dilkex يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 11:58:43

قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائېرلىرى

ئۆمەر مۇھەممىدىي


(1906-1931)



ئۆمەر مۇھەممىدىي 1906-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بالىلىق چېغى تالغىر يېزىسىدا ئۆتتى. ئۆمەرنىڭ ئاتا-ئانىسى كەمبەغەل ئېدى. ئۇنىڭ دادىسى توقا بوۋاي بايلارنىڭ ئومىسىنى ئورۇپ، خامىنىنى تەپەتتى. ئانىسى بولسا، ئۇلارنىڭ كىرىنى يۇيۇپ، نېنىنى ياقاتتى. 6 يېشىدا ئانىسىدىن ئايرىلغان ئۆمەر ئىنقىلاپقىچە كىشى ئىشىگىدە يۈرۈپ، يىتىملىقتا ئۆستى. ئىنقىلاپتىن كىيىن ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، دەسلەپ باشلانغۇچ مەلۇمات ئالدى. كىيىن ئوقۇشنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشكەنتكە ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلىم جايىغا ئوقۇشقا باردى.


ئوقۇشتىن كىيىن ئالمۇتىغا كېلىپ، ئاۋال 9 يىللىق ئۇيغۇر مەكتىۋىدە مۇەللىم خىزمىتىدە بولدى. ئاندىن 1929-يىلى چېلەك ناھىيەسىدە ئۇيغۇر مەكتىۋىدە مۇدىر ھەم مۇەللىم بولۇپ، شۇنداقلا ياركەنتتىكى پىداگوگىكىلىق تېخنىكۇمدا ئىشلىدى. 1931-يىلى 14-مارت كۈنى شائىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاغرىقتىن ۋاپات بولدى.


ئۆمەر مۇھەممىدىي ئۆز ئجادىيىتىدە كېڭەش (سوۋىت) ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە يازدى. ئۇ سوتسىيالىستىك جەمىيەت، ئەمگەك ۋە ھايات ئۇتۇقلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن شېئىر ۋە بىر قانچە ھېكايىلەرنى ياراتتى. ئۇلار: «گۈللەر تېرىدۇق»، «ئالدىمىزدا تېخى»، «مەتبۇئات بېغىمىزدا»، «تۆمۈردىن چېچەك»، «گاڭ ناخشىلىرى»، «كولخوز يىگىتىگە»، «تاغار تولسۇن»، «ئېغىر كۈنلەردە»، «تۇداخۇن»، «تاڭغى ساز»، «سىرلىق ئايدىڭلاردا»، «تۆۋەندىن»



ھېزمەت ئابدۇللىن




ھېزمەت ئابدۇللىن 1925-يىلى 10-ئوكتەبردە ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايانداي يېزىسىدا تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنقىلاپقىچە كۆپچىلىك ئۇيغۇر كەمبەغەللىرىگە ئوخشش ئېغىر تۇرمۇشتا ياشىدى. ھېزمەت ئابدۇلىننىڭ ئاتىسى ئابدۇمۇتەللىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئۇرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ساز-نەغمىنى سۆيىدىغان كىشى ئېدى. ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ يازغۇچى بولۇپ يېتىلىشىدە مەلۇم رول ئوينىدى.


ھېزمەت ئابدۇللىن تاشكەنساز يېزىسىدىكى يەتتە يىللىق مەكتەپتە ئوقۇدى. ئۇنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشىغا ئۇرۇش مۈمكۈنچىلىك بەرمەيدۇ. ئارمىيە سېپىدىن قايتقاندىن كىيىن، ئۇ ژۇرنالىستىلىق بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ھەم ئۆزىمۇ شېئىر، ھېكايىلەرنى يازىدۇ. بارلىق ژانرلار بويىچە قەلەم تەۋرەتكەن ھېزمەت ئابدۇلىننىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 50-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاندى. ئۇنىڭ دەسلەپكى كىتاۋى 1954-يىلى «گۈلستان» نامىدا يورۇق كۆرىدۇ. كىيىن ئۇ بىر نەچچە پوۋېست بىلەن بىللە «تۇرپان تەۋەسىدە»، «يۇتداشلار»، «ئوتلۇق چەمبەر» رومانلارنى، كۆپلىگەن دىراممىلارنى يازدى. ئېدىپنىڭ «ئانايەت»، «داۋۇتجان» ناملىق داستانلىرىمۇ بار. ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئا.س.پۇشكىن، م.ي.لېرمونتوۋ، ل.ن.تولستوي، ر.تاگور ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.


