borankuxi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 18:24:59

كەسپىي شىتاتتىن ئىستىپا بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن

2012-يىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، يېزا-كەنت ساقچى ئىشخانىسىغا قوبۇل قىلىنغان )كەسپىي شىتات( خادىملار ئىستىپا بەرمەكچى بولسا، قانداق تەرتىپ ۋە بەلگىلىمىلەر بار؟ ئەگەر ئىستىپا بەرسە، كېيىنكى خىزمەت، ئۆگىنىش ئىشلىرىغا سىياسىي جەھەتتىن توسالغۇ بولامدۇ؟


مۇشۇ توغرىسىدا ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە دوستلارنىڭ ياردەم قىلىپ، مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، رەخمەت...

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 19:31:41

قۇغلاندى قىلىنغان بۇلسىڭىز تەسىرى بۇلامدىكىن ،،ئىشىلىگىڭىز بولمىسا قوغلاندى بۇلغىچە چىقىۋىلىڭ،،، \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 19:42:32

بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما ، بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما دەپتىكەن ، مەنغۇ بۇنى بىلمەيدىكەنمەن ، ئانچە -مۇنچە گەپ قىستۇرۇپ قۇياي .



1. خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەنلەر خىلى كۆپ ، ئۇلارنىڭ نۇقۇل خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەنلىكى ئۈچۈن سىياسى جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىغىنىنى ئاڭلىمىدۇق . بەزىلىرى ئايرىم ئىگلىك تىكلىدى ، بەزىلىرى شەخسى شىركەتلەرگە كىرىپ ئىشلىدۇ ، ھەممە ئادەمنىڭ قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە خالىغىنىنى قىلىش ئەركىنلىگى بار .

2. ئۈگىنىش دىسەك ، خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كىيىن ئاسپىرانتلىقتا ھەتتا چەتئەلدە ئۇقۇپ كەلگەنلەرمۇ بار ، مەسىلەن ، ئىزدىنىشتىكى گۈلەن ئەپەندى ، ئامىرىكىغا بېرىپ ئۇقۇپ كەلدى ، ھازىر ئىگىلىك تىكلىدى .

3. ئادەم ئۆزىگە پۇختا بۇلۇشى ، ئاغزىنى ياخشى باشقۇرۇشى ، داۋراڭچىلىقتىن نېرى تۇرۇشى كېرەك ، شۇ ھاغدا ئىستىپا بەرگەننىڭ كىيىنكى زىيانلىق تەسىرىنى ئازايتقىلى بۇلىدۇ .



4. ئىستىپا بىرىشتە ئۆزىنى بىۋاستە باشقۇرغۇچى تارماققا خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىش ئىلتىماسىنى سۇنۇلىدۇ ، ئىلتىماس تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ ، ئەگەر رەھبەرلىك سىزنىڭ ئىستىپا بىرىشتە كۆرسەتكەن باھانىڭىزگە قايىل بولسا سىزنىڭ ئىستىپانامىڭىزنى تەستىقلايدۇ . كەسپى ئۇرۇنلاردا ئادەتتە ئىستىپا بەرگەندىن كىيىن خىزمەت سىتازىنىڭ يىل سانىغا قاراپ شۇنچە ئايلىق ئاساسىنى مائاشىنى قۇشۇپ بىرىدۇ ، سىزگە بىر ئايلىق ئاساسى مائاش قۇشۇپ بەرگىدەك ....



يەنە بىرىسى يەنە قانداق زىيانلىق تەسىرىنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى ئىستىپا بىرىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇغۇچى تارماقلار سىزگە ئېيتىپ بىرىدۇ ؟

يەنە كەسپى ئۇرۇنغا ئىمتىھان بىرىپ كىرگىلى بۇلامدۇ يوق ؟

يەنە دۆلەت مەمۇرىيلىققا ئىمتىھان بەرگىلى بۇلامدۇ يوق ؟ دىگەندەك ئىشلارنى مەنمۇ بىلىپ كەتمەيمەن .......

Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 20:09:57

مۇشۇ توغىرسىدا بىلدىغانلار بولسا ئېنىقراق جاۋابىنى بەرگەن بولساڭلار.  كەنىت ساقچىلىقتىن زىرىككەنلەر بۇ دوستىمىزلا بولمىسا كىرەك.

