tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 10:41:49

كىم جىگەر دەيدۇ كىم بېغىر؟

كىم جىگەر دەيدۇ كىم بېغىر؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەركىزى دىيالېكىت، خوتەن دىيالېكتى ۋە لوپنۇر دىيالېكتى قاتارلىق ئۈچ ئاساسلىق دىيالېكىتقا بۆلىنىدىغانلىقىنى بېلىمىز. گەرچە بۇ ئۈچ دىيالېكىت ئارىسىدا خەنزۇ تىلىنىڭ دىيالېكىتلىرىغا ئوخشاش ئۇنچىۋالا زور پەرىق بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر جەھەتتىن، بولۇپمۇ لىكسىكا، سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى، ئىنتۇناتسىيە جەھەتلەردە بەلگىلىك پەرىقلەر مەۋجۇت. بۇ تېمىدا مېنىڭ ئاساسلىق بىلمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرچە بەزى تەن سۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلەردە باشقىچە ئاتىلىشى.


مەسىلەن: ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىل-يېزىقىدا «جىگەر» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئەسلى قەدىمدە باغىر(كېيىنچە بېغىر) دېيىلىدىكەن. بۈگۈنگە كەلگەندە پارسچىدىن كىرگەن ئەشۇ «جىگەر» سۆزى ئومۇملىشىپ قالغان. ئەمما، بىر قىسىم يەرلەردە(بىلىشىمچە قۇمۇل، غۇلجا) قاتارلىق يەرلەردە يەنىلا بېغىر سۆزىنى ئىشلىتىدىكەن. بۇ سۆز بىلەن كەلگەن باشقا سۆز-ئىبارىلەرمۇ ئوخشىمايدىكەن. مەسىلەن:


جىگەر كاۋاپ- بېغىر كاۋاپ(غۇلجا)    ئەمما


يۈرەك-باغرىم كاۋاپ بولدى.) دېگەندەك ئىبارە، ماقال-تەمسىللەرگە كەلگەندە بۇ سۈيۈملۈك «جىگەر» سۆزى يەنىلا ئەسلىگە قايتىدىكەن. ھەمدە ھەممە يەرلەردە ئوخشاش قوللىنىدىكەن.


يەنە مىسالغا ئالساق، سول سۆزىنىڭ ئورنىغا خوتەندە پارسچىدىن كىرگەن «چەپ» سۆزىنى ئىشلىتىدۇ(بولۇپمۇ يېزىلاردىكى كىشىلەر)، لېكىن باشقا يەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن «سول» دەيدۇ. يەنە «ئوڭخاي، سولخاي» دېگەننى خوتەندە «ئوڭكور، سولكور» دەيدۇ.


يەنە دەپ كەلسەك، بويۇن ، پاتاڭ، گەدەن(ئەسلى مۇڭغۇلچە) دېگەن ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭمۇ ھەر قايسى رايونلار ئارا ئىشلىتىلىش چاستوتىسى ئوخشاش ئەمەسكەن. يەنى خوتەندە پاتاڭ سۆزى ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەمما، تۇرپاندا «پاتاڭ»نى باشقىسىغا قارىغاندا كۆپرەك ئىشلىتىدىكەن. ئاڭلىسام قۇمۇلدا باشقىچە ئاتىلىشى بارمىش.


ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى يۇقىرىدىكىلەر. ئىزدىنىشتا ھەر يەردىن كەلگەنلەر بار. مۇمكىن بولسا مۇشۇ تېمىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئادەمنىڭ تەن سۆزلىرى(ئادەم ئورگانىزىمى ناملىرىدىن ھاسىل بولغان سۆز-ئىبارىلەر، ئەزالارنىڭ ئاتلىرى...)نىڭ ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان يەردە قانداق ئوخشىمايدىغان ئاتىلىشى بار، بولسا قانداق... دەپ بەرگەن بولساڭلار.


تىل تەۋەلىكى، قەدىمدە قانداق بولىشى مۇھىم ئەمەس(بولسا تېخى ياخشى) پەقەت ھازىرقى كۈنىمىزدە قانداق ئوخشىمايدىغان يەرلىك ئاتىلىشى بار ، شۇنى دەپ بەرسەڭلەر بولدى.


قۇلاق، ئاشقازان، ئۈچەي، پۇت، جىگەر، باش(كاللا)، يۈرەك، بارماقلارنىڭ ناملىرى... ئىشقىلىپ ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى تاشقى ئەزالارنىڭ قايسى بېرىنىڭ ئەدىبىي تىلدىكىدىن پەرىقلىق ئاتىلىشى بولسا بولىۋېرىدۇ.


دىققەت: بۇ تېمىنىڭ پاخال تېما بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەخلاق يۈزىسىدىن جىنسىي ئەزاغا مۇناسىۋەتلىكلەرنى دېيىشكە بولمايدۇ.



قېنى ئەمىسى باشلايلى...

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 18:41:23

ماۋۇ يەردە جىگەر بىلەن بېغىر ئىككىسى باشقا -باشقا يەرنى كۆرسىتىدۇ جۇمۇ .

تۇخۇنىڭ بوينى، قوينىڭ پاتتىڭى ،كالنىڭ شىللىسى ،ئادەمنىڭ گەدىنى ......

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 18:48:30

«ئېڭەك» بىلەن «زاڭاق» ئىككىسى ئاقسۇدا بىر خىل، قەشقەردە بىر خىلكەن، قىزىق. ئاقسۇدا «زاڭاق» دېگەننى قەشقەردە «ئېڭەك»، «ئېڭەك» دېگەننى «زاڭاق» دەيمىزكەن، ساتىراشخانىدا «زاڭاق چاچنى قانداق ئالىمەن؟» دەپ چۆچۈتىۋېتىپتۇ ئاكامنى.

بۇ ئىككى گەپ باشقا يۇرتلاردىمۇ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن جۇمۇ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 19:17:15

1- قەۋەتتىكى guzaltarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ يەردە جىگەر بىلەن بېغىر ئىككىسى باشقا -باشقا يەرنى كۆرسىتىدۇ جۇمۇ .

تۇخۇنىڭ بوينى، قوينىڭ پاتتىڭى ،كالنىڭ شىللىسى ،ئادەمنىڭ گەدىنى ......

\"\"\"\"

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 20:27:32

ئادەمنىڭ پۇتى،ئېشەكنىڭ توڭكىيى، ئادەمنىڭ بۇرنى،توڭگۇزنىڭ تۇمشۇقى.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 20:49:44

قومۇلدا جىگەرنى ئاساسەن ئىشلەتمەيدۇ، بېغىر دەيدۇ؛ گەدەننى گەللە دەيدۇ.

ئۈچەينى ئۆچۈگە دەيدۇ، قەدىمقى ئۇيغۇرتىلىدا ئۈچەگۈ دېيىلىدىكەن.

ھوشۇقنى ئوشۇق دەيدۇ، قەدىمقى ئۇيغۇرتىلىدىمۇ ھ قېتىلمايدۇ.

تىزنىڭ كۆزىنى لىپەك دەيدۇ، ئەدەبىي تىلدىمۇ شۇنداق دەمدۇ يا؟

ئالدى ماڭلاينى كوكۇلا دەيدۇ؛ قۇلاقنىڭ ئالدىنى سېكىلەك، ئېڭەكنىڭ ئاستىنى بۇغدىيەك، ئۇنىڭمۇ ئاستىنى ئوقۇرەك دەيدۇ.

قول-پۇتلارنىڭ بارماقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بەرمەنچۈكلەر دەپلا ئاتايدۇ.

ئاشقازان ئاغرىغاندا، مىيدەم ئاغرىدى دەيدۇ، مەيدە سۆزىنىڭ قەدىمقى شەكلى.

ئەڭ ئاستىدىكى ئايرىم، كىچىك قوۋۇرغىنى يېتىم قورغا دەيدۇ. ئۇستىخاننى ئۇسقا دەيدۇ، يىلىكنى ئىلىك دەيدۇ.



يادىمغا كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك...

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 21:44:49

5- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قومۇلدا جىگەرنى ئاساسەن ئىشلەتمەيدۇ، بېغىر دەيدۇ؛ گەدەننى گەللە دەيدۇ.

ئۈچەينى ئۆچۈگە دەيدۇ، قەدىمقى ئۇيغۇرتىلىدا ئۈچەگۈ دېيىلىدىكەن.

ھوشۇقنى ئوشۇق دەيدۇ، قەدىمقى ئۇيغۇرتىلىدىمۇ ھ قېتىلمايدۇ.

تىزنىڭ كۆزىنى لىپەك دەيدۇ، ئەدەبىي تىلدىمۇ شۇنداق دەمدۇ يا؟

ئالدى ماڭلاينى كوكۇلا دەيدۇ؛ قۇلاقنىڭ ئالدىنى سېكىلەك، ئېڭەكنىڭ ئاستىنى بۇغدىيەك، ئۇنىڭمۇ ئاستىنى ئوقۇرەك دەيدۇ.

قول-پۇتلارنىڭ بارماقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بەرمەنچۈكلەر دەپلا ئاتايدۇ.

ئاشقازان ئاغرىغاندا، مىيدەم ئاغرىدى دەيدۇ، مەيدە سۆزىنىڭ قەدىمقى شەكلى.

ئەڭ ئاستىدىكى ئايرىم، كىچىك قوۋۇرغىنى يېتىم قورغا دەيدۇ. ئۇستىخاننى ئۇسقا دەيدۇ، يىلىكنى ئىلىك دەيدۇ.



يادىمغا كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك...



كۆپ رەھمەت. مېنىڭ كۆزدە تۇتقانلىرىممۇ دەل سىز دېگەندەكلەر ئىدى. قۇمۇلدا قەدىمنىڭ ئىزنالىرى باشقا يەرگە قارىغاندا كۆپرەك ساقلىنىپ قېلىنغان. باشقا تىللارنىڭ تەسىرىمۇ خىېلى بار.


بولسا يەنە ئېسىڭىزگە كېلىپ قالسا ئايىماي يېزىپ قويارسىز.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 21:47:08

4- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئادەمنىڭ پۇتى،ئېشەكنىڭ توڭكىيى، ئادەمنىڭ بۇرنى،توڭگۇزنىڭ تۇمشۇقى.



ئادەمنىڭكىنىلا دېسىڭىز بولدى. ھايۋاناتنىڭكىنى ھازىرچە قويۇپ تۇرايلى. ئەمما، تېمىغا قاتناشقىنىڭىزغا رەھمەت جۇمۇ!\"\"

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 21:50:55

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 22:14:13

ماخوتەندە ياستۇقنى تەكىي دەيدۇ . بىراق قايسى بىر يۇرتتا گەدەن خالتىسى دەرمىش .

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 22:35:04

8- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بېغىر دىگەن سۆز ئەسلىدە قازاقچىدا ھازىرمۇ ئىشلىتىدىغان « باۋۇر» دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇشى مۈمكىن. يەنە نۇرغۇن سۆزلۈكلەر قازاقچىدا ئەينەن ساقلانغان ئىكەن.

بىر كۈنى قازاق خوشنامغا كۆرپە تىكتۈرەي دەپ كىرگەنتىم« پاختىنى ئاز سالسا جۇققا بولۇپ قالىدۇ» دىسە «جۇققا » دىگەن نىمە گەپتۇ دەپ ھەيران قالغانتىم. كېيىن « سەبۇل بۇخارى ۋە قەستىلانى » دىگەن كىتاپتىكى بىر ھەدىستە « ئاياللار يۇققا كىيىملەرنى كىيمەسلىك كىرەك » دەپ بىر جۈملىنى كۆرگەندىن كېيىن « نىپىز » دىگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. يەنە ئاچقۇچنى قازاقچىدىمۇ « كېلىت » دەيدۇ.

قومۇلدا نېپىزنى يۇپقا دەيدۇ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 22:58:12

بىزنىڭكىدە ( ئاقسۇدا ) ياغ بېغىر دەپ ئاتىلىدىغان كاۋاپ بار ، ئۈچەيگە كالىنىڭ جىگىرىنى تىقىپ پىشۇرىدىغان .....

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 23:09:36

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 23:53:32

جىگەر بىلەن بېغېر ئىككىسى ئىككىدۇ.مەنمۇ ئىۋۇ مەھەللىنىڭ ئالدىدىكى كاۋاپچىنىڭ بېغىر كاۋاپ،جىگەر كاۋاپ دەپ يېزىپ قويغىننى ھەم خەقنىڭ ئىككىسىنى

ئايرىم بۇيرۇتقىننى كۆرگەن.جىگەر بىلەن بېغېر دېگىنىمۇ ئوخشىمايدىغان نەرسە ئىكەنغۇ.بىر يەرنىڭ دېيىلىشى بىلەن ئوخشاش بولسىلا ئىككى نەرسە بىر نەرسە

بولۇپ قالماس.

ablajan5 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 06:31:02



دۇقا - باشنىڭ ئارقا تەرىپى



پىشانەـ قاش بىلەن چاچنىڭ ئارلىقى.

شىرلا،پاتاڭ- بويۇننىڭ ئارقا تەرىپى .

بۇيۇن - باش بىلەن گەۋدىنى تۇتاشتۇرىدىغان قىسىمنىڭ ئومومى ئاتىلىشى.

بۇغدايلىق-بۇغدىيەك.

ئۆمكەن ـ كۆكرەك .

مىيدە - ئاشقازان.

يۈرەكنىڭ قۇلىغى - يۈرەك كىلاپانى.

بېغىر - جىگەر.

ئۆپكىنىڭ غولى - كانىيى.

دوسۇق - دوۋسۇن.

قاق شىراق-پاچاق

بەرمەنچۈك - پۇتنىڭ بارماقلىرى.

ئۆچۆگە - ئۈچەي.

يوتا - سان.

ئۈزەڭگىلىك - تاپاننىڭ ئويمان يېرى.

قۇيمۇش- كاسا.

غۇلغۇرچاق - توققۇز كۆز.

سۆجە - يانپاش.

ئويماق قول - بىگىز بارماق.

ئوتتۇرا قول - ئوتتۇرا بارماق.

چىچىناق - چىمەلتەك.

ئومۇرۇ - ئوقۇرەك سۆڭەك.

قورغا - قوۋۇرغا.

دولا - تاغاق سۆڭەك.

سەر - كۆكرەك ئومۇرتقىسى.

تۆش - كۆكرەك.

سىڭىر- پەي.

تىرماق - تىرناق.

سىكىلەك - قۇلاقنىڭ ئالدىدىكى چاچ.

قول بارماقلىرىنىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشى-

باش بارماق ،

بادان تىرماق .

ئوتۇرلىك(ئوتۇرا ئىلىك).

ئورۈشمەك .

ئۆللەي بوۋاق.

قاچار - مەڭىز.


خامار - قاڭشار .


چاماخەي- تۇمشۇق (ئادەمنىڭ)


بۇيلا-چىش چىقىشتىن بۇرۇنقى ياكى چىش چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ئورۇن

قوۋۇز - ئېغىز بوشلىقىنىڭ يان تەرىپى.


كەلپۈك-كالپۇك.


ئەرىن - كالپۇك.


تاماق - تاڭلاي.


جوخەي-جوۋقاي.


شىردان-قوساق.


ئىن-ھەزىم سېتېمىسىدىن تېخى ئيرىلمىغان پوق.




pulsar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 07:29:35

ھەر قايسى يۇرتتا قەدىمكى تىلىمىزنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغانلىىرى بار.

قازاقچىد ا«جۇققا» دېگەن بولسا، تۇرپاندا «يۇققا» دەيدۇ، يۇقىرىدىكى بىر تورداش قۇمۇلدا «يۇپقا» دەيدىغانلىقىنى يېزىپتۇ. تۇرپاندا جىگەرنى بېغىر دەيدۇ، ئۇ يەردە جىگەر دېسىڭىز بېغىر بىلەن بىر نەرسە دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمما شۇنى دېمەي بولمايدۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنىڭ ئىستېمالدىن قېلىشى ئاشۇ يۇرتلاردىمۇ ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ.

يۇقىرىدا يېزىلغان قۇمۇل شىۋىلىرى بىلەن تۇرپاندا دېيىلىدىغانلىرى ئوخشاپ قالىدىكەن. بەزىلىرى ئازراق تاۋۇش ئۆزگىرىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا. يۇرتلىرىمىزنىڭ شىۋىلىرىنى قېزىپ، تىلىمىزنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرگۈزسەك بەكمۇ ياخشى بولاتتى. ئەينى ۋاقىتتا «ئارمان» شىركىتىنىڭ خوتەندە قوللىنىدىغان «ئۇز» سۆزىنى ماركا قىلىپ ئىشلەتكەنىدى، ھازىر بولسا بۇ سۆز ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولغانىدى.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 08:11:18

كەلپىنلىك، لوپنۇرلۇقلار يوقمۇ؟ ئۇ يەرلەردىمۇ، بولۇپمۇ لوپنۇردا بۇ جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق خېلى بار پەمىمچە.


koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 08:57:24

قومۇل تەرەپتە «گەدەن» نى «شىللا» دەيدۇ. مەسىلەن «ھە ھە دەپ بەرسەڭ، شىللاڭغا مىنىدۇ» دىگەندەك.

قۇمۇللۇق تۇرۇپ «گەللە» دىگەننى ئاڭلاپ باقماپتىمەن.

«جىگەر» سۆزى ھەقىقەتەنمۇ قۇمۇلغا ئەدەبىي تىل ئارقىلىق يېڭىدىن كىرگەن سۆز. بۇنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن، كىچىك ۋاقتىمدا ئېسىمدە قالغان بىر ئىشنى دەپ ئۆتەي.

باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان (90-يىللارنىڭ دەسلىۋى) ۋاقتلىرىم ئىدى. تەتىلدە قارادۆۋىدىكى (قۇمۇلنىڭ بىر يېزىسى) تۇققانلارنىڭكىگە باردىم. گەپ ئارلىقىدا شۇ يەردىكى ئۇكامغا «جىگەر كاۋىپى» دىگەن گەپنى چىقادىم. ئۇكام ئەجەپلىنىپ، «جىگەردىگەن نېمىدۇ؟» دەپ سوراپ قالدى، مەن جاۋاب بەرگۈچە، ئۇكام بۇنى بىلىۋېلىشقا ئالدىراپ، «ئۆپكىمۇ؟ بۆرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كەتتى، ئاخىرىدا مەن «بېغىر» دەپ جاۋاب بەرگەندە، ئاندىن «ھە» دەپ چۈشەندى. ئاشۇ دىئالوگ ھازىرغىچە ئېسىمدە بار.

ھازىر ئۇ ئۇكامغا شۇ قېتىملىق دىئالوگنى دەپ بەرسەم ئەسلىيەلمىدى. لېكىن :جىگەرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ «بېغىر» سۆزىنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.

دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن دىئالىكتىكا ۋە شىۋىلەر «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى»نىڭ تۈرتكىسىدە بىر يەرگە يىغىلىپ، مۇقىم بىر تىل بولۇپ شەكىللەندى. ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە تەرجىمانسىز پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئورتاق بىر تۈركىي تىل قېلىپى مەيدانغا چىقىسا، بۇ تىللارنىمۇ يىغىشتۇرۇپ ئەكىلىپ، ئورتاق بىر تۈرك تىلىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 09:59:05

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 10:22:55

بۇلارنىڭ نېمە پەرقى، پاساھەتلىك تۈرك تىلىنى ئۇيغۇرنىڭ، قازاقنىڭ، قىرغىزنىڭ دەپ بۆلۈپ بولدۇڭلار... ئەمدى خوتەننىڭ، قەشقەرنىڭ دەپ يەنە بۆلمەكچىما؟
بەت: [1] 2
: كىم جىگەر دەيدۇ كىم بېغىر؟