شۇنداقلا ھېزمەت ئابدۇللىن «قىيادىكى قىرانلار»، «ھەق ئېگىلەر، سۇنماس»، «بىناكارلار» پوۋېستى قۇرۇلۇشچىلار، ئەجايىپ ئۇستىلار، نادىر بىناكارلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەردۇر.


ئۇ 1951–1955 يىللاردا ئالمۇتىدا چىقىدىغان «يېڭى ئۆمۈر» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىغى بولۇپ ئىشلىدى.قازاق پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سىرتقى ئوقۇش بۆلۈمىنى ئوقۇپ پۈتتۈرىدۇ.


ھېزمەت ئابدۇمۇتەللىپ ئوغلى بىر نەچچە يىللار بويى قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمىنى باشقۇردى.


ھېزمەت ئابدۇللىن «ياپونىيەنى يەڭگەن ئۈچۈن»، «ئەمگەكتىكى ئەرلىگى ئۈچۈن» مېداللىرى، «ھۆرمەت بەلگىسى» ۋە «خەلقلەر دوستلۇقى» ئوردىنلىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان.




نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوۋ


(1887-1951)



مەدەنىيىتىمىز تارىخىدا شائىر، دراماتۇرگ، تارىخچى سۈپىتىدە تونۇلغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوۋ 1887-يىلى ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ غالجات يېزىسىدا دۇنىياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئاددىي دېھقان بولسىمۇ، ھاياتىنى خېلى قىزىق ئۆتكۈزگەن ھەم شۇجەرىياندا كۆپ نەرسىلەرگە شاھىت بولغان كىشى ئېدى. ئاساسىي نەرسە ئابدۇسەمەت شىنجاڭدا مىللىي-ئازاتلىق كۈرەشنىڭ ئەۋج ئالغانلىغى ھەم ئۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆز ئانا ماكانىنى تاشلاپ، رۇس تەۋەسىگە كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۈر بولغانلىغىنى كۆرگەن. ئوغلىنىڭ ئۆز خەلقى تارىخى بىلەن قىزىقىشىغىمۇ دادىسىنىڭ كۆپ نەرسىنىڭ بىلىشى تۈرتكە بولغان بولۇشى كېرەك.


كەلگۈسى شائىر ساۋاتىنى دىنىي مەكتەپتە چىقىرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ بىلىملىك بولۇشى، ئەدەبىيات ۋە تارىخ بىلەن قىزىقىشى، ئاساسەن ئۆزلۈگىدىن ئوقۇشى، بىلىمگە ئىنتىلىشى بولدى. ئۇنىڭ يېزىش ئۇسۇلى، شېئىرلىرىنىڭ شەكلىگە قارىغاندا، شەرىق يازما ئەدەبىياتىنى، شۇ جۈملىدىن ئۆتمۈش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىمۇ ياخشى بىلگەن.


نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوۋ تارىخىي مەسىلىلەر بىلەن بىللە، ئاستا-ئاستا ئەدەبىيات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ ھەم 20-يىللىرى ئۇ ئۆزىنى پەقەت شائىرلا ئەمەس، بەلكى يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ سۈپىتىدىمۇ نامايىش قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى «قۇتۇلۇش» گېزىتىدە بېسىلىدۇ، يېقىن دوستلىرى «نازۇگۇم» پوۋېستىنى، «ئوماق بىلەن ئامراق»، «كىچىككىنە رىزا» دېگەن ھېكايىلىرىنى يازغانلىغىدىن خەۋەردار بولىدۇ.


ئەمدى زەرۋات مەكتىۋىدە بولسا، ئۇنىڭ م.ئىماشىۋ، ي.غەنىيۋلار بىلەن بىرلىكتە يازغان «نازۇگۇم» دىرامىسى قويۇلىدۇ.


نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوۋ شىنجاڭدىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ ئىلى ۋىلايىتىدە مەدەنىي ئاقارتىشنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ، غۇلجا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا مائارىپ ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇشتا، بەدىئىي ھەۋەسكارلار پائالىيىتىنى كۈچلەندۈرۈشتە ھەم شۇلار تۈپەيلى خەلىق ئاممىسىنى ئويغىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان «ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا» پائال ئىشتراك قىلىدۇ. بىراق ئەدىپنىڭ شۇ ۋاقىت ماباينىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىغى، قانداق ئەسەرلەرنى ياراتقانلىغى ھەققىدە مەلۇمات يوق. شائىر 1951-يىلى، يەنى 64 يېشىدا شىنجاڭدا ۋاپات بولىدۇ.




