پولات ئەلەمدار ناگاھان بىلەن توي قىلدى!
تۈركىيە مىللىيەت گېزىتى خەۋىرى:
41 ياشلىق ئويۇنچى (ئارتىس)نىجاتى شاشماز ئۆزىدىن 21 ياش كىچىك ئۇنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىسى ناگاھان كاشىكچى بىلەن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۇنى توي قىلدى.ئستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى ئقتساد پەنلىرى فاكۇلتىتى 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولغان بۇ كىلىن قىز مەشھۇر سياسى ۋە ئېقتساد ئانالىزچىسى ئۆمەر لۇتفى مەتەنىڭ جىيەن قىزى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.نىجاتنىڭ توي قىلىشى قاراى بىلەن ‹‹كۇرتلار ۋادىسى››نىڭ دەسلەپكى سنارىسيگە قوشۇلغان ۋە تۆت يىل بۇرۇن يۇرەك كېسلى سەۋەبلىك ئۆلۇپ كەتكەن مەتە ئۇچۇن بىر تۇرلۇك ۋاپادارلىق كۆرستىپ سەۋر قىلغانلىقى بىلدۇرۇلدى.
توي قىلىۋالغان بولسا ياخشى بوپتۇ ... رەسىم يوقما؟ قارىغاندا ئەرتىس دېگەننىڭ ھەممىسى ئوخشاشكەن جۇمۇ!
نىجاد مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە توي قىلمىغان يىگىتچاقمۇ ياكى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بويتاق قالغان بالاڭزىمۇ؟ كىنودىكى رولىغا قىزىقساممۇ شەخسى ئىشلىرىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. نىمانداق كىچىك قىز ئېلۋالغاندۇ نىجىتاخون. تۇركىيەدىمۇ ئوقۇپ تۇرۇپ توي قىلسا بولىۋېرىدىكەندە.
6- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توي قىلىۋالغان بولسا ياخشى بوپتۇ ...
ئۆزلىرىنىڭ تويىكەن
ھا..ھا ...
مىنىڭ تاللىغان باش سۈرىتىم گەرچە نىجاتنىڭ بولسىمۇ ، ئۇ ئەلى چانداننىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا بولغان قىزىقىش تۈپەيلىدىن تاللانغان ....
ئۇ ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولغان .....
ئەرتىسلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى بىلەن چاتىقىم يوق، سەھنىدىكى ئوبرازىغا ئەھمىيەت بىرىدىكەنمەن.ئۆمەر بابانىڭ ئوبرازى ماڭا شۇنداقمۇ يارايدۇ. مېنىڭمۇ شۇنداق ئۇستازىم بولغان بولسا، ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلىرىم، تېڭىرقاشلىرىم ئاشۇنداق پىكىر ساھىبلىرىنىڭ سۆھبىتىدە بولۇش ئارقىلىق يەڭگىللەپ كەتسە دەپ قالىمەن.
____________________
پولاتنى مېنىڭ باللىرىم: ئۆلمەيدىغان پولات، پولات ئادەم، قورسىقىغا ئوق تەگسىمۇ ئۆلمەيدۇ، قان چىقسىمۇ ئۆلمەيدۇ دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيدۇ. بۇ ھاجىم توي قىلغان قىزنىڭ كىيىملىرى پۈتۈن ئەمەسكەنغۇ... ئاۋۇ سۈرەتكە قارىغاندا ، پوپ ئوقىدىمۇ پولاتجاننىڭ نىكاھىنى

11- قەۋەتتىكى yolyolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ سۈرەتكە قارىغاندا ، پوپ ئوقىدىمۇ پولاتجاننىڭ نىكاھىنى![]()
ئو ما گەپنى...
كىنولاردىن قارىغاندا توي خىتى بېرىدىغان ئەمەلدارلار (بەلكىم بۇلارنى تۈركىيە دىيانەت باقانلىقى باشقۇرسا كېرەك) ئوقىۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ نىكاھنى.
ئالامەت گەپلەرنىڭ كۆپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى تورداشلار چۈشەنچە بىرىپ باققان بولسا، بىلىپ قالايلى
مالدىۋىدا شېرىنئاي ئويناۋاتقۇدەك... ماڭا قىزىق تۇيۇلغان يېرى، پالانىنىڭ قىزى دېمەي، پالانىنىڭ جىيەنى بىلەن توي قىلدى دېگەن يېرىكەن.
دادىسىنىڭ ئانچە يۈز-ئابرويى يوق ئوخشايدۇ ھە {:92:}
ماۋۇ قىزچاقنىڭ
پولات ئەلەمدار ناگاھان بىلەن توي قىلدى!
دەپ ئۈندەش بەلگخسىنى قوشۇۋەتكىنىنى
بىزدە توي قىلسا خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى (توي خېتى) ئالىدىغان ئىش بارغۇ، شۇنىڭدەك تۈركىيەدىمۇ مۇشۇنداق «ئائىلە جۈزدانى» دەيدىغان نەرسىنى ئالغاندا يۇقىرىدىكى سۈرەتتىكى قىزىل كىيىملىك كىشىدەك بىر نىكاھ مەمۇرى توي سالونىغا كېلىپ ئەر-ئايال ئىككەيلەنگە ئىمزا قويدۇرۇپ توي خېتى بېرىدۇ.
پوپنىڭ مۇسۇلمانغا نىكاھ ئوقىغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم.

مۇشۇ تۇركىيە كىنولىرنى ھەم كۈرۈپ باقمىدىم,شۇڭا چولپانلىرنىمۇ تۇنۇمايمەن,ئەر كىشى توي قىلماي يەنە نىمە ئىش قىلسا بولاتتى!? سىلەرمۇ قىززىققكەنسىلەر,سىرىتتا ئاشنا تۇتماي خۇتۇن ئېلىپتىغۇ شۇ....شۇنىڭغىمۇ ۋارى-ۋارى كىتەمدۇ