خىزمەت ئالمىشىش توغىرسىدا بولسىمۇ بولىدۇ.

adam111 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 20:27:53

ئەگەرسىز ھەقىقەتەن بۇ خىزمەتكە ماس كەلمىسىڭىز،ياكى باشقا غايىلىرىڭىز بولسا ئىستىپا سوراپ ئىشلىمىسىڭىزلا بۇلىدۇ.شۇ ھەممىنى باشتىن باشلاپ قايتا خىزمەت تاپىسىز.«مەمۇرلار قانۇنى»دىگەندەك قانۇنلاردا ئىستىپا سۇراشنىڭ تەرتىپلىرى بار،ئەگەر خىزمەتتە توختام تۈزۈپ ئىشلىگەن بولسىڭىز،شۇ توختامدا ۋاقىت توشماي تۇرۇپ ئىستىپا سورىماقچى بولسىڭىز،توختامدا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى دىگەندەك ماددىلار بۇلىدۇ.شۇنى كۈرۈڭ،بەلكىم مەلۇم نىسبەتتە ئىقتىسادىي تۈلەم تۈلەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن،لېكىن بۇ چۇقۇم سىز ئالغان مائاشنىڭ مانچە پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ،مىنىڭچە. قانداق كىشىنىڭ شۇ خىزمەتنى تاللاش،خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىش ھۇقۇقى بۇلىدۇ،بۇ سىزنىڭ ھۇقۇقىڭىز،سىز پەقەت جىنايەت ئوتكۈزمىگەن بولىسىڭىزلا،بۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ باشقا خىزمەت تاپسىڭىز ،مەمۇرى كەسىپىي ئۇرۇنلارغا ئىمتىھان بەرسىڭىز،ئۆز ئالدىغا ئىش قىلسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ.مەسىلەن بىرى بۇرۇن ئۇقۇتقۇچى بولغان،ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارخىپ مائارىپ ئىدارىسىدا بۇلىدۇ،كىيىن ئۇ مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بىرىپ ئۆتسە بۇرۇنقى ئۇقۇتقۇچىلىق سىتاجى ئىتىراپ قىلىنمايدۇ،ئۇ ۋاقىتتىكى ئارخىپىمۇ كىيىن ئوتكەن ئىدارىسىغا بىرىلمەيدۇ ،قايتىدىن يىڭى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئۇرۇنلاشقانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

yansun يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 20:36:02

كەنىت ساقچىلىقىنىڭ قۇبۇل قىلىش نىزامنامىسىدا ئەڭ تۈۋەن خىزمەت قىىلىش مۇددىتى دەپ بىر بەلگىلىمە بار ،،6يىلدەك قىلاتتى ،سىز شۇ مۇددەت توشقۇچە ئىىستىپا بەرسىڭىز بولمايدۇ ،،ئەگەر خىزمەتنى تاشلاپ چىقىپ كەتسىڭىز قوغلاندى بولىسىز ،كىيىنچە ھىىچقانداق خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايسىز ..ھەم سىز شۇ ئەڭ تۆۋەن خىزمەت قىلىش مۇددىتى توشقۇچە يۆتكىلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولمايدۇ ،،باشقا ئورۇنغا ئىىنتىھان بەرسىڭىزمۇ بولمايدۇ

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 20:40:29

مىنىڭچە، رەھبەرلىرىڭىزنى قايىل قىلغۇدەك ئەمىلى سەۋەپ كۆرسىتپ، تەرتىپ بۇيچە ئىستىپانامىڭىز تەستىقلانسا كىينكى ئىشلىرىڭىزغا ھىچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ. مۇناسۋەتلىك ئىشلارنى ناھىيە(شەھەر)لىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كادىرلار بۈلۈمىدىن تەپسىلى سوراپ، ئاندىن ئىستىپانامىگە قەلەم تەۋرەتكەيسىز.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 20:44:56

مېنىڭچە رەسمىيەت بويىچە ئىستېپا بەرسىڭىز بولىدۇ ياكى ئىشلەپ تۇرۇپ دولەت مەمۇرلىقى ئىمتىھانىغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ ،سىز خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا جىنايەت ئوتكۇزۇپ جازالانمىغان بولسىڭىزلا كىيىنكى خىزمەت ئىشىڭىزغا دەخلى قىلمايدۇ

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 09:28:15

مەمۇرى خىزمەت بولسا، ئەمدى مەمۇرى خىزمەتكە ئالمايدۇ دەپ ئاڭلىغان...

