tanka0995 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 10:31:49

يۈتەلگە شىپا بولىدىغان دورىلار[كۆچۈرۈلمە]

قىش كىرىشى بىلەنلا ھاۋا سۇۋۇپ قالدى، بۇ مەزگىلدە زۇكام ئەدەپ كىتىدۇ، چوڭ قورامدىكى كىشىلەرگە دۇختۇرغا كۇرۇنۇپ ئۇكۇل سالدۇرۇپ ياكى دۇرا يەپ بەرسە ئۇزۇنغا قالماي ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ، لىكىن بالىلار زۇكام بىلەن ئاغرىپ قالسا ساقايتىش بەكلا تەس، زۇكام بىلەن تەڭ يۈتەل ئاكا- ئۇكىدەك تەڭلا كىلىدىغان بولغاچقا بالىلار بەك قىينىلىپ كىتىدىكەن، گەرچە دۇختۇر بولمىساممۇ زۇكام بىلەن يۈتەلگە قارىشى ئاز تۇلا تەجرىبىلىك بولۇپ قالدىم، شۇڭا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يېزىپ باقتىم، بولسا كۆپچىلىك تېخىمۇ ياخشى چارىلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر.


قايسى بىر ئىزدىنىش ئەھلى ئانگىنىغا شۇنداق ئوبدان بىر رىتسىپ يوللاپتىكەن شۇ ئۇسۇل بىلەن چوڭ بالام تا ھازىرغىچە ئانگىناسى قوزغىلىپ باقمىدى، بولمىسا بۇ چاغقىچە ھەپتە ئون كۇن ئۇكۇل سالدۇرۇپ بۇلاتتۇق، قايسى رىتسىپ دىگەندە ياڭاق پىشىدىغان مەزگىلدە ياڭاقنىڭ كۈك پوستىنى ئېزىپ بالام بىلەن ئىككىمىز ئېغىزىمىزنى غەر- غەر قىلدۇق. شۇنداق ئوبدان نەپ قىلدى، شۇ ئىزدىنىش ئەھلىگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.


ئەمدى زۇكام بىلەن يۈتەلگە كەلسەك ئوسما يىلتىزى تالقىنى يەنى板蓝根 غا چۈچۈكبويا تابلىتى 复方甘草片 بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىچسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشىكەن، بۇلۇپمۇ چۈچۈكبويا تابلىتىنىڭ يۈتەلنى ئۇبدانلا جايلايدىكەن، ئىچكۈزۈش ئۇسۇلى: ئوسما يىلتىزى تالقىنىغا  چۈچۈكبويا تابلىتىنى بىر تالدىن ئىككى تالغىچە ئىزىپ ئىچىرۋەتسە ئۇبدانلا مەنپەئەت قىلىدىكەن. بۇ ئۇسۇل توغرىمۇ بىلمىدىن ئىشقىلىپ ھەر ئىككىلىسى جۇڭيى دورىسى بولغاچقا ئەكس تەسىرى ئاز دەپ ئۇيلايمەن، تېخىمۇ ياخشى ئاماللار بولسا ئورتاقلىشىپ باقايلى

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 21:28:01

ساقلاپ قوياي.... رەھمەت سىزگە~

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 22:12:20

ئانگىنانىڭ گېپىنى ئەجەپ كۆرمەپتىمىنا،ئىسىت. قانچە كۈن قانچىلىك مىقداردا ئىشلىتىدىكەنمىز؟ ئانگىنانىڭ باشقا ئۈنۈملۈك رېتسىپىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بەكمۇ خۇشھال بولاتتىم.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 08:32:28

ئاڭگىناغا مەجۈنى ئەفئى چوڭ بىلەن مەجۈنى چۆپچىن ئەلانى ئىچسە ئالامەت شىپا قىلىدۇ، مەنغۇ ئەزەلدىن مىللىي تىبابەتكە كىرمەيتتىم، شۇ بىر قېتىم ئىچكىنىمنى بىلىمەن، شۇنىڭدىن كېيىن كېسەل بولساملا شۇ مىللىي تىبابەتنى ئەگىيدىغان بولىۋالدىم. ئاڭگىنارىم بەك ئېغىرتى مېنىڭ بۇرۇن، ئوپىراتسىيە قىلسا بولىدىكەن دەپ ئاڭلىغانىدىم، كېيىن قىلدۇرۇپ باققانلاردىن سورىسام، ئاۋازى ئۆزگىرىپ كەتكەنلەرمۇ، يەنە ئوپىراتسىيە قىلدۇرغانلارمۇ بار ئىكەن، ئوپىراتسىيە دېگەن چاقچاق قىلىدىغان ئىش بولمىسا توختاپ قالدىم. ھەر2-3 ئايدا بىر قېتىم قوزغىلىپ باقاتتى، غەرپ تىبابەتنىڭ مەن ئىچمىگەن، شورىمىغان دورىسى قالمىغان... ھازىر كۆپ ياخشى...بەك كۆپتۈرىۋەتكەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن، لېكىن ھەقىقەتەن ئۈنۈمىنى كۆردۈم. ھەر ھالدا بىر دوختۇرغا بىر كۆرۈنىۋېتىپ ئاندىن يەڭلار...

elikhan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 11:20:59

ساقلاپ قوياي

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-12 18:09:15

ظ ئانگىنا دىگەن قانداق كېسەل
بەت: [1]
: يۈتەلگە شىپا بولىدىغان دورىلار[كۆچۈرۈلمە]