dilkex يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 12:19:19

ئانتاركتىدىغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر يىگىتى

ئانتاركتىدىغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر يىگىتى



ئالمۇتىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا: «ئۇيغۇر يىگىتى بەختىيار ئىبرايىم ئوغلى روزىبايىۋ  ئامىرىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكسپىدتسىيە تەركىۋىدە، ئانتاركتىدىدا كوماندىروپكىدا بولۇپ ۋە ئۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئۇتۇقلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مىدال ئېلىشقا مۇيەسسەر بوپتۇ !...» دېگەن سۆز  تارقالدى.


خەلقىمىزدە «قۇلاق ئاڭلىغاننى كۆز كۆرۈپتۇ»، دېگەن گەپ بار. شۇنىڭدەك ، يېقىندا ئەشۇ بەختىيار ئىسىملىك يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم: ئۇ يازلىق دەم ئېلىش پەيتىدە ئالمۇتىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى كۆرۈشكە ئامىرىكىدىن كەلگەن ئىكەن. بىر قارىماققا ئەندىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن بالىدەك كۆرۈنىدىغان، ئوتتۇرا بويلۇق،  مېڭىش-تۇرۇشى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرى سالماق بۇ يىگىت  بىلەن كۆرۈشۈپ، تونۇشقاندىن كېيىن  خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق.


- مەن دەسلەپتە ئامىرىكىغا بىرىپ ئوقۇشنى ئويلىمىغان ئېدىم، — دېدى بەختىيار. — ئامما كىيىن تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ، دوكتورانتۇرىدا ئوقۇش ئۈچۈن شۇ تەرەپكە قاراپ يولغا چىققىنىمدا ئىنتايىن خوشال بولدۇم.ئەنقەرە ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئۆزەم بىلەن بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن يالغۇز مېنىڭ دوكتورانتۇرىغا قوبۇل قىلىنىشىم — ماڭا تېخىمۇ چوڭ، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى يۈكلەيدىغانلىغىنى ھىس قىلدىم.


بۇ گەپلەرنى قىلغان چاغدا غوللۇق، ئاق يۈزلۈك يىگىتنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ، كۆزلىرىدە شاتلىق نۇرى چاقنىدى. شۇ چاغدا مەن كېلەچەككە چوڭ ئۈمۈت باغلىغان يىگىتنىڭ ئالدىدىكى ھاياتىدا — ئىلىم-پەن دۇنىياسىدا ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدىغانلىغىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم…


بىز سۆز قىلىۋاتقان بەختىيار روزىبايىۋ 1983-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنىياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ھازىرقى ئا.روزىباقىيىۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيادە 6-سىنىپقىچە ئوقۇدى. ئاندىن كىيىن شەھەردىكى قازاق-تۈرك لىسەيىغا كىرىپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. قېرىنداش تۈرك مىللىتىنىڭ تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش بەختىيار ئۈچۈن ھېچ قانداق قىيىنچىلىق تۇغدۇرمىدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ پۇختا ئۆزلەشتۈردى. 2000-يىلى لىسەينى ئەلا باھالارغا تۈگىتىپ، «ئالتۇن بەلگۈ» ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى ۋە شۇ يىلى  تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوتتۇرا شەرىق تېخنىكىلىق ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ فىزىكا-ماتېماتىكا فاكۇلتىتىغا گرانت بويىچە ئوقۇشقا چۈشتى.


بۇ يەردىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي پەزىلەتلىرى، بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىشى بىلەن ستۇدېنتلار ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چۈشتى. بەش يىل ئوقۇش جەرىيانىدا ئۇ پەقەتلا ئالدىنقى سەپتىن كۆرۈندى. بەختىيار ئۇنىۋېرسىتىتنى تۈگەتكەندە «فىزىكا باكلاۋۇرى»، «ئالىي بىلىم بويىچە ماگىستر» دېگەن ئىككى دىپلومنى ئېلىپ چىقتى. شۇ كۈنلىرى ئامىرىكا قوشما شتاتلىرىدىن تۈركىياگە كەلگەن بىر توپ ئالىملار بەختىيار روزىبايىۋ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى  ئامىرىكىغا ئوقۇشقا بەرىشقا تەكلىپ قىلدى.


شۇنداق قىلىپ، بەختىيار روزىبايىۋ دېلاۋېر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ دوكتورانتۇرىسىغا ئوقۇشقا ئاتلاندى. بۇ يەردە ئۇ ئاستروفىزىكا يۆنىلىشى بويىچە «كائىنات نۇرى» — دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئىلمىي  پائالىيەت ئېلىپ باردى.


شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، بەختىيار ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقتىدا ساۋاقدىشى، ئەنقەرەلىك تۈرك قىزى ئىنژۇ بىلەن تونۇشۇپ، دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان ئېدى. كېيىنىرەك ئۇلار ئۆيلىنىپ، ئائىلە قۇردى.  


بەختىيار دوكتورانتۇرىغا چۈشكەن دېلاۋېر ئۇنىۋىرسىتىتىدا بىلىم ئېلىشنىڭ ئالاھىدىلىگى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، دوكتورانتلار ئۈچۈن بۇ يەردە نەزەرىيەۋىي ئالغان بىلىمىنى ئەمەلىيەت بىلەن باغلاشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك شەرت-شارائىتلار يارىتىلغان. ئۇ دوكتورانتۇرىدا ئاستروفىزىكا ساھاسى بويىچە ئوقۇپ، بۇ ساھادا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئىشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا قويۇق ئارىلاشتى، تاللىغان ماۋزۇسى بويىچە ماقالىلارنى يېزىپ، تۈرلۈك نەشىرلەردە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرى بۇ ساھادىكى چوڭ ئالىملارنىڭ دىققەت-ئەتىۋارىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.بەختىيارمۇ ئۆزىنى قىزىقتۇرغان كۆپلىگەن سوللارغا جاۋاپ تېپىش مەخسىتىدە تۈرلۈك ئېكسپىدىسىيەلەرگە قوشۇلۇپ، ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى.


كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختىيار ئامىرىكىنىڭ ئانتاركتىدىدا قوللىنىلىدىغان پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نوۋەتتىكى سەپەرگە چىقىدىغان ئېكىسپىدىتسىيە تەركىۋىگە  تەكلىپ قىلىندى.


- كېيىنكى ۋاقىتتا سىزنىڭ ئاستروفىزىكا ساھاسىدا يېزىۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىز ئالىملىرىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا،- دېدى ئېكىسپىدىتسىيە رەھبىرى رىد دژون. ئېكىسپىدىتسىيەمىزنىڭ تەركىۋىدە سىزدەك ياش ئالىملارنىڭ بولۇشى ئالغا قويغان مەخسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئىشىنىمىز ۋە شۇنىڭغا ئۈمۈت قىلىمىز.


بۇ سۆزلەر بەختىيارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا چوڭ مەدەت بەردى.


ئامىرىكا ئېكىسپىدىتسىيەسى ئانتاركتىدىغا كۆزلىگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بىردەك مۇز توڭلاپ تۇرىدۇ. ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى بەزەن  70 گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. ھاۋا غۇبارسىز پاك ھەم تازا. ھازىرچە ئالىملار بۇ يەردىكى مۇزنىڭ بەش مىڭ مېترغىچە بولغان قېلىنلىغىنى ئۆلچەپ چىقتى. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر بولۇشى مۈمكىن. شۇنچە قېلىن مۇزنىڭ توغرا كەلگەن يېرىدىن بىر پارچىسىنى چېقىپ ئېلىپ، قاراپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ  خرۇستالدەك تازا ھەم سۈزۈكلۈگىنى كۆرەلەيسىز


بۇ ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئانتاركتىدىغا قىلغان دەسلەپكى ئېكىسپىدىتسىيەسى ئەمەس. ئۇلار بۇرۇنمۇ بۇ يەرگە تالاي قېتىم كېلىپ، موشۇ جەنۇبىي قۇتۇپتا ئامۇندسېن سكوتت ناملىق ستانسىياسىنى قۇرۇپ، بۇ يەردە تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بەختىيار روزىبايىۋ بۇ قېتىم ئەشۇ ئامۇندسەېن سكوتت ستانسىياسىگە بېرىپ تەجرىبىلىك ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىغا قىزغىن قاتناشتى. بۇ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيەنىڭ ئالدىغا قويغان ۋەزىپە بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى— كائىناتنى، ئاسمان بوشلۇغىنى، يەنى كوسموسنى تەكشۈرەيدىغان ІCECUBE ناملىق دېتېكتور تېلېسكوپ ئاپپاراتىنى موشۇ جەنۇبىي قۇتۇپقا ئورنىتىپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتىن، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئېدى.


ئەنە شۇنداق مۇھىم ۋە جاۋاپكارلىق ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا دوكتورانت بەختىيار روزىبايىۋ تاللاۋالغان ساھاسىنى يېتۈك بىلىدىغانلىغى بىلەن كۆزگە چۈشتى. ئۇنىڭ ئەمگىگىگە قايىل بولغان ئالىملار: «بىز سىزدىن مۇنچىلىك چوڭ ئۇتۇقنى كۈتمىگەن ئېدۇق»، دەپ نوۋەت بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى قىسىشتى. بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتۈپ، ۋەزىپە ئۇتۇقلۇق ئاياقلاشقاندا ئۆز ئىشىدا قول يەتكەن ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن بەختىيار روزىبايىۋ ئا ق ش مىللىي-ئىلمىي ئاگىنتلىغىنىڭ «ئانتاركتىدىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن» ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلەندى. موشۇ يەردە بۇ مېدالنىڭ 1960-يىلى ئا ق ش پارلامىنتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمدۇر


بىز جەنۇبىي قۇتۇپ — ئانتاركتىدىغا ئاياق باسقان ئۇيغۇر يىگىتى بەختىيار روزىبايىۋنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئالدىكى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە ئىلمىي ئىشلىرىغا چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.


بۇ يەردە يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بىردەك مۇز توڭلاپ تۇرىدۇ. ھاۋانىڭ تىمپىراتۇرىسى بەزەن  70 گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. ھاۋا غۇبارسىز پاك ھەم تازا. ھازىرچە ئالىملار بۇ يەردىكى مۇزنىڭ بەش مىڭ مەترغىچە بولغان قېلىنلىغىنى ئۆلچەپ چىقتى. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر بولۇشى مۈمكىن. شۇنچە قېلىن مۇزنىڭ توغرا كەلگەن يەرىدىن بىر پارچىسىنى چېقىپ ئېلىپ، قاراپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ  خرۇستالدەك تازا ھەم سۈزۈكلۈگىنى كۆرەلەيسىز.


نۇرمەھەمەت باراتوۋ. ئالمۇتا شەھىرى


مەنبە: قازاقىستاندا چىقىدىغان "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتى.«Уйғур авази» гезити

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 18:38:08

تېخى ياش بالىكەن ،كىيىنكى ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن ..

يۇقارقى توربەتنىڭ مەنبەسى http://uyguravazi.kz/

يىققىنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سىلاۋيانچە ،تۈركچە يىزىق ئۈگۈنۈپ تۈركى قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇپ ئۆز-ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۋاتقان ياشلار خېلە كۆپىيۋاتىدۇ ،شەخسەن مەن ئىككى ئۈچىنى تونىيمەن ،



روسىيەنى ئاساس قىلغان ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىشلىتۋاتقان ئالاقە تور بىتى (ئاۋام تورى ،تىۋىتتىرغا ئوخشاش)

www.vk.com نى ئىشلىتىپ بىقىڭ ،نۇرغۇن قېرىنداشلىرىڭىزنى تاپالايسىز (شىنجاڭدىمۇ ئىچىلدىكەن سىناپ باقتىم) شۆھرەت مۇتەللىپنىڭمۇ باركەن مەن قاچىلىسام مىنى قاتمىدى تېخى \"\"


jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 18:41:11

كىيىنىكى ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن ،،،، \"\"

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 18:49:08



بالىلار ھازىر ئاساسەن Facebook تا ، ئىزدەيدىغان ئىش بولسا شۇ يەرىدىن تاپقۇلۇق.



يامان يېرى جۇڭگوچىلىقىتا Facebook چىقىلى بولمايدۇ . تام ئارتىلمىسىڭىز .  {:92:}

maQak يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 21:18:56

تامدىن ئارتىلىپ ئىت چىشلىۋالمىسۇن .دىقەت قىىلىڭلا ياش باللا  \"\"

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 14:30:03

مۇبارەكلىگۈدەك ئىش بوپتۇ.



ئالىملار ھەر جايدا بولسا، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.



مۇشۇ سىلاۋيانچىنى كونا يېزىققا، كونا يېزىقىمىزنى سىلاۋيانچىغا ئۆزگەرتىدىغان قوللىغۇچ بار بولسا، ئەۋەتسەڭلار، دوستلار.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 15:04:00


5- قەۋەتتىكى paradocsنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇبارەكلىگۈدەك ئىش بوپتۇ.



ئالىملار ھەر جايدا بولسا، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.



مۇشۇ سىلاۋيانچىنى كونا يېزىققا، كونا يېزىقىمىزنى سىلاۋيانچىغا ئۆزگەرتىدىغان قوللىغۇچ بار بولسا، ئەۋەتسەڭلار، دوستلار.



http://d.qutyar.net/uyghurche/index_7.html


بۇ ئۇلىنىشتىكى يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ.


http://d.qutyar.net/uyghurche/index_8.html


بۇ ئۇلىنىشتىكى كەنجى كوررېكتور ھەر ئىككىسى سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزدىن چىقالايدۇ.




بەت: [1]
: ئانتاركتىدىغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر يىگىتى