kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 20:04:30

دوختۇرخانىدىن يىنىپ چىقتۇق(كۆۋرۇك)

بالا كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك مەن ئىزدىنىش تۈرمىسىگە قامالغان كۇنى پەرىنىڭ تولغىقى تۇتۇپ كەتتى ،شۇ كۇنى پەرىنىڭ كۈڭلى تۇيدىمۇ سىرىتقا ماڭسام كۆۋرۈك سىرىتقا چىقماڭ بۈگۈن كۈڭلۈم بىر خىللا تۇرىدۇ دېگەن ئىدى ،مەن ھىلى كىرىمەن دەپ ماڭسام ئويدە كومپيۇتور بولسا كەچتە ھىچنەگە چىقمايمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىڭىزغۇ،،ھىلىقى ئىزدىنشىمۇ ؟قىزغىنشىمۇ بىر نېمە دېگەن تور بىتىڭىز بار ئىدىغۇ شۇنىڭغا كىرىپ خەت يېزىپ ئوينىمامسىز دېدى .كىرمەيمەن ،ئولار مىنى سولاپ قۇيدى دىدىم ئاچچىقىمدا سوپىدا ئولتۇرۇپ ،ۋىيەي كۆۋرۇك نېمىشقا سىزنى سۇلاپ قۇيىدۇ ،سولاپ قۇيىدىغان ساقچى بولمىسا ئۇ خەق ،ئۆتكەندىلا ۋۇسۇڭ پالۋان قۇرۇق قول يولۋاس ئولتۇرۇپ يۇز بېشى مەنسىپى ئاپتىكەن ،مەن ئىزدىنشىتا جىق گەپ قىلىپ مىڭ بېشى بولدۇم دەپ خۇش بولۇپ يۇرەتتىڭىزغۇ،،كىمنىڭ قىلغان ئىشى ئۇ ،،دەپ سۆزلەپلا كەتتى بىچارە پەرى تولغاق ئازابىنى ئونتۇپ شۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ پەرىنىڭ تولغىقى تۇتۇپ كەتتى .

بولمىدى !دادام بىلەن ئاپامنى چاقىرىپ چىقىپ شالىينى قىزىتىپ قۇياي دەپ لاپاس تەرەپكە يۇگۇردۇم

شالىيغا ئاپام بىلەن پەرىنى سىلىپ شەھەرگە يۇرۇپ كەتتىم...يېزىلىق دوختۇرخانا ياكى ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا تۇغماسمىش  پەرى . توۋۋا دەيمەن، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئاياللار ئويدىلا تۇغاتتىكەن ھەر بىر مەھەللىدە تۇغۇت ئانىلىرى بۇلوپ ھەممە ئىشنى ئاشۇ تۇغۇت ئانىلىرى پۈتتۈرەتتى مەنمۇ ئاكاممۇ ئويدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن ،مومام 8بالىنى ئويدە تۇغقان ئىكەن 8بالىسى بىر ئوبدان ساغلام چوڭ بۇلوپتىكەن بۇرۇنقى زاماننىڭ ئاياللىرى قانداق ھازىرقى زاماننىڭ ئاياللىرى قانداق ھازىرقى زاماننىڭ ئاياللىرى بىر بالىنى تۇغۇلماي ئوپراتسىيە قىلىپ ئالىدىكەن تېخى ،ھەي بىز سەھرالىقلارمۇ بەك مودا قوغلايدىغان بولۇپ كەتتۇق جۇمۇ؟ ماۋۇ پەرى چىغىدا شەھەردە خۇگۇ ئىچىمەن دەپ جېدەل قىلىدۇ    ھېيت بايرام بولسا ،بىر تال ئىشتان ئالماقچى بۇلساقمۇ شەھەرگە قاچىمىز ،،مانا خۇتۇنلارمۇ تۇغماقچى بولسا شەھەردە تۇغارمىش، ئولوپ قالساق ھەرگىز شەھەرگە كوممەس بىزنى يەنىلا شۇ يېزىمىزدىكى تۇپراق بىشىغا كومەر شۇنداق خياللار بىلەن شەھەرگە يىقىنلاپ قاپتىمەن ،،پەرى ماشىنىدا  بىردەم ۋايجانلاپ بىر دەپ جىمىپ كىتىۋاتىدۇ ئادەمنى ئەنسىرىتىپ ..ھۇي پەرى دىدىم يۇقىرى ئاۋازدا ،،ھە نېمە دېدى ! پەرى .ماشىنىدىلا تۇغۇپ قۇيساق ئوغلىمىزنىڭ ئىسىمىنى شالىيجان قويۇۋالساق دىدىم چاقچاق قىلىپ ،،ياق شالىيئاي قويىمىز دېدى ،پەرى ئىنجىقلاپ تۇرۇپ چاقچىقىمغا پاس كەلتۇرۇپ ..