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 09:46:38

ناۋادا ج خ ئىدارىسى بولماي باشقا ئورۇن بولغان بولسا بولاتتى . ج خ ئىدارىسىدا ئىستىپانامە يازسىڭىز ئاساسەن تەستىقلىمايدۇ ،6يىل ئىشلىشىڭىز كىرەك ،ئەگەر زادى ئىشلىمەيمەن دىسىڭىز ئارخپىڭىزنى بەرمەيدۇ ،6يىلغىچە ھۆكۈمەت ئورنىغا كىرەلمەيسز،ئۆزئالدىڭىزغا ئىش قىلىمەن دىسىڭىز چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 11:01:16

مەن بۇ قېتىم يېزا كەنىت مۇمۇرلىق ئىنتاھاندىن ئۆتۈپ خىزمەتكە چىقش ئالدىدا تۇرمەن، لىكىن مەن ئىشقا چۈشمەكچى بولغان يەر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ باشقا بىر ناھىيەسى، ئۆيۈم باشقا بىر ناھيەدە شۇڭا سىلەردىن سوراپ باقسام مەن يۆتكىلىپ ئۆز ناھىيەمگە كىتەرلەرمەنمۇ! تىمغا مۇناسۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قويدۇم  {:90:}

crows_zero يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 21:47:22

ئىستىپا بەرسىڭىز شۇ ئارخىپنى بەرمەيدۇ،ئازراق يول ماڭسىڭىز ئالالايسىز.

مەمۇرلۇقتىن ئۆتكەن بولسىڭىز،ئاۋۋال ئۈچ يىل ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن يۆتكىلىشنىڭ گىپىنى قىلىڭ!

بىرۋىلايەتنىڭ ئىچىدە بولسىڭىز،ئۈچ يىل،باشقا ۋىلايەتتىن كەلگەن بولسىڭىز بەش يىل ئشلىمىسىڭىز يۆتكىلەلمەيسىز،

qeyseri يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 00:33:41

بۇ ساقچى يولداشلارنى بۇ قېتىم ئاپتونوم رايوندىن بىۋاستە كەسپىي شىتاتتىن مەمۇرىي شىتاتقا ئۆستۈرۈۋېتىپتۇ، ئەمدى بۇ ساقچىلارمۇ دۆلەت مەمۇرى بولدى دېگەن گەپ،بۇنداق بولغاندا ئىستىپا بېرىپ چىقىپ كېتىپ قايتا مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش تېخىمۇ تەس بولارمىكىن دەيمەن؟

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 10:25:47

ئىستىپا بىرىپ ،باشقا يەرگە ئىمتىھان بەرمەكچىمۇ؟ ياكى ئۆز ئالدىڭزىغا ئىش قىلماقچىمۇ؟ ساقچىخاندا مۇنداق بىر گەپ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. ئىشلىگىڭ بولمىسا دەرھال ئۆزەڭنى مەلۇم قىلىش ،ئورنىڭغا ئادەم بار........

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 15:22:20

مائاشىڭىز بەش مىڭ كويغا يېقىنلىشىدۇ. دادۈيدە ئولتۇرۇپ ئىشخانا بېقىشتىن باشقا ئىشىڭىز يوق. زىرىكسىڭىز موتونى غىڭڭىدە ھەيدەپ مەھەللىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىسىز. شۇ.نداق تۇرۇپ نىمىشقا ئىشلەشنى خالىمىدىڭىز

