[كۆچۈرۈلمە] تۇرپان style كۈلمىسىڭىز ھىساپ ئەمەس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ماۋۇ گامنام سىتەيلى دىگەن ناخشا ۋە ئۇسسۇلى دۇنيادا چىكىلىش قېتىم سانى جەھەتتە رىكوت يارتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ مانداق تور مارلاپ باقسام ماۋۇ تۇرپانلىق بىر نەچچەيلەننىڭ ئوينىغىنىنىمۇ يوللىنىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن كۆرسەم كۆزۈمگە بىرخىل ئاجايىپ كۆرۈندى ...نازىرۇمنىمۇ قېتىۋەتتىمۇ نىمە ئارلىقىدىكى ئۇسسۇلغا ...شۇنىڭ بىلەن كۆرۈپ بولۇپ يا كۈلۈشۈمنى يايىغلىشىمنى بىلمەي ئولتۇرۇپتىمەن .... ماۋۇ بەسەيلەرنىڭغۇ دورىمىغىنى قالمىدى ... قايسى كۈنى ھېلىقى ئوماق ئۇكىمىزنىڭكىنى كۆرۈپ خېلى كۈلگەن ئىدىم ئەمما ماۋۇنى كۆرۈپ بىر خىللا بوپ قالدىم .....
ماۋۇ ئەسكى داستا يازغان خەت نورمال بولمىغاچ ئىملادىن كەتكەن بولشىم مۇمكىن كەچۈرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن .
مەنبە يوۋكۇ تورى
ماڭا بەكلا تېتىقسىز بىلىنىپ كىتىۋاتىدۇ بۇ سىتايىلچىلا.... ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى كورسەملا، كوزۇمگە ئالى بابانىڭ كىنوسىدىكى بىر شاقلاقلاپ قويسا سەھنىگە يۇگرەپ چىقىپ ، قولنى بىر سىلىكىسە سەھنىدىن چۇشۇپ كېتىدىغان ئۇسۇلچىلا كوز ئالدىمغا كېلىدۇ. بىر قېتىم نازىركومنى گاڭنامغا ئوناقويغانغا ئۇيغۇر ئۇسۇلى بىر نېمە بوپقالمايدۇ.بىراق شۇ خىيالنى ئويلاپ چىققان ئادەمگە لەنەت. ۋاي ئاتتامممممممم، بۇ گۇيتوزىلارغا نىم بولغاندۇ ئەمدى. {:92:} كۈلدۈم مانا ،ھېساپ بولدىما؟ ئۇيغۇرچە كىيىمنى نىمدا خار قىلىدۇ دەيمەن مۇشۇ بىر نىملەر. گاڭنامغا ئوينامسەن، يا چاڭچىلە ئوينامسەن نىمە قىلساڭ قىلىش، ئى كىيىمنى كىيىشمىگىنە. مايمۇنغا ئۇيغۇرچە كىيىم كەيدۈرۈپ قويغاندەك چىشىمغا تىگىدىكەن
ما پوقۋاشلانىڭ قىپ يۈرگەن ئىشىنېي!قانا گەپ بۇكەتتى بو ؟(ئىملادا كەتكۈزگىنىم يوق ،تۇرپان شىۋىسى )
بىلىمەن ھەقىچان ھەممىڭلا تىللاپ بىر گە ئالغۇسىز قىلىۋاتىسىلەر.مەن ئازراق قوغدىۋالاي بۇلارنى .(گەرچە ،ھېلىلا ھۇا جەتخانىغا كىرىپ ،پۇتۇمنى ئاسمانغا ،بېشىمنى يەرگە قىلىپ قانلىق قۇسۇپ چىققان بولساممۇ .)
ئالدى بىلەن بۇلارنڭ ھاڭگا ئېشاكنىڭ ھاياتىدىنمۇ قەدىرسىز ھاياتىنى قاتتىق ئەلەملەر ،ئازابۇ- ئۇقۇبەتلەر ئىچىدە كەچۈرۈشىڭلار ئۈچۈن بىر قانچە ئاقماس سەۋەب يازاي:
1.بۇلارغىمۇ ئامال يوق ،باشلىق مۇشۇنداق ئوينايسەن دىسە ئوينىماي كۈتتنى تولغاپ خىزمەتنى تاشلاپ كېتىشكە كۆڭلى قىيمىغاندۇ .بۇلۇپمۇ سىياسى كومىتسار قاتتىق ئىلمىي پاراڭ قىلىپ ،يىغىندىن 4سائەت ئېچىپ ،،،،،،،،،،،لانى شېپى كالتۈرۈپ تۇرۇۋالسا بۇ ئۇۋاللارمۇ ئويناپ سالغاندۇ .
