Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 23:14:37

32 ھەرپلىك جۈملە لازىم

مىكروسوفتنىڭ خەت نۇسخىسىدا مىسال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، ئۇيغۇرچىدىكى 32
ھەرپنىڭ ھەممىسىنى (باش، ئوتتۇرا، ئاياغ ... شەكلىدىن خالىغان بىرىنى) ئۆز
ئىچىگە ئالغان جۈملە لازىم بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، ئەگەر بۇنداق جۈملە
تېپىلمىسا، ئا دىن ي غىچە بولغان ھەرپلەر قاتار تىزىپ قويۇلىدۇ.

تۆۋەندىكى تېمىدا ئىلگىرى تورداشلار ئىزدەنگەنىكەن، ئەمما كۆڭۈلدىكىدەك جۈملە چىقمىغان.

http://bbs.bilik.co/archiver/?tid-22134.html

ئىنگلىزچە نۇسخىدا:

The quick brown fox jumps over the lazy dog

(قوڭۇر تۈلكە ھورۇن ئىتقا سەكرىدى) دېگەن جۈملە ئىشلىتىلگەن.

خەڭسوچىدە ھەممە خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۈملە مۇمكىن بولمىغاچقا، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان 中国制造 دېگەن سۆز مىسال قىلىنغان.

بۇنداق جۈملە ھەپتىيەك ئوقۇغانلارغا تونۇش، خۇددى ئەرەبچىدىكى «أبجد هوَّز حُطّي كلَمُن سَعْفَص قُرِشَت ثَخَدٌ ضَظَغ» گە ئوخشايدىغان سۆز تىزمىسى.

تۈركچىدە «Pijamalı hasta yağız şoföre çabucak güvendi» دېگەن جۈملە ئىشلىتىلىدۇ.

بىلىكتىكى ئاۋۇ تېمىدا ilyas ئىسىملىك تورداش : «جاللات خېنىم چاچ-قاشلىرىنى ھارغۇچە تۈزەپ ، دۆڭكۆۋرۈككە بېرىپ ،گازىر ، ژۇرنال ، يېڭى تېلىفون سېتىۋېلىپ كەلدى.» دېگەن جۈملىنى ناھايىتى ياخشى تۈزۈپتۇ. مۇمكىن بولسا، تېخىمۇ پاساھەتلىكرەك بىر جۈملە بولسا بولاتتى.

بۇنداق بىر جۈملىنىڭ مىكروسوفتنىڭ خەت نۇسخىسىدا مىسال قىلىنىشتىن باشقا ئەھمىيتى زور:

شۇ جۈملىنى يادلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەممە ھەرپنىڭ تەلەپپۇزىنى
ئۆگەنگىلى، شۇ جۈملىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەممە ھەرپنى
يېزىشنى ئۆگەنگلى بولىدۇ.

جۈملە تۈزەشنىڭ ئاخىرقى چېكى: 2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى

رەھمەت

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 09:10:10

قېنى، ئۆزىمىزنى بىر سىناپ باقىلى تورداشلار.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 09:37:09

ھەربىر ھەرپنى پەقەت بىرلا قېتىم ئىشلىتەمدۇق.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 09:48:46

مانا مەن تۈزۈپ قويدۇم:



بۇ جاھاندا ئەڭ خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان ئىشم- كومپىيۇتېر ۋە يانفۇننى ئۇيغۇرچە سىستېمدا ئىشلىتىشتىن قالسىلا چاي ئىچكەچ گىزىت-ژورنال كۆرۈش!









بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى ھەرىپلەر:

ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ، س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ ئو ئۆ ئۇ ئۈ ۋ ئې ئى ي.


abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 09:56:47

ياكى ئۆزگەرتىپ مۇنداق ئالساقمۇ بولغۇدەك؛



بۇ جاھاندا مەن ئەڭ خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان ئىش- كومپىيۇتېر ۋە يانفۇننى ئۇيغۇرچە سىستېمدا ئىشلىتىشتىن قالسىلا چاي ئىچكەچ گىزىت-ژورنال كۆرۈش!





ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى شۇنداقلا يازسام ئەشۇنداق جۇملە تۈزۈلدى

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 10:39:51

2- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەربىر ھەرپنى پەقەت بىرلا قېتىم ئىشلىتەمدۇق.

ئۇنداق شەرت يوق، ئامالنىڭ بارىچە ھەرپ تەكرارلىقى ئاز بولسۇن. شۇنداق جۈملە بولسۇنكى، ئۇيغۇرچىدىكى 32 ھەرپنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالسۇن ۋە شۇنداق ھەممە ھەرپنى ئۆز ئىچىگە ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا جۈملە مەڭگۈ تېپىلمىسۇن.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 10:41:19

بەختسىز فاتىمە ھورۇن يىگىتنىڭ ئىشقىدا پىژىلداپ كۆيەتتى...

مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈف خاس ھاجىب ۋە فارابى ئۇيغۇردۇر...