شەھەرگە كىردۇق ئۆتكەندە تەكشۈرتۈشكە ئەكەلگەن شەھەردىكى ئىىگىز قەۋەتلىك يىڭى سىلىنغان دوختۇرخانىغا كەلدۇق .ماشىنىدىن پەرىنى يۆلەپ چۈشتۇم

بۇ دوختۇرخانىنىڭ قان تەكشۈرۈدىغان يىرى بىر يەردە ،رىنگىن  بۇلومى بىر يەردە بولسا بولمامدۇ دەيمەن....................................

،ھىلى ئو قەۋەتكە ھىلى بۇ قەۋەتكە يۈگرەپ ھىچ ھالىمىز قالمىدى ،پەرى ،ئاپام ئۈچەيلەننىڭ شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى كىسەلدەكلا تۇيۇلىدىكەن دوختۇرخانىغا كەلسە ،نېمە دېگەن ئادەم جىق ۋۇي ،پۇل تۆلەيدىغان يىرىگە ئۈچرەت تۇرۇشقا نۇرغۇن ۋاقىت كىتىدىكەن ،پۇل بىرىدىغان ئىشقىمۇ ئۈچرەت تۇرامدۇ ۋۇي دەپ كەتتىم، ئىچىمدە ئۆچرەتتە تۇرۇپ تىتىلداپ ..

ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ رەسمىيەتنى پۈتتۇرۇپ پەرىنى تۇغۇت ئويىگە ئەكىردۇق ،قەيەرلەردىن ئاڭلىدىكىن چۇكىلى يىسە تۇغۇتى ئاسان بولىدۇ دىگەننى ،ئالبىنى چوكىلىرى يەيمەن دەپ تۇرىۋالدى ،تۇغۇت   قاش-بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا قالغاندا پەرى .چۇكىلى يەنى ئالبىنى ماركىلىق شاكىلات ئىزدەيمەن دەپ پىقىراپ كەتتىم ھە،بۇ ئېگىز قەۋەتكە لىفىتىنى تاپالماي ،ئاران تاپسام لېفىتكە پاتماي پەلەمپەي بىلەن تۈۋەنگە يۇگۇردۇم ھە،،،ئالبىنى تاپمىسام پەرى تۇغماي تۇرۇۋالمىسۇن دەپ،،دوختۇرخاننىڭ ئالدىغا يۈگرەپ چىقتىم،،

ساپلا خەنزۇلارنىڭ دۇكانلىرى ئىكەن ئالبىنى شاكىلاتى يۇق ئىكەن ،ئالىۋىرەيمۇ دىدىم ئولارنىڭ شاكىلاتلارنى ،ياق بولمايدۇ  ھەم  پەرىنىڭ چوقۇم ئالىبنى بولسۇن دىگىنىنى ئويلاپ ئەتراپقا يۇگۇردۇم ،ئۇدۇلدىكى مېۋە -چېۋە ساتىدىغان ئۇيغۇر بالىنىڭ دوكىدا ئالىبنى ماركىلىق شاكىلات بار ئىكەن تەلىيىمگە ،،،  خۇدايىم بۇيرىسا ئالبىنىنىڭ كۇچىدىنمۇ ياكى مىنىڭ تەلىيىمدىنمۇ  پەرى پاخلاندەك ئوغۇل تۇغۇۋالدى ،،كۆزلىرى پەرىنىڭكىدەك كولوپ تۇرىدۇ ، مەڭزى قىپ قىزىل  بەك ساغلام مۇشتلىرىنى چىڭ تۇگۇپ ئىككى قۇلىنى كەڭ ئىچىپ ياتىدۇ باتۇرلاردەك  بىراق قاڭشىرى يۇق سەل پاناقراق ..چىرايلىقلىقى پەرىگە ،سەتلىكى ماڭىلا ئوخشاپتۇ ،،بۇ كىچىك كۆۋرۈكنىڭ ،،،

پەرى دوختۇرخانىدا بىر نەچچە يىتىپ قالدى چوڭ دوختۇرخانىلار بولوپ قالامدۇ قانداق،، ھېلىدىن ھىلىغا تەكشۇرۇپ تۇرىدۇ ،بۇۋاقنى ئوپا سۇركەيدۇ ،بىر تۇتاش كىيىم بەردە پەرىنىڭ كىيگۈزىمەن دەپ ئوز قولى بىلەن تىككەن  ئەللەي چاپىننى كىيگۈزمىدى .ئوخشاش كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ قۇيسا پەرى ئىككىيلەن ئەنسىرەپ قالدۇق خەقنىڭ باللىرى بىلەن  ئالمىشىپ كېتەمدىكىن دەپ بۇنى سىسىتىرا قىزغا دېسەك كولوپ كېتىپ خاتىرجەم بۇلۇڭلار ئۇنداق بولمايدۇ ھەممە ئەللەينىڭ قۇلىدا يىپقا باغلانغان نۇمۇرى بار دىدى..

بىر چاغدا بىر سىسىتىرا كىرىپتۇ ئەللەينى سۇ ئوزگىزەمسىلەر دەپ ،ۋۇي بۇ نەچچە كۇنلوك بۇلغان بالا قانداق سۇ ئوزىدۇ دىسەم بۇلىدۇ ،رىزىنكا كامىرنى بۇيىنىغا كىرگۇزۇپ قويمىز سۇ ئۇزىدۇ بەدەنگە بەك پايدىلىق دىمەسما مەن كورۇپ باقاي دەپ سۇ ئۇزدىرىدىغان يىرىگە چىقسام راس دىگەندەك رېزىنكە لوتكىدەك بىر كۆلچەكتە ئەللەيلەر بىلىقتەك پىلتىڭلاپ  كامىردا لەيلەپ سۇ ئۇزگىلى تۇرۇپتۇ ،،ھەي بۇ شەھەرلىكلەر زىيان قىلدىغان ئىش بولسا سۇ ئۇزدۇرمەس بۇلغىيتى دەپ كوۋرۇكچاقنى پەرى ئىككىيلەن سۇ ئۇزگۇزدۇق ،بۇپتۇ تازا ئۇزۇپ ئوگۇنىۋال  كىيىنچە سازلىقتا دەريادا   بىلىق تۇتقاچ  ئۇزۇپ ئوينايسەن بالام دەپ كەتتىم ئىچىمدە لېكىن ئوزگۇزۇپ بولۇپ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا خىلى تەس كەلدى ،،شۇنداق بۇلسىمۇ چىداپ ئۇچ قېتىم سۇ ئۇزگۇزىدۇق تۇتىنجى قېتىم  سۇ ئوزگىزىدىغان ۋاقىتتا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتۇق،،،

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 22:16:39

مۇبارەك بولسۇن كۆۋرۈكجان شۇنداق قىلىپ بالىلىق بولۇپ كەتتۇق دەڭلار...بالىنىڭ ئىسمىنى نىمە قويارسىلەر ئەمدى؟

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 22:22:15

خۇدايىم بەختىڭنى بەرسۇن ئاداش.

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 22:25:21







    ھەقىقەتەنمۇ يېقىشلىق چىقىپتۇ بۇ يازما،‹‹ئۆتكەندىلا ‹ۋۇسۇڭ پالۋان قۇرۇق قول يولۋاس ئولتۇرۇپ يۇز بېشى مەنسىپى ئاپتىكەن ،مەن ئىزدىنشىتا جىق گەپ قىلىپ مىڭ بېشى بولدۇم› دەپ خۇش بولۇپ يۇرەتتىڭىزغۇ››،‹‹مانا خۇتۇنلارمۇ تۇغماقچى بولسا شەھەردە تۇغارمىش، ئولوپ قالساق ھەرگىز شەھەرگە كوممەس بىزنى››دېگەن يەرلىرى تېخى قالتىس.

balahor يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 22:43:51

كۆرۇكنىڭ بالىسى بولغاندىكىن ئېرىقجان .. يا ئۆستەڭباي قويامدىكى .....



قايسى كۈنى توي قىلدىم دەۋاتقان پەرى دىگەن توخۇمىدۇ يا تۇققىنى تۇخۇممىدۇ .... \"\" \"\"

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 00:06:05

ئەڭ ياخشىسى دەريا قويسا بولغىدەك

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 00:42:35

يوۋ \"\" يامان توغۇشلۇغ خوتون ئىلىۋاپسەندە ساقام.

9 ئاي قورساق كۆتىرىپ توغماي ھەجەپ تىز تۇغۇپتا، فامىلىسى؟ كۆۋرۈكقۇ، تەكشۈرتۈپ باق.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 02:16:06

ئالە شەرىڭنى

مۇشۇنداق گەپ چىقماقچى ئىدى زادى


kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 07:53:57


6- قەۋەتتىكى nurlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يوۋ \"\" يامان توغۇشلۇغ خوتون ئىلىۋاپسەندە ساقام.

