مىڭە يۇيۈش(ھەزىل)
ئاخشام ئايالىم بىلەن ئازىراق دىيىشىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدىم . مەنمۇ ۋاپادارىمدەك چۈشتىن بىرنى كۈرۈپتىمەن
چۈشۈمدە ئايالىم ئىچكىرى ئۆلكىدە ئالامەت تېخنىكا چىقىپتىمىش ، مىڭە يۇيغىلى ، ئۇچۇر يازغىلى بولىدىكەن سىنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ مەن بىلەن ئۇرۇشىدىغان ئۇچۇرۇڭنى ئۈچۈرۋىتىمەن دەپ زورلاپ ئاپارغۇدەك .
دوختۇر ct ئوخشاش ئاپاراتنىڭ ئىچىگە مىنى كىرگۈزۈپ، ئايالىمدىن سورىغىدەكمىش
دوختۇر :ئىرىڭىزنىڭ قايسى كىرەكسىز ئۇچۇرىنى يۇيىمىز ؟
ئايالىم :ئۇ كوچىدا مەن بىلەن ماڭغاندا باشقا ئاياللارغا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارايدۇ .
دوختۇر :ئەمسە ئاياللارغا قارايدىغان ئۇچۇرىنى يۇيىۋىتەمدىم ؟
ئايالىم :شۇنداق ، ئەكىس تەسىرى بولمايدىغاندۇ ؟
دوختۇر :بولىدۇ ، سىزمۇ ئايالمۇ ؟ سىزگىمۇ قارىمايدىغان بوپقالىدۇ ، كاللىسىدىن قىز - ئايال ئۇقۇم ئۇچۇرى ئۈچۈرۈلۈپ كىتىدۇ .
ئايالىم :ۋاي بولمىغىدەك ، بۇ ئۇچۇرنى ئۈچۈرمەيلى ، ھاراق ئىچىدىغان ئۇچۈرىنى ئۈچۈرۋىتەيلى
دوختۇر :بولىدۇ . ئىرىڭىز قانداق ۋاقىتتا ھاراق ئىچىدۇ ؟
ئايالىم :خوشال بولغاندا بىزنىڭ ئەر- ئايال ئوينايدىغان قاتار چېيىمىزدا ئىچىدۇ . بۇنىڭغۇ ئەكىس تەسىرى بولماس .
دوختۇر :ئەكىس تەسىرى بولىدۇ . ئىرىڭىز خوشال بولمايدىغان، ئاچچىغى كەلمەيدىغان ئۇچۇرىنى يۇيۇۋىتىمىز شۇ .
ئايالىم :ۋاي تېخىمۇ بولمىغىدەك . كۆپىنچە مەس بولغاندا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئىسىدە يوقلا دەۋىتىدۇ . ئاز ۋاقىتلاردا تىللاپ يېرىم كىچىدە تاماق ئەتكۈزگەن بىلەن ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مىنى بەك ئەركىلتىدۇ . بۇ ئۇچۇرنىمۇ ئۆچۈرمەيلى . تاماكا چىكىدىغان ئۇچۇرىنى ئۈچۈرۋەتكىلى بولارمۇ ؟
دوختۇر :ئۇنىڭ تەسىرىمۇ ئۈستىدىكى بىلەن ئوخشاش .
ئايالىم :ئاخشىمى ئۆيگە ۋاقتىدا كىرمەيدۇ . ۋاقتىدا كىرىدىغان قىلغىلى بۇلارمۇ ؟
دوختۇر :بولىدۇ ، ئەمسە مۇشۇ ئۇچۇرنى كىرگۈزۈپ قۇيامدىم .
ئايالىم :ناھايىتى ياخشى ................. دوختۇر بۇنىڭ ئەكىس تەسىرى بولمايدىغاندۇ ؟
دوختۇر :ھازىر سىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا نەدىن بولمىسۇن قايتىپ كىلىدۇ .
ئايالىم :ۋاي ئۇمۇ بولمىغىدەك ئىرىم سىرىتتا تىجارەت قىلىدىغان تۇرسا بەزىدە كەچ قالىدۇ . ئۇ ۋاقىتتا تىجارەتنى ئويلىشامدۇ يا قايتىپ كىلەمدۇ ؟
دوختۇر :مەن دىدىمغۇ سىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ھەر قانداق ئىش بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر قايتىپ كىلىدۇ .
ئايالىم :ۋاي بۇ تېخىمۇ بولمىغىدەك
ئايالىم :ھە راسىت ئاغىينلىرى بىلەن ئانچە مۇنچە قىمار ئويناپمۇ قۇيدۇ . مۇشۇ ئۇچۇرىنى ئۈچۈرۋىتەيلى
دوختۇر :بولىدۇ . بىراق ئىرىم تىجارەتچى دەيسىز ، بۇ ئۇچۇرنى ئۈچۈرۋەتسەك ئۇنىڭ كاللىسىدىكى پۇل ئۇقۇمىمۇ يۇق بولىدۇ . ئۇ ۋاقىتتا سودىنى قىلالماي قالارمىكىن .
ئايالىم :ۋاي ئاللا . .. . . . . . بۇ ئۇچۇرنى قەتىئىلا ئۇچۈرمەيلى . بولمىسا بالا بىلەن مەن قانداق جان كەچۈرىمەن . ئۇ پۇل تاپالمىسا
...................
