Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 07:55:09

(بىرزات)ساغلام ياشاشتىكى ئۈچ موھىم ئىش

مۇناسىۋەتلىك تېما:

<<ئىگىلىك سەھنىسى>> پروگراممىسىغا تەييارلىق ۋە بۇ ھەقتە قىسقىچە خاتىرە

____________________________________________________

مېنىڭ تېبابەت ئۈگۈنۈش ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى - ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھاياتتا مۇنداق ئۈچ ئىش ئىنتايىن موھىمكەن.

1.ئىلمى ئوزۇقلىنىش.

2.توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى

3.ساغلام روھىي ھالەت

مەن بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك شەرھىلەپ باقتىم:

1.ئىلمى ئوزۇقلىنىش - مىزاجغا، بەدەن شارائىتىغا، يېشىغا مۇناسىپ ياقىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش، مىزاجغا ماس كەلمەيدىغان يىمەكلىكلەردىن ساقلىنىش، تەبئىي، ساپ، پاكىز، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى يۇقۇرى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، ئوزۇق قىممىتى تۆۋەن، بەدەنگە زىيانلىق ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش؛

ئەتتىگەندە ھەسەل، گۈلقەنت، سېڭىپ پىشقان نان، ياڭاق، بادام، قۇرۇق ئۈزۈم، خورما دېگەندەك قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى، بەدەننىڭ ئىممۇنېت ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئوزۇقلۇقلاردىن مىزاجىغا ماس كىلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش،

چۈشلۈك تاماققا سۈپەتلىك ياغ، گۆش، كۆكتاتلار بىلەن قىلىنغان قورۇما تاماقلار، كاۋاپ پولودەك يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك تاماقلار ...مايلىق، گۆشلۈك تاماقلارنى يېگەندە تۇرۇپ، تەرخەمەك دېگەندەك ئىسىقنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىش، ئاشقازانغا سوغۇق كىلىدىغان ياكى كۆپرەك تاماق يېگەندە ئاشقازاننى ئاسراش، تاماق سېڭدۈرۈش ئۈچۈن پىننە، لاچىندانە، قەلەمپۇر دېگەندەكلەر بىلەن چاي دەملەپ ئىچىپ بىرىش؛

كەچلىك تاماقنى بالدۇرراق، يەڭگىل ئىستىمال قىلىش، داۋاملىق قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىش دېگەندەكلەر.

2.توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى - بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇش، چىش چوتكىلاش ۋە باشقا تازىلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىش، بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش، ناشتىسىز سىرتقا چىقماسلىك، خىزمەت، ئارام ئىلىش مۇۋاپىق بولۇش، ئانانىزىم، زىنا-پاھىشەلەردىن ساقلىنىش، جىنسىي تۇرمۇش ئاز سۈپەتلىك بولۇش، ۋەھاكازالار.

3.ساغلام روھىي ھالەت كۈچلۈك بىر ئىتقاد ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. روھىيتىنى چۈشكۈنلۈك، ئاچكۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك، ھەسەت، خىيالپەرەسلىك، شەھۋەتپەرەسلىك، قورقۇنچاقلىق، تەلۋىلىك قاتارلىق ئەڭ سەلبىي ئامىللار ئىگەللىۋالغانلارنىڭ ئەسلىدىنلا تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بىر روھىي تايانچىسى يوق، ياكى خاتا ئىتقاد، ناتوغرا جەمئىيەت تەسىرى پەيدا قىلغان روھىي بىسىملار، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، بالىلىق دەۋرىدە يېتىلىپ قالغان ئاجىز خاراكتىر، چوڭلاردىن يۇقتۇرۋالغان سەلبىي تەسىر قاتارلىقلار كىشىلەردە ئاشۇ خىل ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتلەرنى پەيدا قىلغان بولىشى مومكىن.

