئاخىرى ناھىيىدىن ھالقىپ چىقىپ شىنجاڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەتتاكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرىدىغان خەلق چاقچاقچىسىغا ئايلانغان ئىدى. بىز دوستلارنىڭ نەزىرىدە تۇداخۇننىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىدىكى خاسلىقىنى مۇنداق بىر قانچە نوقتىلارغا يېغىنچاقلاشقا بولاتتى.


1. تۇداخۇن مەھەللىۋىي چاقچاقنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن كۆلەملەشتۈرۈشتە زور تۆھپە ياراتقان چاقچاقچى.


2. تۇداخۇن چاقچاقنىڭ ئاممىبابلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن چاقچاقچى.


3. تۇداخۇن چاقچاقنىڭ ئىلمىي، ئاممىباب بولۇشىنى شەرت قىلىش بىلەن بىرگە، چاقچاقنىڭ ئەسلىي پۇرىقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۆز ئالاھىدىلىكى نامايەن قىلغان چاقچاقچى.


4. تۇداخۇن ئۇيغۇر چاچما چاقچاقچىلىقىنىڭ يەنە بىر يورۇق يۇلتۇزى.


5. تۇداخۇن چاقچاق بىلەن بىرگە لەتىپە- يۇمۇر سۆزلەش، ئېپىزوت، كومېدىيەلەردە رول ئېلىش جەھەتلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەقىقىي بىر سەنئەتكار چاقچاقچى.


6. تۇداخۇن ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلانغان «پاراڭ» دا ئۆز خاسلىقىنى ساقلىغان تۆھپىكار چاقچاقچى. (ئىزاھات: تۇداخۇننىڭ يانپاشلاپ يېتىپ قىلىدىغان ھېكايە شەكىلدىكى قىزىقارلىق پاراڭلىرىنى كۆپلىگەن چاقچاق ھېرىسمەنلىرىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى.)


شۇنداق، تۇداخۇن ئۇيغۇر چاقچاقچىلىقىدا بىزگە تولىمۇ كۆپ قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.


تۇداخۇن بىر تالانتلىق خەلق سەنئەتكارى بولۇپلا قالماي، بىر مەسئۇلىيەتچان  ئائىلە باشلىقى، كۆيۈمچان ئاتا ئىدى. ئۇ تولۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چاقچاقچىلىق ماھارىتىگىلا تايىنىۋالماستىن، ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى يارىتىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىپ، ئىشتىن سىرىتقى ئادۋۇكاتلىق كەسپىنى تاماملىدى…


2011-يىلى باھاردا مەن توققۇزتاراغا چىققىنىمدا ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن ھال-مۇڭ قىلىشىپ قالدىم.


−قارا ئاداش،−دەپ گەپ باشلىدى تۇداخۇن،−مۇنۇ چوڭ قىزىم گۈلدىيار بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇسام دەيدۇ، ئۇنىڭ ئارزۇسى كەلگۈسىدە بىر يەسلى ئېچىپ بالا تەربىيىلەشكەن، خۇش بوپ قالدىم قارا.


−شۇنداق، خۇش بولىدىغان ئىشكەن، خۇدايىم ئەقلىنى زىيادە قىلسۇن.


−مېنىڭ پالاقشىپ يۈرۈپ پۇل تېپىشىم مۇشۇ بالىلار ئۈچۈن ئەمەسمۇ، يېتىپ يېسەممۇ ھەر ھالدا ئۆزۈمگە يەتكۈدەك بىر نەرسە بار. بىراق بۇ مەقسەتتە ياشىساق بولمايدۇ-دە، شۇڭا مەن جان -جەھلىم بىلەن بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن.


تۇداخۇن توغرا دەيدۇ. ئۇ ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقانلار ھەم شۇ جەمەت ئۈچۈن بىر تەۋرەنمەس مەنىۋىي تۈۋرۈك ئىدى. ئۇ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ غورىگىل دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئاسمىنىنى يورۇق قىلغان ئىدى.  ئۇ دەسلەپتە دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ماتورلۇق ھارۋىلارنى ئېتىز بېشىدا پەيدا قىلدى. كېيىنچە زامانغا لايىق چىرايلىق ئۆيلەرنى سالدى، بالىلىرىغا ئايرىم ھوجرىلارنى راسلاپ كىتاب شىرەسى ۋە كومپيۇتېرلارنى سەپلەپ بەردى. ئۆچكىلىك تاغلىرىنىڭ كۈنگەي ئېتىكىدە مېۋىلىك باغ ئەھيا قىلدى، يەر كۆتۈرە ئېلىپ كۆچەت تىكتى، ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ماڭدۇردى، ۋەھاكازالار…


دېمەك بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئائىلە، پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئىدى. ئوماق پەرزەنتى گۈلدىيار، گۈلنىھال، ئىليارلارمۇ بۇ كۆيۈمچان ئاتىنىڭ ئېزگۈ تىلەكلىرىگە ماس زېرەك، ئەقىللىق چوڭ بولۇۋاتاتتى، تېخى گۈلدىيار قولىدا قەلەم توختايدىغان ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بولۇپ يېتىلدى.گۈلدىيار 5-يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا يازغان «مېنىڭ دادام بەك كۆيۈمچان…» دېگەن  چىرايلىق قۇرلار بىلەن باشلىنىدىغان ماقالىسى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق ؟-سانىدا ئېلان قىلىندى. گۈلدىيار يەنە ژۇرناللارنى ئۇستاز تۇتۇپ ، بالىلارغا خاس تەپەككۇرى بىلەن شېئىر، ماقالىلارنى يېزىپ كېلىۋاتىدۇ. تۇداخۇن بۇ ئوماق قىزىدىن قەۋەت خۇش ئىدى.


−ئاداش، بۇ قىزىمنى ساڭا شاگىرتلىققا بەردىم، ئۆزەڭگە ئوخشاش يوقىلاڭ بىرنېمىلەرنى يازىدىغان قىلىپ تەربىيىلىمەي، ئوبدان يولغا سال،−دەپ چېقىشقان ئىدى، گۈلدىيارنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.


تۇداخۇننىڭ يولى ئېچىلىپ دولىسى ئاپتاپ كۆرگەندىن كېيىن ئۆزى بىلەنلا بولۇپ كەتمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن مەھەللىدىكى جىگىرى بار ئەمما تىجارەتكە دەسمىسى يوق قوشنىلارغا قەرز بېرىپ ئۇلارنى ئوقەتكە سالدى. مەسچىت، مەكتەپلەرگە چامىنىڭ يېتىشىچە ئىزچىل ياردەم قىلدى، يېتىم-يېسىر، غېرىب-غۇرۋالارنىڭ ھالىغا يېتىپ، بېشىنى سىلىدى. ئەپسۇس ئۇنىڭ مەكتەپ ئېچىپ «قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنى يىغىپ ئوقۇتىمەن» دېگەن ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانماي ئارزۇ پېتىچە قالدى. يىغىپ ئېيتقاندا پەۋقۇلئاددە تالانتى بىلەن ئەل كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغان خەلق سەنئەتكارىمىز تۇداخۇن روزى باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىدىن مۇستەسنا ھالدا مەردانە ياشىدى. ئۆزىنىڭ باي مەنىۋى دۇنياسى، گۇزەل تىل ماھارىتى بىلەن باشقىلارغا خۇشاللىق  ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ چاقچاقلىرىدىن قېنىپ – قېنىپ ھۇزۇرلانغان قەلبلەر ئەمدى ئۇنى سېغىنىش بىلەن ئەسكە ئالىدۇ. ئۇ تارىخنىڭ ئۆڭمەس بەتلىرىدە ئاشۇ ئۆلمەس چاقچاقلىرى بىلەن مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ.


*       *        *


تۈن نىسبى. يامغۇر تېخىچىلا يېغىۋاتاتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلەيتتى. ياتاقدىشىمنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن چىراغنى ياندۇرمىدىم. تىل بىلەن ئىپادىلىغۇسىز بىر خىل غېرىپلىق يۈرىكىمنى قىساتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە يېنىغا كەلدىم. «قەدىرلىك دوستۇم، ئۇلۇغ ئاللاھ ئاخىرەتلىكىڭنى خەيرىلىك  قىلسۇن، بىز ھەمىشە ئارمان-ئىستەكلەرنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ ئازابلىنىدىكەنمىز. يۈرىكىمدە قالغان مۇنۇ كىچىككىنە ئارمان مېنى قىيناۋاتىدۇ، ئەسلى مەن ئاخىرەتلىك ئىشلىرىڭدا بولسىمۇ ئەل قاتارى بېشىڭدا تۇرۇپ ئېزگۈ تىلەكلىرىم بىلەن خىزمەت قىلسام بولاتتى، بۇنىمۇ قىلالمىدىم. شۇڭا مەن يىراقتا تۇرۇپ مۇنۇ ئاسماندەك ياش تۆكۈپ بوزلاپ قالدىم. ئەپۇچان دوستۇم مېنى كەچۈر…». مەن يامغۇرلۇق، قاراڭغۇ تالاغا قاراپ ئاشۇلارنى پىچىرلىغاندىن كېيىن مەقسەتسىزلا تېلېفونۇمنىڭ ئېكرانىنى يورۇتتۇم، كۆزۈمگە يازغۇچى پەرھات ئېلىياس ئەۋەتكەن مۇنۇ تېلېفون ئۇچۇرى چېلىقتى. «مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. ھەممىمىز بىر كۈنى چاقچاق ئاڭلىغىلى ئارقىسىدىن بارىمىزغۇ…» ئۇچۇرنى ئوقۇپ نېمە ئۈچۈنكىن مۇڭلۇق كۆڭلۈم كىچىككىنە تەسكىن تاپقاندەك بولدى. لېكىن يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس…




مەنبە: "ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلى 2012-يىللىق 5-سان





umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 09:37:24

تۇداخۇن پاكا تۈگەپ كەتتىما؟ ئەجەل دىگەن ھە... كىچىككىنە بالىدەك تۇراتتى بولمىسا تېلىۋىزوردا....

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 22:03:44





خەتنى سەل چوڭراق يازغان بولسڭىزچۇ ، شۇنچە كۈچىسەممۇ كۆزۈم تېلىپ تۈگۈتۈپ ئوقالمىدىم .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-2 19:30:17

مەن ئوڭشاممىدىم خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، باشقۇرغۇچىلار تەڭشىيەلەمدىكىن.
بەت: [1]
: يامغۇرلۇق كېچە