win8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى.
ئەتىگەندە قۇتيارغا كىرىپلا قارسىام win8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرىنى كۆردۈم ۋە ئورناتتىم. ئاندىن خەتنى چىرايلىقلاشتۇردۇم.
ھەقىقىي win8 نى سېتىۋالغانلار تېزدىن ئورنىتىۋېلىڭلار.
تىل بولاقنى ئورنىتىش ئۇسۇلى بۇ يەردە: http://www.alimahat.com/?p=2115
ئاغىزىڭىزغا ناۋات ،ئالىم مۇئەللىم تېما يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئوخشايدۇدە ....
win8سىتىۋالماسلىقىڭزغا يەنە باھانىڭىز بارمۇ؟ مەن قاچىلىدىم، ئەمما خەت نۇسخسى سىزنىڭكىدەك ئۇز چىقمىدى قانداق قىلىمەن؟
2- قەۋەتتىكى nor1215نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن قاچىلىدىم، ئەمما خەت نۇسخسى سىزنىڭكىدەك ئۇز چىقمىدى قانداق قىلىمەن؟
http://www.qutyar.net/mb/thread-4953-1-1.html
ماۋۇ تېمىدىكى ئۇسۇل بىلەن ئۇزلاشتۇرۇۋېلىڭ.
مىنىڭكىدىمۇ ئۇنداق چىرايلىق چىقمىدى ،بۇ ئىشتا ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىغا قارساق بولىدىغان ئوخشايدۇ ،بەك ئالدىراپ كەتمەي .قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرنچىسىگە چىدايدۇ... ئۇيغۇرچە تىلنى تاللىسام، تىل بولىقىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ چىقىپ تۇرىدىغۇ بۇرۇنقىدەك؟ رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان ئوخشىمامدۇ؟ تىل بولىقىنى قاچىلاشنىڭ باشقىچە ئۇسۇلى بارمۇ يا؟
5- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرچە تىلنى تاللىسام، تىل بولىقىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ چىقىپ تۇرىدىغۇ بۇرۇنقىدەك؟ رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان ئوخشىمامدۇ؟ تىل بولىقىنى قاچىلاشنىڭ باشقىچە ئۇسۇلى بارمۇ يا؟
مەن ھازىر شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىدىمغۇ.
مۇشۇ خەت نۇسخسىسىمۇ چىرايلىقكەنغۇ،كۆنىۋالساڭلار قولدا چىرايلىق يازغان خەتكە ئوخشايدىكەن،بەك ياقتۇردۇم شەخسەن.
لېكىن قاچىلىغاندىن كىيىن ھەممىسى ئوڭدىن باشلىنىدىكەن،ھاھا،باشتا تازا كۆنەلمەيۋاتىمەن.ھەتتا ئاستىدىكى سائەت سولغا ئۆتۈپ كىتىدىكەن،سىن بەلگىلەر ھەممىسى ئوڭغا،ھا ھا،قىزىقچىلىق.
لېكىن IT ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئاقسا بوپ كىتىدىغان بولدى ئىشقىلىپ.
خەتنى چىرايلىق قىلىمەن دېسەك خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرىدىغان ئىشكەن، ئەسلىدىكىنى زاپاس ساقلىۋالىدىكەنمىز. خەنزۇچىغا قايتماقچى بولساق زاپاس ساقلىۋالغاننى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەنمىز.قارىغاندا يەنىلا ئاشۇ ئەگرى - بۈگرى ھالەتتە ئىشلەستەك بولىدىغان ئوخشايدۇ. 语言包无法使用 ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىك تارىخىدىكى ( ئەڭ ) ............................. تېما !!!!!!!!!
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11982 سىلەرمۇ يالغاننى دىسە قوشۇلۇپ توقۇپ بىرىدىكەنسىلەر. تىل بولىقى ئېلان قىلىنمىدى، ھېلىلا ئالىم ئەھەتكە تېلىفۇن قىلىپ خەۋەردار بولدۇم، بولمىسا گېپىڭلار راس بولسا تىل بولىقىنى چۇشۇرۇش ئادرىسىنى كۇرسۇتۇڭلار قىنى؟
10- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىلەرمۇ يالغاننى دىسە قوشۇلۇپ توقۇپ بىرىدىكەنسىلەر. تىل بولىقى ئېلان قىلىنمىدى، ھېلىلا ئالىم ئەھەتكە تېلىفۇن قىلىپ خەۋەردار بولدۇم، بولمىسا گېپىڭلار راس بولسا تىل بولىقىنى چۇشۇرۇش ئادرىسىنى كۇرسۇتۇڭلار قىنى؟
راستقۇ،مەنمۇ تىل بولىقىنى چۈشۈرۋالدىم. تىل بولىقى چۈشكىلى ئۇنىمىسا ئېنگىلىزچىگە مۇھىتتا تۇرۇپ چۈشۈرسەك چۈشىدىكەن قېرىنداشلار ئىم،مەن ئىنگىلىزچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن،شۇڭلاشقا قىينالماي چۈشۈرۈپتىكەنمەندە،نىمىشقا چۈشمىگەندۇ دەپتىمەن تېخى باشقىلارنىڭكىنى.
10- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىلەرمۇ يالغاننى دىسە قوشۇلۇپ توقۇپ بىرىدىكەنسىلەر. تىل بولىقى ئېلان قىلىنمىدى، ھېلىلا ئالىم ئەھەتكە تېلىفۇن قىلىپ خەۋەردار بولدۇم، بولمىسا گېپىڭلار راس بولسا تىل بولىقىنى چۇشۇرۇش ئادرىسىنى كۇرسۇتۇڭلار قىنى؟
http://www.alimahat.com/?p=2194
مانا ئالىم مۇئەللىمنىڭ تېمىسى. يالغان ئەمەس.
win8نىڭ ئەرزانلىقلىرى بارمىدۇ http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/language-packs#lptabs=win8بۇ يەردىن يىل بولىقىنى قانداق چۈشۈرىدۇ. تىل بولاق يېڭىلانمىغانلار مۇنداق سىناپ بېقىڭلار
ئالدى بىلەن ئۈستەل يۈزىدىكى 计算机 نىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ 属性 نى تاللاپ، ئاستىدىكى سسىتېمىنى يېڭىلاش دېگەن يەردىن يېڭىلاپ، تولۇق يېڭىلاپ بولغاندا قايتا قوزغىتىپ ئاندىن تىل بولاقنى قاچىلاپ بېقىڭلار. مېنىڭچە چوقۇم بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلمۇ ئەپلەشمىسە، تىل ھالىتىنى ئىنگلىزچىگە تەڭشەپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈڭلار. خەنزۇ تىلى مۇھىتىدىكىلەر 360 نى تاقىۋېتىپ سىناپ بېقىڭلار. بۇ يىللىق 12.12 ھەقىقەتەن ئالاھىدە كۈن بولدىمۇ نېمە؟
ماۋۇ خوش خەۋەر ئادەمنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىكەن دېسە... ئۇنىڭدىن باشقا دىيارىمىزدىكى كەسىپلەشكەن ئىلقۇت كارخانچىلار تورىمۇ 12.12 رەسمىي ئېلان قىلىنغان ئىدى.
http://www.ilqut.com/
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى ھەققىدە
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى ئۇيغۇر كارخانىچىلىق مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ ئىلغار كارخانىچىلىق مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ھالدا تىرىشچان، ئىزدىنىشچان ۋە ئىرادىلىك ياش ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ 6 يىللىق ئوقۇش، ئۆگىنىش، كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئاساسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ پىلان تۈزۈشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا چىققان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق تۈزۈلگەن كارخانىچىلار تورى بولۇپ، تور بېكىتىمىز كارخانا ۋە كارخانىچىلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاش، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ ئىلغار كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇش، كارخانىچىلارغا زۆرۈر بولغان كارخانا مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان بولۇپ، شىركەت، بازار، ئىقتىساد، مۇلازىمەت ۋە خېرىداردىن ئىبارەت چوڭ تۈرلەر، شىركەت: شىركىتىم، باشقۇرۇششۇناسلىق، جەڭگاھ، بوغالتىرلىق ئىلمى؛ بازار: بازارشۇناسلىق، بازار ئىگىلىكى، ئىگىلىك تىكلەش، مۇۋەپپەقىيەتچىلەر؛ ئىقتىساد: ئىقتىسادشۇناسلىق، مەبلەغشۇناسلىق، پۇل-مۇئامىلە، پايچىكى | ئالتۇن | ئاكسىيە؛ مۇلازىمەت ۋە خېرىدار: مۇناسىۋەتشۇناسلىق، قانۇن-ساۋاتلار، سودا بازىرى قاتارلىق كىچىك تۈرلەر بويىچە يېتەرلىك ماتېرىيال مەنبەسى، تەرجىمە قوشۇنى، پائالىيەتچانلىققا ئىگە خاراكتىرى بىلەن ئۇيغۇر كارخانىچىلىق مەدەنىيىتىگە ھاياتى كۈچ قوشقۇسى.
تور بېكىتىمىز يەنە مەسلىھەت بېرىش، پىكىر قاتناشتۇرۇش، ئاۋاز قوشۇش، مۇنازىرە قىلىش سورۇنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۆزىڭىز بايقىغان يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرالايسىز، يولۇققان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەۋھۇم دۇنيادىكى كارخانىچىلار بىلەن تونۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇرالايسىز ھەم مەسىلىڭىزنى ھەل قىلالايسىز.
بىز ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز ھەمدە ياخشى قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. كارخانىچىلارنىڭ خىزمىتىمىزنى قوللىشىنى ۋە يېتەرلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا ئايىماي بىرىشىنى قارشى ئالىمىز.
بىز دوستلىشىشقا، مۇكەممەل سېستىمىلاشقان كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ رىقابەتلىشىشكە موھتاج.