9 ئاي قورساق كۆتىرىپ توغماي ھەجەپ تىز تۇغۇپتا، فامىلىسى؟ كۆۋرۈكقۇ، تەكشۈرتۈپ باق.


---مۇشۇ نۇرلان دىگەن سىرىق مۇشۇككە ئوخشايدىغان ئادەمگە ھەجەپ ئۇچ بۇلدۇم.بەك سىسىق گەپ قىلىدىكەن ،،زىيالىمىش،،،،ھىكايە ئۇقۇشىنىمۇ بىلمەيدىكىنا ،،،،بۇ گۇيلار،،،\"\"



zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 08:04:58

مۇبارەك بولسۇنوي كۆۋرۈك، كارىڭلار بولمىسۇن خەق بىلەن ھىساب ئۇقامتى بۇلار، سىلە پەرى بىلەن توي قىلغىلى ئۈچ ئاي بولدى، پەرىنىڭ سىلە بىلەن توي قىلغىنىغا ئۈچ ئاي بولدى، ئىككىڭلار توي قىلغىلى ئۈچ ئاي بولدى3 كەررە3 دېمەك توققۇز ئەمەسمۇ؟ توققۇز ئايدا تۇغقىنى توغرا ھە! \"\"



ئەمما بەزى يەرلەرنى پەچەت يېزىپ قۇيۇپسىلە مەمتىمنكامنىڭ سارىڭىدەك \"\"

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 08:23:26

ھاھاھا قاچانلاردا تۇرمىگە كىرگەن گەپ ئەمدى

رەنا يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 11:03:07

بەك تاتلىقكەن بۇ ھىكايە ئىككى قېتىم ئوقۇۋەتتىم

segekboy يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 11:23:12

ئۆي ئايرىپ چىقايمىكىن (كۆۋرۈك)  

بۇ يازما kuwruk تەرىپىدىن 2012-9-26 22:15:35 دە 2 -قېتىم تەھرىرلەندى.




مانا ھەش پەش دىگۇچە توي قىلغىنىمىزغا بىرەر ئايدىن ئىشىپ قاپتۇ ...




ماۋۇ كاززاپنىڭ ئايالى 4 ئايدا تۇغۇپتۇما؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 12:01:42

،ئۆتكەندىلا ۋۇسۇڭ پالۋان قۇرۇق قول يولۋاس ئولتۇرۇپ يۇز بېشى مەنسىپى ئاپتىكەن ،مەن ئىزدىنشىتا جىق گەپ قىلىپ مىڭ بېشى بولدۇم دەپ خۇش بولۇپ يۇرەتتىڭىزغۇ

................................

\"\" \"\" \"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 12:29:19

ۋاي خۇدايىم، مەن سەندىن سەللا كېيىن قىلىۋېدىم، سېنىڭ ئىشىڭ ھەجەپ تېزكىنا!

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 12:42:39

ئۆزەڭنىڭ بالسىمۇ يا ؟كۆۋرۈك ....ئەجەپ بالدۇر يا ؟ باشقىلار ياردەم قىلدىمۇ يا \"\" \"\" \"\" \"\"

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 13:42:22

ئىسمىنى شالىيجان قويايلى. قىز بولسا شالىيئاي قويايلى دېگەن يېرىگە كەلگەندە تازا كۈلۈپتىمەن. يامان گۇي

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 14:56:17

مۇشۇ كۆۋرۈك ئاداشنىڭ يازمىلىرىنى ئوقىسام شېئىر يېزىپ بولۇپ، ھاردۇقۇم چىققان چاغدىكى ھېسسياتقا چۆمىمەن.


izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 16:02:45

قوناق پىشقاندا توي قىلۋاتىتىڭىز بۇغداي پىشماي بالا پىشىپ كېتىپتىغۇ ؟ \"\"

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 16:13:42

كۆتۈرۈشلۈك كۆۋرۈك جۇمۇ بۇ، ئىچكىرىنىڭ كۆۋرۈكلىرى بولغان بولسا مانچىلىك يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەي نېكەم قاپ بەلدىن ئۇشتۇلۇپ كېتەتتى.

ھە شۇنداق قىلىپ شالىتاي ما دۇنياغا چۈشە-چۈشمەيلا سۇ ئۈزۈشنى باشلىۋەتتى دېگىن.
بەت: [1] 2
: دوختۇرخانىدىن يىنىپ چىقتۇق(كۆۋرۇك)