پاتىگۈل مەخسەتوۋا





پاتىگۈل مەخسەتوۋا – ئۆزىگە خاس ئاۋازغا ئىگە، ئۆز ماۋزۇسىنى تاپقان تالانتلىق شائىرە. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى گېئوگرافىيەسىنىڭ كەڭلىگى، قەلبىنىڭ دەۋىر ئېقىمىغا ئاھاڭداشلىغى، ئۆمۈرنىڭ تېپىشماق سىرلىرىنى دىل كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغانلىغى، تاللاپ ئالغان ماۋزۇسىنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىكلىگى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.


شائىرە ۋە ئالىمە پاتىگۈل مەخسەتوۋا 1959-يىلى 20-مارتتا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنتام يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1975-يىلى چونجا ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىۋىنى ئەلا تاماملاپ، ئالمۇتا سودا تېخنىكۇمىدا ئوقۇيدۇ. 1977-1979-يىللىرى ئۇيغۇر ناھىيەلىك كومۇنالىق ئېگىلىك مەھكىمىسىدە ھېساپچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1980-1985-يىللىرى ئاباي نامىدىكى قازاق پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا تەھسىل كۆرىدۇ. 1985-1987- يىللىرى ئالمۇتا شەھىرى زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن دەرىس بېرىدۇ. 1987-2000- يىللىرى ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پىداگوگىكىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدرىسىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 2000-2003-يىللىرى مەزكۈر بىلىم دەرگاھىنىڭ دوكتورانتۇرىسىدا ئوقۇيدۇ. 2000-2007-يىللار داۋامىدا ئاباي نامىدىكى قازاقىستان مىللىي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى يېنىدىكى دىسسېرتاتسىيەلىك كېڭەش (سوۋىت) ئەزاسى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە قۇددۇس غوجامىياروۋ نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومىدىيە تىياتىرىدا ئەدەبىيات بۆلۈمىنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە.


پ.مەخسەتوۋانىڭ چوڭقۇر ھىسسىياتلىق شېئىرلىرى، ھېكايە، نوۋەللا ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى «پەرۋاز»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «جۇلدىز»، «پروستور»، «ئىنتىزار»، «ئىخسان»، «مەرىپەت»، «ئىزدىنىش»، «ۋېستنىك»، «ئېتنوپىداگوگىكا» ژۇرناللىرىدا، «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «ئەدەبىيات ئايدىڭى»، «يەتە سۇ» گېزىتلىرىدا، «ئانىلار ئاۋازى»، «ۋەسىيەت»، «ياشلار ئاۋازى»، «شېئىرىيەت گۈلزارى»، «قازاقستان – مېنىڭ ۋەتىنىم»، «ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە تەتقىقاتلار» كەبى كوللىكتىۋلىق توپلاملاردا ئۈزلۈكسىز يورۇق كۆرۈپ كەلدى.


بۈگۈنكى كۈندە ئىسمى كۆپچىلىككە كەڭ تونۇلغان تالانتلىق شائىرە ۋە ئالىمە پاتىگۈل مەخسەتوۋا «ھايات ھەقىقىتى – ئىلھام مەنبەسى»، «ئوي تامچىلىرى» ئەدەبىي-تەنقىدىي ماقالىلار توپلاملىرىنىڭ، «مەن مۇھەببەت قۇچىغىدا»، «دىيانەت»، «سىرلىق ئالەم بۇ...»، «يۈرەكتىن تۆكۈلگەن ياش»، «كۈنلۈك تۇتقان كۈنچىلەر»، «سېغىنىش مۇڭى»، بالىلارغا بېغىشلانغان «سىلەر بىلەن قالسام...»، «ھەر قايسىدا بار خىسلەت»، «بىللە بارغىن باغلارغا»، «كىچىك دوستلارغا» شېئىرىي توپلاملارنىڭ مۇئەللىپى. بىر تۈركۈم شېئىرلىرى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قازاقستان شائىرەلىرىنىڭ «تۇران مادوننىلىرى» ناملىق ئانتولوگىيەسىدىن ۋە موسكۋادا نەشىر قىلىنىدىغان «دوم روستوۋىخ» ژۇرنىلىدىن ئورۇن ئالسا، نوۋەللا، ھېكايە، شېئىرلىرى «يەتتە سۇ»، «جىلدىز»، «سېن»، «لىتېراتۇرا ۋ قازاقستانى» ئوخشاش گېزىت-ژۇرناللاردا قازاق تىلىدا يورۇق كۆردى.