2.شىنجاڭ تېلىۋىزيە ئىستانسىنىڭ داڭلىق پىروگراممىسىدا خەلىق سۆيگەن ۋە سۈيۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىككى شەخىس چىقىپ ئېلانىنى بەرگەن تۇرسا ،ئېغى يوق تامبال كىيگەن ،مېڭىشنىمۇ ئوڭلاپ ماڭالمايدىغان ساقام ئوينىغان يەردە بۇلار ئۇسۇلچى تۇرۇپ ئوينىمىسا يۈزىگە سەت ئەمەسمۇ ؟خەلىق سۆيگەن كىشى ،خەلىق سۈيۈش ئالدىدا تۇرغاننى :\"ئۇيغۇر سەنئىتىنى پۈرۈن ئالەمگە تۇنۇتتىڭىز \".دىسە تۈۋەندە ئولتۇرغانلار قوشقوللاپ چاۋاقلاپ تەستىقلىغان تۇرسا ،،بۇلار نازۇركومنى تۇنۇتسا نېمە بوپتۇ ؟نازوركومنىڭ ،ھېلىقى ئېيقان ئەبجەش ناخشىلاردىن نەرى كامكەن ؟
3.بۇلارمۇ ئېسىل ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى كۆتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىغا بارسا ،ھۆرمەتلىك شۇجى xxياراتماي قايتۇرسا ،كۆركەزمىگە بارسا كۆركەزمىدىكىلدر ئالمىسا ،مۇشۇنداق نۇمۇسسىزلىقنى قىلماي قانداق قىلىدۇ ؟
مۇشۇنچىلىك قۇتقۇزۇپ تۇراي ،،يەنە تىللايدىغانلار بولسا سەل بېسېۋىلىپراق تىللاسىلە .
ياۋپىر.............ماۋۇ قاپاقلارنىڭ قىپ يۈرگەن ئىشىنى دەيمەن........... ھاي ، دەيدىغان دادىسى بولمىغاندىن كېيىن نېمە قىلسا قىلىدۇ-دە ئەمدى ! يائاللا... مېنىڭ ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتىسى شۇ يەردە ئىشلەيتتىغۇ دەيمەن، بىر دەپ قويمىسام خەپ ئالدىغا تۇرپان دېگەننى قوشۇۋالمىغان بولسا ياخشى چىقاتتىكەندۇق.تۇرسۇن تېكە رولىغا چىققاندا مەۋلان نىياز ئوينىغان ھېلىقى مودېرنىزىم بىلەن جۆرىنىزم بىرلەشكەن دەمدۇ ئىشقىلىپ «يېڭى»چە بىر ئۇسسۇلنى ئويناپ چىقىدىغان. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىكەن، بىر يەرلىرىدە ئاتلۇشكا، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى، نازىركوم، ياڭگىر... لارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھىندىچە ئۇسلۇبتا چىقىپتىكەندۇق، چاتاق يېرى نېمىشقىمۇ ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىۋالغاندۇ مەتۇ كۆرۈنۈپ.
قەشقەرنىڭ سىسىق گەپلىرىدىن بىرەرنى دەپ قويمىساق بولمىدى ماۋۇلارغا ،باللار.مەنمۇ ئۇيغۇر لكىن ماۋۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ \"داۋبەنسى \" ئوخشايدۇ،ياكى قانداق كلونلاندى بۇلار ئىشقلىپ مەن بىلمىدىم ،سەھىنىدىكى ھەي قىز ھەي ئوغۇللار ، بۇنداق ئىشلار ئۆزۆڭلار بىلەن كەتسۇن لىكىن بىزلەرنىڭ يۈزىمىزنى بۇنداق تۆكمەڭلەر، شۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىغا ئوبدان قاراپ باق ،ساڭا ماس كىلەمدىكىن ،بولمىسا \"ھاياتلىقنى قەدىرلەپ بۇنداق چاكىنلىقلاردىن يىراق تۇرايلى !!\"
***لار موتو قىپ قويۇپتۇ!!!! ئوينىمىسمۇ نېمە قىلاتتى ؟؟ كىيىملىرى بىلەن ئېشەك ئۇسۇلى قەتئىي ماس كەلمەي قاپتۇ!!! يا گاڭنام ئەمەس ، يا ئايلام ئەمەس!!! مۇشۇ ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرىما؟؟ئۈستىدىكى كىيىمگە يۈز كېلەلەمدۇ مۇشۇلار قاسى بازادىكى ئەزان مەدىكالاكەن ماۋۇ ؟.....ئىۋۇ ئۇچىسىدىكى كىيىملەر نى سىلۋىتىپ ئويناشقان بولسىمۇمەيلىتى ... تۆۋە خۇدايىم دىمسە بىكا ،،نىمدىگەن بىچچارە ماۋۇ دىدەكلەر بىلەن ،،ئاغۋاتلار ........ پادىشاھنىڭ ئاغۋاتنى ئۆيلەپ قۇيۇشى دەپ تۇرايلى ھازىرچە. ئاۋۇ كىيىملىرى ئۇزۇن كەپ قاپتۇ. قىسقىراقىنى كىيىپ پۇتىنى بەكرەك كۆتۈرۈپ سەكرەپ بەرگەن بولسا بەسەيلەر ئالقىشلىۋېتەتتى..نامى چىقىپ كېتەتتى ما خەقنىڭ(تىللىماڭلار ھە) كۈلكىلىك ئەمەسكەنغۇ {:90:}