anas001 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 21:36:40

سامسۇڭنىڭ i939تىپلىق يانفونى قانداقراق؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى :


مەنمۇ شۇ  ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ كويىدا. نېمىشقىكى ئايفون ماڭا پەقەتلا يارىمايدۇ . يېقىندا سامسۇڭنىڭ i939تىپلىق يانفونى مەيلىمنى قوزغىدى ،ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ قانداقراقكەن ؟


يەنە بىر ئىش ،تەۋسىيە قىلغۇدەك باشقا يانفونلار بارمۇ ؟ سۈرىتى تېز ،ئىقتىدارلىرى تولۇق ،لاھىيسى گۈزەل دېگەندەك...

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 12:51:26

توۋا قىزىقىش دىگەن ھاجايىپ نەرسە جۇمۇ، ماڭا ئايفۇندىن باشقا ھەرقاندىكى ياقمايدۇ دىسە

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 13:26:27

939 سەنشىڭنىڭ ھازىرقى مودا بۇلىۋاتقان 9300 نىڭ تىلگىراف نۇسخىسى ئىككىلەنمەي سېتىۋېلىڭ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 13:39:40

ماڭىمۇ مۇشۇ سامسوڭدىن باشقىسى بىكار،  {:92:}  



ئېكراننىڭ سەزگۈرلىكى، سۆرەتنىڭ ئېنىقلىقى، ۋاي ئىش قىلىپ، ئا ئالما 4 نى پىقىرتىپ بىر تاشلىسام، ئىنىمنىڭ ئېتىكىگە چۈشكەن، ھازىرقى سامسوڭنى قولامدىن چۈشەمەي ئىشلىتىۋاتىمەن، گەرچە ئېكران 5.3 بولسىمۇ، قىلچە چوڭدەك بىلىنمەيدۇ.

ettarbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 14:31:29

مۇشۇsamsungنىڭ بىريىرى پەقەت ياقمايدۇماڭا لىكىن يەنىلائىشلىتىمەن بۇنى.نەرى دەمسىز..؟مۇشۇئوتتۇردىكى باسمىقى ئالمىنى دورىۋالدىمىكى بۇلا بۇنى باسماق كونۇپكاقىلغۇچە مەۋھۇم كونۇپكاقىلسابولمامدۇ.بۇرۇن ئىشلەتكەنhtcنىڭ مەۋھۇم ئىدى (ئاۋاز ۋە مەنبە)كونۇپكىلىرىدىن باشقىسى تولىمۇياقتۇرىتىم مەن شۇنى،لىكىن قوتۇرنىڭ ئاپىراتى samsung-sonyدىگەنلىدەك چانىياممايدۇ.سۆسەي ئاخسائۇكامدىن ئۈگىنۋاغان گەپ ماۋۇ..بىرەبى ئىش بوسا-ۋوي چانايدۇيا...دەيدۇ بۇ بەزگەك.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 15:40:33

4- قەۋەتتىكى ettarbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇsamsungنىڭ بىريىرى پەقەت ياقمايدۇماڭا لىكىن يەنىلائىشلىتىمەن بۇنى.نەرى دەمسىز..؟مۇشۇئوتتۇردىكى باسمىقى ئالمىنى دورىۋالدىمىكى بۇلا بۇنى باسماق كونۇپكاقىلغۇچە مەۋھۇم كونۇپكاقىلسابولمامدۇ.بۇرۇن ئىشلەتكەنhtcنىڭ مەۋھۇم ئىدى (ئاۋاز ۋە مەنبە)كونۇپكىلىرىدىن باشقىسى تولىمۇياقتۇرىتىم مەن شۇنى،لىكىن قوتۇرنىڭ ئاپىراتى samsung-sonyدىگەنلىدەك چانىياممايدۇ.سۆسەي ئاخسائۇكامدىن ئۈگىنۋاغان گەپ ماۋۇ..بىرەبى ئىش بوسا-ۋوي چانايدۇيا...دەيدۇ بۇ بەزگەك.



باغۇ مەۋھۈم كۆنۈپكا.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 23:20:51

3- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭىمۇ مۇشۇ سامسوڭدىن باشقىسى بىكار، \"\"



ئېكراننىڭ سەزگۈرلىكى، سۆرەتنىڭ ئېنىقلىقى، ۋاي ئىش قىلىپ، ئا ئالما 4 نى پىقىرتىپ بىر تاشلىسام، ئىنىمنىڭ ئېتىكىگە چۈشكەن، ھازىرقى سامسوڭنى قولامدىن چۈشەمەي ئىشلىتىۋاتىمەن، گەرچە ئېكران 5.3 بولسىمۇ، قىلچە چوڭدەك بىلىنمەيدۇ.




ماڭىمۇ مۇشۇ سامسوڭدىن باشقىسى بىكار زادى . بولۇپمۇ قۇلاق ئاۋازى شۇنداق ياغلاش بەك ئېنىق .

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 23:32:33

خەنزۇچە توربەتلەردىكى بەزىلەرنىڭ گېپى مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى،بىرى سىگنال يوق دەپ بېقىپتۇ...ئەمما كۆپىنچىسى ياخشى باھا بېرىپتۇ...

بۇ يانفوننىڭ نېپىز سىپتا ئىشلەنگىنى ۋە ئېكراننىڭ چوڭلىقى،سەپلىمىسى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك چىقتى...شۇ ئىشلىتىپ باققانلار بولسا سوراپ باقاي دەپ ئىككىلەندىم...

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 23:48:10

ئالمىنى مۇتقا بەرسىمۇ ئىشلەتمەسلىكىم مۇمكىن. پەقەتلا خۇشۇم يوق شۇ تېلفۇن بىلەن. سامسۇڭنىڭ خېلى تېلاۇنلىرىنى ئىشلىتىپ باقتىم، بۇرۇندىنلا نوكىيا غا ئامراق بولغىنىم ئۈچۈن ئامال بار شۇنىڭ تېلفۇنلىرىنىڭ ياخشىراقىنى كۈتكەنمۇ بولدۇم. لۇمىيا 920 دېگەننى كۆرۈپ باقمىدىم، قولايلىق بولسا شۇنى ئىشلىتىشىم مۇمكىن، ئۇ ياقماي قالسا، سامسۇڭنىڭ يېقىندا چىقماقچى بولغان گالاگسى ئەس 4 يانفۇنىنى ساقلىماقچى بۇلىۋاتىمەن. گالاگسى نوتې ئەس نىمۇ ئىشلىتىپ باقتىم. بەك ياخشىكەن، ئېكرانى 5.5 دەڭلا \"\"  بىر كىم كۆرسە ئايپەدمۇ بۇ دەپ سالغۇدەك چوڭكەن. لېكىن بەكلا مېھرى ئىسسىق، قولايلىقكەن، ئۇزۇنغا بارماي سامسۇڭ ئالمىنى مىجىۋەتكۈدەك جۇما. \"\"
بەت: [1]
: سامسۇڭنىڭ i939تىپلىق يانفونى قانداقراق؟