پاتىگۈل مەخسەتوۋانىڭ شېئىرىيىتى ئانا يۇرتقا، ۋەتەنگە، ھاياتقا، تەبىئەتكە بولغان مۇھەببەتتە سۇغىرىلغان، ئۆمۈرنىڭ چوڭقۇر سىرلىرى، خەلقىمىزنىڭ مۇرەككەپ تەغدىرى بىلەن يۇغىرىلغان. پاتىگۈل مەخسەتوۋا شائىرانە قەلبنىڭ تەۋرىنىشىدىن تۆكۈلگەن ئەڭ نازۇك، نەپىس ھىس-تۇيغۇلارنى گۆزەل، ئەۋرىشىم بەدىئىي سۆز بوياقلىرىدا ئىپادىلەپ، تەشنا يۈرەكلەرگە روھىي ئۇسسۇلۇق بېرىش ئىختىدارى بىلەن شېئىرىيەتتە ئۆزىگىلا خاس قول تامغىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ئۈلگەردى.


پ.مەخسەتوۋا تالانتلىق شائىرە بولۇش بىلەن بىللە چوڭقۇر بىلىمگە، مۇستەقىل پىكىرگە ئىگە ئەدەبىياتشۇناس ئالىم. ئۇ 1998-يىلى «ئۇيغۇر داستانلىرى. 60-80-يىللار» ماۋزۇسىدا نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيە قورغىدى.


ئۇزاق يىللار ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پىداگوگىكىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدرىسىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ، يۈزلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيىلىگەن پاتىگۈل مەخسەتوۋا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مائارىپ ساھاسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېيتارلىق ئۈلۈش قوشۇپ كەلمەكتە. ئۇ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» بويىچە بىر نەچچە دەرىسلىكلەرنىڭ، مېتودىكىلىق قوللانمىلارنىڭ، دىداكتىكىلىق ماتېرىاللارنىڭ ۋە پروگراممىلارنىڭ مۇئەللىپى. شائىرەنىڭ ئىجادىيىتى باشلانغۇچ سىنىپ دەرىسلىكلىرىدىن ئورۇن ئالغان. پ.مەخسەتوۋا 1995-يىلى بىلىم ۋە پەن مىنىسترلىگىنىڭ پەخرىي يارلىغى بىلەن تەغدىرلەنگەن.


كىيىنكى يىللاردا پاتىگۈل مەخسەتوۋا ناخشا تېكىسىتلىرىنى يېزىش بىلەنمۇ شۇغۇللانماقتا. شائىرەنىڭ سۆزىگە 50 تىن ئوشۇق ناخشا يېزىلىپ، چوڭ سەھنىلەردە ئەيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.


پاتىگۈل مەخسەتوۋا 1998-يىلى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ يۇمھۇرىيەتلىك مۇشائىرىسىدە 3-ئورۇننى ئېگىلىگەن بولسا، 2003-يىلى «ئىلھام» مۇكاپىتىنىڭ لائۇرىياتى ئاتالدى. 2007-يىلى قازاقستان يازغۇچىلىرىنىڭ 13- قۇرۇلتىيىدا پاتىگۈل مەخسەتوۋا قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ باشقارما ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.


ئەدەبىياتقا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز ئورنىنى تېپىش ئىنتايىن ئېغىر، مۈشكۈل ئىش. خەلىقنىڭ ھۆرمىتىگە، مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئىجاتكارنىڭ نۇرغۇن يازغانلىغى ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس. پاتىگۈل بولسا ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن كىتاپخان قەلبىگە يول تاپالىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈن چوڭ ۋە كىچىك شېئىرىيەت مۇخلىسلىرى پاتىگۈلنى ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى قاتارىدا قەدىر تۇتىدۇ.



ھېزىم ئىسكەندەروۋ


(1906-1970)





ئاتاقلىق شائىر، ئۇيغۇر كېڭەش (سوۋىت) ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ھېزىم ئىسكەندەروۋ تېتىك 1906-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتەرگەندىن كىيىن، ئۇ تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا كوممۇنىستىك ئۇنىۋىرسىتىتىغا چۈشۈپ،ئۇنى 1927-يىلى تاماملايدۇ. شۇ يىللىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىرلىرى گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. مەزكۈر بىلىم جايىنى تاماملىغان شائىر ئۆز پائالىيىتىدە مائارىپ ساھاسىدە ئەمگەك قىلىش بىلەن بىللە قىزغىن ئىيجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئوتتۇزىنچى يىللارنىڭ ئىچىدىلا خەلىق ئارىسىدا تارالغان.