ھەر خىل نېرۋا كېسەللىكلەر، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ھەتتا ئاشقازان - ئۈچەي ، جىگەر كېسەلىكلىرىگىچە روھىي كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇلار ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتنىڭ تەن ساقلىقىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەرسىرلىرىدۇر.

ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئاۋارچىلىق ھېسابلاپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقىنىغا پەرۋا قىلماسلىق، 2012-يىلى قىيامەت بولىدۇ سەپسەتىسىنىڭ كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلىشى دېگەندەكلەرنى مىسالغا ئىلىشىمىز مومكىن.

مەن روھىي ساغلامىلىق ھەقتە ئارتۇق توختالماي، بۇ ھەقتىكى قالدى مەزمۇنلار روھىيەت تەربىيچىلىرىگە تەۋەدۇر.

مەنبە:http://www.80halta.com بلوگىم

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 09:54:51

ئەتىگەن ئاغىنەم «ھەكىم تېما يېزىپتۇ، تېمىسى ساغلام ياشاشكەن، بىرىنچىسىگە بالدۇر توي قىلىشنى تىزدى بەلكىم» دەۋاتقان  {:92:}  

ئىشقا ئالدىراپ كېتىپ قالغانتىم، قارىسام ئۇنداق ئەمەسكەن \"\"

ھەكىمنىڭ ھەسەل، گۈلقەنتلىرى بىلەن ئىلمى ئوزۇقلىنىپ، سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىپ، چول تەگسە ئانچە مۇنچە توپ قوغلاپ، شەھۋەتكە بېرىلمەي  {:92:}  ساغلام ياشاپ كېلىۋاتىمىز خۇدايىم بۇيرىسا \"\"

جىملا كېتىۋاپلىيا ما قېتىم؟

segekboy يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 10:39:24

ھەكىمنىڭ ھەسەل، گۈلقەنتلىرى بىلەن ئىزدىنىشنىڭ ئاتامانلىرى جىمىپلا كەتتى جۇمۇ.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 10:54:45

بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سىز! ئاۋال تىمىڭىزغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە مىنىڭ ئازىراق سىزدىن ئالدىغان مەسلەتىم بار. بىر ياردەم قىلسىڭىز!

بۇ مەسلە مۇشۇ بۇرنۇمدا بۇرنۇم بەكلا قۇرۇيدۇ، بولۇپمۇ ئەتگەندە ئۇخلاپ قوپسام بۇرنۇمنىڭ ئىچى قۇرۇپ بۇرنۇم خۇددى تاياقتەك بوپ قالدۇ. تۇرۇپلا ئويلاپ قالمەن بۇ بۇرنۇمنىڭ سۈيۈغلۇق ئىشلەپ چىقىردىغان يېرى بۇزۇلۇپ قالدىمۇ دەپ. قۇرغاندىكىن دەم سىقىلىدغان گەپكەن ئەتكەندە دېمىم سىقىلىپ تىنىق ئالالماي ئويغىنىپ كىتمەن، بۇرنۇم قۇرغاندىن كىيىن  ئىچگە قاقاچلارمۇ توشۇپ كىتىدۇ. \"\" . ئاندىن بۇرنۇمغا ئىچى تەرەپتىن تولا چاقا مۇنەك چىقىپ ئارام بەرمەيدۇ. بەزەن چاغلاردا ئاغىرىق دەردىدىن بۇنۇمنىمۇ تۇتالماي قالمەن.كۈندۈزدە خېلى ياخشى بولمسا مۇشۇ قانداق گەپ قانداق قىلسام شىپالىق تاپقىلى بولار بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز!

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 12:28:20

3- قەۋەتتىكى uyghurqqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

----------

مەن زۇكامداپ ماڭقىدىن زېرىكىپ كىتىۋاتسام  سىز ماڭقا جىدىلى قىلغىلى تۇرۇپسىز بۇرادەر...زۇكام بوپ باقامسىز يا؟  پەقەت بولمىسا ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇرنىڭزغا  كۆز دورىسىنىڭ قۇتىسىدا ماڭقا تېمىتىپ بېرەمسىزكى...\"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 14:23:04

نىمانداق يىرگىنىشلىك گەپ قىلىسىلە ھەي باللا

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 17:55:13

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 18:00:07

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمانداق يىرگىنىشلىك گەپ قىلىسىلە ھەي باللا

ھېلىقى تەرىتىم نورمال ئەمەس دىگەن  يۇمۇر يادىمغا كېلىپ ، قىزىقچىلىق بولسۇن دىدىم گۇدلاك، ھاجەتخانا تېمىسىنىڭ ئىلھامىنىڭ ئاخىرى دەيمىزمۇ بۇنى....\"\"

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 20:53:01

ھەي ناشتا \"\"

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 00:28:57

2- قەۋەتتىكى segekboyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەكىمنىڭ ھەسەل، گۈلقەنتلىرى بىلەن ئىزدىنىشنىڭ ئاتامانلىرى جىمىپلا كەتتى جۇمۇ.

شۇ، شۇ.

ياخشى نىيەتتە بارغان بولغىيتى، ئەپسۇس

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 09:37:37

1- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەتىگەن ئاغىنەم «ھەكىم تېما يېزىپتۇ، تېمىسى ساغلام ياشاشكەن، بىرىنچىسىگە بالدۇر توي قىلىشنى تىزدى بەلكىم» دەۋاتقان \"\"

ئىشقا ئالدىراپ كېتىپ قالغانتىم، قارىسام ئۇنداق ئەمەسكەن \"\"

ھەكىمنىڭ ھەسەل، گۈلقەنتلىرى بىلەن ئىلمى ئوزۇقلىنىپ، سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىپ، چول تەگسە ئانچە مۇنچە توپ قوغلاپ، شەھۋەتكە بېرىلمەي \"\" ساغلام ياشاپ كېلىۋاتىمىز خۇدايىم بۇيرىسا \"\"

جىملا كېتىۋاپلىيا ما قېتىم؟

توغرا، ۋاقتىدا توي قىلىشمۇ ساغلاملىق ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇزۇن ۋاقىت بويتاق يۈرۈپ كەتسە ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىدۇ، نېرۋا-ئەسەبلەر بۇزۇلۇپ پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىق كۆرىلىدۇ. مەزىبېزى، ئۇرۇقداندا بەزى بىز نۇرمالسىزلىقلار كۆرىلىدۇ. ھەتتا بەزىلەردە يات جىنىسقا بولغان قىزىقىش سۇسلاپ توي قىلغۇسى كەلمەيدىغان نۇرمالسىزلىق كۆرىلىدۇ. ئاتا-ئانام بەك دەپ كەتمىسە توي قىلغۇممۇ يوق دەيدىغان قېرى بويتاقلارنى كۆپ كۆرگەنمەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 09:39:07

2- قەۋەتتىكى segekboyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەكىمنىڭ ھەسەل، گۈلقەنتلىرى بىلەن ئىزدىنىشنىڭ ئاتامانلىرى جىمىپلا كەتتى جۇمۇ.

ما گەپنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم. ئىزدىنىشنىڭ ئاتامانلىرى ھەسەل گۈلقەنتلىرىمنى يەپ باققانمۇ؟ نېمىشقا جىمىپ كەتتى؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 09:44:56

3- قەۋەتتىكى uyghurqqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سىز! ئاۋال تىمىڭىزغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە مىنىڭ ئازىراق سىزدىن ئالدىغان مەسلەتىم بار. بىر ياردەم قىلسىڭىز!

بۇ مەسلە مۇشۇ بۇرنۇمدا بۇرنۇم بەكلا قۇرۇيدۇ، بولۇپمۇ ئەتگەندە ئۇخلاپ قوپسام بۇرنۇمنىڭ ئىچى قۇرۇپ بۇرنۇم خۇددى تاياقتەك بوپ قالدۇ. تۇرۇپلا ئويلاپ قالمەن بۇ بۇرنۇمنىڭ سۈيۈغلۇق ئىشلەپ چىقىردىغان يېرى بۇزۇلۇپ قالدىمۇ دەپ. قۇرغاندىكىن دەم سىقىلىدغان گەپكەن ئەتكەندە دېمىم سىقىلىپ تىنىق ئالالماي ئويغىنىپ كىتمەن، بۇرنۇم قۇرغاندىن كىيىن ئىچگە قاقاچلارمۇ توشۇپ كىتىدۇ. \"\" . ئاندىن بۇرنۇمغا ئىچى تەرەپتىن تولا چاقا مۇنەك چىقىپ ئارام بەرمەيدۇ. بەزەن چاغلاردا ئاغىرىق دەردىدىن بۇنۇمنىمۇ تۇتالماي قالمەن.كۈندۈزدە خېلى ياخشى بولمسا مۇشۇ قانداق گەپ قانداق قىلسام شىپالىق تاپقىلى بولار بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز!

ئاستىدىن ئىستىدىغان قۇرۇلمىلىق بىنا ئۆيدە بولسىڭىز قىش كۈنلىرى ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن گۈل ئۆستۈرۈڭ، بىلىق بىقىڭ، كېچىلىرى كارۋات يېنىغا بىرەر داس سۇ قويۇپ قويۇڭ. ئۆي بەكرەك ئىسسىپ كېتىدىغان بولسا پارنى سەل سوۋۇتۇڭ.

ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بۇرۇن ئىچىنى بادام مېيىدا مايلاپ قويۇڭ.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 13:23:59

3- قەۋەتتىكى uyghurqqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

... بۇرنۇم بەكلا قۇرۇيدۇ، بولۇپمۇ ئەتگەندە ئۇخلاپ قوپسام بۇرنۇمنىڭ ئىچى قۇرۇپ بۇرنۇم خۇددى تاياقتەك بوپ قالدۇ. تۇرۇپلا ئويلاپ قالمەن بۇ بۇرنۇمنىڭ سۈيۈغلۇق ئىشلەپ چىقىردىغان يېرى بۇزۇلۇپ قالدىمۇ دەپ. قۇرغاندىكىن دەم سىقىلىدغان گەپكەن ئەتكەندە دېمىم سىقىلىپ تىنىق ئالالماي ئويغىنىپ كىتمەن، بۇرنۇم قۇرغاندىن كىيىن ئىچگە قاقاچلارمۇ توشۇپ كىتىدۇ. \"\" . ئاندىن بۇرنۇمغا ئىچى تەرەپتىن تولا چاقا مۇنەك چىقىپ ئارام بەرمەيدۇ. بەزەن چاغلاردا ئاغىرىق دەردىدىن بۇنۇمنىمۇ تۇتالماي قالمەن.كۈندۈزدە خېلى ياخشى بولمسا مۇشۇ قانداق گەپ قانداق قىلسام شىپالىق تاپقىلى بولار بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز!

بۇ مەسلىنىڭ يىلتىزى ئۆپكىدە. ئۆپكىنىڭ نەملىكى ئاجىزلىغانلىقتىن شۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قانداق ۋاقىتتا ئۆپكىنىڭ نەملىكى ئاجىزلايدۇ؟

1. بۇرۇن ئۆپكە ياللۇغى بولغان تارىخىڭىز بولۇپ ئۆپكىنىڭ قۇۋۋىتى ياخشى بولمىغان بولسا 2. ئىسسىقلىق نەرسىنى زىيادە كۆپ يېگەن ياكى  سىز قىلىۋاتقان كەسىپ، تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ شارائىتىدا مەسىلە بولسا( زىيادە ئىسسىق بولۇش ياكى سىز ئوتقا يېقىن تۇرىدىغان بىرەر خخزمەت بىلەن شۇغۇلللىنىش، مەسىلەن پېچىنە پۇشۇرۇش...)3. جىگەر ۋە ئاشقازاندا ئىسسىق ئېشىپ بۇ ھارارەتلەر ئۆپكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن( ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ماددىلار ئاشقازان، ئۈچەي دىۋارىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋېرىپ بەدەن ھارارىتىدە قىزىپ، قويۇلۇپ، بىرقىسىملىرى كۆيۈپ شۇ كۆيگەن بۇس-بۇخاراتلار ئەتراپقا يېقىن بولغان ئۆپكىنىڭ نەملىكىنى خورىتىدۇ ياكى ئاشقازان ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ئاشقازان، ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشى يېتەرلىك بولماي بىر قىسىم ئاجرالما ماددىلار ئاشقازان، ئۈگيدە تۇرۇۋېلىپ قەۋزىيەتنى شەكىللەندۈرۇدۇ. نەتىجىدە ئۈچەيدىكى چىقىپ كېتىشكە تېگخشلىك ماددىلار چىقىپ كەتمەي قانغا ئىككىنچى قېتىم سۈمۈرۈلۈپ قاننى ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولغان ئەخلەت ماددىلارغا تولدۇرىدۇ، بۇ قان قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە بېرىپ جىگەرنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. بۇ ئىسسىق ئۆپكىنىڭ نەملىكىنىمۇ خورىتىدۇ...).4. سىز بۇرۇن باشنى يۇيۇپلا يۆل چاچ بىلەن سىرتقا چىققان، نەم چاچ بىلەن يېتىپ قالغان... زولا زۇكام بولغان، بۇرۇن ياللۇغى بولغان...لىقتەك ئەھۋاللار بولسا بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىپ ئاخشىمى باشقا بىرەر نەرسە چىگىپ ياكى كىيىپ يېتىڭ

    بۇنىڭدىن باشقا ئېھتىمال سىزدە يەنە باش ئاغرىش، بۇرۇن قاناش، قەۋزىيەت ياكى گېمروي ، نېرۋا چېچىلاڭغۇ بولۇش، تولا سۆزلەش ياكى ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلىرىگە بەك سەزگۈر بولۇشقا ئوخشاش روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرسى ياكى بىرقانچىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

    تەكلىۋىم: سىز پات-پات بۇرنىڭىزغا يىلمان سۇ ئېلىپ بېرىڭ؛ نەشپۈت،قوتۇر ئامۇت، قارىئۈرۈك، لوبۇ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق يەپ بېرىڭ. كۈزدە ياخشى پىشقان قاپاق بولسا مانتا ، چۆچۈرە، جۇۋاۋا تۈگۈپ يەپ بېرىڭ(كۆڭلىڭىز تارتقانچە مىقداردا يەڭ، زورۇقماي).ئۆيدىن چامغۇر بىلەن تۇرۇپ، لوبۇ ئايرىماڭ.بەك ئسسىق ، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك تاماقلارنى ئاز يەڭ. مەسىلەن، كەپتەر گۆشى، قېزا، شورپا، قۇيماق....قاتارلىقلارنى ئامال بار ئاز يەڭ ناۋادا يەپ قالسىڭىز تەرخەمەك، لوبۇ ياكى سەۋزىدە قىلىنغان خام سەي ، قېتىق قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن تەڭشەڭ، بولمىسا ئىسسىق تەبىئەتلىك ۋە يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن قان جانلىنىپ ، قۇرغاق قىلدام تۇمۇرلار چۈرۈكلىشىپ يېرىلىپ بۇرۇن قاناشنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.