function يوللانغان ۋاقتى 2012-12-15 16:00:39

ھەي ئوقۇش پۈتتۈرگەن باللا، ئوقۇش پۈتۈپلا قانداق خىزمەت بولسا ئالدىراپ كەتمەي، ئالدى-كەينىمىزگە قاراپ، نېمە قىلىشقا ماس كېلىمەن، نېمە ئىش قىلسام پۇشايمان يەپ قېلىشىم مۇمكىن ... دېگەندەكلەرنى ئويلاپ بىر ئىش قىلىلى. ئاندىن قەيەردىكى قانداق خىزمەتنىڭ قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپراق تۇتۇش قىلىڭ. بىرەر-ئىككى يىل تۇرۇپ قالغانغا ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئۆزە ئەڭ ماس كېلىمەن دېگەن ئىشنى قىلىڭ. مەنمۇ ئوقۇش پۈتۈپ 3 يىلدىن كىيىن ئاندىن بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتتۇم. ئارلىقتا نەچچە پۇشايمان يەپ، نەچچە ئىستىپا بېرىپ (بانكىدىن، مەلۇم شىركەتتىن، دۆلەتنىڭ دىكتاتۇرا يۈرگۈزىدىغان خىزمىتىدىن....دېگەندەك ).

borankuxi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 15:06:51

2- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما ، بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما دەپتىكەن ، مەنغۇ بۇنى بىلمەيدىكەنمەن ، ئانچە -مۇنچە گەپ قىستۇرۇپ قۇياي .



1. خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەنلەر خىلى كۆپ ، ئۇلارنىڭ نۇقۇل خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەنلىكى ئۈچۈن سىياسى جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىغىنىنى ئاڭلىمىدۇق . بەزىلىرى ئايرىم ئىگلىك تىكلىدى ، بەزىلىرى شەخسى شىركەتلەرگە كىرىپ ئىشلىدۇ ، ھەممە ئادەمنىڭ قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە خالىغىنىنى قىلىش ئەركىنلىگى بار .

2. ئۈگىنىش دىسەك ، خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كىيىن ئاسپىرانتلىقتا ھەتتا چەتئەلدە ئۇقۇپ كەلگەنلەرمۇ بار ، مەسىلەن ، ئىزدىنىشتىكى گۈلەن ئەپەندى ، ئامىرىكىغا بېرىپ ئۇقۇپ كەلدى ، ھازىر ئىگىلىك تىكلىدى .

3. ئادەم ئۆزىگە پۇختا بۇلۇشى ، ئاغزىنى ياخشى باشقۇرۇشى ، داۋراڭچىلىقتىن نېرى تۇرۇشى كېرەك ، شۇ ھاغدا ئىستىپا بەرگەننىڭ كىيىنكى زىيانلىق تەسىرىنى ئازايتقىلى بۇلىدۇ .



4. ئىستىپا بىرىشتە ئۆزىنى بىۋاستە باشقۇرغۇچى تارماققا خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىش ئىلتىماسىنى سۇنۇلىدۇ ، ئىلتىماس تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ ، ئەگەر رەھبەرلىك سىزنىڭ ئىستىپا بىرىشتە كۆرسەتكەن باھانىڭىزگە قايىل بولسا سىزنىڭ ئىستىپانامىڭىزنى تەستىقلايدۇ . كەسپى ئۇرۇنلاردا ئادەتتە ئىستىپا بەرگەندىن كىيىن خىزمەت سىتازىنىڭ يىل سانىغا قاراپ شۇنچە ئايلىق ئاساسىنى مائاشىنى قۇشۇپ بىرىدۇ ، سىزگە بىر ئايلىق ئاساسى مائاش قۇشۇپ بەرگىدەك ....



يەنە بىرىسى يەنە قانداق زىيانلىق تەسىرىنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى ئىستىپا بىرىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇغۇچى تارماقلار سىزگە ئېيتىپ بىرىدۇ ؟

يەنە كەسپى ئۇرۇنغا ئىمتىھان بىرىپ كىرگىلى بۇلامدۇ يوق ؟

يەنە دۆلەت مەمۇرىيلىققا ئىمتىھان بەرگىلى بۇلامدۇ يوق ؟ دىگەندەك ئىشلارنى مەنمۇ بىلىپ كەتمەيمەن .......


كۆپ رەخمەت....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-17 22:00:04

بىر پۇتىڭىزنى جان باقىدىغان بىرەر ئېرىققا چىلاپ بولۇپ ئاندىن ئويلىشىڭ.
بەت: [1]
: كەسپىي شىتاتتىن ئىستىپا بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن