ئەلۋىدا مەھەلەم ،خەيىر قوشنىلار (ۋاپادارىم912)
ئۆي كىتىپ ھەر يانلارغا تاراپ كەتتۇق ،
چىرىقى ئۆچتى گۈزەل مەھەلەمنىڭ .
قوللاردا باغلام -باغلام پۇل بولسىمۇ ،
يۈرىگى پىژىلدىدى بارچىمىزنىڭ .
باغ كەبى كوچىلاركەن ،ئەسنى بىلسەك ،
بوۋىلار بىللە كۆچەت تىككەن ئىكەن .
قايغۇغا خوشاللىققا جۆر بولۇشۇپ ،
قوشنىلار ئىجىل-ئىناق ئۆتكەن ئىكەن .
يازلىرى ئېرىقلاردا ئويناقلىشىپ ،
قىرلاردا دوسىتلار بىلەن قوي باقاتتۇق .
قىش كۈنى كۆك مۇز چايناپ چانا ئويناپ ،
ياسىغان لەگلەكلەرنى ئۇچۇراتتۇق .
شاھىدى تالاي ئوتلۇق قەسەملەرنىڭ ،
لەگلەكنى ئىلىۋالغان ئاق تېرەكلەر .
شېخىدا بۇت بۇت چالغان مەجنۇنتالغا ،
ئويۇلغان تالاي ئىسىم ،قوش يۈرەكلەر ..
نان ياقسا ئانام ھەر چاغ تەييار ئىدى ،
قوشنىسى دۇت ئەتكۈلى ،نان ياققۇلى .
ئاتاممۇ چىقار ئىدى مېنى باشلاپ ،
قوشنىلار ئۆيلىرىگە تال كۆمگىلى ...
ئاھ ئەمدى كۆرەلمەيمەن مەھەلەم يوق ،
مەسچىتتىن توپ توپ يانغان بوۋايلارنى .
سەھەردە كوچىلارنى سۆيۈپ تاراپ ،
سۇ سېپىپ يول سۈپۈرگەن مومايلارنى .
تۆت تامغا* قاراپ دادام قايناپ كەتتى ،
مەھەلە -ئەمدى ئىزلەپ تاپالمايمىز .
ئاناممۇ يىغلاپ كەتتى قوشنىلار دەپ ،
تويلارغا كوللىكتىپ نان ياقالمايمىز ...
يوق ئەمدى مەھەلىلەر ،توپا يوللار ،
ئورنىغا چۈشەر رەت -رەت ئېگىز بىنا .
"شاۋچۈ"دەپ تىلى چىقار بالىلارنىڭ ،
بۇ ئۇقۇم يوقىلىدۇ ئاستا-ئاستا ...
ئەلۋىدا بالىلىقىم ئۆتكەن مەھەلەم ،
خەيىر-خوش تۇغقان كەبى قۇلۇم- قوشنا .
ئىزدىشىپ تۇرىشايلى نەدە بولساق ،
سىلەرگە دادام تەشنا ،ئانام تەشنا !
ئەسكەرتىش ؛
تۆت تام -بىنا كۆزدە تۇتىلىدۇ
شىڭلۇڭ شەھرىدە يېزىلىپ بېقىلدى ...

ئورۇن يوق پاتمايسەن
ئەمدى ھۇيلىغا
يەر ئاستى ئۇيۇمگە
چۇشمەس كۇن نۇرى
بالكۇندا شۇمشىيەي
يالغۇز كەپتىرىم
ھەتتا كۇرۇنمەس
تۇلونئاي نۇرى... {:90:} يېڭى رەھبەرلەر شەھەرلەشتۈرۈشنى GDP نى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ئېشىش نوقتىسى دەپ بىكىتتى. مەھەللىلىرىمىز، شۇنىڭدىن كىيىن ئەنئەنىۋى ئىگىلىك ۋە ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزگە كېلىدىغان تەھدىت بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. مەھەللىلىرىمىز ئامان بولغاي ...
ئۆيى قەغەز پۇلغا ئايلىنىپ قالغان ئاشۇ دىھقانلارغا پۇلىنى قانداق خەجلەپ، ئەتىكى شەھەر تۆۋەن قاتلام پۇقرالىرىدىن بولۇپ قالماسلىقنى ئۆگىتىدىغان بىلىم بەكلا كەمچىل، دىھقانلىرىمىز ئامان بولغاي ...
شەھەرلىشىش دولقۇنى بىلەن تەڭلا ماشنا جىقلاپ كىتىۋاتىدۇ.يەنە 10-20يىلدىن كېيىن بىنالارنى چېقىپ قايتىدىن «دىشاشى»دا ماشنا توختۇتۇش ئورنى قۇرۇشقا يۈزلەنمىسىلا بۇلاتتىغۇ.
吐鲁番的葡萄哈密的瓜新疆的公路天天挖

تېمىمۇ ئەلا مىنىڭمۇ مەھەللەمنى كەلگۇسىدە، پەرزەنتلىرىمگەسۆزلەپ بەرگۇم بارئىدى. ھازىر سۆزلەپ بەرگۇدەك ھىچ نەرسەقالمىدى


سەلبىي تەرپى، مەيلى سىز قانداق ئۆيگە كېرىڭ ياكى كېرمەڭ چوقۇم ئەڭ ئاۋۋا يانفۇننى ياقچۇقتىن ئېلىپ تەييار بولسز، لېكىنزە سالاملىشىش ئاخىرلاشتى ھەممەيلەن پۈتۈن دىققىتى بىلەن يانفۇندا يۈزتۇرانە ديشەلمىگەن گەپلەرنى كوتكوت ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق ديشىدۇ. ئۇنى بىلمىگەن چوڭلار تېلېۋىزۇر كۆردۇ، بىراق ......................... يەنە، يېزىلاردا ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزچىلارچۇ؟
تەرەققىيات................. مەھەلەمگە ھەر بارسام بالا ۋاقىتلاردا ئوينالغان ئادەم تېپىش ئويۇنى ،يولدا مەڭگەن ئارىسىغا يالغان ئادەم ياساپ ئۆتكەن كۆچكەن چوڭلارنى ئاخماق قىلغان شۇ ...ئىشلار ئېسىمگە كېلىدۇ ،مەھەلىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگىزىسى بارغانچە كىچىكلەپ پاكارلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن .... ھەي ۋاپادارىم ھازىرقى مەسلىلەرگە قايتايلى بۇلدى.
نىمىشقا بىر سۇم پىلانىنىڭ كەلگۈسىنى قانۇنلاشتۇرۇپ (ئىلگىرلەردە ukji دىن كۆرگەن گەپ ھە) ھاياجان بىلەن قاملاشتۇرۇپ ،تېلۋىزيەگە تاپشۇرۇپ بىر سوم پىلانىنىڭ ئېلانىغا كۈچەپ ئۈنىمىنى ئاشۇرمايمىز .....؟
پايپاق ئېلانلىرىنى كۆرگۈچە سۇغۇقتا توڭلاپ تىتىرگەنلەرنى كۆرگەن بۇلسام قەلبىم ئىللپ 100 سوم سالار ئىدىمغۇ مەن .باشقىلار خۇرجۇنى ئاتسا .