    چايغا ئۇچقات(金银花)، جۈيخۇا گۈل (菊花)لىرىدىن مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ بىر مەزگىل دەملەپ ئىچىپ بېرىڭ. ئاندىن پۇتنى ئىسسىق تۇتۇڭ. ئامان بولغايسىز.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 13:42:29

يەنە ياخشىلىنىش بولمىسا دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىڭ. بولمىسا ۋاقىت ئۇزارسا كۆز، قۇلاق قاتارلىق ئەزالارغىمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ. يەنى قۇلاق قىچىشىدىغان، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدىغان، ككز ياشاڭغۇرايدىغان ياكى قىچىشىدغان قاتارلىقلارنى كۆرۈلمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 13:53:47

تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ مىشقىرىپ بەرسىلا بولمىدىمۇ ، لېكىن دىققەت ھە بۇرۇندىكى قان تۇرۇبا يوللىرى يىرىلىپ كەتمىسۇن ، سۇۋاركا قىلغىلى بولمايدۇ.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-12-16 07:33:34

1- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەتىگەن ئاغىنەم «ھەكىم تېما يېزىپتۇ، تېمىسى ساغلام ياشاشكەن، بىرىنچىسىگە بالدۇر توي قىلىشنى تىزدى بەلكىم» دەۋاتقان \"\"

ئىشقا ئالدىراپ كېتىپ قالغانتىم، قارىسام ئۇنداق ئەمەسكەن

ھەكىمنىڭ ھەسەل، گۈلقەنتلىرى بىلەن ئىلمى ئوزۇقلىنىپ، سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىپ، چول تەگسە ئانچە مۇنچە توپ قوغلاپ، شەھۋەتكە بېرىلمەي \"\" ساغلام ياشاپ كېلىۋاتىمىز خۇدايىم بۇيرىسا

جىملا كېتىۋاپلىيا ما قېتىم؟

ما تەرتىپلىك تۇرمۇشىڭلارغا يەنە بىر مەزمۇن كام قاپتۇ گۇدلاك ئۇكام\"\"

توپلا قوغلاپ يۈرمەي، ئاشۇ كىرەكلىك مەزمۇننى قوغلاپ قويۇڭلار جۇمۇ\"\" بولمىسا كەچكىچە ئۆزەڭلار تاماق ئىتىپ يۈرۈيسىلەر\"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 20:29:26

16- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىكا ژۈمىدۇق ئىشقىلىپ، ھەممىنى تەڭ قوغلاۋاتىمىز\"\"

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 17:47:30

17- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خورازدىكى خو! ۋاقتى كەلگەندە باغاق بېرەرسىلە جۇمۇ\"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-12-18 19:04:31

18- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەتىگەن ئاغىنەم «ھەكىم تېما يېزىپتۇ، تېمىسى ساغلام ياشاشكەن، بىرىنچىسىگە بالدۇر توي قىلىشنى تىزدى بەلكىم» دەۋاتقان \"\"

ئىشقا ئالدىراپ كېتىپ قالغانتىم، قارىسام ئۇنداق ئەمەسكەن

ھەكىمنىڭ ھەسەل، گۈلقەنتلىرى بىلەن ئىلمى ئوزۇقلىنىپ، سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىپ، چول تەگسە ئانچە مۇنچە توپ قوغلاپ، شەھۋەتكە بېرىلمەي \"\" ساغلام ياشاپ كېلىۋاتىمىز خۇدايىم بۇيرىسا

جىملا كېتىۋاپلىيا ما قېتىم؟

ما تەرتىپلىك تۇرمۇشىڭلارغا يەنە بىر مەزمۇن كام قاپتۇ گۇدلاك ئۇكام\"\"

توپلا قوغلاپ يۈرمەي، ئاشۇ كىرەكلىك مەزمۇننى قوغلاپ قويۇڭلار جۇمۇ\"\" بولمىسا كەچكىچە ئۆزەڭلار تاماق ئىتىپ يۈرۈيسىلەر\"\"

بىكا ژۈمىدۇق ئىشقىلىپ، ھەممىنى تەڭ قوغلاۋاتىمىز\"\"

خورازدىكى خو! ۋاقتى كەلگەندە باغاق بېرەرسىلە جۇمۇ\"\"

بېرىمىز خۇدايىم بۇيرىسا\"\"
بەت: [1]
: (بىرزات)ساغلام ياشاشتىكى ئۈچ موھىم ئىش