.... دېگەندەك جۈملىلەرنى 32 ھەرپلىك قىلىپ ئۆزگەرتسەڭلارمۇ بولىدۇ. مەن «ژ، ف» دەك قىيىن ھەرپلەرنى ئاللىبۇرۇن كىرگۈزۈپ قويدۇم، ئەمدى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەس توختىمايدۇ.

atesh07 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 14:54:53

فەرۇخ ئۆستەڭ بويىدىكى بىر ھارۋا جىگدە ياغىچىنى پىژغىرىم ئاپتاپقا قارىماي تېزلا توشىۋەتتى.



ھازىرچە مۇشۇ ئېسىمگە كەلدى، يەنە ئىخچاملىغىلى بولسا كۆپچىلىك بىرلىكتە ئويلىنىپ كۆرسەك.

atesh07 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 15:01:22

ئەۋەتىپ بولۇپ بايقاپ قالدىم، «ئۈ»ھەرىپى كام قاپتۇ، مۇنداق ئۆزگەرتىپ باقتىم:

فەرۇخ ئۆستەڭ بويىدىن ئەكەلگەن بىر ھارۋا ئۈجمە ياغىچىنى پىژغىرىم ئاپتاپقا قارىماي تېزلا توشىۋەتتى.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 16:13:04

مەن سىياسى خېمىۋىي ۋە پەشتىن خالىي بىر جۈملە ئويناپ قويدۇم. ئەمما ئاۋۇ 50 ھەرىپ دېگىنى بەك چەكلمىە بوپ قاپتۇ.



===========================================



يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق بىر جۈمە كۈنى ھەسەن ئۆيىدە فىلىم كۆرگەچ بىر تەخسە نەشپۈتنى سويۇۋېتىپ يەۋەتتى



===========================================



كىنو ئىشلىسە قىزىقارلىق يېرىنى كىنو تۈگىگەندە چىقىرىپ قويغانغا ئوخشاش مەنمۇ بۇ جۈملىنى تۈزۈش جەرياندىكى جۈملىلىرىمنى يېزىپ قوياي



1.ھەسەن پىژغىرىم ئىسسىق ئۆيىدە توڭلاتقۇدىن بىرتەخسە ئۈزۈم ۋە ئىككى تال نەشپۈتنى جۇلالىنىپ تۇرغان فەچەت پىچىقىدا سويۇپ يەۋەتتى.

2.گۈزل يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسسىق بىر كۈنىدە ھەسەن ئۆيىدىكى توڭلارتقۇدىن ئالغان بىرتەخسە شاپتۇل بىلەن ئىككى تال ئالمىنى جۇلالىق پىچىقىدا سويۇۋېتىپ يەۋەتتى.

نىمىشقىكى كاللامغا مۇشۇ جۈملىلا كەپتۇ. شۇڭا بۇنى ھەرىپ ساناپ يۈرۈپ يۇقارقىدەك قىلپ قويدۇم. ماڭا تەس كەلگىنى ئەمەلىيەتتە ژ ۋە ف بولماسىتىن بەلكى «ئې» بوپتۇ. شۇڭا زورلاپ سويۇۋېتىپ دەپ قىلشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇيەردىكى پىژغىرىم دېگەن سۆز ئىنتايىن بەلەن كەلدى. پ،ژ،غ،ملارنى بىرقلا ئۇجۇقتۇردى. تىلمىزدا فەچەت دەپ يېزىلمايدىكەن. شۇڭا ئۇنداق ئېلىش توغرا ئەمەسكەن. شۇڭا فىلىم، فونتان، تېلفون، فامىلە دېگەنلەردىن فىلىمنى تاللاپ ياسىدىم.

olive يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 18:07:59

ھورۇن ئاچلىقتىن ئۈلۈپ كەتتى دىگەن جۈملىنىڭ ئىگىسى نىمە؟  {:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 19:52:30

مېھمانخانا ئۆيدە ژۇرنال ئوقۇۋاتقان چىمەنگۈل تېلىفۇننىڭ جىرىڭلىشىشىنى كۈتۈپ ھېلىدىن ھېلىغا تاقەتسىزلىك بىلەن قارايتتى.





مانا مۇشۇ جۈملىنى تۈزۈپ باقتىم. كۆپچىلىك پىكىر بېرىپ بىقىڭلار. \"\"

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-12-13 21:22:07

خادىملىرىمىز قويىدىغان كۆپلىگەن فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات ژۇرناللىرى چارشەنبە ھەم جۈمە سېتىلىدۇ.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 00:09:44

قىلغىلى ئىش قالماي تاپقان ئىش مۇشۇما ئەمدى

atesh07 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 01:09:54

يەنە بىرنى دەپ باقاي \"\"



    ۋەھشىي گۇمانخور رېژىسسور چېقىر كۆزلۈكنىڭ فىلىمىغا جابدۇنۇپتۇ.



ئامال بار يەتتە سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە كۈچەپ باقتىم.

بولسا ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن ئالالىغان بولساق تازا ياخشى بولاتتى-دە...

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 16:55:41

گىردە بىلەن چاي ئىچكەچ ژۇرنال كۆرۈپ ئولتۇرغان مەخپىرەتنىڭ قېشىغا ھاۋا قىز جىددىي يانفۇن سوراپ كەلدى.
بەت: [1]
: 32 ھەرپلىك جۈملە لازىم