....................
ئايالىم :بولدىلا ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ئۇچۇرنى يۇيىمەن دىمەي ئۇنىڭ كاللىسىنى بىلىم ئۇچۇرىنى يېزىۋىتەيلى .
دوختۇر :مەسىلەن كىم ؟
ئايالىم :ئۇ ئىزدىنىش تورىدىكى زىيالى دەپ بىر ياش بار ناھايىتى بىلىملىك ، ياپۇنىيەدە ئۇقۇيدۇ دەۋاتاتتى شۇنىڭغا ئوخشاش بولسۇن .
دوختۇر :ئۇ زىيالىنى مەنمۇ بىلىمەن ، ئۇ تېخى توي قىلمىغان ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرنى يازسام سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالارسىزمىكىن .
نىمىشقا ؟
دوختۇر :زىيالى بىلىملىك بولغان بىلەن تېخى ئائىلە توغىرىسىدا ئىرىڭىزدەك مۇكەممەل بولماسلىغى مۇمكىن .
ئايالىم :ئەمسە جاك دەپ بىرسى بار دەۋاتقان ئۇنى ئامرىكدا ئۇقۇيدۇ دىگەن ئىدى .
دوختۇر :ئۇ تېخى يېقىندىلا خۇتۇننى قۇيىۋەتكەن . ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى يېزىۋەتسەم
ئايالىم :ياق ، ياق ، ياق ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى يازمايلى ، مىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق .
ئۆزھال ، پىنھان ، باچكا ، سالام ھايات،
داۋامىنى تورداشلار داۋاملاشتۇرالايدۇ .
ئويلىنىپراق ئىنكاس يازساق بولغۇدەك ،
ماڭا ئوخشىسۇن ،بولمىسا خۇتۇندىن باشقىغا قارىمايمەن ، خۇشال بۇلالايمەن ئەمما ھاراق ئىچىۋالمايمەن ، خۇتۇن بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت بولمايدۇ ، تىجارەت چىقىپ قالسا خۇتۇن ئارىلىشالمايدۇ ، قىمار ئوينىمايمەن ، ئەمما ناھايىتى كۆپ بۇلۇم بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن
1- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئويلىنىپراق ئىنكاس يازساق بولغۇدەك ،
ماڭا ئوخشىسۇن ،بولمىسا خۇتۇندىن باشقىغا قارىمايمەن ، خۇشال بۇلالايمەن ئەمما ھاراق ئىچىۋالمايمەن ، خۇتۇن بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت بولمايدۇ ، تىجارەت چىقىپ قالسا خۇتۇن ئارىلىشالمايدۇ ، قىمار ئوينىمايمەن ، ئەمما ناھايىتى كۆپ بۇلۇم بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن
ئوخشاشكەن.
ئايالىم: باچكا دەپ بىر بالا بولىدىغان، قولى بەك ئەپلىك، ئۆيدىكى بۇزۇلغان تاراق-تۇرۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭشاپ چەستەي قىلىۋەتسە ...
دوختۇر: ئۇ ئىش قىلغاندا دەخلى قىلىپ قالسىڭىز قولىغا بولقا، ئامبۇر،كۇلۇچلار بەك ئاسانلا چىقىپ قالارمىكىن {:107:} ... ئايالىم ئىككىمىز ئوقۇپ بەك كۈلىۋەتتۇق .

5- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ياخشى ئاپاراتكەن ،،،بەش بۇلوش تۇت گۇزەلگە چۇشىدىغان ئەرلەر يۇق جۇمۇ؟؟ھەم ئۇنداق تۇلوق چۇشىدىغان ئەرلەر بىلەنمۇ خۇتۇنلارنىڭ خۇشى يۇق ،ئىت ئورغۇچىسىغا ئامراق دىگەندەك،،![]()
راس دەيسەن


دوختۇر:ئۇغۇ ياخشى بالا، شۇ مىجەزى سەل سۈيۈقمىكى ... ئەتراپىدا دوكتۇر،ماگىستىر قىزلار ساماندەك يۈرسە دەڭە.
ئايال: ئۇغۇ شۇ..............ئېرىممۇ مېنى سەۋىيەسى تۆۋەن دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ.
5- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ياخشى ئاپاراتكەن ،،،بەش بۇلوش تۇت گۇزەلگە چۇشىدىغان ئەرلەر يۇق جۇمۇ؟؟ھەم ئۇنداق تۇلوق چۇشىدىغان ئەرلەر بىلەنمۇ خۇتۇنلارنىڭ خۇشى يۇق ،ئىت ئورغۇچىسىغا ئامراق دىگەندەك،،![]()
باشقا خوتۇنلار ياراتمىغان بىلەن قېينانىمىز بەك داڭلايدۇ ،،،ھا،،،،ھا،،،،،،، ئۆزھال ئۆزگەرتىپ باقسا بىرەر ئىپىزوتقا بەزىدە مۇنداق خام خىيالمۇ قىلىمىز دەڭلا باللا ...
ماۋۇ كىنونى كۈرۈپ قۇيۇڭلار ،مىڭە يۇيۇش دەپ قاپسىلەر