2013 - يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ 2013 – يىللىق قىسمەن بايرام – دەم ئىلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
(2012) 33 – نومۇرلۇق
ھەر قايسى ئۆلكە ، ئاپتونۇم رايون ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ، گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى مېنىستىر ، كومىتېتىت ، ھەر قايسى بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا :
گوۋۇيۈەننىڭ « « مەملىكەتلىك يىللىق بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشكە قويۇپ بىرىش چارىسى » غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار قارارى » غا ئاساسەن ، ھەر قايسى جايلار ، ھەر قايسى تارماقلارغا قولاي بولۇشى ۋە بايرام – دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت ، قاتناش تېرانسىپورت ، ئىشلەپچىقىرىش ، تېجارەت قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، 2013 – يىللىق يېڭى يىل ، چاغان بايرىمى ، چوكانتال بايرىمى ، ئەمگەكچىلەر بايرىمى ، تاڭزۇڭزا بايرىمى ، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىش كۈنلىرىنى تۆۋەندىكىدەك كونكىرت ئورۇنلاشتۇردۇق :
1) يېڭى يىل 1 – يانۋاردىن 3 – يانۋارغىچە جەمئى 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلىدۇ ؛ 5 – يانۋار (شەنبە) ، 6 – يانۋار (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ .
2) چاغان بايرىمى 9 – فېۋرالدىن 15 – فېۋرالغىچە جەمئى 7 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلىدۇ ؛ 16 – فېۋرال (شەنبە) ، 17-فېۋرال (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ .
3) چوكانتال بايرىمى 4 – ئاپرىلدىن 6 – ئاپرىلغىچە جەمئى 3 كۈن دەم ئىلىشقا قويۇپ بىرىلىدۇ ؛ 7 – ئاپرىل ( يەكشەنبە ) خىزمەت قىلىنىدۇ .
4) ئەمگەكچىلەر بايرىمى 29 – ئاپرىلدىن 1 – مايغىچە جەمئى 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلىدۇ ؛ 27 – ئاپرىل ( شەنبە ) 28 – ئاپرىل ( يەكشەنبە ) خىزمەت قىلىنىدۇ .
5) تاڭزۇڭزا بايرىمى 10 – ئىيۇندىن 12 – ئىيۇنغىچە جەمئى 3 كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ ؛ 8 – ئىيۇن ( شەنبە ) ، 9 – ئىيۇن ( يەكشەنبە ) خىزمەت قىلىنىدۇ .
6) تاۋۇز چاغىنى 19 – سىنتەبىردىن 21 – سىنتەبىرگىچە جەمئى 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلىدۇ ؛ 22 – سىنتەبىر ( يەكشەنبە ) خىزمەت قىلىنىدۇ .
7) دۆلەت بايرىمى 1 – ئۆكتەبىردىن 7 – ئۆكتەبىرگىچە جەمئى 7 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلىدۇ ؛ 29 – سىنتەبىر ( يەكشەنبە ) ، 12 – ئۆكتەبىر ( شەنبە ) خىزمەت قىلىنىدۇ .
بايرام – دەم ئېلىش كۈنلىرى مەزگىلىدە ، ھەر قايسى جايلار ، ھەر قايسى تارماقلار دىجورنىلىك ۋە بىخەتەرلىك ، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك . زور تۇيۇقسىز ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە ، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئامان – ئىسەن بايرام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
گوۋيۈەن ئىشخانىسى
2012 – يىلى 8 – دىكابىر .
http://www.gov.cn/zwgk/2012-12/10/content_2286598.htm
بىر دوختۇرخانىنىڭ مۇنداقمۇ دەم ئېلىش ئۇختۇرۇشى باركەن
信阳一妇科医院发“世界末日”放假通知
http://www.chinanews.com/shipin/2012/12-10/news140057.shtml
‹‹ ياخشى خوش خەۋەركەن ›› ھەي شىكەر شەنبە {:107:} بۇنىڭدىن كېينكى بىر نەچچە يىلدا دۆلەت بايرىمى بىلەن قۇربان ھېيت ئالدى - كەينى، ياكى ئۇدۇل كېلىپ قالغۇدەك. قوشۇلۇپ 15 كۇندەك دەم ئېلىۋەتسەك، ۋاھ، قەشقەر، خوتەن، كورلا ھەممە يەرنى بىر پىقىراپ كېلىۋالسام، ئانامنى، خوتۇن بالامنى ئېلىپ.6- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇنىڭدىن كېينكى بىر نەچچە يىلدا دۆلەت بايرىمى بىلەن قۇربان ھېيت ئالدى - كەينى، ياكى ئۇدۇل كېلىپ قالغۇدەك. قوشۇلۇپ 15 كۇندەك دەم ئېلىۋەتسەك، ۋاھ، قەشقەر، خوتەن، كورلا ھەممە يەرنى بىر پىقىراپ كېلىۋالسام، ئانامنى، خوتۇن بالامنى ئېلىپ.
بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقامىكى كۈندۈزلىرى ئىشلەپ كىچىسى تېلېفوننى ئوچۇق قويۇش شەرتى بىلەن دەم ئېلىۋاتقان دوستلىرىم بار. بۇنى كۆرسە يىغلاپ كىتەمىكىن {:92:}
بۇلتۇر زادى باشقا ئىمتىھان بېرىپ ئالمىشىپ كېتىمەن دەپ يۈرگەن، باشقا ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ نەق ئىمتىھان بېرىدىغان كۈنى، شۇلارنىڭ سىستېمىسى بويىچە «ئەڭ مۇھىم» بىر يېغىن چاقىرىلىپ، كەلمىگەنلەرنى قايتا خەتنە قىلىۋېتىمىز دەپتۇ قايسى دەم ئېلىشنى بىرىدۇ,قۇلاقنى كىسىپ قوڭنى يەملىگەندەك ئىش بوپتۇغۇبۇ بۇ دەم ئېلىش ئۇختۇتىشى ئەمەس ،خىزمەت كۈنىنى تەڭشەش ئۇختۇرىشكەن .قاملاشمىغان ،ھىلىدىن ھىلىغا شەنبە ،يەكشەنبىنى ئۇغۇرلاپ .بايرام ،،،بايرام بۇلىدۇ .دەم ئېلىش كۈنى دىگەن دەم ئالىدىغان كۈن بولمامدۇ .بايرامدا قۇيۇپ بېرىپ قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنىدە ئىشلىتىپ ،تازىمۇ قاملاشمىغان ئىش بۇپتۇ . بۇنداق ئۇقتۇرۇشلار تۆۋەنگە كەلگەندە يىغىن، تەكشۈرۈش، چارلاش دىگەندەك ئىشلارغا ئارلىشىپ كىتىپ، دەم ئېلىشمۇ دەم ئېلىشقا ئوخشىمايلا قالىدۇ. بولدىلا...ئاتام ئېيتقان بايىقى.... ساپلا شەنبە يەكشەنبە دىگەندەك ئىشلەشنىڭ ئۈستىگە دەمئىلىش كۈنلىرىمىز كەپتىمۇ نىمە بۇ دەمئىلىشلەردە ......... دەم ئېلىشلارغا ئانچە خوش بولۇپ كەتمىدىم ، لېكىن شەنبە - يەكشەنبە كۈنى نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ دېگەن گەپ ھەجەپ كۆزۈمگە سەت كۆرۈنىۋاتىدا ... ساقچىلارغا قاچان بايرام ....