android 4.0.4ئۇيغۇرچە قوللامدۇ ؟
android 4.0.4ئۇيغۇرچە قوللامدۇ ؟
تېلفونومنىڭ نەشىرىنى يوقىرى كۆتىرەي دېگەن ، android 4.0.4ئۇيغۇرچە قوللامدۇ ؟
يانفون تىپى : Samsung I929 ئىدى . مۇشۇ تېلفوننىڭ نەشىرى2.3.6 نى يۇقىرى كۆتىرىش ھەققىدە ئۇچۇر بولسا تەمىنلىسەڭلار ، رەخمەت
مەنمۇ سوراپ باقاي ، مۇشۇ خۇۋېي c8812E دىگەن تېلفۇندا ئىزدىنىشقا كىرىپ ئىنكاس يازغىلى بۇلامدۇ ؟ قايسىڭلارشۇنداق قىلىپ باقتىڭلار ؟؟؟؟ قواللايدۇ.لىكىن ئە ھەرىپى نۇرمال ئەمەس..ئۇقۇغىلى بولىدۇ.. قواللايدۇ.لىكىن ئە ھەرىپى نۇرمال ئەمەس..ئۇقۇغىلى بولىدۇ..
دىمەك ، يانفوندا ئۇيغۇرچە يازغاندىمۇ ئە ھەرپى ئۇلانمايدىكەندە ؟
ئى ئە ھەرىپى ئۇلانمىغان بىلەن ھالەتتە يازغىنىڭىز بىلەن يوللاپ بولۇپ كومپيۇتېردا كۆرسىڭىز نورمال كۆرەلەيسىز.
1- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ سوراپ باقاي ، مۇشۇ خۇۋېي c8812E دىگەن تېلفۇندا ئىزدىنىشقا كىرىپ ئىنكاس يازغىلى بۇلامدۇ ؟ قايسىڭلارشۇنداق قىلىپ باقتىڭلار ؟؟؟؟
يانفون نۇسخىسى بولمىسا ئېقىمنى جىق يەيدۇ، بەلكىم ئىزدىنىشنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە كىرسە ئىنكاس ياكى تېما يازغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى كومپيۇتېردىمۇ بەزىدە نورمال ئەمەس تۇرسا. بېكەت پروگراممىسىنى يېڭىلايدىغان يەرگە كەلگەن ئىدى ئەسلى. 4.0.4 دا بەزى ھەرپلەر كەم شۇڭا باشقا بىر ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. مىنىڭ 4.0.4 ئىدى ،بۇ سىستىما ئۇيغۇرچىنى يىلتىزىدىن قوللايدۇ ، لىكىن خەت نۇسخىسى سەل كۆرۈمسىز ئىكەن ،
ئالىپ تورىدا ھەممىباب كىرگۈزگۈچ ، چىرايلىق خەت نۇسخىسى دەيدىغان ئىككى ئەپ بار ، سىز شۇ ئىككىسىنى قاچلىسىڭىزلا
ئۇيغۇرچە ھەرقانداق توربەتلەرنى خالىغانچە زىيارەت قىلالايسىز ، ھەممىباب كىرگۈزگۈچ ئارلىق ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل
كىرگۈزەلەيسىز . ئەڭ مۇھىمى روت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن بولسۇن ، بولمىسا بۇ ئىككى ئەپنى قاچلىيالمايسىز .
ئەگەر ئالىپتىن ئۇ ئىككى ئەپنى تاپالمىسىڭىز ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ، مەن ئەۋەتىپ بىرەي . ياق 4.0.4نىڭ ھەممىسى ئۇنداق ھەرىپ چالاچىقىدىغان ئەمەس.بىرقىسىم تېلېفونلاردىلا كۆرىلىدۇبۇھادىسە.c8812داتامامەن بولىدۇ نۇرمال ئىنكاس يازغىلى،ماۋۇئىنكاسنىمۇsamsung9100دايىزۋاتىمەن.تېمائىگىسى تورداش ئۇ929غا4.0.4سىستېمىنى يازالماسسىزمىكىن مەندىمۇبىرى بارئىدى4.0رومنى چۈشۈرۈپ قويغان لىكىن بۇتېلېفونغارۇت ئالغىلى بولمىدى.رۇت ئالمايمۇسىستېمايازغىلى بولامتىكىن يا.ئەگەر4.0.4نەشرىنى قاچىلىيالىپ قالسىڭىزھىچ قانداق ئىش قوشمايلائۇيغۇرچىنى نۇرمال ئىشلىتەلەيسىزئۇيغۇرچەخەتلە windows 8 دىكى بىلەن ئوپمۇئوخشاش. يانفونۇمغا ماس كىلىدىغان سېستىمىدىن بىرنى (4.0.4+google) تاۋباۋ تورىدىن سېتىۋىلىپ قاچىلىغاندىن كېيىن ، بىرىنچى بولۇپ ئىزدىنىشنى ئاچسام ، خەتلەر شۇنداق نورمال چىقىۋاتمامدۇ، خۇشلۇقۇمدا بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن.
ئەگەر ئالىپتىن ئۇ ئىككى ئەپنى تاپالمىسىڭىز ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ، مەن ئەۋەتىپ بىرەي . دەپسىز ،قېنى ئەۋەتىپ بېرىڭ،
1391591008@qq.com ، رەخمەت . ئەمدى سوراپ باقاي يانفوندىكى ئەپلەرنىڭ نامىنى قايسى دېتال بىلەن ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىمىز ؟ رەخمەت
9- قەۋەتتىكى bahadirlarbizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يانفونۇمغا ماس كىلىدىغان سېستىمىدىن بىرنى (4.0.4+google) تاۋباۋ تورىدىن سېتىۋىلىپ قاچىلىغاندىن كېيىن ، بىرىنچى بولۇپ ئىزدىنىشنى ئاچسام ، خەتلەر شۇنداق نورمال چىقىۋاتمامدۇ، خۇشلۇقۇمدا بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن.
ئەگەر ئالىپتىن ئۇ ئىككى ئەپنى تاپالمىسىڭىز ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ، مەن ئەۋەتىپ بىرەي . دەپسىز ،قېنى ئەۋەتىپ بېرىڭ،
1391591008@qq.com ، رەخمەت .
Rcovreyبولمىساقانداق قاچىلىدىڭىزئۇسىستېمىنى.؟ياكى تاۋباۋدىن سىتۋالغان سىستېمىنىڭ باشقىچەقاچىلاش ئۇسۇلى بامىكەن.؟مەن 4.0.4نىsamsungtgbusتىن چۈشۈرگەن ھىچ بىرقاچىلاشنىڭ ئىپىنى قىلالمىدىم.
كىرگۈزگۈچنى google playدىن چۈشۈرۋالسىڭىزبولىدۇuyghurدەپ ئىزدىسىڭىزئۇيغۇرچىغائائىت بارلىق ئەپلەنى تەپ بىرىدۇ.ئاۋۇ فونت ئىشىدا rootئاچمىسىڭىزبولمايدۇ.ئەپلەنىڭ ئىسمىنى ۋەھەممەيىرىنى ئۇيغۇرچە قىلماقچى بولسىڭىزapk editor دىگەن ئەپنى ئىشلىتىمىز.ئاۋۇ سىستېمىنى قانداق قاچىلىغانلىقىڭىزنى دەپ بەسىڭىزبولىتى.
سەنشىڭغا ئەسلى زاۋۇت تەمىنلىگەن سىستىما يېزىش قۇرالى بار12- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سەنشىڭغا ئەسلى زاۋۇت تەمىنلىگەن سىستىما يېزىش قۇرالى بار
شۇسىستېمايىزىش قۇرالىنىڭ نام شەرىپىنى دەپ بىرىشكەمومكىن بولامۇ.؟ھىلىقىodinدىگەن نەسىغوئەمەستۇ،؟ئۇنەرسىنى پەقەت ئىشلىتەلمىدىم مەن خەنچەئۇقمايمەن ھەمpcمۇيوق مەندە،مۇشۇكەمگىچەتېلېفوننىڭ ئۆزىدىلاقىپ كەپتىكەنمەن بۇئىشلىنى تېلېفوننىpcقائۇلاپ مەشخۇلات قىلىشنىمۇبىلمەيمەن مۇش تۇرۇقتا.
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئالدىن بىرنى سوراي ، تېما ئىگىسى خاپا بولماسسىز.
مىنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تىلفۇنۇم ، 3 يىل بۇرۇن ئۆيگە تور ئەككىرگەندە تىلگىراف ئىدارىسىدىن بەرگەن تىلفۇن ئىدى. بىرە ئايچە بولدى تازا ياخشى ئىشلىمەيۋاتىدۇ. يېڭىدىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم . تېلۋىزۇردا ، نىپىز ، كەڭ ئىكرانلىق ، قوش كارتا چۈشۈدۇ دەپ ئېلان قىلۋاتقان تېلفۇننى ئالسام ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كارتام چۈشەمۇ؟ مەسلىھەت بەرسەڭلار، ئۇنىڭدىن باشقا سىرتقى كۆرىنىشى چىرايلىق، ياخشىراق يانفۇن بولسا تونۇشتۇرساڭلارمۇ بولىدۇ. مېنىڭ يانفۇنۇم ZTE 中兴 795 ئىدى ، تاۋباۋدىن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئاچقان دۇكاندىن ئالغان . ئەمما بۇ تېلفۇن ئۇيغۇرچى دېگەننى سويۇپ تاشلايدىكەن

يانفۇن ساتقۇچى شۇ دوستىمىز ئۇيغۇرچىنى 100% تونۇتۇپ ئاندىن ئەۋەتىپتۇ ! بۇ يانفۇنمۇ دەل 4.0.4 سېستىما ، ئۇيغۇرچىنى كىتاپتىكىدەك تونىيدۇ

ھە راس ! بۇ ئىزدىنىشنىڭ يانفۇن نۇسخىسى بارمۇ ؟ مەن پەقەت چىقالمىدىما ؟

ئاشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ دۇكان ئادىرىسى : http://item.taobao.com/item.htm?id=18174659763
بۇ قۇتياردىكى تېما : http://www.qutyar.net/mb/thread-4872-1-4.html
bahadirlarbizنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
android 4.0.4ئۇيغۇرچە قوللامدۇ ؟
تېلفونومنىڭ نەشىرىنى يوقىرى كۆتىرەي دېگەن ، android 4.0.4ئۇيغۇرچە قوللامدۇ ؟
يانفون تىپى : Samsung I929 ئىدى . مۇشۇ تېلفوننىڭ نەشىرى2.3.6 نى يۇقىرى كۆتىرىش ھەققىدە ئۇچۇر بولسا تەمىنلىسەڭلار ، رەخمەت
ئۇيغۇرچە قوللاش - قوللىماسلىقى ئاندىرويد بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئاشۇ تېلېفوننى ياسىغان زاۋۇت ئاندىرويدنى ئۆز تېلېفونىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، قايسى تىلنى قوللايدىغان - قوللىمايدىغاننى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ تېلېفونۇم سونى 2.1 ۋاقتىدىمۇ ئۇيغۇرچە قوللايتتى، 4.1 ۋاقتىدىمۇ قوللايدۇ.
سامسۇڭ ۋە موتورلا ماركىلىق يانفونلار ئۇيغۇرچە قوللىمايدۇ. ئەلۋەتتە، خەت نۇسخىسى قاچىلاش ئارقىلىق قوللايدىغان قىلالايسىز.
سونى، سونى ئېرىكسون، نوكىيا (WP) ماركىلىق يانفونلار زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىدە ئۇيغۇرچە قوللايدۇ.
ئىشقىلىپ خاڭسولارنىڭ ماركىسىدىكى يانفۇنغا قارىغاندا باشقا ماركىدىكى يانفونلارغا ئۇيغۇرچىنى تونۇتماق ئاسان،ھەم روت ھوقۇقى ئېلىشمۇ تەس ئەمەس.
ھەرقانداق ئاندىرويدقا روت ھوقۇقى ئېلىشقا بولىدۇ،پەقەتلا سىز ئازراق ئىزدەنسىڭىز.توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭ يانفونۇممۇ4.04سېستىمىلىق يېڭى ئالغاندا ئۇيغۇرچە بەزى ھەرپلەر تازا نورمال كۆرۈنمەيتتى،ئەمما
ھازىر يانفونۇمنى روتلاپ ئالىپ تورىدا تەۋسىيە قىلىنغان ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلاپ
ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي نورمال تونۇيدىغان قىلىۋالدىم.ماۋۇ ئىنكاسنىمۇ يانفونىمدا يېزىۋاتىمەن.
ھازىر بەيدۇ كىرگۈزگۈچىمۇ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان بولۇپ كەتتى.تور كۆرگۈچكە بولسا 傲游
نى ئىشلىتىۋاتىمەن.
4.04سېستىمىغا ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلىۋالساقلا سېستىما ئۇيغۇرچىنى نېگىزىدىن قوللىغاچقا
تېلىفون دەپتىرىدىن تارتىپ قىسقا ئۇچۇرلارغىچە ھەممە يېرىنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمما يامان يېرى ئىزدىنىشنىڭ ھازىرغىچە يانفون نۇسخىسى يوق,يانفوندا چىقسا ئېچىلىشىئاستا
ھەمدەئېقىمنى كۆپ يەيدۇ. مېنىڭ يانفونۇممۇ4.04سېستىمىلىق يېڭى ئالغاندا ئۇيغۇرچە بەزى ھەرپلەر تازا نورمال كۆرۈنمەيتتى،ئەمما
ھازىر يانفونۇمنى روتلاپ ئالىپ تورىدا تەۋسىيە قىلىنغان ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلاپ
ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي نورمال تونۇيدىغان قىلىۋالدىم.ماۋۇ ئىنكاسنىمۇ يانفونىمدا يېزىۋاتىمەن.
ھازىر بەيدۇ كىرگۈزگۈچىمۇ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان بولۇپ كەتتى.تور كۆرگۈچكە بولسا 傲游
نى ئىشلىتىۋاتىمەن.
4.04سېستىمىغا ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلىۋالساقلا سېستىما ئۇيغۇرچىنى نېگىزىدىن قوللىغاچقا
تېلىفون دەپتىرىدىن تارتىپ قىسقا ئۇچۇرلارغىچە ھەممە يېرىنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمما يامان يېرى ئىزدىنىشنىڭ ھازىرغىچە يانفون نۇسخىسى يوق,يانفوندا چىقسا ئېچىلىشىئاستا
ھەمدەئېقىمنى كۆپ يەيدۇ.