ھېزىم ئىسكەندەروۋنىڭ ئەسەرلىرى رۇس، قازاق ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ «چېلىش دولقۇنلىرىدا»، «خان تەڭرى»، «ئۇيغۇر قىزى»، «سازىم»، «شېئىرلار»، «ھايات ئىلھاملىرى»، «تېنچلىق ناخشىسى»، «نازۇگۇم» ۋە «تاللانما ئەسەرلەر» ناملىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان




ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي


(1901-1937)



ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي 1901- يىلى چېلەك تەۋەسىدىكى بايسېيىت يېزىسىدا كەمبەغەل-دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 8 يېشىدا مەكتەپكە كىرگەن ئابدۇلھەي، ئۇنىڭدا ئىككى يىل ئوقۇيدۇ.


1914-يىلى 13 ياشلىق ئابدۇلھەيگە ئالمۇتىدا يېڭىچە ئوقۇش شارائىتى يارىتىلىدۇ. 1918-يىلى شەھەردىكى مۇئەللىملەرنى تەيارلايدىغان كۇرستا، 1919-1921-يىللاردا تاشكەنتتىكى تاتار بىلىم يۇرتىدا ئوقۇيدۇ. ئامما كەلگۈسى شائىر ئالغان بىلىمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئويلاپ، موسكۋادا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىلىم يۇرتىدا ياخشى ئوقۇغانلار قاتارىدا ئۇيغۇر يىگىتى موسكۋاغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. 1922-1926-يىللىرى ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي موسكۋادا بۇخرىن نامىدىكى رابفاكتا ئوقۇيدۇ. ئوقۇشنى پۈتەرگەندىن كىيىن، ئالمۇتىغا كېلىپ، شەھەردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بىرىدە خىزمەت قىلىدۇ.


ئابدۇلھەي مۇھەممەدىينىڭ دەسلەپكى ئەسىرى 1921-يىلى بېسىلىدۇ، 1935-يىلى ئۇنىڭ «ياش گۈللەر» ناملىق ئايرىم توپلىمى يورۇق كۆرىدۇ. شائىرنىڭ نۇر ئىسرايىلوۋ بىلەن بىرلىكتە يازغان بالىلارغا بېغىشلانغان «بالىلارغا سوغا» ناملىق كىتاۋى بار. ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي ئۆزىنىڭ بىرىنچى شېئىرلىرىدىن باشلاپ، ئۆزىگە ئوخشاش كەمبەغەل بالىلارغا ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان ئىنسانلارغا ئازاتلىق ئېلىپ كەلگەن يېڭى زاماننى كۈيلەيدۇ.


شائىر «ياش يۈرىگىم»، «ئېچىلماس كۆڭلۈم»غا ئوخشاش شېئىرلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىزگۈ ئارمانلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ.



شايىم شاۋايىۋ





شايىم شاۋايىۋ 1938 يىلى 27- ئاپرىلدا ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ تۇگمەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1965- يىلى قۇرمانغازى نامىدىكى قازاق دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسىنى تاماملاپ، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. «مالىنوۋكىدىكى توي»، «غېرىپ-سەنەم»، «يەكمۇ-يەك»، «نەسىردىن ئەپەندى»، «ئانارخان» كەبى بىر قاتار سپەكتاللاردا ھەر خىل ئوبرازلارنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن يارىتىدۇ. كىيىن ئالمۇتىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ رېژىسسورلۇق فاكۇلتېتىغا چۈشۈپ، ئۇنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تاماملايدۇ ۋە 1972-1975 يىللىرى قازاق تىلىۋىزىيىسىدە رىژوسسۇر بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئاندىن ئۇيغۇر تىياترىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇزاق يىللار داۋامىدا تىياتىر سەھنىسىدىن چۈشمەي كەلگەن «ئالتۇن كەش»، «ئاق كېمە»، «لەيلى-مەجنۇن»، «گىلەمچىلەر» ئوخشاش دىرامىلىرى شايىم شاۋايىۋنىڭ ئەمگىگىنىڭ مېۋىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ «سېنىڭ قارا كۆزلىرىڭ»، «ئاكام ئۆيلىنىدۇ» ، «قەشقەرىيە»، «بېگۇناغا بەش ئەيىپ»، «بىلال نازىم» قاتارلىق ھەر خىل ژانردىكى دراما ئەسەرلەر تىياتىر سەھنىسىدە قويۇلۇپ، تاماشبىنلارنىڭ ئىللىق ئىنكاسلىرىغا ئىگە بولدى.


شايىم شاۋايىۋنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى زور. ئۇنىڭ «ئانار گۇلى»، «چىمەن دوپپا»، «ئىمزاسىز خەتلەر»، «سېھىرلىك ئاق بۇلۇتلار»، «سېنى ئىزدەيمەن»، «يوقالغان قەلەم» پوۋېستلىرى بىلەن بىر قاتار ھېكايىلىرى ھەم «بىلال نازىم» رومانى سۆزىمىزنىڭ يارقىن ئىسپاتىدۇر. ئۇنىڭ يېزا ئېگىلىگىنىڭ ماھىر تەشكىلاتچىسى مىرزىگۈل ناسىروۋ ھەققىدە يازغان «مىرزىگۈل» ناملىق ھۆججەتلىك پوۋېستىمۇ يازغۇچى ئىجادىيىتىدە ئالاھىدەئورۇننى ئەگىلەيدۇ. ئەدىپنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرىنىڭ قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، خەنسۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغانلىغىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق. ئۇمۇ، ئۆز نوۋىتىدە، قازاق ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىكلىرى مۇختەر ئەۋەزوۋ، س. مۇقانوۋ، غ.مۈسرەپوۋ ۋە دۇنىيا ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈق نامايەندىلىرى شېكسپىر، موللېر، گوركىي ۋە شولوخوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئېدى. ئەدىپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ 3، 5 – 6 سىنىپلىرىغا بېغىشلانغان «مۇزېكا» دەرىسلىگىگە يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى كىرگۈزۈشكىمۇ مۇناسىپ ئۈلۈشىنى قوشقان.


شايىم شاۋايىۋنىڭ ئىجادىيىتى ۋە كۆپ يىللىق مېۋىلىق ئەمگىگى يۇقۇرى باھالىنىپ، ئۇ قازاق س س ر ئالىي كېڭىشىنىڭ پەخرىي يارلىغى بىلەن مۇكاپاتلانغان. «قازاقستاننىڭ مەدەنىيەت ئەربابى»، قازاقستان پرىزىدېنتىنىڭ ستىپېندىئاتى، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ پەخرىي گراژدانى ئاتالغان.



رەھىمجان روزىيىۋ





رەھىمجان روزىيىۋ 1935- يىلى 7- مايدا غۇلجا شەھىرىگە يېقىن ئۈچئون يېزىسىدا دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق چېغى توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئۆتىدۇ.


دادىسى ھەمراخۇننىڭ پارس ۋە ئەرەپ تىللىرىنى ياخشى بىلگەنلىگى ۋە شېئىرىيەتكە ھەۋەس قويغان ئادەم بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە پات-پات كىتاپخانلىق، شېئىرخانلىق بولۇپ تۇراتتى. ھەتتا قازاق ئاقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىشلىرىمۇ بولاتتى. كەلگۈسى شائىر «قىز جىبېك» داستانىنى شۇ چاغلاردا ئاڭلىغان ئېدى.


شەرىق ئەدەبىياتى، كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىلىق دەسلەپكى مەلۇماتنى دادىسىدىن ئاڭلىغان. بالا چاغلىرىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىي، ئەھمەد يۈكنەكىي ناملىرىنى ئۆيدىكى ئۆتكەن سۆھبەتلەردە ئۇنىڭ قۇلىغىدا قالغان.


مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە توققۇزتارا «چولپان» مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 3-سىنىپتىن كىيىن غۇلجا دۆڭ مەھەللىسىدىكى «روشەن» مەكتەپ، ئۈچ دەرۋازىدىكى «ئۈمۈت» مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، غۇلجا بىلىم يۇرتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ رەسسام فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشتى. ئۇ ئەسلىدە ئۈرۈمچىگە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا چۈشۈش ئۈچۈن بارغان ئېدى. ئۇ چاغدا رەسسام فاكۇلتېتىدىن باشقىلارغا ستۇدېنتلار تولۇقلىنىپ بولغان ئېكەن. ئۆزىمۇ ئەدەبىيات، رەسىمگە ھەۋەسكار ئېدى. ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، تام گېزىتىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، شېئىر، ماقالىلارنى يازاتتى. كەلگۈسى شائىر 1957-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ رەسساملار ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ» رەسىملىك ژۇرنىلى رەداكسىيەسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. 1960-يىلى قازاقستانغا كۆچۈپ كەلدى.


ئالمۇتا ئايروپورتىدا، تۆمۈر يول ۋوكزالىدا ھاممال، تۆمۈر-بېتون زاۋودىدا بېتونچى، ئالمۇتا شەھىرىنى زىىنەتلەش باشقارمىسىدا بوياقچى قاتارلىق ھەر خىل ئىشلاردا ئىشلەپ يۈرۈپ، 1967-يىلى رادىئو-تىلىۋىزىيە  كومىتىتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى. 1997-يىلغىچە، يەنى ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققۇچە مەخسۇس پروگراممىلار راداكسىيەسىدە  ئىشلىدى.


