paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 22:25:07

مەن نېمە كويدا، سىلەر نېمە كويدا؟[كۆچۈرۈلمە]

مەن نېمە كويدا، سىلەر نېمە كويدا؟

ئالىم ئەھەت

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.

Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى. كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نى تاللىشى ئېنىق.

Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (كۇردىستان)، پوشتۇ (پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقىلىرىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، سۈپىتى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە كويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.

بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولساڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن دەپ ھەيران قالىدۇ.

يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.

ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە بەس-بەستە Windows 8 توغرىلىق تەشۋىقات قىلامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە بەس-بەستە ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot نىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ، ياخشىلىق بەلكىم ئويلاپ باقمىغان باشقىلار تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.

ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.

ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

قېنى تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟

http://www.alimahat.com/?p=2246

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 13:16:24

مەن تولۇق چۈشۈنىپ كەتمىسەممۇ بۇ سىستىمىنى ،ئەمما نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلدىم ، مەن ھازىر تورچىلىقنى 0دىن باشلاپ ئۈگىنىۋاتىمەن . ئالىم ئەھەت ئۇستاز مەن سىزنى يەنە 1يىلدىن كېيىن ئىزدەيمەن .

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 15:16:36

ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئاقتۇرغان تەرلىرىگە ھىسابسىز ئەجىر تىلەيمەن.

atlan0903 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 15:32:33

تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر گەپ قىلاي، بۇ ئۇلىنىش تور بېكىتى يەنى نۇر خەۋەرلىرى يانفون نۇسخىسىمۇ ئەمدى ئۆتۈپ تىشىپ ھەربىر بەتكە ئىككىدىن ئېلان قىستۇرۇپ قويۇپتۇ، بۇ نېمىدىگەن ؟؟؟؟؟؟؟؟لىك ھە. كومپيۇتېردا چىققاندىغۇ كۆرەيلى بۇ ئېلاننى ئەمدى مۇشۇ يانفون نۇسخىسىغىمۇ ئېلان چىقىرىپ قويغىنى نىمىسى؟؟؟؟  \"\" \"\" \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 15:40:54

ۋىندوۋس 8 نىڭ مۇبارەك ئۇيغۇرتىلى بولىقىغا قول تىققان نۇمۇسسىز پەسەندە ئەبلەخلەر، ئۆزەڭنى بىلىپ يۈرۈش، لەنەتگەردى ........ (تىللايدىغانغا تىل تاپالمايۋاتىمەن، قۇرۇق ئىشلارغا ئۇرۇشۇپ ئۆزئارا تىللىشىدىغانلار بىر تىللىشىپ بېرىڭلار ما خۇۋەرىڭىگە....نېمىلەرنى )

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 15:51:08

8 Windows  ئىدارىلەرگىمۇ ماس كېلەمدۇ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 16:23:58

بۇ قېتىم تارقاتقىنى كەسپىي نەشرى بولغاندىكىن ماس كىلىدۇ، چۈنكى بۇ نەشرى چوڭ شىركەتلەر ئۈچۈن چىقارغان نەشرى.

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 17:08:22

دىمەكچى بولغىنىم ، ئىدارىدە پۈتۈنلەي دىگىدەك خەنزۇچە ئىشلىتىلىدۇ. Windows8 پۈتۈنلەي ئۇيغۇر يېزىقى تۇرسا ماس كىلەمدۇ دەيمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 17:19:01

7- قەۋەتتىكى mihrimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىمەكچى بولغىنىم ، ئىدارىدە پۈتۈنلەي دىگىدەك خەنزۇچە ئىشلىتىلىدۇ. Windows8 پۈتۈنلەي ئۇيغۇر يېزىقى تۇرسا ماس كىلەمدۇ دەيمەن.

windows8 پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە سىستېما ئەمەس، تىل بولىقى تارقىتىلغانلا بولسا شۇ تىلدىكىسىنى ئىشلىتەلەيسىز، يەنى سىز سېتىۋالغاندىن كىيىن قايسى تىلدا ئىشلىتىش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش، مەن سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققىچە بىر مەزگىل ئېنگىلىزچە، بىر مەزگىل خەنزۇچە ئىشلەتتىم، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىپتى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن، يەنە خالىسام ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە، ياكى باشقا تىل بولىقى تارقىتىلغان تىللارنىڭ تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمەن، قايسى تىلنىڭ تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ شۇ تىلغا تەڭشىسىڭىز سىستېما پۈتۈنلەي شۇ تىلدا بولىدۇ. ئەرەپچە قىلىمەن دېسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئىدارە-ئورگانلارغا تامامەن ماس كېلىدۇ، ئەنسىرەش ھاجەتسىز، ئۇ سىز مەن ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن ئېكس پىنىڭ يەنە بىر داۋامى داۋامى خالاس.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 17:37:53

مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك ئىش قىلمايۋاتىمەن جۇمۇ ھەي!

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 18:08:48

8- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى mihrimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىمەكچى بولغىنىم ، ئىدارىدە پۈتۈنلەي دىگىدەك خەنزۇچە ئىشلىتىلىدۇ. Windows8 پۈتۈنلەي ئۇيغۇر يېزىقى تۇرسا ماس كىلەمدۇ دەيمەن.

windows8 پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە سىستېما ئەمەس، تىل بولىقى تارقىتىلغانلا بولسا شۇ تىلدىكىسىنى ئىشلىتەلەيسىز، يەنى سىز سېتىۋالغاندىن كىيىن قايسى تىلدا ئىشلىتىش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش، مەن سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققىچە بىر مەزگىل ئېنگىلىزچە، بىر مەزگىل خەنزۇچە ئىشلەتتىم، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىپتى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن، يەنە خالىسام ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە، ياكى باشقا تىل بولىقى تارقىتىلغان تىللارنىڭ تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمەن، قايسى تىلنىڭ تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ شۇ تىلغا تەڭشىسىڭىز سىستېما پۈتۈنلەي شۇ تىلدا بولىدۇ. ئەرەپچە قىلىمەن دېسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئىدارە-ئورگانلارغا تامامەن ماس كېلىدۇ، ئەنسىرەش ھاجەتسىز، ئۇ سىز مەن ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن ئېكس پىنىڭ يەنە بىر داۋامى داۋامى خالاس.

ئەمدە  چۈشەندىم . تەپسىلى چۈشەنچە  بەرگىنىڭىزگە   كۆپ  رەخمەت .

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 20:19:48

مەنمۇ ئالىم مۇئەللىمنىڭ http://www.alimahat.com/?p=2027 تېمىدىكى يازمىسىغا ئاساسەن كۆزنەك 8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى 248 يۈەنگە سېتىۋېلىپ ، ئۇيغۇرچە تىل

بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئانا تىلدىكى مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھەم مۇشۇ پۇرسەتتە ئالىم مۇئەللىم قاتارلىق تۆھپىكارلارغا تەشەككۈر بىلدۈرىمەن .

  بولسا شارائىتى يار بەرگەن تورداشلار كۆزنەك سەككىزنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ، تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئازراق بولسىمۇ قوللاپ بەرسەك

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 10:25:49

3- قەۋەتتىكى atlan0903نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر گەپ قىلاي، بۇ ئۇلىنىش تور بېكىتى يەنى نۇر خەۋەرلىرى يانفون نۇسخىسىمۇ ئەمدى ئۆتۈپ تىشىپ ھەربىر بەتكە ئىككىدىن ئېلان قىستۇرۇپ قويۇپتۇ، بۇ نېمىدىگەن ؟؟؟؟؟؟؟؟لىك ھە. كومپيۇتېردا چىققاندىغۇ كۆرەيلى بۇ ئېلاننى ئەمدى مۇشۇ يانفون نۇسخىسىغىمۇ ئېلان چىقىرىپ قويغىنى نىمىسى؟؟؟؟ \"\" \"\" \"\"

خاپوممىسا تورداش،ئۇلىنىش،نۇر تورلىرى ھازىر ئۇيغۇرچە توربەتلەر ئىچىدە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى تور بەتلەر ھىساپلىنىدۇ.ھەم ئۇيغۇرچە تور ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسەك ئارتۇقچە كەتمەيدۇ.ئۇلىنىشلار پۇل تاپقاندا ئۇخلاپ ياتماي نۇر تورى،ئۇچۇر تورى،خەۋەر تورى دىگەندەكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ نۇرغۇن كىشىلەرگە خەۋەرگە،دۇنيا يىڭىلىقلىرىغا بولغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدە تەمىنلەپ كىلىۋاتىدۇ.ئاشۇ يىڭىلىقلارنى پەيدا قىلىش،سىز مەن ئۇ ئۇقىۋاتقان خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ئىغىزدىن ھور چىققانغا پۈتۈپ قالىدىغان ئىش ئەمەس ، قىسقىسى پۇل كىتىدۇ.بۇ پۇللارنى ئۇلىنىشلارغا كىم بىرىدۇ.دەل ئاشۇ ئىلانلار بىرىدۇ.تور بەتنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئىشلەۋاتقانلارغا ۋاقتىدا ئىش ھەققى تارقىتىش،ئۆي ئىجارىسى تۆلەش،تور پۇلى دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى دۇئا قىپ قويسا پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىلان قويىدۇ.ئەمدى ئىلاننى بىر يەرگە قويامدۇ ئىككى يەرگە قويامدۇ ئۈچ يەرگە قويامدۇ ئۆزىنىڭ ئىشى،چۈنكى ئۇلارغا بىز پۇل تىپىشىپ بەرمىگەن .شۇڭا خاپا بوپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.

ئۇلىنىشلاردىن خاپا بوپ يۈرمىسىلىمۇ خەنسۇچە كۆپىنچە دىتاللار،ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق.ئىلان ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ.كۆڭەللىرىگە ئامىسىلا ماقما.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 10:36:26

سېتىۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرسا بولاتتى. مەسلەن alipay ھېسابى ئارقىلىقمۇ سېتىۋالدىغان قىلغان بولسا.

مېنىڭ ھازىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى يېڭىلاشقا ئېھتىياجىم يوق، يەنى مەن ئىشلىتىۋاتقان بىر قانچە كەسپى يۇمشاق دېتال windows8 مۇھىتىدا ئىشلىمەيدىكەن، شۇنداقمۇ ئۇيغۇرچە بولغاچىقىلا سېتىۋېلىپ، كېيىنچە ئىشلىتەرمەن دەپ، paypal ھىساباتىمدىكى ئازراق دوللارنى خەجلەي دېسەم ئەپلەشتۈرەلمىدىم، paypal ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تاللىسام بىر يەرگە كارتا نومۇرنى ياز دەيدۇ، mastercard دېگەندەك. ئۇ يەرگە نېمە يېزىشنى بىلەلمىدىم. كىم چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ؟ paypal ھېساباتىمنى دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان بولمىسا.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 11:29:17

12- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى atlan0903نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر گەپ قىلاي، بۇ ئۇلىنىش تور بېكىتى يەنى نۇر خەۋەرلىرى يانفون نۇسخىسىمۇ ئەمدى ئۆتۈپ تىشىپ ھەربىر بەتكە ئىككىدىن ئېلان قىستۇرۇپ قويۇپتۇ، بۇ نېمىدىگەن ؟؟؟؟؟؟؟؟لىك ھە. كومپيۇتېردا چىققاندىغۇ كۆرەيلى بۇ ئېلاننى ئەمدى مۇشۇ يانفون نۇسخىسىغىمۇ ئېلان چىقىرىپ قويغىنى نىمىسى؟؟؟؟ \"\" \"\" \"\"

خاپوممىسا تورداش،ئۇلىنىش،نۇر تورلىرى ھازىر ئۇيغۇرچە توربەتلەر ئىچىدە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى تور بەتلەر ھىساپلىنىدۇ.ھەم ئۇيغۇرچە تور ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسەك ئارتۇقچە كەتمەيدۇ.ئۇلىنىشلار پۇل تاپقاندا ئۇخلاپ ياتماي نۇر تورى،ئۇچۇر تورى،خەۋەر تورى دىگەندەكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ نۇرغۇن كىشىلەرگە خەۋەرگە،دۇنيا يىڭىلىقلىرىغا بولغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدە تەمىنلەپ كىلىۋاتىدۇ.ئاشۇ يىڭىلىقلارنى پەيدا قىلىش،سىز مەن ئۇ ئۇقىۋاتقان خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ئىغىزدىن ھور چىققانغا پۈتۈپ قالىدىغان ئىش ئەمەس ، قىسقىسى پۇل كىتىدۇ.بۇ پۇللارنى ئۇلىنىشلارغا كىم بىرىدۇ.دەل ئاشۇ ئىلانلار بىرىدۇ.تور بەتنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئىشلەۋاتقانلارغا ۋاقتىدا ئىش ھەققى تارقىتىش،ئۆي ئىجارىسى تۆلەش،تور پۇلى دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى دۇئا قىپ قويسا پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىلان قويىدۇ.ئەمدى ئىلاننى بىر يەرگە قويامدۇ ئىككى يەرگە قويامدۇ ئۈچ يەرگە قويامدۇ ئۆزىنىڭ ئىشى،چۈنكى ئۇلارغا بىز پۇل تىپىشىپ بەرمىگەن .شۇڭا خاپا بوپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.

ئۇلىنىشلاردىن خاپا بوپ يۈرمىسىلىمۇ خەنسۇچە كۆپىنچە دىتاللار،ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق.ئىلان ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ.كۆڭەللىرىگە ئامىسىلا ماقما.

ئۇلىنىشنىڭ ئىشلىرىنى بەك ماختىۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 16:53:35

14- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماختىمىسامممۇ ئىلىنىشلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەرقانداق بىر توربەتنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتسا،ماختىغۇچىلىكى بار بولغاندىن كېيىن ماختاپ قويدۇق ئەمدى.باشقا ماختىغۇدەك تور بەت بولسا بىرلىكتە ماختاپ قويايلى،روھى كۆتۈرلۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 17:06:17

ماختىغۇدەك يېرى بولسا ماختىغۇلۇق تەنقىدلىگۈدەك يېرى بولسا تەنقىدلىگۈلۈك. ئۇلىنىشنىڭ يانفۇن ئېلانى بىلەن ئىملا خاتالىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسلار چىققىلى خېلى بولدى. ئوڭشالغىنى يوق.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 17:16:34

@nur

شۇ توربەت ھەققىدىكى تېما- ئىنكاسلارنى ھېلىمۇ تاپقىلى بولىدۇ.

زىيارەت مىقدارى بىلەن ئېلاندىن باشقىغا ئەڭ دېگەن گەپنى ئىشلەتمەڭ.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 09:16:57

ھەممىمىز پۇلنىڭ كويىدا بولساق كېرەك.

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-3 18:19:02

بۇنچە چالۋاقاپ مىننەت قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ سىزنىڭ نېمە كويدىلىقىڭىزنى بىلىدىغانلار جىق ئەمەس.

بەت: [1]
: مەن نېمە كويدا، سىلەر نېمە كويدا؟[كۆچۈرۈلمە]