موشۇ جەرىياندا ئېغىر ئەمگەك، ئېغىر تۇرمۇش شارائىتىدا شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەم ئۈگىنىپ دېگىدەك خېلى شېئىر توپلاملارنى ۋە داستانلارنى يازدى. «سىرلىق دولقۇنلار»، «ئويغاق قەلب»، «تۇمار» ناملىق توپلاملار ئۇنىڭ ئىجادىدىكى پىشقان دەۋىرنى كۆرسىتىدۇ. داستانلاردىن «مىڭ ئۆي»، «روھلاردىن مەدەت» -بىرى تارىخىي، بىرى زامانىۋىي ماۋزۇدا يېزىلغان، سالمىغى، قويۇلغان تەلەپنىڭ ئۈستۈنلىگى، پىكىرنىڭ كەڭلىگى بىلەن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.




ئىلاخۇن ھوشۇروۋ





ئىلاخۇن ھوشۇروۋ 1960-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆسۈپ، راۋاجلىنىشىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان تالانتلىق شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ 1941- يىلى 15- مايدا ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئاقتام يېزىسىدا تۇغۇلغان. دەسلەپ شۇ يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇدى. كىيىن ئاقسۇ، ئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، 10 يىللىق مەكتەپنى 1957-يىلى پۈتتۈردى. 1961-يىلغىچە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىدا كولخوزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئىشلىدى. ئىلاخۇن ھوشۇروۋ 1962-1965-يىللىرى ھەربىي خىزمەتتە بولدى. ئاندىن كىيىن قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ژۇرنالىستىلىق فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى 1969-يىلى تاماملىدى. ئۇزاق يىللار داۋامىدا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە ئىشلىدى.


شائىرنىڭ «گۈلدەستە»، «ئايال قەلبى»، «بەخىتكە باشلايدىغان يول»، «يۈرەك سوقۇپ تۇرغاندا» ناملىق شېئىر ۋە نەسرىي توپلاملىرى «يازۇشي» ۋە «قازاقستان» نەشرىياتلىرىدا يورۇق كۆردى. ئۇنىڭ ئۇمۇمىي توپلاملاردا كۆپلىگەن شېئىرلىرى بېسىلدى. ئوچېرك، پۇبلىسىستىكىلىق ماقالىلىرى، شېئىرلىرى گېزىت سەھىپىلىرىدىمۇ تۇراقلىق بېسىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شائىر-ژۇرنالىست دايىم ئىجادىي ئىزدىنىش ئۈستىدە.




قادىر ھاسانوۋ


(1912-1976)






قادىر موللاخۇن ئوغلى ھاسانوۋ 1912- يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئالدى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇپ،ئۇنى تۈگەتكەندىن كىيىن سوپى زەرۋات نامىدىكى ئۇيغۇر مەكتىۋىدە ئوقۇيدۇ


1932-1934- يىللىرى ئاباي نامىدىكى قازاق دۆلەت پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ 1942-43- يىللىرى تاشكەنتتە «شەرىق ھەقىقىتى» ۋە ئالمۇتىدا «يېڭى ھايات» ژۇرناللىرىنڭ تەشكىل قىلىش ئىشلىرىغا پائال قاتناشقان . ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى «كەمبەغەل ئاۋازى»، 5(1948)، «كەنجە» (1950) ناملىق كىتاپلىرى چىققان.


ق. ھاسانوۋ دراماتۇرگىيەنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ ئۈلۈش قوشقان ئەدىپتۇر. 1938-يىلى «مانان» ناملىق مۇزىكىلىق درامىسى ۋە (1941)بىر نەچچە سەھنە ئەسەرلىرى ، «گۇلىستان» (ئى.ساتتاروۋ بىلەن بىرلىكتە)، «نازۇگۇم» ناملىق شېئىرلار لىبرەتتوسىمۇ يېزىلىپ چىقتى.


مەنبە:


http://www.birlik-uk.kz/til-we-edebiyat/uyghur-edebiyati                  Уйғур әдәбияти‹‹Бирлик


totem يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 14:16:20

بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپ دەرىسىدە ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن ئاكىنىڭ«ئېغىر كۈنلەردە»ناملىق ئەسىرى بار ئىدى.ھاكىملارلا ماشنىدا،ئىسسىق ئۆيلەردە ئولتۇرامدىغاندۇ؟دىگەن جۈملىلېرى ئىسىمدە قاپتۇ.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 15:26:43

ئوتتۇرا ئاسىيادا نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلار بار بولسىمۇ ئەمما قازاقىستاندىن باشقا رايوندىكىلەر ئاساسەن تەشكىلى ۋە ئىجدىمائى ئورۇنغا ئىگە بولالمىغان بولسا كېرەك .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 12:09:15

بۇلارنىڭ ۋەياكى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ شۇ دەۋرلەردە چىقىپ كېتىشى بەلكىم ئاقىلانىلىق بولغاندۇ ، چۈنكى بۇ يەردە بولغان بولسا شۇ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش - چىقىرالماسلىقى ئەمەس بەلىكى ھاياتىمۇ ئەقەللىي كاپالەتكە ئىگە بولۇش - بولالماسلىقىغا ھېچكىم بىر نىمە دىيەلمايتتى . ئۇندىن باشقا بۇلارنىڭ ئاۋۇ مەغرۇر ، كىيىملىرى خوپ كەلگەن ، مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى چىقىپ تۇرغان كېلىشملىك تۇرقىلا مەدەنىيەتسىز مىللەتنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى كىشىلەر بىلەن مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئسپاتلاپ تۇرۇپتۇ........

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 15:07:38

بۈگۈنكى ئۇيغۇر يازغۇچلىرىنىمۇ تۇنۇشتۇرۋېتىڭە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى؟

ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 17:13:52

ئېغىر كۈنلەردە ھىكايىسىنى ئوقۇغان ۋاقىتلاردا شۇ ۋاقىتتىكى تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن تارىخى ئارقا كۆرىنىش توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيتتىم (باشلانغۇچتىكى ۋاقىتلار)، قايسى كۈنى يازغۇچى مۇھەممەد ئىمىن ئابدۇۋىلىنىڭ ئاخىرقى تەبەسسۇم ھىكايىسىنى ئوقۇپ كۈزۈمدىن ياش قۇيۇلدى . ئۇلۇغ ئاتىلار ... تاغ كەبى گىگانت ئاتىلار ...

karahan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-14 20:21:25

ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ سىزما سۈرتىنى نەچچە يىلدىن بېرى ساقلاپ يۈرگەندىم ،بۈگۈن يوللاپ قۇياي دىسەم ھىچ تاپالمىدىم .

تىما ئىگىسگە كۆپ رەھمەت .

mehman يوللانغان ۋاقتى 2012-12-28 23:32:28

ТӘБИӘТ ҺАДИСИЛИРИГӘ, МАЛ-ВАРАН ҚУШЛАРҒА МУРАҖИӘТ ҚИЛИШ НАХШИЛИРИ



تەبىئەت ھادىسىلىرىگە، مال-ۋاران قۇشلارغا مۇراجىئەت قىلىش ناخشىلىرى

http://www.birlik-uk.kz/til-we-edebiyat/uyghur-edebiyati/322-murazhit-nahshiliri.html



مەنبە: http://www.birlik-uk.kz/til-we-edebiyat/uyghur-edebiyati



ئايلاندۇرغان سىھىرلىك قۇرال : http://www.yulghun.com/imla/convert.html

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 13:21:04

يۇقۇرىدىكى تەرجىمىھاللارنىڭ بىرىدە «قەشقەر ئەدەبىياتى» دېگەن سۆزنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم، بۇ نامدىكى ژورنال قازاقىستاندىمۇ نەشىرقىلىنغان بولغىيمىتى ياكى قەشقەردە نەشىر قىلىنغان ژورنالنى دېمەكچىمىدۇ؟

«بىلال نازىمى» دەپ بىر رۇماننىڭ ئىسمىي تىلغا ئىلىنىپتۇ، مەن بۇ ئىسىمنى بىر چاغلاردا قازقىستاندىن كىرگەن، ياركەنت يولىدىكى پاجىئە بايان قىلىنغان، بىر مۇڭلۇق ناخشىدىمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم. شۇڭا بۇ رۇماننى ئوقۇغۇم كىلىپ قالدى، توردا بارمىدۇ؟

xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 20:02:04

ئاساسەن قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان رومانلار، مەسىلەن، «نۇزۇگۇم»، «ئېغىر تىنىقلار»....قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەر يۇرتىمىزدا، يەنى ھەقىقى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»ساھەسىگە كىرگۈزۈلمەيۋاتىدۇ. دېمەكچى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن رومانلارنىڭ سانىنى ئىستاتىستىكا قىلغاندا قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان رومانلار سانالمايۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائېرلىرى